-
2009-06-06
قىياتاش سۈرەتلىرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىغا نەزەر - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40592378.html
سەنئەت ---- ئىنسانىيەت ياراتقان ۋە كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈلگەن ئەڭ جانلىق ۋە جەلپكار ئۇچۇر ساھەسىدۇر . ئۇنىڭ ئۇچۇرلۇق قىممىتى ناھايىتى ئۇزاق زامانغىچە ساقلىنىدۇ .
شىنجاڭ ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان قىيا تاشلىرىنىڭ كۆپلىكى ، مەزمۇنىنىڭ موللىقى ، دەۋرىنىڭ قەدىمىيلىكى بىلەن مەملىكىتىمىز بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قەدىمكى مەدەنىيەت ئۇچۇر مەنبەسى بولۇپ ، ھازىرغىچە 39 ناھىيىنىڭ تەخمىنەن 150 نەچچە يېرىدىن ھەر خىل مەزمۇندىكى قىياتاش سۈرەتلىرى بايقالدى . بۇ قىياتاش سۈرەتلىرى قەدىمكى قەبىلىلەرنىڭ مەنىۋى ئىنتىلىشى ۋە ئېستېتىك ئېڭىنىڭ ئىپادىسىدۇر . ئەجدادلىرىمىز يېزىق قوللىنىشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ئەقىل - پاراسىتىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق تەسۋىرىي شەكلىدىن پايدىلىنىپ شۇ دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي قىياپىتىنى قىياتاشلارغا چېكىش ئۇسۇلى بىلەن بىزگە قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال سۈپىتىدە قالدۇرۇپ كەتكەن . بۇلار ئارقىلىق بىز قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي مەدەنىيەت ھالەتلىرىنى كۆرۈۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىمىز .
1. ئوۋچىلىق مەدەنىيىتى .
ئوۋچىلىق ---- قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەمگەك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغاچقا ، ئۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىدە ئاساسلىق ئورۇننى ئىگەللەپ كەلگەن . شۇ سەۋەبتىن خەلقىمىز ئۆزىنىڭ بۇ مەدەنىيىتىنى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي ئاڭ ھالىتىنى ئەپچىللىك بىلەن قىياتاشلاردا ئەكس ئەتتۈرگەن .شىنجاڭدىن تېپىلغان قىياتاشلارنىڭ ھەرقاندىقىغا قارايدىغان بولساق ، ئۇنىڭدىن ئوۋچىلىق تۇرمۇشىنىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇرىدۇ . مەسىلەن ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 15- ئەسىرگە مەنسۇپ بولغان چاغانتوقاي ۋە كۈنەس ناھىيىلىرىدىكى قىيا تاشلاردا ئوۋ قورشاش مەنزىرىسى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولۇپ ، ئوقيالىق ۋە ئوقياسىز ئوۋچىلارنىڭ چەبدەسلىك بىلەن ئو ئوۋلايدىغان مەنزىرىلىرى ، ئاتلىق ۋە پىيادە ئوۋچىلارنىڭ ئوۋ نىشانىغا قاراپ ئېتىلىۋاتقان قىياپەتلىرى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا توقسۇن ناھىيىسىدىكى پەنجىرتاغ قىياتاش رەسىملىرى ، توغراق بۇلاق قىياتاش رەسىملىرى ، كۆجەي قىياتاش رەسىملىرى ، چاغانتوقاي ناھىيىسىدىكى قىياتاش رەسىملىرى ، كۈنەس ناھىيىسىدىكى قىياتاش رەسىملىرى ۋە گۇما ناھىيىسىدىكى قىياتاش رەسىملىرى قاتارلىقلاردا ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمكى زامان ئوۋچىلىق مەدەنىيىتى روشەن ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان .
2. ئۇسسۇل مەدەنىيىتى .
ھەر بىر دەۋردە ئۆز دەۋرىگە ماس ھالدىكى ئۇسسۇل شەكىللىنىدۇ . ھەر قانداق بىر ئۇسسۇلغا ئۆز دەۋرىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنىڭ تامغىسى بېسىلغان بولىدۇ . قىسقىسى ئۇسسۇل ئۆزى پەيدا بولغان دەۋرنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى ئادەم بەدىنى ئارقىلىق جانلىق ھەم بەدىئىي يوسۇندا ئىپادىلىنىدۇ .ھەممىگە مەلۇمكى ، شىنجاڭ ئەزەلدىن "ناخشا - ئۇسۇل ماكانى" دېگەن نام بىلەن دۇنياغا مەشھۇر . دىيارىمىزنىڭ مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكى قىياتاشلاردا ناھايىتى جانلىق ئەكس ئەتكەن . ئەجدادلىرىمىز ئەينى دەۋردە ئو ئوۋلاپ بولغاندىن كېيىن ئۆز غەلىبىسىنى قۇتلۇقلاپ بىر يەرگە جەم بولۇپ ، ئو جەريانىدىكى ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەش ئارقىلىق كۆڭۈل ئېچىشقان . پىلىخانوف بىر ئەسىردە "قەدىمكى چاغدىكى ئوۋچىلار ئۇسۇلىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ---- ئوۋ جەريانىدا ھايۋانلارنىڭ ھەرىكىتىگە تەقلىت قىلىشتىن كەلگەن " دەپ كۆرسىتىدۇ . ئەجدادلىرىمىز بۇ ئۇسۇللارنى ئوۋچىلىق تۇرمۇشى ئاساسىدا تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇپ ھازىرقى ھالەتكە كەلتۇرگەن . بۇلارمۇ قىياتاشلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشقا مۇۋەپپەق بولالىغان . ئۇسسۇل --- ئىپتىدائىي ئەجدادلىرمىزنىڭ يۈكسەك ئېستېتىك ئېڭى سىڭدۈرۈلگەن . مەسىلەن ، چەرچەن نەھىيىسى مۆلچەر دەرياسى جىلغىسىدىكى بۇىڭدىن 6000- 8000 يىللار ئىلگىرى دەۋرگە مەنسۇپ بولغان قىياتاش رەسىمىدە ئۇسسۇل كۆرۈنۈشى ساقلىنىپ قالغان . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە چاغانتوقاي ناھىيىسى بىلەن كۆكتوقاي ناھىيىسدىكى قىياتاشلارغا بۇ خىل كۆرۈنۈشلەر چۈشۈرۈلگەن . كۆكتوقاي ناھىيىسى تامبالتاش قىيالىرىغا چېكىلگەن ئۇسسۇل كۆرۈنۈشى سەل مۇرەككەپرەك ، ئۇنىڭدا ئوقيا تۇتقان ئىككى كىشىدىن سىرت ، 30 نەپەر ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كىشىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن . باشقا جايلاردىن تېپىلغان قىياتاش سۈرەتلىرىدىمۇ ئۇسسۇل مەدەنىيىتىمىزگە ئائىت كۆرۈنۈشلەرمۇ يۇقۇرى سالماقنى ئىگەللەيدۇ .
دېمەك ، قىياتاش سۈرەتلىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ تېخى يېزىقنى ئىجاد قىلىپ قوللانمىغان ئاشۇ يىراق ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق يالدامىسى سۈپىتىدە قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا غايەت زور رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا تەسۋىرىي شەكىللىك تېزىقلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن . شۇڭا بىز بۈگۈنكى كۈندە بۇ سۈرەتلەرنى جانلىق ۋە ئەمىلىي پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى ئۇچۇر سۈپىتىدە تونۇپ ، ئۇنى بەدىئىي تەپەككۈر ، ئىجتىمائىي ئاڭ ، سەنئەت ، دىن ، تىل - يېزىقشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قىممەتلىك پاكىتلارغا ئېرىشەلەيمىز
收藏到:Del.icio.us