ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-17

    ئۇيغۇرئەدەبىياتى توغرىسىدا - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41109998.html

     

    يازغۇچىسى : ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن

    l         ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيادا ياشىغان ئەجدادلىرى ئۇزاق ۋە ئالاھىدە تارىخىي مۇھىت ئىچىدە مول ، رەڭگارەڭ ماددىي ، مەنىۋىي مەدەنىيەت ياراتقان . ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىناكارلىقى ، تاش كېمىر سەنئىتى ، ھەيكەلتاراشلىقى ، رەسساملىق سەنئىتى ، مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل سەنئىتى ، تەرجىمەشۇناسلىقى ، بولۇپمۇ مول ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە كىلاسسىك يازما ئەدەبىيات بايلىقى _ يىپەك يولىدىكى بىباھا بايلىق بولۇپ ، بۇ خىل مەنىۋىي بايلىق بىلەن تونۇشماي تۇرۇپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋىي غەزىنىسىنى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قاتلاملىرىنى ، شۇنداقلا شەرق ۋە غەربنىڭ تەرەققىيپەرۋەر ئەنئەنىۋىي پىكىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر روھىيىتىدىكى ئىزچىل ئىپادىلىرىنى يورۇتۇش مۇمكىن ئەمەس .

    ئۇيغۇر ئەدەبىياتى _ يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرا لىنىيىسىدىكى ئۈلگىلىك ئەدەبىي تىل _ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بىلەن يارىتىلغان ، خەلق ئەدەبىياتى ۋە كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ باي ۋە رەڭگارەڭ ژانېرلىرى بىلەن ئۆزىنى گەۋدىلەندۈرگەن ، ئۆز ئالدىغا ئىزچىل بىر سىستېما ۋە ئۇسلۇب شەكىللەندۈرگەن .

    ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھۇلى ئەڭ قەدىمكى ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتى بولۇپ ، ئۇ ھەر خىل تېما ، ھەر خىل بەھىردىكى خەلق قوشاقلىرى ، خەلق داستانلىرى ، چۆچەك ، لەتىپە ، تېپىشماق ، رىۋايەت ، ئەپسانە ، ماقال - تەمسىل ، ئەقلىيە سۆزلىرى قاتارلىق ژانېرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بىز ئۇيغۇرلاردا ئىپتىدائىي جامائە ۋە ئۇنىڭ ئاخىرقى دەۋرىنى ئىپادىلەيدىغان ئەپسانىلار ، رىۋايەتلەر ، قەھرىمانلىق دەۋرى ھېكايەتلىرى ، ھەر خىل جەڭ ، ئەمگەك ، مەرسىيە ، مەدھىيە ، مۇھەببەت ، تەنبىيە ، بايرام - مەشرەپ قوشاقلىرىنىڭ بارلىقىنى ، ھەر خىل تارىخىي قوشاقلارنىڭ تارىخىي قاتلام ھاسىل قىلغانلىقىنى كۆرىمىز . بۇ قوشاقلارنىڭ كۆپچىلىكى كۈچلۈك رېتىمدارلىققا ئىگە بولۇپ ، ناخشا - ئۇسسۇل ، لەتىپىلەرگە تېكىست قىلىنىدۇ . ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتى ئۇزاق تارىختا يىپەك يولىدا كەڭ تارقالغان ، غەرب ، شەرق خەلق ئەدەبىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۇنىڭدىن تەسىر ئالغان . مەسىلەن ، قۇياش ئىلاھى مېتىرا ، سۇ ئىلاھى خۇببى ، جەڭ ئىلاھى مىررىخ قاتارلىق خەلق ھېكايىلىرى ، كىرىستال كەش ، بېلىق قىز قاتارلىق ماقال- تەمسىللەر باشقا خەلقلەر ئارىسىدا ساقلانماقتا . يازما ئەدەبىيات _ ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتىغا ئىش قوشۇش ، ئۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، ئۇنىڭ ئەنئەنىۋىي خەلقپەرۋەر ۋە ئالغا ئىنتىلگۈچى روھىنى قايتا گەۋدىلەندۈرۈش ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن . ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتى خەلقنىڭ ئۆلمەس ئارزۇ ۋە غايىلىرىنى تېىخىمۇ يۇقىرى بەدىئىي ۋاسىتىلەر بىلەن گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ ، خەلق ئەدەبىياتىنىڭ مەھسۇلىدىن ئىبارەت .

    يازما ئەدەبىيات ئۇيغۇر ئەدەبىياتى سىستېمىسىدا ناھايىتى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ . ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتى ئوتتۇرا ئاسىيا كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ، ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ تەسىرلىك بىر تارمىقىدىن ئىبارەت . ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى << ئوغۇزنامە >> ، << چىستانى ئىلىك بەگ >> قەھرىمانلىق داستانى ، ئورخۇن - يەنسەي ئابىدىلىرى ، ھەتتا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ << دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك >>تە مىسال كەلتۈرۈلگەن ئاجايىپ مول ئەدەبىي پارچىلار ھازىرمۇ بىر قاتار ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت تارىخىنى ئىزاھلاشتا بىرىنچى قول ماتېرىيال بولۇپ خىزمەت قىلماقتا . ئۇيغۇرلاردا يازما ئەدەبىياتنىڭ قاچان باشلانغانلىقى ئېنىق ئەمەس ، شۇنداقتىمۇ بۇددا سۇتىرالىرى ، بۇددا ھېكايىلىرى ، بۇددا شېئىرلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى تەرجىمىسى ، ئىجادىي شەرھىي تەرجىمىسى ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىدا كۆرۈنەرلىك ئىپادىسىنى تاپقان . بىز كۆسەن ۋە بېزەكلىكتىكى بۇددا تاش كېمىرلىرىغا سىزىلغان كۆپلىگەن رەسىملەردىن ئەينى زاماندىكى تەسىرلىك ھېكايە ۋە چۆچەكلەرنى كۆرۈۋالالايمىز . ئەدەبىياتشۇناسلار << ئالتۇن يارۇغ >>نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى ئەنە شۇ خىل ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ بىر ئۈلگىسى دەپ قارىماقتا . يېقىندىن بېرى ئەدەبىياتشۇناسلار << مايترى سىمىت >> دىراممىسىنى ئەنە شۇنداق يازما ئەدەبىياتنىڭ دىرامما ژانېرىغا مىسال قىلىپ مۇھاكىمە قىلماقتا . كۈلتىكىن ، تۇنيۇقۇق ، ماڭلىئان ، بىلگى خاقان ، كۈلىنچۇر ، مويۇنچۇر مەڭگۈ تاشلىرىنى ، يازما ئەدەبىيات شەكلىگە ئېلىنغان << ئوغۇزنامە >> ئېپويىسىنى ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ يەنە بىر قاتلام ئۇتۇقى دېيىش مۇمكىن . ئاپرىنچۇر تىكىن ، ئاسىخ تۇتۇڭ ، چىسۇيا تۇتۇڭ ، قالىم كەيشى ، پىراتيا ياشىدى ، كىكى ، جۈملىدىن << دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك >>تە تىلغا ئېلىنغان بىر قاتار يازما ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئىسلامىيەتكىچە كۆرۈنەرلىك راۋاجلانغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ .

    يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ << قۇتادغۇ بىلىگ >> داستانى ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئالەمشۇمۇل تارىخىي ئەھمىيەتلىك يېڭى تەرەققىيات دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنى نامايەن قىلدى . قارا خانىلارنىڭ << خاقانىيە تىلى >> دەپ ئاتالغان قەشقەرىيە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بۇ چاغدا ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەدەبىياتىنىڭ ئۆلچەملىك تىلىغا ئايلانغان ئىدى . بىر قاتار ئىلمىي ئەسەرلەر ، جۈملىدىن ئەخمەت يۈكنەكىنىڭ دىداكتىك داستانى << ئەتەبەتۇلھەقايىق >>مۇ خاقانىيە ئۇيغۇر تىلى بىلەن يېزىلغان .

    چاغاتاي تىلى نامى بىلەن مەشھۇر بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى خاقانىيە تىلىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى . ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ، بولۇپمۇ يازما ئەدەبىيات 13 - 14 - ئەسىرلەردا غايەت زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى . بۇ دەۋردە مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتى شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى .

    نەسىردىن رانجۇزى << قىسسەسۇل رانجۇزى >> ناملىق ئەسىرى بىلەن ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىدا نەسرى - رومانچىلىقنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى . ئاتايى ، سەككاكى ، لۇتىپى ۋە ئەلىشىر ناۋايى قاتارلىقلار ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە شېئىرىي گۈزەللىكنىڭ مىسلىسىز يۈكسەك دەرىجىسىنى ياراتتى . لۇتىپىنىڭ << گۈل ۋە نەۋرۇز >> داستانى شېئىرىي رومانچىلىقنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى .

    ئەلىشىر ناۋايى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخىدا تەڭداشسىز ئەزىمەت ، ھازىر 15 تومغا سىغدۇرۇلغان ناۋايى ئەسەرلىرى ئۇنىڭ كۆپ تەرەپلىمە تالانتىنى ۋە بىلىم دائىرىسىنىڭ كەڭلىكىنى كۆرسىتىدۇ . ناۋايى لىرىك شائىر سۈپىتىدە 4263 غەزەل ( سونېت ) ، كۆپلىگەن مۇستەزاد ، مۇخەممەس ، مۇسەددەس ، تەرجىبەند ، قىتئە ، رۇبائى ، لۇغىز ، چىستان ، مۇئەمما ، تۇيۇق فەردلەر يازغان . ناۋايى شەرق خەمسەچىلىكىنىڭ ئەڭ ئالىي ۋە شۆھرەتلىك ۋەكىلى سۈپىتىدە 57 مىڭ مىسرالىق بەش چوڭ داستان ياراتقان ، ئۇنىڭ بىرى << ھەيرەتۇل ئەبرار >>دىن ئىبارەت دىداكتىك داستان بولۇپ ، قالغان تۆتى << پەرھات ۋە شېرىن >> ، << لەيلى - مەجنۇن >> ، << سەبى سەييار >> ، << سەددى ئىسكەندەر >> قاتارلىق تۆت چوڭ شېئىرىي روماندۇر . ئەلىشىر ناۋايى تىل ، ئەدەبىيات ، ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ، ئەدەبىيات تارىخى توغرىسىدا خاس ئەسەرلەر قالدۇرغان . ئەلىشىر ناۋايى يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە پەلسەپىۋىي پىكىر تەرەققىياتىدىكى يەنە بىر جاھانشۇمۇل نامايەندە .

    ئەلىشىر ناۋايىدىن كېيىن ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاساس سالغان ، ئەلىشىر ناۋايى زور دەرىجىدە راۋاجلاندۇرغان ئىدىيىۋىي مەزمۇن ۋە بەدىئىي ۋاسىتىلەرنى بويلاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ ، ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئۈزۈلمەس دولقۇنلۇق ئېقىمىنى ھاسىل قىلدى . سەئىدى ، رەشىدى ، ئاماننىساخان ، قېدىرى ، ئايازبىك ، خىرقىتى ، زەلىلى ، نۆبىتى ، مۇھەممەد ساىق كاشىغەرى ، خامۇش ئاخۇن ، ئابدۇرېھىم نىزارى ، زىيائى ، غېرىبى ، سۇبۇرى ، بىلال نازىمى ، تەجەللى ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق ئەدىبلەر مانا مۇشۇ ئۈزۈلمەس دولقۇنلۇق ئېقىننىڭ ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى ئاساسلىق ۋەكىللىرى .

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلاردىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىياتىدىكى نادىر تارماق ئىكەنلىكى ، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرق ئەدەبىياتى مۇنبىرىدىكى قىممەتلىك بايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . ئۇيغۇر ئەدەبىياتى غەزىنىسىنى كۆپ تەرەپلىمە تونۇشتۇرۇش ۋە تەتقىق قىلىش ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى مەركىزىي ھالقا .


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.