ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-16

    سىنىڭ ئەبگالىقىڭدىن ئانا تىل خورلاندى! - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41096659.html


    ئانا تىل سۆزلىگۈچىنىڭ سالاھىيىتىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ
    ئانا تىلىنى يوقاتقان مىللەت تارىختىن غايىب بولىدۇ.
    ئانا تىل ھاياتلىق، مەرىپەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ بەلگىسى
    ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇرلۇقىمىزنىڭ بىردىن بىر بەلگىسى.

    تىلىمىز يېقىنقى زاماندىن بېرى ئەشەددى ھۇجۇمغا ئۇچراپ كەلدى، تىلىمىزغا قىلىنغان ھۇجۇم مەدەنىيىتىمىز ۋە دېنىمىزغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ بىر قىسمىدۇر بەلكى ئۆزىدۇر. ئۇيغۇر تىلىمىز مەدەنىيەت تىلى بولۇپلا قالماستىن قۇرئان كەرىمىنى ئوقۇش ۋە تىز ئۆگىنىشكە ياردەم بېرىدۇ.
    يات مەدەنىيەت ساھىبلىرى تىلىمىزنىڭ ھازىرقى زامانغا ماسلىشىش ۋە مەدەنىيەتنىڭ يېڭى ئاتالغۇلىرىنى ئىپادىلەش ئىقتىدارىدىن شەكلەندۈرۈپ، تىلىمىزنى ئەيىبلىمەكتە. ئىچكى تەرەپ(روھى تەرەپ)تىن مەغلۇپ بولغۇچىلار ئۇيغۇر تىلى ئارقىدا قېلىشىمىزنىڭ بىر سەۋەبى دەپ قارايدۇ
    مەكتەپلىرىمىز ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئانا تىلىمىز ئارىسىدا دوستلۇق ئالاقىسىنى تۇرغۇزالمىدى، كىچىكىدىن تارتىپ ئانا تىلىدا بىر نەرسە ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇشتا نەتىجە قازىنالمىدى
    مىسال ئالساق ئۇيغۇرنىڭ كىچىك بالىسىنى خەنزۇلار ئارىسىغا قوشۇۋەتسەك تىلى خەنزۇچە چىقىدۇ، خەنزۇنىڭ كىچىك بالىسىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا قوشۇۋەتسەك ئۇ بالىنىڭ تىلى ئۇيغۇرچە چىقىدۇ
    "ئۇيغۇر تىلى يېڭى ئىلىم-پەنلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشكە قادىر بولالمايدۇ"دېگەن گۇمان جىڭدا توختىمايدۇ، چۈنكى خەلقئارالىق تىلشۇناس ئالىملار-تىل ئىگىلىرى ئىرادىلىك بولىدىكەن-ھەر قانداق بىر تىل قايسى پىكىر بولسۇن ئىپادىلەشكە قادىر بولالايدۇ دەپ قارايدۇ. مىسال ئالساق، تىل بىلەن تۈرلۈك پۇللار ئارىسىدا ئوخشاشلىق تېپىلىدۇ،بىز ئېلىم-سېتمىدا ئىشلىتىدىغان پۇل ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ نەزىرىدە سېتىۋېلىش قۇۋۋىتىنىڭ بەلگىسى، قەغەز پۇل ياكى مەدەننىڭ ھەقىقىي قىممىتى سېتىۋېلىش كۈچىگە نىسبەتەن يوقىلاڭ نەرسىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. قەغەز پۇلنىڭ بېسىلغان قەغەزنىڭ قىممىتىدىن ئارتۇق قىممىتى بولمايدۇ، ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ بەلگىلەكلىك قىممىتى بولىدۇ.لېكىن ئالتۇن-كۈمۈش باشقا مەدەنلەرگە سېلىشتۇرغاندا ٭٭٭ئۈرۈش(چىداملىق)تەرەپتىن قىممىتى تۆۋەن بولىدۇ.پۇلنىڭ ھەقىقىي قىممىتى شۇ پۇل بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقان جەمئىيەتنىڭ پۇلغا قوشىدىغان سۈپىتىدۇر. (مارىبوينىڭ"ئىنسانلار تىلى" نامىلىق كىتاۋىنىڭ 22-بېتىگە قاراڭ)
    تىلنىڭ قىممىتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، شۇنىڭ ئۈچۈن تىل ئىگىلىرىنىڭ تىلىغا ئېسىلىشى، تىلىنى راۋاجلاندۇرۇشى، ئۆز-ئارسىدا ئانا تىلى بىلەن پاراڭلىشىشى، ئانا تىلىنى ھۆرمەتلىشى، تىلىنىڭ تەرەققىياتقا ماسلىشالايدىغانلىقىغا ئىشىنىشى، كۆز قارىشى ۋە تۇيغۇللىرىنى ئانا تىلى بىلەن ئىپادىلىشى ۋە تۇرمۇشنىڭ ئاددىي ئىشلىرىدىن تارتىپ مۇرەككەپ پەلسەپىۋى مەسىلىلەرگە قەدەر ئىشلاردا ئانا تىلى بىلەن ئىپادىلىشى لازىم. شۇنداقلا تىلنىڭ قىممىتى ئىدىيە مەبلىغى ۋە مەدەنىيەت ئاساسىنى ئىپادىلەشتە كۆرئۈنىدۇ.تىلىمىزنىڭ قىممىتىنى بىلمەيدىغان نادانلار تىلىمىزنى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
    مەشھۇر تىلشۇناس فرانسىيىلىك ئالىم"فىندىرىس"مۇنداق دەيدۇ:"ئەمەلىيەتتە بىز قايسى بىر تىلنىڭ بىر پىكىرنى ئىپادىلىمەكچى بولغان ئىنساننىڭ خىزمىتىنى قىلىشتىن ئاجىز كېلىشىنى بىلمەيمىز. ئۇنداقتا ئەسەرلىرىدىكى ۋە تارىخىدىكى كەمچىللىكىنى ئانا تىلىغا ئارتىپ قويىدىغان ئاجىز ئاپتورلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يۈرمەيمىز، ئەسلىدە كۆز قارشىنى ئانا تىلى بىلەن ئىپادىلەشتىن ئاجىز كەلگەن مۇشۇ ئاپتورلار ئانا تىلنىڭ ئاجىزلىقىدىن مەسئۇل" دەيدۇ.(فىندىرىسنىڭ"تىل" دېگەن كىتابنىڭ 421-بېتىگە قاراڭ)
    ئارىمىزدىكى روھى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلار تىلىمىزنى ئەيىپلايدۇ، ھالبۇكى ئېيىپ تىلىمىزدا ئەمەس، شۇ تىلنى ئىستېمال قىلغۇچى بىزدە.بىزدە ئىرادە بولىدىكەن تىلىمىز ھەر قانداق مەزمۇننى ئىپادىلەشتىن ئاجىز كەلمەيدۇ. ئانا تىلىنى قائىدىللىرى بىلەن بىلىدىغان كىشى كۆڭلىدىكى كۆز قارشىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ.شۇنداق دېيەلەيمىزكى، بىز ئەزىز بولساق تىلىمىز ئەزىز بولىدۇ، بىز خار بولىدىكەنمىز تىلىمىز خارلىنىدۇ.
    تۈركلەر مۇستەپا كامال دېگەن ئىسلامغا ئۆچ ئازغۇننىڭ تەسىرى بىلەن ئوسمانىيە ئانا تىلىنى لاتىن ھەرپىگە ئالماشتۇرغانىدى، ئۇلار ھازىر ھاۋاغا ئېسىلىپ قالدى، چۈنكى بۈگۈنكى تۈركلەر ئۆتمۈشىدىن بىر نەرسىنى بىلمەيدۇ. ياۋروپاغا تەۋەمۇ ياكى شەرققە تەۋەمۇ؟بۇنىڭدىمۇ ھەيران. لاتىن ھەرپىنى تاللاپ غەربكە يېقىنلىشالمىدى.تۈرك تەرەققىياتى1957-يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلغان مالايشىيانىڭ تەرەققىياتىدىن پەرقىلىنىپ كەتمەيدۇ.مالايسىئا تەرەققىيات جەھەتتە تۈركىيىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ،ئىقتىسادى تەرەققىياتى كۆپ يۇقىرى.
    ئۇنداقتا تۈركىيە تىل ياكى يېزىق ئۆزگەرتىپ نېمە پايدا ئالدى، تۈركىيە تارىخ بويى مۇستەملىكە ئاستىغا چۈشۈپ باقمىغان بىر دۆلەت،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوسمانىلارنىڭ پۈتۈن بايلىقى مۇستاپا كامالنىڭ قولىدا قالدى، شۇنداقتىمۇ تۈركىيىنىڭ ھالى قانچىلىك؟؟؟دېمەك، مۇستاپا كامال تۈركىيە تەرەققىياتىنى مەقسەت قىلماي، تۈركلەرنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئەبجەش قىلىشنى مەقسەت قىلغان.بولمىسا ئەركىن دۆلەت، پۈتۈن ئىمكانىيەت قولىدا تۇرۇپ، مەدەنىيىتى ۋە يېزىقىنى ئالماشتۇرۇپمۇ مالايسىسيەچىلىك بولالمىدۇغۇ؟ گەدىنىدىكى 30 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىچۇ تېخى؟...
    دېمەك، مۇستاپا كامال ئىسلامغا ھۇجۇم قىلىشتا بىرىنچى قېتىم ئانا تىلنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۇسۇل ئىشلەتكەن
    "ئانا تىلىمىز زامان تەرەققىياتى بىلەن ماسلاشمايدۇ"دېگەن كۆز قاراش ئەقلى كېسەللىكتۇر.خەنزۇ تىلى يېقىنقى زامانغىچە خەلقئارار تىللارغا نىسبەتەن ئۆلۈك تىل قاتارىدا مۇئامىلە قىلىناتتى، ئىلىمىز جۇڭگونىڭ سىياسىتى ۋە ئىقتىسادى جاللىنىپتى خەنزۇ تىلى جانلادى، ئىلىمىز جۇڭگو رۇسىيىدىن كۆپ پايدىلاندى، لېكىن رۇس تىلىنى خەلق تىلى قىلمىدى.
    دېمەك، خەنزۇ مىللىتى جانلاندى تىلى جانلاندى، ئۇنداقتا سەن ئەزىز بولساڭ تىلىڭ ئەزىز بولىدۇ، سەن خار بولساڭ تىلىڭ خارلىنىدۇ.
    ئىنگلىز تىلىمۇ شۇنداق، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى ۋە ئىقتىسادى دۇنيادا ئۆرلىدى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىنگلىز تىلى خەلقئارا تىلىغا ئايلاندى، يېقىنقى زامانغىچە ئەرەب تىلى دۇنياۋى تىلنىڭ بىرسى ئىدى، ئەرەبلەرنىڭ ھالى تۆۋەنلىشىپتى ئەرەب تىلى قىممىتىنى كۆپ يوقاتتى، تىل ئىختىساسلىرى ئەرەب تىلى 2020-يىلى دۇنياۋى تىلغا ئايلىنىدۇ دەپ باھا بەرمەكتە
    ئەگەر ئىنگلىز ياكى خەنزۇ تىلى تەرەققىيات تىلى، باشقا تىللار تەرەققىيات تىلى بولالمايدۇ دېسەك، ئۇنداقتا ياۋروپادا نۇرغۇن دۆلەتلەر بار، ئۇلار ياۋروپادا ياشاپ تۇرۇپمۇ ئانا تىلىنى تاشلىمىدىغۇ؟ مائارىپىنى ئانا تىل ئاساسىدا تۇتۇپ ماڭدىغۇ؟ مەسىلەن، گوللاندىيە نوپۇزى ئانچە كۆپ ئەمەس، لېكىن ئۇلار ئانا تىلىنى تاشلىمىدى.
    دېمەك، سەن ئەزىز بولساڭ تىلىڭ ئەزىز بولىدۇ، سىنىڭ مەدەنىيەت يارىتىشقا سالاھىيىتىڭ توشقاندا ئانا تىلىڭنىڭ مەدەنىيەت يارىتىش سالاھىيىتى ئەسلىگە كېلىدۇ. سەن مەسىلىنى ئانا تىلىمىزدا قويماي ئۆزۈڭدە قوي ئەبگار!سىنىڭ ئەبگالىقىڭدىن تىلىمىز راۋاجلانمايۋاتىدۇ.سىنىڭ ئانا تىلىڭغا تۇزكورلۇقۇڭدىن ئانا تىلىمىز خورلىنىۋاتىدۇ...
    مەن باشقا تىل ئۆگىنىشكە قارشى ئەمەس، دۇنياۋى تىللارنى ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلىمەن، بۈگۈنكى زاماندا ئىلىم-پەن تىلىنى ئۆگىنىش پەرزنىڭ دەرىجىسىگە كېلىپ قالدى. لېكىن ئانا تىلنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشىڭنى تەلەپ قىلىمەن
    ماددىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان غەرب مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان ياپون ئانا تىلىنى ۋە قالاق ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھازىرغىچە ساقلاپ كەلمەكتە.ئانا تىلىمىز تەرەققىياتتىن ئاجىز كېلىدۇ دېگەن كۆز قارشىڭ دۇنيا تىل تەتقىقاتچىلىرى مىزانىدا توختىمايدۇ، ئەسلى سەن تىلىڭنىڭ قىممىتى، قۇدرىتى ۋە ئىمكانىيىتىنى بىلمەيسەن، چۈنكى سەن ئانا تىلىنى ياخشى بىلىدىغان ئۇيغۇردەك ئويلىمايسەن، چۈنكى سەن ئۆز ئەقىدەڭ ۋە مەدەنىيىتىڭگە خىيانەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن تىلىڭغا خىيانەت قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىسەن ياكى قوللايسەن...چۈنكى سەندە مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىب، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،نۇزۇگۇم،ئاماننىساخان، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇقادىر داموللىنىڭ روھى ۋە قېنى يوق...چۈنكى سەن روھى ۋە ئىچكى تەرەپتىن پۈتۈن مەغلۇپ بولغان ئىنسان
    ئىچكى تەرەپتىن يەنى روھى تەرەپتىن مەغلۇپ بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق مەيداندا مەغلۇپ بولىسەن ياكى مەغلۇپ بولۇشقا رازى بولىسەن
    ئۇيغۇر ئانا تىلىمىز بىزنىڭ ئۇيغۇرلۇقىمىزنىڭ سىمۋلى ۋە سالاھىيىتى، ئۇيغۇر جەمىئىيىتىنىڭ باشقىلاردىن نىگىئىزلىك پەرقى خۇسۇسىيىتى، ئۇ بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ بەلگىسى
    ئۇيغۇر تىلىنىڭ راۋاجلانماسلىقى بىزدىكى تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن پەيدا بولغان، بىزدىكى تەپەككۇر تۇغماس كېسىلى تىلىمىزنى تۇغماس قىلىپ قويغان.شۇنى بىلىش لازىمكى، تىل پىكىردىن (تەپەككۇردىن) ئايرلىمايدۇ، پىكىر تىلدىن ئايرلىمايدۇ، تىل دېمەك پىكىر دېمەك، پىكىر دېمەك تىل دېمەكتۇر.
    بىر سۆز تىلىمىزغا كەلگەندە پىكىر بولۇپ چىقىدۇ، قايسى تىل بىلەن سۆزلىسىڭىز ئۇ سىزنىڭ پىكرىڭىزنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
    دېمەك،بىزدىكى مۈشكىلە تىل مۈشكىلىسى ئەمەس، مەدەنىيەت ۋە ھەزارەت مۈشكىلىسى (قىيىنچىلىقى)دۇر.
    كىم داۋاملىق خەنزۇ تىلى بىلەن سۆزلىسە ئۇ ۋۇجۇدىدا خەنزۇغا ئايلىنىدۇ، كىم داۋاملىق ئىنگلىز تىلى سۆزلىسە ئۇ ۋۇجۇدىدا ئىنگلىزغا ئايلىنىدۇ، يات تىل بىلەن سۆزلىگەن ياكى پىكىر قىلغان كىشىنىڭ ئېڭى ۋە پىكرى پسىخولوگىيە، ئىجتىمائىي ۋە ئەخلاق تەرەپتىن ئۆزگىرىدۇ. چۈنكى يات تىل ئۇنىڭ ئېڭىغا يۇقىرى ھەرىكەت بىلەن تەڭلىنىپ تۇرىدۇ. ئانا تىلىڭنى ئۆگەنمىسەڭ يىلتىزىڭ ۋە ئەسلى مەدەنىيىتىڭدىن ئايرىلىسەن
    ئانا تىلى بىلەن يازىدىغان ۋە ئانا تىلى بىلەن سۆزلەيدىغان ئاپتور ياكى ئالىم يات تىل بىلەن يازىدىغان ياكى سۆزلەيدىغان ئاپتوردىن پەرقلىنىدۇ. چۈنكى ئانا تىل ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كېتىدۇ، ئۇ ئۆزىنى ئانا تىلىدىن ئايرىيالمايدۇ
    تىلىدىن ۋاز كەچكەن مىللەت مەغلۇبىيىتىگە ھەسسە قوشقان بولىدۇ، ھورۇنلىقىمىز، ئەقلى ئەبگارلىق، غاپىللىق،نادانلىق،ئاڭسىزلىق، روھى مەغلۇبىيەت تىلنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىل
    ئانا تىلنى يوقىتىش ئىنساننىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيىتىنى يوقاتقانلىقىدۇر، چۈنكى ئانا تىل ئىنساننىڭ شەخسىيىتى، سالاھىيىتى، پىكرى، تۇيغۇسىنى...تەشكىل قىلىشتىكى بىرىنچى ئاساس. ئانا تىل مەدەنىيەت سالاھىيىتىنى قوغداشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىسى.
    ئانا تىلىدىن ئۈزۈلۈپ قالغان مىللەت ئۆتمۈشىدىن ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، ئانا تىل ھېسسىيات، پىكىر ۋە تۇيغۇنىڭ ئاچقۇچى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئادەمنىڭ 3 بالىسى داۋاملىق 3 خىل تىل بىلەن سۆزلىسە ئۇلارنىڭ ھىسياتى ۋە تۇيغۇسى 3 ئاتىنىڭ باللىرىدەك بولۇپ قالىدۇ.
    كۇرد شائىرى(كۆنى رەش) ئانا تىل توغرىسىدا مۇنداق شېئىر ئېيتقان:!
    "ئەي ۋەتەن، تىل ئوغرىلاشنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئەي ۋەتەن، ھېچ بىر كىشى ئوغلانلىرىڭنىڭ تىلىنى-ئۇلار كۆڭۈل بۆلسە-ئوغۇرلاشقا قادىر ئەمەس.ئەمما ئۇلار سەل قارىسا ۋە يات تىل بىلەن سۆزلىسە، شۇ ۋاقتىدا ئى ۋەتەن، ئوغلانلىرىڭنىڭ ھەزارىتى بولمايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ ئاساسى بولمايدۇ"
    تىل مىللەتنىڭ بىرلىكىدىكى مۇھىم ئاچقۇچ، چۈنكى تىل پىكىر ۋە تۇيغۇ بىرلىكىنى يارىتىدۇ، تىل مىللەت ئەزالىرىنى پىكىر بىرلىكى بىلەن باغلايدۇ.
    تىل تەپەككۇرنىڭ قورالى، تەپەككۇر ئاۋازسىز سۆزدىن باشقا نەرسە ئەمەس،سۆزلەش ئاشكارا تەپەككۇرنىڭ بىر تۈرىدۇر.
    بوۋاق سالامەتلىكىنى ئانىسىدىن ئالغاندەك، مىللەتمۇ پىكىر ۋە ئىدىيە سالامەتلىكىنى ئانا تىلىدىن ئالىدۇ.كېسەل ئانا كېسىلىنى بالىئىسغا يۇقتۇرغاندەك، تىلمۇ كېسىلىنى يۇقتۇرىدۇ.
    ئانا تىلنىڭ ئۆلگەنلىكى تىلشۇناس، تارىخچى ۋە تەتقىقاتچىلارنى قىممەتلىك مەلۇمات خەزىنىسىدىن مەھرۇم قويىدۇ ۋە ئۇلارنى ئارقىغا چېكىندۈرىدۇ
    بىر قىسىم دوگما قاراشتىكى كىشىلەر سىلام دىنى بىلەن ئۇيغۇر مىللىلىكى ئارىسىدا توقۇنۇشۇش ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈپ چۈشىنىدۇ، شۇنى بىلىش كېرەككى، ئىسلام دىنى بىلەن ئۇيغۇر مىللىلىكى(يەنى دىن بىلەن مىللەت)تەڭ قەدەمدە تۇرىدۇ، بىر-بىرسىگە تاقاشمايدۇ.دىننى قوغدىغانلىق مىللەتنى قوغدىغانلىق، مىللەتنى قوغدىغانلىق دىننى قوغدىغانلىق بولىدۇ...
    ئەگەر سەن دىننى دەپ ئۇيغۇرلۇقتىن ۋاز كەچسەڭ، سەن دىننى ياخشى چۈشەنمەيدىكەنسەن. شۇنداقلا ئۇيغۇرلۇقنى دەپ ئىسلامدىن ۋاز كەچسەڭ ئۇيغۇرلۇقۇڭنى، مەدەنىيىتىڭنى ۋە تارىخىڭنى ياخشى چۈشەنمەيدىكەنسەن.
    بىز ئۇيغۇرلار"شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى"دېگەن رايوندا ئاپتونوميىئە قانۇنى بىلەن ياشايمىز، ئاپتونومىيە دېگەن خېلى چوڭ گەپ، لكېئىن بىز ئاپتونومىيە قانۇنىنى ۋە دۆلەت قانۇنىنى بىلمىگەچكە قانۇندىكى نۇرغۇن ھوقۇقىمىزدىن مەھرۇم، ئاپتونومىيە قانۇنىنى ياخشى بىلسەك نۇرغۇن شىلارنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بېيجىڭدىكى ۋاقتىمدا ئابدورۇپ پولات تەكلىماكانى ئەپەندىنىڭ بىر قېتىم:"ئاپتونومىيە قانۇنىنى تەلەپ قىلساق كۆپ ھوقۇقىمىزغا ئېرىشكەن بولاتتۇق"دېگەن سۆزى ھېلىمۇ يادىمدا تۇرۇپتۇ
    جەمئىيىتىمىزگە قارىساق تەتبىقلىنىۋاتقان قانۇننىڭ ئەسلى شىنجاڭ ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئوخشىمايدىغانلىقى كۆرۈنۈپلا تۇرىدۇ. ئاپتونومىيە قانۇنى توغرا شەكىلدە ئىجرا قىلىنماي بەزى كىشىلەرنىڭ خالىغىنى بويىچە ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ
    دېمەك، سەن ئاپتونومىيە قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغان بولغاندىكىن قانۇندىن پايدىلىنىش ھوقۇقۇڭ بار...ۋە ھەقىقىي ئاپتونومىيىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقۇڭمۇ بار


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.