ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-28

    ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئوچېرىكلار....نىڭ داۋامى(3) - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40061559.html

    7 - باب سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى

    14 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چاغاتاي ئۇرۇقى ئىچىدە جىددىي پارچىلىنىش يۇز بەردى.

    بىر قىسمى تۇغلۇق تومۇرخان يەتەكچىلىكىدە (300 مىڭ كىشى) ئىسلام دىنىغا كىردى (1). بۇلارنى ئىقرابانچۇق ياكى "يانغانلار"، ئىسلام دىنىغا كىرمىگەنلەرنى "قالغانلار" دەپ ئاتاشتى. "قالماق" سۆزى ئەنە شۇ كېيىنكى سۆزنىڭ ئوزگەرگەن ۋارىيانتى. ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ كۈچلۈك تەسىر كورسىتىشى ئارقىسىدا چاغاتاي ئەۋلادىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەنىدى. ئارىدىكى ئۇزۇنغىچە داۋام قىلغان ۋەيرانچىلىقتا ھاراپ بولغان مائارىپ ۋە سەنئەت يەكەن مەركەز قىلىنغان سەئىدىيە خانلىقى (1514 - 1678 - يىللار) دەۋرىدە قايتا گۇللەندى. چۈنكى بۇ دەۋردە مەدەنىي - مائارىپ ۋە سەنئەتنىڭ گۇللىنىشى ئۈچۈن بىرقەدەر تىنچ مۇھىت يارىتىلدى. سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەسىس قىلغۇچىسى خۇجا باتۇر سۇلتان سەئىد ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مەرىپەتپەرۋەر ئالىم ۋە ئەدىبلەردىن ئىدى. شۇڭا بۇ دەۋردە يۇقىرى دەرىجىلىك مەدرىسە، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ دەرىجىلىك مەكتەپلەر، مۇزىكا مەكتەپلىرى (بەزى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ چاغدا قۇرۇلغان مەكتەپلەر جەمئىي 2263 كە يەتكەن. 1522 - يىلى قۇرۇلغان "مىرزا ھەيدەر" مەدرىسى، 1630 - يىلى قۇرۇلغان مەشھۇر "ساقىيە" ناملىق مەدرىسە شۇ چاغدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ھېسابلىناتتى) قۇرۇلۇپ نۇرغۇن ئالىملار، ئوقۇتقۇچىلار، مۇزىكاشۇناسلار، تارىخشۇناسلار، ئەدىب - يازغۇچىلار، بىناكارلىق ماھىرلىرى تەز يېتىشىپ چىقتى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ دەۋردە "سىپاھىيە" (ھەربىي مەكتەپ)، "شىپاھىيە" (تىببىي مەكتەپ)، "ھودۇدىيە" (چېگرا ساۋاتى) ۋە "ئايىنەئى ساپارات" (ئەلچىلەر ئەينىكى) قاتارلىق كەسپىي مەكتەپلەرمۇ تەسىس قىلىندى. ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسىنىڭ ئاساسى مۇشۇ چاغدا مەيدانغا كەلدى. بولۇپمۇ بۇ دەۋردىكى مائارىپنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە مەشھۇر ۋەكىلى سۇلتان ئابدۇرەشىدخان (1510 - 1570 - يىللار) شۇ چاغدىكى قەشقەر ۋە يەكەن خانلىق مەدرىسلىرىدە ياخشى تەلىم ئالغان ئىقتىدارلىق ئالىم ۋە سىياسەتچى ئىدى. ئاتاقلىق تارىخچى موللا موسا سايرامى ئۇنى "ئالىم، پازىل شائىر، ئەرەب، پارسچە بىلىدىغان تىلشۇناس ۋە ماھىر مۇزىكاشۇناس..." دەپ تەرىپلىگەن. "تارىخىي رەشىدى" ناملىق ئەسەردە: "ئۇ ئالىملارنىڭ ھىمايىچىسى، مۇزىكا ئىلمىنىڭ مۇسەننىفى. ئۇ، چارتار، دۇتار، ساتا، قالۇن، تەمبۇر، راۋاب، ئۇد، غىجەكلەرنى ياخشى چالاتتى. ئۇ ماھىر خەتتات ۋە پارسچە، تۈركچە شېئىر يازالايدىغان كامىل شائىر ئىدى" دەپ تەرىپلەنگەن. شۇڭا بۇ دەۋردە ئاماننىساخان، مىرزا ھەيدەر قەشقەرى، قەدىرخان يەكەندى، مەۋلانا ھۇلقى، مىرزا مىرەك چالىش، ئايازى قاتارلىق نۇرغۇن تالانتلىق مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر يەتىلىپ چىققانىدى. سەئىدىيە دەۋرى مائارىپىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ھوسنخەتشۇناسلىقنىڭ كۆپ دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقى بولدى. دەرسلىك كىتاب، نادىر ئەسەرلەرنى ھوسنخەت بىلەن يېزىش تەلەپ قىلىناتتى. ئۇلار "خەتتات" دەپ ئاتىلاتتى. مۇھۇر، تامغا، قەبرە تاشلىرى، مەدرىسە، گۇمبەز، مۇنار تاملىرى كوزنى چاقنىتىپ تۇرىدىغان ھوسنخەتلەر بىلەن بەزىلەتتى ۋە نەقىشلىنەتتى. گۇل چىقىرىپ، ئىچىگە نەقىش شەكلى بىلەن قوندۇرۇلغان ھۆسنخەتلەر ئىمارەتكە سىن كىرگۈزۈپ، كۈركەملىكىنى ئاشۇراتتى. ئەينى زاماندا خەتتاتلىق سەنئىتىنى بىلمىگەن كىشىلەر تولۇق بىلىملىك ھېسابلانمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھوسنخەت ئىلمى خانلىق مەدرىسلەرنىڭ ئاساسىي دەرسلىرى قاتارىدا ئوگىتىلەتتى. سەئىدىيە دەۋرىدە يەنە "نورۇز" پائالىيەتلىرى ئەڭ گۇللەنگەن بولۇپ، مۇشۇ ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئىجتىمائىي تەنتەربىيە ۋە ئىجتىمائىي تەلىم - تەربىيە كەڭ يۇرگۇزۇلەتتى. نورۇز پائالىيەتلىرى رەڭگارەڭ تۇرلەرنى ئوز ئىچىگە ئالاتتى: "نورۇز چەيى"، "ھەپتە سالام"، "مۇشائىرە كەچىلىكى"، "نورۇز ناخشا - قوشاقلىرى"، "نورۇز مەشرىپى"، "نورۇزلۇق مۇنبىرى"، "چەۋاندازلارنىڭ ئات بەيگىسى"، "ئوغلاق تارتىشىش"، "چەلىشىش"، "ئەلنەغمە مۇنبىرى"، "چاقپەلەك ئويناش" ۋە باشقىلار. سەئىدىيە مائارىپى "نورۇز بايرىمى" دىن كېيىن، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ دەرسىنى باشلايتتى. ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى يەتلەپ مۇئەللىملەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەدەب - ئەردەم بىلەن توۋەندىكى سۆزنى بەجا كەلتۇرەتتى: "پەرزەنتىمىزنىڭ جېنى تەڭرىمىزدىن، ئۇستىخىنى ئاتا - ئانا (بىز) دىن؛ بەختى - ئىقبالى ئۇستازىدىن..." ئاتا - ئانىلار مۇشۇ تەرىزدە ئۆزىنىڭ پەرزەنتىلىرىنى مەكتەپكە تاپشۇراتتى. مۇئەللىم جاۋابەن توۋەندىكى مۇشائىرەنى بايان قىلىپ بالىنى قوبۇل قىلىپ ئالاتتى: "مەرىپەت چىرىغى دىلىنى ئاچقاي، مەرىپەت ئاچقۇچى تىلىنى ئاچقاي..." مۇشۇنداق رەسمىيەت ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سەئىدىيە مەكتەپلىرىنىڭ مائارىپ نىزام - قائىدىسى ئىدى. "نورۇزلۇق مۇنبىرى" دە مەلۇماتلىق ۋەئىز (ناتىق) لار ۋە نوپۇزلۇق جامائەت ئەربابلىرى سۆزگە چىقىپ پەندى - نەسىھەتلەر ئارقىلىق تەلىم - تەربىيە ئېلىپ باراتتى. بۇنداق ئۇسۇل مەكتەپلەردىمۇ پات - پات بولۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى تۈۋەندىكىچە:  ئۆزىدە سەخىيلىق، ئىلىم ۋە ساداقەت سۈپەتلىرى يېتىشكەن كىشى مەرت بولالايدۇ.  ھەققانىيەت ئۈچۈن كەلگەن بالا - قازانى راھەت بىل.  خەلق پايدىسى ئۈچۈن ئۆزۈڭنىڭ زىيىنىغا رازى بول.  زىيادە مۇبالىغە ۋە مەدھىيىچىلىك شائىرنى يالغانچىلىققا باشلايدۇ.  مەدھىيە - مۇبالىغە ئۆرلىگەنسېرى ئۆزۈڭ شۇنچە قۇللۇق ئورنىغا چۈشۈپ خورلىنىسەن. ئادەمنىڭ سىنالغىنى، ئالمىنىڭ قىزارغىنى ياخشى.  قازى خاپا بولغان كۈنى ئىشىكى ئالدىغا بارما.  خالىمىغان ئىشىڭنى كىشىگە تاڭما.  ئاچچىقىڭنى ئاشكارىلىماسلىققا ئادەت قىل.  نادان ۋە جاھىل بىلەن مۇنازىرىلىشىمەن دەپ ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلما.  مۇناپىققا ياخشىلىق قىلىش ياخشىلىقنى زايە قىلىشتۇر. كىشىگە دۈشمەن بولما، كىشى دۈشمەن بولىمەن دېسە، قورقما. سەۋەبسىز تەتۇر قارىغان دوستۇڭغا ئوزرە ئېيتما، چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىدە ساختا دوستلۇق ئورۇن ئالغان.  مەنىسىز سۆھبەتداشلىقتىن تەنھا خىيال ياخشى.  يېرىم دوستۇڭغا سىر بەرمە.  بۈگۈنكى مىھنەت ئەتىنىڭ راھىتى.  ھۇرۇنلۇق - بەختسىزلىكنىڭ ئالامىتى.  كىشى ئۆزى ئۈچۈن گۇۋاھچىلىقتىن ئۆتەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ۋەزنى - مىقدارىنى خەلق ئۆلچەيدۇ.  ئەقلىڭ يەتمەس سۆزنى قىلما، كۈچۈڭ يەتمەس ئىشقا ئېسىلما.  ئىلىم - ھۈنەر ئۆگەنمىگەن كىشى بىچارىلىككە رازى بولغانلىقتۇر.  تەلۋىگە بېرىلىدىغان ياخشى جاۋاب - سۇكۇت. ئوز پەرزەنتىدىن ھۆرمەت تەلەپ قىلغۇچى كىشى ئاۋۋال ئۆزىمۇ ئاتا - ئانىسىغا قانداق قىلغانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرسۇن.  ئاتا - ئانىنىڭ قەرزى پەرزەنتلىرىنى مال - دۇنيالىق قىلىپ قويۇش ئەمەس، بىلىم - ھۈنەرگە ماھىر قىلىپ قويۇشتا.

    ئىزاھاتلار: (1) تۇغلۇق تومۇرخان ئۆزىنىڭ پىر ئۇستازى مەۋلانا ئەرشىدىننىڭ كۇچادا تەسىس قىلغان "ۋەلىيە" مەدرىسىگە نۇرغۇن ئىقتىساد ئاجرىتىپ بەرگەن. بۇ مەدرىسە ئوز زامانىسىدا كاتتا مەكتەپ بولۇپ شۆھرەت تاپقانىدى.

    8 - باب «چىراغسىز جاھالەت ئەسىرى» دە تۇنجۇقتۇرۇۋېتىلگەن مائارىپ

    بىراق، سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە پەيدا بولغان مۇتەئەسسىپ ئىشان ھىدايىتۇللا خوجا (1626 - 1694) قاتارلىقلار تەركىدۇنيالىقنى، جاھالەتنى تەرغىب قىلىپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەرەققيپەرۋەر سىياسىتىگە ئاشكارا قارشى چىقتى. ئاخىر 1677 - يىلى كەشمىر ئارقىلىق تىبەتكە ئوتۇپ، دالاي لامانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەرز - شىكايەت ئوقۇدى. دالاي لاما جۇڭغار گېنېرالى غالدانغا خەت يېزىپ، ھىدايىتۇللا خوجىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 12 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى قەشقەرگە ئەۋەتىشنى تاپشۇردى. تۈمەن بويىدىكى جەڭدە سەئىدىيە قوشۇنلىرى يېڭىلىپ قالدى. نەتىجىدە ھىدايىتۇللا خۇجا "ھەزرىتى ئاپئاق" دېگەن ئۇنۋان بىلەن قورچاق ۋاڭ بولۇۋالدى ۋە سوپىزمنى كۇچىنىڭ بەرىچە تەرغىپ قىلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى "چىراغسىز جاھالەت ئەسىرى" ئىچىدە قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مائارىپى تۇنجۇقتۇرۇۋەتىلدى. پەلسەپە، ئاسترونومىيە، تارىخ، ماتېماتىكا، جۇغراپىيە پەنلىرىنى ئۆگىنىشنى ئۇ، "پەرەڭلەرنىڭ سەھرىسى"، "جەدىتلىق" دەپ جار سېلىپ مەنئى قىلدى، "پانىلىق ناساراغا مەنسۇپ، بىزگە قىيامەتلىك" دەپ چۇقان كوتۇردى. ھالبۇكى، دەل شۇ چاغدا دۇنيانىڭ يېڭى مائارىپى تەز راۋاجلانماقتا ئىدى. "ناسارا پەرەڭلىرى" (1) بەس - بەس بىلەن ئالىي ئۇنىۋەرسىتەتلارنى قۇرۇشماقتا ئىدى. ھىدايىتۇللا ھوجىنىڭ سوپى دەرۋىشلىرى بولسا، ئەكسىچە جەندى - كۇلالىرىنى كىيىشىۋەلىپ، ھەممىلا جايدا تەركىدۇنيالىقنى تەشەببۇس قىلىشاتتى. ھوتۇن - قىزلار ھەرەم ئىچىدە تۇتۇلۇپ، ئەركىنلىكتىن ھەمرۇم قىلىناتتى. بۇ خىل روھىي كىشەنلەرگە قارشى خەلق ئىچىدىكى تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەر تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن نارازىلىق بىلدۇرەتتى. خەلق ئىچىدە جاھىل سوپىلار گۇرۇھىنى مەشىرە قىلىدىغان قوشاق - شېئىرلار پەيدا بولغانىدى. مەسىلەن: قولۇڭدا دالۋىيىڭ بولسا، "قۇ" نىڭ نەمىشى، دىلىڭدا ئىمانىڭ بولسا، "ھۇ" نىڭ نەمىشى. سوپى - ئىشانلارنىڭ جاھالەتتە قالدۇرۇش ۋە نادانلاشتۇرۇش ئاقىۋەتلىرىدىن پايدىلانغان چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى كېيىنرەك شوتاڭ مەكتەپلىرنى تەسىس قىلىپ، ئوزلىرى ئۈچۈن پەقەت تىلماچ (تۇڭچى) لارنى تەييارلاشنى مەقسەت قىلدى. شوتاڭ مەكتەپلىرىگە مەجبۇرىي ئەلىنغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار ئەغىر جىسمانىي ئازاپ چەكەتتى، ئۇلارنىڭ ئىززەت - ھورمىتى، غورۇرى دەپسەندە قىلىناتتى، ئۇلارنىڭ مىللىي كىيىم كىيىشىگە يول قويۇلمىغانىدى. ئۇلارغا بەشىغا سەككىز قىرلىق تەقى، تەقى ئۇستىدە قۇببۇ شەكىللىك قىزىل مارجان پۇپۇك بەكىتىلگەن ھەمدە ئۇچىسىغا سەرىق زەي تۇتۇلغان ۋە قارا ئىزمە تۇگۇلگەن قۇيازى كىيگۇزۇلەتتى، قارا لەمبۇقتىن ئۇچىغا جۇلا ئورۇپ ئۇلانغان بىر ئۇزۇن يالغان ئورۇمە چاچ قۇيرۇقىغىچە تېگىپ تۇراتتى. مانا بۇ شوتاڭ مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ مانجۇچە ئوبرازى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دەۋرى ئۇيغۇر مائارىپى تارىخىدا زۇلمەتلىك دەۋر ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، مۇشۇ زۇلمەتلىك ۋە "چىراغسىز جاھالەت ئەسىرى" دە ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپى تۇنجۇقتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ نۇرلۇق شاملىرى ئۆچۇرۇپ تاشلانغىنى ئۈچۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مىسلى كورۇلمىگەن نادانلىق ۋە قۇللۇق ھۆكۈم سۇردى. سوپىزم نادانلاشتۇرۇشنىڭ قورالى بولسا، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى قۇللاشتۇرۇشنىڭ ئامىلى بولدى.

    ئىزاھاتلار: (1) "ناسارا پەرەڭلىرى" - ياۋروپا مەملىكەتلىرىنى كوزدە تۇتىدۇ.

            9 . باب يېڭى مەكتەپ مائارىپىنىڭ باشلىنىش تارىخى

    "ئۆتمۈشنى ئۇنتۇش جىنايەت" (ۋ. ئى. لەنىن)، يۇقىرىدىكى سېلىشتۇرما ئارقىلىق بىزگە مەلۇم بولىدۇكى، تاكى 19 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىمۇ تيانشاننىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا يەنىلا ئەغىر جاھالەت ھۆكۈم سۇرمەكتە ئىدى، پۈتۈن تەكلىماكان ۋادىسىدا پارلاق مەرىپەت شامى بولۇپ يانغان قەشقەردەك مەرىپەت مەركەزلىرىدە ئەينى زاماندىكى ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقەرى ۋە يۇسۇپ خاس ھاجىپتەك مۇتەپەككۇر زاتلارنى يېتىشتۈرگەن مەشھۇر "ساجىئە" بىلىم يۇرتى ۋە كېيىنرەك نۇرغۇن ئالىملىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا داڭقى چىققان "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىنىڭ ئىلىم - مائارىپ شاملىرى ئاللىقاچان ئۆچۇپ پۈتۈن تارىم ۋادىسى زۇلمەت ئىچىدە قالغانىدى. دەل شۇ چاغدا دۇنيانىڭ ئىككىنچى بىر چەتى - ياۋروپا ئەللىرىدە بولسا، يېڭى تەھنىكا ۋە يېڭى مائارىپ جۇش ئۇرۇپ جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۇرۇشكە باشلىغانىدى. 1770 - يىللىرى جىمىس ۋات تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان پار ماشىنىسى، 1804 - يىلى فولتۇن تەرىپىدىن ئىھتىرا قىلىنغان ئوكيان پاراھوتى، 1805 - يىلى سەتىۋىنىس كەشىپ قىلغان پويىز ۋە تومۇر يول، فارادى ئاساس سالغان توك (ئەلەكتر) ئەنىرگىيىسى، 1902 - يىلى ئاكا - ئۇكا رەيت تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان ئايروپىلان ۋە باشقىلار شەرقتىكى غاپىللار دۇنياسىنى ھەيران قالدۇردى. ئەينى زاماندىكى يېڭى تېخنىكا كەشپىياتلىرىغا ئەگىشىپ تۈرلۈك - تۈمەن زاۋۇت - فابرىكىلار ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدا قەد كوتۇرۇشكە باشلىدى. غەربتىكى مۇشۇ تەرەققىياتنىڭ ئويغىتىشى ئارقىسىدا بەزى ئىسلام ئولىمالىرىنىڭ ۋە تەرەققىيەتپەرۋەر كىشلەرنىڭ كوزى ئېچىلىپ، دۇنياغا نەزەر سېلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇلاردىن بىرى ئويغىنىش توغرىسىدا ھىتاب قىلىپ مۇنداق يازغانىدى: قوپ! ئى ئاداش بىر... ئەتراپىڭغا باق، باق... نە كورەرسەن ئويلىغىن ئۇزاق! يەردە، ھاۋادا، سۇدا كەلۇرلەر، ياۋروپالىقلاردىن ئال ئەمدى ساۋاق!... ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭى مەكتەپ مائارىپى مۇشۇنداق ھىتاب ۋە ئەھتىياج ئاستىدا باشلاندى. بۇ يېڭى مەكتەپ مائارىپى "ئۇسۇلى جەدىت" دەپ ئاتالدى. "ئۇسۇلى جەدىت" نىڭ شەرقتىكى ئەڭ يىرىك ۋەكىلى ۋە تەشەببۇسكارى جامالىدىن ئاپغانى (1838 - 1897) بولۇپ، ئۇ شەرق مۇسۇلمانلىرى بىرلىشىپ، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئىسلامىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغانىدى. بۇ ئىسلاھات يېڭى مەكتەپ مائارىپىنى ("ئۇسۇلى جەدىت" نى) يولغا قويۇشنى ئوز ئىچىگە ئالاتتى. "ئۇسۇلى جەدىت" نىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مۇھىم تەشەببۇسكارلىرى ۋە تەسىس قىلغۇچىلىرى ئاتۇش ۋە ئىلىدا ھۇسەيىن مۇساباي، باھاۋىدىن مۇساباي، ئابدۇقادىر داموللا قەشقەرى، تاش ئاھۇنۇم؛ تۇرپان ئاستانىدا مەقسۇت مۇھىتى، كۇچادا ھامىت ھاجى قاتارلىقلار ئىدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى يېڭىدىن بىخ ئۇرۇپ چىققان مىللىي سانائەتنىڭ تىپىك ۋەكىلى، شۇنداقلا بەزىلىرى يېڭى مائارىپنىڭ ئاساسلىق تەرغىباتچىسى بولۇپ، جاھالەتكە قارشى كوكرەك كىرىپ مەيدانغا چىقتى. بەزىلىرى ھەتتا پەتىربۇرگ، فىنلاندىيىگىچە، بەزىلىرى گېرمانىيە ۋە پارىژغىچە، يەنە بەزىلىرى كىچىك ئاسىيا ۋە ئەرەب دۇنياسىغىچە ئارىلاپ يۇرۇپ دۇنيانىڭ ئەينى زاماندىكى تەرەققىيات مەنزىرىسىنى ئوز كوزلىرى بىلەن كۈزەتتى. ئۇلار ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن سانائەتنى تۇتسا، بىر تەرەپتىن يېڭى مائارىپقا ئاساس سېلىش يولىدا جىددىي كۇرەش قىلدى.

     - يىلى ھۇسەيىن، باۋۇدۇن ئاكا - ئۇكا گېرمانىيىنىڭ "دولاق" ماركىلىق سانائەت شىركىتى بىلەن دىگىۋارلىشىپ، ئىلىدا ھۇرۇم زاۋۇتى قۇردى. تاش ئاھۇن يەكەندە سەرەڭگە زاۋۇتى ۋە شاتۇۋا توقۇمچىلىق كارخانىسىنى قۇردى. تۇرپان ئاستانىدا مۇسۇل ھاجى، ۋاجىت ھاجىلارنىڭ پاھتا زاۋۇتى قۇرۇلدى. مىللىي بۇرزجۇئازىيىنىڭ ئەھتىياجىغا ماسلىشىپ، 1916 - يىلى ئاتۇش، يەكەن ۋە ئىلىدا سانائەت ۋە بوغالتىرلىق كەسپىي تەھنىكوملىرىمۇ قۇرۇلدى. مانا بۇ يۇقىرىقى پاكىتلار ئۇيغۇر يېڭى مەكتىپىنىڭ دەۋر ئارقا كورۇنۇشى ۋە ماددىي ئاساسلىرى ئىدى. ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاتۇشتا يىلتىز تارتىشىدا بۇ ناھىيىدىن چىققان بىر تۈركۇم مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى تۇرتكە بولغاننىڭ سىرتىدا، يەنە جۇغراپىيىۋى ئوزگىچە مۇھىت - شارائىتنىڭمۇ بەلگىلىك رولى بار. ئاتۇش ئىقلىمى قۇرغاق، ھاۋاسى ساپ جاي، قۇرغاق ئىقلىم ئاتۇش خەلقىنى چىداملىق ۋە غەيرەتلىك قىلىپ يېتىشتۈرگەن. شۇنداقلا بۇ جايدا ئەقىن سۇنىڭ قىسلىقى، ئەكىنزارلىقنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى ئاتۇش خەلقىغە شىجائەت، تىرىشچانلىق ۋە ئىزدىنىش روھىنى سىڭدۇرگەن. بۇنداق روھ ئۇلاردا تىجارەت قىلىش، ساياھەت قىلىش ۋە يۇقىرى ئۆرلەش خۇسۇسىيەتلىرىنى يەتىلدۇرگەن. بىراق، ئىكساقتا تەسىس قىلىنغان تۇنجى يېڭى مائارىپنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ ئوزلىرىگە خاس ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىك پەزىلىتىنىمۇ نەزەرگە ئېلىش زۆرۈر. مۇساباي (مۇسا ھاجى) نىڭ ئاتىسى ئابدۇرۇسۇل ئوز زامانىسىدا قەشقەردىكى خانلىق مەدرىستە ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە ئانا مەكتىپىگە ئىزچىل ماددىي ياردەم قىلىپ، جامائەتچىلىكنىڭ ھورمىتىگە سازاۋەر بولغان. ئوغلى مۇسابايمۇ شۇ مەدرىسنى تۇگەتكەن ۋە 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا زور مىقداردا ئىنايەت كورسىتىپ خانلىق مەدرىسنى بىر قېتىم چوڭ رەمونت قىلدۇرغان. ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلىۋاتقان ئۇنىڭ مۇھىم بىر ۋەسىقىسىدە: "بايلىقنىڭ بىر قىسمىنى ۋە ئوشرە - زاكاتىنى مەكتەپ ۋە مەدرىسكە تەسەررۇپ قىلىش زۆرۈر" لۇكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلغان مەرىپەتپەرۋەر ئوغۇللىرى - ھۇسەن باي (1844 - 1926 - يىللار) ۋە باۋۇدۇن باي (1851 - 1928 - يىللار) ئاتىسى موسا ھاجىمنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە مەكتەپ مائارىپىغا توھپە قوشۇشتا تەھىمۇ زور پىداكارلىق كۆرسەتكەن. ئەينى زاماندا تارىم ۋادىسىنى جاھالەتنىڭ قاپقارا پەردىسى قاپلاپ تۇرغان، شۇنداقلا ئەڭ جاھىل ۋە مۇتەئەسسىپ كۇچلەر ھۆكۈم سۇرۇۋاتقان شارائىتتا ھەمدە ئاچكوز، نادان بايلار خەلقنىڭ يىلىكىنى رەھىمسىز شوراپ، ئۆزىنىلا سەمرىتىشنى ئەۋزەل كۆرىدىغان شارائىتتا بۇنداق پىداكارلىق كورسىتىش ئاسان ئەمەس، ئەلۋەتتە. بىز تارىخقا لىللا باھا بەرىدىغانلا بولساق، ئەينى زاماندىكى ھۇسەيىن باي ۋە باۋۇدۇن باي ئاكا - ئۇكىلارنىڭ قەلبىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك، مەرىپەتپەرۋەرلىك ۋىجدان ئوتىنىڭ نەقەدەر يالقۇنجىغانلىقىنى كورۇۋالالايمىز. ئىنسانىيەت تارىخىدا - "مائارىپ مەڭگۇلۇك كاتەگورىيە". شۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، مائارىپ ئىنتايىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. بىراق ئۇ، "ئەنئەنىۋى مائارىپ" ۋە "يېڭىچە مائارىپ" تىن ئىبارەت چوڭ ئىككى كاتەگورىيىگە بولۇنىدۇ. يېڭى مائارىپ ("ئۇسۇلى جەدىت") نى تۇنجى قېتىم جارى قىلدۇرغان پەداگوگ - مەشھۇر چەھىسلوۋاك ئوقۇتقۇچىسى يان. ئامۇس. كومىنسكىي (1592 - 1670 - يىللار) بولدى. ئۇ قۇرداش ئوسمۇرلەرنى كلاس (سىنىپ) بويىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يۇرگۇزۇپ، چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئۇ سىنىپلار ئايرىمىسى بويىچە دەرس پروگراممىسى بار، دەرس سەتكىسى بار، ئىمتىھان تۈزۈمى بار، تەربىيە نىشانىسى بار بىر يۇرۇش يېڭىچە ئۇسۇلنى قانات يايدۇرغانىدى. مۇشۇ تەلەپ بويىچە قۇرداش ئوسمۇرلەر ئەتراپى باغۋارانلىق، ئازادە سەلىنغان، كەڭ دەرىزىلىك، ئىچى كەڭ ۋە يورۇق، ئۇستەل، پارتىلىرى تەل سىنىپلاردا ئولتۇرۇپ ھەر خىل بىلىم - پەنلەردىن ساۋاق ئالاتتى. چەت ئەللەرنىڭ يېڭى مائارىپىدىن تەسىرلەنگەن باۋۇدۇن باي ئاكىسىنى يېڭى مائارىپنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ھەمكارلىشىشقا كوندۇردى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار شەخسىي دارامىتىدىن ئىقتىساد ئاجرىتىپ، ئىكساقتا يېڭىچە مەكتەپ بىناسىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا تۇنجى يېڭى مەكتەپكە ئاساس سالدى. بۇ مەكتەپ 1885 - يىلى كۇزدە رەسمىي ئوقۇش باشلىدى. ئىكساقتا يولغا قويۇلغان بۇ تۇنجى يېڭى مەكتەپ كېيىنرەك "ھۆسەينىيە مەكتىپى(1)" دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالدى. بۇ مەكتەپ دەسلەپ ئۈچ سىنىپتىن تەشكىل قىلىندى. سىنىپلىرى كەڭ دەرىزىلىك، دوسكا، پارتا قاتارلىق سىنىپ جاھازىلىرى مۇكەممەل، سىنىپلارنىڭ ئىچى - تېشى ئاقارتىلغان. ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئىشخانا، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ياتاق، ھاممام (تاش مۇنچا) بىنا قىلىنغان، مەكتەپ ئەتراپى ئورمانلاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئىسمىغا لايىق يېڭى مەكتەپلىك قىياپىتى نامايان بولۇپ تۇراتتى. كېيىنچە يىراق يېزىلاردىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار قونۇپ ئوقۇيدىغان بولدى. قونۇپ ئوقۇيدىغان بالىلار "لەيلى"، كېلىپ - كېتىپ ئوقۇيدىغانلار بولسا "ناھارى" دەپ ئاتىلاتتى. دەسلەپكى مەزگىلدە بۇ يېڭى مەكتەپ دۇچ كەلگەن جىددىي قىيىنچىلىق - مۇئەللىم مەسىلىسى ئىدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى مەكتەپنىڭ ئاساسچىلىرى بولغان ئاكا - ئۇكا مۇسابايلار چەتكە ئوقۇغۇچى چىقىرىپ تەربىيلەشنى مەردانىلىق بىلەن قارار قىلدى. مۇشۇ قارار بويىچە تۇنجى قېتىم قازان دارىلمۇئەللىمىنىدە ئىككى يىل تەلىم ئېلىپ قايتىپ كەلگەن ئوقۇتقۇچى كەرىماھۇن بولدى. كېيىن ئۇ بۇ مەكتەپكە مۇدىر بولدى ۋە ئۇنىڭ يەتەكچىلىكىدە "بەش كىشىلىك مۇدىرىيەت ھەيئىتى" قۇرۇلدى. ئۇنىڭ تەركىبىگە باۋۇدۇن باينىڭ ئۆزى ھەم كېرىماخۇن، ھېسامىدىن ھاجىم قاتارلىق موتىۋەرلەر كىرگۇزۇلگەنىدى. بۇنىڭ سىرتىدا توققۇز كىشىدىن تەركىب تاپقان "ئاتا - ئانىلار ھەيئىتى" مۇ قۇرۇلغانىدى. بۇ ئىككى ھەيئەت ئايدا ئىككى قېتىم كەڭەش ئەچىپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ھەم ئىقتىسادىي ھىراجىتى قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلاتتى. كەرىماھۇن مۇدىر بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە، رەسمىي دەرس بەرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بەش نەپەر بولۇپ، ئۇلار: كەرىماھۇن (مۇدىر)، چوڭ غوجىكام، سۇلتان مەھمۇت، ئىدىرىس ھاجى، رائىلە بۇۋى موللاچام قاتارلىقلار ئىدى.

     بۇ چاغدا مەكتەپ بويىچە 105 نەپەر ئوسمۇر بولۇپ، ئۇنىڭدىن 25 نەپىرى قىز ئوقۇغۇچى ئىدى. ئوقۇلىدىغان دەرسلەرنىڭ تۇرى: ھېساب، تىل، ئىملا، ئوقۇش دەرسى (ئەدەبىيات)، ئەرەب، پارس تىلى، جۇغراپىيە - تارىخ، ئىلمىي ھال، ئىلمىي تەجۋىد، تەنتەربىيە قاتارلىق دەرسلەردىن ئىبارەت ئىدى. ھەپتىلىك دەرس جەدىۋىلى بويىچە بىر كۇندە تۆت سائەتلىك دەرس ئوتۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. ھەپتىدە بىر قېتىم مەكتەپ مۇدىرى پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاق دەرسى لەكسىيىسى بېرىپ تۇرۇش مۇنتىزىم تۈزۈمگە ئايلاندى. شۇنىڭدەك شۇ چاغدىكى تۈزۈم بويىچە ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن كۇندىلىك مەشغۇلات ۋاقتى ئالتە سائەت، ئوقۇغۇچىلارغا بەش سائەت قىلىپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا ھەر كۇنى بىر ئوقۇتقۇچى نوۋەت بىلەن دىجورنى بولۇش، ھەر بىر سىنىپقا سىنىپ مەسئۇلى بولۇش تۈزۈمىمۇ يولغا قويۇلغان. دىجورنى مۇئەللىملەر خاتىرە تۇتۇپ، ھەر كۇننىڭ ئاخىرقى سائىتىدە مەكتەپكە دوكلات قىلىپ ياخشى - يامان ئەھۋاللار ئۇستىدە ئۇچۇر بېرەتتى. بۇ يېڭى مەكتەپنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدىن باشلاپلا ئىمتىھان تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، ئىمتىھان نەتىجىلىرى تۆت دەرىجىگە ئايرىلاتتى. مەسىلەن: ئەلىيۇلئەلا (1 - دەرىجىلىكلەر)، ئەلا (ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەلا بولغانلار)، ئەۋسات (ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر)، ئەدنا (ئوتەلمەي قالغانلار). ئوقۇش پۇتتۇرۇش مۇراسىملىرى پۈتۈن كەنت ئاھالىلىرى قاتناشقان ھالدا قىزغىن ۋە داغدۇغىلىق ھالدا ئوتكۇزۇلەتتى. ئوقۇش پۇتتۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ مارشلىرىنى جاراڭلىتىپ كورەك قىلاتتى. ئوقۇش تۇگەتكەن ئوقۇغۇچىلار تۆت دەرىجە مۇكاپات بىلەن تەغدىرلىنەتتى. مەسىلەن: 1 - دەرىجىلىكلىرىگە "تەھسىننامە"، 2 - دەرىجىلىكلىرىگە "ئاپىرىننامە"، 3 - دەرىجىلىكلىرىگە "تەقدىرنامە"، 4 - دەرىجىلىكلىرىگە "شاھادەتنامە" تارقىتىلىپ بېرىلەتتى. ئوقۇتقۇچىلار جامائەت ئىچىدە بەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، ئەر ئوقۇتقۇچىلار "ئەپەندىم"، ئايال ئوقۇتقۇچىلار "موللاچام" دەپ ئاتىلاتتى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقى ئاشۇ ھۆرمەتنى كۇچەيتىپ باراتتى. مەسىلەن: 1 - دەرىجىلىكلەرگە 400 چارەك، 2 - دەرىجىلىكلىرىگە 300 چارەك، 3 - دەرىجىلىكلىرىگە 200 چارەك ئاشلىق مائاش (يىللىق) بېرىلەتتى. بۇ مائاش تەمىناتىنىڭ بىر قىسمىنى ئاكا - ئۇكا مۇسابايلارنىڭ ئىقتىسادىدىن، قالغان قىسمى ئوشرە - زاكات كىرىمىدىن چىقىرىلاتتى. بۇنىڭ سىرتىدا، كەمبەغەل ۋە يەتىم ئوسمۇرلەر ئۈچۈن "خانەندىلىك" (ئوقۇش ياردەم پۇلى) تۈزۈمى يولغا قويۇلغانىدى. ئۇلارنى كىيىم - كەچەك بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا، تاماق راشوتى ئۈچۈن 1 - دەرىجىلىكلىرىگە 15 چارەك، 2 - دەرىجىلىكلىرىگە 12 چارەك، 3 - دەرىجىلىكلىرىگە سەككىز چارەك ئاشلىق تەمىنات بېرىلەتتى. مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق كېلىپ خاتىرجەم ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جامائەتنىڭ چارۋىلىرىنى توپلاپ باقىدىغان مەخسۇس "پادىچى" ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. 1888 - يىلى يېڭى مەكتەپنىڭ تۇنجى مۇدىرى كەرىماھۇن ئەپەندى ۋاپات بولۇپ كەتىدۇ. بۇ ئەمدىلا بىخ ئۇرۇپ مۇستەھكەملىنىشكە قەدەم تاشلىغان ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ئۈچۈن بىر يوقىتىش بولىدۇ. بۇ بوشلۇقنى تەز تولدۇرمىغاندا، يېڭى مەكتەپ بوشۇكىدىلا تۇنجۇقۇپ كەتىش ھەۋىپىنى جىددىي ھەس قىلغان باۋۇدۇن باي چەت ئەلگە يەنە ئوقۇتقۇچى چىقىرىشقا ئالدىرىدى. بىر - ئىككى يىل پۇھتا تاللاش ۋە ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق 1902 - يىلى بىر تۈركۇمدىلا سەككىز نەپەر ئىقتىدارلىق ياشنى تۈركىيىگە ئوقۇشقا ئەۋەتتى. ئۇلارنىڭ تەركىبىدە تۇرسۇن ئەپەندى، ھەسەن ئەپەندى، مەسئۇت سەبىرى، جىرجىس ھاجىم (بۇ ئىككىيلەن ئىلىدىن تاللانغان) ۋە قادىر ئەپەندى قاتارلىقلار بار ئىدى. بۇنىڭ سىرتىدا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىدىل تەرەپلەرگىمۇ بىر قىسىم ياشلارنى ئەۋەتىش تەييارلىقى كۆرۈلدى. چەت ئەلگە چىقىرىلغان ياشلار ئوقۇش تۈگىتىپ كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، باۋۇدۇن باي 1 - تۈركۈمدە تۈركىيىدىن ئابابەكرى قاتارلىق زىيالىلارنى مۇئەللىملىككە تەكلىپ قىلىپ ئالدۇردى. ئابابەكرى ئەپەندى ئىكساقتىكى يېڭى مەكتەپنى 1890 - يىلىدىن 1896 - يىلىغىچە باشقۇردى. ۋەتەنپەرۋەر مەرىپەتچى ھۆسەيىن ھاجى، باۋۇدۇن باي ئاكا - ئۇكىلار مۇشۇ چاغدا يېڭى مەكتەپنىڭ دائىرىسىنى كەڭەيتىش ئارقىلىق سىنىپ سانى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش پىلانلىرىنى كوڭلۇللىرىگە پۇكۇپ قويۇشقانىدى. بۇ ئۇلارنىڭ چەت ئەللەرگە كۆپلەپ ئوقۇغۇچى چىقىرىشتىكى مۇددىئاسىدىنمۇ ئوچۇق مەلۇم بولۇپ تۇراتتى. 1895 - يىلى مۇساباي ھاجى ۋاپات بولۇشنىڭ ئالدىدىمۇ ئوغۇللىرىغا: "ھەزرىتى ھەبىب ئەجەم" مازىرىنى ياساپ چىقىشنى ۋە يەنىغا كەڭەيتىپ ئازادە مەكتەپ بىنا قىلىشنى ۋەسىيەت قىلىدۇ. مۇشۇ ۋەسىيەت بويىچە "ھەزرىتى ھەبىب ئەجەم" مازىرى بىلەن ئۇنىڭ يەنىغا كەڭەيتىپ سەلىنىدىغان "ھۇسەينىيە مەكتىپى" نىڭ چوڭ قۇرۇلۇشى 1896 - يىلى رەسمىي باشلاندى. 1898 - يىلى ئىككى يىلغا يەتەر - يەتمەي گۇمبەز مۇنارى ئاسمانغا بوي تارتقان كوركەم مازار بىلەن ئازادە سەلىنغان يېڭى مەكتەپ بىناسى ئىكساقتا قەد كوتۇردى. زامانىسىدا ئاتاقلىق بىناكارلىق ماھىرى دەپ تونۇلغان قەشقەرلىك مەشۇق ھاجى لايىھلەپ ياساپ چىققان بۇ كاتتا ۋە كوركەم بىنانىڭ گۇمبىزى ھازىرمۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. بولۇپمۇ يانداش سەلىنغان كىشىلەرنىڭ زوقىنى قوزغايدىغان كارىدورلۇق سەككىز سىنىپلىق ئوقۇتۇش بىناسىنى ئوز ئىچىگە ئالغان كەڭ مەكتەپ قۇرۇلۇشى بارلىق مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ئىپتىھارىنى قوزغايدۇ. بۇ مەكتەپتە سىنىپتىن باشقا يەنە 12 ئەغىزلىق ئوقۇغۇچىلار ياتىقى (ھۇجرا)، ھۇجرىلارنىڭ شىمالىدا قويۇق بوستانلىق، نەقىشلەنگەن پەشايۋانلىق مەسچىت، بىنا ئوتتۇرىسىدا رىشاتكىلىق زال، ئىككى ئەغىزلىق ئاشخانا، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس مۇلازىمەت دۇكان ئۆيى، شەرقىي شىمال تەرىپىدە بەش مو دائىرىدە مەۋىلىك چوڭ ياغ، باغنىڭ شەرقىدە يەنە شۇ چوڭلۇقتا تەنتەربىيە مەيدانى، بەش - ئالتە مو كەڭلىكتە تەرەكلىك، پەشتاق، تاش پارلىق مۇنچا (ھاممام)، مەكتەپنىڭ ئىچىگە سوزۇلغان 200 مەتر ئۇزۇنلۇقتىكى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئەرىق، ئەرىق بويلاپ ئوستۇرۇلگەن تۆت قاتار تەرەك بوستان، ئىسكىلات، موتىۋەللى ئامبىرى، مەكتەپنىڭ دەل ئوتتۇرا قىسمىدا تىياتىر زالى، غەربىي جەنۇپتا ئەتراپى تال، ئالما، ئۇجمە بىلەن قاپلانغان چوڭ كول، بىر چەتتە كاھىش پىشىرىدىغان چوڭ ھۇمدان، ھۇمدان ئامبىرى، ئىككى جايدا تەرەتخانا... قاتارلىقلار پىلانلىق جايلاشتۇرۇلغان. سەككىز سىنىپلىق چوڭ مەكتەپ پۇتۇپ بولغاندىن كېيىن يەنىلا مۇئەللىم مەسىلىسى ئاساسىي زىددىيەت بولۇپ كۇنتەرتىپكە قويۇلدى. چەت ئەللەرگە ئوقۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلەر تەھى يەتىپ كەلەلمەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن باۋۇدۇن، مۇساباي تۈركىيىدىن ئەھمەت كامال قاتارلىق يەتتە نەپەر ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلىپ ئالدۇرۇپ كەلدى. ئەھمەت كامال ئاتۇشقا يەتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئوتمەي، مۇئەللىم مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلىپ، 1907 - يىلى "ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن" مەكتىپىنى قۇرۇپ چىقتى. مەكتەپ مۇدىرلىقىنى ئەھمەت كامال ئۆزى ئۇستىگە ئالدى. ئۇنىڭ بۇ مۇدىرلىق ۋەزىپىسى "ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن ئىتتىھات مۇدىرى" دېگەن ئۇنۋان بىلەن ئاتىلاتتى. مەكتەپكە ئۇستۇن ئاتۇشتىكى يەتتە كەنتتىن، قەشقەر ۋە خوتەندىن بولۇپ دەسلەپكى قەدەمدە 40 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى. خېلىم ئەپەندى، سوپى ئەپەندى، تۇردى ئەپەندى، ئابلىز ئەپەندى، ھاجى ئەپەندى، شەمسىدىن ئەپەندى، ئابدۇرەھىم شەۋكەت ئەپەندى، ماھىرا ھەلپەت قاتارلىقلار "ھەبىب زادى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى" نىڭ ئاتاقلىق ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى. ئوقۇلىدىغان دەرسلەرنىڭ تۇرى: شىپاھىيە، ئىملا، ھوسنخەت، ئەدەبىيات، ھەندىسە (ئالگەبرا)، پارائىز، تارىخ، جۇغراپىيە، ئىلمىي ھال، تەنتەربىيە، غەزەل... قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. مەكتەپتە بىر يۇرۇش مەشغۇلىيەت تۈزۈمىمۇ ئورنىتىلغانىدى. دەرستىن سىرتقى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىمۇ جانلىنىپ كەتكەنىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەپتەر - قەلەملىرى، كىيىم - كەچەكلىرى ۋە تامىقى ھەقسىز بېرىلەتتى. مەكتەپ شىتاتىدا ئوقۇتقۇچىلاردىن باشقا يەنە ئىككى ئاشپەز، ئىككى جارۇپكەش (قارا خىزمەتچى) بار ئىدى. ئوقۇغۇچىلار ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم مۇنچىدا يۇيۇندۇرۇلاتتى. "ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى" نىڭ تۇنجى قارارى 1909 - يىلى داغدۇغىلىق ئوقۇش پۇتتۇرۇش مۇراسىمى ئوتكۇزدى ۋە 40 نەپەر ئوقۇغۇچى جايلارغا ئوقۇتقۇچى قىلىپ ماڭغۇزۇلدى. گۇچۇڭغا شاۋدۇن قارى، قۇتۇپىغا ساۋۇت ئەپەندى، كۇچاغا روزى ئەپەندى، خوتەنگە ماھىرا ھەلپەت، توققۇزاققا ئابدۇللا روزى، قاغىلىققا ئابلىز ئەپەندى، قەشقەرگە ئابدۇرەھىم شەۋكەت ئەپەندى ئەۋەتىلدى. ئاتۇشنىڭ ئۆزىدە قالغانلاردىن پەيساققا كەنجى ئەپەندى، ئۇچاغا تۇردى ئەپەندى ۋە مەممەت مامتاجىلار؛ قايراققا خېلىم ئەپەندى بىلەن سوپى ئەپەندى، تاقۇتقا ئىمىن ئەپەندى، ئىكساكقا ھاجى ئەپەندى بىلەن ئەزىز ئەپەندى تەقسىزم قىلىندى. ئۇلار يېڭى مائارىپ ئۇرۇقلىرىنى پۈتۈن تارىم ۋە جۇڭغار ۋادىسىغىچە چەچىپ، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ كېيىنكى راۋاجى ئۈچۈن ئۆچمەس توھپىلەرنى قوشتى. دېمەك، مىلادىنىڭ 1910 - يىللىرىنىڭ ئالدى - كەينىدە يالغۇز ئىكساقتىلا سەككىز سىنىپلىق بىر چوڭ باشلانغۇچ مەكتەپ، بىر دارىلمۇئەللىمىن (ئوتتۇرا تەھنىكوم) مەرىپەت مەشئىلى بولۇپ چاچقانىدى. 1910 - يىلىدىن باشلاپ "ھۇسەينىيە مەكتىپى" گە تۈركىيىدىن ئوقۇشنى تۇگىتىپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن تۇرسۇن ئەپەندى (1886 - 1937 - يىللار) مۇدىر بولۇپ بەلگىلەندى. تۇرسۇن ئەپەندى بۇ مەكتەپتە تاكى 1933 - يىلغىچە جەمئىي 23 يىل مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىدى. كېيىن مائارىپ ھىزمىتىنىڭ ئەھتىياجى بىلەن قەشقەرگە يوتكىلىپ، 1934 - يىلىدىن 1937 - يىلى تۇرمىگە ئەلىنغۇچە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى. كېيىن تۇرمىدە قۇربان بولدى. تۇرسۇن ئەپەندى ھاتەم ئوغلى 1886 - يىلى ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ ئىكساق كەنتىدە بىر دەھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۇ بىر مەزگىل دىنىي مەكتەپتە ئوقۇدى. 1894 - يىلى يېڭى مەكتەپ ("ھۇسەينىيە مەكتىپى") گە كىرىپ ئوقۇدى. 1902 - يىلى باۋۇدۇن باي تەرىپىدىن تۇرسۇن ئەپەندى، كامىل ئەپەندى، ھەسەن ئەپەندى قاتارلىق سەككىز نەپەر ياش بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيىگە ئەۋەتىلدى. تۇرسۇن ئەپەندى 1902 - يىلدىن 1905 - يىلىغىچە ئاۋۋال ئىستانبۇلدىكى قىسقا مۇددەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە، كېيىن 1905 - يىلىدىن 1910 - يىلىغىچە "سۇلتانەم" ناملىق يۇقىرى دەرىجىلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇپ، بۇ مەكتەپنى ئەلىيۇلئەلا (ھەممە پەنلەرنى ئەلا) دەرىجىدە تۈگەتتى. ئۇ بۇ مەكتەپلەردە ئىنگلىزچە، فرانسۇزچە تىللارنىمۇ پىششىق ئۆگەندى. شۇ يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن يىللارغىچە ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن قان - تەر ئاققۇزۇپ ئىشلىدى. نەچچە مىڭلىغان ياش ئەۋلادلارنىڭ قەلبىنى مەرىپەت چىرىغى بىلەن يورۇتتى. مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتىدە بىر يۇرۇش پېداگوگىكىلىق پرىنسىپلارنى، مەكتەپ نىزامنامىسى، ئوقۇتۇش پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنى ئەمەلىي ئىجرا قىلدى. مۇشۇ ئارقىلىق "ھۇسەينىيە مەكتىپى" نىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى يۇقىرى كوتۇرۇلدى. خەلقنىڭ مۇئەللىملەرگە بولغان ھورمىتىمۇ ئاشتى. تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ يەنە بىر مۇھىم توھپىسى بۇ مەكتەپتە يېڭى زامان تەنتەربىيە پائالىيىتىنى پائال راۋاجلاندۇرغانلىقى بولدى. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە بۇ مەكتەپتە پۇتبول، بالقان، تامپاس، بىلۇ، يەنىك ئاتلىتكا، كالتەك، تاش كەتتى - تاش كەلدى، ئەسىر ئېلىش، ياغلىق تاشلاش، ئىلەڭگۇچ، چىغرىق، تاغقا چىقىش، نەيزە تاشلاش، چويۇن تەھسە ئەتىش، قارىغا ئېلىش، دالا يۇرۇشى قاتارلىق خىلمۇ خىل تەنھەرىكەتلەر راۋاجلاندۇرۇلدى.

    تۇرسۇن ئەپەندى ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تارىخىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن تەنتەربىيىنى بىرلەشتۇرۇشنىڭ ئەڭ تۇنجى بايراقدارى بولۇشقا مۇناسىپ، مەسىلەن: "ھۇسەينىيە مەكتىپى" دە تەشكىللەنگەن پۇتبول كوماندىلىرى مۇسابىقە مەيدانىغا كىرىش چەغىدا تۇرسۇن ئەپەندى ئوگەتكەن توۋەندىكى ناخشىنى ياڭرىتاتتى: جانىمسەن، شانىمسەن، تۇمەن يىللار سەن ياشا؛ ئەي مۇبارەك ۋەتىنىم، مىڭ ياشا، مىڭ - مىڭ ياشا. مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ مەيداندىن چىقىدىغان چاغدا بولسا، توۋەندىكى ناخشىنى جاراڭلىتىپ ئېيتاتتى: ئارقاداشلار توپلىنايلى، جەھلىن ئۆيىن بۇزغىلى، ئەل كۆزىدىن ياپقان قاراڭغۇ پەردىلەرنى يىرتقىلى؛ ئىنقىرازدىن خەلقىمىزنى قۇتقۇزار بىلىم ئىرۇر، بىزلەرمۇ بۇگۇن ھەم دەل بىلىم ئۆزى قۇتقۇزۇر. مۇشۇنداق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىنىڭ روھى بىلەن قوراللانغان يېڭى مەكتەپ كوماندىسى 1927 - يىل مايدا قەشقەر سەمەن رايونىدا ئوتكۇزۇلگەن خەلقئارا پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئەنگلىيە ۋە شۋىتسىيە ئەللىرىنىڭ سىپارەتھا كوماندىلىرىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇتلەق ئۇستۇنلۇك بىلەن مەغلۇپ قىلىپ، چەت ئەللىكلەرنى تاڭ قالدۇردى. مۇتەئەسسىپلەرگە يېڭى مائارىپنىڭ كۇچ - قۇدرىتىنى كۆرسەتتى. پۈتۈن تارىم ۋادىسى تەنتەنىگە چومدى. تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئاتۇشتا ئومۇملاشقان پۇتبول تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ ئاممىۋى ئاساسى دەل "نورۇز بايرىمى" نىڭ تارىخىي ئەنئەنىسى دېسەك مۇبالىغە بولمايدۇ. دېمەك، ئاق تەرە تۇماق (ئىچىگە كونا پاھتا تىقىپ دۇگىلەك قىلىنغان توپ) تەپىپ چەنىققان ئاتۇش تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ قەشقەر سەمەن رايونىدا ئوتكۇزۇلگەن بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسىدە غەلىبە قىلغانلىقى بۇ تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىدە ئۇزاق ئەنئەنىگە ئىگە بولۇپ، يېڭى مائارىپنىڭ جانلىنىشى بىلەن يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى كورسىتىدۇ. 1927 - يىل ماي ئېيىدىكى بۇ پۇتبول مۇسابىقىسى سەمەندىكى ئابدۇشۇكۇر ھاجىنىڭ بىدىلىكىدە ئوتكۇزۇلدى. رەسمىي مۇسابىقىغە چۇشۇشتىن بۇرۇن، ئەنگىلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى كورەڭلىگەن ھالدا تۇرسۇن ئەپەندىگە شەرت قويۇپ: - ئەگەر سىلەر ئۇتساڭلار، كۇمۇش ئىگەر - جابدۇلۇق ئارغىماق تارتۇق قىلىمىز، بىز ئۇتۇۋالساق قانداق قىلىسىلەر؟... - بىز ئىككى قاتلاپ بەرىمىز، - دەپ جاۋاب قايتۇردى. پۇتبول مەيدانى قىلىنغان بەدىلىكنىڭ ئىگىسى ئابدۇشۇكۇر ھاجىم ناملىق مويسىپىت زات يۇگۇرۇپ كەلگەن پەتى تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئىككى قولىنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇپ، ھاياجانلانغان ھالدا: - ئەزىمەت باللىرىم، غەيرەت قىلىپ ئۇتۇڭلار، يەرنىڭ ئىجارىسىنى ئالمايمەن، بىر بورداق قويۇم بار، سويۇپ سىلەرنى مەھمان قىلىمەن، - دەپ ئاتۇش كوماندىسىغا مەدەت بەردى. كوماندا ئەزالىرى تولۇپ تاشقان جاسارەت بىلەن مۇسابىقىغە چۇشتى. ئىككى - ئۇچ سائەت سوزۇلغان جىددىي ئېلىشىشلاردىن كېيىن ئاتۇش كوماندىسى ئەنگلىزلەرنى بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن، شىۋەتلەرنى نولگە قارشى يەتتە نەتىجە بىلەن يېڭىپ چىقتى. پۈتۈن مەيدان قىقاس ۋە گۇلدۇراس ئالقىش سادالىرىغا چومدى. مانا بۇ ئىكساق يېڭى مائارىپىنىڭ تەنتەربىيە جەھەتتىكى چوڭ غەلىبىسى ئىدى. لېكىن، بۇ يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتىگە بىر قىسىم مۇتەئەسسىپ كۇچلەر جان - جەھلى بىلەن قارشى ئىدى. شۇڭا ئۇلار يېڭى مائارىپنى ھۆكۈمەتكە چاقاتتى. ھەتتا باۋۇدۇن مۇسابايغا "قوزغىلاڭ قىلماقچى" دېگەن بوھتاننى چاپلاپ، ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلدى. ئۇلار مۇنداق بىر ئىشنى باھانە قىلغانىدى: ... بىر كۇنى "ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن" مۇدىرى ئەھمەت كامال ئوز ئوقۇغۇچىلىرىنى سەيلە قىلدۇرغاچ چومۇلدۇرۇپ كەلىش ئۈچۈن تۇمەن دەرياسى بويىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئوقۇغۇچىلار دەريا ۋادىسىدا قوللىرىغا كالتەك تۇتقان ھالدا مارش توۋلاپ، مەشكە دەسسەپ چەنىقىش يۇرگۇزىدۇ. بۇ مەشغۇلاتنى كورگەن بىرنەچچە پايلاقچىلار ئۇدۇل شاپاشلاپ بېرىپ دوتەيگە چاقىدۇ. چاڭ دوتەي ئەھۋالنى ئۇرۇمچىگە مەلۇم قىلىدۇ. كېيىن باۋۇدۇن مۇساباينى دوتەي مەھكىمىسىگە چاقىرىتىپ كېلىپ سوراق قىلىدۇ: - سەن نەمىشقا مەكتەپ ئاچتىڭ؟ مەكتەپتە نەمە قىلىپ يۇرىسەن؟ باۋۇدۇن مۇساباي ئۇنىڭغا جاۋابەن: - قۇرئاندا "ئىقرە" دېگەن سۇرە بار، مەنىسى "ئوقۇڭلار" دېگەن بولىدۇ. ئوقۇغان، قازىنى ئاقارتقان گۇناھ بولمايدۇ. ئۇنىڭ جانابىڭىزغا ھېچقانداق دەھلىسى يوق، - دەيدۇ. چاڭ دوتەي بۇ ھەققانىي جاۋابتىن بىرئاز تەمتىرەپ: - ئۇنداقتا سەن دۆلەت تىلىنى ئوقۇتامسەن؟ - دەپ سورايدۇ. - بىلىم ئۆگىنىش بىز ئۈچۈن پەرز ۋە قەرز. روسۇلىللا "بىلىم چىندە بولسىمۇ ئوگىنىڭلار" دېگەن، - دەپ جاۋاب بېرىدۇ، - باۋۇدۇن مۇساباي. - ئۇنداق بولسا، - دەيدۇ دوتەي، - مەن ساڭا ئىككى سۆز قىلىمەن: بىرىنچى، مەن ساڭا دۆلەت تىلى (2) ئوقۇتىدىغان بىر مۇئەللىم بېرىمەن؛ ئىككىنچى، سەن تۈركىيىدىن كەلگەن ئەپەندىلەرنى ھەيدىۋەتىسەن باۋۇدۇن مۇساباي دۆلەت سىستەمىسىدا ئىككى شوتاڭ (مەكتەپ) ئېچىشقا ۋە ئەھمەت كامال قاتارلىق تۈركىيىلىك مۇئەللىملەرنى كەتكۈزۈۋېتىشكە ماقۇل بولىدۇ. شوتاڭ مەكتەپنىڭ بىرى قەشقەر ياۋاغ دۇمباخانىدا "دى يى شوتاڭ"(3)، ئىكساقتا "دى ئەر شوتاڭ" (4) دېگەن ۋىۋىسكا ئەسىپ رەسمىي ئوقۇش باشلايدۇ. چاڭ دوتەي ئوز ئوغلىنى ئىكساققا مۇئەللىم قىلىپ ئەۋەتىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ياۋاغ ۋە ئىكساقتا چاڭ لاۋشى، چىڭ لاۋشى، ما لاۋشى، شۇ لاۋشى ۋە توھتىلار دۆلەت تىلى ئوقۇتىلىدىغان بىر سىنىپل


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.