ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-28

    ئۇيغۇرلار كەلگۈسىگە قانداق يۈزلىنىدۇ ؟! - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40073520.html

    بىز كەلگۈسى دۇنيا ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەغدىرى (ئىستىقبالى) توغرىسىدا سۆھبەتلەشسەك بولامدۇ ؟
    ئۇيغۇرلارنى نىمە كۈتىۋاتىدۇ ؟
    ئۆتكەن تارىخىمىز توغرىلىق نۇرغۇن بايانلار سۆزلەندى. بۇ روشەن بولدى.
    ئەمدى نۆۋەتتىكى ئەھۋالىمىزدىن قارىغاندا بىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتمىز شۇنداقلا ناتورال ئىگىلىك ئاساسىدىكى ئاجىز ھاياتلىق پائالىيىتمىز دەۋر ئېقىمىنىڭ دولقۇنلىرىغا غەرق بولۇپ كېتەرمۇ ؟!
    (سۆھبەت مەزمۇنى قىسقارتىلدى. تۆۋەندىكى مۇلاھىزە شەخىسنىڭ ئوي-پىكرىگىلا ۋەكىللىك قىلالايدۇ).

    بۇ تېمىدا سىز بىلەن مۇڭدىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىم ئۈچۈن مەنمۇ خۇرسەن.
    ئىستىقبالىمىز توغرىلىق سۆزلەشسەك ئەلۋەتتە بولىدۇ.
    ئەتراپىمىزدىكى بەزى كۆزى كىچىكلەر "ئۇيغۇرلارمۇ سىياسى توغرىلىق مۇلاھىزە قىلىدىغان بولۇپ قالدى" دىيىشىپ كۈلۈشۈپ قويىدۇ، ياكى ئورۇنسىز ئەندىشە ئىچىدە تولغىنىدۇ.
    مەركەزدىكىلەر بىزنى ھۆكۈمەت خىزمىتىگە پىكىر بېرىشكە ئۈندەپ ئاۋارە، تۆۋەندىكى بەزى پۇرۇچ ئەمەلدارلار "كىم سۆزلەۋاتىدۇ" دەپ ماراپ ئاۋارە.
    شۇنداقلانى كۆرۈپ قالسىڭىز يۈزىگە تۈكۈرۈپ "خاپا بولماڭ،كۆرمەپتىمەن" دەپ قويۇڭ. ساۋاپ بولىدۇ، چۈنكى ئەنە شۇلار دۆلەتنىڭ ھەقىقى دۈشمەنلىرى.
    گېپىمىزگە كەلسەك، سىياسى توغرىلىق مۇلاھىزە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۈگۈنلا بولغان ئەمەس. تۈنۈگۈن ئۈلۈشكۈنمۇ بۇ توغرىلىق مۇلاھىزە، ئەندىشە-ئۈمۈتلەر بولۇپ ئۆتكەن.
    سىياسى توغرىلىق مۇلاھىزە قىلىش قانداقتۇ مەلۇم مىللەت  ياكى شەخىسكىلا خاس بولغان پائالىيەت ئەمەس.
    ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيا توغرىلىق ۋە تەغدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىلىق، نورمال ئەقىلگە ئىگە بولغان ھەرقانداق ئادەم مۇلاھىزە قىلىش ھوقوقىغا ۋە پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە.
    بۇ ئىنسانىي ھوقوق ،پەقەت مۇستەبىت فېئوداللىق جەمىيەتتىلا چەكلەنگەن ئەركىنلىكتۇر.
    بۈگۈنمۇ سىياسى توغرىلىق مۇلاھىزە قىلىش قانداقتۇ ئوباما بىلەن ھېلارىغا ياكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن سىياسى-قانۇن شۇجىسىغىلا مەنسۇپ ئىش بولۇپ قالماي، بەلكى سىزدەك مەلۇماتلىق كادىر بىلەن مەندەك دېھقانغىمۇ مۇناسىپ پائالىيەتتۇر.
    چۈنكى بىز ھازىر فېئوداللىق جەمىيەتتە ئەمەس بەلكى دۇنيادا كىشىلىك ھوقوق تەكىتلىنىۋاتقان، جوڭگودا بولسا ئىنسانىي ھوقوق ھەركىتى ئەمەلىي كۈنتەرتىپكە كىرگەن دەۋردە ياشاۋاتىمىز.
    بىز ئۇيغۇرلار دۇنيا تارىخى ۋە بۈگۈنكى مەدەنىيەت بايلىقى جۇغلانمىلىرىدا، شۇنداقلا ھازىرقى جوڭگونىڭ قۇدرەت تېپىپ گۈللىنىشىدە چوڭ رول ئوينىغان مىللەتلەرمىز.
    ئەلۋەتتە بۇنداق تۆھپە قوشۇش ئىقتىدارى بولغان توپنىڭ چوقۇمكى سىياسى توغرىلىقمۇ مەلۇم مۇلاھىزە قىلىش ئەركىنلىكى بولىدۇ.
    چۈنكى، كالىدىن سۈت ئېلىش ئۈچۈن سامان بولسىمۇ بېرىش كېرەكتە.                    
    شەخسەن، ئۆزەممۇ ھاياتىي دۇنيانىڭ يىراق كەلگۈسى ۋە بۇ توپنىڭ ئەزاسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەغدىرى، زامان ئىمكانىيەتلىرى توغرىسىدا ئەلۋەتتە "مۇلاھىزە قىلىش ھوقوقىمىز ۋە بۇرچىمىز بار" دەپ ئويلايمەن.
    بۈگۈنكى ياشلىرىمىز ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ياشلارغا ئوخشاشلا يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويدى. بۇ يېڭى قەدەملەرنىڭ زىلزىلىسى، نۇرغۇن ياشلىرىمىزدا تېڭىرقاش ۋە كەلگۈسىدىن گۇمانلىنىشتەك روھىي ھالەتنى پەيدا قىلماقتا.
    ئۇلار كۈنسېرى كىچىكلەپ بېرىۋاتقان ئازادىلىكنىڭ ئورنىنى يوقىتىۋاتقان دۇنياۋىلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىش باھانىسىدىكى غەيرى مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆزلىرى مەنسۇپ مەدەنىيەتنى سىقىپ چىقىرىشقا ۋە يوقۇتۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتا.
    بىزمۇ ئەشۇ تەغدىرگە دۇچار بولىۋاتقانلارنىڭ جۈملىسىدىن بولغانلىقىمىز سەۋەپلىك بۇ توغرىسىدا ئەھۋاللىشىپ ئۆتسەك يامان بولماس.
    ئۇيغۇرنىڭ  دۇنيادا تۇتىۋاتقان ئورنى ،بۈگۈنكى ۋە ئەتىكى تەغدىرى قانداق ؟
    ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدىكى تەغدىرىگە ئۈنۈملۈك قىلالايدىغان بىر نەچچە نۇقتا بويىچە مۇلاھىزە قىلىپ باقمامدۇق.


    1-    نوپۇس ۋە جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكى ۋە بۇنىڭدىكى بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئاقىۋى.
    بۇ زىمىندىكى ھازىرقى نوپۇس سانى بىلەن ئېكىلوگىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئايلىنىش زەنجىرى، يەرلىك نوپۇس مەۋجۇتلىقىنىڭ كۆچمەن نوپۇس تەرىپىدىن يىيىلىپ كېتىشىدەك ئاقىۋەتنى چەكلىيەلەيدۇ...........
    نوپۇس ۋە تەبىئەت چەكلىمىسىدىن ئىبارەت، بۇ ئاخىرقى قورغان دەل يەرلىك خەلىقنىڭ تارىختا كۆرۈلمىگەن ھايات-ماماتلىق تەغدىرىنى بەلگىلەيدۇ.
    تارىختىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان مىللەتلەر بولسۇن ياكى يوقالغان مىللەتلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ تەغدىرىدە رول ئوينىغان تۈپكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى نوپۇس بايلىقىدۇر.
    نوپۇس سانى نۇرغۇن ۋاقىتلاردا شۇ مىللەتنىڭ ئەقلىي دەرىجە كۆرسەتكۈچىدىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ رول ئوينىغان.
    ئىلگىرى ماۋزېدوڭ "جوڭگولۇقلارنىڭ نوپۇس ئامىلى"نى دۆلەت سىياسىتىدىكى مۇھىم ئورۇنغا قويغان.
    بۇ ئەينى دەۋردىكى ئەسكەر سانى بىلەن ئۇرۇش تەغدىرىنى بېكىتىدىغان ئۆلچەمنى نەزەردە تۇتسىمۇ، نوپۇسنىڭ يەنە، ئىستىخىيلىك رولى بىلەن مىللەت مەۋجۇتلىقىنى ساقلايدىغانلىقىنىمۇ دەلىللەيدۇ.
    مەلۇم مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان نوپۇس نېسبىتى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 10٪ لىك مىقدارنى ساقلاپ قالالىسىلا ئۇنىڭ قانداقلا قىيىن شارائىتتىكى ھاياتلىق كۈچى يەنىلا ئۇزۇن زامانلارغىچە مەۋجۇت بولالايدۇ.
    ئەمما ھازىرقى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋارىسلىرىنىڭ رايونىمىز نوپوسىدا ئىگەلللىگەن نېسبىتى 50 ٪ دىن يۇقۇرى ئورۇندا تۇرىدۇ. دىمەك بۇ توپنىڭ ھاياتىي كۈچى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدىنمۇ كۆپ يوقۇرى ئورۇندا تۇرىدۇ.
    10 مىليوندىن ئاشىدىغان نوپۇس ھەمدە بۇ نوپۇس ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاددى ئىقتىساد ئايلانمىسى بىلەن ماسلاشقان مۇرەككەپ مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ، ھەرقانداق يۇمشاق ئاسمىلاتسىيەگە قارشىلىق كۈچى ناھايىتى ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.
    بىز نۇرغۇنلىغان مەۋجۇت تاشقى ئامىللارنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ ئويلىساقمۇ بۇ ئۇزۇنغا سۆزۇلغان رىقابەت چوقۇمكى يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياقلىشىدۇ.
    رايونىمىزدىكى مۇقىم ئاھالە نوپۇسى 20 مىليوندىن ئارتۇقراق بولۇپ، ئاقما نوپۇس سانىنى ئىستاتىسكا قىلىش مۈمكىنچىلىكى بولمىسىمۇ شۇنىسى ئېنىقكى ھازىرقى ئومومى ئاھالە مەملىكەتنىڭ ئەڭ مەكەزلەشكەن شەھەرلىرىدىكى ئاھالە نېسبىتى بىلەن تەڭ ياكى يۇقۇرى ئورۇندا تۇرىدۇ.
    رايونىمىز ئىچكى قۇرقلۇققا جايلاشقان قۇرغاق رايون تىپىغا تەۋە ئاز ساندىكى رايونلارنىڭ بىرى.
    سۇ زاپىسى ۋە ئولتۇراقلىشىشقا مۇۋاپىق زىمىن كۆلىمى ئۇنىڭ زور كان بايلىقلىرى جايلاشقان ئورۇن بولۇش ئەۋزەللىكى بىلەن تەتۈر تاناسىپ شەكىللەندۈرگەن.
    كۈنسېرى روشەنلىشىۋاتقان سۇ كىرزىسى قانداقتۇ ئىلمىلىكتىن سىياسىلىقنى سۆيىدىغان مۇتەخەسىسلەر ئېيتقاندەك مەلۇم ھاۋا كارىدورىدىكى سۇ مەنبەسى ياكى يىراقتىكى ئىگىزلىكلەردىن سۇ باشلاشتەك ئەپسانىلەر بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ پەقەت روھىي تەسەللىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
    ئەگەر ئالدىنقى يېرىم ئەسىردىكى سۇ كېمىيىش ئەھۋالى بىلەن ھازىر تېخىمۇ ئاشقان سۇ ئېھتىياجى ئوتتۇرىسىدىكى كېمىيىش ۋە پايدىلىنىش سۈرئىتىنى نېسبەتلەشتۈرگەندە پات يېقىندا كۆرۈلدىغان ھەقىقى قۇرغاقچىلىق كۆز ئالدىمىزدا ئىلگىركىدىن بىرقانچە ھەسسە تېزلىك بىلەن نامايەن بولىدۇ. بۇ پات يېقىن ئون يىل ياكى يىگىرمە يىلدەك ئۇزۇنمۇ ئەمەس.
    شۇڭلاشقا ھازىرقى جۇغراپىيىلىك شارائىت، سىرتتىن نوپۇس ئېقىشىنى ئۈنۈملۈك چەكلىيەلەيدۇ.
    قىسقىسى.تەبىئى شارائىت بىلەن ئاران ماسلىشىپ كېتىۋاتقان ئېكىلوگىيىلىك ھاياتلىق سېستىمىسىغا يەنە زور تۈركۈمدىكى نوپۇسنى سىغداپ كىرگۈزۈش ئىمكانىيىتى مەۋجۇت ئەمەس.
    20مىليونلۇق نوپۇسنىڭ ئېھتىياجىلىق ئېكىلوگىيىسىنى 40 مىليون ياكى 60 مىليونلۇق نوپۇسقا سۇندۇرغاندا نىمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەممىزگە روشەن بولغان قورقۇنۇچلۇق خۇلاسىدۇر.
    ناۋادا بۇ خىل رىئاللىقنى چەتكە قېقىپ، مەجبۇرى نوپۇس نېسىمىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشساق، كەلگۈسىدە كۆرۈلىدىغان يەرلىكلەر بىلەن كۆچمەنلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھاياتلىق زەنجىرىنى تالىشىش ۋەھشىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    تامىللار بىلەن سىنگاپور ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى، جەنۇبى ئافرىقىدىكى ئاق تەنلىكلەر بىلەن يەرلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى، پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىللار ئارىسىدىكى مەۋجۇت زىدىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى نېسبەتەن زامانىۋى ئاڭغا ئىگە، مەلۇم سىياسى يۈكسەكلىكتىكى سەزگۈر كىشىلەر توپىنى ئاساس قىلغان. چۈنكى ئۇلار پەقەت ئەتراپىدىكى ھوقوق كاپالىتى ئۈچۈنلا زىدىيەتلىشىدۇ.
    ئەمما بىز ئېيتىۋاتقان مەسىلە، مەلۇم كىشىلەر توپىغىلا ئەمەس،  بەلكى مەيلى ئەقىللىق ياكى ئاددى دېھقانغا قەدەر بارلىق كىشىلەرنىڭ ھايات-ماماتىغا چېتىلىدىغان ئېكىلوگىيە كاپالىتىدۇر. بۇ زىدىيەت يۇقۇرقى زىدىيەتلەردىنمۇ كەسكىن بولغان ماجرانى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    نۆۋەتتە دۇنيادا ھاياتلىق تالىشىش ئىچىدىكى مىللەتلەرنىڭ قارشىلىشىش ۋە دۈشمەنلىشىش ئىچىدىكى ۋەھشىلىكىنى ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز.
    رايونىمىزغا نېسبەتەن بۇ خىل زىدىيەتنى يوق دەپ ئېيتساقمۇ بىراق كەلگۈسىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋەتلىرىدە چوقۇمكى بۇ خىل ئېھتىماللىقنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ نۆۋەتتىكى سىياسەت ۋە ئېچىش ئىستىراتىگىيىسىدە ئىلمى تەرەقىيات كۆز قارىشى بىلەن ئويلىنىشتىكى مۇھىم مەسىلە.
    بەزىلەر بۇ ئىلمىلىكنى پەقەت ئادەم گوللايدىغان سەپسەتە قىلىۋالمىسىلا.


    2-    ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ جاھىللىقى ۋە كەلگۈسى تەغدىرى،
    رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى، خۇددى شورلۇق تۇپراققا يىلتىز تارتقان گىياھدەك پەقەت ئازراق يامغۇر سۈيى بىلەنلا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى يەنە نۇرغۇن يىللار ساقلىيالايدۇ.
    مەيلى قەھرىتان قىشنىڭ شىۋىرغانلىرى ياكى زىمىننى قاغجىرىتىپ كېلىدىغان قۇرغاقچىلىقنىڭ زەربىلىرى بولسۇن ، ئۇ يەنىلا كۆكۈرۈپ تۇرىۋېرىدۇ.
    چۈنكى ئۇزۇن يىللار داۋاملاشقان ئاجىزلىقى، ئۇنىڭ تاشقى دۇنياغا قارشى تۇرۇشتىكى ئىقتىدارىغا ئايلىنىپ قالغان.
    تۈرۈك، ئىسلام ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيەت كېسىشمىسىدىكى خەلقىمىزگە، تارىخ ھەر-خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ سەلبى ۋە ئىجابى ھاسىلاتلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن.
    ئۇزۇن يىللىق بۇنداق ئۇنۋېرسال مەدەنىيەت ئۇچرىشىشىنى باشتىن كەچۈرگەن ئۇيغۇرلاردا قارىماققا يۇمشاق، ئەمما ئۇزۇنغا سوزىلىدىغان جاھىل مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى ھاسىل قىلغان.
    بۇ خىل پىسخىكا يېڭىلىق بولسىلا ئۆزىنىڭ تۈۋرۈك ئىدىلوگىيىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىۋېرىدىغان چېچىلاڭغۇلۇقنى چەتكە قاقىدۇ.
    شامان دىنى، مانى دىنى ۋە بۇددا دىنىغا ئاخىرىدا ئىسلام دىنىغا قەدەر بولغان ئېتىقاد يەڭگۈشلەش ھەركەتلىرى، ھەر بىر دەۋر رىئاللىقىدىكى ئۈمۈتسىزلىك، بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن مەھرۇم بولۇشتەك بىر قاتار تارىخىي سەۋەپلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولسا، يەنە ئەتراپتىكى دۇنيانىڭ ماسلىشىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولغان.
    بۇ ئەسىر بوسۇغۇسىدا بىز تۆنۈگۈنلا باشتىن كەچۈرگەن ئىدىيە-ئىزىملارنىڭ "قۇيرۇقىنى قۇم باستى".
    قىسقىسى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ مەدەنىيەت خاتىمىسى "تام تۈۋىدىن ھوشۇر ساراڭ قوپقاندەك"لا ئىدىيە-ئىزىملارنىڭ يەرلىك ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە قانچىلىكلا زورۇقسىمۇ قارشى تۇرالمايدىغانلىقى بىلەن خۇلاسىلەندى.
    بۇ خىل رىئاللىق بىلەن ياندىشىپ يەرلىك مەدەنىيەت بىلەن تۇققاندارچىلىققا ئىگە، يېڭى دىنىي ۋە مىللىي ئىسلاھاتلارنىڭ ھارارىتى يۇقۇرى پەللە مەزگىلىگە قەدەم قويۇش ئالدىدا.
    بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنى ئەسلىدىكى مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىن تارتىپ چىققۇدەك ۋە ئۇنىڭدىن گۇمانلاندۇرغىدەك يېڭى مەدەنىيەت ۋە يېڭى ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس.
    كۆز ئالدىمىزدىكى قىسمەن ئىمتىيازغا ئىگە بولىۋاتقان ماددى دۇنيانىڭ رەڭدارلىقى، پەقەت ئۆتكۈنچى يامغۇردىن باشقا نەرسە ئەمەس.ئۇنى مەدەنىيەت دەپ سۈپەتلەش، مەدەنىيەتنى كالا گۆشى ئۈگرىسى ياكى قۇم قازان شورپىسى دەۋالغاندەكلا ساددىلىق.  
    ھەقىقى مەدەنىيەت ئىنسانغا ماددى ھوزوردا بولمايدىغان ئۆزلۈك،تۇققانلىق ۋە مەڭگۈلۈك تۇيغۇسىنى بېرەلەيدۇ.
    ئۆمۈر بويى ماددى كاپالەت ئۈچۈن تىرىشقان ئادەممۇ ئاخىرىدا چوقۇمكى ئەشۇ ھەقىقى مەنىۋى چەمبىرەككە قايتىش قارارىغا كېلىدۇ. بۇ مۇتلەق قانۇنىيەت.
    ئەلۋەتتە سىياسى ۋە ئىقتىسادى قوللاش بىلەن مەدەنىيەت تەسىرىنى كېڭەيتىش بەكمۇ ئۇزۇن جەرياننى تەققەززا قىلىدۇ.
    بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇمكى ئىككى ياكى ئۈچ ئەۋلات تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمما ھازىرقى دۇنيا تەرتىۋىدە بۇنداق كۈچ ۋە بىزنى قايىل قىلالىغۇدەك مەدەنىيەت ئۈندۈرمىسى مەۋجۇت ئەمەس.
    شۇنداقلا بىز ئۈن-تىنسىز قوبۇل قىلىشقا مايىل مىللەتمۇ  ئەمەس.
    ئەتراپىمىزدىكى كۈنسېرى قويۇقلىشىۋاتقان مىللى ۋە دىنىي ئورتاق مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرى بىلەن كۈچ سىنىشىۋاتقان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ياكى غەرپ مەدەنىيەت كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق پەقەت باراۋەر بولمىغان مۇسابىقىدىن ئىبارەت .
    بۇ باراۋەرسىزلىك يەنىمۇ كۈچىيىپ مەجبۇرلىنىش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمەيدۇ.چۈنكى مەدەنىيەت ئاسمىلاتسىيەسىنىڭ پارتىلاش دەرىجە كۆرسەتكۈچى بولىدۇ،ئەلۋەتتە.
    ناۋادا مەجبۇرلىنىش دەرىجىسىگە يېتىپ قالسا، يەرلىك خەلىقتە تەبىئىلا ئويلىنىش ۋە قارشىلىشىش كەيپىياتىنى پەيدا قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاجىز ئورۇندىكى مەدەنىيىتىگە ھېسداشلىق قىلىش ۋە قوللاش ھىسياتىنى پەيدا قىلىدۇ.
    يەنە بىر تەرەپتىن، ئەسلىدىنلا يىلتىزداش بولغان مەدەنىيەت تەرەپدارلىرىنىڭ تەسىر قىلىش كۈچى يىلتىزداش بولمىغان مەدەنىيەت كۈچلىرىدىن قانچىلىكلا ئاجىز ئورۇندا بولمىسۇن، يەنىلا ئالدىنقىسىنىڭ تەسىر كۈچىدىن يۇقۇرى بولىدۇ.
    .بۇ خۇددى ئاتمىش يىلغا قەدەر نۇرغۇن ئىقتىساد ۋە سىياسى ھىلىلەر سەرپ قىلغان ئورۇس مەدەنىيىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە بىر كېچىدىلا ئاجىز ئورۇندىكى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە يېڭىلىپ قالغىنىدەكلا بىر ئىش.
    ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ چەت قىرغاقلىرىغا قەدەر تىكلەنگەن ئورۇس كومىنىستلىرىنىڭ ھەيكەللىرىنىڭ ئىپادىسى، پەقەت بىر دەۋرنىڭ تەشۋىقات غالجىرلىقىدىن ئىبارەت .بۇ سۈنئى مەجبۇرلاش ۋە سىياسى مەخسەتنى چىقىش قىلغان مەدەنىيەت ھىلىسى پەقەت كەينىدە يۆلەپ تۇرغان يۆلەنچىكى بولغاچقىلا مەلۇم ۋاقىت ئۆرە تۇرالايدۇ.
    ماھىيىتىدىن ھەقىقى مەدەنىيەتكە تەۋە بولمىغان بۇ غەيرى ئۈندۈرمە پەقەت يۆلەنچىگىنىڭ ۋاپاتى بىلەن ۋاپات بولىدۇ.
    ھەقىقى مەنىدىكى مەدەنىيەت ھەرقانچە پاسسىپ ئورۇندا تۇرسىمۇ ھەرۋاقىت دەۋر چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي قەلبلەردە ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ ياشايدۇ. ئۇ ئازراقلا نەملىكنى كۆرسە بىخ سۈرۈپ چىقالايدۇ.
    دىمەك ئۇيغۇرلارنىڭ قارىماققا ئاجىز ئورۇندا تۇرغاندەك كۆرۈنىۋاتقان مەدەنىيەت ئەۋزەللىكى ئەمەلىيەتتە تەرەقىيات باسقۇچىدىكى مۇقىم ۋە تىنىق ھالەتنى ساقلاپ تۇرماقتا.
    بۇ شاۋقۇن-سۈرەنسىز  تىنىقلىق، ئېنىرگىيە خورىتىش ھېساۋىغا تەرەقىي قىلىۋاتقان مەنزىرىدىنمۇ كۈچلۈك بولغان ئېنىرتسىيە ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
    مەدەنىيەت ئاسمىلاتسىيىسى قانچىكى كۈچەيسە، ئۇنىڭغا ماس قەدەمدە يەرلىك خەلىقنىڭ ئىچىدىكى مەدەنىيەت قوغدىغۇچى ئەزىمەتلەرنىڭ چاقىرىقى شۇنچىكى قوللاشقا ئېرىشىدۇ. بىپايانلىقتا توۋلانغان ئاۋازدىن بۇرۇقتۇملۇقتىكى يېنىك چاقىرىقمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.
    يۇقۇرقىدەك سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇ غايەت زور قارشىلىشىش كۈچىگە ئىگە.
    ئۇ مىڭ يىل بۇرۇن بولغان بولسا ئېھتىمال رەھىمسىز باستۇرۇلۇش ۋە زورلاش ۋاسىتىسى بىلەن ئۆز يۆلىنىشىدىن چىقىپ كېتىشى مۈمكىن دىسەكمۇ، بىراق بۈگۈنكىدەك دۇنيا مىقياسىدا يەرلىك مەدەنىيەت ۋارىسلىرى، قانۇن ئارقىلىق قوغدىلىۋاتقان ۋە قىممىتىنى يوقاتماسلىق ئۈچۈن ئاسرىلىۋاتقان بىر دەۋردە مۈمكىن ئەمەس.
    خەلقىمىز يېزىقتا خاتىرلەنگەن تارىخىنى نېسبەتلەشتۈرۈپ ھېساپلىغاندا ھازىرقى مەدەنىيەت تەسىرىدە ئەڭ ئۇزۇن مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان.
    ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەدەنىيەت خەلقىمىز بېشىدىن كەچۈرگەن ئەڭ ئېغىر كۈنلەردە ھەقىقى ھەمرا بولۇپ ئۇلارنى بۈگۈنگە يەتكۈزۈشتە زور رول ئوينىغان.
    بۇ يامان كۈنلەردىكى سەپەرداشنىڭ يامان ئوتىغا ئەلۋەتتە خەلقىمىز بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
    بۇ نۇقتىنى دەرىجىدىن چوڭ دۆلەتلەر ھېس قىلمىسىمۇ بىراق ئاددى خەلقىمىز ۋە ئومومى دۇنيا خەلقى ھېس قىلالايدۇ.
    قىسقىسى، مەدەنىيىتىمىزنىڭ ھاياتىي كۈچى ئەمدى كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ.


    3-    مىللى ئىقتىسادتىكى نامراتلىقنىڭ ئەۋزەللىكى،
    (ئادەمنى پەقەت مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىقلا سەمىمى ئىتىپاقلاشتۇرىدۇ.)
    تەرەقى تاپمىغان مىللى ئىقتىساد بەزى دەۋرلەردە پايدىلىق ئورۇندا تۇرۇپ قېلىشى مۈمكىن.
    دۇنياۋى ياكى رايون خاراكتىرلىك ئىقتىسادى بەلۋاغقا كىرەلمىگەن ئاددى ئىقتىسادى ئايلىنىش بىلەن جاھاندارچىلىق قىلىۋاتقان مىللى گەۋدىمىز، كۆلەملەشكەن ئىقتىسادى كۈچى زور مىللى يەرلىك گۇرۇھلىرىنىڭ بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن خەلقىمىز ماددى كاپالەت ۋە تېخىمۇ مول ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم .
    بۇ خىل مەھرۇملۇق يەرلىك خەلىقنىڭ ئىقتىسادىنى تىرىكچىلىكنىڭ ئاددى شەكىللىرى بىلەن باغلاپ قويغان.
    بۇ خىل چەكلىمە ئىچىدىكى خەلىقتە، دەرىجىدىن تاشقىرى گۇرۇھلارنىڭ دۇنياۋى ياكى مەملىكەت خاراكتىرلىك ئىقتىسادى پائالىيەتلىرىمۇ بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
    بۇ خىل بولماسلىق خەلقىمىزدە ئەتراپتىكى دۇنيا تەرىپىدىن، كەمسىتىلگەندەك ۋە چەكلىمىگە ئۇچرىغاندەك تۇيغۇنى شەكىللەندۈرىدۇ.
    ئۆزىنىڭ جانىجان مەنپەئەتى ئۆزىدىكى قاتلامدىن ھالقىپ كېتەلمىگەچكە، ئۇلاردا ئىشلىرى يۈرۈشىۋاتقان ئىقتىسادى مىللەتلەرگە قارىتا چەتكە قېقىش، ئۆچ كۆرۈشتەك خاراكتىرلەرنى شەكىللەندۇرىدۇ.
    مىللى گەۋدىنىڭ، باشقا گەۋدىلەرگە نېسبەتەن ئىقتىسادى ۋە مەدەنىي سېلىشتۇرمۇشۇناسلىقىدىن شەكىللىنىدىغان زىدىيەتلىك پوزىتسىيەسى شۇنىڭ بىلەن بىخ سۈرىدۇ.
    بۇ خىل بىنورمال قارشىلىق پىسخىكىسى دەۋرىمىزگە سەلبى قىياپەت بىلەن نامايەن بولغاندەك كۆرۈنسىمۇ مىللى گەۋدىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان مۇھەببەت ۋە ئىتىپاقلىقىدىكى يوشۇرۇن ئېنىرتسىيەنى كۈچلەندۈرىدۇ. ۋە ئىتىپاقلىق ۋە تەغدىرداشلىق تۇيغۇسىنى كۈنسېرى كۈچلەندۈرىدۇ.
    دىمەك نامراتلىقنىڭمۇ ئۆزىگە خاس پايدىلىق تەرەپلىرى بار. 
    4-    ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەسىردىكى ھاياتىي كۈچى ۋە دۆلەت تەغدىرىدىكى ئەۋزەللىكى،
    (سۈكۈت قىلىش، يوقىلىشتىن ياكى قورقۇنچاقلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ.)
    بۇ ئەسىر ئۇيغۇرلارغا نېسبەتەن زور ئۆزگۈرۈشلەر بىلەن يېتىپ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ.
    مەركەز، بۇ ئەسىردىكى تەرەقىيات پىروگىراممىسىنى ئىلمى ۋە رىئالنى بولغان تەرەقىيات نىشانى بىلەن باشلىدى.
    ئالدىنقى ئەسىردىكى چىڭ تۇتۇلمىغان بەزى مەسىلىلەرنى ئومومى دۇنيا ۋەزىيىتى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدىكى تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش باشلاندى.
    مەركىزى ھۆكۈمەتمۇ، كۆپ مىللەتلىك جوڭگودا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقوقلىرىنى بۇ ئەسىردە تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىش كېرەكلىگىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
    جوڭگونىڭ، مىللى تېروتېرىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىغا مۇناسىۋەتلىك قاتار ماقالىلارنى ئېلان قىلىشى ياكى ئىنسانىي ھوقوق ھەركەت پىلانىنى ھوججەتلەشتۈرىشى ۋە ياكى مىللەتلەر قانۇنىنى كۈنتەرتىپكە قويۇشلىرى بولسۇن ئۇيغۇرنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا مۇئەييەن دەرىجىدە كۆڭۈل بولۇش ئىمكانىيىتى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
    ئالدىنقى ئەسىردىكى مەدەنىيەتلەر توقۇنىشى بۇ ئەسىردە مەنپەئەت توقۇنىشىغا ئورۇن بوشاتتى.
    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ خۇلاسىسى ئوتتۇرا شەرقتەك قىززىق رايوننىڭ خاتىمىسى بىلەن ئاياقلاشتى.


    بۇ ئەسىر بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت يېڭى قىززىق نۇقتىغا سەھىپە ئاچتى.
    بۇ تېروتېرىيىدە ياشاۋاتقان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلارمۇ، دۆلەتنىڭ قوللىشى ۋە دۇنيانىڭ يۈكسەك دىققىتى ئىچىدە تۇرماقتا.
    دىمەك يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا كۆرۈلمىگەن ھەقىقى ئىستىقبال ئەمەليەتتە بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولماقتا. بۇ ئىستىقبالنىڭ مۇقەرەرلىكىنى توساش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھازىرچە قانداقلا تەشكىلات ۋە دۆلەتنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.
    چۈنكى ئومومى دۇنيا ۋە تارىخىي يۈزلىنىش مۇتلەقلەشكەن فورمۇلا-پىروگىرامما خاراكتىرىگە ئايلىنىپ بولغان.
    ئۇزۇن يىللار جەريانىدا ئورنىدىن قوزغالغان تارىخ ھارۋىسىنى توساش، تېزلىك بىلەنلا ئورۇنلىنىپ قالىدىغان ئىش ئەمەس.
    ھازىرقى زامان مەدەنىيەت ئاسمىلاتسىيەسىنىڭ تېزلىكى ۋە رەڭدارلىقى بىلەن ماسلاشقان يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ چۇقان سېلىشى بىلەن ئىلغار ئاكتىپلىقىمۇ جەڭگاھقا چۈشتى.
    قىسقىسى،ئومومى دۇنيا تېخىمۇ باراۋەر بولغان قەدەمگە مەجبۇرلانماقتا.
    بۇنداق تارىخىي پۇرسەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەغدىرى قانداق بولىدۇ؟
    ئەنئەنىۋى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىكى نۇرغۇن قاتماللىقلار تۈگىتىلىدۇ. دۆلەت ئىشلىرى ، دۆلەت سىياسىسىغا پىكىر بېرىش ئىمكانىيىتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىچە دىكتاتورا ۋە مەجبۇرلاش خاراكتىرلىك ئىدارە قىلىش ئاستا-ئاستا ئاياقلىشىدۇ.
    ب د ت نىڭ شۇنداقلا دۆلەتنىڭ مىللى رايونلارغا ماسلاشتۇرۇلغان پىروگىراممىلىرى  ھەممىنى مۇقىمسىزلىق بىلەن سۈپەتلىۋالىدىغان قاتمال ئادەم ۋە ئورۇنلار ئويلىغاندەك ئەكسىيەتچىل ئىدىيە ۋە ياكى پاسسىپ دۇنيا قاراش قالپىقىدىن قۇتۇلىدۇ.
    مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدەك ئومومىلىق ئۈچۈن يەرلىك ئالاھىدىلىكنى قۇربان قىلىشتەك چوڭ مىللەتچىلىكمۇ يوقىلىدۇ.
    جوڭگونىڭ بۇ يېڭى قەدىمى ئەلۋەتتە يېڭى جوڭگو تارىخىدىكى نۇرۇغۇنلىغان ئىجابى ئىسلاھاتلارغا ئوخشاشلا كونىلىق ۋە جاھىللىق بىلەن ئۇزۇنغىچە كۈرەش قىلىدۇ ۋە بۇ جەرياندا كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ ماڭىدۇ.كاڭيۈۋېي ۋە لىياڭچىچاۋ، زامانداش ئەمەلدارلار تەرىپىدىن جىنايەتچى بولغان بولسىمۇ بىراق ھازىرقىلار تەرىپىدىن قەھرىمان سانالغاندەكلا كۈلكىلىك تىراكومىدىيەلەر يەنە بولۇپ تۇرىدۇ.
    ھەممىلا ئادەمنىڭ دۆلەتنى  سۆيۈش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ.
    بۇ خىل ئوخشىماسلىق نۇرغۇن چۈشەنمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇ چۈشەنمەسلىك پەقەت دىكتاتورا ياكى دىمكىراتىيە قۇرۇلىشى بىلەنلا چوقۇم ھەل بولىدۇ. بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى.
    رايونىمىزدىكى مول ئېنىرگىيە زاپىسى بىلەن تەغدىرى باغلانغان 20 مىليوندىن ئوشۇق خەلقنىڭ ئاپتونومىيەلىك ھوقوقى شۇنداقلا 10 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسەت ۋە دۆلەت ئىستىراتىگىيىسىدىكى ئورنىغا مۈجىمەل ياكى پاسسىپ مۇئامىلە قىلىش شەخسنىڭ ئارزۇسىلا بولۇپ قالسا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.


    يېڭى جوڭگو قۇرۇلغاندىن بۈگۈنگە قەدەر بۇ نەچچە مىليون خەلىق ئۆزىنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە دۆلەتكە مۇناسىپ تۆھپە قوشۇپ كەلدى. بۇ تۆھپىنى تارىختىكى ھەرقانداق بىر دەۋر-سۇلالە بىلەن سېلىشتۇرۇش مۈمكىن ئەمەس.
    رايونلار ئارا ھەر خىل پەرىقلەرنىڭ كىچىكلەپ ئومومى دۇنيا قول تۇتۇشۇپ ياشايدىغان رەھىمسىز ئىللىقلىقتىن جوڭگو، شۇنداقلا رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر خەلقى مەنپەئەتدار بولىشى ئاددى باراۋەرلىك ئىمتىيازىدۇر.
    نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز، ئۈگىنىش-سىياسەتلەرنىڭ پەقەت قەغەز يۈزىدىكى نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى ،ئەمەليەتتە بۇ قېتىمقى يېڭى سىياسەتلەرنىڭمۇ ئالدىنقىلاردىن جىق پەرقلىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۈمۈتسىز كەيپىياتىنى ئىپادىلەيدۇ.
    توغرا، بۇ قېتىمقى ياكى ئىلگىركى سىياسەتلەرنىڭ جانلىق ئىجرا بولالماسلىقىدىكى سەۋەپلەر بىر تەرەپتىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ خىزمەت پوزىتسىيىسىدە بولسا يەنە بىر تەرەپتىن كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەركەزنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا نېسبەتەن پەرۋاسىزلىقى،  پايدىلىنىش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن دەپ ئېيتساق تامامەن بولىدۇ.
    بۇ، ھەر-بىر پۇخرانىڭ دۆلەت ئالدىدىكى جاۋاپكارلىقتىن ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىنى نازارەت قىلىش مەجبۇرىيىتىدىن قېچىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىپەرۋالىق ئەڭ چوڭ جىنايەت.
    گەپنى ئاخىرلاشتۇرساق ، ئۇيغۇرنىڭ پارلاق كەلگۈسى دەل جوڭگونىڭ كەلگۈسى.
    جوڭگونىڭ كەلگۈسى، ئۇيغۇرنىڭمۇ كەلگۈسى.
    بۇ خىل تەغدىرداشلىق بۈگۈن ۋە ئەتە تېخىمۇ مۇقەرەرلىشىدۇ ۋە روشەنلىشىدۇ.
    شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇ، كەلگۈسىگە ئۈمۈت ۋە ئىشەنچ بىلەن يۈزلىنەيلى.
    مەنبە:http://ablathan.blogbus.com/logs/39504513.html

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.