-
2009-05-30
بىزگە بىر كۇن كۆپ جاپا باردۇر - [ئەدەبى ئەسەرلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40193621.html
• ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
• 1921-يىل
• جاھالەت سەمەرىسىدىن بىزگە بىر كۈن كۆپ جاپا باردۇر؟
• ئېيتىڭىزچۇ، بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە ساپا باردۇر؟
•
• جاھاننىڭ ھالىدىن ۋاقىپ بولۇپ تۇرماقنىڭ ئورنىغا،
• بىرسىنى شاڭيۇ سايلاپ ئارقىدىن دەۋايىمىز باردۇر.
•
• ئىلىمنىڭ ئىجدىھادىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر،
• ئوقۇرمىز - ئوقۇتۇرمىز دەپ سېغىز چايناشىمىز باردۇر.
•
• تەئاۋۇنۇ - تەناسۇر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت،
• يېڭىدىن باش كۆتۈرگەننى ئۇرۇپ يىقىتقانىمىز باردۇر.
•
• يەنە يۇرت پايدىسىغا جەمئىي بولماقلىق بەسى مۈشكۈل،
• ئەگەر بىر يەردە توي بولسا بېرىپ ياتقانىمىز باردۇر.
•
• ئومۇمنىڭ پايدىسىغا يۈز يىلدا ھەم ئەسلا چۈشەنمەيمىز،
• زىيان قىلماق ئۈچۈن بولسا ئەجەپ چاققانىمىز باردۇر.
•
• بىرى بىر ياخشىلىق قىلسا ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق،
• ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىنى ئاچقانىمىز باردۇر.
•
• ئەگەر مىللەت ئۈچۈن بىر پۇل چىقىم كەلسە تاپالماسمىز،
• چىقىمى يوق ناۋا پۇلغا تولا ئىخلاسىمىز باردۇر.
•
• قېرىنداشلىق، بۇرادەرلىك نىشانى قالمىدى بىزدە،
• مەگەر دوست بولساقمۇ ئەسلى بۆلەك مۇددىئايىمىز باردۇر.
•
• خاتائەن دوستىمىزدا بىرەر ئەيىپ زاھىر بولۇپ قالسا،
• يوشۇرماي يەنە بىرگە ئوننى قاتقانىمىز باردۇر.
•
• بابالار شۆھرىتىنى، غەيرىتىنى ھېچ سېغىنماسمىز،
• تۇرۇپ غەپلەت - جاھالەتتە تېخى پو ئاتقانىمىز باردۇر.
•
• كېرەكسىز مۇستەھەپ ئىشلار ئۈچۈن جاننى بىز پىدا قىلدۇق،
• ۋە لىكىن ھەجگە باج ئالسا توزۇپ قاچقانىمىز باردۇر.
•
• ئويۇن - چاقچاق تۈپەيلى ئۆز - ئارا بىئەپ بولۇپ قالساق،
• ياراشتۇرۇپ قويۇش نەدە؟ ئاراغا ئوت ياققانىمىز باردۇر.
•
• خوشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستىسى ھەم يوقتۇر،
• قۇۋلۇق ھەم شۇملۇق بىلەن رەڭمۇ - رەڭ يالغانىمىز باردۇر.
•
• «ئىت ئۇرغاننى تونۇر» دەپ بىزدە بار ئىدى تەمسىل،
• لويى ئامبال ۋە دارىن دەپ سەمىز باققانىمىز باردۇر.
•
• ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە، ئۈزەر سۇدا،
• مىنىشكە يوق قوتۇر ئىشەك، پىيادە قالغانىمىز باردۇر.
•
• گۈكىرەپ كەلسە ئاپتومبىل، نىمە بۇ ئەي خۇدايىم دەپ،
• ئەقىلنى ئىشلىتەلمەي تاڭ قېتىپ قالغانىمىز باردۇر.
•
• ھۈنەر بىلەن سانائەتتە «يىتىشتۇق» ئەمدى ئىش پۈتتى،
• ئۇماچ ئىچمەككە خۇمداندا ھېجىر قويغانىمىز باردۇر.
•
• مىسلى جەننەت تاغۇ - دەريانى بىزەشكە يوق ھېچ كىشى،
• ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ بىغەم ياتقانىمىز باردۇر.
•
• مۇنەججىم ھەم ئىنژىنىر، ئالىملارنىڭ ئورنىغا،
• يوغان سەللە، نەپسى بالا موللىمىز - سۇلتانىمىز باردۇر.
•
• قىزىل كۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك ۋە يا ئۆزى قىلالماسلىق،
• قىلاي دەپ باغلىسا كىم بەل تۈمەن بۆھتانىمىز باردۇر.
•
• ئەل - يۇرتنىڭ دەردىگە قىلچە دەرمان بولمىدۇق بىزلەر،
• كېلۇر بىر كۈن شۇ چاغدا ئورنىغا كەلمەس پۇشايمانىمىز باردۇر.
•
• ئابدۇخالىق بولدى قىل، ئاۋارە بولما، قاقشىما،
• شۇ چاغ كەلگەندە بىزلەردە ئازاپقا تەييار ۋىجدانىمىز باردۇر.
مەنبە: تارىم بلوگى
http://tarim68.blogbus.com/logs/39404253.html
收藏到:Del.icio.us