ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-28

    ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئوچېرىكلار....نىڭ داۋامى(2) - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40059892.html

     (5). كېيىن ئۇ، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا دالىلىرىنى كەزىپ يۇرۇپ، نۇرغۇن يىللار ئەمەلىي ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ئۇ مۇشۇ ئىلمىي تەكشۈرۈشلىرىدىن كېيىن " يىرىك قامۇس " دەپ ئەتىراپ قىلىنغان مەشھۇر " تۈركىي تىللار دىۋانى " ناملىق ئۆلمەس ئەسىرىنى يېزىپ چىقتى. ئۇنىڭ بۇ ئالەمشۇمۇل ئابروي قازانغان كاتتا ئەمگىكى ئۇنىڭ 10 يىللىق ئىلمىي تەكشۈرۈش ساياھىتى ۋە ئىككى يىللىق (1072 - 1074) پىششىقلاپ ئىشلەش ئەمگىكىنىڭ شانلىق مەۋىسى بولدى. تۈركىيىلىك تۈركلوگ ۋە داڭلىق ئالىم بىسىم ئاتالاي " تۈركىي تىللار دىۋانى " غا باھا بېرىپ مۇنداق دېگەنىدى: " ھازىرغىچە تۈركىي تىللاردا بۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرەرمۇ ئەسەر كۆرۈلۈپ باقمىغان. بۇ ئەسەر يېگانىدۇر...". " تۈركىي تىللار دىۋانى " دەك نادىر ئەسەرنى يېزىش يولىدا، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ تۈرك، تۈركمە، ئوغۇز، چىڭگىل، باسمىل، ياغما، قىرغىز قاتارلىق بارلىق تۈركىي قەبىلىلىرىنىڭ مىڭلىغان كەنت، ئاۋۇل ۋە سەھرالىرىنى ئارىلاپ، ئۇلارنىڭ تىلىنى، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى، ئىتنوگرافىيىسى (كېلىپ ـ چىقىش مەنبەسى) نى، تارىخىنى، جۇغراپىيىۋى جايلىشىشىنى، مەدەنىيىتىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىققانلىقى - ئۇنىڭ بۇ جاپالىق ئىجتىھادىي، ئۇنىڭ مۇلكى سەردار ياكى ھەربىي سەركەردە بولۇشقا ھەۋەس قىلماي، ئىلىم - مەرىپەتنى گۈللەندۈرۈش يولىغا ئۆزىنى پىدا قىلغان ئۇلۇغ مەرىپەتچى ۋە خەلقپەرۋەر ئۇلۇغ ئالىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئاپتور ئۆز ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە "... ئەبەدىي يادىكارلىق ۋە پۈتمەس - تۈگىمەس بىر بايلىق بولۇپ قالسۇن دەپ... بۇ كىتابنى يېزىپ چىقتىم..." دەيدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئۇلۇغ كىتاب ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشۇلغان پۇتمەس - تۇگىمەس بايلىق. ئۇ شۇنداقلا مىليونلىغان ئەۋلادلارنىڭ ئىپتىخارى مەھمۇت قەشقەرى تىلشۇناسلىقنىڭ تۇنجى ئۇستازى، جاھان تۈركۇلوگىيە پېنىگە ئاساس سالغۇچى بۈيۈك ئۇستازدۇر. " تۈركىي تىللار دىۋانى " دىن ئىبارەت بۇ كاتتا قامۇس ئىنتايىن كەڭ ساھەنى ئوز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭدا ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە، ئادەم فىزىئولوگىيىسى، تۇرمۇش، يەمەك - ئىچمەك، كىيىم - كەچەك، قورال - سايمان، ھايۋانات، تاش - مەدەن، تاغ - دەريا، قاتناش ساۋاتلىرى، ماقال - تەمسىللەر، تارىخىي رىۋايەتلەر، كىشىلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى قاتارلىقلارغىچە كەڭ مەلۇمات بېرىلگەن. بىز يەنە " دىۋان " غا كىرگۇزۇلگەن ئەقلىيە سۆزلەر، شېئىر - قوشاق، تەمسىللەر ئارقىلىق بۇ بۈيۈك ئالىمنىڭ مەرىپەت ئىدىيىسىنى، دەداكتىك كوز قارىشىنىمۇ ئوچۇق كورۇۋالالايمىز. بۇ ھەقتە بىز " دىۋان " دىن بىرنەچچە نەمۇنە كۆرسەتسەك كۇپايە: ـ قۇت بەلگىسى بىلىك. (بەخت - سائادەت بەلگىسى بىلىمدۇر). ـ ئەرمۇگە بولۇت يۇك بولۇر. (ھورۇنغا بولۇتمۇ يۇك بولۇر). مەرىپەتلىك قوشاقلار ۋە پەندى - نەسىھەتلەر: ـ ئوغلۇم ساڭا نەسىھەت: پەزىلەتنى مىراس قىل؛ بىلىملىككە يېقىنلاش، دائىم ئۇنى ئۇستاز قىل. ـ مەندىن نەسىھەت ئوغلۇم پەزىلەت يارات، ئەلدە ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ ئىلمىڭنى تارات. ـ كۆپلىگەن پەزىلەت ئىگىلىرى ۋە بىلىمى تاغدەك دانالار ئالەمدىن كەتتى. ئۇلارنىڭ بىباھا سۆز - ھەكمەتلىرى خېلىمۇ دىلىمنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. ـ بىلىملىك كىشىلەرنى ھۆرمەتلە، سۆزىگە ئاشىق بول، ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنى ئۆگەن، ئەمەلىيىتىڭدىمۇ شۇنداق بول. ـ ئىلىم - ھەكمەت ئىزدە؛ لېكىن مەغرۇرلانما، نادانلار ماھتىنار، سىناقلاردا مات بولار. ـ مەرىپەت سويگۇچى ھەرگىز مال - دۇنياغا ھەرىسلىق قىلمايدۇ. " تۈركىي تىللار دىۋانى " دا پەزىلەتلىك بولۇش، ئەمگەك سويۇش، ۋاپالىق بولۇش، جاسارەتلىك بولۇش توغرىسىدىكى تەلىم - تەربىيە ئىدىيىلىرىمۇ قەدىمقى ماقال - تەمسىللەر، قەدىمقى قوشاقلار ئارقىلىق نۇرغۇن سىڭدۇرۇلگەن. مەسىلەن: ـ ئەمگەك ئەكىندە قالماس (ئەمگەك بوشقا كەتمەيدۇ). ـ ئارپىسىز ئات قىر ئاشالماس، ياردەمچىسىز پالۋان سەپ يارالماس. ـ كىڭەشلىك ئىش ئوڭشىلار، كىڭەشسىز ئىش بۇزۇلار.  ـ تۇگىمەندە تۇغۇلغان چاشقان ھاۋانىڭ گۈلدۈرىدىن قورقماس. ـ ياقىسىدىكىنى يالايمەن دەپ، قولىدىكى تاۋىقىدىن ئايرىلىپتۇ. ـ كۆسەي ئۇزۇن بولسا قول كۆيمەس. ـ ئۇي بولىدىغان كالا موزاي چېغىدا بىلىنىدۇ. ـ ھاجەتمەن مېھمان ئالدىڭغا كەلسە، سەن ئۇنى كۈتكۈزمە، تەييار ئېشىڭنى ئالدىغا كەلتۇر. ـ مېھماننى ئىززەتلە، داڭقىڭنى ئەلگە يايسۇن.  ـ بېخىل - پەسكەش، يارىماس ئادەم - مال - دۇنيانىڭ ساقچىسى، ئۇ يېمەي - ئىچمەي يىغىدۇ، ئاخىر ئۆزگىگە قالىدۇ. 3. ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپىنىڭ ئۇلۇغ ئۇستازى يۇسۇپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر يۇسۇپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى - " قۇتادغۇبىلىك " داستانى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. يۇسۇپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار مائارىپىنڭ تازا گۇللەنگەن ۋە ئۆزى ئوردىدا خاس ھاجىپلىق (ئوردا ۋەزىرلىك) ۋەزىپىسىگە تېخى قويۇلمىغان مەزگىللەر (1609 - 1070 - يىللار) دە مەشھۇر " قۇتادغۇبىلىك " داستانىنى يازغان ۋە ئۇنى بۇغرا قاراخان ئەبۇئەلى ھەسەن بىننى سۇلايمانغا تەقدىم قىلغان. بۇ كاتتا ئەسەرنى يازغان چاغدا يۇسۇپ خاس ھاجىپ خېلى ياشىنىپ قالغانىدى. داستانغا قىستۇرۇپ ئۆتكەن تۈۋەندىكى ئىزاھلاردىن بۇ نۇقتا مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ: "... نۇرلۇق باھار پەسلىدەك چېچەكلىك ئىدىم، غازاڭلارمۇ چۈشتى، ھەممە قۇرۇدى. قەيىندەك مۇستەھكەم، ئوقتەك تۇز ئىدىم، يادەك ئەگرى بولۇپ، مۇكچىيىپ قالدى...". قۇتادغۇبىلىك 82 باب، 6444 بېيىت، 13 مىڭ 288 مىسرادىن قۇرۇلغان چوڭ ھەجىملىك دىداكتىك داستان. بۇ كاتتا ئەسەر پەلسەپە، تارىخشۇناسلىق، دۆلەت - قانۇن، (ھوقۇقشۇناسلىق)، جەمئىيەتشۇناسلىق، مائارىپ، تىبابەت، جۇغراپىيە، تەبىئەت، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، دىپلوماتىيە، تىل - ئەدەبىيات ۋە ھەربىي ئىلىم قاتارلىق ئۇنىۋېرسال مەزمۇنلارنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەسەرنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىغا ئىلىم - مەرىپەت مەدھىيىسى سىڭدۈرۈلگەن. بۇ نۇقتا ئەسەرنىڭ نامىدىنلا ئېنىق مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ. " قۇتادغۇبىلىك " - بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. " قۇتادغۇبىلىك " نىڭ شۆھرىتى ئوز زامانىسىدا ھەر تەرەپكە داڭ كەتكەن. ھەرقايسى ئەل كىشىلىرى ئۇنى ئۇلۇغلاپ ھەرخىل ناملارنى بەرگەن. بەزى شەرق ئەللىرى ئۇنىڭغا " زىنەتۇل ئۇمىرا " (ئەمىرلەر زىننىتى) دەپ نام بەرسە، ئىرانلىقلار " شاھنامەئى تۈرك " (تۈركلەر شاھنامىسى) ياكى بەزىلەر " پەندىنامەئى تۈرك " (تۈركلەر نەسىھەتنامىسى) دەپ نام بەرگەن. " قۇتادغۇبىلىك " نىڭ پۈتۈن مەزمۇنى تۆت مۇھىم شەخسنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق بايان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىرىنچىسى كۇنتۇغدى (پادىشاھ - ئادالەت ۋە قانۇن سىمۋولى)؛ ئىككىنچىسى ئايتولدى (ۋەزىر - بەخت - سائادەت سىمۋولى)، ئۇچنچىسى ئوگدۇلمىش (ۋەزىرنىڭ ئوغلى - ئەقىل - ئىدراك سىمۋولى)؛ تۆتىنچىسى ئودغۇرمىش (ۋەزىرنىڭ قېرىندىشى - قانائەتنىڭ سىمۋولى) بولۇپ، ئەسەرنىڭ پۈتۈن ماھىيىتى مۇشۇ تۆت شەخسنىڭ مۇنازىرە كۇرەشلىرى ئارقىلىق ئەچىپ بېرىلىدۇ. بىلىم، ئادالەت، پەزىلەت ۋە چىدام - غەيرەت ھىسلەتلىرى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ گۇزەل غايىسى ھېسابلىنىدۇ. تەلىم - تەربىيىنىڭ تۇپ مەقسىتى ئادەملەرنى ئاشۇ غايە بىلەن يەتىلدۇرۇپ بەخت - سائادەتكە ئەرىشتۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ. توۋەندە بىز " قۇتادغۇبىلىك " نىڭ مائارىپ ئىدىيىسى توغرىسىدا بىر قانچە مىسال كورسىتىپ ئوتىمىز: ـ بىلىمنى ئۇلۇغ، ئەقىل - ئىدراكنى بۈيۈك بىل، بۇ ئىككىسى ئىنسان مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كوتۇرىدۇ. ـ بىلىمنى نەمىشقا بىلىم دېگەنلىكنىڭ مەنىسىنى بىل. چۈنكى، بىلىم ئىگىسىدىن كەسەل يىراقلىشىدۇ؛ بىلىم - مەشئەلدۇر، مەشئەل يورۇسا كىشى كەچىدىمۇ يولدىن ئازمايدۇ. ـ ئىشىنڭنى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر بىلەن ئىشلە؛ زامانەڭنى بىلىم بىلەن مۇستەھكەملە. ـ بىلىم ئال، ئۆزۇڭگە تۆردىن ئورۇن ھازىرلا، ھەرقانچە بىلسەڭمۇ يەنە ئۆگەن، يەنە ئىزدەن؛ قارىغىنكى، بىلىملىك كىشىلەر سورا، سورا، ئوز تىلەكلىرىگە يەتىشكەن. ـ ئادەم بەرىبىر ئولىدۇ؛ بىلىم ئىگىلىرىنىڭ سۆزى ئولمەيدۇ. ـ ئىككى نەرسە بىلەن ئادەم قەرىمايدۇ: بىرى بىلىم، بىرى پەزىلەتلىك سۆز. ـ ئەي ئوغۇل، مەندىن ساڭا ئالتۇن، كۇمۇش قالسىمۇ، سەن ئۇنى مەندىن ساڭا قالغان مەرىپەتكە تەڭ كورمە. ـ كىشى بىلەن كىشى ئوتتۇرىسىدا پەرق كۆپ، ئەڭ چوڭ پەرق بىلىمدە. ـ ئالەمدىكى ھەممە ياخشىلىق بىلىمدىن كېلىدۇ، بىلىم بىلەن كىشىلەر ئاسمانغا يول ئاچالايدۇ. ـ بىلىم ئەھلى ئۆز بىلىمى بىلەن كىشىلەرگە مەرىپەت چاچمىسا، ئۇنىڭ بىلىمى نۇرسىز قالىدۇ. ـ جاھان تۇتقۇچى ئەر پاراسەتلىك بولسا جاھان مۇستەھكەم بولىدۇ؛ بىلىملىك بولسا، مەملىكىتى كۈچلۈك بولىدۇ. مۇشۇ ئىككىسى بىرلەشكەن كىشى كامالەت تاپىدۇ. كامىل كىشى ھەممە نېمەتكە ئىگە بولىدۇ. پەزىلەت توغرىسىدا: ـ سەمىمىيەت ئىنساننى يۈكسەلدۈرىدۇ، ئىنسان ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ـ كىشىگە ئادىل بول، ئادىل كىشىنىڭ ھەر بىر پەيتى بەختلىك بولالايدۇ. ـ نەپسانىيەت ئۈچۈن ئۆزۈڭنى ئوتقا ئاتما، ھاۋايى - ھەۋەستىن بولغانما. ـ ئاچكۆز كىشىلەرگە ئىش تاپشۇرما، ۋاپاسىز كىشىلەرگە ئاش - تاماق بەرمە. ـ دۇنيا بىر تېرىلغۇ ئېتىزدۇر. ئەمگەك بىلەن دان تېرىساڭ، ھايان ئۇرۇغى ئالىسەن. ـ قوپال سۆزنى تىلىڭدىن چىقارما، قوپال تىل يالقۇنجىغان ئوت. ـ ھارامغا ئارىلاشما، ئۆكتەم بولما، ئۆچ ئالما. ـ ھاراق ئىچمە، پىتنە - پاساتتىن نېرى قاچ! ـ مەنسەپ ئىگىسى بىلىملىك، دانا، كۆزى توق، كۆڭلى كۆكسى كەڭ بولۇشى لازىم. ـ ئاچكۆز تويمايدۇ، ئۇنىڭ نەپسىگە دۇنيانىڭ ئاش - تامىقى يېتىشمەيدۇ. ـ يالغانچى ۋاپاسىز كېلىدۇ، ۋاپاسىز كىشى خەلققە بەخت كەلتۈرمەيدۇ. ـ مەنسەپدارنىڭ مىجەزى تەرسا بولسا، ئىش تەتۈرگە ماڭىدۇ، خۇشاللىقى قايغۇغا ئايلىنىدۇ. " قۇتادغۇبىلىك " داستانىدا ئەخلاق - پەزىلەتنىڭ ئەشەددىي دۇشمىنىدىن بىرى بولغان ھاراق - شاراپنىڭ زىيىنى توغرۇلۇق تئۈۋەندىكىدەك ئاگاھلاندۇرىدۇ: ... ئۇچىنچى، ھاراققا بولۇش مۇپتىلا، بۇ ئەر ئۆمرى شەكسىز كېتەر بوشقىلا. ھاراق ئىچسە ئالىم ئىلىمسىز بولۇر، ئىلىمسىز مەست بولسا نېمىلەر قىلۇر؟ بىز بۇ يەردە ئىپتىخارلىق بىلەن تىلغا ئالىمىزكى، " قۇتادغۇبىلىك " ئىچىدە باشتىن - ئاياغ ئىزچىل سىڭدۈرۈلگەن " بىلىم - كۈچ؛ بىلىم - بەخت قورالى؛ بىلىم - ئىنسان قەدىر - قىممىتىنىڭ ئۇلى..." دىن ئىبارەت خىتابلار مەڭگۇ ئۆلمەس ھەقىقەتتۇر. مۇئەللىپ ئوز ئەسىرىدە كىشىلەرگە بالىلىق مەزگىلىدىن باشلاپ ئەقلىي تەربىيە، ئەخلاقىي تەربىيە، جىسمانىي تەربىيە، ھۈنەر - ماھارەت تەربىيىسى، گۇزەللىك تەربىيىسى قاتارلىق ئەتراپلىق تەلىم - تەربىيە بېرىشنىڭ زۆرۈرلۇكىنى تەكرار تەۋسىيە قىلىدۇ. مانا بۇلار ئەسەردە باشتىن - ئاخىرغىچە چاقناپ تۇرىدىغان پارلاق ئىدىيىدۇر. ئەسەردە يەنە دۆلەتنى ئىلىم - پەن بىلەن باشقۇرۇش، دۆلەت ۋە جامائەت ئىشلىرىغا قابىل، بىلىملىك ۋە ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى قويۇش، بىلىم ئەھلىنى سويۇش، ئىلمىي ئىجادىيەتكە كەڭ مەدەت بېرىشنى تەكرار جەكىلەيدۇ، مەرىپەتشۇناسلىققا ئائىت بۇ ئۇلۇغۋار تەشەببۇسلار ھازىرمۇ رېئال قىممەتكە ئىگە. " قۇتادغۇبىلىك " داستانىدا مۇئەللىپ يەنە ئىجتىمائىي تەبىقىلەر، ئىجتىمائىي ھايات، مالىيە - ئىقتىساد، خارىجى ئىشلار، ھەربىي ئىشلار، سىياسىي خىزمەت، قەھرىمانلىق جاسارىتى، " مۇكاپات ۋە جازا " ھەمدە قانۇنشۇناسلىق قاتارلىق كەڭ مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ چوڭقۇر تەھلىل ئېلىپ بارىدۇ. ئەسەرنىڭ نەزمە يەشمىسى ئاساسىدا يۇقىرىقى مەزمۇنلارغا ئالاقىدار بىر قىسىم مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى: ھاۋايى - ھەۋەسكە بېرىلمەسلىك توغرىسىدا: ھەۋەسنى ئەقىل بىرلە باسقىن ئۇتۇپ، بىلىم بىرلە يانچىغىن نەپسىڭنى تۇتۇپ. تۇزۇلمەس تىلەسەك، ھەۋەس بوينىن كەس، تۈزۈلۈر ئەگرىلىك گەر ئۆلسە ھەۋەس. ئۆزۈمچىلىك - مەنمەنچىلىكنىڭ ئاقىۋىتى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا: ئېغىر يۈك كىشىگە ئۆزەمچىل قېلىق، ئۆزەمچىل قېلىققا ئوق ئات، قارشى چىق. ياغى قىلمىغاننى شۇ قېلىق قىلار، يېغىدىن بۇ ياغى نەچۇك پەرقلىق؟ ئەقىل - ئىدراك، پاراسەت ۋە بىلىمنىڭ ئۇلۇغلۇقى توغرىسىدا: بىلىم بايلىق ئول، گادايلاشمايدىغان، قاراقچى ۋە ئوغرى ئالالمايدىغان. ئەقىلدىن بولەككە ھۆرمەت بولمىغاي، ئەقىلسىز ئادەم ئۇ، بىر ئوچۇملا لاي. ئەقىل كىمدە بولسا بولۇر ئۇ ئەسىل، بىلىم كىمدە بولسا بولۇر خان ئۇ، بىل. ئەقىل بىر چىراغدۇر، كوزى يوققا كوز، ئولۇك تەنگە جان ئول، گاچا تىلغا سۆز. كىچىك پەئىللىقنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە تەكەببۇرلۇقنىڭ يامانلىقى توغرىسىدا: كىچىك پەئىل ئۇلۇغلۇق - سۇرەر كۆپ زامان، تەكەببۇرغا تەگمەس ئۇلۇغلۇق ھامان. سۆيۈك ئەل ئىچرە كىچىك دىل كىشى، سۆيۈلمەس تەكەببۇر، يىرىك دىل كىشى. مەنسەپدارلارنىڭ پەزىلەتلىرى توغرىسىدا كۆزى توق، ھايالىق، نازۇكلۇق كېرەك، تۇمەن خىل بىلىم ۋە زىرەكلىك كېرەك. دىلى بولسۇن ھەممە كىشىگە كىچىك، تىلى بولسۇن يۇمشاق، شەكەردەك چۈچۈك. ئەگەر بولسا بەگلەر زالىم ھەم يامان، چىقار ئىشلار تۈز يولدىن ھامان. بىلىمنى ۋە بىلىم ئەھلىنى قەدىرلەش توغرىسىدا: يوق بولسا جاھاندا ھەكىم - ئىلىملىك، تەرىپ، ئۇنمەس ئەردى يەردە يەگۇلۇك. ئۇلار ئىلمى بولسا جاھاندا چىراغ، يول ئازماس كەچىدە يورۇسا چىراغ. قاتتىق سوي ئۇلارنى قەدىرلە سۆزىن، تولا ياكى ئازدۇر ئۆگەن ئۇلار بىلگىنىن. ئۇلار قوي پادىسى ئىچرە سەركىدۇر، ئۇ باشلاپ ماڭسا قوي تۇز يولغا يۇرۇر. پەرزەنتلەرگە تەلىم - تەربىيە بېرىشتە ئاتا ئانىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسىدا: تۇغۇلسا ساڭا ئاي كەبى قىز - ئوغۇل، ئاڭا تەربىيىچى سەن ئوزۇڭلا بول. ئوغۇل - قىز ھۇي - پەيلى بولسا يامان، يامان قىلغان ئاتا - ئانا ئۇلارنى ھامان. ئۇياتلىق ۋە نومۇس پەزىلەتلىرى توغرىسىدا كىشىنىڭ سەرخىلى ئۇياتلىق كىشى، ئۇياتلىق كىشىدۇر كىشىلەر بەشى. ئۇياتلىق كىشىگە پۈتۈن ئىشنى بەر، ئۇياتلىق جاھالەت ئىشىگىن ئەتەر. ئۇياتسىز - نومۇسسىز كىشىلەرنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا: ئۇياتسىز كىشىدۇر كىشى رەزلى، دۇرۇست سۆز سۆزلىمەس ئۇياتسىز تىلى. بىر گوشسىز سوڭەكتۇر ئۇياتسىز يۇزى، ئەتىلمەس توشۇكتۇر ئۇياتىژ كوزى. تىل - سۆزنىڭ پەزىلەتلىرى توغرىسىدا ئوزۇڭنى كوزەت بەك، ياخشى سۆزلىگىل، سورالغاندا سۆزلە، يەنە قىسقا قىل. كۆپ ئاڭلا بۇ سۆزنى تولا سۆزلىمە، بىلىم بىرلە سۆز تۇز، ئىشلەتكىن ئەقىل. كۆيەر ئوتقا ئوخشار كېرەكسىز سۆزۈڭ. ئەغىزدىن چىقارما كۆيەرسەن ئۆزۈڭ. ئاچكۆز - خىيانەتچىلەر توغرىسىدا خىيانەت قەيەرگە گەر باسسا ئاياغ، قاچار پايدىلىق ئىش ھەممىسى يىراق. خىيانەتچى نەگە قول سۇنسا ئەگەر، دەڭىزمۇ سۇسىزلار، قۇرۇپ كەتەر يەر. شەخسىيەتچى، چەقىمچى ۋە پىتنە - پاساتچىلارنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا: قەتىلما ئىككى خىل ئەرگە، يىراق تۇر، قەتىلساڭ كورەرسەن چاتاق چىقىرۇر. بېرىدۇ چەقىمچى، پىتنە - پاساتچى، بىرى ئىككى يۇزلۇك شەخسىيەتچى. ئادىل قانۇن ۋە قانۇننىڭ ئادالەتلىكى توغرىسىدا ئادىل قانۇن كوكتە - بىر تۇۋرۇك ئىرۇر، ئۇ قانۇن بۇزۇلسا، ئاسمان يىقىلۇر. يوق ئەرسە قانۇنلۇق بەگلەر مۇبادا، يەتتە قات ئاسماننى بۇزاتتى خۇدا. قىلىپ ئادالەت بىلەن ھەر ئىشتىن، ئايرىماي بەگ يا قۇل دەپ ھېچكىشىن. ماڭا تەڭ ئىككىسى قانۇن ئالدىدا، بولەكچە بولماسمەن ھۆكۈم ۋاقتىدا. زالىم بەگ سۇرەلمەس بەگلىك دەۋرىنى، كوتۇرمەيدۇ خەلق ئۇنىڭ زۇلمىنى. ئەل ئارتار، قانۇن بىرلە تۇزۇلۇر جاھان، زۇلۇم بىرلە ھوراپ ئەل، بۇزۇلۇر زامان. 4. ئەدىب ئەھمەتنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى ئەدىب ئەھمەت قاراخانىلارنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ياشىغان ئاتاقلىق ئوقۇتقۇچى، شائىر ۋە زامانىسىنىڭ مەشھۇر مۇتەپەككۇرى ئىدى. ئۇنىڭ " ئەتەبەتۇل ھەقايىق " (ھەقىقەتلەر بوسۇغۇسى) ناملىق دەداكتىك ئەسىرى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. " ئەتەبەتۇل ھەقايىق " - جەمئىي 14 باب، 484 مىسرادىن تەركىب تاپقان، باي پىداگوگىكىلىق مەزمۇنغا ئىگە داستان، ئەسەرنىڭ مائارىپ ئىدىيىسىنى تۈۋەندىكى قىسقا مىساللار بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتىمىز: بىلىم - مەرىپەت توغرىسدا: ـ بىلىملىك كىشى قىممەتلىك دىنار (ئالتۇن - تىللا)؛ بىلىمسىز نادان - قىممىتى يوق ياماق، پاخال. ـ ئىنساننىڭ زىننىتى - ئەقىل. بىر بىلىملىك مىڭ نادانغا تەڭ.  تۈرلۈك - تۈمەن ئىشلاردا ناداننىڭ كۆرگۈلۈكى پۇشايمان؛ ئۇنىڭغا پۇشايماندىن ئۆزگە قىسمەت يوق. پەزىلەت توغرىسىدا: ـ ئەدەب - ئەخلاقنىڭ بېشى - تىل. ـ كىشىنى تىل بىلەن ئازابلىما، بىلگىنكى، تىغ يارىسى ساقىيىدۇ، تىل يارىسى ساقايمايدۇ. كىشىگە ھەر ئىش كەلسە تىلدىن كېلىدۇ، ياخشىلىقمۇ، يامانلىقمۇ تىلدىن ئايان بولىدۇ. قاراخانىلار دەۋرىدە يەنە رەشىد بىننى قەشقەرى (1083 - يىلى ۋاپات بولغان) ۋە ئىمامىدىن قەشقەرى (11 - ئەسىر) قاتارلىق مەشھۇر تىببىي ئۇستازلار ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. ئىمامىدىن قەشقەرى يازغان " شەرھى ئەلقانۇن " ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ نوپۇزلۇق دەستۇرى ئىدى. 1216 - يىلللىرى چىڭگىزخاننىڭ بەسىمىدىن غەربكە قاچقان قىتانلارنىڭ سەركەردىسى كۈچلۈك نۇرغۇن لەشكەرلىرى بىلەن قاراخانىلار زېمىنىغا بېسىپ كىرىپ ۋەھشىيلەرچە قىرغىنچىلىق يۇرگۇزدى. نۇرغۇن ئالىملار دارغا ئەسىلدى. مەكتەپ، مەدرسلەر كويدۇرۇۋەتىلدى. كىتاب ۋە قوليازمىلارنى يىغىپ گۇلخان ياقتى. داڭلىق ئالىم ۋە مەرىپەتچى ئەللامە ئالائىدىن مۇھەممەت خوتەنى 3000 ئوقۇغۇچىسى بىلەن بىللە ھازىرقى يۇرتخان كەنتى (6) دە تىرىك كومۇۋەتىلگەنىدى، خوتەننى " شەھىدانى خوتەن " دەپ ئاتاش ئەنە شۇ قانلىق تارىخنىڭ بىۋاستە يادنامىسى.

    ئىزاھاتلار: (1) " خەلق گېزىتى " 1983 - يىل 7 - ئاينىڭ 25 - كۇنىدىكى سانى 7 - بەت. (2) ئەينى زاماندا ئەرەب ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ ئورتاق تىلى ھېسابلىناتتى. (3) ئوپال قەشقەر شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 45 كىلومەتر كەلىدىغان يەرگە جايلاشقان ۋە پامىر ئەتىكىدىن ئورۇن ئالغان، ھاۋاسى ساپ، تەبىئىي مەنزىرىسى گۇزەل بىر جاي. (4) ئالىمنىڭ ئانىسى بۇبى رابىيە ئوز زامانىسىدا ئوقۇمۇشلۇق ئايال ئىدى. مەھمۇت قەشقەرىنىڭ يەتىلىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ئاتىسى ھۇسەيىن بىننى مۇھەممەت ۋە بوۋىسى مۇھەممەت بىننى يۇسۇپمۇ زامانىسىدا ئاتاقلىق كىشىلەر ئىدى. ئانا تەرەپ بوۋىسى سەيپىدىن تەھىمۇ بىلىملىك كىشى ئىدى. (5) مەھمۇت قەشقەرى مىلادىنىڭ 1118 - يىلى ئوپالدا " مەدرىسەئى مەھمۇدىيە " ناملىق يۇقىرى دەرىجىلىك مەكتەپ تەشكىل قىلىپ، ئۆزى سەككىز يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق ھىزمىتىنى تاكى ۋاپات بولغۇچە داۋاملاشتۇرغان. مەھمۇت قەشقەرى 1126 - يىلى 97 يەشىدا ئانا يۇرتى ئوپالدا ۋاپات بولغان. (6) بۇ جايدا ھازىرمۇ " ئەللامە شەھىتلىكى " دېگەن مازار بار. ئۇ قەدىمقى شەھەر خارابىسى " يۇرتخان " بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ.

    6 - باب چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى

    كېيىنرەك چىڭگىزخان ئىستېلاسى نەتىجىسىدە چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي (1179 - 1242 - يىللار) ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنغا ئۇيغۇرلار رايونىنى قوشۇپ ئىدارە قىلدى. چاغاتاي ئولۇسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئاشۇ دەۋرنى تارىخچىلار ئۇنىڭ نامى بىلەن "چاغاتاي دەۋرى" دەپ ئاتىدى. چاغاتاينىڭ پايتەختى ئالمىلىق (ھازىرقى ئىلى) بولۇپ، مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى ۋە داڭلىق پىداگوگ سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇپ ئىبنى ئەبۇ يۇسۇپ سەككاكى (1160 - 1128 - يىللار) چاغاتاينىڭ ئىلمىي مەسلىھەتچىسى ئىدى. مەشھۇر دىپلومات ۋە سىياسەتچى قۇتبىدىن بولسا چاغاتاينىڭ باش دوختۇرى، تالانتلىق مائارىپچى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىنژىنېرى مەسئۇتبەگ چاغاتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى باش ۋالىسى ئىدى. ئۇيغۇر ئالىمى سەككاكى ۋە مەسئۇتبەگنىڭ ئىجتىھات كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك مائارىپى مۇشۇ دەۋردە يەنە قايتىدىن گۇللەپ، ئىنتايىن زور تەرەققىي قىلدى. بۇ چاغدا ئالمىلىق، بۇخارا ۋە قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئىلىم - پەن مەركەزلىرىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ مەسئۇتبەگ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي - مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا ئىنتايىن زور ئەمگەك سىڭدۈردى. مەسئۇتبەگ نايامان - كىدانلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەن قەشقەردىكى مەشھۇر ئالىي بىلىم يۇرتى "مەدرىسەئى ساجىئە" نىڭ خارابىسى ئورنىدا مىلادىنىڭ 1260 - يىلى "مەسئۇدىيە" ناملىق نوپۇزلۇق بىلىم يۇرتى ۋە ئۇنىڭ يېنىدا "سائادەت" ناملىق داڭلىق كۇتۇپخانا تەسىس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپى قايتىدىن راۋاجلىنىپ، قەشقەر پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە "سانى بۇخارا" (ئىككىنچى بۇخارا) دېگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە بولدى. مەسئۇتبەگ 1254 - يىلىدىن 1289 - يىللارغىچە ئۆزىنىڭ نامىدا ئاتالغان بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىغا شەخسەن ئۆزى بىۋاسىتە رىياسەتچىلىك قىلدى. مەسئۇتبەگنىڭ يېقىن دوستى - مەشھۇر ئالىم جامال قارشى (1230 - يىلى تۇغۇلغان، "سۇرراھ" ناملىق يىرىك قامۇسنىڭ ئاپتورى) "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىنىڭ نوپۇزلۇق مۇددەررىسى (پروفېسسورى) ئىدى. ئۇ، "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىنى تەرىپلەپ مۇنداق يازىدۇ: "... بۇ مەكتەپكە ھەممە ئىقلىمدىن ھەر يىلى مىڭلاپ ئوقۇغۇچى كېلىپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە يالغۇز ئىلاھىي تەلىماتلا ئەمەس. بەلكى مۇھىمى ئارىستوتىل، سوقرات، خارەزمى، فارابى، ئىبنى سىنا پەلسەپىلىرى ... تەتقىق قىلىنىدۇ، ئەرەب، پارس ۋە ئوردۇ قاتارلىق چەتئەل تىللىرى ئوقۇلىدۇ" ("ساياھەت خاتىرىسى" - جامال قارشى، 1273 - 1274 - يىللار). "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىدا ئۇنۋان ۋە مۇنتىزم ئىمتىھان تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. ئوقۇش پۇتتۇرگۇچىلىك ئەسەر يازغانلارغا ئەللامە (ئاكادېمىك، دوكتور)، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلار مۇدەررىس (پروفېسسور)، ئۇچىنچى دەرىجىلىكلەرگە بولسا موللا ياكى خەلپەت ئۇنۋانى بېرىلەتتى. "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىدا ئوقۇش پۇتتۇرگەنلەر ئىچىدە نۇرغۇن زىيالىيلار چاغاتاي ئۇلۇسىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى. ھەتتا خانبالىقتا ھۆكۈمران بولۇپ تۇرغان چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى قۇبلاي (1215 - 1294 - يىللار) نىڭ باش مىنىستىرى (باشبۇغ) لىكىدىكى بەزى خادىملارمۇ ئەنە شۇ مەكتەپتە ئوقۇغان. بۇ يەردە شۇنىمۇ ئالاھىدە قەيت قىلىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى، مەشھۇر پېداگوگ ۋە تالانتلىق مەمۇرىيەت باشقۇرغۇچى تاتا تۇڭا ئەينى زاماندا چىڭگىزخاننىڭ ھەممە ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. چاغاتاينىڭ ئۆزىمۇ ئەنە شۇ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىدا ئوقۇپ ساۋات چىقارغان. تاتا تۇڭا دەسلەپتە نايمان ئەلىنىڭ تايانخان (كۇنخان) ئوردىسىدا باش ئىلمىي مەسلىھەتچى ۋە ئوقۇتقۇچى بولغان. كېيىن چىڭگىزخان ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغان چاغدا چىڭگىزخان بۇ ئۇيغۇر ئالىمىنى ئوز ھۇزۇرىغا تەكلىپ قىلىپ، ئوردا ئوقۇتقۇچىسى قىلغان. تاتا تۇڭا ئەنە شۇ چاغدا كىدان ۋە موڭغۇل ئېلىپبەسىنى ۋە گرامماتىكا قائىدىسىنى يەنى تۇنجى كىدان ۋە موڭغۇل يېزىقىنى كەشىپ قىلىپ بەرگەنىدى. بۇ يېزىق كېيىن جۇرجان ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوردا يېزىقىنىڭ نەمۇنىسى بولۇپ قالدى. تاتا تۇڭا ئىجاد قىلغان كىدان، موڭغۇل ۋە مانجۇ يېزىقى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرخۇن ئېلىپبەسى ئاساسىدا تۇزۇلگەن. تاتا تۇڭانىڭ تەربىيىسى خېلى سىڭگەن چاغاتاي ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلار رايونىنى ئىدارە قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن بىرقەدەر كەڭ سىياسەت يۇرگۇزدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئىش قىلىشنى يولغا قويدى. ئۇنىڭ كەڭ ئىمپەرىيىسىدە ئۇيغۇر تىلى بىردىنبىر ھۆكۈمەت تىلى ۋە ئالاقەت تىلى بولدى؛ مەمۇرىي ئىشلار ئەنە شۇ تىل بىلەن يۇرگۇزۇلدى. مەشھۇر ئەرەب تارىخچىسى ئىبنى ئەل بەشىر (1388 - 1450 - يىللار) مۇنداق يازىدۇ: " ... بۇ يەردە مەنسەپ بەلگە ناملىرى، بۇيرۇق - پەرمانلار، يازما ئەسەرلەر ئۇيغۇر تىلى بىلەن بولىدىكەن، پەقەت مۇشۇ تىلنى بىلگەن كىشى روناق تاپالايدىكەن، ھۆرمەتكە ئامەتكە سازاۋەر بولالايدىكەن" (كىرىپورت، "ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى" 56 - بەت). كېيىنكى تارىخچىلار ۋە تىلشۇناسلار بۇ تىلنى مۇشۇ چوڭ رايوننىڭ سۇيۇرغال ئىگىسى چاغاتاينىڭ نامى بىلەن باغلاپ "چاغاتاي تىلى" دەپ ئاتىدى. "قۇتادغۇبىلىك" - قاراخانىلار "ھاقانىيە تىلى" ئاساسىنى تىكلىگەن بولسا، خۇجا ئەھمەت يەسىۋى تەرىپدىن 1145 - يىلى يېزىلغان "دىۋان ھەكىمەت" ۋە قەشقەرلىك چوڭ مۇدەررس نەسىردىن ئىبنى بۇرھانىدىن رابغۇزى تەرىپىدىن 1310 - يىلى يېزىلغان "ئەۋلىيالار قىسسەسى" ناملىق رومان "چاغاتاي تىلى" ئاساسىنى تىكلىگەنىدى. چۈنكى بۇ ئىككى ئەسەر شۇ زاماندا ئۆيمۇ ئۆي ئوقۇلىدىغان، تەسىرى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كەڭ تارالغان ئەدەبىي كىتابلار ئىدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ تەسىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنى كۇندىن - كۇنگە مۇستەھكەملەندى. چاغاتاي مائارىپىنىڭ مىراسلىرى تاكى كېيىنكى ئەسىرلەرگە قەدەر ئوز رولىنى يوقاتماي كەلدى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەڭ ئۇقۇمۇشلۇق خەلق بولۇپ كەلىۋاتقان سالاھىيىتىنى ئوچۇق كۆرسەتتى. پروفەسسور مالوف مۇنداق دەپ يازىدۇ: "موڭغۇللار ئارىسىغا مەدەنىيەت تارقاتقان، ئۇلارغا ئۇستاز بولغان ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت ئوردىسىدا ئىش يۇرگۇزگەنلەر ئۇيغۇرلار ئىدى." بۇ ئەھۋال يالغۇز چاغاتاينىڭ سۇيۇرغال زېمىنىدىلا ئەمەس، ھەتتا قۇبلايخان تەسىس قىلغان يۇئەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتىدىمۇ شۇنداق. بۇنىڭ مىسالى قىلىپ، قۇبلايخاننىڭ ۋەزىرى ھەسەن ئەييار، چەت ئەللەر بىلەن ئالاقەت باغلاش ۋەزىرى ساقى، كۆپ تىل، جۇملىدىن گرەك ۋە لاتىن تىلىنى بىلىدىغان ئالىم ۋە ھىرىستىئان دىنىي ۋەزىرى رەببانى، جەنۇبىي جۇڭگو ۋەزىرى ئومەر، باش ئادوۋكات ۋەزىرى بورۇل ئەييار، ھەربىي سەركەردە چاغان تومۇر بىلەن كوك تومۇر، ئاسترونومىيە ئالىمى جامالىدىن، ئاتاقلىق ئەدىب يۇنۇس ھەييام، ئاتاقلىق دوختۇر يەھيا، يەزا ئىگىلىك ئالىمى تومۇر تۇۋرۇك، "جۇرجىن تارىخى" ناملىق ئەسەرنى يازغان تارىخچى سارابان، "سۇڭ سۇلالىسى تارىخى" نىڭ ئاپتورى يانسارى، مەشھۇر كومپوزىتور مۇھەممەت چولپان، كۆپ تىل بىلىدىغان تىلشۇناس ئەلسارىلارنى كورسىتىپ ئوتۇش كۇپايە. بولۇپمۇ ئاتاقلىق ئالىم تومۇر تۇۋرۇك يازغان "زىرائەت ئوسۇملۇكلىرىنى يەتىلدۇرۇش پرىنسىپلىرى" ناملىق ئىلمىي ئەسەر تاكى يېقىنقى چاغلارغىچە ئېلىمىز مەكتەپلىرىدە ئوقۇلىدىغان مۇھىم دەرسلىك كىتاب بولۇپ كەلدى. چاغاتاي ئوردىسىنىڭ باش دوختۇرى مىجىت ۋە قۇبلاينىڭ باش دوختۇرى يەھيانىڭ ئالمىلىق ۋە خانبالىقتا ئاچقان سۇنۇق كەسەللىكىنى داۋالاش مەكتىپى ئە مال دوختۇرلۇق مەكتەپلىرى نۇرغۇن شاگىرتلارنى يېتىشتۈرگەن. بۇ دوختۇرلار سىر دەريا ۋادىسىدىن تارتىپ تاكى خۇئاڭخې ۋادىسىغىچە ئات ئۈستىدە يۈرۈپ بىمالال ۋاراچلىق ۋە تەڭقچىلىق قىلاتتى. بۇ ھەقتە ئېلىمىزنىڭ مېدىتسىنا كىتابى - مەشھۇر "نەيجىڭ" ناملىق كلاسسىك قامۇستا يېزىلغان تۈۋەندىكى پاكىتلارنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ: "غەربىي رايون - ئالتۇن ۋە قاشتېشى ماكانى، ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ ئوزۇقلىنىشى ياخشى، گوش، ماي بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، تائاملىرى قۇۋۋەتلىك بولغاچقا، كەسەللەر ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تەنىنى زەھەرلىيەلمەيدۇ." "ئۇيغۇرلار ئۇزۇم، بەدە، ئانار، زىغىر، ياڭاق، پۇرچاق، يۇمغاقسۇت، پىياز، سامساق، زاراڭزا چەچىكى قاتارلىق ئوسۇملۇك ۋە گىياھلاردىن ياخشى دورىلارنى ياسايدۇ. ئانارنىڭ پوستى مەددە قۇرتىنى يوقىتىدىكەن. ئانار گۇلى كىشىنىڭ روھىنى زوقلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەن. زىغىرنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، مىجەزنى تەڭشەيدىكەن، ئۈزۈم پەي بىلەن سۆڭەككە قۇۋۋەت بېرىدىكەن." يەنە "جۇگىڭلۇ" ناملىق تىببىي ئەسەردە قۇبلايخاننىڭ باش دوختۇرى يەھيانىڭ ئېچىتقۇ دورىسىنى كەشىپ قىلىپ، سىچۇەن ئۆلكىسىدە پەيدا بولغان قورقۇنچلۇق ۋابا كېسىلىنى ساقايتقانلىقى بايان قىلىنغان. شۇ كىتابنىڭ 22 - تومىدا يەنە مۇنداق تەسۋىرىي پاكىتلار يېزىلغان: رىن زىجاۋ دېگەن كىشى ئېيتىدۇ: "ئۆيگە قايتىۋاتسام قوشنامنىڭ ئوغلى بېشى قاتتىق ئاغرىپ، نالە - پەرياد ئىچىدە يېتىپ قاپتۇ، بىر ئۇيغۇر تىۋىپ كېلىپ، يېنىدىكى ئۇستىرا بىلەن بالىنىڭ پىشانىسىنى يېرىپ، بىر كىچىك قۇرت ئېلىۋەتتى. ھېلىقى قۇرت قاتتىق تاشتەك ئىدى. قۇرت بىرئاز ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ قالدى. بالىمۇ دەرھال ساقايدى." يەنە شياشۇسۇ دېگەن كىشى ئېيتىدۇ: "پىڭچياڭ ئەگمىسى يېنىدا بىر كىشىنىڭ ئېتى قورسىقى كۆپۈپ يېتىپ قالغانىكەن. بىر ئۇيغۇر دوختۇر كەلدى - دە، ئاتنىڭ پۇتىدىن بىر نېمىنى كېسىۋەتتى، ھايال بولماي ئات ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى..." يۇەن سۇلالىسى تەزكىرىلىرىدە يەنە مۇنداق تارىخىي پاكىتلار نەقىل كەلتۈرۈلگەن: ... ئىچكىرىگە كېلىپ تىجارەت قىلىدىغان بىرنەچچە مىڭ سودىگەرلەر قاتارىدا ئۇيغۇر تىۋىپلىرىمۇ كۆپ ئىدى. ئۇلار بەيجىڭ قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن دورىخانىلارنى ئاچقان ۋە داۋالاش ئورگانلىرىنىمۇ قۇرغان. بۇ دورىخانىلاردا سەرىق قۇيرۇقلۇق جەرەننىڭ ئەزالىرىدىن ياسالغان قىممەتلىك دورىلار بار ئىدى. بۇ دورىلار ئادەمنى سەمرىتىش، سوغۇق يەلنى ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىدى. ياز كۈنلىرى دورىخانىلاردا قىمىزمۇ سېتىلاتتى. قىمىز بولسا قېرىلىقنى كەتكۈزۈپ، ئادەم ئورگانىزمىنى، بولۇپمۇ ئوپكە بىلەن يۇرەكنى ياشارتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىدى. يۇقىرىدىكى پاكىتلار چاغاتاي زامانىسىدىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئەينى زامان شارائىتىدا ئىھتىساسلىق كىشىلەرنى قانچىلىك يېتىشتۈرگەنلىكىنىڭ بىر تەرىپى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىز چاغاتاي مائارىپىنىڭ يادروسى بولغان قەشقەردىكى "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن يەتكۇزگەن مىراس مەۋىلىرىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئۆگىنىپ كورىدىغان بولساق، ئۇنىڭ پارلاق نەمۇنىلىرى كوز ئالدىمىزدا تەھىمۇ جانلىق نامايەن بولىدۇ. بىز يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئوتكىنىمىزدەك تۈرلۈك جايلاردىن مىڭلىغان تالىپلار "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىغا كېلىپ بىلىم ئالاتتى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى كەشمىر ۋە لاھۇردىن، بەزىلىرى بالاساغۇن ۋە قىپچاق دالىلىرىدىن، بەزىلىرى ھۇراساندىن ھەم تارىم بويلىرىدىكى تۈرلۈك شەھەر - يېزىلاردىن ۋە ئىلى دەريا ۋادىسىدىن كېلىپ مەكتەپتە قونۇپ ئوقۇيتتى. ئوقۇش پۇتتۇرگەنلەر ئىچىدە نۇرغۇن كىشىلەر ئاتاقلىق شائىر ۋە ئالىملاردىن بولۇپ تونۇلۇپ، تۈرلۈك جايلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھۇراساندا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە پۈتۈن ئومرىنى مائارىپ ئۈچۈن بەغىشلاپ چوڭ نەتىجە بىلەن ئابروي قازانغان سەئىد قەشقەرى، مەۋلانا ئەبەيدۇللا لۇتفى قاتارلىقلار بار. سەئىد قەشقەرى ھۇراساندا ئومرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەپ، كۆپ ئالىملارنى يېتىشتۈرگەن. مەشھۇر پارس شائىرى ئابدۇراھمان جامى (1414 - 1492) مۇ سەئىد قەشقەرىنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى ئىدى. چاغاتاي ئەۋلادلىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن مەرىپەتپەرۋەر يازغۇچى مەۋلانا ئەبەيدۇللا لۇتفى (1366 - 1465 - يىللار) بىلەن ئەلىشىر ناۋايى (1441 - 1501 - يىللار) مائارىپ تارىخىمىزدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. لۇتفى ئىستىداتلىق يازغۇچى بولۇپلا قالماي، يەنە نوپۇزلۇق مائارىپچى ئىدى. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى "پاساھەتلىك ئەدىپ" ھەم "ئەزىز، تەۋەرۇك زات" دەپ قوش ئۇنۋان بىلەن ھۆرمەتلەيتتى. ئېلىشىر ناۋايى ئۇنى "مەلىكۇل كالام" (سۆز پادىشاھى) ۋە "تەۋەرۇك ئۇستاز" دەپ مەدھىيلىگەن. لۇتفى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا بېرىپ، چوڭ مەكتەپلەردە لەكسىيە سۆزلىگەن؛ ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، پارس، ئەرەب تىل گرامماتىكىسىدىن دەرس ئوتكەن. ئۇ 20 دىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. ئۇنىڭ 2400 مىسرادىن ئارتۇق كەلىدىغان "گۇل ۋە نورۇز" ناملىق داستانى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا ئاساس تىكلەپ بەرگەن. لۇتفىنىڭ پارس تىلىدا يازغان شېئىرىي ئەسەرلىرى ئىران تىلى سىستەمىسىدىكى خەلقلەر ئىچىدىمۇ چوڭ شۆھرەت قازانغان. لۇتفى يەنە مەشھۇر تومۇرلەڭ (ئاقساق تومۇر) ھەققىدە يېزىلغان "زەپەرنامە" ناملىق ئەسەرنى پارسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. ئاتاقلىق شائىر ئېلىشىر ناۋايى بولسا ئۇيغۇر مائارىپى ۋە شېئىرىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن مۇتەپەككۇر ۋە كلاسسىك يازغۇچى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كلاسسىك مۇزىكىسى - 12 مۇقامنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى مۇقام كۇيلىرى ئېلىشىر ناۋايىنىڭ شېئىر تەكستلىرىگە سەلىنغان. ناۋايىنىڭ تاللانغان شېئىرلار توپلىمى - "ناۋايى" ناملىق دەرسلىك كىتاب ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە رەسمىي ئوقۇشلۇق بولۇپ كەلگەنىدى. ناۋايىنىڭ "ھەمىسە ناۋايى" ھەم "چاھار دىۋان" قاتارلىق يىرىك داستان ھەم شېئىرىي ئەسەرلىرى، شۇنىڭدەك يەنە بىر قانچە پەلسەپىۋى ئەسەرلىرى بار. ئۇ بۇ ئەسەرلىرىدە ئىلىم - مەرىپەتنى، ھەققانىيەتنى، ئادالەتپەرۋەرلىكنى كۇيلىگەن، ئەمگەكنى ۋە ئەمگەكچى خەلقنى مەدھىيىلىگەنىدى. ئېلىشىر ناۋايى ئۆزىنىڭ "مەھبۇبۇل قۇلۇپ" ناملىق ئەسىرىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەجىر - مەھنىتىنى يۇقىرى باھالاپ مۇنداق يازىدۇ: "ئوقۇتقۇچى يۇمران بالىلارنى جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق ئۆزىگە رام قىلىدۇ. بالىلارغا تەربىيە سىڭدۈرۈشتە ئۇلارنىڭ تىلى ئېرىگەن قوغۇشۇنغا ئوخشايدۇ. ئۇلار بەڭباش بالىلارنى تۈزەشتە، ئەدەب ئۆگىتىشتە نۇرغۇن جاپا، ئەجىر چېكىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلاردا ھەققى ئىنتايىن كۆپ. ئەگەر ئوقۇغۇچى كېيىن پادىشاھ، شەيخۇلئىسلام ياكى قازى بولسۇن، ئۇ، ئوقۇتقۇچىسىغا قۇللۇق قىلغىنى خوپ. چۈنكى ئۇنىڭدىن ئۇستازى رازى بولسا تەڭرى رازى بولىدۇ..." ھەق يولىدا كىم ساڭا بىر ھەرپ ئوقۇتمىش رەنج ئىلە، ئەيلىمەك بولماس ئۇنىڭ ھەققىن ئادا يۇزگەنچ ئىلە. (ساڭا بىر ھەرپ ئۆگەتكەن ئۇستازنىڭ ھەققىنى يۈز تىللا بېرىپمۇ ئادا قىلالمايسەن) (ئەلشىر ناۋايى "مەھبۇبۇل قۇلۇپ" 113 - بەت) ناۋايى ئىلىم - مەرىپەت توغرىسىدا يەنە مۇنداق دېگەنىدى: ئىلىمدىن ئارى ئۇلۇسنىڭ ھۇدكامەسى، ئۆرگۈنۈرگە جىد - جەھىد ئۆتكەن جاھان ئەللامىسى. ناۋايى خەلقپەرۋەرلىك توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ: يۈز جاپا قىلسا ماڭا بىر قەتلە پەرياد ئەيلەرەم، ئەلگە قىلسا بىر جاپا يۈز قەتلە پەرياد ئەيلەرەم. ئەلىشىر ناۋايىنىڭ دېداكتىك مەزمۇنىدىكى ھېكىمەتلىك شېئىرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن:  توقلۇق ھىرسىن كۆڭۈلدىن يوق قىل، ئۆزۈڭ ئاچ بولۇپ، بىر ئاچنى توق قىل.  لىباس ھەر نەچچىكىم زىبادۇر. كىيگىنىڭدىن كىيدۈرگىنىڭ ئەلادۇر. چىراغىنى ھەق ياندۇردى، كۆيدى، ئۇنى كىم پۇپ دەدى، ساقىلى كويدى. ئەلىشىر ناۋايىنىڭ 16 خىل لىرىك ژانىردىن تەركىب تاپقان "خازائىنۇل مەئانى" (مەنىلەر خەزىنىسى) ناملىق شېئىرىي ئەسەرلەر توپلىمى 48 مىڭ 803 مىسرالىق 3130 پارچە شېئىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت چوڭ دىۋان ("چاھار دىۋان") دىن ئىبارەت غايەت چوڭ ھەجىملىك يىرىك ئەسەردۇر. يەنە بەش چوڭ داستاندىن تەركىب تاپقانى "خەمىسە ناۋايى" ناملىق ئەسىرى ئارقىلىق ئېلىشىر ناۋايى مول ھوسۇللۇق ئىجادىيەت نەمۇنىسى بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە تەلىم - تەربىيە دەرسلىكى بولۇپ كەلدى.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.