ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-28

    ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئوچېرىكلار.....نىڭ داۋامى - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40059778.html

    3 - باب ئۇيغۇرلاردا يېزىق ۋە ئىدىقۇت مائارىپى

    يېزىق - مەدەنىيىتىنىڭ بىردىنبىر سىمۋولى، مائارىپىنىڭ ئاساسىي قورالى. ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادا يېزىق تارىخى خېلى ئۇزۇن مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇر يېزىقى يۇنانلىق ئاكا - ئۇكا كەلىر ۋە مەتۇدىلار (1) ئىجاد قىلغان سلايۋان يېزىقىدىن كۆپ ئەسىرلەر بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن. مىلادىنىڭ 5 - ئەسىرىگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي يېزىقى يەنسەي (رونىك) ئېلىپبەسى ئىدى (1 -) جەدۋەلگە قاراڭ)، ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا ئۇرخۇن ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ئىشلىتىلگەن (2 - جەدۋەلگە قاراڭ). قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا نۇرغۇن قوشاق، مۇزىكا تەكىستلىرى، پەداگوگىكىلىق رىسالىلەر، مەڭگۇ تاشلار ۋە ئىلمىي ئەسەرلەر يېزىلغان. بۇ يادىكارلىقلارنىڭ بىر قىسمى زامانىمىزغىچە يەتىپ كېلىپ، ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىنىڭ يىراق ئوتمۇشنى يورۇتۇپ بەرمەكتە. قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى قوشنا مىللەتلەردىن موڭغۇللار، مانجۇلار، قىتان (كىدان) لار ۋە نايمانلارنىڭمۇ يېزىق ئىجادىيىتىگە ئاساس سالغانىدى. قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي - مائارىپ ھاياتىدا مۇزىكا، ناخشا ۋە تۈرلۈك ئىستىتىك ئىقتىدار ئاساسىي تەلىم - تەربىيە ۋاسىتىلىرىدىن بىرى ئىدى. بۇنىڭدىن 1500 يىل بۇرۇن ئوتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى ۋە كۈيچىسى قوغۇسۇر ئالتۇن (507 - 687 - يىللار) ئىجاد قىلغان داڭلىق "تۇرا ناخشىسى" پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئىچىدە، جۈملىدىن مەملىكىتىمىز دائىرىسىدە كەڭ تەسىر قوزغىغان ۋە ئەسىرلەردىن بەرى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە سىمۋولى بولۇپ كەلگەن. بۇ مۇزىكا تەكىستى ھازىر خەنزۇ مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىكىگە كىرگۇزۇلۇپ سويۇپ ئوقۇلماقتا. ھەتتا ياپونىيىدىمۇ بۇ تەكىست قىزغىن تەتقىق قىلىنماقتا. ئەپسۇسكى، بۇ مۇزىكا دەرسلىكىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تەكىستى بىزگىچە يەتىپ كەلەلمىگەن. پەقەت مەملىكىتىمىزنىڭ ئاتاقلىق مۇزىكا دەرسلىك توپلاملىرىدىن بىرى بو چۇغاي تېغى باغرىدىن، ئاقار تۇرا سۇلىرى. كەڭ دالىنى پۇركەپتۇ، ئاسمان شەكلى چەدىرى. چەكسىز ئاسمان، دالا ھەم، كۆپكۇك دېڭىز بىپايان. ئەگىز ئوتلار يەلپۇنسە، پەستە مىغ - مىغ كورۇنەر- سان - ساناقسىز قوي - قۇلانلىغان "ئوردا مۇزىكا تىكىستلىرى توپلىمى" ئىچىدە خەنزۇچە تەرجىمىسىلا ساقلىنىپ كەلگەن. ئۇنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: ئەگەر بىز قېتىرقىنىپ تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بۇ مۇزىكا ۋە ناخشا تىكىستىنىڭ ئوبراز تەسۋىرى، ئوخشىتىشلىرى چوڭقۇر تەلىم - تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار (شەرقىي تۇرالار) نىڭ دۇنيا قارىشى، تۇرمۇش ئادىتى، تارىخىي، جۇغراپىيە مەنزىرىسى ئىنتايىن ئىھچام ۋە تەسىرلىك قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. شۇڭا ئۇ يالغۇز مۇزىكا دەرسلىكىلا بولۇپ قالماي، بەلكى قىسقارتىلغان تارىخ ۋە تەبىئەت دەرسلىكى بولۇش قىممىتىگىمۇ ئىگە. "تۇرا ناھشىسى" ۋە "ئەرق پۇتۇك" بىلەن بىللە ئەڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان تۇنجى دەداكتىك ئەسەر "چاستانى ئىلىك بەگ" داستانى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر كوك تۈرك خاندانلىقى (552 - 744) دەۋرىنىڭ ھارپىسىدا يېزىلغان. ئۇنىڭدا يورۇقلۇق بىلەن زۇلمەت ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۇرەشلەر بايان قىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدا خېلى كۆپ تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە مەزمۇنلار بار. قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان يازما يادىكارلىقلىرى ئۇيغۇر خەلقىنى ھەقىقىي تارىخىي دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى. ئۇلاردىن مەشھۇرلىرى: "كۈل تىكىن مەڭگۇ تېشى" (732 - يىلى تىكلەنگەن)، "بىلگە قاغان مەڭگۇ تېشى" (735 - يىلى)، "تۇنيۇقۇق مەڭگۇ تېشى" (716 - يىللىرى) ۋە "قۇتلۇق بىلگە قاغان مەڭگۇ تېشى" (759 - يىلى) دۇر. يۇقىرىدىكى مەڭگۇ تاشلار تەزكىرىلىرى ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي ھاياتىنى، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەسىرلىك ۋە ئەينەن تەسۋىرلەپ بەرگەن. ئۇ ھەم تارىخىي دەرسلىك قىممىتىگە ھەم بەدىئىي ئەدەبىيات قىممىتىگە ئىگە. بۇ مەڭگۇ تاشلار تەزكىرىسىنى يازغان ئاپتورلار شۇ دەۋرنىڭ ئاتاقلىق ئوقۇتقۇچىلىرى، ئەدىبلىرى ۋە ماھىر خەتتاتلىرى ئىدى. لېكىن، ئۇيغۇرلاردا يېزىق تارىخى باشلانغاندىن كېيىن، مەكتەپ مائارىپ ئىشلىرىغا تۇنجى ئاساس سېلىنغان ماكان تۇرپان ئىدىقۇت ھېسابلىنىدۇ. ئىدىقۇت ئەينى زاماندا شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتى بىر - بىرى بىلەن سىڭىشىپ يۇغۇرۇلغان مەركىزىي تۈگۈن ئىدى. ئۇ يەردە تۈرلۈك دىنلار ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ باراتتى، ئىبادەتخانىلار قۇراتتى، مەكتەپلەر ئاچاتتى، كىتابلار باساتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى تارىخىدا بۇددا كىتابلىرى ئەڭ كۆپ يېزىلىپ ساقلانغان جايمۇ ئەنە شۇ ئىدىقۇت ئىدى. بۇ يەردە تەپىلغان يازما يادىكارلىقلار بىر نەچچە تۇمەندىن ئارتۇق. كىشىلەر ئىدىقۇتنى ئەينى زاماندا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ " يەر ئاستى كۇتۇپخانىسى " دەپ بىكار ئەيتمىغان. توۋەندىكى پاكىتلار بۇ باھانى ئىسپاتلايدۇ: بۇ يەردە نىستۇرى (2) دىنىي ئەقىدىسى مەزمۇن قىلىنغان: " ئىۋانگلۇم " (بەخت ساداسى)، "سانت گئوركىنىڭ شەھىت بولۇش خاتىرىسى"؛ مانى دىنىغا ئالاقىدار ئەسەرلەردىن: "ئىككى يىلتىز نوم "، " مانى مۇرتلىرىنىڭ توۋەنامىسى "، "ئەرق پۇتۇك"؛ زارا ئوستىر (3) (ئاتەشپەرەسلىك) ئەقىدىسىگە ئائىت ئەسەرلەردىن: "ئەۋلىيا قەسىدىلىرى"؛ بۇددا دىنىغا ئائىت ئەسەرلەردىن: "ئالتۇن يارۇق"، "سەككىز يۇكمەك"، "ئائىترى سىمىت" ناملىق يىگىرمە يەتتە پەردىلىك دراما (4)، تارىخىي داستان - "ماھاراباتا"؛ 294 توم 25 كىتابنى ئوز ئىچىگە ئالغان "سەلتەنەتكە ياردەم بەرگۇچى ئورنەك - تەدبىرلەر"؛ بەش توملۇق چوڭ چوچەكلەر توپلىمى - "پەنچى تانتىرا"؛ ئەدەبىي ئەسەرلەردىن: "ئەتەبەتۇل ھەقايىق"، "ئىزوپ مەسەللىرى"، "ئوغۇزنامە" ھەمدە بەش توملۇق رىۋايەتلەر توپلىمى؛ "چاستانى ئىلىك بەگ"، "قەدىمقى تۇرپان قوشاقلىرى"، "مەدىتسىنا بىلىملىرى"، "ئىككى تىللىق لۇغەت" ۋە ئىدىقۇت خانلىرىنىڭ مەڭگۇ تاش خاتىرىلىرى، ئىقتىسادىي ھوججەتلەر؛ ئەرەب يېزىقىدىكى ئەسەرلەردىن: "تومۇر تەزكىرىسى"، "تەزكىرى ئەۋلىيالار"، "مېراجنامە"، "كوڭۇلنامە"، "بەختنامە"، "شائىر ھارازىمى تاللانمىلىرى" ۋە "مەۋلانە لۇتفى شېئىرلىرىدىن تاللانما"؛ بۇنىڭدىن باشقا دېداكتىك تەلىم - تەربىيە مەزمۇنىدىكى ئەدەبىي، شېئىرىي ئەسەرلەردىن " " ئاھاۋاركا "، " قاليامقارا - پاپامقارا "؛ شېئىرىي ئەسەرلەردىن: " ئاھاۋاركا "، " قاليامقارا - پاپامقارا "؛ دىداكتىك نەسرىي ئەسەرلەردىن: " چوڭ مايمۇن پاتمارال "، " بەختىيار شاھزاد "، " رەسسام بىلەن ياغاچچى ھېكايىلىرى " قاتارلىق ئىنتايىن كۆپ ئەسەرلەر يېزىلغان ۋە تەرجىمە قىلىنغان. يۇقىرىدا تىزىپ ئۆتكەنلىرىمىز ئىدىقۇتتىن تېپىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ پەقەت بىر تۈركۇمىدىنلا ئىبارەت. مۇتلەق كۆپ قىسمى 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ چەتئەل ئارخېئولوگلىرىنىڭ قولىغا چۇشۇپ كەتكەن. يالغۇز گەرمانىيىنىڭ تۆت قېتىملىق ئارخېئولوگ ئەترىتىلا بۇ يەردىن ئېلىپ كەتكەن يازما ھۆججەتلەر بىرنەچچە تۇمەندىن ئېشىپ كېتىدۇ! باشقا ئەللەرنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئىدىقۇتتا قانداق قىلىپ بۇنچىۋالا تارىخىي يادىكارلىقلار مەيدانغا كەلگەن ۋە ساقلىنىپ قالالىغان؟ بىرىنچىدىن، ئىدىقۇتتا مائارىپ ۋە ئىدېئولوگىيە ئەركىنلىكى يولغا قويۇلغان، قايسى ئېتىقادقا مەنسۇپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ بىلىم ئىگىسى بولسىلا، بولۇپمۇ ئەۋلادلارنى تەربىيىلىگۈچى بولسىلا ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى. خەلققە مەنپەئەت يەتكۇزگۇچى بۇنداق كىشىلەر "ئىلتەبىر " (ئىلتەبەر) دەپ ئاتىلاتتى. ئىككىنچىدىن، ئىدىقۇتتا كىتاب يېزىش ۋە كوچۇرۇش ئەڭ ساۋابلىق كەسىپ دەپ قارىلاتتى. بۇنداق ئېتىقاد "بۇيان " (بۇيان) دەيىلەتتى. مەسىلەن: پۇتۇلگەن كىتابلارنىڭ ھاتىمىسىدە مۇنداق سۆزلەر ئالاھىدە يېزىلاتتى: " بۇ كىتابنىڭ ساۋابى ئالدى بىلەن خان سارىيىغا، ئاندىن قالسا مەرھۇم ئەجدادلارغا ۋە يارۇ - بۇرادەرلەرگە بولغايلەر...". ئۇچىنچىدىن، ئىدىقۇتتا بىلگە كەڭىشى (مائارىپپەرۋەر دانىشمەنلەر كەڭىشى) تەسىس قىلىنغان. ئۇلار دەرىجە، ئۇنۋانلارنى بەلگىلەيتتى ھەم ئەل ئىچىدىكى ئاقارتىش ئىشلىرىغا يەتەكچىلىك قىلاتتى. بىلگە كەڭىشى نۇرغۇن تىللىق ئىزاھلىق لۇغەتلەر (سانسكرىت - ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە، تۇخار - ئۇيغۇرچە، سوغدى - ئۇيغۇرچە) نى قوللانما سۇپىتىدە تۈزۈپ چىققان. ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى يەنە سۇپەتلىك قەغەز كەشىپ قىلغان. خەت پۈتۈلۈشتىن بۇرۇن قەغەز ئۇستىگە ئاق شىلىم سۇرتۇلەتتى. بۇ قەغەز " پارتلاپ يېزىش ئۇسۇلى" دېيىلەتتى. قاراغۇجىدا يەنە خېلى چوڭ قەغەز زاۋۇتىمۇ قۇرۇلغان. ئىدىقۇتلۇقلار ئوز ئالدىغا ياغاچ مەتبەئە كەشىپ قىلغان. ھەرپلەر دانە - دانە كۋادرات ياغاچلارغا ئۇيۇلۇپ، ئاندىن قەلىپقا بەكىتىلىپ ئۇستىدىن رەڭ سۇرتۇلۇپ خىلمۇ خىل رەڭلىك كىتابلار بەسىلاتتى. مۇشۇنداق مەتبەئە ھەرپلىرىدىن چەت ئەل ئارخېئولوگلىرىنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىرى 100 مىڭدىن ئارتۇق (4). ئەينى زاماندىكى ئىدىقۇت مائارىپى توغرىلىق ئاتاقلىق سەيياھ ۋاڭ يەندى (939 - 1006 - يىللار) ئۆزىنىڭ " ئاستانە خاتىرىلىرى " ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق يازغان: " ئىدىقۇتتا كەسپىي مۇئەللىملەر بار ئىكەن، ئۇيغۇرلار شېئىر ۋە قوشاققا ھۇشتار ئىكەن. ئۇلار ئوز يېزىقىنى كۇندىلىك ئەھتىياج ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى تۈرلۈك ئەدەبىي ئەسەرلەرنى، كىتابلارنى يېزىشقىمۇ ئىشلىتىدىكەن، ئۇ يەردە ھەر خىل تىللاردا يېزىلغان نۇرغۇن كىتابلارنى كوردۇم...". ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئانا تىلىنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالغانىدى. ئۇلار مەنسەپ ناملىرىنى ئاتاشتا ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلدى. مەسىلەن: ئۇلار " قاغان " سۆزىنى ئۇزاققىچە قوللاندى. بۇ سۆز ھۆكۈمران، ئىمپەراتور، خان مەنىلىرىدە بولۇپ، ھون، تۈرك ۋە سىيانپىلارمۇ بۇ سۆزنى ئورتاق ئىشلەتكەن، ھازىرقى زاماندا بۇ ئاتالغۇ - ئىسىملارنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىنىدىغان ھۆرمەت قوشۇمچىسى سۇپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە. مەسىلەن، قازاقلاردا ئومەرقان، تىلەۋقان، ئۇيغۇرلاردا ئابدۇكەرىمخان، قادىرخان دېگەنلەردەك. " ئىدىقۇت " سۆزى - بەختكە يەتەكلىگۇچى دېگەن بولىدۇ. " قۇت " سۆزى ھازىرمۇ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: "قۇتلۇق بولسۇن "، "ساڭا بۇ مال قۇت ئەتسۇن، قۇتاپ قالسۇن " دېگەندەك. قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى (مىلادىنىڭ 9 - 13 - ئەسىرلەر) دەۋرىدە ئىدىقۇت مائارىپى نۇرغۇن تىلشۇناسلارنى، كۆپ تىللاردىن خەۋەردار تەرجىمانلارنى، ئابرويلۇق ئوقۇتقۇچىلارنى، مەرىپەتلىك ئەدىب - شائىرلارنى، دراماتورگلارنى، بوغالتىر - ھېساباتچىلارنى، تىۋىپ - دوختۇرلارنى يېتىشتۈرگەنىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە: سىڭقۇ سەلى (بۇ ھەقتە كېيىنكى بابىمىزدا مەخسۇس توختىلىمىز)، ئاتاقلىق ئەدىب ۋە تەرجىمان پىرتانراكشت، مائارىپچى، يازغۇچى، داستانچى ئاپىرىنچۇرىتكىن، "ھەكمەتلەر پەزىلىتى " نىڭ ئاپتورى، دەداكتىك شائىر كى كى، شائىر چىنۇيا توتۇڭ، شائىر قالىم كەيشى، شائىر ئاتساڭ، كولتارقان، ئاسىخ توتۇڭ، قارۇنداز قاتارلىقلار بار. شۇنى مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە بولىدۇكى: قوچۇ (ئىدىقۇت) خانلىقى دەۋرىدە پۈتكۈل مائارىپ ئىدېئولوگىيىسى ئۇستىدە ھەرخىل دىنىي ئەقىدىلەر ھۆكۈمران ئورۇندا تۇراتتى. بىراق، ئۇ ئومۇمىي خەلق ئەدەبىياتى ۋە مائارىپ ئۈچۈن ئېيتقاندا قىسمەن رامكىدىنلا ئىبارەتە. ئۇنىڭ تەكتىدە خەلقنىڭ ئارزۇ - تىلەكلىرى، ئىجتىمائىي تۇرمۇش رېئاللىقى، تارىخى ۋە مەدەنىي - مائارىپى يەنىلا كۈچلۈك ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. بۇنىڭغا مەشھۇر " ئوغۇزنامە " قىسسىسى تېخىمۇ تولۇق ئىسپات بولالايدۇ. " ئوغۇزنامە " ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى ھايات تارىخى، دۇنيا قارىشى، ئىجتىمائىي ئۆرپ - ئادەتلىرى، پەزىلەتلىرى ۋە جەڭگىۋارلىق خىسلەتلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان قىسقا ۋە ئۇنىۋېرسال دەرسلىك قوللانمىدۇر.

    ئىزاھاتلار: (1) ئاكا - ئۇكا كەلىر (528 -- 968 كەلىر) ۋە مەتۇدى (728 -- 588 مەتۇدى) مىلادىنىڭ 855 - يىل 5 - ئاينىڭ 25 - كۇنى بۇلغارىيىدە تۇنجى رۇس - سلاۋيان يېزىقىنى كەشىپ قىلىپ بەرگەن. سلاۋيانلار بۇ كۇننى ھەر يىلى خاتىرىلەپ تۇرىدۇ. (2) نىستۇرى (401 - 451 - يىللار) - خرىستىئان دىنىنىڭ بىر مەزھىبى بولغان نىستۇرى ئەقىدىسىنى تەسىس قىلغۇچى. راھىب ئارابان 635 - يىلى ئىدىقۇتقا كېلىپ بۇ دىننى تەرغىب قىلغان. (3) زارا ئوستىر - (مىلادىدىن 8 ئەسىر بۇرۇن ئوتكەن) ئۇستا دوختۇر ۋە شائىر، زەردەشىت دىنىنىڭ ئەۋلىياسى. (4) پىرتانراكشىت تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان بۇ دراما 9 -، 10 - ئەسىرلەردە بەشبالىق قاتارلىق قوچۇ شەھەرلىرىدە سەھنىدە ئوينالغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى قەدىمقى كۇسەن (كۇچا) نىڭ "ئەجدىھا ئويۇنى"، "سۇمۇچ ئويۇنى" قاتارلىق ئوچۇق سەھنە ئويۇنلىرىمۇ دراما ۋە كومەدىيە شەكلىنى ئالغان ئويۇنلار ئىدى. (5) 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا روسىيىلىك ئولدىنبۇرگ تۇرپانغا كېلىپ، ياغاچ مەتبەئەگە (كەلاگەروفى) ھەرپلىرىدىن 100 مىڭدىن ئارتۇقراقىنى ئېلىپ كېتىپ، موسكۋا مۇزىيىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەتبەئە تەخنىكىسى تاكى گەرمانىيە ئالىمى ئىنوگىن كودىنبورگ كەشىپ قىلغان مەتال ھەرپلىك ئىلغار مەتبەئە تەھنىكىسى ئىشلىتىگۇچىلىك (15 - ئەسىرگىچە) دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى. بۇنىڭدىن ئىدىقۇت مائارىپى، نەشىرىياتچىلىقىنىڭ خېلى زور كولەمدە راۋاجلانغانلىقىنى كورۇۋالالايمىز.

    4 - باب بۇددىزم دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى

     ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن تارىم ئويمانلىقىدا ئەڭ كۈچلۈك يىلتىز تارتقان دىن بۇددىزم ئىدى. بۇددا - سانسكرىتچە "ئەقلى - ھۇشىغا كېلىپ، توغرا يولغا ماڭماق" دېگەن ئۇقۇمنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇ ئېتىقادنى ساكيامۇنى (1) (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 557 - 477 - يىللار) كەشىپ قىلغان. بۇ دىن توغرىسىدا يېزىلغان كىتابلار مىلادىنىڭ 740 - يىلىغىچە 5048 تومغا يەتكەن. بۇددا دىنى تارىم ئويمانلىقىغا مىلادىنىڭ 75 - يىلىدىن تارتىپ كىرىشكە باشلىقغان. نەتىجىدە خوتەن، كۇچا، كېيىن ئىدىقۇتنى مەركەز قىلغان بۇددا مائارىپى ۋە سەنئىتى ۋۇجۇدقا كەلگەن. توۋەندە بىز ئەنە شۇ مائارىپ يېتىشتۈرگەن مەشھۇر ئالىملار بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتىمىز.

    ئىزاھات: (1) ساكيامۇنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 557 - يىلى شىمالىي ھىندىستاندا بىر دەۋران ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا چىداملىق ۋە زەرەك بولۇپ ئۆسكەن. ماتېماتىكا، تىل، ناتىقلىق، ھەربىي، سەنئەت بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگەنگەن. ھىيالى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ساكيامۇنى 29 يېشىدىلا بۇددا دىنىنى كەشىپ قىلغان. بۇ دىن بارا - بارا دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمقى ۋە يىرىك دىنىي ئېتىقاد سىستېمىسى شەكىللەندۇرگەن. ئاتاقلىق ئوقۇتقۇچى، تىلشۇناس كوماراجىۋا كوماراجىۋا (مىلادى 344 - 413 - يىللار) قەدىمقى كۇچا (كۇسەن) شەھرىدىكى بىر بۇددا ئالىمىنىڭ ئوغلى. ئۇنىڭ ئانىسى جىۋا بىلىملىك ئايال ئىدى. كوماراجىۋا 19 ياشقا كىرگەندە، ئانىسى جىۋا بىلەن بىللە چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىققان. غەربكە ئوقۇشقا چىققان جۇڭگولۇقلار ئىچىدە كوماراجىۋا ئەڭ كىچىكى، ئانىسى جىۋا بولسا تۇنجى ئايال ھېسابلىنىدۇ. كوماراجىۋا كۇچاغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان؛ 30 ياشلىرىدا يۇقىرى ئابرۇيلۇق ئالىم بولۇپ داڭ چىقارغان، ئۇنىڭدا مىڭلىغان تالىپلار دەرس ئاڭلىغان. ئۇنىڭ نوپۇزى ۋە شۆھرىتىنى ھۆرمەتلەپ ئالدىغا ئالتۇن مۇنبەر قويۇپ لىكسىيە سۆزلەتكەن. كۇماراجىۋا - كۆپ تىل (سانسكرىت، تاڭغۇت، خەنزۇ تىلى، تۈرك - تۇھار، ئەپتالىتلار تىلى) ئۆگەنگەن ۋە شۇ تىللاردا لۇغەت - قامۇس تۇزگەن تىلشۇناس. ئۇ تىلشۇناسلىق ۋە تەرجىمەشۇناسلىق توغرىسىدىمۇ ئىلمىي دوكلاتلار قىلغان. تارىم ۋادىسىدا تەرجىمەشۇناسلىق تارىخى كوماراجىۋادىن باشلىنىدۇ. ئۇ نۇرغۇن بۇددا كىتابلىرىنى سانسكرىت تىلىدىن باشقا تىللارغا، جۇملىدىن خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، نۇرغۇن يېڭى ئاتالغۇلارنى كەشىپ قىلغان. تىلغا تەرجىمە قىلىپ، نۇرغۇن يېڭى ئاتالغۇلارنى كەشىپ قىلغان. كوماراجىۋانىڭ تەرجىمە ئەمگىكى ئارقىسىدا تۈرك - ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەخس كەلىش قوشۇمچىسىغا كۆپلىگەن سىپايى دەرىجىلەر قويۇق سىڭىپ كىردى. بۇنداق سىپايى دەرىجىلەر سانسكرىت تىلىدا كۆپ بولۇپ، قەدىمقى تۈرك - ئۇيغۇر تىلىدا يوق ئىدى. كوماراجىۋا ھەيكەلتىراشلىق ۋە مۇزىكا سەنئىتىگىمۇ ماھىر ئىدى. مەشھۇر "قىزىل مىڭ ئۆي" قاتارلىق تام سۇرەتلىرى كوماراجىۋا ياشىغان دەۋردە سىزىلىشقا باشلىغان. مىلادىنىڭ 401 - يىلى ئاخىرقى چىن پادىشاھى ياۋشىن دەۋرىگە كەلگەندە، كوماراجىۋا تەكلىپكە بىنائەن چاڭئەنگە بېرىپ، دىنىي ئالىي مەكتەپلەردە ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. بۇ جەرياندا ئۇ 800 تالىپ تەربىيىلەپ يېتىشتۈردى. بۇ تالىپلاردىن داۋشىن، سىن چى، داۋرەن، سىن شى قاتارلىقلار پۈتۈن جۇڭگو بويىچە "تۆت مەشھۇر ئەۋلىيا" دېگەن نام بىلەن شۆھرەت قازانغان. كوماراجىۋا چاڭئەننىڭ ئالىي دىنىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش بىلەن بىللە يەنە سانسكرىت تىلىدىن 384 توم كىتابنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇردى. ئۇنىڭ تەرجىمە ماھارىتى ۋە تىل بەدىئىيلىكى جۇڭگودا ئىنتايىن ئابروي قازانغان. مائارىپچى ئالىم پورتىدىن پورتىدىن (مىلادى 233 - 348 - يىللار) 116 يىل ئۆمۈر سۇرگەن ئاتاقلىق مائارىپچى، پورتىدىن ئەسلى تۇرپاندىن بولۇپ، مىلادىنىڭ 310 - يىلى (غەربىي چىن سۇلالىسى دەۋرىدە) پادىشاھ يۇئەن جيانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پايتەخت لوياڭغا بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. پورتىدىن ئىچكىرىدە ئۇزۇن يىل مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا 893 ئىبادەتخانا مەكتەپلىرىنى تەسىس قىلىپ چىققان. پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا، ھەندىستان ۋە چاڭجياڭنىڭ شىمال ۋە جەنۇب تەرەپلىرىدىن ھەر يىلى مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە راھىبلار لوياڭغا توپلىشىپ، ئۇنىڭ تەپسىرىنى ۋە دەرسىنى ئاڭلىغان. ئۇ ئونمىڭلىغان شاگىرت يېتىشتۈرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىن داۋئەن، فابا، فاتەي، فاھە قاتارلىق كىشىلەر پۈتۈن جۇڭگو بويىچە ئەڭ ئاتاقلىق بۇددا ئولىمالىرى بولۇپ داڭ چىقارغان. 3. ئاتاقلىق رەسسام ۋايسا باجىنا ۋە ۋايسا ئىراسانگا تەسۋىرىي سەنئەتنىڭ ئاجايىپ ئۇستازلىرىدىن بولغان بۇ ئىككى ئاتاقلىق رەسسام ئاتا - بالا 6 -، 7 - ئەسىردىكى ئۇدۇن (قەدىمقى خوتەن) بۇددا سەنئىتىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرى بولۇپ تونۇلغانىدى. ۋايسا باجىنا يالغۇز بۇددا تەلىماتىدىكى ھېكايىلەر تەسۋىرىنى سىزىش بىلەنلا چەكلەنمىدى. بەلكى تەبىئەت مەنزىرىلىرى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئوبرازلىرى، ھايۋانات دۇنياسىنى ئىنتايىن جانلىق سىزىپ، ئىبادەتخانا تاملىرىنى، غار بەزەكلىرىنى لايىھىلىگەن. بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنى رەئالىزملىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلغان. ئۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان سۇي سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى سۇي تاڭدى ئۇنى تەكلىپ قىلىپ، پايتەخت لوياڭ شەھرىنىڭ ئىبادەتخانا تاملىرىنى بەزەتكۇزگەن. ئۇ سىزغان "براھماننىڭ سۇرىتى" ھەمدە چەت ئەلنىڭ "خاسىيەتلىك ئورمانلىرى"، "ئالۋاستىنى تەسلىم قىلىش"، "بۇركۇت، تايغانلار تەسۋىرى" غايەت زور شۆھرەت قازانغان. ئۇنىڭ ئوغلى ۋايسا ئىراسانگا خوتەن ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردە ئاتىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجادىيەتلەرنى ياراتتى. بولۇپمۇ چاڭئەن ۋە لوياڭ شەھەرلىرىدە كۆپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، ئۇ سىزغان سۈرەتلەر گويا ئەگىلىپ تۇرغان كالۋۇتۇن يىپتەك جانلىق دېگەن مەدھىيىگە ئېرىشتى. ۋايسا ئىراسانگا سىزغان گۈللەرنىڭ سۈرەتلىرى "تىرىك گۈل" دەپ باھالىناتتى. ئۇ ئىشلىگەن ئىلاھى ھەيكەللەر "تەڭرى تەسۋىرىنىڭ نەمۇنىسى" دەپ قارىلاتتى(1).

    ئىزاھات: (1) بۇددىزم ئەقىدىسى تۈرلۈك سەنئەتلەر (ھەيكەلتىراشلىق، نەققاشلىق، مۇزىكا، ئۇسسۇل، دراما) گە يول قويۇپ، بۇ خىل سەنئەتلەرنى دىنىي تەرغىباتچىلىقنىڭ كۈچلۈك ۋاستىسى دەپ ھېسابلىناتتى. ئاشۇ زۆرۈرىيەت ئارقىسىدا بۇددىزم سەنئىتىنىڭ ينكسەك نامايەندىلىرى بارلىققا كەلگەنىدى. مەشھۇر «قەندىھار ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتى»، دۇڭخۇئاڭ مىڭ ئۆي، قىزىل مىڭ ئۆي سۈرەتلىرى ۋە باشقا تۈرلۈك - تۈمەن غار سەنئەتلىرى ئەڭ مۇھىم تارىخىي يادىكارلىقتۇر. جۈملىدىن قەدىمكى كۆسەندىن يېتىشىپ چىققان ۋە ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ مۇزىكا سەنئىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن مۇزىكا ئۇستازى ئاتا - بالا سۇجىۋا قاتارلىقلارمۇ ئاشۇ دەۋر نامەيدىلىرىدۇر. 4. چوڭ ئالىم ۋە ئوقۇتقۇچى پىرخۇيلان پىرخۇيلان (مىلادى 736 - 820 - يىللار) قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ئۇ شۇ يەردىكى ئالىي ئىبادەتخانا مەكتىپىدە بىلىم تەھسىل قىلغان بولۇپ، زامانىسىدا كاتتا يازغۇچى، ئوقۇتقۇچى بولغان. پىرخۇيلان ئۆمرىنىڭ كېيىنكى چاغلىرىدا يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىدىن قورقۇپ چاڭئەنگە بېرىۋالغان. ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ يەردە «پەشۋا ئالىم» دېگەن شۆھرەتكە ۋە كاتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. پىرخۇيلان چاڭئەندە يىگىرمە يىللاپ قان - تەر سەرپ قىلىپ «ئومۇمىي ئەقىدىلەر شەرھى» ناملىق 100 تومدىن ئاشىدىغان غايەت زور يىرىك ئەسىرىنى يازغان. بۇ ئەسەر بۇددا ئالىملىرى ئىچىدە قولدىن قولغا ئۆتۈشۈپ ئوقۇيدىغان قامۇسقا ئايلانغان، ھەتتا چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگىچىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر «ئومۇمىي ئەقىدىلەر شەرھى» نى ئىنتايىن قەدىرلەپ ئوقۇغان. پىرخۇيلان ھىندى تىلىنى، جۇڭگونىڭ ئەدەبىي تىلىنى ۋە باشقا تىللارنىمۇ پىششىق بىلەتتى. ئۇ جۇڭگونىڭ قەدىمكى ھەممە يازما خاتىرىلىرىنى مۇيەسسەل ئۆگىنىپ چىققان. ئۇنىڭ جان پىدالىق بىلەن ئۆگىنىش روھى كېيىنكى كىشىلەرگىمۇ چوڭ ئىلھام بەرگەن. «ئومۇمىي ئەقىدىلەر شەرھى» نىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ چاۋشيەنلىكلەر مەخسۇس دۆلەت ۋەكىلى ئەۋەتىپ مەزكۇر ئەسەرنى كۆچۈرۈۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى (بەش دەۋر زامانىدا) رۇخسەت قىلمىغان. كېيىن سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە چاۋشيەن دۆلىتى يەنە ۋەكىل ئەۋەتىپ قايتا ئىلتىماس قىلىپ تۇرۇۋالغان، سۇڭ سۇلالىسى بۇ قېتىم رۇخسەت قىلغان. مىڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا مەزكۇر ئەسەرنى ياپونلۇقلاردىن كىشى كېلىپ كۆچۈرۈپ كەتكەن. ياپونىيىدە پىرخۇيلان چوڭ ئالىم دەپ تونۇلغان. 1737 - يىلى (چەنلۇڭنىڭ 2 - يىلى) دۆلەت تەرىپىدىن پىرخۇيلاننىڭ ھەممە ئەسەرلىرى تولۇق بېسىلىپ ئېلان قىلىندى. 1880 - يىلى دۆلىتىمىز مەزكۇر ئەسەرنىڭ ياغاچ ئويما نۇسخىسىنى ياپونىيىدىن ئالدۇرۇپ كېلىپ، كۆپەيتىپ بېسىپ تارقاتتى. دېمەك، قەشقەردىن چىققان بۇ ئالىم ۋە مەشھۇر ئوقۇتقۇچى زامانىسىدا خەلقئاراغا تونۇلغان مائارىپچى ئىدى. 5. مائارىپىچى ۋە تىلشۇناس سىڭقۇ سەلى سىڭقۇ سەلى 10 - ئەسىردە قوچۇ (ئىدىقۇت) خانلىقىنىڭ يازلىق پايتەختى باشبالىق (ھازىرقى جىمىسار) دا ياشىغان. ئۇ، ئۆز زامانىسىدا شۆھرەت قازانغان مەرىپەتچى ئەدىب، تەرجىمان ئىدى. ئۇ تەرجىمە قىلغان " ئالتۇن يارۇق " ئەينى زاماندا بۇددا كىتابلىرى ئىچىدە بولۇپمۇ ماھايانا مەزھىپى ئارىسىدا ئەڭ مۇقەددەس دەستۇر ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن "شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمھالى" قاتارلىق كىتابلار يۇقىرى بەدىئىيلىككە ئىگە. سىڭقۇ سەلى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدىن باشقا يەنە تۇخار تىلى، ئەنەتكەك - سانسكرىت تىلى، خەنزۇ تىلى، تاڭغۇت تىلى قاتارلىق تىللارنىمۇ پىششىق بىلەتتى. ئىقتىدارلىق سىڭقۇ سەلى قاراغۇجا، جىمىسار قاتارلىق جايلاردا ئۇزۇن يىللار ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ شۆھرەت تاپقانىدى. تەڭرىتېغى، پامىر، قارا قۇرۇم تېغى ئېتەكلىرى ۋە پۈتكۈل تارىم ۋادىسى زېمىنىدا مىڭ يىللاپ يىلتىز تارتقان بۇددا ئەدەبىياتى (قەدىمكى سانسكرىت ئەدەبىياتى) بىلەن يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئۆزئارا ھىملىشىپ بىر يۈرۈش تەلىم - تەربىيە نەمۇنىلىرىنى شەكىللەندۈرگەنىدى. ئۇنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى تۈۋەندىكىچە: 1. ھەر بىر ئىنسان خاسىيەتلىك - پايدىلىق ئىش قىلىشى لازىم. 2. پەزىلەتلىك كىشىلا خاسىيەتلىك - پايدىلىق ئىش قىلالايدۇ. 3. پەزىلەت - چىنلىق، ھېسداشلىق ۋە سېخىيلىقتىن ئىبارەت؛ قارا نىيەتلىك پەزىلەت ھېسابلانمايدۇ. 4. پەزىلەتلىك كىشى ئەڭ بەختلىكتۇر. 5. بىلىمدىن، تەربىيىدىن، سېخىيلىقتىن ۋە ياخشىلىقتىن مەھرۇم كىشىلەر مەخلۇق بىلەن باراۋەر، ئۇلار ئەڭ بەختسىزدۇر. 6. باي بولۇشنى تىلەشتىن بۇرۇن، پەزىلەتلىك بولۇشنى تىلە، چۈنكى بەخت بىلەن ئامەت پەزىلەتتىن كېلىدۇ. 7. كىشىنىڭ گۈزەللىكىنى ئۇنىڭ پەزىلىتىدىن ئۆلچە. 8. سەۋر - تاقەت ۋە ساپلىق ئۆمنر ئۇزارتىدۇ. 9. ھەق - ناھەقنى ئايرىيالايدىغان ئىنسان ئەڭ ئەقىللىق ئىنسان. 10. ئۇلۇغ باشلامچىلار توغرا نىيەتلىك كىشىلەردىن كېلىدۇ. 11. ئىنسان مال - دۇنيا ھېرىسلىقى ۋە ئەيش - ئىشرەتنىڭ قىزىقتۇرۇشىدىن خاتالىشىدۇ، پالاكەتكە قالىدۇ. 12. بايلىق بىلەن ھەۋەسنى قوغلىشىدىغان كىشلەردىن دانىشمەن چىقمايدۇ. 13. مال - دۇنيا مەڭگۈلۈك ئەمەس، مەڭگۈلۈك بۈۈولىدىغىنى ئىجادىيەت ۋە پەزىلەتتىن كېلىدىغان شان - شەرەپ. 14. ھايات شامالدەك؛ كۈچ - قۇۋۋەت ئۇچقان قۇشتەك؛ ياشلىق چاقماقتەك؛ مال - دۇنيا كەلكۈن سۇدەك؛ ئۇ كېلىدۇ، يەنە كېتىدۇ؛ شۇڭا خاسىيەتلىك ئىش قىل، پەزىلەت ئۆيىدىن ئورۇن ئال. 15. ناداننىڭ قولى مايلاشقان كۈنى ھەممىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. 16. پەزىلەتنىڭ نامى ئۆچمەيدۇ. 17. بىلىمنى، بىلىملىكلەرنى قەدىرلە، يوقسۇلغا ھەسداش بول، يولە. 18. باشقىلارنى خارلىما، تىل - ھاقارەت قىلما. 19. پەزىلەتنىڭ يەنىدا گۈل ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ.

    5 - باب ئوتتۇرا ئەسىردە قەشقەر مەركەز قىلىنغان ئۇيغۇر مائارىپى

    يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپى ئۇرخۇن، شامان ۋە مانى دەۋرى (552 - 844 - يىللار)، ئىدىقۇت مائارىپى دەۋرى (850 - 1250 - يىللار) ۋە بۇددىزم مائارىپى دەۋرى (75 - 992 - يىللار) جەريانلىرىدىن ئۆتۈپ، كېيىن قەشقەر مەركەز قىلىنغان قاراخانىلارنىڭ ئىسلامىيەت مائارىپى دەۋرى (870 - 1211 - يىللار) غا قەدەم قويدى. بۇ دەۋردىكى مائارىپ ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا زور شۆھرەت قازانغانىدى. يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مائارىپىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى بىلەن باشقا دىنىي ئېتىقادلار تارىم ۋادىسىدىن سىقىپ چىقىرىلىپ، ئىسلامىيەت مائارىپى ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى ۋە ئىنتايىن تېز راۋاجلاندى. ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ بىلىم - مەرىپەت ئىشلىرى تازا گۈللەنگەن مەزگىللىرىدە بىرلا باغدات شەھىرىدە 30 ئالىي بىلىم يۇرتى، 36 ھۆكۈمەت كۇتۇبخانىسى بار ئىدى. مىلادىنىڭ 830 - يىلى بۇ يەردە چوڭ كۈلەمدىكى ئىلمى ھېكىمەت مۇزېيى (بېيت ئال ھېكمە) تەسىس قىلىندى. ئۇ ئەينى زاماندىكى ئەڭ ئاتاقلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىدى. بۇ ئاكادېمىيىنىڭ بىرىنچى باشلىقى ھۈنەين  ئىشاق (809 - 837 - يىللىرى باغدات ئاكادمىيىسىگە رەئىسلىك قىلغان) ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بىرلىكتە يۇناننىڭ قەدىمكى كلاسسىك پەلسەپە ئەسەرلىرىنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىپ چىققان. ئۇلارنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىگە 500 دىناردىن ئالتۇن بېرىلگەن؛ كېيىن ئۇلارغا يەنە تەرجىمە ئورىگىنالى قېلىنلىقىدا ساپ ئالتۇن مۇكاپات قىلىنغان. بۇ دەۋر ئىسلامىيەت مائارىپىنىڭ ئالەمشۇمۇل شۆھرەت قازانغان ئالتۇن دەۋرى ھېسابلىناتتى. ئوتتۇرا ئاسىيالىق مۇتەپەككۇر ۋە داڭلىق ئالىملاردىن مەدر ئىمىن مۇسا خارەزمى (750 - 847)، ئەبۇنەسىر فارابى (870 - 950)، ئەبۇئەلى ئىبنى سىنا (980 - 1037) ۋە ئەبۇ رەيھان بىرونى (972 - 1049) قاتارلىق ئالىملار ئەنە شۇ دەۋر مائارىپىنىڭ مەھسۇلى ئىدى. مىلادىنىڭ 950 - يىلى ئۇبۇلھەسەن سەيىد ھاتەم، سەيىد جالالىدىن باغدادى ئىسىملىك ئىككى چوڭ ئالىم ئوردۇكەنت (قەشقەر) گە كېلىپ، ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مائارىپىغا ئاساس سالدى. مەزكۇر ئىككى ئۆلىمانىڭ دالالىتى بىلەن مىلادىنىڭ 953 - يىلى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بىرىنچى بولۇپ ئىسىلام ئېتىقادىنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر ئاھالىسىمۇ كەينى - كەينىدىن ئىسلام ئىديىسىنى قوبۇل قىلدى. 24 يىللىق سوقۇش (997 - 1021 - يىللار) نەتىجىسىدە بۇددىزمنىڭ جاھىل قورغىنى بولغان خوتەن خانى ياغلىقار يېڭىلىپ، پۈتۈن خوتەن خەلقى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى ۋە بۇ يەرلەردە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساس قىلىنغان يېڭى يېزىق يۇرگۈزۈلدى. "دىن - ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى تونۇش جەريانىدىكى مۇھىم ئىپادىلىرىنىڭ بىرى..."(1) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىني ئېتىقادى ۋە مائارىپ ئىدېئولوگىيىسىدە يۈز بەرگەن تارىخىي بۇرۇلۇشلارمۇ دەل دۇنيانى تونۇش ۋە ھەقىقەت ئۇستىدە ئىزدىنىش پائالىيەت جەريانى بولدى. ماۋزدۇڭ: "... بىز تارىخنى ئۇزۇۋەتەلمەيمىز، بىز كۇڭفۇزىدىن تا سۇن جۇڭشەنگىچە بولغان پۈتۈن ئوتمۇشنى يەكۇنلەپ، قىممەتلىك مىراسلىرىمىزغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك..." دېگەنىدى. جۇڭھۇئا مىللەتلىرىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك مائارىپ مىراسلىرىغىمۇ ئەنە شۇ كاتېگورىيىگە كىرىدۇ. قاراخانىلار دەۋرىدە قەشقەر مەركەز قىلىنغان مائارىپ ئەنە شۇ پارلاق مىراسلىرىمىزنىڭ مۇھىم نامەيەندىلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. قاراخانىلار دەۋرىدە ھەممە ۋىلايەت، ناھىيىلەردە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپلەر قۇرۇلغان. بولۇپمۇ قەشقەردە مەشھۇر ئالىي بىلىم يۇرتى - "مەدرىسەئى ساجىئە" تەسىس قىلىنغانىدى، بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا داڭلىق ئالىملاردىن ھۇسەيىن ئىبىن خەلەپ، سەيىد جالالىدىن باغدادى، خوجا ياقۇپ سۇزۇكى، ھۇسەيىن پەيزۇللا، جامالىدىن قەشقەرى، رەشىدە ئىبىن ئەلى قەشقەرى، ئىمادىدىن قەشقەرى قاتارلىق نۇرغۇن نوپۇزلۇق ئالىملار مۇئەللىملىك قىلدى. "ساجىئە" بىلىم يۇرتىغا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان ئالىملار، پەيلاسوپلار، تارىخچىلار، شائىر - يازغۇچىلار توپلىنىپ ئىلمىي مۇنازىرلەر ئېلىپ باراتتى. "ساجىئە" بىلىم يۇرتىنىڭ دەرسلىكى ماتېماتىكا، يۇنان پەلسەپىسى، تىلشۇناسلىق، ئاسترونومىيە تىبابەتچىلىك ئىلمى، لوگىكا، تارىخ، جۇغراپىيە، ئىلمىي روھ ساخېلىرىگىچە كېڭەيدى. تۈرلۈك كاتەگورىيىلەر بويىچە نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرى يېزىلدى. بۇ ئەسەرلەر ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى بىلەن يېزىلاتتى (3 - جەدۋەلگە قاراڭ). بىز توۋەندە قاراخانىلار مائارىپىنىڭ ئەڭ بۈيۈك نامايەندىلىرىدىن بولغان بىر قانچە ئالىملارنىڭ پەداگوگىكىلىق ئىدىيىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئوتىمىز:

    1 ـ ئېنسىكلوپېدىست ئالىم - ئەبۇنەسىر فارابى ئىلىم - پەن دۇنياسىدا ئارىستوتىلدىن كېيىن ئىككىنچى ئۇستاز دەپ شۆھرەت قازانغان ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر ئەبۇنەسىر فارابى ھىجرىيىنىڭ 295 - يىلى (مىلادى 870 - يىلى) قاراخانىلارنىڭ يازلىق پەيتەختى بالاساغۇن رايونىنىڭ گۇزەل شەھىرى فاراب (ئوترار) دا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى مەدر شۇ جايدا ئەڭ ئابرويلۇق ۋە مەرىپەتپەرۋەر زات ئىدى. ئالىمنىڭ ئوسمۇرلۇك ۋە ياشلىق دەۋرى فاراب شەھىرىدە ئوتتى ۋە بۇ يەردە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى تۇگەتتى. كىچىكىدىنلا بىلىم خۇمار، تالانتلىق فارابى ئىلىم - پەننىڭ يۇقىرى چوققىسىغا چىقىشقا ئىنتىلەتتى. لېكىن ئۇ چاغدا فاراب شەھىرىدە ھەتتا بالاساغۇن رايونىدا ئۇنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرالايدىغان ئالىي بىلىم يۇرتى ۋە بىلىملىك ئوقۇتقۇچىلار يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. قەشقەردە "مەدرىسەئى ساجىئە" ئالىي مەكتىپى يېڭىدىن تەسىس قىلىنغانىدى. شۇڭا ئۇ ئاشۇ دەۋردىكى ئىسلامىيەت مائارىپىنىڭ ئاتاقلىق مەركىزى - باغدات شەھىرىگە بېرىپ بىلىم ئاشۇردى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا كىرىشتى. باغداتتىكى ئالىي مەرىپەت مۇھىتى بۇ تالانتلىق ياش ئالىمنىڭ بىلىم چوققىسىغا چىقىش ئارزۇسىغا كەڭ ئىشىك ئېچىپ بەردى. ئەبۇنەسىر فارابى ئالدى بىلەن تىرىشىپ - تىرمىشىپ پارس تىلى، ئەرەب تىلى، گرىك ۋە لاتىن تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىدى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئەرەب تىلىدا ئەسەر يازالايدىغان، گرىك تىلىدىكى پەلسەپە ۋە باشقا ئىلمىي ئەسەرلەرنى بىمالال چۈشىنەلەيدىغان سەۋىيىگە يەتتى. فارابى باغداتتا 40 يىلچە ئىلىم - پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ جەرياندا ئۇ بىرىنچى ئۇستاز دەپ شۆھرەت قازانغان يۇنان پەيلاسوپى ئارىستوتىلنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلدى ۋە بۇ ئەسەرلەرگە قارىتا ئىجادىي تەپسىر (ئىزاھ) يازدى. فارابى باغدات، ھىرات، ھەرران، مىسىر ۋە شام شەھەرلىرىدىكى ھېسابسىز مۇنبەرلەردە ئىلمىي لېكسىيە ئوقۇدى ۋە ئىلمىي مۇنازىرىلەرگە قاتنىشىپ، كۆپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. ئەرەب ئالىمى ئەبۇبەكرى بەيھاق (994 - 1065 - يىللار) فارابى 20 خىلدىن ئارتۇق تىل بىلەتتى، دەپ يازغانىدى. فارابى ئىلىم - پەننىڭ تۈرلۈك كاتىگورىيىلىرى بويىچە 200 پارچىغا يېقىن ئەسەر يازدى. بۇ ئەسەرلەر پەلسەپە، لوگىكا، ماتېماتىكا، خىمىيە، ئاسترونومىيە، تىبابەتچىلىك، مۇزىكا، سىياسىي تۈزۈم، پەزىلەت ۋە بەدىئىي ئەسەر نەزەرىيىلىرى قاتارلىق كەڭ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر مەلۇم بولغان فارابى ئەسەرلىرىنىڭ 119 خىل بىبلوگرافىيىسى (ئىسىملىكى) ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئىنسىكلوپېدىست ئۇلۇغ ئالىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. كېيىنكى زامانلاردا ياۋروپالىقلار فارابى ئەسەرلىرىنى "ئەل فارابۇس" تەخەللۇسىدا گرىك ۋە لاتىن تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدى ۋە فارابىشۇناسلىق تەتقىقاتىنى ئېلىپ باردى. ئەرەب تارىخچىسى ئىبنى خەللىكان فارابىنى "ئىسلامىيەت دۇنياسىدا ئۇنىڭغا تەڭلىشەلەيدىغان ھېچكىم يوق" دەپ باھالىغانىدى. سامانىلار شاھى ناسىر سامانى فارابىنى "ئىككىنچى ئۇستاز" (ئارىستوتىلدىن كېيىن) دېگەن ئۇنۋان بىلەن ئاتىدى ۋە فارابى ئەسەرلىرىنى ئاشۇ تەخەللۇس بىلەن نەشر قىلدۇردى. مەشھۇر قانۇنشۇناس ۋە مەنتىقشۇناس ئەل ئامادى (1156 - 1233) فارابىغا باھا بېرىپ مۇنداق يازغان: "فارابى ئەڭ كەمتەر ۋە كىچىك پىئىل زات ئىدى. مەنسەپ ۋە مال - دۇنيانى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيتتى. ئۇ دەمەشىقتە بىر چوڭ باغقا قاراۋۇلچى بولۇپمۇ ئىشلىگەن. كېچىلىرى قاراۋۇل پانۇسلىرىنىڭ نۇرىدىن پايدىلىنىپ كىتاب كۆرەتتى ۋە يازاتتى. ئەنە شۇنداق ئىجتىھات قىلىپ ئۆگىنىپ ئاخىرى ئوز زامانىسىنىڭ كاتتا ئەللامىسى مۇقامىغا يەتكەن. فارابى پەلسەپە ئىلمى توغرىسىدا ئەڭ مۇكەممەل تەرىپ بەرگەن. ئۇ شۇنچە تولغان ئىلمىي ھېكمەت ئىگىسى بولسىمۇ يەنىلا مەغرۇرلۇقتىن خالى ئىدى. بىر كىشى ئۇنىڭدىن: - بىلىم جەھەتتە سىز چوڭمۇ، ئارىستوتىلمۇ؟ - دەپ سورىغاندا ئۇ جاۋابەن: - " ئەگەر مەن شۇ زاماندا ياشىغان بولسام ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ شاگىرتلىرىدىن بولار ئىدىم، - دېگەن. فارابى ئارىستوتىلنىڭ (ئەس ساما) ناملىق فىزىكا كىتابىنى ئاز دېگەندە قىرىق قېتىمچە ئوقۇغانىكەن ". بەھرىل جاۋاھىرە (" دېڭىز ئۇنچىلىرى") ناملىق كىتابتا نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، فارابى بىلىم ئىگىلىرىنىڭ پەزىلەتلىرى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: " بىلىم ئىزدىگەن ۋە ئۆگىنىش ئارزۇسىدا بولغان ھەرقانداق كىشى ياش، تىمەن، زىھنى ئوچۇق، ساغلام ۋە چىداملىق بولۇشى؛ خۇش پىئىل، راستچىل ۋە ئىخلاسچان كېلىشى؛ رىياكارلىقتىن ۋە پەس ئارزۇ - ھەۋەسلەردىن خالى بولۇشى؛ پۈتۈن زىھنىي قۇۋۋىتىنى ئىلىمغا بېغىشلىشى زۆرۈر. چۈنكى، بىلىم ئەھلى باشقا ھەرقانداق مەنپەئەتنى ئېتىبارغا ئالمايدۇ...". فارابى ئىنساننىڭ بۇرچى توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ: يىراق يۇر بولسا باتىل، سۆزى يالغان، ھەقىقەت تارقىتىپ كەت بولسا ئىمكان؛ بىزگە دۇنيا بولمىدى ئابادە ئۆي كەلمىگەچ تەڭ بۇ ئولۇمچە ھېچبىر ئىنسان فارابى ئەسەرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەرەب تىلىدا يېزىلغان (2) بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرىكى ئولىما - مۇدەررىسلىرىمىز ئەرەبچىنى ئوبدان چۇشەنگەچكە فارابى ئىدىيىسىنى دەرس شەكلىدە تونۇشتۇراتتى. فارابى ئەسەرلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئىسىم تەرجىمە تىزىملىكى توۋەندىكىچە: پىلاتون ۋە ئارىستوتەلنىڭ پەلسەپە ئاساسلىرى، ئۇلۇغ ئەخلاق - پەزىلەت " گىئومەترىيە ۋە ئاسترونومىيە " ھەققىدە ئىزاھ، ئارىستوتىلنىڭ "پەلسەپىدىكى ئېنىقسىزلىقلار " ناملىق كىتابىغا ئىزاھ، پەلسەپىدىكى ئىخچاملىق – لوگىكا، پەلسەپەدىكى چوڭ لوگىكا قىياس ھەققىدە، لوگىكا چۈشكۈنلۈكى، قىياس شەرتلىرى ھەققىدە، پەلسەپە دەلىللىرى توغرىسىدا، پەلسەپە مۇنازىرلىرى ھەققىدە، مەۋجۇدىيەتنىڭ مۇقەددىمىسى ھەققىدە، ئالەم بوشلۇقى توغرىسىدا، ئەفرۇدنىڭ "جان" ناملىق ئەسىرىگە ئىزاھ، ئىلىم - پەننىڭ چېكى ۋە تەرتىپى توغرىسىدا، پىلاتون ۋە ئارىستوتىلنىڭ ئىككى پەلسەپىسى ھەققىدە، مەدەنىيەت توغرىسىدا، ئۇلۇغ تەپەككۇرنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا، سۆز ۋە يېزىق توغرىسىدا، بۈيۈك مۇزىكا دەستۇرى، ئۇرۇشنىڭ چېكى توغرىسىدا، ئۇرۇشقا سەۋەب بولىدىغان سۆز شەكلى توغرىسىدا، ئىنسانىيەتنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدا، ئەدەبىيات مۇنازىرىسى ھەققىدە، بىننى راۋەندىگە رەددىيە، تەڭرىنىڭ بىرلىكى ۋە ئېتىقاد توغرىسىدا، ئۇپۇق، ئوربىتا ۋە ئالەمنىڭ مىقدارى ھەققىدە، تەبىئىي ۋۇجۇدنى ئۆزگەرتكۈچى مەۋجۇدىيەتلەر ھەققىدە، بەقرات ۋە پىلاتون تەپەككۇرىدىكى بىردەكلىك، بەختنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا، بۆلۈنىدىغان ۋە بۆلۈنمەيدىغان شەيئىلەر توغرىسىدا، جىن - شەيتانلار ھەققىدە، مەدەنىي سىياسەتلەر توغرىسىدا، مەۋجۇدىيەتنىڭ پەيدا بولۇش ئورنى مىللەت ۋە مەدەنىي - مائارىپ توغرىسىدا، پەلسەپىدىكى ئېنىقلىما (20 توملۇق يىرىك ئەسەر)، ھەربىي قوماندانلار توغرىسىدا، تۇرمۇش ۋە ئۇرۇش توغرىسىدا، يۇقىرى ئالەم تەسىرلىرى توغرىسىدا، ئاسترونومىيە قانۇنلىرى ھەققىدە، ئىجتىمائىي ھايات توغرىسىدا، چۈش توغرىسىدا، يېزىقچىلىق سەنئىتى توغرىسدا، ھايۋانلارنىڭ ئەزا تۈزۈلۈشى توغرىسىدا، شېئىر ۋە قاپىيە توغرىسىدا، مەدەنىي جەمئىيەت توغرىسىدا، ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيەتلىرى، ئىلىم - پەن ئەھلىنىڭ خورلىنىشى توغرىسىدا، ئاسمان (مۇئەللەق) ۋە ھاۋانىڭ رەڭلىكى توغرىسىدا، خىمىيە سانائىتىنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا رەددىيە، ئارىستوتىلنىڭ " مېتافىزىكا " ناملىق كىتابىدىكى بەزى ئېنىقلىمىلار توغرىسىدا، ئارىستوتىلنىڭ لوگىكىسىغا ھاشىيە، مۇقەررەرلىكنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا، روھنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا، شەيئىلەر ھەققىدە تەبىئەت ماھىيىتىدىن ئاڭلاش مۇمكىن بولغان مەسىلىلەر توغرىسىدا، يۇقىرىقىلار فارابى ئەسەرلىرى تىزىملىكىنىڭ ئازلا بىر قىسمى. ئۇنىڭ تەتقىقاتىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ ئىجتىمائىي، پەلسەپە قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىلا تەتقىقات يۈرگۈزۈپ قالماي، بەلكى كائىناتنىڭ قانۇنىيەتلىرىگىچە تەھلىل يۈرگۈزگەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ "مىللەت ۋە مائارىپ" سەرلەۋھىلىك ئەسىرى ۋە مۇزىكاشۇناسلىق ھەمدە شېئىرىيەت سەنئىتى ھەققىدىكى ئەسەرلىرىدە تەلىم - تەربىيىنىڭ ئىنسان ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى رولى توغرىسىدا قىممەتلىك تەپەككۇرلار چاقناپ تۇرىدۇ. 2. ئاتاقلىق ئالىم ۋە تىلشۇناس مەھمۇت قەشقەرى  مەھمۇت قەشقەرى قاراخانىلار مائارىپى تازا گۇللەنگەن چاغدا گۇزەل ئوپال كەنتىدە (3) مىلادىنىڭ 1028 - يىللىرى ئەتراپىدا مەرىپەتلىك ئائىلىدە تۇغۇلغان. قەشقەرنىڭ ئۇپال كەنتى ئەينى زاماندا كەڭ باغۇ بوستانلىق، ساپ ھاۋالىق جاي ئىدى. مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ئانىسى پاراسەتلىك ۋە بىلىملىك ئايال (4) بولۇپ، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ئوسۇپ يەتىلىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. مەھمۇت قەشقەرى ئۆزىنىڭ مەرىپەتلىك ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن، شۇ يەردىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا تۇگەتتى. كېيىن قەشقەردىكى خانلىق مەدرىس (مەدرىسى ساجىئە) گە كېلىپ چوڭ ئالىم ۋە مەشھۇر پېداگوگ ھۈسەيىن خەلەپ ئاتلىق ئوقۇتقۇچىدا ئوقۇدى. ئۇ بۇ يەردە پارس، ئەرب تىلى گرامماتىكىسىنى، لوگىكا ۋە پەلسەپە ئىلىمىنى، تارىخ، جۇغراپىيە، ئاسترونومىيىنى، تىببىي ئىلىمنى ھەم ئەدەبىيات تارىخىنى پىششىق ئۆگەندى (5). كېيىن ئۇ، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىي


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.