-
2009-06-07
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن غەزەللىرى - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40620361.html
ۋەتەن
ۋەتەن سەن سۆيگۈ مىزانىم، گۈزەللىك بىنەزەر سەنسىز،
تاپالماس ئىپتىخار ئۆمرى تۇغۇلغان بىرلە ئەر سەنسىز.
ۋەتەن-مىراجى ئەرشىمسەن، خالايىق خالىقى ئالەم،
ئىناۋەت تاپمىغاي شۆھرەت، ھاياتلىق ئۆتسە گەر سەنسىز.
مەگەر پەرۋان دىسەڭ ، شەمئىم ئۆزۈڭسەن چەشمەئى ئەنۋەر،
پىراقۇ شەۋقى ئىشقىڭدا ماڭا تۈندۇر سەھەر سەنسىز.
ۋەتەن شەيدايى ئوغلانىڭ قىلالماس تەركى شەيدالىق،
ماڭا ئار شاھى ئىسكەندەر ئېرىشكەن قۇت زەپەر سەنسىز.
سۆيگۈ
قايسى پەرۋان ئوت ئارا ئۆرتەنمىدى؟
ياكى ئوت پەرۋانىگە گۈلشەنمىدى؟!
قايسى بۇلبۇل گۈلگە شەيدا بولمىغان؟
ياكى گۈل بەرگىدە شەبنەم قەنمىدى؟
شامغا پەرۋان بولدى شەيدا كۆيدى ھەم،
يا ئىشىق سەۋدالىقى سەھۋەنمىدى؟
تۆكتى قان پورەك كۆرۈپ بۇلبۇل سەھەر،
ياكى گۈل بۇلبۇل بىلەن بىر تەنمىدى؟
بىلمىدىم قەلبىمدە ئەلگە زور ئىشىق،
يا مەلەك دىلغا ئۇنى تەرگەنمىدى؟
ئەي ۋەتەن ئىشقىم ساڭا، زەۋقىم ساڭا،
تەڭرى يا خاكىڭغا ماگىنت كۆمگەنمىدى؟
ياكى شەيدايى تۇغۇلماقتىن بۇرۇن،
روھى سۆيگۈ ئابىغا چۈمگەنمىدى؟历史上的今天:
بىلىم ئىشقىدا 2009-06-07نەۋائىي دۇردانىلىرى 2009-06-07تەبىئى پەننى ئۈنۈملۈك ئۆگىنىشنىڭ ئۇسۇلى 2009-06-07«دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن مىللەت» 2009-06-07تەكلىماكاندىكى «جەننەت» 2009-06-07
收藏到:Del.icio.us