ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-17

    چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41109513.html

    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن

     

    چىن ۋە ماچىن ئىبارىسى ئۇيغۇر-تۈرك، ئەرەب ۋە پارىس ئالىم-ئەدىبلىرىنىڭ تارىخ ، جۇغراپىيە، تىلشۇناسلىق دەستۇرلىرىدا ، ساياھەتنامىلىرىدە ۋە شېئىر داستانلىرىدا مىڭ يىللاردىن بېرى ئىزچىل يوسۇندا ئىستېمال قىلىنىپ كېلىۋاتقان، ھەممىگە تونۇش نام بولسىمۇ، لېكىن مۇشۇ ئەسىرگە كەلگەندە ئىبارىنىڭ تارىختىكى جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسىنى چۈشىنىش ۋە ئىزاھلاشتا يول قويغىلى بولمايدىغان خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ.
    مەلۇمكى، چىن ۋە ماچىن ئىبارىسى ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ " تۈركىي تىللار دىۋانى" ناملىق كىتابىدا، مۇتەپەككۇر ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ "قۇتادغۇبىلىك "داستانىدا ، مەشھۇر شائىر ئەلىشىر نەۋائىينىڭ داستانلىرىدا ، لۇتفى ۋە زەلىلى قاتارلىق شائىر_ئەدىپلەرنىڭ غەزەللىرىدە؛ نىزامى ، فىردەۋسى، خىسراۋ دېھلىۋى، ھاجۇ گىلمان قاتارلىق پارىس كلاسسىكلىرىنىڭ داستانلىرىدا؛ ئوتتۇرا ئەسىر ئەرەب سەيياھلىرى ۋە تارىخچىلىرىنىڭ كىتابلىرىدا؛ ئارىيان ۋە بۇددىزم دەستۇرلىرىدا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان.
    بىزنى چىن ۋە ماچىندىن ئىبارەت بۇ قوشكېزەك ئىبارىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى ھەققىدە جىددىي مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشقا ئۈندەۋاتقان سەۋەب يېقىنقى ۋە بۈگۈنكى زاماندىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ ياكى چۈشەنچىسىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن ياكى ئىلىمگە يات غەرىزىنىڭ نەتىجىسىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان ھەم كۈچەپ ئومۇملاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان خاتا قاراشلىرىدۇر. ئېنىقىنى ئېيتقاندا چىن ۋە ماچىن ئىبارىسى توغرىسىدا تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا مۇنداق ئىككى خىل قاراش ساقلانماقتا.
    بىرىنچى خىل قاراش: چىن ۋە ماچىن چەتئەللىكلەرنىڭ "چاينا" (چىنا) دېگەن سۆزى بولۇپ، توغرىدىن توغرا پۈتۈن تەرجىمىسى "جۇڭگو" دېگەندىن ئىبارەت بۇ ئاتالغۇ ئەسلىدە مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى چىنشىخۇاڭنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەرنى بىرلىككە كەلتۈرىشىدىن كېيىن قۇرۇلغان چىن سۇلالىسىنىڭ نامىنى ئۆزىگە مەنبە قىلىدۇ، دېگەن كۆز قاراش. بۇ قاراشتا "چاينا" ئاتالغۇسىنىڭ ھازىرقى تەرجىمىسى "جۇڭگو" دېگەن چۈشەنچە بىلەن چىن سۇلالىسى ۋە چىن ،ماچىن ئاتالمىلىرىنى ئارىلاشتۇرىۋېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.
    ئىككىنچى خىل قاراش: "چاينا" ئىبارىسى چىنشىخۇاڭ بىلەن ئەمەس، بەلكى چىڭ(مانجۇ)سۇلالىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ھەم ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە ۋە بۈيۈك برىتانىيىنىڭ چىڭ سۇلالىسىنىڭ تەسىر دائىرىسىدىكى رايون ھىندى-چىنى ۋە جۇڭگو بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرى ۋە كېلىشىملەر بىلەن باغلانغان ھالدا خەلقئارا ئىستېمالغا كىرىپ كەلدى دېگەن قاراش. ب. لەئۇفەر ئۆزىنىڭ "چاينا ئاتالغۇسى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش" ناملىق ماقالىسىدە تۇنجى قېتىم بۇ ئاتالغۇنى چىنشىخۇاڭ بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىزاھلاشقا ئېتىراز بىلدۈرگەن فرانسىيىلىك شەرقشۇناس پىللىئوت "چىنا ئىدارىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى" دېگەن ماقالىسىدىمۇ چىن ، تاۋغاچ ، خىتاي ئىبارىلىرىنىڭ مەنبەلىرى ھەققىدە توختالغان.
    مېنىڭچە ھازىرقى ئىنگلىز تەلەپپۇزىدىكى "چاينا" ئىبارىسى يېقىنقى زامان تارىخىدىكى جۇڭگونى ئىپادىلەيدىغان ئىبارە بولۇپ، ئۇ مانجۇلار قۇرغان چىڭ سۇلالىسىنىڭ نامى ئاستىدا مەيدانغا كەلگەن. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇڭگو تارىخىدا ئۆتكەن ھەر قايسى دۆلەتلەر ياكى سۇلالىلەر ئۆزلىرىگە خاس ۋە بىر دەۋر ئىچىدە قوللىنىلغان نامى بولۇپ، پۈتۈن جۇڭگو ھەرگىزمۇ ئىزچىل يوسۇندا بىر سۇلالە نامىدا ئاتالغان ئەمەس!
    بىز چىن (1)، جىن،چىن، جىن ۋە چىڭ ئاتالمىسىنى، چاينا ئىبارىسىنى، چىن ۋە ماچىن ئۇقۇملىرىنى تارىخىي يوسۇندا پەرقلەندۈرۈپ تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك. بىز ئالدى بىلەن "چىن" ۋە "ماچىن" ئاتالغۇسى ھەققىدىكى بىر قىسىم تارىخىي ھۆججەتلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى. ئەڭ قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ ھىندى دەرياسىنىڭ باشلىنىش قىسمىدىكى بەش ئېقىن (پەنجىئاپ) ئىچىدە "چىناپ" دېگەن دەريا بولۇپ ، بۇ چىندىن ئېقىپ چىققان دەريا دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ياپونىيىلىك تارىخچى يۈيجى ليىۋتى "غەربى يۇرتتا بۇددا دىنى" ناملىق كىتابىنىڭ 313-بېتىدە (خەنزۇچە نەشرى) "پامىر تېغىنىڭ غەربىدە چىناپ(چەناب) ۋە چىلام (جھەلام) دېگەن ئىككى دەريا بولغان" دەپ يازغان. بۇ ئىككى دەريا لاۋي، بىئاس، ساتلەر دەريالىرى بىلەن قوشۇلۇپ بەش دەريا ٭پەنجىئاپ ۋادىسىنى ھاسىل قىلغان. بۇ دەريالار ھىندى دەرياسىنى تەشكىل قىلىدۇ. س.لەرى نىڭ كۆرسىتىشىچە، ھىندىلار "چىن" دېگەن ئاتالغۇنى پامىر(قارلىقتاغ) ئەتراپىدىكى قەبىلىلەرگە قارىتىپ ئىشلەتكەن. پەڭ چىڭجۈن ئەپەندى "غەربىي يۇرت ۋە جەنۇبىي دېڭىز تارىخ-جۇغراپىيىسىگە دائىر تەتقىقات ماقالىلىرى توپلىمى" ناملىق كىتابىنىڭ 99-بېتىدە "شەرقىي شىيالار بىلەن ھىندىلار ئارىسىدىكى زېمىن سانسكرىت تىلىدا < Chin> دەپ ئاتىلىدۇ" دەپ يازغان.
    ھىندىستاننىڭ "مانۇ قانۇنى"، "ماخاپخاراتا"، "قەدىمكى ھادىسىلەر" قاتارلىق قانۇنشۇناسلىق ۋە ئەدەبىيات دەستۇرلىرىدا "چىن" ئىبارىسى تىلغا ئېلىنغان. "قەدىمكى ھادىسىلەر" ناملىق رىۋايەت كىتابىدا "مانۇنىڭ توققۇز ئوغلى ۋە بىر قىزى بولۇپ ، بۇ قىز ئاي ئىرۇنىڭ ئوغلى بۇدۇ بىلەن نىكاھلىق بولىدۇ. ئۇلاردىن بولغۇسى تۇغۇلىدۇ. مانۇنىڭ دېگەن ئوغلى مانۇنىڭ ياردىمىدە يېرىنىڭ بىر قىسمىنى ئېگىلىپ قەلئەسىنى سالىدۇ. بۇ ئاي خانلىقنىڭ باشلىنىشى بولىدۇ"(ئا. ئوسپوفنىڭ "10-ئەسىرگىچە ھىندىستان تارىخىنىڭ ئوچېركى" خەنزۇچە نەشرى) دېيىلگەن.
    ئەنگلىيىلىك ستەيىن ئۆزىنىڭ "سېرىندىيا" ناملىق كىتابىدا (بۇ كىتاب خەنزۇچىغا غەربىي يۇرت دەپ تەرجىمە قىلىنغان)، پەڭچەڭجۈن ئەپەندى "لولەن ۋە پىشامشان مەسىلىسى"ناملىق ماقالىسىدە لوپچىن ( نوپ-چىن) ئىبارىسىنى تىلغا ئالغان. ئۇلارنىڭ پەرىزىچە، لوپ- كونا لولان شەھىرىنىڭ لوپنۇر كۆلى ساھىلىدىكىنى، چىن سۆزى بولسا، شەھەر قەلئە مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز قەدىمكى مىنوسنسىك ۋادىسىدىكى تۇران، تۇرانچىن ۋە قارا شەھەرنى! ڭ! ئاراچىن دېگەن نامى بىلەن بىرلەشتۈرۈلسە، كىشىنى تېخىمۇ ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.
    ستەيىن "قەدىمكى خوتەن" (1907-يىلى) ناملىق كىتابىدا خوتەننى ماچىن دەپ تىلغا ئالىدۇ.(ھازىرمۇ خوتەندە < chini machini machin> شەرىھى دەپ ئاتىلىدىغان خارابە بار) ماھاما-ماغا ئاتالغۇلىرى قەدىمكى ئارىيان ھەتتا ياۋچىلار تىلىدا چوڭ دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەشھۇر راھىب تاڭ شۇئەنزاڭ "ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدە غەربكە قىلغان ساياھەت " ناملىق كىتابىدا "خوتەن پادىشاھلىرىنىڭ پېشۋاسى شەرقىي تۈرك شاھزادىسى بولۇپ ، ئۇ ھىندىستانلىق پادىشاھ ئاسۇكا بىلەن زامانداش ئىدى" دەپ يازغان. خۇنىڭنىڭ "ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى يادىكارلىقلار" ناملىق ئەسىرىنىڭ 12-بېتىدە بۇ شەرقىي تۈرك شاھزادىسىنى "شەرقىي تۈرك ھېسابلانغان ئۇيغۇرلار ئىدى" دەپ ئىزاھلىغان.
    ئارىيانلارنىڭ دىنىي دەستۇرى بۇلمىش مەشھۇر كىتاب "ئاۋېستا" دا "چىن" ئىبارىسى ئىپادىلەنگەنلىكى مەلۇم. ئوبۇلقاسىم فىردەۋسنىڭ "شاھنامە" داستانىدا قەيت قىلىنىشىچە، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 11-ئەسىرلەرگە ئائىت موسا پەيغەمبەرنىڭ يەھۇدىي دىنى دەستۇرى "تەۋرات" تا چىن "گوك"، ماچىن ٭"ماگوك" ئىبارىسى بىلەن ئىپادىلىگەندىن تاشقىرى، چىن-ياپەسنىڭ نەۋرىسى دېيىلگەن. تارىخچى مىر خاند "رەۋزەتۇسسافا" ناملىق ئەسىرىدە، موللا مۇسا سايرامى "تارىخى ھەمىدى" ناملىق ئەسىرىدە! ت! ئۈرك ياپەسنىڭ ئوغلى، نوھنىڭ نەۋرىسى، چىن ۋە ماچىن بولسا تۈركنىڭ ئوغۇللىرى دەپ بايان قىلغان. مەھمۇد قەشقىرىمۇ "تۈركلەر ئەسلىدە يىگىرمە قەبىلىدۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەڭرى ئەزىز كۆرگەن نوھ پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى ياپەس ۋە ياپەسنىڭ ئوغلى تۈرككە بېرىپ تاقىلىدۇ"("تۈركىي تىللار دىۋانى"1-توم، 37-بەت) دەپ كۆرسەتكەن.
    پەڭ چەڭجۈن ئەپەندى "غەربىي يۇرت ۋە جەنۇبىي دېڭىز تارىخ ٭جۇغراپىيىسىگە دائىر تەتقىقات ماقالىلىرى توپلىمى" ناملىق كىتابىدا قەشقەر ھەققىدە :قەشقەر خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرتتىكى بىر دۆلەت ئىدى. چىن ئاتالغۇسىنىڭ مەپھۇمى مۇشۇ دۆلەتنى كۆرسەتسە كېرەك، ئۇنىڭ چېگرىسى كۇشان بىلەن تۇتاشقان بولۇشى مۇمكىن ، مۇنداق دۆلەت پەقەت قەشقەر بولۇشى ئەقىلگە مۇۋاپىق، دەپ يازغان. لۈئى جىن ئەپەندى "بۇددىزم مەزھەپلىرىنىڭ مەنبەلىرى" ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە "كۇشان خاقانلىرىدىن بولغان كانسىكى چىنتەنلىك (؟؟)ئىدى" دېگەن يەكۈننى چىقارغان.
    رىم ئىمپېرىيىسى زامانىدىكى ئەسەرلەردىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى رىم شائىرى گوراس(ھوراسە)نىڭ داستانىدا، مىلادىيە 2-ئەسىردە ياشىغان رىم شائىرى پلىنو (پلىني) نىڭ " تەبىئەت تارىخى" ناملىق ئەسىرى بىلەن پېتولومى (پتولومەس)نىڭ "جۇغراپىيە" ناملىق كىتابىدا چىن ئېلى ۋە يىپەك مەملىكىتى تىلغا ئېلىنغان. پەڭ چەڭجۈن: پەتولومىنىڭ يىپەك مەملىكىتى ھەققىدە ئېيتقانلىرى قەدىمكى تۇران (مەركىزى ئاسىيا )دىكى سۇلې)قەشقەر)بىلەن ئالاقىسىز دەپ قارىغىلى بولمايدۇ، دېگەن.(يۇقىرىقى كىتاب 99-بەت). پەتولومىنىڭ ئەسىرىگە مەنبە بولغان مارىنوسنىڭ (مارۇنۇس)ساياھەتنامىسىدە چىن(چەنى) ۋە يىپەك مەملىكىتى(سەرەس) دېگەن ئىبارىلەر تولىمۇ روشەن تىلغا ئېلىنغان.
    مىلادىيە 3-ئەسىردە ياشىغان ئەبۇدەلىف ئىسىملىك ساياھەتچى ئۆزىنىڭ ساياھەتنامىسىدە "بۇخارادىن چىنگىچە" كەلگەنلىكىنى يازغان. سامانىيلار سۇلالىسى شاھى سۇلتان ناسىر بىننى ئەھمەد ۋاقتىدىكى ئابدۇللا ھىسسار بىننى ئەل مەھەلھىل ئۆزىنىڭ "ساياھەتنامە" سىدە چىنگە بارغانلىقىنى يازغان. مەلۇمكى، ئابدۇللا ھىسسار بىننى مەھەلھىلنى سامانىيلار شاھى سۇلتان ناسىرى بىننى ئەھمەد قەشقەردىكى قاراخانىيلار ھۇزۇرىغ! ئا ! 943-يىلى نىكاھ ئەلچىلىرى قاتارىدا ئەۋەتكەن ئىدى.
    مەھمۇد قەشقىرى "تۈركىي تىللار دىۋانى" ناملىق كىتابىدا چىن ۋە ماچىنغا مۇناسىۋەتلىك بايانلارنى قىرىققا يېقىن ئورۇندا تىلغا ئالىدۇ ۋە ئىزاھلايدۇ. 1-توم، 38-بەتتە "مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى بولمىسۇن، رۇم ئۆلكىسىنىڭ يېنىدىن كۈنچىقىشقا قاراپ كەتكەن تەرتىپ بويىچە، شەرقتىكى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ تۇرار جايلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۈم" دەپ يېزىپ ئالتاي تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى يىنسەي (ئاناساي) دەريا ۋادىسىدىكى قىرغىزلارنى "قىرغىزلار چىنغا يېقىن جايلاشقان" دەپ كۆرسەتكەن. ئاندىن تۈرك قەبىلىلىرى بولغان خىتاي، تاۋغاچ توغرۇلۇق "خىتاي-چىن دېمەكتۇر"، "تاۋغاچ-ماچىن دېمەكتۇر" دەپ كۆرسىتىدۇ. مەھمۇد قەشقىرى 1-توم، 592-بەتتە "تاۋغاچ" ئىبارىسىگە مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئىزاھات بەرگەن. (1) تاۋغاچ- ماچىن ئېلىنىڭ نامى،(2) تاۋغاچ -تۈركلەرنىڭ بىر بۆلىكى،(3) تاۋغاچ-بۆيۈك ۋە قەدىمىي نەرسە دېگەن مەنىدە.
    ئورخۇن ئابىدىلىرى بىلەن كۆك تۈرك خانلىقى زامانىدا توقباتلار تاۋغاچ. تاڭلار تاڭجازى، كىدانلار ٭خىتاي دېيىلگەن بۇ مىللەتلەر شۇ دەۋردە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان مىللەتلەر ئىدى.
    مەھمۇد قەشقىرى "چىن" نى ئۈچكە كۆرسەتكەن . يەنى يۇقىرى چىن-تاۋغاچ، ئوتتۇرا چىن-خىتاي، تۆۋەن چىن ٭قەشقەر،(1-توم ، 592-بەت).
    مەھمۇد قەشقىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللەتلەرنى "ئارىدا چوڭ سېپىل ۋە چىن يېنىدىكى تاغ-دېڭىزلار بولغىنى ئۈچۈن يەجۈج ۋە مەجۈجلەرنىڭ تىللىرىمۇ بىزگە مەلۇم ئەمەس" (1-توم، 39-بەت)دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن. كىتابىغا كىرگۈزگەن خەرىتىدىمۇ بۇنى پەرقلەندۈرگەن. "تات تاۋغاچ" ئىبارىسىنى "بۇ ئۇيغۇر ۋە چىنلىق دېگەن بولىدۇ"(2-توم،409-بەت) دەپ كۆرسەتكەن. "چىگىل، ياغما، توخسى، ئارغۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق يۇقىرى چىنغا قەدەر جايلاشقان قەبىلىلەر" دېگەن بايانلارنى 2-تومنىڭ 64-، 78- ۋە 88- بەتلىرىدە تەكرار-تەكرار تىلغا ئالغان. 1-توم، 151-بېتىدە "ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ ئىسمى. ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار. بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەيىن تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغان ئىكەن" دەپ يازغان بولسا، 3-توم، 567-بەتتە "تۈركمەن" ئىبارىسىگە ئىزاھ بەرگەندە "خاقان چىن تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ، زۇلقەرنەيىن ئۇنىڭ كەينىگە چۈشىدۇ. ئۇيغۇرلارغا يېقىن بىر يەردە خاقان زۇلقەرنەيىنگە بىر قىسىم چارلىغۇچى قوشۇن ئەۋەتىدۇ. توقۇنۇش نەتىجىسىدە زۇلقەرنەينمۇ شۇنداق قوشۇن ئەۋەتىدۇ. توقۇنۇش نەتىجىسىدە زۇلقەرنەيىن ئەۋەتكەن قوشۇن مەغلۇپ بولىدۇ. بۇ توقۇنۇش دېگەن يەردە بولغانىكەن. بۇ تاغ ھازىرقى كۈندە دەپ ئاتىلىدۇ. زۇلقەرنەيىن ئەنە شۇ يەردە خاقان بىلەن سۈلھى تۈزىدۇ" دەپ يازغان. دېمەك مەھمۇد قەشقىرى بۇ ئىككى بايانىدا "ئۇيغۇر ئەلى" بىلەن "چىن" نى يانداشتۇرۇپ تىلغا ئالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بىز يەنە ئۇنىڭ تۈرك يېزىقى توغرىسىدا توختالغاندا "قەدىمدىن بېرى قەشقەردىن يۇقىرى چىنغىچە بولغان ھەممە تۈرك يۇرتلىرىدا بارچە خاقانلار بىلەن سۇلتانلارنىڭ يارلىق ۋە خەت ئالاقىلىرى ئەنە شۇ يېزىقتا يېزىلىپ كەلگەن"(1-توم، 11-بەت) دەپ يازغانلىقىنى كۆرۈپ، " چىن " ئىبارىسىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇمى ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولىمىز. چۈنكى "ھۇدۇدۇل ئالەم" ناملىق مەشھۇر كىتابتا تۇرپاننى "چىنجىكەنت" دەپ ئاتىغانلىقى ھەممىگە ئايان. مەھمۇد قەشقىرى "دىۋان" نىڭ 1-توم، 517-بەتتىكى "كەرەم" سۆزىنى ئىزاھلىغاندا "يۇقىرى ۋە تۆۋەن چىنلىقلار! ت! ئىلىدا" دەپ قوشۇپ قويغانلىقىنى كۆرىمىز. مەھمۇد قەشقىرىنىڭ تۆۋەن چىن دېگەندە قەشقەرنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقى كىتابىنىڭ ئۈچ يېرىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.
    مۇتەپەككۇر ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ "قۇتادغۇبىلىك" داستانىغا كېيىنكى كىشىلەر تەرىپىدىن قوشۇپ كىرگۈزۈلگەن نەسرىي ۋە كېيىنچە يەنە نەزمىي مۇقەددىمىدە چىن ۋە ماچىن ئىبارىلىرى مۇنداق چېلىقىدۇ:
    بۇ بەك ئېزىز بىر كىتابتۇر، ئۇ چىن ھۆكۈملىرىنىڭ ھېكمەتلىرى بىلەن بېزەلگەن، ماچىن ئالىملىرىنىڭ شېئىرلىرى بىلەن ياسالغانكى، بۇ كىتابنى ئوقۇغان ۋە بېيىتلارنى باشقىلارغا بىلدۈرگەن كىشى بۇ كىتابتىنمۇ ئەزىزراقتۇر. چىن-ماچىن ئالىملىرى ۋە ھېكىملىرىنىڭ ھەممىسى بىر قارارغا كەلدىكى، مەشرىق ۋىلايىتىدە، پۈتۈن ********* ئەللىرىدە، تۇركەي سۆز بىلەن بۇغراخان تىلىدا ھېچكىم بۇنىڭدىن ياخشىراق كىتابنى ھەرگىز يازغىنى يوق. بۇ كىتاب قايسى پادىشاھلىققا ياكى قايسى ئىقلىمغا يەتسە، غايەت ئۇزلۇقى ۋە پەۋقۇلئاددە گۈزەللىكىدىن، ئۇ ئەللەرنىڭ ھېكىملىرى ئالىملىرى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ھەر بىرى بىر تۈرلۈك ئات ۋە لەقەم بەردى. چىنلىقلار (شاھلارنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى) دەپ ئاتىدى؛ ماچىن مۈلكىنىڭ ھېكىملىرى (مەملىكەتنىڭ دەستۇرى) دېسە، مەشرىقلىقلار (ئەمىرلەر زىننىتى) دېدى؛ ئىرانلىقلار دەپ ئات قويدى؛ بەزىلەر (پادىشاھلارغا! نەسىھەت)دەپ ئاتىدى؛ تۇرانلىقلار دەپ ئات قويدى."
    بۇ باياندىكى "چىن ۋە ماچىن ئالىملىرى ۋە ھېكىملىرىنىڭ ھەممىسى بىر قارارغا كەلدىكى مەشرىق ۋىلايىتىدە، پۈتكۈل ********* ئەللىرىدە ، تۈركىي سۆز بىلەن بۇغراخان تىلىدا ھېچكىم بۇنىڭدىن ياخشىراق كىتابنى ھەرگىز يازغىنى يوق "دېگەن جۈملىدىكى "چىن-ماچىن ئالىملىرى ۋە ھېكىملىرى" دېگەن بۆلەك بىلەن "مەشرىق ۋىلايىتىدە ، پۈتكۈل ********* ئەللىرىدە، تۈركىي سۆز بىلەن بۇغراخان تىلىدا "دېگەن بۆلەكنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، "چىن ۋە ماچىن" ئىبارىسىنىڭ "قىدان" ئىبارىسىدىن پەرقلىق تىلغا ئېلىنغانلىقىنى، "چىن ۋە ماچىن ئالىملىرى ۋە ھېكىملىرى" ھېچقاچان "قۇتادغۇبىلىك" نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى كۆرۈپ بۇ ھەقتە باھا يۈرگۈزۈۋاتقان لىئاۋ ياكى سوڭ سۇلالىسى ئالىم ھېكىملىرى ئەمەسلىكىنى تەبىئىي ھېس قىلىمىز.
    ستەين ئۆزىنىڭ خوتەن -لوپ ۋادىسىدىكى ئارخېئولوگىيىلىك ساياھىتىدە مىلادىيىنىڭ بېشىدىكى كاڭىيە يېزىقىدا يېزىلغان بىر ھۆججەتتە "چىنستان" (چىناستان چينستان) دېگەن ئىبارىنى ئۇچراتقان. بۇ ئىبارە "چىنىستانى ئىلىك بىگ" (چاشتانى ئىلىك بەگ) داستانىنىڭ نامى بىلەن سېلىشتۇرغاندا قىزىقارلىق تېما كېلىپ چىقىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ يەكۈن ئەمەس.
    ستەين "قەدىمكى خوتەن"ناملىق كىتابىنىڭ خەنزۇچە نەشرى 173-بېتىدە سۈي-تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خوتەن خانلىرى ۋە چاڭئەندە ياشىغان خوتەنلىكلەرنىڭ ئىسمى ئالدىغا قويغان ۋىي چى (؟؟)ئىروگىلىفىنىڭ تۇبۇتلۇقلاردا رىجايا دەپ تەلەپپۇز قىلىنىشىغا ئاساسلىنىپ، ئەسلى خوتەنلىكلەر "ۋىي چىن"(ۋەئىچىن) دەپ ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دەيدۇ. "ماھا" چوڭ دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەينى زاماندا رىم "دا چىڭ" دەپ ئىشلىتىلەتتى ھەم بۇ چىن ئىبارىلىرى ! ئوخ! شىمىغان پاراللېل ئىبارىلەر بولۇپ، خەنزۇ يېزىقىدا پەرقلەندۈرگىلى بولاتتى. بۇنىڭدىن باشقا ۋىي چى (ھازىر ۋىجايا، ۋايسارا دەپ ئۆزىمىز ياسىۋالغان ئىبارە) تاكى خوتەننىڭ ئاخىرقى بۇددا پادىشاھىغىچە قوللىنىلغان. قاراخانىيلار ئۇنى ماچىن نامى بىلەن ئاتىغان. ۋىي چى ئىبارىسىنىڭ ماچىن ئىبارىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ۋىي چىشېڭ (؟؟؟) "غالىپ غالىبى"مەنىسىدە ئەمەس "غالىپ ماچىنى"مەنىسىدە بولۇشى مۇمكىن. دەرۋەقە تاڭ سۇلالىسىغا زامان جەھەتتە يېقىن تۇرىدىغان قاراخانىيلارنىڭ ئالدى-كەينىدە خوتەندە "ۋىي چى" سۆزى ئەمەس، بەلكى "ماچىن"دېگەن ئىبارە قوللىنىلغانلىقى ! رو! شەن. ئى. بىرتىشىندىرنىڭ ئەرەب تارىخچىلىرىغا ئاساسلىنىپ يېزىشىچە، ئىسلام دىنىنى تارقىتىش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان قەشقەر-خوتەن ئارىسىدىكى (1017-يىلى) ئۇرۇش چىن-ماچىن ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان. ستەين فرانسۇز ئالىمى گرېنارد (م.گرەنارد)نىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلىنىپ ئەينى چاغدىكى خوتەن بۇددىستلىرىنىڭ پادىشاھىنى "جاگال- كھالكالۇ ئوف ماچىن"- ماچىن شاھى ياغلۇ قالقالۇ دەپ يازغان. بۇ خەلق ئىچىدە "قالقالۇ ماچىن"دەپ ئاتىلاتتى. بۇ دەل "ۋىجايا" ، "ۋايسارا" دەپ خاتا قوللىنىۋاتقان ماچىندۇر.
    ئوتتۇرا ئەسىر تۈرك ئەدەبىياتىدا "چىن"، "ماچىن" ئىبارىلىرى كۆپ ئىستېمال قىلىندى. بۇ لۇتفى، سەككاكى، ناۋائى، زەلىلى قاتارلىق ئۇيغۇر نەسەبىگە تەۋە كلاسسىك شائىرلار تەرىپىدىنلا ئەمەس ھەتتا ئەزەربەيجان شائىرى نىزامى گەنجىۋى، فۇزۇلى، ھەتتا "يولۋاس تېرىسىنى يېپىنىۋالغان باتۇر" داستانىنىڭ ئاپتورى گىروزىن شائىرى رۇستاۋىلى شۇتانىڭ ئەسەرلىرىدە تۇران نامى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. لۇتفى "گۈل ۋە نەۋرۇز" داستانىدا چىن ۋە ماچىن ئارىسىدىكى قېرىنداشلار ئۇرۇشىدىن پەرياد چېكىپ مۇنداق مىسرالارنى يازغان:
    نى يالغۇز چىنۇ ماچىن تەڭسۇقىدىن،
    كى بارچە دۇنيانىڭ تەڭسۇقلىقىدىن.
    قارا تاغلىق ۋە ئاق تاغلىق دەپ گۇرۇھ بولۇشۇپ ، تۈگىمەس تەپرىقىچىلىق قۇيۇنلىرىنى قوزغىغان خوجا ئىشانلارنىڭ يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنى خانىۋەيران قىلىشىپ پەيدا قىلغان جاھالەتلىك يىللىرىدا ياشىغان مەشھۇر شائىر مۇھەممەد سىدىق زەلىلى ئۆزىنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىدە ئۆتكەن سەرسان ٭سەرگەردانلىق ھاياتىنى:
    چىندا مۇساپىردۇرمەن ماچىن ئىچىدە غېرىپ،
    يار يۈزىن كۆرمەدىم مۇنچەكى مەن سارغىيىپ.
    دەپ ئىپادىلىگەن.(، مىللەتلەر نەشرىياتى، 300- بەتكە قاراڭ).19-ئەسىردە ئىلى ۋادىسىدا ياشىغان تالانتلىق شائىر موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ تارىخى داستانى "***** دەرمۈلۈكىل چىن"(چىن يېرىدىكى مۇقەددەس ئۇرۇش)دە ئىلى ۋادىسىنى "مۈلكىي چىن" دەپ ئاتىغان. بۇ "مۈلكىي ئەجەم"، "مۈلكىي خوتەن" دېگەندەك ئادەت خاراكتېرلىك ئاتاش، ئەلۋەتتە.
    ئۇلۇغ شائىر ناۋائىينىڭ "پەرھاد -شېرىن" داستانىدا يارىتىلغان چىن شاھزادىسى پەرھاتنىڭ ئوبرازى بىزگە ھەرگىزمۇ ھازىرقى ئەرەب، پارىس، ۋە تۈرك تىللىرىدا "جۇڭگو" نى "چىن" دەيدىغان پاكىت تۈپەيلى "جۇڭگو شاھزادىسى" بولۇپ تۇيۇلمايدۇ. "چىن" ۋە "ماچىن" دىن ئىبارەت بۇ توپىنومىيىلىك نام تارىختا ئۇيغۇر-تۈرك خەلقلىرى ياشىغان غەربىي يۇرتنى كۆرسىتىدۇ. جاڭ خۇڭنىئەن ئەپەندىمۇ "شاھنامە" نىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسىدا "چىن" ئاتالمىسى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى تارىختا تۈركىي خەلقلەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايوننى كۆرسىتىدۇ. ئۇ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىنى كۆرسەتمەيدۇ"، دەپ ئەسكەرتكەن.
    يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلاردىن مۇنداق مۇھاكىمىگە كېلىش مۇمكىن. ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن مەركىزى ئاسىياغا بېسىپ كىرگەندە "چىن" قەبىلىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئەمما ئۇرۇش ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تەشەببۇسكارلىقى تۈپەيلى سۈلھى بىلەن ئاخىرلاشقان. بۇ "چىن" قەبىلىلىرى ئەفراسىياپنىڭ "تۇران" قەبىلىلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
    "چىن" ۋە "ماچىن" ئىبارىلىرى قەدىمكى "غەربىي يۇرت شەھەر-قەلئە دۆلەتلىرى" گە باغلىنىشلىق ئاتالغۇ بولۇپ، قەدىمدىن مەۋجۇد ئىدى. بۇ ئاتالغۇ بىلەن چىنشىخۇاڭ بىرلىككە كەلتۈرۈپ قۇرغان سۇلالىنىڭ نامىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە ئاساس يوق. چۈنكى بۇ ئاتالما چىن سۇلالىسى زامانىسىدىن تولىمۇ قەدىمىي بولغان دەستۇرلاردا تىلغا ئېلىنغان. روشەنكى ، كېيىنكى كۈنلەردە ئاغدۇرۇلغان ۋە ئەينى زامان سىياسىي مۇھىتىدا نامىنى نىشانە قىلغىلى بولمايدىغان چىن سۇلالىسىنىڭ نامى "چىن" ۋە "ماچىن" ئىبارىلىرىگە ئاساس بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جۇ سۇلالىسى زامانىسىدىلا، ئۇنىڭدىن كېيىنكى چۈنچيۇ دەۋرىدىلا شىمالدىكى مىللەتلەر "؟؟" (چىنلار) دېيىلگەن. چىن سۇلالىسىگىچە سوقۇلغان سەددىچىن نىئەنشۈي ۋادىسىغا يەتمەي ئاخىرلاشقان بولۇپ، سېپىل سىرتى "چىن"دەپ ئاتالغان. بۇ ئومۇمەن مەركىزى ئاسىيانى كۆرسىتىدىغان تۇران زېمىنى چىن ، خوتەن دىيارى ئۇلۇغ چىن-ماچىن دېيىلىدىغانلىقىنى ، "ئوتتۇرا چىن" ئىبارىسى "ماچىن" ئىبارىسىدىن كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
    1990-يىلى. ئۇرۈمچى.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.