ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-28

    ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئوچېرىكلار - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40059674.html

    ئابدۇللا  تالىپ

    كىرىش سۆز

    ئىلىم - پەن تارىخچىلىرى 20 - ئەسىرنى «ئىلىم ـ پەن پارتلىغان دەۋر» دەپ ھۆكۈم قىلىشماقتا. مائارىپنىڭ گۈللىنىشى ئارقىسىدا، ھازىر دۇنيادا يىلىغا 650 مىڭ خىل كىتاب يېزىلىپ، مىنۇتىغا بىرخىل كىتاب نەشر قىلىنماقتا، كۈنىگە 900 خىل كەشپىيات بارلىققا كەلمەكتە، ھەر كۈنى 1500 خىل ئىلمىي دىسسېرتاتسىيە ئېلان قىلىنىۋاتقان ئىلمىي دىسسېرتاتسىيە 5 مىليوندىن، ئىختىرا، كەشپىياتلار 350 مىڭدىن ئاشماقتا. پەن - تېخنىكا ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن ئالەمشۇمۇل ئۈچ چوڭ ئىنقىلاب (پار قۇۋۋىتى، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، ھېسابلاش ماشىنىسى) نىڭ ھەممىسى مائارىپ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا ئالىملار: «ھازىرقى زامان دەرۋازىسىنىڭ ئاچقۇچى – مائارىپ» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە. ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ پەرىزىچە، باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىلىك ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى% 43؛ ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىلىك ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى% 108؛ ئالىي مەكتەپ سەۋىيىلىك ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۇنۇمدارلىقى %300 بولىدىكەن. بۇ پاكىتتىن مائارىپنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدا نەقەدەر مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقى ئۆز - ئۆزىدىن مەلۇم. ئېلىمىزدە تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار كۈرەش نىشانىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەدەنىي - مائارىپ ئىشلىرىمىز كۈندىن - كۈنگە گۈللىنىشكە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە، جۈملىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىمۇ ئىنتايىن تېز راۋاجلانماقتا. بۇ تەرەققىياتنى بىز مائارىپ تارىخشۇناسلىقى ۋە سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق پرىنسىپلىرى ئاساسىدا تەتقىق قىلىپ كۆرسەك تېخىمۇ ئوچۇق كۈرۈۋالالايمىز. ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىغا ئائىت ھازىرغىچە ھېچقانداق سىستېمىلىق ماتېرىيالغا ئىگە بولمىغىنىمىز ئۈچۈن، دەسلەپكى ئىزدىنىش مېۋىسى ئورنىدا مۇشۇ قىسقىچە تارىخ يېزىلدى. بۇ ئۇيغۇر مائارىپ تارىخشۇناسلىقى ۋە مائارىپ سېلىشتۇرما شۇناسلىقى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان مائارىپچىلىرىمىز ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئىلمىي ئىزدىنىشىگە ئاز - تولا ئىلھام بەرگۈسى، دەپ ئىشىنىمىز.

    - باب مۇئەللىم ۋە مەكتەپنىڭ پەيدا بولۇشى

    «ئىنسانىيەت ئەۋلادىنى تەربىيىلەش - ئومۇمىي ۋە مەڭگۈلۈك كاتېگورىيە» (ۋ. ئى. لېنىن) بولغىنى ئۈچۈن، تەلىم - تەربىيە تارىخى ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىلا باشلانغان. بۇ «ئىپتىدائىي مائارىپ» باسقۇچىدا ئاتا - ئانىلار ئوز پەرزەنتلىرىگە، تەجرىبىلىك ئۇستىلار شاگىرتلىرىغا، پىشقەدەملەر كىچىكلەرگە مۇئەللىم ئىدى. ئۆگىتىلىدىغان دەرس تۈرلىرى بولسا قورال - سايمانلارنى ياساش ئۇسۇلى، ئوتياش يىغىش، ئۆي قۇشلىرىنى ئۆگىتىش ئۇسۇلى، يىرتقۇچلاردىن قوغدىنىش ماھارەتلىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ ئەمگەك ئەمەلىيىتىدە يۈرگۈزۈلەتتى، كەڭ ئورمانلىق ۋە دالىلار دەرسخانا ئىدى. كېيىنرەك، ئىشلەپچىقىرىش پەيدىنپەي تەرەققىي قىلىپ، مەھسۇلات ئېشىنىدىغان بولدى. ئەمگەك تەقسىماتى بارلىققا كەلدى، كەسىپ تۈرلىرى ئايرىلىپ چىقتى. بۇنىڭ ئارقىسىدا قۇلدارلىق تۈزۈم، دۆلەت ۋە ئۇرۇش پەيدا بولدى. مۇشۇ ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەت يېزىقىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. يېزىق (خەت) نىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئانىسى 5000 يىللار بۇرۇن قەدىمكى مىسىردا كەشىپ قىلىنغان ئىرۇگىلىپ (شەكىل) خېتىدۇر، شۇ چاغدا مىسىردا يەنە سامان قەغەز، كالېندار (شەمسىيە، قەمەرىيە) مۇ ئىجاد قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ يازما تارىخى باشلاندى. مۇئەللىم ۋە مەكتەپ ئەنە شۇ يېزىق كەشپىياتى ئاساسىدا پەيدا بولدى. «مەكتەپ» دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىمۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇ. دۇنيادا تۇنجى مەكتەپ قەدىمكى مىسىرنىڭ تىببىس (تەبەس) دېگەن يېرىدە قۇرۇلغان. بۇ مەكتەپنىڭ نامى رامىسسۇم (رامىسسۇم) - «ئوقۇتۇش ئورگىنى» دەپ ئاتىلاتتى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2870 - يىلى مىسىر پىرئونى ئەسسىنىڭ ۋەزىرى پىتاھ ھۇتىپ تەرىپىدىن يېزىلغان "سەبۇيەت" ۋە "ئەخلاقنامە" ناملىق كىتاب رەسمىي ئىجتىمائىي تەربىيە دەرسلىكى بولۇپ بېكىتىلگەن. دەل شۇ مەزگىللەردە بابىلۇندا پادىشاھ ئاشۇربانپالنىڭ ئوردا كۇتۇپخانىسى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدا 25 مىڭ جىلد كىتاب ساقلانغان. لېكىن كىتاب ۋە دەرسلىكلەرنىڭ كۆپلەپ يېزىلىشى ھەرپلىك خەت ئىجاد قىلىنغاندىن كېيىنلا مۇمكىن بولدى. قەدىمكى فىنىكىلىقلار مىلادىدىن 3000 يىللار ئىلگىرى جاھان مائارىپىنىڭ تۇنجى ئانا تىلى دەرسلىكى "ئېلىپبە" (1) كىتابىنى تۈزۈپ چىقتى. قەدىمكى مىسىر ۋە بابىلۇن مائارىپىنىڭ تۈرتكىسىدە، قەدىمكى يۇناندا تۇنجى پېداگوگ ئورگىنى ئەپىب  قۇرۇلۇپ، مۇئەللىملەرنىڭ تەلىم - تەربىيە ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىنىدىغان بولدى. بىراق، بۇ چاغدىكى مۇئەللىملەر قۇلدارلارنىڭ ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ، "ياللانما ئەپەندى" دەپ ئاتىلاتتى. ئوقۇتقۇچىلارنى كەمسىتىدىغان بۇ ئاتالغۇ كېيىنرەك مەنئىي قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇئەللىملەرنى "پېداگوگ" دەپ ئاتايدىغان بولدى. پەب بالا، گوكىس يېتەكچى - "پەرزەنتلەرنى يېتەكلەش" دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەرزەنتلەرنى قانداق يېتەكلەش ئۇسۇلى توغرىسىدا دېداكتىكا ئىلمىي مەيدانغا كەلدى. گرىك تىلىدا بۇ سۆز دېداكتىكوس (مەن ئوقۇتىمەن) دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، قۇلدارلىق تۈزۈمىدە ئىجتىمائىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى پېداگوگ، ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرى بولسا "مۇئەدىب" دەپ ئېنىق ئايرىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، قەدىمكى يۇناندا مۇئەللىملەر ئىچىدىن چوڭ پەيلاسوپلار يېتىشىپ چىقىپ، مۇئەللىملەرنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئۇلارنى كىشىلەر سوپىست ("ئىلىم گۇرۇھى") دەپ ئاتاپ، بەك ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىشىدىغان بولدى. ئىلىم گۇرۇھىدىكىلەر چوڭ ئالىملار ۋە مەشھۇر ناتىق (ئاراتۇر) لاردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجابىي تۈرتكىسىدە، مىلادىدىن بۇرۇن قەدىمكى يۇناندا ئارقا ـ ئارقىدىن ئاكادىمىيە (2) ۋە ئىنىستىتۇتلار (3) قۇرۇلدى. مائارىپ تارىخىدا بۇ دەۋر "كلاسسىك مائارىپ دەۋرى" دەپ ئاتىلىدۇ. كلاسسىك مائارىپنىڭ ئوقۇتۇش پروگراممىسىغا يەتتە خىل دەرس: گرىك - لاتىن تىلى، ناتىقلىق نەزەرىيىسى، دىئالىكتىكا، ماتېماتىكا، گىئومىترىيە، ئاسترونومىيە ۋە مۇزىكا كىرگۈزۈلگەن. بۇ "يەتتە سەنئەت" دەپ ئاتالغان. يۇقىرىدىكى يەتتە سەنئەت پروگراممىسى قاتارىغا كېيىنرەك يەنە تەنتەربىيە ماھارەت دەرسىمۇ قوشۇلدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 776 - يىلى قەدىمكى يۇناننىڭ ئولۇمپىيە دېگەن يېرىدە تەسىس قىلىنغان ئولىمپىك (4) تەنتەربىيە ھەرىكىتى كىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىغا زور تۇرتكە بولدى. كلاسسىك مائارىپنىڭ ئۇلۇغ نامايەندىلىرىدىن بولغان مەشھۇر ئالىملار، پەيلاسوپلار ۋە پىداگوگلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋەكىللىرى سوقرات (5)، پرۇتاگراس (6)، دىموكرىت (7) قاتارلىقلار تەلىم - تەربىيىدە ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش مەزمۇن قىلىنغان بىر يۈرۈش سىستېمىلىق پىداگوگىكا نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ ياۋروپا كلاسسىك مائارىپىنىڭ ئەڭ داڭلىق ۋەكىلى، دۇنيادا بىرىنچى ئۇستاز دەپ شۆھرەت قازانغان ئارىستوتىل (مىلادىدىن بۇرۇنقى 384 - 322 - يىللار) مىلادىدىن بۇرۇنقى 335 - يىلى ئافىنادا "روكيان" ناملىق مەشھۇر ئىنىستىتۇتنى تەسىس قىلغان ۋە چوڭ ئىمپېراتور ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننى ئوقۇتقان، ئىسكەندەر بۇ مەكتەپكە 800 تاران (8) ئالتۇن ھەدىيە قىلغان. ف. ئىنگىلس ئارىستوتىلنى قەدىمكى دۇنيادا "ھەممىلا پەندىن خەۋەردار چوڭ ئالىم ئىدى" دېگەن. دەرۋەقە ئۇ، ئىلىم - پەننىڭ ھەممىلا ساھەلىرىدە ئاجايىپ زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋە ئىنتايىن نۇرغۇن ئەسەر يازغان. ئارىستوتىل سىياسىي تۈزۈم ئۇستىدە 158 خىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئارىستوتىل ئىلم - پەننى تۇنجى قېتىم ئۈچ چوڭ كاتېگورىيە (نەزەرىيىۋى بىلىم كاتېگورىيىسى، ئەمەلىي ئىشلىنىدىغان پەنلەر كاتېگورىيىسى، ئىجادىيەت پىنى كاتېگورىيىسى) گە ئايرىپ چىققان. ئۇ ماتېماتىكا، لوگىكا، دىئالىكتىكا ۋە باشقا تەبىئىي پەنلەرنى نەزەرىيىۋى بىلىم كاتىگورىيىسىگە؛ ئەخلاقشۇناسلىق، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ئىستراتېگىيەشۇناسلىق ئىلىملىرىنى ئەمەلىي ئىشلىنىدىغان پەنلەر كاتىگورىيىسىگە؛ شېئىر، مۇزىكا ۋە باشقا ھەممە سەنئەتنى ئىجادىيەت پەنلىرى كاتىگورىيىسىگە ئايرىغان. ئارىستوتىل - يەنە لوگىكا ئىلمىنى كەشىپ قىلغۇچى، دىئالېكتىكا ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى مائارىپ قامۇسى - ئىنسىكلوپېدىيىسىنىڭ ياراتقۇچىسى، ئارىستوتىل ئىنسىكلوپېدىسىيىگە ئومۇمىي (ئىنسكلو) مائارىپ (پىدىيا) دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ ئەڭ مۇكەممەل تەرىپ بەرگەن. ئارىستوتىل ئوز قولى بىلەن تەسىس قىلغان "روكيان" ئىنىستىتۇتىدا مائارىپ (پېداگوگىكا) نىشانىسى قىلىپ توۋەندىكى مەشھۇر تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويغان. «... گراژدانلارنىڭ ھەممىسىنى مائارىپتىن ئەركىن بەھرىمەن قىلىش زۆرۈر، مائارىپ ئۇلارنىڭ ئەقلىي، ئەخلاقىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلالىشىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك...» بىراق، ئارىستوتىل ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە يەنىلا ئەينى زاماندىكى قۇلدارلىق تۈزۈمىنىڭ مۇتەپپەككۇرى ئىدى. ئۇ بۇ تارىخىي چەكلىمىدىن نېرىغا بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتەلمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق دېگەن: "قۇللار پەقەت سۆز قىلىشنىلا بىلىدىغان قورالدۇر...". ئېلىمىزنىڭ خۇئاڭخې ۋادىسى شەرق كلاسسىك مائارىپىنىڭ ئاساسىي مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ، مىلادىدىن خېلىلا بۇرۇن ئېلىمىزدە مەشھۇر "جياگۇ" يېزىقى كەشىپ قىلىنغان. بۇ يېزىق دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن كەشىپ قىلىنغان يېزىقلار قاتارىغا كىرىدۇ. "جياگۇ" يېزىقى ئەڭ قەدىمكى باسقۇچتا سۆڭەك ۋە تاشپاقا قېپىغىلا يېزىلاتتى. ئۇنىڭغا پال تەبىرلىرى ھەم ياخشى - يامانلىق توغرىسىدىكى قىياسلار پۈتۈلەتتى، بۇ يېزىق تەدرىجىي ئىسلاھ قىلىنىشى ئارقىسىدا ھازىرقى جۇڭگو يېزىقى ۋۇجۇدتقا كەلگەن. قۇلدارلىق تۈزۈمىدىكى شەرق مائارىپىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەكىلى كۇڭفۇزى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 551 - 479 - يىللار) بولۇپ، ئۇنىڭ خۇسۇسىي مەكتىپىدە 3000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن 70 تىن ئارتۇقراقى شۇ زاماننىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرى ۋە پىداگوگلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىققان. كۇڭفۇزىنىڭ زاماندىشى پەيلاسۇپ لاۋزى ئۇزۇن يىللار ئوقۇتقۇچى بولۇش بىلەن بىللە ئېلىمىزدە "مىن فۇ" ناملىق تۇنجى كۇتۇپخانىنى تەسىس قىلغان ھەم ئۆزى كۇتۇپخانا باشلىقى بولغان. كۇڭفۇزىنىڭ "مۇھاكىمە ۋە بايان" ناملىق ئەسىرىدە ئۇنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى خېلى كەڭ شەرھىلەنگەن. ئۇ "ھەم ئۆگىنىش، ھەم ئويلىنىش كېرەك"، "ئۆگىنىپ زەرىكمەسلىك، ئۆگىتىپ ھارماسلىق" دەپ تەكىتلىگەن. كۇڭفۇزىنىڭ ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ يادروسى "ۋاپادارلىق" بولۇپ، ئۇ "ۋاپانىڭ شەرتى مىھرىبانلىق" دەپ تەشەببۇس قىلاتتى، يەنە "ئۆزۈڭ خالىمىغاننى ئۆزگىگە تاڭما" دەپ تەكىتلەيتتى. كۇڭفۇزى ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىدە ئېلىمىزدە مىلادىدىن بۇرۇن "مەرىپەتنامە" ناملىق پىداگوگ رىسالىسى يېزىلىپ چىقتى. بۇ ئەسەر شەرقنىڭ كلاسسىك مائارىپ تارىخىدا چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەينى زاماندىكى مائارىپ تۈزۈمى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، مېتودىكا مەسىلىلىرى شەرھلەنگەن. ئېلىمىزدە كېيىنرەك بىرمۇنچە يۇقىرى بىلىم يۇرتلىرىمۇ تەسىس قىلىنغان، مەسىلەن: مىلادىنىڭ 1 - ئەسىردە (غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە) شوتاڭ  مەكتىپى، مىلادىنىڭ 276 - يىلى "گوزىشو" (خانلىق مەكتەپ) تەسىس قىلىنىپ، مەنسەپدارلىق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە جۇڭگو مائارىپى كۆپ دەرىجىدە گۇللەندى. دۆلەتلىك كۇتۇبخانىلار قۇرۇلدى. تىرە ۋە لاتا پۇرۇشلاردىن يېڭىچە قەغەز ياساش كەشىپ قىلىندى. بۇ كەشپىيات شەرق مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈشتە زور تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە غەربنىڭ مەتبەئە ۋە قەغەز سانائىتىنىڭ راۋاجلىنىشىدىمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭگو شەرق مائارىپىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغىنى ئۈچۈن، ياپونىيە قاتارلىق قوشنا ئەللەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئېلىمىزگە كېلىپ بىلىم ئېلىپ تۇردى.

    ئىزاھاتلار: (1) بۇ ئاتالغۇ فىنىكىلىقلارنىڭ "ئالپابېيت" سۆزىدىن كېلىپ چىققان ئالپا ئۈكۈز، بېيت ئۆي يەنى ئۈكۈز قوتىنى دېگەن سۆز. قەدىمكى فىنىكىلىقلار ئۈكۈزنى "مۇقەددەس ھايۋان" دەپ ھېسابلايتتى. چۈنكى، ئۈكۈز تىرىكچىلىكنىڭ تايانچىسى ئىدى. (2) ئاكادىمىيە يۇنانلىقلارنىڭ بىر مىللىي قەھرىماننىڭ نامى. (3) ئىنىستىتۇت گرىك تىلىدا "يېرىم كۇن ئىشلەپ، يېرىم كۇن بىلىم ئېلىش" دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ چاغدا بىلىم ئېلىش بىلەن ئىشلەپچىقىرىش بىرلەشتۈرۈلگەنىدى. ئىنىستىتۇتلار ھاۋالىق باغچىلاردا قۇرۇلغان بولۇپ، ستودىنتلار يېرىم كۈن ئوقۇپ، يېرىم كۇن ئەمگەك قىلاتتى. (4) ئولىمپىك تەنتەربىيە ھەرىكىتى - يۈگۈرۈش، دىسكا ئېتىش، ئات بەيگىسى، چېلىشىش، رەسساملىق، شېئىر، دراما، ئوپىرا، مۇزىكا قاتارلىق مۇسابىقە تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. (5) سوقرات (مىلادىدىن بۇرۇنقى 469 - 399 - يىللار) "بىلىم ۋە ئىختىساس - ئىنساننىڭ ئەڭ يۈكسەك گۈزەل پىزىلىتى" دېگەن. (6) پىلاتۇن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 427 - 347 - يىللار) ئۆمۈر بويى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 387 - يىلى ئافىنادا ئاكادىمىيە تەسىس قىلغان، "غايىۋى دۆلەت"، "بىلىم توغرىسىدا" قاتارلىق كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان. (7) پرۇتاگراس (مىلادىدىن بۇرۇنقى 481 -411 - يىللار) ئاتاقلىق پىداگوگ، بىرىنچى قېتىم پىداگوگىكا مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. "تالانت بىلەن ئۆگىنىش ئوخشاش مۇھىم" دەپ تەكىتلىگەن.(8) دىموكرىت (مىلادىدىن بۇرۇنقى 460 - 370 - يىللار) ئىنسىكلوپېدىست ئالىم. 52 خىل ئەسەر يازغان، "مائارىپ ئادەمنى ئۆزگەرتەلەيدۇ" دېگەن. (9) تاران - ئەينى زاماندىكى ئالتۇن بىرلىكى.

    - باب ئۇيغۇرلاردا ئىپتىدائىي مائارىپ

    مىلادىدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار چارۋىچىلىق بىلەن دېھقانچىلىققا تەڭلا ئەھمىيەت بېرەتتى. چۈنكى چارۋىلارغا بوغۇز، يەم - خەشەك تەييارلاش ئۈچۈن ئارپا، بۇغداي، بېدە ئۆستۈرۈش زۆرۈر ئىدى. مۇشۇ زۆرۈرىيەت سەۋەبىدىن ئىش تەقسىماتى ئېنىق ئايرىلىپ، خەلقنىڭ بىر قىسمى دېھقانچىلىق بىلەن مەشغۇل بولاتتى. مىلادىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپرەك قىسمى يەنىلا چارۋىچى ئىدى. چارۋىچىلارنىڭ ئەڭ بۇرۇن ئۆگىتىۋالغان ھايۋىنى ئىت ئىدى. چۈنكى ئىت ئوۋ ئوۋلاشقا، چىدىر - ئاق ئۆيلەرنى بېقىشقا، پادىلاردىن خەۋەر ئېلىشقا بىردىنبىر كېرەكلىك ۋە قارانچۇق ھايۋان ھېسابلىناتتى. چارۋىلارنىڭ كۆپىيىشى ئارقىسىدا كۆچمە چارۋىچىلىق مەيدانغا كەلدى. ئاق ئۆيلەرنى كۆچۈرۈش، ئوزۇق - تۈلۈكلەرنى يۆتكەش ئۈچۈن، ئات، ھارۋا، قوتاز كېرەك بولدى. ئات كۆندۈرۈش، ھارۋا ياساش ئۈچۈن ھۈنەر - سەنئەت كەسپى بارلىققا كەلدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۆگىتىش بىلەن ئۆگىنىش، ئۇستا بىلەن شاگىرت مەيدانغا كەلدى. مانا بۇ ئۇيغۇرلاردا ئىپتىدائىي مائارىپنىڭ بىخى ئىدى. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئۇيغۇرلار شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. شامان، پېرىخۇئەن ۋە پالچىلار بۇ دىننىڭ مۇتەپەككۇرى (موللىسى) ئىدى. شامان دىنىنىڭ ئايال خۇداسىنى ئۇيغۇرلار "ئۇماي" دەپ ئاتايتتى. ئۇماي بولسا كېسەلدىن، دېۋە - شاياتۇنلاردىن ساقلىنىشنىڭ روھىي مەدەتكارى ئىدى. باخشى بولسا شامان دىنىنىڭ يەنە بىر روھىي مەدەتكارى ئىدى. كېسەل بولغان كىشىلەر باخشى - پېرىخۇنلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئازايىم ئوقۇتاتتى. ئۆي ئىچىگە ياكى قورۇ ئوتتۇرىسىغا ياغاچ موما قاداپ پېرى ئوينىتاتتى، كېسەلنى قىزىتىلغان تۆمۈردىن ئاتلاتقۇزاتتى، گۈلخان يېقىپ، ئىسرىق سالاتتى، ئوت - سوقتى ۋە "چەتنەك" تىن ساقلاش ئۈچۈن بوينىغا تۇمار ئېسىپ قوياتتى. لېكىن، كېيىنرەك پەندى - نەسىھەتنى ئاساس قىلىپ ئەخلاقىي تەربىيە يۈرگۈزىدىغان تەبىرچى مۇئەللىملەر مەيدانغا كەلدى. ئۇلار كىشىلەرنى ياخشىلىققا ئۇندەيتتى. يامان ھەرىكەتلەرنى توسۇيتتى. تەبىرچى مۇئەللىملەرنىڭ تەربىيە ئۇسۇلى پالغا تەبىر بېرىش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلاتتى. مەسىلەن: چۈشىدە قارا كۆرسە، ئامىتى كېلىدۇ؛ چۈشىدە ئاغرىق ئات مىنسە پالاكەت باسىدۇ؛ قوي پادىسى كۆرسە باي بولىدۇ؛ يامغۇر يېغىپ چۈش كۆرسە، باياشاتلىق بولىدۇ؛ نان دەسسەپ چۇش كۆرسە، كۆزى كور بولىدۇ؛ ئەقىن سۇغا سىيىپ چۇش كۆرسە، جاراھەت باسىدۇ، دېگەنلەرگە ئوھشاش. ئەخلاقىي پەندى - نەسىھەت قورالى قىلىنغان بۇنداق تەربىيە ئۇسۇلى "تەبىرنامە" (ئەرىق پۇتۇك) ناملىق كىتابتا تەھىمۇ روشەن ھۇلاسە قىلىنغان. " ئەرق پۇتۇك " تىن بىر - ئىككى مىسال: ئەيىق بىلەن تۇڭگۇز داۋان ئۇستىدە سوقۇشۇپتۇ، ئەيىقنىڭ قارنى يەرىلىپتۇ، تۇڭگۇزنىڭ چىشلىرى سۇنۇپتۇ. بىلگىنكى بۇ يامانلىقتۇر. ئوغلان ئاتا - ئانىسىغا قەيداپ، بەشى قايغان، پۇتى تايغان تەرەپكە كېتىپتۇ، چولدە غەرىپ بولۇپ قاپتۇ، كېيىن پۇشايمان يەپ قايتىپ كېلىپتۇ. بىلگىنكى بۇ ئەزگۇ (ياخشىلىق) دۇر. بۇ ئىككى مىسالدا چوڭقۇر پەداگوگىكىلىق مەزمۇن بولۇپ، ئۇنىڭدا تەلىم - تەربىيە مەقسىتى ئېنىق مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ. شامانىزم ئېتىقادىنىڭ تەربىيە ئۇسۇلى قارىماققا ئىنتايىن ساددا ۋە كۇلكىلىك كورۇنگەندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا يەنىلا يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۇرىشىنىڭ ئامىللىرى ئەكس ئەتىپ تۇرىدۇ. شۇڭا كۆپ ئەسىرلەر، نۇرغۇن دەۋرلەرنىڭ ئوتۇپ كەتكىنىگە قارىماي، شامانىزم ئېتىقادى ۋە پالچىلىق ئادەتلىرىنىڭ بۇگۇنگىچە داۋام قىلىپ كەلىشى ھەرگىز تاساددىپىي ئەمەس. مەسىلەن: ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلىۋاتقان ئىسرىق سېلىش، نوكچا كويدۇرۇش، قەبرى بەشىغا چىراغ يەقىش، كەلىننى گۇلخان ئۇستىدىن ئاتلاتقۇزۇش، كۇن تۇتۇلغاندا يىغا - زار قىلىش... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ ئېتىقادنىڭ قالدۇقلىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئېتىقادلىرى باشقا قەبىلە خەلقلىرىگىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ ھەقتە رىم تارىخچىسى مناند مۇنداق يازىدۇ: " زىمارك (1) يۇلتۇزدا ئىستەمى (2) تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندا، ئىستەمى قاغان ئالتۇن تەختتە ئولتۇرىدىكەن، ئالتۇن تەخت چاقىغا قىزىل تاسما بېكىتىكلىك بولۇپ، ئۇنى ئاتقا سورىتىپ، باشقا چىدىرلارغىمۇ ئېلىپ بارغىلى بولىدىكەن. چەدىر - بارگاھ ھەرخىل يىپەك پەردىلەر بىلەن بەزەلگەن. بۇ پەردىلەرنىڭ ئۈستىگە قوراللىق جەڭچى، بورە، يولۋاس، شىرلارنىڭ سۇرەتلىرى كەشتىلەنگەن. قاغاننىڭ ئالتۇن كارىۋىتى، ئالتۇن ئورۇندۇقى بولۇپ، تۇرنا ۋە توز قۇشلىرى سۈرىتىدە ياسالغان ئالتۇن ھەيكەل ئۈستىگە قۇرۇلغان. زىمارك چېدىر - بارگاھ ئالدىغا بارغاندا، بىر تۈركۈم ئادەملەر چىراغ يورۇتۇپ ۋە ئىس پۇرىتىپ ئەلچىلەرنىڭ يۈك - تاقلىرى ئەتراپىدا توھتىماي يۈگۈرۈپ يۈرگەن. ئاندىن ئەلچىلەرنى تاغ ئارىسىدىكى چىمەنلىك ئوتتۇرىسىغا يېقىلغان گۇلخان ئۈستىدىن ئاتلاتقۇزۇپ، ئارقىدىن چېدىر - بارگاھقا باشلاپ كىرگەن". يورۇقلۇق سىمۋول قىلىنغان شامان ئېتىقادى ئاساسىدا مىلادىنىڭ 763 - يىلى شەرقىي ئۇيغۇرلار ئومۇميۇزلۇك مانى ئېتىقادىنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ئىدېئولوگىيىسىدە يېڭى بۇرۇلۇش پەيدا بولدى. مانى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 274 - 215 - يىللار) ئىرانلىق بولۇپ، ئەينى زاماندا ۋائىز، شائىر ۋە ئاتاقلىق دوختۇر ئىدى. ئۇ مىلادىنىڭ 241 - يىلى يەنى 26 يېشىدىن باشلاپ، ئۆزىنىڭ دىنىي مەسلىكىنى تەرغىب قىلىشقا باشلىغان. ئۇ: «پۈتۈن ھاياتلىق كۈرىشى يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق، ھەق بىلەن ناھەق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش. نەپىسىنى تىزگىنلىيەلىگەن ئادەم يامانلىقتىن ساقىت بولالايدۇ، بولمىسا ئۆزىمۇ، ماددىي دۇنيامۇ ھالاك بولىدۇ» دېگەن. مانا بۇ - مانى دىنىنىڭ يادروسى. مانى دىنىنىڭ تەرغىباتچىسى پۇرۇستادان 696 - يىلى جۇڭگوغا كېلىپ مانى دىنىنى تەشۋىق قىلدى. نەتىجىدە مانى دىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە يىلتىز تارتتى. مىلادىنىڭ 755 - ۋە 762 - يىللىرى، تاڭ پادىشاھى شۇەنزاڭ (685 - 762) نىڭ تەكلىپى بىلەن ئۆڭلۈك (ئەنلۇشەن) ئىسيانىنى باستۇرۇشقا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بارغان ئۇيغۇر گېنېرالى مويۇنچۇر بوكەخان قايتىشىدا لوياڭ شەھىرىدىن ئىرانلىق تۆت راھىبنى ئېلىپ ئۇرخۇنغا كېلىدۇ. بۇ تۆت مانى راھىبى ئۆزىنىڭ بىلىم ئىقتىدارى ۋە دوختۇرلۇق تەجرىبىسى ئارقىلىق ئۇرخۇندىكى شامان باھشىلىرىنى مۇنازىرىدە يېڭىۋالىدۇ. نەتىجىدە مانىزمنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئابرويى بىردىنلا كوتۇرۇلۇپ كەتىدۇ. شەرقىي ئۇيغۇرلار مانى ئېتىقادىنى ئومۇميۇزلۇك قوبۇل قىلىدۇ ۋە بۇ دىن دۆلەت دىنى دەپ ئېلان قىلىنىدۇ. مانى دىنى مەكتەپلىرىمۇ كۆپلەپ ئېچىلىدۇ. مويۇنچۇر ھەر ئون ئۆيلۇككە بىر راھىب (ھەلپەت) بەلگىلەپ، ئۇيغۇرلارنى ئوقۇتىدۇ، ئوقۇتۇش مەزمۇنى پۈتۈنلەي مانى ئەقىدىلىرى بولىدۇ. مانىزم ئەقىدىسى بويىچە شەرقىي ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ يورۇقلۇقنى سىمۋول قىلىپ، ئاق كىيىم كىيىدىغان، تام - تۇرۇسلىرىنى ئاقارتىدىغان، چەدىرلىرىنى ئاق كىگىزدىن ياسايدىغان بولدى. ھەتتا پۈتۈن ئەسكەرلەرمۇ ئاق كىيىم كىيەتتى(3). 768 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ مانى راھىبلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن ئۇرخۇن ۋادىسىغا كۆپلەپ كېلىپ - كېتىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قول ھۇنەرۋەنلەر، بىناكارلىق ئۇستىلىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيتتى. ئۇلار ئۇيغۇر بىناكارلىق ماھىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇرخۇن شەھەر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، مەشھۇر قاغان ئوردىسى، ھاتون ئوردىسى قاتارلىق سارايلارنى بىنا قىلغان. شۇ چاغلاردا يەنە نۇرغۇن مانى ئىبادەتخانىلىرى، ئىبادەتخانا مەكتەپلىرىمۇ قۇرۇلۇپ، بۇ يەردە مانى مائارىپى يىلتىز تارتقان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي مائارىپى ۋە دۇنيا قارىشىدا مۇشۇ مەزگىللەردە گەرچە مانى مائارىپ ئىدىيىسى ئۇستۇنلۇكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئىدەئولوگىيىسىدە تۇتىمىزم ئەقىدىسى يەنىلا كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە ئىدى. تۇتىم (توتىم) ھىندىئانچە " ئۇنىڭ ئۇرۇقىدىن " دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇ بولۇپ، ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ھەرقايسى قەبىلە ۋە ئۇرۇقلارنىڭ كۈچلۈك ئېتىقاد سىماسىغا ئايلانغان. مەسىلەن: ئۇيغۇرلار بورىنى، خەنزۇلار ئەجدىھانى، رۇسلار ئەيىقنى، بابىلۇنلۇقلار ۋە ھىندىلار كالىنى " مۇقەددەس " دەپ چوقۇنۇپ، ئۆزلىرىگە تۇتىم قىلىۋالغان. تۇتىم ئەقىدىسى ئىپتىدائىي ئىدېئولوگىيە بولۇش بىلەن بىللە، ئۇنىڭدا ئىپتىدائىي تەلىم - تەربىيە ئامىللىرى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. مەسىلەن: ئۇيغۇرلار ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە " ئانا " نى ئەڭ مۇقەددەس دەپ قاراپ، ئۆزلىرىنىڭ فامىلىسىنى " ئاسىنا قۇلى " دەپ ئاتايتتى. بۇ " ئانا ئۇرۇقىدىنمەن " دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئەقىدە خەنزۇ خەلقىدىمۇ قويۇق يىلتىز تارتقان. مەسىلەن: فامىلە دېگەن سۆزمۇ " ئانا ئۇرۇقىدىن " دېگەن مەنىنى ئۇقتۇرىدۇ. بەزى مىللەتلەرنىڭ كالىنى تۇتىم قىلىشى، كالىنىڭ پايدىلىق ھايۋان بولغانلىقىدىن، ئۇنىڭ سۈتى، گۆشى، تېرىسى بولۇپمۇ ئۇنىڭ كۈچى ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولغانلىقىدىن بولغان. شۇڭا ئۇ، مۇقەددەس ھايۋان دەپ قارىلىپ، ئەتىۋارلىنىپ، ئاسرىلىپ بېقىلاتتى ۋە كۆپەيتىلەتتى. بۆرە باشقا بىر سەۋەب بىلەن تۇتىم بولۇپ قالغانىدى. مەسىلەن: قەدىمكى زاماندا توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ بىرلەشمە كۈچى ئالتاي تاغلىرى ئارىسىدا ئادىشىپ ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغاندا، بىر كۆك بۆرىنىڭ يول باشلىشى بىلەن قامالدىن قۇتۇلۇپ نىجاتلىق تاپقانلىقىدەك تارىخىي رىۋايەت ئۇلارنىڭ بۆرىنى تۇتىم قىلىۋېلىشىغا سەۋەب بولغان. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي مائارىپ ئىدىيىسىگە - ياخشىلىق ۋە نىجاتلىقنىڭ تۇتىمى بولغان بۆرە رىۋايىتى، جىن - ئالۋاستىلارغا قارشى كۇرەش قورالى قىلىنغان شامان ئېتىقادىنىڭ سىماسى - ئوت ھەمدە قاراڭغۇلۇق ۋە زۇلمەتكە قارشى كۈرەش قورالى قىلىنغان مانىزم سىماسى - يورۇقلۇق قاتارلىق ئېتىقادلار چوڭقۇر سىڭگەن. ئىپتىدائىي مائارىپ باسقۇچىدا ئۇيغۇرلارنىڭ زامان، ماكان، بوشلۇق ۋە تەبىئەت توغرىسىدىكى بىلىمى خېلى دەرىجىدە كەڭەيگەنىدى. ئۇيغۇرلار " سارت " سانى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يىپەك يولى سودىسىنى ئىلكىگە ئېلىپ، چارۋا، دورا - دەرمەك ۋە ھەتتا قاشتېشى سودىسى يۇرگۇزەتتى. ئۇلارنىڭ سودا كارۋانلىرى چاڭئەن ۋە سوغدى شەھەرلىرىدە سودا ۋەكالەتخانىسى ئاچقان. ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسى كىڭىيىپ، شەرقتە بوخەي دەڭىزىدىن غەربتە ئوتتۇرا دەڭىزغىچە بولغان كەڭ تەرروتورىيىدىكى تاغ - دەريالارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تولۇق بىلەتتى. ئۇيغۇرلار باشقا خەلقلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تەس قوبۇل قىلاتتى. بۇددىزىمنىڭ " قەندىھار سەنئىتى " شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى يوغۇرۇپ قوشقىنىغا ئوخشاش، ئۇرخۇندىكى بىناكارلىق سەنئىتىدىمۇ تۈرلۈك خەلقلەرنىڭ (خەنزۇ، سوغدى، ئۇيغۇر) بىلىم - ھۇنەر - ماھارىتى ئەكس ئەتكەن. ئۇرخۇن مائارىپى تۇرتكىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بىلىمىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. تارىخىي بىلىمنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىدىن بىرى كالىندارنى بىرىنچى بولۇپ تۈزگەن ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە كېڭەيتكەن. مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس فون. گابائىن: "ئۇيغۇرلار كالىندار سىستېمىسى توغرىسىدا كۆپ ئىزدەنگەن ۋە ئۇنى ئىختىرا قىلغان" دەپ ئىسپاتلايدۇ. كالىندار توغرىسىدىكى بىر تارىخىي ھېكايە ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئەدەبىياتىدا ئەۋلادتىن ـ ئەۋلادقا رىۋايەت بولۇپ كەلمەكتە. "... خاقانلارنىڭ بىرى ئۆزىدىن بۇرۇن سادىر بولغان بىر جەڭنىڭ ئۆتمۇشىنى ئەسلىمەك بولۇپ، كالەندار ۋاقتىنى توغرا چىقىرالماي نۇرغۇن قېتىم ئادىشىپ قاپتۇ. كېيىن خەلق ئىچىدىن مەرىپەتلىك كىشىلەرنى توپلاپ مەسلىھەت سوراپتۇ. ئارىدىن بىر دانىشمەن پىكىر بېرىپ: (بۇ ئىشتا بۇنىڭدىن كېيىن ئەۋلادلىرىمىزنىڭمۇ خاتالىشىپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن 12 ئاي ۋە 12 بۇرجقا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ھەر بىر يىلغا ئىسىم بەلگىلەيلى، تارىخ شۇ ئىسىملار رېتى بويىچە ھېسابلانسۇن. بىزدىن بۇ ھېسابلاش ئۇسۇلى مەڭگۇ يادىكار بولۇپ قالسۇن) دەپتۇ، خاقان ماقۇل بوپتۇ - دە، بىر كۇنى ئوۋغا چىقىپ، دالىدىكى نۇرغۇن ھايۋانلارنى ئالدىغا سېلىپ دەريا لىۋىگە ھەيدەپتۇ. ئۇلاردىن 12 ھايۋان دەريادىن ئۈزۈپ ئۆتۈپتۇ. ھەممىنىڭ ئالدىدا ئۆتۈپ كەتكىنى چاشقان بوپتۇ، (يىلنىڭ بەشىغا چاشقان چىقتى) دېگەن تەمسىلدىكىدەك، دەسلەپكى يىل چاشقاننىڭ نامىدا ئاتىلىپتۇ. چاشقاندىن كېيىن ئۇي (كالا)، يولۋاس، توشقان، لەھەڭ، يىلان، ئات، قوي، مايمۇن، توخۇ، ئىت ۋە توڭگۇز رېتىمى بويىچە يىللارنىڭ كالىندار ئىسملىكى تۈزۈلۈپتۇ...". ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي مائارىپ - تەربىيىسىدە بولۇپمۇ فولكلور ۋاسىتىلىرى (قوشاق، تەمسىل، رىۋايەت) خېلى مۇھىم دەداكتىك رولىنى ئوينىغان. ئۇنىڭدا ئەمگەك سويۇش، قەھرىمانلىق، ياخشىلىققا دالالەت، يامانلىققا نەپرەت بىلدۇرۇش ماھىيەتلىرى ئوبرازلىق بايان قىلىنىدۇ. "بوكەخان ھەققىدىكى رىۋايەت" ھەم "" ناخشا پىرى - چەڭگى " قاتارلىق رىۋايەتلەر ئۇيغۇرلار ئىچىدە قەدىمدىن تارتىپ دەداكتىك (تەلىم - تەربىيە، پەندى - نەسىھەت) دەرسلىكى بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭ ئالدىنقىسى بوكەخان توغرىسىدىكى تارىخىي رېئاللىقنى رىۋايەت شەكلىدە چۈشەندۇرىدۇ؛ كېيىنكىسى بولسا ئەستەتىكنىڭ كۇچىنى نامايەت قىلىپ بېرىدۇ...

    ئىزاھاتلار: (1) زىمارك - رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەلچىسى، مىلادىنىڭ 561 - يىلى يۇلتۇزغا ئەلچىلىككە كەلگەن. (2) ئىستەمى - (530 - 581 - يىللار) غەربىي تۈركلەر سەركەردىسى. (3) شائىر دۇفۇ: " چاڭئەن، لوياڭ شەھەر - دالالىرىنى ئاق كيىملىك چېرىكلەر قاپلاپ كەتكەن " دەپ يازغانىدى.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.