ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-06

    ئۇيغۇرلاردا خاسىيەتلىك سانلار - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40592038.html

    خاسىيەتلىك سان ---- " ئۈچ "

    "ئۈچ" مۇ خۇددى "توققۇز' ۋە "يەتتە" گە ئوخشاشلا ئەجدادلىرىمىزنىڭ سان قارىشىدىكى خاسىيەتلىك سانلارنىڭ بىرىدۇر . ئۇنىڭ ئۇلۇغلىنىشىمۇ قەدىمكى شامان دىنى ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدىمۇ "ئۈچ" نى ئۇلۇغ سان دەپ بىلىدىغان ئادەتلەر ساقلىنىپ كەلمەكتە . مەسىلەن ، ئاخۇنۇم توي نىكاھىنى ئوقۇغاندا ، قىز ۋە يىگىتتىن نىكاھنى قوبۇل قىلغان - قىلمىغانلىقىنى پەقەت ئۈچ قېتىملا سورايدۇ . ئەر ئۆزىنىڭ ئايالىنى ئۈچ قېتىم "تالاق " قىلسا ، نىكاھتىن ئاجراشقانلىق بولىدۇ . كىشى ئۆلگەندە مېيىتنى يۇغاندىن كېيىن ئەر كىشى بولسا كىپەنلىكى ئۈچ قەۋەت ، ئايال كىشى بولسا بەش قەۋەت تىكىلىدۇ . يولدا ۋە باشقا جايلاردا بىرەر كىشىنىڭ ئالدىغا غايىپتىن نەرسە - كېرەك ئۇچراپ قالسا " بۇ نەرسە كىمنىڭ ؟ " دەپ ئۈچ قېتىم توۋلاش شەرت ، ئىگىسى چىقمىسا ئاندىن ئۇ كىشى ئۇچرىغان نەرسىنى قولىغا ئالسا بولىدۇ . ناماز ئۆتەش ئۈچۈن تاراھەت ئالغاندا ، ئېغىزغا ئۈچ قېتىم سۇ ئېلىپ چايقاش ، بۇرنىغا ئۈچ قېتىم سۇ ئېلىپ مەزە قىلىش .... قاتارلىقلارمۇ ئەنە شۇ ئۈچ سانىنى ئۇلۇغلاشنىڭ ئىپادىلىرىدۇر . مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىمىزدىمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ سان قارىشىدىكى "ئۈچ" توغرىلىق بايانلار خېلى كۆپ بولۇپ ، ئۇ بىزنىڭ ئۈچ مۇقەددەسلىكىگە بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . تۆۋەندە مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىدىكى "ئۈچ" كە دائىر بايانلارنى كۆرۈپ ئۆتىمىز :

    "تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى " دىكى بايانلار : تابغاچ ، قىتان ، ئوغۇز بۇ ئۈچى بىرلىشىۋالسا ، بىز تايانچسىز قالىمىز ( جەنۇب تەرەپ 12 - قۇر ) ؛ ئۈچ مىڭ كىشىلىك قوشۇن كېلىشى مۈكىن ( جەنۇب تەرەپ 14 - قۇر ) ؛ 23 شەھەرنى ۋەيران قىلدى ( شەرق تەرەپ 19 - قۇر ) ؛ بۇ ئۈچ خاقان مەسلىھەتلىشىپ ، ئالتۇن (ئالتاي) تېغىدا ئۇچراشماقچى بوپتۇ ( شەرق تەرەپ 20 - قۇر ) ؛ ئۈچەيلەن (بىللە) قوشۇن چىقىرايلى ، ئۇنى يوقىتايلى دېيىشىپتۇ ( شەرق تەرەپ 33 - قۇر ) ؛

    "كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى " دىكى بايانلار : ئۈچ قورىقانلاردىن ، ئوتتۇز تاتارلاردىن ، قىتانلاردىن ، تاتابىلاردىن بولۇپ شۇنچە كۆپ ئادەم كېلىپ ، ئۇلارغا قايغۇسىنى ئىپادىلەپتۇ ( شەرق تەرەپ 4 - قۇر ) ؛ 13 قېتىم ئۇرۇشتۇق ( شەرق تەرەپ 18 - قۇر ) ؛ ئۈچىنچى قېتىم يەگىت سىلىگ بەگنىڭ يوپۇقلۇق تورۇق ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى ( شەرق تەرەپ 33 - قۇر ) ؛ ئۈچىنچى قېتىم بولچۇدا ئوغۇزلار بىلەن سوقۇشتۇق ( شىمال تەرەپ 6 - قۇر ) ؛

    " بېلگە قاغان مەڭگۈ تېشى " دىكى بايانلار : ئۈچىنچى قېتىم چۈش دېگەن بۇلاق بېشىدا سوقۇشتۇم ( شەرقىي يۈزى 30 - قۇر ) ؛ ئۈچ ئوغۇز قوشۇنى بېسىپ كەلدى ( شەرقىي يۈزى 32 - قۇر ) ؛ تەڭرى مەدەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزۈم 33 يېشىمدا ... ( شەرقىي يۈزى 34 - قۇر ) ؛ مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقى ئىككى - ئۈچ كىشىنى باشلاپ قېچىپ كەتتى ( شەرقىي يۈزى 41 - قۇر ) ؛ ئۈچ تۈمەن ئەسكىرىنى ئۆلتۈردۈم ( جەنۇب تەرەپ 8 - قۇر ) ؛

    " بايانچۇر مەڭگۈ تېشى " دىكى بايانلار : ئۈچ بەركو دېگەن (يەردە) خان قوشۇنى بىلەن قوشۇلدۇم . ئۈچ تۇغلۇق تۈرك خەلقى .... ئۈچ قارلۇق كۆڭلىدە يامانلىق ئويلاپ قېچىپ كەتتى ؛ شۇ ئاينىڭ 15 - كۈنى كەيرە باشى ۋە ئۈچ بىر كۈدە تاتارلار بىلەن قاتتىق جەڭ قىلدىم ؛ بولچۇ دەرياسىدا ئۈچ قارلۇقنى تارمار قىلدىم ؛ سىرتتىن ئۈچ قارلۇق ئۈچ ئىدۇق ؛ مېنىڭ قوشۇنۇم ئۈچ .... تۇغ .... ؛ 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدە يۈرۈش قىلدىم ؛ ئۇ يەردىن قايتىپ .... ئۈچ تۇغنى ..... بىرلەش..... 21 ى ئوردىنى .... 23 ئۇ يەردە نەيزە سانجىدىم ؛ يارىش ۋە ئاغۇلىخ ئارىلىقىدا ... ئۈچ تۈمەن .... نەيزىلىگەن يەردە ..... ئويلاپتۇ . ئۈچ تۇغلۇق تۈرك خەلقى .....

    مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىدىكى يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان سۆز - جۈملىلەر گەرچە ئاز ۋە ئاددى بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلاردا سان مۇقەددەسلىكى خېلى يۇقۇرى ئورۇنغا قويۇلغان . شۇڭلاشقا ، ئۇ " خەلقىمىزنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادلىرىنىڭ بىرى" "ئۈچ" مۇقەددەسلىكىگە نىسبەتەن چۈشەنچىمىزنى ئاشۇرۇشتا بىزنى قىممەتلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ .
    دېمەك ، كۆك تۈرك ۋە ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقى مەدىنىيىتىدىن قىسقىچە مەلۇمات بېرىدىغان بۇ تاش ئابىدىلەر بىزگە ئەجدادلىرىمىزنىڭ سان مۇقەددەسلىكى قارىشىدىكى " توققۇز " ، " يەتتە " ، " ئۈچ" قاتارلىق خاسىيەتلىك سانلارنىڭ يىراق ئۆتمۈشتىن تارتىپ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇلۇغلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى يورۇتۇپ بېرىدۇ .


    خاسىيەتلىك سان ----- " يەتتە "

    خاسىيەتلىك سان " يەتتە " چۈشەنچىسى " توققۇز " سانىنىڭ سىرلىق خاراكتېرىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ ، " يەتتە " بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ئادەتلەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى كەڭ تارقالغان . بىر قىسىم ماتىرىياللاردا " ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ئىسلام دىنى تارقىلىشتىن بۇرۇنقى خاتىرىلەردە 'يەتتە' نىڭ سىرلىق خاراكتېرىگە ئىگە بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار ئۇچرىمايدۇ . " ( ليۇ زىشاۋ 'ئۇيغۇر تارىخى' 1 - قىسىم ، 40 - 41- بەت ) دەپ يېزىلغان . ئەمما مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىدىكى " يەتتە" بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆز - جۈملىلەر يۇقۇرىقى قاراشنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ .
    ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ، مەڭگۈ تاشلار 8 - ئەسىرلەردە ئورنىتىلغان . ئىسلام دىنى بولسا 10 - ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقالغان . ئەمما ئاشۇ مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىدە ئەجدادلىرىمىزنىڭ سان مۇقەددەسلىكى ئېڭىدىكى " يەتتە" گە دائىر كۆپلىگەن بايانلار ئۇچرايدۇ . شۇ نۇقتىدىن چۈشۈنۈشكە بولىدۇكى ، " يەتتە" ئۇلۇغلۇقى ھەرگىزمۇ ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس . بەلكى ئىسلام دىنى تەسىرىدە تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن . " سىرلىق سان 'يەتتە' ئالدى بىلەن پارسلارنىڭ زورا ئاستىر (ئاتەشپەرەسلىك) دىنى مەدىنىيىتى تەسىرىدە بارلىققا كەلگەن . ئۇنىڭ مانى دىنى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرگەنلىكى ۋە ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى بىلەن بىرلىشىپ مۇئەييەن بىر ئادەت تۈسىنى ئالغانلىقى مەلۇم . " (ئا. رەھمان ، ر. ھەمدۇللا ، ش . خۇشتار لارنىڭ 'ئۇيغۇر ئۆرپ- ئادەتلىرى' ناملىق كىتابىنىڭ 167- بېتىگە قاراڭ)
    تۆۋەندە بىز مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىدە خاتىرلەنگەن خاسىيەتلىك سان " يەتتە" گە دائىر بايانلار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز :

    "تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى " دىكى بايانلار : ئورمانلىق ۋە تاغ - دالىلاردا قالغانلىرى يىغىلىپ يەتتە يۈز بولدى . بۇ يەتتە يۈز كىشىنى باشلاپ يۈرگۈچى قوشۇن ئۇلۇغ شاد ئىدى ( غەرب تەرەپ 4- ، 5 - قۇر ) ؛ ئىلتەرىش خاقان دانا ، باتۇر بولغانلىقى ئۈچۈن تابغاچ بىلەن 17 قېتىم ئۇرۇش قىلدى . قىتانلار بىلەن يەتتە قېتىم سوقۇشتى ( غەرپ تەرەپ 49 - قۇر ) ؛ قاپاغان خاقان 27 ياش ۋاقتىدا ، مەن قاپاغان خانغا ياردەملىشىپ ، ئۇنى تەختكە ئولتۇرغۇزدۇم ( غەرپ تەرەپ 51 - قۇر ) ؛

    "كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى" دىكى بايانلار : شەرقتىن غەربكىچە يۈرۈش قىلىپ توپلىغان كىشى يەتتە يۈز بوپتۇ ، يەتتە يۈز كىشى بولغاندىن كېيىن ،،،،،( شەرق تەرەپ 15 - قۇر ) ؛ ئۇ 47 قېتىم ئەسكەر چىقىرىپتۇ (شەرق تەرەپ 15 - قۇر ) ؛ ئىنىم كۆلتېگىن يەتتە ياشتا ئىدى ( شەرق تەرەپ 30 - قۇر) ؛ كۆلتېگىن 27 يېشىدا ، قارلۇقلار ئۆزىگە خوجا بولدى ۋە دۈشمەنلەشتى ( شىمال تەرەپ 1- قۇر ) ؛ قوشۇن ئۇرۇش قىلىۋاتقاندا ، يەتتىنچى ئەرنى قىلىچلىدى ( شىمال تەرەپ 5 - قۇر ) ؛ كۆلتېگىن قوي يىلىنىڭ 17 - كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى ، 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئۆلۈم رەسمىيىتىنى ئۆتكۈزدۇق . قەبرىسى ، نەقىشى ، تاش پۈتۈكى (تاش مۇنار) مايمۇن يىلى 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى پۈتۈنلەي ياسىلىپ بولدى ، كۆلتېگىن 47 يىل ئۆمۈر كۆردى ( شەرقىي - شىمال تەرەپ ) .

    " بېلگە قاغان مەڭگۈ تېشى " دىكى بايانلار : شەرقتىن غەربكىچە توپلىغان كىشى يەتتە يۈز بوپتۇ . يەتتە يۈز كىشى بولغاندىن كېيىن .... (شەرقىي يۈزى ) ؛ ئۇ 47 قېتىم ئەسكەر چىقىرىپتۇ ( شەرقىي يۈزى ) ؛ 17 يېشىمدا تاڭغۇتقا قوشۇن ئەۋەتتىم ( شەرقىي يۈزى 24 - قۇر ) ؛ 27 يېشىمدا قىرغىزلارغا يۈرۈش قىلدىم ( شەرقىي يۈزى 26 - قۇر ) ؛ بىرىنچى كۈنى تابغاچنىڭ ئون يەتتە مىڭ ئاتلىق ئەسكىرىنى يوقاتتىم ( جەنۇب تەرەپ 1 - قۇر ) ؛ چوشقا يىلى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزدۇق ( جەنۇب تەرەپ 10 - قۇر ) ؛ يەتتە كېچە - كۈندۈزلەپ مەن سۇسىز چۆللەرنى كېسىپ ئۆتۈپ چوراققا يېتىپ باردىم ( شەرقىي - جەنۇبى يۈزى ) .

    يۇقۇرقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، ئۇيغۇرلارنىڭ سان چۈشەنچىسىدىكى " يەتتە" ئۇلۇغلۇقى ھەرگىزمۇ ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى بىلەن شەكىللەنگەن بولماستىن ، بەلكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە بارلىققا كەلگەن .


    خاسىيەتلىك سان ---- ' توققۇز "

    " توققۇز " نى ئۇلۇغلاش قەدىمكى ئاتا - بوۋىلىرىمىز تۇرمۇشىدا خېلى بۇرۇنلا شەكىللەنگەن بولۇپ ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ ساننى ئۇلۇغلىشى ھەققىدە تارىخىي ماتېرىياللاردا " خاسىيەتلىك (9) سان چۈشەنچىسى تۈركىي خەلقلەرگىلا خاس بولغان بىر خىل مىللىي ئەنئەنە قارىشىدۇر " ( ئابدۇرەھىم راخماننىڭ ' ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان' 559 - بەتكە قاراڭ ) دەپ ئېنىق خاتىرىلەنگەن .
    كۆپلىگەن مەلۇماتلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىچە ، " توققۇز " نىڭ خاسىيەتلىك سان بولۇپ قېلىشى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ شامانىزىملىق ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، قەدىمكى ئۇيغۇر شامانىستلىرىنىڭ ئىپتىدائىي تەسەۋۋۇرىدىكى كۆك تەڭرى ئېتىقادىدىن " يەتتە يۇلتۇز ئىلاھى " چۈشەنچىسى كېلىپ چىققان ۋە بۇ يەتتە يۇلتۇز ( يەتتە سەييارە ) ئايرىم - ئايرىم ناملار بىلەن ئاتىلىپ ، يەتتە ئىلاھ سۈپىتىدە ئۇلۇغلانغان ھەمدە يەتتە " ئىلاھ" نىڭ ھەر بىرى بىر ھاياتلىق ئالىمى ھېسابلىنىپ ، ئۇنىڭغا يەنە پانىي ئالەم ( تۇپراق) ۋە يەر ئاستى دۇنياسى (روھىناتلار ماكانى) قوشۇلۇپ ، پۈتۈن ئالەم توققۇز ھاياتلىق مەنبەسىدىن قۇرۇلغان دېگەن ئىپتىدائىي چۈشەنچە بارلىققا كەلگەن . شۇنداق قىلىپ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈپ ئالەم قارىشى " توققۇز " غا مۇجەسسەملەشكەن . شۇ سەۋەبتىن بۇ سان ئۇلۇغلۇقى مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . تۆۋەندە مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىدىكى " توققۇز" غا مۇناسىۋەتلىك بايانلارنى كۆرۈپ ئۆتىمىز :

    "تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى" دىكى بايانلار : توققۇز ئوغۇز (خەلقى) ئۈستىدە خاقان ئولتۇرۇپتۇ (غەرب تەرەپ 9 - قۇر)
    " كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى " دىكى بايانلار : توققۇز ئوغۇز بەگلىرى ، خەلقلىرى ، سىلەر بۇ سۆزلىرىمنى ياخشى ئاڭلاڭلار ( جەنۇپ تەرەپ 2- قۇر) ؛ ئوڭ (جەنۇپ) تىن توققۇز ئەرسەنگىچە قوشۇن تارتتىم( جەنۇپ تەرەپ 3 - قۇر ) ؛ سول تەرەپ (شىمال) تە باز خاقانى ۋە توققۇز ئوغۇزلار دۈشمىنى ئىكەن (شەرق تەرەپ 14 - قۇر) ؛ توققۇز ئوغۇزلار ئەسلىدە ئۆز خەلقىم ئىدى (شىمال 4- قۇر) ؛ توققۇز ئەرنى ئەگىپ يۈرۈپ چېپىپ تاشلىدى (شىمال تەرەپ 6- قۇر) ؛ كۆلتېگىن ئۈگىسىز (دېگەن) ئاق ئېتىنى مىنىپ توققۇز ئەرگە نەيزە سانجىدى (شىمال تەرەپ 9 - قۇر) ؛ 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئۆلۈم رەسمىيىتىنى ئۆتكۈزدۇق (شەرقىي شىمال تەرەپ) .
    " بېلگە قاغان مەڭگۈ تېشى" دىكى بايانلار: توققۇز ئوغۇز .... (شەرقىي يۈزى 1 - قۇر) ؛ توققۇز ئوغۇزلار دۈشمىنى ئىكەن ( شەرقىي يۈزى 14 -قۇر ) ؛ توققۇز ئوغۇزلا مېنىڭ خەلقىم ئىدى (شەرقىي يۈزى 29 - قۇر ) ؛ ئوغۇزلار توققۇز تاتارلار بىلەن بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىپ كەلدى ( شەرقىي يۈزى 34 - قۇر ) ؛ توققۇز ئوغۇز خەلقى يەر - سۈيىنى تاشلاپ تابغاچقا باردى ( شەرقىي يۈزى 35 - قۇر ) ؛ ئوتتۇز توققۇز يېشىمدا يازدا تاتابىلاغا يۈرۈش قىلدىم ( جەنۇب تەرەپ 2 - قۇر ) ؛ 19 يىل شاد بولدۇم ، 19 يىل خاقان بولدۇم ( جەنۇب تەرەپ 9 - قۇر ) .
    " بايانچۇر مەڭگۈ تېشى " دىكى بايانلار : توققۇز ئوغۇز ئۈستىدە يۈز يىل ئولتۇرۇپ .... ؛ توققۇز تاتارلارنى قالدۇرمىدۇق ؛ توققۇز ئوغۇز بەگلىرى كەلدى ؛ توققۇزىنچى كۈنى قوشۇن چىقاردىم ؛ سەككىز ئوغۇز ، توققۇز ( تاتار ) ؛ سەككىز ئوغۇز توققۇز تاتارنىڭ ھەممىسى كەلدى ؛ 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى سوقۇشتۇم ؛ 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئۇرۇش قىلدىم ؛ توققۇز ئوغۇز بەگلىرى كەلدى ؛ توققۇزىنچى كۈنى قوشۇن چىقاردىم .

    يۇقۇرىقى مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىدە تىلغا ئېلىنغان " توققۇز " كۆپىنچە ھالدا قەبىلە نامى سۈپىتىدە كەلگەن . چۈنكى ئۇيغۇر قەبىلە ئىتتىپاقى تەركىبىدە قەبىلىلەرنىڭ " ئىچكى توققۇز قەبىلە " ، " تاشقى توققۇز قەبىلە " دەپ ئاتىلىشى ، ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە " توققۇز" لۇق تۈزۈلمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئەنە شۇ " توققۇز " نى مۇقەددەس بىلىشتىن ئىبارەت ئەقىدىدىن كەلگەن . (ليۇ زىشىياۋ 'ئۇيغۇر تارىخى' 1- قىسىم 40- 41- بەتكە قاراڭ ) شۇ سەۋەپتىن مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىدىكى قەبىلە نامى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان "توققۇز" نى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەينى دەۋردىكى ساننى ئۇلۇغلاش قارىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ .


    --------------------------------------------------------------------------------
     
    " كومىراجىۋا" ناملىق كىنو سىنارىيىسىدە ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمكى سان مۇقەددەسلىكى ئىزنالىرىدىن بىرى بولغان " توققۇز" مۇقەددەسلىكى ھەققىدە بايانلار بار . يەنى كومىراجىۋا پادىشاھ ياۋ شىن تەرىپىدىن چاڭئەنگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، ياۋ شىن بۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ نەسلىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە كومىراجىۋاغا : ' ھەزرەتلىرى ، ئۆزلىرىدەك ئاقىل ، نادىر پىرى ئۇستاز ئالەمگە مىڭ يىلدا بىرەر قېتىم كېلىدۇ ... خانىش بىلەن ئىككىمىز مەسلىھەت قىلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ ئېسىل نەسلىنى ئالەمگە تارالسۇن ، ئەۋلادلىرى كۆپىيىپ ، ئەل زېھنى ساپا تاپسۇن دەپ ، خۇرلار ئادىتى بويىچە قىزىل گۈلدەك ئۇشبۇ توققۇز قىزنى ' توققۇزى تەل بولغاي' دەپ ئەمىرلىرىگە ئېلىپ كەلدۇق .... " دەيدۇ . كومىراجىۋا بولسا " توققۇزى تەل بىزنىڭ سۆزىمىز " دەپ جاۋاپ بېرىدۇ . بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، " توققۇز" نى مۇقەددەس بىلىش ---- ئادىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن 


    مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىدىكى سان مۇقەددەسلىكى توغرىسىدا

    مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرى كۆك تۈرك خانلىقى ۋە قەدىمقى ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى خاقانلارنىڭ نەسەبنامىسى سۈپىتىدە ئۇ بىزنى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ، قەبىلىلەر ئارا ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلار ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادلىرى ، ئۆرپ - ئادەتلىرى ، قەبىلىلەرنىڭ ناملىرى ، ياشىغان ئورۇنلىرى ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋاللىرى ھەققىدە مۇھىم مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن ، بەلكى ئەينى دەۋردىكى ئەجدادلىرىمىز ئېڭىدىكى سان مۇقەددەسلىكى ھەققىدىمۇ قىممەتلىك ئۇچۇرغا ئىگە قىلىدۇ .
    ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمقى تارىخىدىن خەۋەر بېرىدىغان بىر قىسىم ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولىشىچە : " ئەجدادلىرىمىزدا 5 - ئەسىرلەردىن بۇرۇنلا مۇرەككەپ سان ئۇقۇمى شەكىللىنىپ تەرەققى قىلغان ، خاسىيەتلىك سان ئۇقۇمى ئومۇملاشقان . تەقۋىم قوللىنىش ئادىتى شەكىللەنگەن . ئەجدادلىرىمىزدىكى خاسىيەتلىك سان ئۇقۇمىنىڭ كېلىش مەنبەسىگە ئاساسلانغاندا ، ئۇلاردىكى ئىپتىداىي تۈپ سان ئۇقۇمى ئۇلارنىڭ ئاڭ ئېتىقادى بىەن مۇناسىۋەتلىك " ( ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللانىڭ ' ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى ' ناملىق كىتابىنىڭ 566 - بېتىگە قاراڭ ) دېيىشكە بولىدۇ . مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىدە قەدىمكى دەۋرلەردىكى سان مۇقەددەسلىكى ئىزنالىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ ، " توققۇز" . " يەتتە " ، " ئۈچ " تىن ئىبارەت خاسىيەتلىك سانلار ھەققىدە خېلى كۆپ مەنبەلەر خاتىرلەنگەن .


    توققۇز ئوغۇز ۋە ئون ئۇيغۇر

    شەرقىي قاڭقىللارنىڭ تەركىبىدە ناھايىتى كۆپ تۇرا قەبىلىلىرى بار ئىدى . بۇ قەبىلىلەر ئىچىدە داڭلىق ئىككى گۇرۇھ بولۇپ ، بىرى ئۆزلىرىنى " توققۇز ئوغۇز " دەپ ئاتايتتى ؛ يەنە بىرى " ئون ئۇيغۇر " دەپ ئاتايتتى . بۇ ئىككى گۇرۇھ كېيىنچە ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ يادروسى بولۇپ قالدى . ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىچىدە مۇنداق بىر رىۋايەت تارقىلىپ يۈردى :
    بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندا ، ئون دەريا ئېقىپ تۇرىدىغان بىر جاي بار ئىمىش ، يەنە بىر جايدا توققۇز دەريا بار ئىمىش . قەدىمكى دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ھېسابلايدىغان ھەر قايسى قەبىلىلەرنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى مۇشۇ دەريالارنىڭ قىرغىقىدىكى تاغلار بىلەن يايلاقلار ئىكەن . ئون دەريانى ياقىلاپ ئولتۇراقلاشقانلار " ئون ئۇيغۇر " ، توققۇز دەريا رايونىدىكىلەر " توققۇز ئوغۇز " دەپ ئاتىلىدىكەن . ھېلىقى ئون دەريا بىر تۇتاش ھالدا ئون كۈن سۇ دېيىلىدىكەن ، بۇ سۇلارنىڭ نامى ئايرىم - ئايرىم يېشىللىق ، ۋۇدىنگىر ، بوجىس ، ۋۈسقۈندۈر ، تۇغلا ، تار - تار ، ئېدىل ، ئۈچ تەبىن ، ھەمرابقۇ ۋە ئۆتۈكەن دېگەن ناملاردىن ئىبارەت ئىكەن . بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى ئۈچ دەريا ساھىلىدا تۇرىدىغانلار توققۇز قەبىلە بولۇپ ، قالغان تۆت دەريا ساھىلىدىكىلەر بەش قەبىلە ئىكەن . توققۇزىنچى دەريا ياقىسىدا تۇرىدىغانلار " لۇڭ " دەپ ئاتىلىدىكەن . ئونىنچى ھەريا ساھىلىدىكىلەر " ھاماغ - ئۆكۈس " قەبىلىسى ئىكەن . نەچچە يىللار ۋە دەۋرلەر ئۆتۈپمۇ ، بۇ قەبىلىلەردە ئورتاق بىر جەمەت پېشۋاسى بولماپتۇ . ھەرقانداق چاغدا ، ھەر قايسى قەبىلىلەر ئۆز ئارا زورلۇق ئىشلىتىپ تالاش - تارتىش قىلىدىكەن - دە ، مەلۇم بىر ئۇرۇقتىن بىرەر كۈچتۈڭگۈر ئادەم چىقىپ ، شۇ قەبىلىگە داھى بولىدىكەن . كېيىنچە ھەرقايسى قەبىلىلەر ئورتاق مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ قۇرۇلتاي ئېچىپتۇ ، قۇرۇلتايغا قاتناشقانلار ئىشكە قەبىلىسىدىن ئەڭ ئاقىل بىرىنى ئۆزلىرىگە داھى قىلىپ تاللاپ ، ئۇنىڭغا ئېركىن دەپ نام بېرىپتۇ . ئون كۈن قەبىلىسىدىن يەنە بىر ئەڭ ئەقىللىق ئادەمدىن داھىلىققا كۆرسىتىپ ، ئۇنىڭغا " ئىلتىرىش " دەپ قويۇپتۇ . ۋە بۇ ئىككى ئادەمنى ھەر قايسى قەبىلىلەرنىڭ جەمەت پىشۋاسى تۇرۇشلۇق ئۇرۇقلار ئۇيغۇرلارغا يۈز نەچچە يىل ھۆكۈمران بولۇپتۇ .
    بۇ رىۋايەتتە كۆرسىتىلگەن ئون دەريا شەك - شۈبھىسىزكى ئورقۇن دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارماق ئېقىنلىرىدۇر . ئۇرقۇن دەرياسىمۇ بايقال كۆلىگە ئېقىپ كىرىدىغان سېلىنگا دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى تارماق ئېقىن . ئۇرقۇن دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىدىمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلىدىغان نۇرغۇن كىچىك دەريالار بار . " شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى قاڭقىللار ھەققىدە قىسسە " دىكى شەرقىي قاڭقىللار " لوھۇن كۆلىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى يۈز نەچچە چاقىرىم يىراق جايغا كۆچكەن " دېگەن سۆز مۇشۇ رىۋايەتتە كۆرسىتىلگەن رايون بىلەن ئوخشاش . ئۇرقۇن دەرياسى قەدىمكى چاغلاردا " ئون كۈن سۇ " دەپ ئاتىلاتتى . " ئون كۈن " دېگەن سۆز تۈرك تىلىدىكى on - kun نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىدى . قەدىمكى دەۋردە ، ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى قۇشنى توتېم قىلغان قەبىلىلەردە قۇياشقا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئادىتى بار ئىدى . شىمالىي ئاسىيادىكى شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر قايسى مىللەتلەردە ۋە ئېلىمىزدىكى قەدىمكى ئەپسانىلەردە قۇياش دەرەختىن تۇغۇلغان دېگەن قاراش بار ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار توققۇز قۇياش دەرەخنىڭ ئۈستۈنكى شېخىدا ، بىر قۇياش تۆۋەنكى شېخىدا بولىدۇ ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە قۇشلار قونالايدۇ دەيتتى .
    ئۇرقۇن دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىدا تۇرۇپ ئۆزلىرىنى ئون ئۇيغۇر دەپ ئاتىغان بۇ قاڭقىللار قەبىلە گۇرۇھى ، مەيلى ئۇلار ياشىغان جايدا ھەقىقەتەن ئون تارماق ئېقىن بولسۇن ۋە ياكى ئۇلار " ئون كۈن " دەپ ئاتالغان دەريا ئېقىنىنىڭ يېقىن يېرىدە تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسۇن ، ئۆزلىرىنى ئون ئۇيغۇر دەپ ئاتىدى . ئەلۋەتتە ، ئۇلار بەلكى ئونغا چوقۇنىدىغان ۋە قۇياشقا ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان بولغاچقا ، ئۆزلىرىگە ئون ئۇيغۇر دەپ نام بەرگەن ۋە شۇ تۈپەيلى ئۆزى تۇرۇشلۇق جاينىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى دەريا ئېقىنلىرىنى ئون كۈن دەرياسى دەپ ئاتىغان بولۇشىمۇ مۈمكىن . يەنە بىر خىل چۈشەندۈرۈشلەردە ، ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئون فامىلە ياكى ئون ئۇرۇق بولغان ، ئۇيغۇر ( uycur ) دېگەن ئاتالغۇ تۈرك تىلىدىكى " ئۇيۇشقانلار " دېگەن سۆز ، ئون ئۇيغۇر دېگىنىمىز " ئون فامىلىنىڭ بىرلەشكەنلىكى " دېيىلدى . كېيىنكى خاتىرىلەرگە ئاساسەن بىلىشىمىزچە ، ئون ئۇيغۇرنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ياغلوقارلار ئۇرۇقىدىن چىققانىدى .
    توققۇز ئوغۇز دەپ ئاتالغان يەنە بىر قاڭقىللار قەبىلە گۇرۇھى تۇغلار دەرياسى ساھىلىدا ئىدى . ھالبۇكى تۇغلا دەرياسىنىڭ قەدىمكى نامى " دۇلا " تاكى " تۇخۇلا " بولۇپ ، بۇ تۈرك تىلىدىكى " توققۇز" نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىدى . تۇغلا دەرياسى دېگەن سۆز دەل " توققۇز دەريا " دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى . تۇرالار ئىچىدە توققۇزغا چوقۇنىدىغان قاراش بار ئىدى . شامان دىنىمۇ ئاسمان توققۇز قەۋەت بولىدۇ دەپ قارايتتى . " تۈركىي تىللار دىۋانى " دىكى " توققۇز تۇغلۇق خان " دېگەن ماددىدا " ئۆلكە رايونلارنىڭ چوڭ - كىچىك بولىشىدىن ، ئابروي - ئىناۋەتنىڭ قانچىلىك يۇقۇرى بولىشىدىن قەتئىنەزەر ، ئۇنىڭ توققۇزدىن ئارتۇق بولۇپ كېتىشىگە يول قويۇلمايتتى . چۈنكى توققۇز دېگەن سان بەخت - سائادەتتىن دېرەك بېرەتتى " دەپ يېزىلغانىدى . كېيىنكى ئۇيغۇر خاقانلىقىدىمۇ ئىزچىل رەۋىشتە توققۇزدىن ۋەزىر تەيىنلىنەتتى . ئۇيغۇرلار خوتۇنلارغا ئوتۇغات نامى بېرىدىغان مۇراسىملاردا ، ھەرقايسى ۋەزىرلەرنىڭ خوتۇنى تەختىراۋانغا ئولتۇرۇپ ، " قۇياشنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ئوردا ھويلىسىدا ئوڭ تەرەپنى بېسىپ توققۇز نۆۋەت ئايلىناتتى " . قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولغان ئۇيغۇرلارمۇ توققۇزغا باش قوياتتى . " ساناقتا توققۇزنى بىرلىك قىلاتتى ، بىر توققۇز ، ئىككى توققۇز ۋە ئۈچ توققۇز دەپ ساناش قائىدە يوسۇنلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى . " ئىدى . مۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ . ئۆزىنى " توققۇز ئوغۇز " دەپ ئاتىغان بۇ قەبىلە گۇرۇھى ، مەيلى " توققۇز دەريا " مەنىسىدىكى تۇغلا دەريا ساھىلىدا ياشىغان بولسۇن مەيلى ئۇلاردا توققۇزغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئادەت بار بولسۇن ، ياكى ھەر ئىككى سەۋەب ئوخشاش رول ئوينىغان بولسۇن ، ئۇلار ئۆزلىرىنى " توققۇز ئوغۇز " ( Tokuz - ocuz ) ياكى " توققۇز ئۇرۇق " دەپ ئاتىدى . " شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى . تۇرالار ھەققىدە قىسسە " بىلەن " سۈينامە ، تۇرالار ھەققىدە قىسسە " دە ، مىلادى V -- VI ئەسىرلەردە ، تۇغلا دەرياسى ساھىلىدا تۇرمۇش كەچۈرگەنلەر ئىچىدە بۆكۈ ، توڭرا ، بايىرغۇ ، ئىزگىل ، بوركلى ، خون ، قۇشۇف قاتارلىق قەبىلىلەر بار ئىدى دەپ خاتىرلەندى .
    قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى ئىچىدە ئېقىپ يۈرگەن يۇقۇردىكى رىۋايەتلەردە ، توققۇز ئوغۇزلار بىلەن ئون ئۇيغۇرلارغا يېقىن ئەتراپتا يەنە 122 قەبىلىنىڭ بولغانلىقى ھەققىدە گەپ - سۆزلەر بار . لېكىن ئۇلارنىڭ نام - ئەمالى بىزگىچە يېتىپ كەلمىگەن . بۇنىڭدىن شەرقىي قاڭقىللار گۇرۇھىدىكى قەبىلىلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ .
    تار مەنىدىن ئېيتقاندا ، ئۇيغۇرلار دېگىنىمىز ياغلۇقارلار ئىدى . توققۇز ئوغۇزنىڭ تەركىبىدە بولسا ، ئەسلىدىكى شەرقىي قاڭقىللارغا تەئەللۇق بىر تالاي تۇرا قەبىلىلىرى بار ئىدى . كەڭ مەنە جەھەتتىن ئېيتقاندا ، ئۇيغۇر ۋە توققۇز ئوغۇزلار قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى دالىدا تۇرمۇش كەچۈرگەن پۈتۈنسۈرۈك تۇرا قەبىلىلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى ئىدى .


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.