ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-16

    روھ ئۆلمەيدۇ، تەن ئۆلمەيدۇ ...نىڭ داۋامى - [تەتقىقاتلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41072583.html

    تەتقىقات ئۇسۇلىغا بولغان مۇناسىۋەت مەسىلىسى


     يۇقۇرقىلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدا مۇنداق ئۈچ نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ:
     بىرىنچى، تەتقىقاتتا ئىلمىي، توغرا يىتەكچى ئدىيە بولۇش
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ئارقىسىدا مەخسۇس ئىلمىي ئورگانلار قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى قېزىش، رەتلەش جەھەتتە كۆرىنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما تەتقىقاتتا يەنىلا كونا مۇقام، ئۆلۈك پىرىنسىپلار داۋاملىشىۋەرگەچكە، بېرەر بۆسۈش ياكى بۇرۇلۇش خارەكتېرلىك نەتىجىلەر مەيدانغا كەلمىدى. گەرچە ئېغىزدا ماركىسىزملىق دۇنيا قاراش ۋە تارىخ قارىشىنى يېتەكچى قىلىش تەكىتلەنسىمۇ، ئۇنى توغرا، جايىدا تەدبىقلىماسلىقتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا ماركىسىزملىق دۇنيا قاراشنى يەنى دىئالىكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمنى قورال قىلىش، ئۇنىڭ پىرىنسىپلىرىنى، مىتودىنى ھەقىقىي رەۋىشتە تەدبىقلاش تولىمۇ زۆرۈر. بۇ يەردىكى تەدبىقلاشنىڭ مەنىسى ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئۆز دەۋرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قاراشنى، شۇ دەۋردىكى مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد، قىممەت قارىشى ئىچىگە قويۇپ تەتقىق قىلىشنى، ئەسلىگە سادىق بولۇشنى، زورمۇ-زور ھازىرقى كۆزقاراش ۋە قىممەت قارىشى بىلەن بورمىلاپ چۈشەندۈرمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ.
    ئىككىنچى، كىلاسسىك ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە ئىش قىلىش
    مېنىڭچە كلاسسىك ئەدەبىياتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تۆۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:1) ئىلاھىيەتچىلىك(سىرلىقلىق، تەقدىرچىلىك، تەسەۋۋۇپچىلىق قاتارلىقلارنى مۇشۇ قاتاردا قويۇشقا بولىدۇ)؛ 2) كۆپ مەنبەلىك(ھىندى، پارىس، يەھۇدى، ئەرەپ، خەنزۇ)؛ 3) كۆپ قاتلاملىق(شامانىزم، زەردوشىزم، بۇددىزم، مانىزم، ئىسلامىزم، سوفىزم، گۇمانىزم، جەدىتىزم دېگەندەك)؛ 4)  فولكلورلۇق (خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛ 5) سىمۋوللۇق(ھايۋانلارنى، جان-جانىۋارلارنى ئادەملەشتۈرۈش، ئاشىق- مەشۇقلارنى، ئىشقى- مۇھەببەتنى ئىدىئاللاشتۇرۇش ياكى  غايىۋىلەشتۈرۈش قاتارلىقلارنىمۇ مۇشۇ قاتاردا چۈشىنىشكە بولىدۇ)؛ 6) دىداكتىكىلىق (كەڭرەك مەنىدە پەلىسەپىۋىيلىك، ئېتىكىلق، پەندى-نەسىھەتگۇيلۇق قاتارلىقلار)؛ 7) كۆپ تىللىق («قەدىمكى تۈرك تىلى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى»، «چاغاتاي تىلى» دەپ ئاتالغان «تۈركىي تىل»؛ سانسىكىرت تىلى، پارىس تىلى، ئەرەپ تىلى قاتارلىقلار).
    ئىنچىكىلەپ نەزەر سالساق، يۇقارقى ئالاھىدىلىكلەرنىڭ يەنىلا ئالدى بىلەن دىنىي ئىتىقاد، ئىلاھىيەتچىلىك بىلەن زىچ باغلانغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. چۈنكى بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەرنىڭ شەكىللىنىشى، مەۋجۇت بولۇش ئاساسى ۋە مەۋقەسى مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دىننىڭ تارقىلىشى بىلەن، بولۇپمۇ دىنىي ئىدىيە، دىنىي ئەقىدە، دىنىي پىرىنسىپ ۋە دىنىي غايىلەرنى سەنئەتلەشتۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.  بۇ ئىنسانلار بىلىش تارىخىنىڭ، ھاياتلىق پەلىسەپىسىنىڭ، ئەخلاق ئېڭى ۋە ئىستېتىك تەلەپلىرىنىڭ مۇقەرەر نەتىجىسى، ئىنسان تەبىئىتىنىڭ مەھسۇلى، ئىنسان روھىيىتىنىڭ( يەنى ئىنسان ئازادلىقى، نىجادلىق ۋە بەخت-سائادەت ئىزدەش ئېڭى)نىڭ مەھسۇلى. ئىنساننىڭ پۈتكۈل ئۈمىدى دىنغىلا باغلىق بولغان ئەشۇ دەۋرلەرگە نىسبەتەن بۇنىڭ ھېچقانداق ئەجەپلەنگۈچىلىكى يوق.
    ئۈچىنچى، تەتقىقاتتا مەخسۇسلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش
    ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەقىقاتى ئەمدى ئەسەرلەرگە ياكى ئەدەبىيات ھادىسىلىرىگە يوقۇردىن نەزەر سالىدىغان، ئەتراپتىن كۆزىتىدىغان باسقۇچتىن، ئەسلى كونتېكىستلەرگە چۆكۈش باسقۇچىغا ئۆتىشى كېرەك. بىزدە تېخى مەخسۇسلاشقان تەتقىقاتچىلار (مۇتەخەسسىسلەر) يىتىشىپ چىقمىدى. بىز ئۇيغۇر بۇددا ئەدەبىياتشۇناس، قۇتادغۇبىلىكشۇناس، دىۋانشۇناس، نەۋائىشۇناس، مەشرەپشۇناس، زەلىلىشۇناس، نىزارىشۇناس، موللا بىلالشۇناس دەپ سۈپەتلىنىدىغان ۋە شۇ ساھەدە مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە نۇپۇز ئىگىلىرىنى تېخى كۆرمىدۇق.
    بەشىنچى، ھازىر ئۈچۈن خىزمت قىلدۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش
    ھەرقانداق بىلىم ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۆگىنىلىدۇ. ئىشلىتىلمىسە ئۇنىڭ قىممىتى بولمايدۇ. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىمۇ بىز ئېچىشقا تېگىىشلىك نۇرغۇن بايلىق يەنى مەدەنىيەت بايلىقى بار. ئۇنىڭ بىرى، تىل بايلىقى، يەنە بىرسى ئىدىيە بايلىقى(ئىبرەت-ساۋاق بايلىقى)، يەنە بىرسى سەنئەت بايلىقى، يەنە بىرسى فولكلور بايلىقى، يەنە بىرسى ئەخلاق بايلىقى. بۇلارنىڭ ھەربىرسى بىر چوڭ ئىقتىدار. بۇ ئىقتىدارلاردىن ئۆز نۆۋىتىدە پايدىلىنىشقا، ئۇلاردىن ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشقا بولىدۇ. بۇ ھەقتە يۇقۇردىمۇ توختالدىم.
    ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى مىللىي مەدەنىيەت خەزىنىمىزدىكى بىباھا گۆھەر. ئۇ خەلقىمىزنىڭ شانلىق تارىخى، مول پەلىسەپىسى، ئېتىكىسى، ئېتىقادى، پىسخىكىسى، ئىستېتىكىسى قاتارلىقلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. مىللەتنىڭ مەڭگۈ ئۆچمەس ۋە ئۆلمەس روھىنى قۇرۇپ چىققان. شۇڭا ئۇ مىللەت مەۋجۇدلىقىنىڭ ئاساسى. تارىختا نۇرغۇن تىللار يوقالدى، ئۇيغۇر تىلى ھازىرغىچە يوقۇلۇپ كەتمىدى. تارىختا نۇرغۇن مىللەتلەر يوقالدى، ئۇيغۇرلار تارىخىنىڭ ئېغىر سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۆزىنىڭ خاسلىقى ۋە ئوبرازى بىلەن بۈگۈنكى دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قانداق قىسمەتلەر بېشىغا كېلىشتىن قەتئىنەزەر، ئۆزىنىڭ مەدەنىيەتتە، ئىلىم-پەندە، جۈملىدىن تىل ۋە ئەدەبىياتتا كۈچلۈك ھەم يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنلىكىدىن بولدى. بۇنى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ كۈچىدىن، خاسىيىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئەلبەتتە.
    ھەرقانداق بىر مىللەت پۇختا مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە بولسا، مول، ساپ مىللىي ئەدەبىيات ئەنئەنىسىگە ئىگە بولسا، ئۇنىڭ
    روھىيىتى مەڭگۈ كۆكلەپ، ياشىرىپ تۇرىدۇ. روھىي ئۆلمىگەن مىللەتنىڭ جىسمىمۇ ئۆلمەيدۇ.

    مەنبە:بۇلاق ژورنىلى 


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.