-
2009-05-30
ئەلشىر نەۋائى ھىكىمەتلىرىدىن دۇردانىلەر! - [ھىكمەتلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40158841.html
دۇنيادا جاھالەتتىنمۇ يامان ئىش بارمۇ ؟ ئەگەر ئالىم بولۇپ تۇرۇقلۇق پاسىق بولسا ، ئىلىمگە ئەمەل قىلمىسا ، ئۇنداق ئالىم ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگە زالىملىق قىلغان بولىدۇ .
بىخىل باي ئۆز زىيىنىغا ئىش قىلىدىغان ھاماقەتتۇر
دۇنياغا كەلگەن ئىكەنسەن ، كامال تاپماققا ھىممەت قىل ، ھەمىشە غەم - غۇسسە بىلەن يۈرۈش لازىم ئەمەس . جاھاندىن ئىنسانلىق بۇرچۇڭنى ئادا قىلماي ئۆتۈش مۇنچىغا كىرىپ ناپاك چىققان بىلەن باراۋەدۇر .
كۆپ ئاڭلاش ، ئاز سۆزلەش خۇددى سەدەپنى گۆھەرگە ئايلاندۇرغانغا ئوخشايدۇ .
ساخاۋىتى يوق باي يامغۇرى يوق بۇلۇتقا ، ئىلىمگە ئەمەل قىلمىغان ئالىم كىتاپ يۈكلەنگەن ئىشەككە ئوخشايدۇ .
ئىلىم ئىگىلەپ ئەمەلدە كۆرسەتمىگەن كىشىنىڭ ئىشى يەرنى ھەيدەپ ئۇرۇق سالمىغانغا ياكى يەرگە ئۇرۇق سىلىپ ھوسۇل ئالمىغانغا باراۋەر .
گاداينىڭ پەرزەنتى بولسىمۇ ئىلىملىك بولسا ، ئىسىلزادىلەرمۇ دائىم ئۇنىڭغا ھەمنەپەس بولىدۇ ، ھەتتا دۆلەت ئەربابلىرىمۇ ئۇنىڭغا يىقىنلىشىدۇ . ئىسىلزادە بولسىمۇ ئىلىم شاراپىتىدىن مەھرۇم بولسا ، ئۇنداق كىشى خالايىق نەزىرىدە يارامسىز ، نەزەردىن ساقىت كىشىدۇر .
ئەقىللىك كىشى باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كۆرسە ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئىلىپ ، ئۆزىنى ياخشىلىققا مايىل قىلىدۇ .
كىمكى ئىلىمنى ئىززەت - ئابرۇي تىپىشنىڭ ۋاستىسى قىلىدىكەن ، ئۇ ئۆزىنىمۇ ، باشقىلارنىمۇ خاتالىققا باشلايدۇ .
مال - دۇنياسى كۆپ ناداننىڭ ئاغزىغا كەلگەننى دىيىشى ئالتۇن رەڭ چىۋىننىڭ نىجاسەتكە قونىشى بىلەن ئوخشاش .
ئالىم ئىلىمنىڭ شان - شۆھرىتىنى ئاسرىشى ،گۆھەرنى تاشقا ئۇرماسلىقى كىرەك .
ئەقىللىق دوستنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىماسلىق پۇشايمان ۋە ئۆز - ئۆزىگە ھاقارەت كەلتۈرۈش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ .
نادان ، زالىم كىشى بىلەن ھەمداستىخان بولما ! چۈنكى ئىت ئادەم بىلەن ھەمتاۋاق بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەس . يارىماس، نادانلارنى سىرداش دوست تۇتما ، چۈنكى ئىشەك ئادەم بىلەن دوست بولۇشقا لايىق ئەمەس
جاھىللار دانالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىسا ، دانالاردا نىمە ئەيىب !؟
قىلىش لازىم بولغان ئىشنى قولۇڭدىن كەلسە كىچىكتۈرمە !
كىمكى جاھىل ، نادانلار بىلەن ئۈلپەت بولسا ئۇنىڭدىن كۆرمىكى كۈلپەتتۇر
ھەرقانداق ئىشنى ئۆزى قىلغانغا يەتمەيدۇ ، قىلغاندىمۇ شۇ ئىشنىڭ قائىدە - ئۇسۇللىرىنى بىلىپ ئىشلىسە ، بۇ بىر ھىكمەتتۇر . بۇ ، ماھىيەتتە ، نەزىرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ بىرلىكىدۇر .
قەلەم ئەھلى ئەگەر پۇقرالارغا زۇلۇم قىلىش يولىدا قەلەم تەۋرىتىدىكەن ، قەلەم تۇتقان قوللىرى قەلەمچىدەك كىسىلگەي !
ئەگەر نادان ، جاھىل كىشى قىلمىشلىرىغا چىندىن پۇشايمان قىلسا ، ئالىملىق دەرىجىسىگە يىتىشى مۇمكىن .
كىشى ئىلىم تەھسىل قىلىشتا مۇنازىرىگە ۋە تالاش - تارتىش قىلىشقا ماھىر ، جۈرئەتلىك بولمىقى لازىم . ئۇنداق بولمىغاندا ئىلىم ئەھلىنىڭ ئالدىدا ئاجىز بولىدۇ .
ئەقىل كۆزى كور كىشى ھەرقانچە باي بولسىمۇ ، ئەقىللىكىلەرگە سايىللارچە مۇھتاج بولىدۇ . مۇقەررەركى ، دۇنيادىكى بايلىقلار كىشىلەرنىڭ ئەقىل پاراسىتىدىن ھاسىل بولغان . دانالارنىڭ پەم - پاراسىتىگە ھىچنەرسە تەڭ ئەمەس .
كىمكى ئىلىم مەرىپەتتە زامانىسىنىڭ يىگانىسى بولۇپ ، نادانلىق - جاھىلىيەتكە قارشى كۈرەش قىلمايدىكەن ، ئۇنداق بىلىمنىڭ نىمە ئەھمىيىتى ؟؟؟؟
مەنبەسى : شىنجاڭ گىزىتى
收藏到:Del.icio.us