ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-17

    يىپەك يولىدىكى بىباھا بايلىق _ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41109229.html

     

    ئاپتور: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن  

    مەلۇمكى ، ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا _ ئەڭ قەدىمكى بىر ئانتروپولوگىيىلىك رايون ، ئەڭ قەدىمكى بىر مەدەنىيەت رايونى ، جۈملىدىن شەرق - غەرب مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى بىر بەلبېغى . بۇ ئۈچ نۇقتا تۈپەيلى ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا مەدەنىيىتى ئادەتتىكى مەھەللىۋىي مەدەنىيەت كاتېگورىيىسىدىن ھالقىپ ، ئالەمشۇمۇل تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان . بىز ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ قەدىمكى تارىخىدىن شەرق ۋە غەرب خەلقلىرىگە ئالاقىدار ئانتروپولوگىيىلىك ، ئېتنوگرافىيىلىك ئامىللارنى بايقىيالايمىز . بىز ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلغىنىمىزدا ، « غەرب مەركەزلىك » ياكى « شەرق مەركەزلىك » نەزەرىيىلىرىنىڭ ئىنتايىن بىر تەرەپلىمىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز . ئامېرىكا تارىخچىسى ۋىليام مىكگوۋرىن « مەركىزىي ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر » ناملىق كىتابىدا بۇ ھەقتە ئادىللىق بىلەن مۇنداق دەپ يازغان : « ئۇزاق يىللاردىن بۇيان بىزنىڭ ياۋروپا مەدەنىيىتىمىزنىڭ كۆپ قىسمى رىم ۋە گرېتسىيە ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن دەپ ئېتىراپ قىلىپ كەلگەن ئىدۇق . . . يېقىنقى تەتقىقات بىلەن ئارخېئولوگىيىلىك ئېنىقلاشلار مۇنداق نەزەرىيىنىڭ ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى . . . ياۋروپا ، ھەتتا ئامېرىكىنىڭ مەدەنىي ، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتى مەركىزىي ئاسىيانىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان » .
         ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا شەرق ۋە غەربنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا ، ئۆزىگە خاس يايلاق خاراكتېرلىك مىللىي ئۇسلۇب ياراتقان ، ئارىلاشما خاراكتېرلىك مەدەنىيەت بەرپا قىلغان ، مەدەنىيەتتە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان . بۇ ئۈچ نۇقتىنى ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي خۇسۇسىيىتى دەپ قاراش مۇمكىن .
         يايلاق خاراكتېرلىك مەدەنىيەت ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ ئەسلىدىكى مىللىي ئالاھىدىلىكى بولۇپ ، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ساقلانغان . ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى ئۈچۈن يايلاق _ يۇرت ، يايلاق _ ئىگىلىك ، يايلاق _ رېتىم ۋە ئۇسلۇب بولۇپ كەلدى . ئۇيغۇر ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىدىكى تۇرمۇش ئالاھىدىلىكلىرى ، كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرى ، پىكىر ۋە تەسەۋۋۇر خۇسۇسىيەتلىرى ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئۇسلۇبلىرى مۇشۇ يايلاق خاراكتېرىنى مەركەز قىلغان . ئۇلاردىكى بىر قاتار تۇرمۇش ئادەتلىرى ، مېھماندوستلۇق ، تەبىئەتتىن ئۆزگىچە زوقلىنىش ، مەشرەپ ۋە سەيلى ئايەم پائالىيەتلىرى ، سۈت - قېتىق ، چارۋا ھېرىسلىقى قاتارلىقلار ھەممىدىن ئىلگىرى ئولتۇراقلاشقان بۇ مەدەنىيەتلىك مىللەتتە يايلاق خاراكتېرىنىڭ ھازىرمۇ ئېغىر ساقلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
         ئارىلاشما خاراكتېرلىك مەدەنىيەت ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىدىكى يەنە بىر تارىخىي خۇسۇسىيەت . بىز ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىدىن شەرق ۋە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ كۆپلىگەن ئامىللىرىنى ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس تارىخىي ئۇسلۇبتا ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز . ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا ، ئاساسلىقى ، شامانىزم ، ئاتەشپەرەسلىك ، بۇددىزم ، مانىخىزم ، نىستۇرئانچىلىق ۋە ئىسلام دىنى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان . ئۇلار گرېك يېزىقى ، سوغدى يېزىقى ، خەن يېزىقى ، ئورخۇن يېزىقى ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئەرەب يېزىقى قاتارلىق ئاساسلىق يېزىق شەكىللىرىدىن پايدىلانغان . مانىخىزم ۋە بۇددىزم دىنلىرى ئۆزى پەيدا بولغان جايغا قارىغاندا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېخىمۇ كۈچلۈك ھامىيلىققا ئېرىشكەن . ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى ، گرېك مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا تەسىرى قويۇق بولغان .
         بىز ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئەپسانە ۋە مەسەللەر بىلەن گرېك ۋە ھىندىستان ئەدەبىياتىدىكى ئېزوپ مەسەللىرى ، « كەلىلە ۋە دېمىنە » ھېكايىلىرىنىڭ تولىمۇ يېقىن ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز . مىلادىدىن ئىلگىرى جاڭ چيەن چاڭئەنگە ئېلىپ كەتكەن « ماھادۇر مۇقامى »بىلەن قەدىمكى گرېك مىلودىيىلىرىدىكى « دۇرۇس»مىلودىيىسىنىڭ ھازىرقى شىنجاڭنىڭ قۇمۇل رايونىدىكى « ئۇلۇغ دور مۇقامى »نىڭ تارىخىي مۇناسىۋىتى كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ . گرېكلەشكەن مەدەنىيەت ( ئېللېنىزم ) دەۋرىدە ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاتالمىش « شەرق ئېللېنىزمى » تىپىدىكى مەدەنىيەت ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ ، ئۇ ئەپسانە ، دىن ، پەلسەپە ۋە بىناكارلىق ، نەققاشلىق ، رەسساملىق ، تىياتىر سەنئىتىدە ئىپادىلەنگەن .
         تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا مەي مەشرەپلىرى ۋە مەسخىرەۋازلىق تىياتىرىنىڭ گرېك ئىئۇنىس بايراملىرى ۋە ماسكارا تىياتىرلىرى بىلەن بىللە داۋام قىلغانلىقىنى ، بۇددىزم سەنئەت يادىكارلىقلىرىدا ، بولۇپمۇ تاش كېمىر سەنئىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ، ئوتتۇرا دىيار ، ئىران ۋە گرېك گۈزەل - سەنئەت ئۇسلۇبىنىڭ كۈچلۈك ئارىلاشما پەيدا قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى . مۇنداق ئارىلاشمىچىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى لوقمان ، ئارىستوتىل ، پىلاتون ، پەرھات - شېرىن ، خىسراۋ ، رۇستەم ، سىياۋۇش ، ئاخرۇمازدا ، ئەخرەمەن قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەسۋىرلەردە گەۋدىلىنىپ تاكى ھازىرغىچە ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرمەكتە .
         شۇنىمۇ ئىزاھلاش ھاجەتكى ، ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى قانداقتۇر ھەر خىل مەدەنىيەت ئۇسلۇبلىرىنىڭ ئەينەن ، نوقۇل ، يۈزەكى ئارىلىشىشى ياكى ئاددىيلا ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشى بولماستىن ، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا يەرلىك مىللىي مەدەنىيىتىنى گەۋدە قىلغان ۋە بۇ مەدەنىيەت تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن گارمۇنىك بىرىكمىدىن ئىبارەت . ئاتالمىش ئېللىنىزم مەدەنىيىتىمۇ نوقۇل گرېك مەدەنىيىتى بولماستىن ، بەلكى گرېك مەدەنىيىتى بىلەن ئىسكەندەر زۇلقەرنەين قوشۇنلىرى يېتىپ كەلگەن كەڭ شەرق مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدە توقۇلمىسىدىن ئىبارەت . گرېكلەر ، كېيىنچە رىملىقلار ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ شەرق مەدەنىيىتىدىن داۋاملىق ئوزۇقلىنىپ تۇردى ، مەشھۇر يىپەك يولىدىن ئىبارەت خەلقئارالىق غايەت زور سودا ۋە مەدەنىيەت يولى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ بىر قاتار دىنىي قاراشلىرى خرىستىيان دىنىغا تەسىر كۆرسەتتى . باكتىرىيەدە شەكىللەنگەن قۇياش ئىلاھى مېتىراغا سېغىنىش كىچىك ئاسىيا ، گرېتسىيە ، رىم ۋە ئۇ يەردىن دوناي ۋادىسى ، قارا دېڭىز ساھىلى ، ھەتتا برېتانىيەدىكى خرىستىيان مۇراسىملىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن . بىز ئېلىمىزنىڭ غەربكە ساياھەت خاتىرىسىدىكى سۈن ۋۇكۇڭ ۋە جۇ باجيې ئوبرازلىرىدا قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەپسانىۋىي قەھرىمانى مېتىرا بىلەن ئۇنىڭ چوشقا قىياپەتلىك ياردەمچىسى ۋىرترانگادىرنىڭ پروتوتىپىنى ئۇچرىتىمىز . ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرق خەلقلىرىنىڭ پەلسەپە ، تىبابەتچىلىك ۋە سەنئەت قاراشلىرى گرېكلارغا تۈرلۈك يوللار بىلەن تەسىر قىلغان . بۇنىڭغا ئېپوگرات ، ئىپىدىكىلنىڭ تۆت زات ( تۆت فىزىس ) قاراشلىرىغا قارا دېڭىز بويىغا كۆچۈپ بارغان سىكىفلار ئېلىپ بارغان « تۆت تادۇ » قارىشىنىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىش كۇپايە .
         ياۋروپالىقلارنىڭ مەدەنىيەت ئويغىنىش دەۋرىدە قەدىمكى گرېك پەلسەپىسى ۋە تەبىئەت ئىلمى يادىكارلىقلىرىنى ئەبۇ نەسىر فارابى ۋەكىللىكىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتالمىش « ئەرەب يېزىقىدىكى ئاپتورلار » ئارقىلىق قايتا تېپىۋالغانلىقى تاسادىپىي بولمىغان .
         ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا خەلقى ئەڭ دەسلەپ « ئات مەدەنىيىتى »نى ( جۈملىدىن « قاڭقا مەدەنىيىتى » ) ئىگىلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى كەڭ ياۋرو - ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدا كۆپ قېتىملىق يۆتكىلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللاندى . ئۇلار ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيادىن ئىبارەت قۇرۇقلۇق قاتناش بېكىتى ئارقىلىق شەرق ۋە غەربنىڭ بىر قىسىم مەھەللىۋىي مەدەنىيەتلىرىگە ، بولۇپمۇ گرېك - رىم مەدەنىيىتى ، كۇشان - كۆسەن مەدەنىيىتى ، سۈي - تاڭ مەدەنىيىتى ، ئەرەب مەدەنىيىتى ۋە ياۋروپا مەدەنىيەت ئويغىنىشىدىن ئىبارەت ئالەمشۇمۇل بەش چوڭ مەدەنىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ھەسسە قوشتى . 
        ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيادا ياشىغان ئەجدادلىرى ئۇزاق ۋە ئالاھىدە تارىخىي مۇھىت ئىچىدە مول ، رەڭگارەڭ ماددىي ، مەنىۋىي مەدەنىيەت ياراتقان . ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىناكارلىقى ، تاش كېمىر سەنئىتى ، ھەيكەلتاراشلىقى ، رەسساملىق سەنئىتى ، مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل سەنئىتى ، تەرجىمەشۇناسلىقى ، بولۇپمۇ مول ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە كىلاسسىك يازما ئەدەبىيات بايلىقى _ يىپەك يولىدىكى بىباھا بايلىق بولۇپ ، بۇ خىل مەنىۋىي بايلىق بىلەن تونۇشماي تۇرۇپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋىي غەزىنىسىنى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قاتلاملىرىنى ، شۇنداقلا شەرق ۋە غەربنىڭ تەرەققىيپەرۋەر ئەنئەنىۋىي پىكىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر روھىيىتىدىكى ئىزچىل ئىپادىلىرىنى يورۇتۇش مۇمكىن ئەمەس .
         ئۇيغۇر ئەدەبىياتى _ يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرا لىنىيىسىدىكى ئۈلگىلىك ئەدەبىي تىل _ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بىلەن يارىتىلغان ، خەلق ئەدەبىياتى ۋە كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ باي ۋە رەڭگارەڭ ژانېرلىرى بىلەن ئۆزىنى گەۋدىلەندۈرگەن ، ئۆز ئالدىغا ئىزچىل بىر سىستېما ۋە ئۇسلۇب شەكىللەندۈرگەن .
         ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھۇلى ئەڭ قەدىمكى ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتى بولۇپ ، ئۇ ھەر خىل تېما ، ھەر خىل بەھىردىكى خەلق قوشاقلىرى ، خەلق داستانلىرى ، چۆچەك ، لەتىپە ، تېپىشماق ، رىۋايەت ، ئەپسانە ، ماقال - تەمسىل ، ئەقلىيە سۆزلىرى قاتارلىق ژانېرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بىز ئۇيغۇرلاردا ئىپتىدائىي جامائە ۋە ئۇنىڭ ئاخىرقى دەۋرىنى ئىپادىلەيدىغان ئەپسانىلار ، رىۋايەتلەر ، قەھرىمانلىق دەۋرى ھېكايەتلىرى ، ھەر خىل جەڭ ، ئەمگەك ، مەرسىيە ، مەدھىيە ، مۇھەببەت ، تەنبىيە ، بايرام - مەشرەپ قوشاقلىرىنىڭ بارلىقىنى ، ھەر خىل تارىخىي قوشاقلارنىڭ تارىخىي قاتلام ھاسىل قىلغانلىقىنى كۆرىمىز . بۇ قوشاقلارنىڭ كۆپچىلىكى كۈچلۈك رېتىمدارلىققا ئىگە بولۇپ ، ناخشا - ئۇسسۇل ، لەتىپىلەرگە تېكىست قىلىنىدۇ . ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتى ئۇزاق تارىختا يىپەك يولىدا كەڭ تارقالغان ، غەرب ، شەرق خەلق ئەدەبىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۇنىڭدىن تەسىر ئالغان . مەسىلەن ، قۇياش ئىلاھى مېتىرا ، سۇ ئىلاھى خۇببى ، جەڭ ئىلاھى مىررىخ قاتارلىق خەلق ھېكايىلىرى ، كىرىستال كەش ، بېلىق قىز قاتارلىق ماقال- تەمسىللەر باشقا خەلقلەر ئارىسىدا ساقلانماقتا . يازما ئەدەبىيات _ ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتىغا ئىش قوشۇش ، ئۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، ئۇنىڭ ئەنئەنىۋىي خەلقپەرۋەر ۋە ئالغا ئىنتىلگۈچى روھىنى قايتا گەۋدىلەندۈرۈش ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن . ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتى خەلقنىڭ ئۆلمەس ئارزۇ ۋە غايىلىرىنى تېىخىمۇ يۇقىرى بەدىئىي ۋاسىتىلەر بىلەن گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ ، خەلق ئەدەبىياتىنىڭ مەھسۇلىدىن ئىبارەت .
         يازما ئەدەبىيات ئۇيغۇر ئەدەبىياتى سىستېمىسىدا ناھايىتى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ . ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتى ئوتتۇرا ئاسىيا كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ، ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ تەسىرلىك بىر تارمىقىدىن ئىبارەت . ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى « ئوغۇزنامە » ، « چىستانى ئىلىك بەگ » قەھرىمانلىق داستانى ، ئورخۇن - يەنسەي ئابىدىلىرى ، ھەتتا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك »تە مىسال كەلتۈرۈلگەن ئاجايىپ مول ئەدەبىي پارچىلار ھازىرمۇ بىر قاتار ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت تارىخىنى ئىزاھلاشتا بىرىنچى قول ماتېرىيال بولۇپ خىزمەت قىلماقتا . ئۇيغۇرلاردا يازما ئەدەبىياتنىڭ قاچان باشلانغانلىقى ئېنىق ئەمەس ، شۇنداقتىمۇ بۇددا سۇتىرالىرى ، بۇددا ھېكايىلىرى ، بۇددا شېئىرلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى تەرجىمىسى ، ئىجادىي شەرھىي تەرجىمىسى ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىدا كۆرۈنەرلىك ئىپادىسىنى تاپقان . بىز كۆسەن ۋە بېزەكلىكتىكى بۇددا تاش كېمىرلىرىغا سىزىلغان كۆپلىگەن رەسىملەردىن ئەينى زاماندىكى تەسىرلىك ھېكايە ۋە چۆچەكلەرنى كۆرۈۋالالايمىز . ئەدەبىياتشۇناسلار « ئالتۇن يارۇغ »نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى ئەنە شۇ خىل ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ بىر ئۈلگىسى دەپ قارىماقتا . يېقىندىن بېرى ئەدەبىياتشۇناسلار « مايترى سىمىت » دىراممىسىنى ئەنە شۇنداق يازما ئەدەبىياتنىڭ دىرامما ژانېرىغا مىسال قىلىپ مۇھاكىمە قىلماقتا . كۈلتىكىن ، تۇنيۇقۇق ، ماڭلىئان ، بىلگى خاقان ، كۈلىنچۇر ، مويۇنچۇر مەڭگۈ تاشلىرىنى ، يازما ئەدەبىيات شەكلىگە ئېلىنغان « ئوغۇزنامە»ئېپويىسىنى ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ يەنە بىر قاتلام ئۇتۇقى دېيىش مۇمكىن . ئاپرىنچۇر تىكىن ، ئاسىخ تۇتۇڭ ، چىسۇيا تۇتۇڭ ، قالىم كەيشى ، پىراتيا ياشىدى ، كىكى ، جۈملىدىن « دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك »تە تىلغا ئېلىنغان بىر قاتار يازما ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئىسلامىيەتكىچە كۆرۈنەرلىك راۋاجلانغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ . يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتادغۇ بىلىگ » داستانى ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئالەمشۇمۇل تارىخىي ئەھمىيەتلىك يېڭى تەرەققىيات دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنى نامايەن قىلدى . قارا خانىلارنىڭ « خاقانىيە تىلى » دەپ ئاتالغان قەشقەرىيە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بۇ چاغدا ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەدەبىياتىنىڭ ئۆلچەملىك تىلىغا ئايلانغان ئىدى . بىر قاتار ئىلمىي ئەسەرلەر ، جۈملىدىن ئەخمەت يۈكنەكىنىڭ دىداكتىك داستانى « ئەتەبەتۇلھەقايىق»مۇ خاقانىيە ئۇيغۇر تىلى بىلەن يېزىلغان .
         چاغاتاي تىلى نامى بىلەن مەشھۇر بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى خاقانىيە تىلىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى . ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ، بولۇپمۇ يازما ئەدەبىيات 13 - 14 - ئەسىرلەردا غايەت زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى . بۇ دەۋردە مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتى شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى .
         نەسىردىن رانجۇزى « قىسسەسۇل رانجۇزى»ناملىق ئەسىرى بىلەن ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىدا نەسرى - رومانچىلىقنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى . ئاتايى ، سەككاكى ، لۇتىپى ۋە ئەلىشىر ناۋايى قاتارلىقلار ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە شېئىرىي گۈزەللىكنىڭ مىسلىسىز يۈكسەك دەرىجىسىنى ياراتتى . لۇتىپىنىڭ « گۈل ۋە نەۋرۇز » داستانى شېئىرىي رومانچىلىقنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى .
         ئەلىشىر ناۋايى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخىدا تەڭداشسىز ئەزىمەت ، ھازىر 15 تومغا سىغدۇرۇلغان ناۋايى ئەسەرلىرى ئۇنىڭ كۆپ تەرەپلىمە تالانتىنى ۋە بىلىم دائىرىسىنىڭ كەڭلىكىنى كۆرسىتىدۇ . ناۋايى لىرىك شائىر سۈپىتىدە 4263 غەزەل ( سونېت ) ، كۆپلىگەن مۇستەزاد ، مۇخەممەس ، مۇسەددەس ، تەرجىبەند ، قىتئە ، رۇبائى ، لۇغىز ، چىستان ، مۇئەمما ، تۇيۇق فەردلەر يازغان . ناۋايى شەرق خەمسەچىلىكىنىڭ ئەڭ ئالىي ۋە شۆھرەتلىك ۋەكىلى سۈپىتىدە 57 مىڭ مىسرالىق بەش چوڭ داستان ياراتقان ، ئۇنىڭ بىرى «ھەيرەتۇل ئەبرار »دىن ئىبارەت دىداكتىك داستان بولۇپ ، قالغان تۆتى « پەرھات ۋە شېرىن » ، « لەيلى - مەجنۇن » ، «سەبى سەييار » ،« سەددى ئىسكەندەر » قاتارلىق تۆت چوڭ شېئىرىي روماندۇر .
         ئەلىشىر ناۋايى تىل ، ئەدەبىيات ، ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ، ئەدەبىيات تارىخى توغرىسىدا خاس ئەسەرلەر قالدۇرغان . ئەلىشىر ناۋايى يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە پەلسەپىۋىي پىكىر تەرەققىياتىدىكى يەنە بىر جاھانشۇمۇل نامايەندە .
         ئەلىشىر ناۋايىدىن كېيىن ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاساس سالغان ، ئەلىشىر ناۋايى زور دەرىجىدە راۋاجلاندۇرغان ئىدىيىۋىي مەزمۇن ۋە بەدىئىي ۋاسىتىلەرنى بويلاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ ، ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئۈزۈلمەس دولقۇنلۇق ئېقىمىنى ھاسىل قىلدى . سەئىدى ، رەشىدى ، ئاماننىساخان ، قېدىرى ، ئايازبىك ، خىرقىتى ، زەلىلى ، نۆبىتى ، مۇھەممەد ساىق كاشىغەرى ، خامۇش ئاخۇن ، ئابدۇرېھىم نىزارى ، زىيائى ، غېرىبى ، سۇبۇرى ، بىلال نازىمى ، تەجەللى ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق ئەدىبلەر مانا مۇشۇ ئۈزۈلمەس دولقۇنلۇق ئېقىننىڭ ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى ئاساسلىق ۋەكىللىرى .
         يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلاردىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىياتىدىكى نادىر تارماق ئىكەنلىكى ، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرق ئەدەبىياتى مۇنبىرىدىكى قىممەتلىك بايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . ئۇيغۇر ئەدەبىياتى غەزىنىسىنى كۆپ تەرەپلىمە تونۇشتۇرۇش ۋە تەتقىق قىلىش ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى مەركىزىي ھالقا .
         ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇنىڭ بارلىق ژانېرلىرى رېئالىزم ، رومانتىزم ، لىرىكىزم ۋە دىرامماتىزملىق ئۇسلۇبلار بويىچە چىنلىق ، ياخشىلىق ، گۈزەللىكنىڭ ساختىلىق ، يامانلىق ، خۇنۈكلۈككە قارشى كۈرەشنى ئىزچىل گەۋدىلەندۈرۈپ كەلدى ھەمدە پۈتكۈل غەرب ۋە شەرق خەلقلىرىگە ئورتاق بولغان ئۆلمەس كىلاسسىك تېمىلارنى ئۆزىنىڭ باش ئىدىيىۋىي مەزمۇنى قىلىپ كەلدى . ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ياراتقان ئوغۇزخان ، چىستانى ئىلىك بەگ ، كۈلتىكىن ، ئىككى تىكىن ، ئۈگدۈلمىش ، پەرھات ، گۈل ۋە نەۋرۇز ، نەسىردىن ئەپەندى ، نازۇگۇم قاتارلىق مەشھۇر بەدىئىي پېرسوناژلار ئەنە ئۇنىڭ تىپىك ئوبرازى بولدى .
         ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ غايىۋىي مەزمۇنلىرى ئىچىدە شەرق ۋە غەرب تېماتىكىسىنىڭ مەشھۇر ئۈلگىلىرىنى تېپىش مۇمكىن . ئەلىشىر ناۋايى « پەرھات ۋە شېرىن»، « سەددى ئىسكەندەر » ناملىق ئىككى شېئىرىي رومانىدا بۇ مەسىلىگە ئۈلگە تىكلىگەن .
         چىن خاقانىنىڭ ئوغلى شاھزادە پەرھات ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ شەرققە يۈرۈشىدە خوتەن شاھىغا بەرگەن « جاھاننەما » ئەينىكى ئارقىلىق ئەرمەن مەلىكىسى شېرىننىڭ جامالىنى كۆرۈپ ئاشىق بولىدۇ . شەرقتىن غەربكە ۋىسال سەپىرى باشلىغان پەرھات چىن خەلقىنىڭ ھۈنەر ماھارىتى ۋە گرېك مۇتەپەككۇرى سوقراتنىڭ ئۈگەتكەن ھېكمىتى بىلەن قوراللىنىپ شېرىننىڭ مۇھەببىتىگە نائىل بولىدۇ . ناۋايى «سەددى ئىسكەندەر » ناملىق شېئىرىي رومانىدا گرېك شاھزادىسى زۇلقەرنەيىننىڭ غەربتىن شەرققە يۈرۈش قىلغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئارىستوتىل پەلسەپىسى ۋە شەرق خەلقلىرىنىڭ داراغا قارشى كۈرەشتە ئۇنىڭغا ياردەم قىلغانلىقىغا تايىنىپ شەرقتە ئادالەت ئورناتقانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ ، ئەلىشىر ناۋايى گرېك پەلسەپىسىنىڭ ئىززەت - ھۈرمىتى تۈپەيلى تارىختىكى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىندىن تۈپتىن پەرقلىق بولغان غايىۋىي پادىشاھ ئوبرازى ئارقىلىق شەرق ھاكىممۇەتلەقلىقىنى مەسخىرە قىلغان . چاغاتاي ئەدەبىياتىدا « راھەتۇل قۇلۇپ » ( قەلب ھۇزۇرى ) چىن مەلىكىسى بىلەن غەرب شاھزادىسى ئوبرازىنى ياراتقان ئىدى .
         ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ غايىۋىي مەزمۇنلىرى ئىچىدە غايىۋىي جەمئىيەت ۋە غايىۋىي پادىشاھ توغرىسىدىكى ئوتوپىك ئىدىيىۋىي تېما ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ . مۇنداق غايىۋىي جەمئىيەت ۋە غايىۋىي پادىشاھ ئوبرازى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا ئىزچىل تەسۋىرلەنگەندىن تاشقىرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، ئەلىشىر ناۋايى ، موللا ئەلەم شەھيارى ، مۇھەممەد بىننى ئابدۇللا خاراباتى قاتارلىقلارنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىدە نۇقتىلىق گەۋدىلەنگەن .
         ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۇيغۇر مەنىۋىي ھاياتىنىڭ ھەممە تارماقلىرىغا تۇتاشقان ، ئۇ ماھىيەتتە پەلسەپە ، ئاسترونومىيە ، تىبابەتچىلىك، تارىخ ۋە ئەخلاقشۇناسلىقتىن ئىبارەت .« ئوغۇزنامە » ، « زەپەرنامە » ، « سەپەرنامە»، « غازات دەر مۈلۈك چىن » قاتارلىق ئەسەرلەر بىلەن « تەزكىرى بۇغراخان » ، « تەزكىرى ئارسلانخان » ، « تەزكىرى خوجىخان » قاتارلىقلار ماھىيەتتە بەدىئىي شەكىلدە يېزىلغان تارىختىن ئىبارەت . بىز كۆپلىگەن دىداكتىك ئەسەرلەردىن ، رۇبائىي ۋە قىتئەلەردىن ، ماقال - تەمسىللەردىن مول پەلسەپىۋىي ، ئەخلاقىي مەزمۇنلارنى بىلىۋالالايمىز .
         ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تەرجىمە ئەدەبىياتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە . بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان . « ئالتۇن يارۇغ » ئىجادىي تەرجىمىنىڭ مۇھىم بىر نامايەندىسى ، تۇرپاندىن « ماخاپخاراتا » ، « رامايانا » قاتارلىق ھىندىستان داستانلىرى بىلەن« ئىنجىل »نىڭ تەرجىمە نۇسخىلىرى تېپىلدى . «مىڭ بىر كېچە » ، « كەلىلە ۋە دېمىنە » ، « شاھنامە » ، « شۈەن جۇاڭنىڭ تەرجىمىھالى » ، « قابۇسنامە » ، « زەپەرنامە » قاتارلىق شەرق ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشتا سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ، لۇتىپى ، موللا خامۇش ، موللا مۇھەممەت تۆمۈرى ، سىراجىدىن مەھمۇت قاتارلىق مەشھۇر تەرجىمەشۇناسلار ئىجادىي ئەمگەك سىڭدۈرگەن . موللا مۇھەممەت تۆمۈرى تەرجىمىسىدىكى « كەلىلە ۋە دېمىنە » ئابدۇللا مۇقەففا ئىشلىگەن ئەسلى نۇسخىسىدىن مەزمۇنلۇق چىققان بولۇپ ، نۇرغۇنلىغان پەلسەپىۋىي ۋە شېئىرىي پارچىلار بىلەن بېزەلگەن . ئەينى تەرجىمە ۋە بەدىئىي ئىش قوشۇپ تەرجىمە قىلىش ئۇيغۇر تەرجىمە ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم بىر ئەنئەنىۋىي ئۇسۇل .
         ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا فارابىنىڭ ئەرەبچە ، باۋايى ۋە تەجەللىنىڭ پارسچە شېئىر يازغىنىدىن باشقا ، يەنە يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە سەيدۇل ، سەۋىنچ قايار ( گۈەن يۈنشى ) ، جامالىدىن ، ئارقۇن سالى ، تىكىن ساڭيا قاتارلىق ئەدىبلەر ئىچكى ئۆلكىلەردە ياشاپ خەنزۇ يېزىقىدا ئەسەر يېزىپ ، خەنزۇ ئەدەبىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان .
         ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقى ئىلىمنىڭ بىر تارمىقى سۈپىتىدە ئۆتمۈشتە مەدرىسلەردە ئۆتۈلۈپ كەلگەن بولسىمۇ ، يېقىنقى زاماندا ئۇنتۇلۇش ھالىتىگە يېقىنلاپ قالغانىدى . ئۇيغۇر خەلقى « ئوغۇزنامە»، « قۇتادغۇ بىلىگ»، « دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك » ، « چاھار دىۋان»، « خەمسە » ، « دىۋان زەللى » ، « دىۋان نىزارى » قاتارلىق ئاساسلىق كىلاسسىك ئەدەبىيات دەستۇرلىرىنى كەڭ نەشىر قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ بولالمىغان ئىدى . ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقى تەتقىقاتى ھەر خىل ھاقارەتلىك ناملار ئاستىدا تەقىپ قىلىپ كېلىنگەنىدى . ھازىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە كىلاسسىك ئەدەبىيات ، يېڭى دەۋر ئەدەبىياتى بويىچە ئايرىم - ئايرىم دەرس قىلىپ ئۆتۈلۈشكە باشلىدى ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنىشقا ، تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى .
         ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يىپەك يولىدىكى بىباھا بايلىق . بىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ ھەر قايسى ئەللەردە مەيدانغا كېلىشىنى قارشى ئالىمىز . شۈبھىسىزكى ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقى شەرق ۋە غەرب مەدەنىي ئالاقە تارىخىنى يورۇتۇشتا ، يىپەك يولى مەدەنىيىتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى تارىخىنى يورۇتۇشتا يەنىمۇ زور ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بېرىدۇ .

    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.