ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-28

    ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئوچېرىكلار....نىڭ داۋامى(4) - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40061717.html

     چاڭ دوتەي ئوز ئوغلىنى ئىكساققا مۇئەللىم قىلىپ ئەۋەتىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ياۋاغ ۋە ئىكساقتا چاڭ لاۋشى، چىڭ لاۋشى، ما لاۋشى، شۇ لاۋشى ۋە توھتىلار دۆلەت تىلى ئوقۇتىلىدىغان بىر سىنىپلىق شوتاڭغا ئوقۇتقۇچى بولىدۇ. لېكىن، ئىكساقتا ياندۇرۇلغان مەرىپەت شامىنى جاھالەت كۇچلىرى ئۆچۇرۇۋەتەلمىدى. "ھۇسەينىيە مەكتىپى" دىن كېيىن ئاستىن ئاتۇشتىن مەرىپەتپەرۋەر تاش ئاھۇنۇم ئەزىزى 1894 - يىلى ۋاقۋاق كەنتىدە بىر سىنىپلىق يېڭى مەكتەپ تەسىس قىلىپ، ئۇنىڭغا موللا مەمەت ھەلپىتىم بىلەن بىر تاتار مۇئەللىمنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلدى. بۇ مەكتەپنىڭ نامى "تاش ئاھۇنۇم مەكتىپى" دەپ ئاتالدى. بۇ مەكتەپكىمۇ ھەرقايسى يۇرتلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى. 1910 - يىلى ئاستىن ئاتۇش تىجەنلىك تەرەققىيپەرۋەر زات قۇربان ھاجىم ئاق مەيدانغا بىر سىنىپلىق يېڭى مەكتەپ سالدۇرۇپ، ئەھمەت كامالنى بۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلدى. ئەھمەت كامال بۇ مەكتەپكە ھەرقايسى يۇرتلاردىن تاللاپ 40 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى. لېكىن "ئاق مەيدان مەكتىپى" بىر يىلچە داۋام قىلىپ، قارا كۇچلەر تەرىپىدىن تارقىتىۋەتىلگەن بولسىمۇ، مەكتەپنىڭ مەنىۋى تەسىرى ئامما ئىچىدە چوڭقۇر ۋە ئۇزۇنغىچە ساقلاندى. ئەھمەت كامال كېيىن قەشقەر "جانان كوچا مەكتىپى" ۋە ئوپال، تاشمىلىق مەكتەپلىرىدىمۇ ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. 1920 - يىلى ئاستىن ئاتۇش تىجەنلىك ئەھمەت ھاجىم ئۇرۇمچى شىھابادا ئۇچ سىنىپلىق يېڭى مەكتەپ تەسىس قىلدى. بۇ زات 1925 - يىلى ئاتۇشقا قايتىپ كېلىپ تىجەندە بىر يېڭى مەكتەپ ئاچتى. بۇ مەكتەپ "ئەھمەدىيە" دەپ ئاتالدى. 1930 - يىلى جىڭ شۇرىن ئامباللىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن "ئەھمەدىيە" يەنىدا بىر سىنىپلىق "ھەنيۇ شوتاڭ" (خەنزۇچە مەكتەپ) تەسىس قىلىنىپ، ۋىي فامىلىلىك ئادەم مۇئەللىم بولدى، ئۇنى كىشىلەر ۋىي لاۋشى دەپ ئاتايتتى. بىراق ئىكساقنىڭ مەرىپەت روھى ئاتۇش دائىرىسىدىن ئاللىقاچان ئوتۇپ كەتكەنىدى. 1930 - يىللارنىڭ بەشىدا قەشقەردىكى ئابدۇكەرىمخان مەھسۇمنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىكساقتىن پەھرىدىن ھەلپىتىم 50 نەپەر ياشنى باشلاپ قەشقەر شەھەر ئىچىگە كىرىپ مەرىپەتكە دالالەت ۋە تەرغىبات دولقۇنىنى قوزغىدى. بۇ يەردە 1931 - يىلى قۇرۇلغان تۇنجى يېڭى مەكتەپ "نو بېشى" مەكتىپىگىمۇ ئىكساقتىن ئوقۇتقۇچى يەتكۇزۇپ بېرىلدى. قەشقەر شەھىرىدە قۇرۇلغان تۇنجى دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىچىدە ئىكساقتىن بارغان تۇرسۇن ئەپەندى، مەمتىلى ئىنىنۇف، تەلئەت ئەپەندى، شاۋۇدۇن ھوشۇر قاتارلىقلار تايانچىلىق رول ئوينىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىكساق مائارىپى شۇ يىللاردا قەشقەرگە يەنە 26 نەپەر ئوقۇتقۇچى ئەۋەتتى: پەخرىدىن توختى، پەخرىدىن كەرىم، ئابلىز شاقاسىم، ئابلىز باقى، ئابدۇغۇپۇر، مەھەممەت ھەسەن، ئابدۇغۇپۇر مەمتىلاجى، ھەيتاخۇن خەلپىتىم، ئەبەيدۇللاھ قاتارلىقلار قوغان، يېڭى ئۆستەڭ، تاشمىلىق، قوناق بازىرى، بەشكەرەم ۋە ئوپال قاتارلىق جايلاردا قۇرۇلغان يېڭى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. يېڭى مائارىپچىلىقنىڭ تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى ئاساسىي بازىسى ئىلى ۋادىسى بولدى. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئىلى ۋادىسى يەرى مۇنبەت، ھول - يەغىنى كۆپ، سۇ مەنبەسى مول، ئاشلىق ۋە چارۋىغا باي بىر جاي. بۇ يەردە سانائەت ۋە مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممە ئىمكانىيەتلەر تەييار ئىدى. مۇسابايلارنىڭ ماددىي بايلىقى كېيىنكى چاغلاردا ئەنە شۇ ئىمكانىيەت زېمىنىغا قۇرۇلغان. ئەينى زامان ئولچىمى بويىچە ئالغاندىمۇ ئۇلار ياۋروپادىكى بەزى ئەللەر بىلەن دىگۋارلىشىپ سەتىۋالغان تۇنجى زامانىۋى زاۋۇتى - «ھۇسەيىن ھاجى خۇرۇم زاۋۇتى» ئەنە شۇ ئىلى ۋادىسىدا قۇراشتۇرۇلدى. شۇنداقلا ئۇلار يىراقنى كوزلىگەن مائارىپ پىلانىغا ئاساسەن، چەت ئەللەرگە چىقارغان ئوقۇغۇچىلار قاتارىغا مەسئۇت سەبىرى، جىرجىس ھاجى قاتارلىق ياشلارنى ئىلى ۋادىسىدىن تاللىغانىدى. بۇ ئوقۇغۇچىلار 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چەت ئەللەردىكى ئوقۇشنى تۇگىتىپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئىلىدا تۇنجى يېڭى مائارىپنىڭ تايانچ ئوقۇتقۇچىلىرى بولدى. 1889 - يىلى ئىلىدىمۇ تۇنجى يېڭى مەكتەپ - "ھۇسەينىيە مەكتىپى" تەسىس قىلىندى. ئىلىدا قۇرۇلغان بۇ مەكتەپنىڭ تۇرتكىسىدە ئىلى ۋادىسىدا يەنە 1905 - يىلى "ھۇنەر - كەسىپ مەكتىپى"، 1911 - يىلى "بەشىرىيە مەكتىپى"، "تۇرانىيە مەكتىپى" ۋە "سايرامىيە مەكتىپى"، 1916 - يىلى "مەكتىپى نۇر" ۋە "ئەلا باي قورا مەكتىپى"، 1924 - يىلى "دەرنەك مەكتىپى"، 1925 - يىلى "كەشپىيە مەكتىپى"، 1928 - يىلى "مۇراد مەكتىپى"، 1932 - يىلى "تائالىيە مەكتىپى" قاتارلىق مەكتەپلەر ئارقا - ئارقىدىن تەسىس قىلىندى. بۇ مەرىپەت باغچىلىرى ئىلى رايونىنىڭ كېيىنكى مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس ئىز قالدۇردى. ئىكساقتا باشلانغان يېڭى مەرىپەت ئۇرۇقلىرى باشقا جايلاردىمۇ يىلتىز تارتىپ چەچەكلىدى. 1905 - يىلى يەكەندە "م ئەتلىئىلئەرپان مەكتىپى" قۇرۇلدى. "ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى" نى تۇگىتىپ 1910 - يىلى كۇچاغا ئەۋەتىلگەن روزى ئەپەندى مەرىپەتپەرۋەر زات ھامىت ھاجى بىلەن بىرلىكتە كۇچادا "نىزام ھامىدىيە" مەكتىپىنى، گۇچۇڭغا ئەۋەتىلگەن شاۋدۇن قارى "گۇلشەن" مەكتىپىنى تەسىس قىلغانىدى. بىراق، يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتى يېڭى شەيئى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭغا قارشى مەستەبىت ھاكىمىيەت بىلەن يەرلىك مۇتەئەسسىپ كۇچلەر بىرلىشىپ "مۇقەددەس ئىتتىپاق" تۈزۈپ، مەرىپەت باغچىلىرىنى كوكلەتمەسلىككە ئۇرۇناتتى. ھەتتا تەھدىت سېلىش ۋە پوپوزا قىلىشتەك رەزىل تەدبىرلىرىنى ئىشقا سالاتتى. ئۇلار خەلقنى نادانلىقتا تۇتۇپ ئىدارە قىلىش ھەيلىسىدىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيتتى. شۇڭا ئۇلار يېڭى مەكتەپلەرنى تاقىۋەتىش، ئوقۇتقۇچىلارنى قوغلىۋەتىش ھەتتا قاماپ ئولتۇرۇش قاتارلىق ۋەھشىيلىكلەرنى بىر مىنۇتمۇ توھتاتمىغانىدى. بۇ ھەقتىكى قانلىق پاكىتلار ئىنتايىن كۆپ. ئەنە شۇ تۇپەيلىدىن يېڭى مائارىپنىڭ ئاساسچىلىرى جامائەت پىكرى توپلاش، خەلقنى ئويغىتىش يولىدا تەشۋىق - تەرغىبات يۇرگۇزۇش قاتارلىق ئىشلارنىمۇ قولدىن بەرمىدى. ئاكا - ئۇكا مۇسابايلار 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا "مەتبەئى ھۇرشىد، مەتبەئى نۇر" ناملىق تاش مەتبەئەنى سىرتتىن كىرگۇزۇپ، شائىر تەجەللى (5) ۋە شائىر قۇتلۇق شەۋقىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ياردەم بەردى. تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ "ئۇسۇل تەدرىسى" ناملىق پېداگوگىكىلىق رىسالىسىنىمۇ ئاشۇ مەتبەئە ئارقىلىق بېسىشنى ھاۋالە قىلغانىدى. قۇتلۇق شەۋقى مۇھەررىرلىكىدىكى "ئاڭ گېزىتى" باۋۇدۇن مۇساباينىڭ ئىقتىسادىي غەمخورلۇقى ئارقىسىدا 1910 - يىلى قەشقەردە دۇنياغا كېلىپ، مەرىپەت دۈشمەنلىرى بىلەن تىغمۇ تىغ ئېلىشىدىغان كۈرەش مۇنبىرىگە ئايلاندى. قۇتلۇق شەۋقى مەزكۇر گېزىتتە مۇنداق خىتاپ قىلغانىدى: بىر قىلىچ بەرسە "خۇدا"، كەس! دەپ ئۇنىڭغا بۇيرۇسام، گەر خاراپكەن ئەل - ۋەتەن، كاللامنى ئۈزسۈن ئۇ قىلىچ. كۆرمىسۇن شەۋقى كۆزى قۇللۇقتا ئەل تەقدىرىنى.... "ئاڭ گېزىتى" ئاڭ تەرغىباتىنى ئەنە شۇنداق يالقۇنلۇق خىتابلار بىلەن باشلىغانىدى. ئەينى زاماندا ئاتۇش ۋە قەشقەر، جۈملىدىن تارىم ۋادىسىدا باشلانغان يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتىدە مەشھۇر ئالىم ئابدۇقادىر ئىبنى ئابدۇۋارىس قەشقەرى (1862 - 1924 - يىللار) جاھالەتكە قارشى جەڭچى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقتى. ئابدۇقادىر داموللا ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ مەشھەت كەنىتىدە بىر ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۆز يۇرتىدا ۋە قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە خېلى يۇقىرى بىلىم ئالىدۇ. لېكىن ئۇ بۇنىڭ بىلەن قانائەتلەنمەي بۇخارا قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ ئۇزۇن يىل ئۆگىنىدۇ. كېيىن كىچىك ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە بېرىپ ئۇ يەرلەرنى كۈزىتىدۇ ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇساھاجى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى باشلىغان يېڭى مەرىپەت دولقۇنىنى ئاكتىپ قوللاپ، مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ. ئۇ، جاھانگىرلىككە، ئىستىبدات تۈزۈمگە، مۇتەئەسسىپ بايلار گۇرۇھىغا، جاھىل روھانىيلارغا قارشى كۈچلۈك كۈرەش ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ، ئالدى بىلەن ئاممىنى قوزغاپ قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى "شۋېت مىسسىئونېرلىرى مەتبەئەسى" نى پاچاقلاپ تاشلىغان ۋەتەنپەرۋەر ئىدى

    ئۇ، شۋېتلارنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە 30 غا يېقىن ئۇيغۇر بالىسىنى گۈرەگە ئېلىۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ، باۋۇدۇن مۇسابايغا مەدەت بېرىپ، مەزكۇر بالىلارنى شۋېتلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇش يولىدا ھەمكارلىشىدۇ. قۇتقۇزۇۋېلىنغان بۇ ئوسمۈرلەر ئىكساققا ئېلىپ كېلىنىپ "ھۇسەينىيە مەكتىپى" دە تەربىيىلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىن كېيىن بوغالتىر، دۇكانچى، ئامبارچى، ئىش باشقۇرغۇچىلار يېتىشىپ چىققانىدى. ھازىر ھايات ياشاۋاتقان مەھەممەت ئاكا، پازىلجان، ئەنۋەر، مىجىت ئاكا، ھاشىم ئاكا، نىياز قاتارلىق پەشقەدەملەر ئاشۇ تارىخنىڭ جانلىق گۇۋاھچىلىرىدۇر. شۋەت مەتبەئەسى پاچاقلىنىپ تاشلانغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنى دەرسلىك قوللانما بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن داموللا ئابدۇقادىر قەشقەرى 1910 - يىلى يېڭىسارلىق نۇر ھاجى بىلەن بىرلىشىپ "مەتبەئى نۇر" ناملىق مەتبەئە تەسىس قىلدى. ھەممىگە مەلۇمكى، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ئۈچۈن ئەڭ كۆپ دەرسلىك كىتاب تۈزۈپ ۋە يېزىپ بەرگەن ئالىم ۋە دەداكتىك مۇئەللىپ يەنە شۇ ئابدۇقادىر قەشقەرى ئىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە دەرسلىك قىلىنىپ ئوقۇلغانلىرىنىڭ تىزىملىكى مۇنۇلار: "ئىلمىي تەجۋىد"، "ئىلمىي ھېساب"، "ئىلمىي جۇغراپىيە"، "مۇھىم ئەقىدىلەر ساۋاتى"، "گۇدەكلەرگە تەربىيە"، "ئەدەبىيات ئاچقۇچى"، "ئوسمۇرلەرگە نەسىھەت"، "ئاممىغا نەسىھەت" ۋە باشقىلار. بۇلارنىڭ بەزىسى قەشقەرنىڭ ئۆزىدىكى "مەتبەئى نۇر" باسمىخانىسىدا، بەزىلىرى "قازان نەشرىياتى" دا بېسىلىپ تارقىتىلغانىدى. ئابدۇقادىر قەشقەرى كۆپ تەرەپلىمە مەلۇماتلىق ئالىم ۋە تىلشۇناس ئىدى. ئۇ ئەرەب، پارس، ئوردۇ ۋە تۈركىي تىللىرىنى پىششىق بىلەتتى. ئۇ يەنە كېلىپ ئۇستا ناتىق، ماھىر مۇنازىرچى ۋە شائىر ئىدى. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلىرى زامانىسىنىڭ ئاتاقلىق مەجمۇئەسى "شۇرا زجۇرنىلى" دا ئېلان قىلىنغان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىملىرىنىڭ ئەتىبارىنى جەلپ قىلغانىدى. مەرىپەتپەرۋەر بۇ ئالىم يېڭى مائارىپىنىڭ دۇشمەنلىرىگە، بولۇپمۇ يەرلىك بولگۇنچى مۇتەئەسسىپلەرگە رەھىمسىز دەككە بېرەتتى. ئۇ ئوز سوھبەتداشلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: "ئىككى قوشقار ئۇسسۇشسە لۇقچىغا بولار، ئىككى قارغا پوق تالاشسا ئوقچىغا..." دەپ تۇراتتى. ئابدۇقادىر قەشقەرىنىڭ بىر ئەسىرىدە دىئالوگ شەكلىدە يېزىلغان توۋەندىكى قۇرلاردىن ئۇنىڭ مەرىپەت ئىدىيىسىنى ئېنىق كورۇۋالالايمىز: - ئىنسان نەمە ئۈچۈن ھار ۋە زەيۇن بولىدۇ؟ - ئىككى سەۋەبتىن: بىرىنچى، نادانلىق ۋە جاھىللىقتىن، ئىككىنچى، تەپرىقە ۋە ئىتتىپاقسىزلىقتىن. - ئىززەت، ئابروي ۋە كۇچ نەدىن كېلىدۇ؟ - بىلىم - مەرىپەتتىن ۋە ئىتتىپاقلىقتىن. ........ مانا بۇ دىئالوگلاردىن بۇ ئالىمنىڭ نادانلىق، جاھىللىققا ۋە ئىتتىپاقسىزلىققا قارشى كۇرەش روھىنى روشەن كورۇۋالالايمىز. ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساسلىق مەركەزلىرىدىن بىرى تۇرپان - ئاستانە گەۋدىلىك ئورۇن تۇتىدۇ. تەرەققىيپەرۋەر مەقسۇت مۇھىتى (1885 - 1932 - يىللار) نىڭ يەتەكچىلىكىدە يېڭى مائارىپ تۇرپان ئويمانلىقىدا، ئالدى بىلەن قاراغوجا ئاستانىدا يىلتىز تارتتى. ئېلىمىزدە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئېلان قىلىنغان ھامان مەقسۇت مۇھىتى تۇرپاندىن تاھىربەگ باشچىلىقىدا بىر ۋەكىللەر ئومىكىنى ئىچكىرىگە ئەۋەتىپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن مەدەنىي - مائارىپقا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. كېيىن ئۇ ئۆزىمۇ ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىپ، 1914 - يىلى موسكۋادىن ھەيدەر سايرانى ئىسىملىك تاتار زىيالىسىنى تەكلىپ بىلەن كەلتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قورۇسىدا بىر سىنىپلىق يېڭى مەكتەپ ئاچتى. بۇ مەكتەپنىڭ نامى "مەكتىپى مەقسۇدىيە" دەپ ئاتالدى. ئوقۇلىدىغان دەرسلەر: ئانا تىلى، ھېساب، جۇغراپىيە، سائادەت، ئىلمىي تەجۋىد... قاتارلىقلارنى ئوز ئىچىگە ئالاتتى. ئۇ، 1917 - يىلى يەنە موسكۋا ئۇنىۋەرسىتەتىنى تۇگەتكەن تاتار زىيالىيلىرىدىن مۇھبۇللا، گۇلەندەم ئاۋۇستاي (6) (ئايال)، ئەلى ئىبرايىم، ھەسامىدىن قاتارلىق ئالتە ئوقۇتقۇچىنى ئېلىپ كېلىپ، يېڭى مەكتەپ دائىرىسىنى گۇچۇڭ ۋە تۇرپان شەھرى ئىچىگە كەڭەيتتى. ئەلى ئەپەندى تۇرپان شەھەر ئىچىدە، ھەسامىدىن ئەپەندى گۇچۇڭدا مەكتەپ ئاچتى. مۇھبۇللا بىلەن گۇلەندەم ئاۋۇستاي ئاستانىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. بۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن: ئابدۇرۇسۇل ئەپەندى، دۇگامەت ئەپەندى، نەجىبى، مومىن، ئابدۇللا پەرسا قاتارلىقلار تۇرپان ئويمانلىقىدىكى يېڭى مائارىپقا ئاساس سېلىشتا كوزگە كورۇنەرلىك توھپىلەرنى قوشتى. بولۇپمۇ گۇلەندەم ئاۋۇستاينىڭ ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ئۈچۈن قوشقان ھەسسىسى ئىنتايىن چوڭ بولدى. ئۇ، يولدىشى - پەشقەدەم ئوقۇتقۇچى مۇھبۇللا 1921 - يىلى ئاستانىدا كەسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ تاكى 1925 - يىلىغىچە تۇرپاندا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋەردى. كېيىن ئۇ چوچەككە بېرىپ ئىككى مەكتەپ تەسىس قىلدى. ئۇنىڭ بىرىگە كىشىلەر مۇشۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن "مەكتىپى گۇلەندەمىيە" دەپ نام بەردى. ئىككىنچىسىگە "مەقسۇدىيە" دېگەن نامنى بەردى. ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر يېڭى مائارىپىنىڭ ئايال مەنىۋى ئىنزجەنەرى دەپ نام ئالغان گۇلەندەم ئاۋۇستاي ئىسمى - جىسمىغا لايىق ھەقىقىي مەرىپەت باغۋىنى ئىدى. ئۇ ئۇزاق مۇساپىلەرنى، چول - جەزىرىلەرنى كەزىپ، ئۇيغۇرلار يۇرتىغا كەلىش بىلەن تۇرپاننىڭ پىزجغىرىم تومۇزلىرىدا، چوچەك ۋە ئىلىنىڭ قەھرىتان سوغۇقلىرىدا چىدام بىلەن ئىشلەپ، ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى بەغىشلىدى. ئۇ مۇشۇ يۇكسەك پەزىلىتى بىلەن ئۆچمەس سەھىپە قالدۇردى. ئۇ ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ "سويۇملۇك ئانىسى" دەپ تىلغا ئەلىنىشىقا ئەرزىيدۇ. ئۇنىڭ توھپىسى ۋە ئالىيجاناپ ئەخلاقى خېلىمۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە يالقۇنلىماقتا... ئېلىمىزدە مەركىزىي ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان مائارىپ لايىھىسىنىڭ قامچىلىشى ئاستىدا ئۇرۇمچىدە بۇرۇنقى شوتاڭ مەكتەپلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئورنىغا 1916 - يىلى "بۇغدا دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى" ھەمدە 1924 - يىلى "قانۇن - تىل مەكتىپى" قۇرۇلدى. رۇس تىل - يېزىقى چەت تىل بولۇپ كىرگۇزۇلدى. بۇ مەكتەپلەردە يەنە خېلى كۆپ ئۇيغۇر، قازاق ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئوقۇغانىدى. تۇرپان ئويمانلىقىدىكى مەقسۇت مۇھىتى تەسىس قىلغان يېڭى مائارىپ تۈزۈمى مۇستەبىت كۇچلەر بىلەن روھانىيلارنىڭ جىددىي قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى. ئۇلار يېڭى مائارىپقا ئۆچمەنلىك قىلىپ، مەقسۇت مۇھىتىنى "جەدىت" دەپ ھاقارەتلىدى. نەتىجىدە ئاستانىدا ئېچىلغان يېڭى مەكتەپ بىر مەزگىل ئوقۇشنى توھتىتىپ، مەكتەپنى گۇچۇڭغا ۋە لۇكچۇنگە كوچۇرۇشكە توغرا كەلدى. مۇشۇنداق جىددىي ۋەزىيەتتە تۇرپانلىق ۋەتەنپەرۋەر دېموكرات شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر (1901 - 1932 - يىللار) مەرىپەتپەرۋەرلىك مەزمۇنىدىكى ئاجايىپ ئوتكۇر شېئىرلارنى يېزىپ، نادانلىققا - جاھالەتكە قارشى كۇرەش قىلدى: ئويغىنىپ كەتتى جاھان، مەغرىبى - مەشرىق تامام، مەن تەھى سۇت ئۇيقۇدا چۈش كورۇپ ياتارمەن. باشقىلار كوكتە ئۇچۇپ، سۇدا ئۇزۇپ كەتتى يىراق، مەن مىسال يالاڭ ئاياغ دەسسەپ تىكەن ماڭارمەن. پەنگە ماڭساڭ كوز ئەچىپ، كاپىر "جەدىت" دەپ قارغىشۇر، بۇ ھاماقەت دەۋرىدە ئاتەش بولۇپ يانارىمەن. پەن - بىلىمدىن يوق خەۋەر، باستى غەپلەت، ھەۋپ - خەتەر، ھالىمىز قۇلدىن بەتەر، قانداق چىداپ تۇرارىمەن... ئۇ يەنە شېئىرىدا ياش - ئوسمۇرلەرنى ئوقۇشتىن توسۇپ نادانلىققا باشلىغان جاھىللارغا مۇنداق ئوتكۇر كىنايە قىلىپ يازىدۇ: ئوقۇتماي بالىلارنى ئوينىتىپ ھوپ ياخشى چوڭ قىلدۇق، ئىسىت! بۇ بالىلار ئاخىرى يېرىم نانغا سەتىلغايمۇ؟! ئوقۇڭلار، ئوقۇتۇڭلار، ھاۋا ھەم ئەلپازىنى بۇزدى، ئەگەر يوق بولسا ھازىرلىق بۇ مىللەت ھەم يوقالغايمۇ؟! 1931 - يىللارغا كەلگەندە، ئىستىبدات ھاكىمىيەت خەلقىنىڭ بىلىم ئېلىپ كۆزى ئېچىلىپ كېتىشىدىن چۆچۈپ، روھانىي ۋە جاھىل كۈچلەرگە تايىنىپ بېسىقتۇرۇش تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزدى. مەقسۇت مۇھىتى خەلقنى كۈرەشكە تەشكىللىدى ۋە شەرەپ بىلەن قۇربان بولدى. 1930 - يىللارنىڭ باشلىرىدىكى قۇمۇل دەھقانلار قوزغىلىڭى ۋە "12 - ئاپرەل سىياسىي ئوزگىرىشى" تۇرتكىسىدە پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە، بولۇپمۇ تيانشاننىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر - يېزىلاردا قايتىدىن مائارىپ دولقۇنى ئەۋجىگە كەلتۇرۇلدى، بۇرۇن تارقىتىۋەتىلگەن مەكتەپلەر ئەسلىگە كەلتۇرۇلدى، نۇرغۇنلىغان ئوقۇش يۇرتلىرى قۇرۇلدى. شەھەر ۋە يەزا ئاھالىسىنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ يېڭى مەكتەپكە بولغان ئىنتىلىشى چەكسىز قىزغىن ئىدى. پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە قوزغالغان ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ مۇشۇ مەزگىللەردىكى ئاتاقلىق ۋەكىلى ۋە قەيسەر جەڭچىلىرىدىن بىرى مەمتىلى توھتاجى بولۇپ، ئۇنى كىشىلەر ھۆرمەتلەپ مەمتىلى ئەپەندى دەپ ئاتايتتى. مەمتىلى ئەپەندى 1909 - يىللىرى ئىكساقتىكى "ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى" نىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ 30 - يىللىرىدىكى يۇكسىلىش مەزگىللىرىدە ئاجايىپ توھپە قوشقان بۇ مەشھۇر ئوقۇتقۇچى 1901 - يىلى ئاتۇشنىڭ بۇيامەت كەنتىدە بىر تەۋىپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئاتىسى توھتاجى تەرەققىيپەرۋەر كىشى ئىدى. مەمتىلى يېڭى مەكتەپتە تەز ساۋاتىنى چىقىرىدۇ، لېكىن مۇستەبىت ھۆكۈمەت بىر يىلدىن كېيىن مەكتەپنى پەچەتلىۋەتىدۇ. كېيىن ئۇ، ئاتىسى بىلەن بىللە 1920 - يىلى تاغ ئارقىسىغا (ئىلىغا) ئوتۇپ كەتىدۇ. ئۇ تۇرمۇش يولىدا جۇۋىچىلىق، تەۋىپلىق ۋە ئاشپەزلىك ھۇنەرلىرىنى ئوگىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە شېئىر يېزىش ۋە ساز چەلىش ماھارىتىنىمۇ ئوگىنىۋالىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ بىلىم - مەرىپەتكە بولغان ئىشتىياقى ھەممىنى بېسىپ چۇشىدۇ - دە، ئاخىرى چوچەك ئارقىلىق سوۋەت ئىتتىپاقىغا ئوتۇپ، تاشكەنتتىكى ئالىي بىلىم يۇرتىدا بىر يىلچە ئوقۇغاندىن كېيىن، 1923 - يىلى قارا دەڭىز ئارقىلىق تۈركىيىگە ئوتۇپ، ئىستامبۇلدىكى مۇئەللىم يېتىشتۈرۇش كۇرسىغا كىرىپ ئوقۇيدۇ ۋە بۇ كۇرسنى ئەلا تۇگىتىپ، ئىستامبۇلدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق ھىزمىتىنى ئەڭ ئۇلۇغ خىزمەت دەپ تونۇيدۇ. ئۇنىڭ تەۋپىق (توغرا يول تاللىغۇچى) دېگەن تەخەللۇسى ئەنە شۇ ئاساستا مەيدانغا كەلگەن. ئوقۇتقۇچىلىق ھىزمىتىنى ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ توغرا يول دەپ تاللىۋالغان مەمتىلى ئەپەندى ئوز ۋەتىنىگە، ئوز يۇرتىغا مەرىپەت ئۇرۇقلىرىنى چەچىش ئۈچۈن 1932 - يىلى ئاتۇشقا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇزۇن ئوتمەي پۈتۈن ئاتۇش دائىرىسى بويىچە ئىلىم - مەرىپەت دولقۇنىنى قوزغىۋەتىدۇ. ئۇ ئىقتىدارلىق تەرغىباتچى ۋە تەشكىلاتچى بولغىنى ئۈچۈن تەز ئارىدىلا ناھىيىلىك مائارىپ مەمۇرىيەت ئاپپاراتى ھەمدە ئاتا - ئانىلار كومىتەتى قاتارلىق تەشكىللەرنى قۇرۇپ چىقىدۇ. مائارىپ راشوتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ. مەمتىلى ئەپەندى چاقماق تەزلىكىدە تۇتۇش قىلىپ ئالتە ئاي ئىچىدە ئاتۇشنىڭ 24 كەنتىدە 24 مەكتەپ قۇرۇپ بولۇشنى پىلانلاپ، مىسلى كورۇلمىگەن جاسارەت بىلەن ئىشقا كىرىشىپ كەتىدۇ. ئۇ، بىر تەرەپتىن جامائەتنى كەنتلەرگە مەكتەپ سېلىشقا قوزغاش بىلەن ئالدىرسا، يەنە بىر تەرەپتىن 24 مەكتەپكە مۇئەللىم مەسىلىسى ھەل قىلىشقا باش قاتۇراتتى. ئۇ ئالدى بىلەن قىسقا مۇددەتلىك دارىلمۇئەللىمىن كۇرسىنى قۇردى. بۇ "ئوڭئەرىق مۇئەللىملەر كۇرسى" دەپ ئاتالغانىدى. ئوقۇغۇچىلار سانى دەسلەپتە 60 ئىدى. تىل - ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، جۇغراپىيە، تارىخ، تەنتەربىيە، ناخشا - مۇزىكا دەرسلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر يالغۇز مەمتىلى ئەپەندى ئۆزىلا ئۆتەتتى. ئۇنىڭ ئۆزىدىن باشقا مۇئەللىم يوق ئىدى. بىر قارار كۇرس تۇگىگەندىن كېيىن مەمتىلى ئەپەندى كۇرسانتلارنى بىر خىل كىيىندۇرۇپ تىزىلدۇرغان پەتى كەنت ئارىلاپ يۇرۇپ، ناخشا - مارشلارنى ياڭراتتى، ھەرقايسى مەكتەپلەرگە 60 مۇئەللىم ئورۇنلاشتۇردى. بۇ چاغدا پۈتۈن ئاتۇش زىلزىلىگە كەلگەنىدى. ئەنە شۇ مەرىپەت دولقۇنىدا ئۆزى يېزىپ، ئۆزى ئاھاڭغا سالغان مارش ھەممىلا جايدا جاراڭلايتتى: بىز مۇئەللىم يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز، خەلقىمىزگە يوپيورۇق نۇرلار چاچىمىز. تالاي يىللار زۇلمەتتە تەنەپ ھار بولدۇق، ئىلىم - ئەرپان يولىدا تەشنا - زار بولدۇق. ھۇراپاتتا قالدۇرۇپ ئەزدى زالىملار، كوزلىرىمىز قارىغۇ، كۆپ ناچار بولدۇق. ئەمدى ماڭغان يولىمىز سائادەت يولى، بىز يېڭىدىن ئېچىلغان ۋەتەننىڭ گۇلى. ئوقۇتىمىز ئەۋلادنى يېڭى پەن بىلەن، پۇختا بولسۇن مەكتەپنىڭ بەسىلغان ئۇلى. مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاكتىپ تەرغىباتچىلىقى ئارقىسىدا كەڭ ئامما يېڭى مەرىپەتكە ئاۋاز قوشتى. ئاتۇشنىڭ ئۆزىدىلا مائارىپ قوينىغا كىرگەنلەر ئون مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. مەمتىلى ئەپەندى ئاغزاكى تەرغىباتتىن باشقا يەنە جامائەتكە پايدىلىق ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بېرەتتى. مەسىلەن: مەكتەپلەردە خالىس ئەمگەك تۈزۈمىنى يولغا قويدى، ئۇنىڭ باشلامچىلىقىدا ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئەتىز - ئەرىق ۋە يول بويلىرىغا بىر تۇمەن تۇپتىن ئارتۇق جىرىم قويۇپ، پۈتۈن ئاتۇش خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئەرىشتى. يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتىنىڭ بۇ قايناق دولقۇنى ئاتۇشتىن ھالقىپ ئوتۇپ، باشقا ۋىلايەت، ناھىيىلەرگىمۇ يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەرلەردىكى يېڭى مائارىپ دولقۇنى ئۈچۈن تۇرتكە بولدى. كورلا، لوپنۇر، بۇگۇر، كۇچا، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا يېڭى مەكتەپلەر ئارقا - ئارقىدىن ئېچىلىشقا باشلىدى. ئاشۇ مەكتەپلەردە ئاتۇشتا مەمتىلى ئەپەندى ئىجاد قىلغان "بىز مۇئەللىم مەكتەپ ئاچىمىز"، "بىز ئىزچىلارمىز" قاتارلىق جۇشقۇن ناھشىلارنى ئەيتىشىپ، پۈتۈن شەھەر، يەزا - قىشلاقلارنى ھاياجانغا سالغانىدى. مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى سوپىزادە (مەمتىمىن قارى ھاجى) ئاتۇشتىن ئاقسۇغا كېلىپ، 1934 - يىلى كۇزدە ئاقسۇدا تۇنجى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنى قۇردى. بۇ مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشى مەمتىلى ئەپەندى تەسىس قىلغان "ئوڭئەرىق مۇئەللىملەر كۇرسى" (ئەمەلىيەتتە "ئوڭئەرىق دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى") بىلەن دەل بىر مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. سوپىزادىمۇ مۇزىكانت، شائىر ۋە ناخشا ئىجادچىسى ئىدى. سوپىزادىنىڭ ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىن ئۈچۈن ئىجاد قىلىپ بەرگەن "بۇ ئانا ماكان" ناملىق مەكتەپ شېئىرىنىڭ تەكىست مەزمۇنىغا (بۇ تەكىست كېيىن مەشھۇر مائارىپچى ئابدۇللا روزى تەرىپىدىن قىسمەن تۇزىتىلگەن) دەل مەمتىلى ئەپەندىنىڭ مەرىپەت ئىدىيىسى سىڭدۇرۇلگەن. ئۇ تەكىست مۇنداق ئىدى: بۇ ئانا ماكان - كانى ئەرپان، ئوقۇ، ئورلە، ئالغا يۇر.. مەرىپەت بىزگە بىرەر شەرەپ - شان، ئوقۇ، ئورلە، ئالغا يۇر.نەقرات بىلىم بىلەن بىز شاتلار قۇچىمىز، ياشلىق ئوقۇش دەۋرىدۇر. بىلىم بەغىدا گۇللەر ئېچىلار، ھەرگۇل شەھىدا بۇلبۇللار سايرار. بىلىملىك ئەۋلاد شان - شەرەپ قۇچار، ياشلىق ئوقۇش دەۋرىدۇر. ئىلىم ھەكىمەتتىن بولۇر ئىززىتىڭ، ئەخلاق - پەزىلەت بولسۇن ھىسلىتىڭ. ساغلام بەدەندۇر ئومۇر زىننىتىڭ، ئوقۇ، ئورلە، ئالغان يۇرەينى يىللاردا يەنە ئاقسۇ ۋىلايىتى دائىرىسىدە قۇرۇلغان "نىيازىيە"، "مەكتىپى ئىسمائىلىيە"، "ۋەتەن يۇنۇسىيە"، "سوتۇق بۇغراخان"، "تۆمۈر غازى"، "تۇرانىيە"، "سۈبھى سابا"، "ئابباسىيە" قاتارلىق مەكتەپلەرمۇ ئاشۇ قېتىملىق مائارىپ دولقۇنىنىڭ بىۋاسىتە مەھسۇلى ئىدى. بىراق، بۇ قېتىممۇ ئاتۇش مەركەز قىلىنغان بۇ داغدۇغىلىق مەرىپەت دولقۇنى يەنىلا ئىستىبدات تەرەپدارلىرى بىلەن بىر ئوچۇم مەرىپەت دۇشمەنلىرىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى. ئۇلار ھەر خىل باھانىلەر بىلەن يېڭى مەكتەپلەرنى تارقىتىۋەتىشكە ئۇرۇندى. مەمتىلى ئەپەندىنىڭ شەخسەن ئۆزىگىمۇ ھاقارەت قىلىندى. مەرىپەت ئۈچۈن مۇھەببەت باغلىغان ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا يوشۇرۇن چالما - كەسەك ئاتىدىغان، ئالدىنى توسۇۋەلىپ مەكتەپكە ماڭغۇزمايدىغان، گاھىدا تىل - ھاقارەت تەككۇزىدىغان ۋەقەلەرمۇ سادىر بولاتتى. ئۇ مۇئەييەن ھالدا، بىلىم - مەرىپەتكە يۇزلىنىش بىلەن نادانلىق ۋە جاھالەت ئوتتۇرىسىدىكى كۇرەشنىڭ بىر كورۇنۇشى ئىدى. مەمتىلى ئەپەندى بۇ كۇرەشنىڭ ئالدىنقى سەپىدە تۇرۇپ، جاھالەتكە قارشى ئوز ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋەردى.

     مەمتىلى ئەپەندى 1935 - يىل يازدا 100 نەپەر ئوسمۇرنى تاللاپ "ئىزچىلار ئەترىتى" نى تەشكىللىدى. ئەترەت ئەزالىرى ئوھشاش بىر خىلدا ماش رەڭدە بويالغان كىيىم، پۇتىغا قىزغۇچ سەندەل كىيگەن، قولىغا ئوھشاش رەڭلىك قىسقا كالتەك ئالغان، ئوھشاش سومكا ئاسقان ھالدا پىيادە يولغا چىقتى. ئۇلار پەيزىۋات، توققۇزاق، ئوپال، تاشمىلىق، يېڭىسار ۋە قەشقەر شەھەر ئەتراپىنى ئايلىنىپ يۇرۇپ، يېڭى مائارىپ تەشۋىقاتىنى يەنىمۇ كۇچەيتتى. ئۇلار "ئىزچىلار مارشى" نى ياڭرىتىپ مەردانە قەدەم تاشلاپ ماڭاتتى: بىز ئىزچىلارمىز، پۇت، قوللارىمىز، كوز، دىماغىمىز، ھەر يېرىمىز ساغلام؛ خەلق يولىدا كۇرەش قىلىمىز، دۇشمەنگە قارشى ساقلاپ ئىنتىقام. ئۇزۇن ۋاقىتلاردا زالىم قولىدا، ئىشلىيەلمىدۇق خەلق يولىدا؛ قۇللۇق ئورنىدىن ئەمدى دەس تۇرۇپ، ئالغا ئورلەيمىز ئەرپان تۇرىدا. نەقرات ئۆگەن، تىرىش، ياش ئىزچى بالىلار، ۋەتەن ئىشقىدا قاينار ۋىجدانلار. مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بۇ ۋىجدانىي ھەرىكىتى شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەرنىڭ ھەربىي قوماندانى (شىنجاڭ) مەھمۇت مۇھىتى تەرىپىدىن قارشى ئەلىندى. مەھمۇت مۇھىتى يالغۇز ئاغزاكى قوللاپ مەدەت بېرىپلا قالماستىن، بەلكى مەخسۇس ئىككى ئەسكەرنى بەلگىلەپ مەمتىلى ئەپەندىنىڭ مائارىپ پائالىيىتىنى ۋە شەخسىي بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى ھەمدە پۈتۈن ئاتۇش ناھىيىسىدىكى يۇرت موتىۋەرلىرىگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش خەتى ئەۋەتىپ، مائارىپ ئىشلىرىغا قىزغىن ياردەم بېرىشنىڭ زۆرۈرلۇكىنى نۇقتىلىق تەكىتلىدى (7). مەھمۇت شىجاڭنىڭ بۇيرۇق خېتىنى ئۇقتۇرۇش يۈزىسىدىن مەشھەتتە - سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى يېنىدىكى ئازنا مەسچىت قورۇسىدا ئېچىلغان، نۇرغۇن ئادەم قاتناشقان چوڭ يىغىندا مەمتىلى ئەپەندىنىڭ (تەۋپىق) سۆزگە چىقىپ كەڭ جامائەتكە قارىتا تۈۋەندىكى مۇراجىئىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. "... قېرىنداشلار، ئاتىلار - ئانىلار ۋە ئارقىداشلار: مەن بەشىمدىن ئەغىر سەزگۇرەشتىلەرنى كەچۇرۇپ، يۇرتۇم ئۈچۈن ئىشلەشكە بىلىم ئېلىپ كەلگەنمەن. يۇرت خەلقىنى ئاسارەتنىڭ كىشەنلىرىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، مۇئەللىملىك كەسپىنى ئەڭ ئۇلۇغ كەسىپ، ئوقۇتقۇچىلىق يولىنى ئەڭ توغرا يول دەپ تاللاپ ئالغانمەن. قاچاندۇر بىر كۇنى مەنى ئالتە پۇڭلۇق قوغۇشۇن ئوقى ئاخىرەتكە ئۇزىتىشى مۇمكىن، لېكىن مەن ئەنە شۇ كۇننى كۇتىمەن. چۈنكى مەن ۋەتەن يولىدا، مەرىپەت يولىدا ئىسسىق قەنىمنى توكۇشتىن زادى قايتمايمەن...". مانا بۇ بىر ئۇلۇغ مائارىپچىنىڭ ۋىجدان ساداسى ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھۇنەر - سەنئەتلىرى: ئاشپەزلىك، جۇۋىچىلىق، تەۋىپلىق، مۇزىكانتلىق بىلەنمۇ يالغۇز جەنىنى گۇلدەك ئوتكۇزۇپ كەتەلەيتتى، ئەمما ئۇ شەخسىي مەنپەئەتتىن كورە خەلق، مىللەت مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئالىي دەپ قارىغان، مائارىپنى خەلق، مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچى ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارىغان، شۇڭا ئۇ مائارىپقا مۇھەببەت باغلاپ، شۇ مۇقەددەس خىزمەت يولىدا ياش ھاياتىنى قۇربان قىلغان. مەرىپەت دۈشمەنلىرى ئۇنى 1937 - يىلى دەرشانا مۇنبىرى يەنىدىن تۇتۇپ كەتتى ۋە شۇ يىلى ئىيۇلدا پاجىئەلىك ھالدا ئولتۇرۇۋەتتى. مەمتىلى ئەپەندى، تۇرسۇن ئەپەندى، ئابدۇراھمان شائىر ۋە باشقا نۇرغۇن مۇنەۋۋەر مائارىپچىلىرىمىزنىڭ بۇ يولدا كۆرسەتكەن ئىجتىھاتلىرى، تارتقان ئەرزىيەتلىرى، ئاققۇزغان قانلىرى بىكارغا كەتمىدى. ئۇلارنىڭ چاچقان ئۇرۇقلىرى، قويغان كوچەتلىرى مەرىپەت بەغىمىزنى باراقسان قىلدى. مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان مائارىپچىلىرىمىز شۇ ئىزدىن مەيدانغا كەلدى. مىليونلىغان ئەۋلادلىرىمىزنىڭ قەلبىنى مەرىپەت نۇرى بىلەن يورۇتتى. بىز بۇگۇن ئاشۇ قەدىردان ئۇستازلىرىمىزنى، سويۇملۇك ئەجدادلىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز ۋە ئۇلارنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىمىز!

    ئىزاھاتلار: (1) باۋۇدۇن باينىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان بۇ تۇنجى يېڭى مەكتەپ ئاكىسى ھۆسەن ھاجىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغانىدى. (2) شۇ چاغدا خەنزۇچە تىل - يېزىق "دۆلەت تىلى" دەيىلەتتى. (3) (4) "بىرىنچى مەكتەپ"، "ئىككىنچى مەكتەپ" دېگەن سۆز. (5) تەجەللى - ئىقتىدارلىق شائىر ھۇسەيىنخان راجاللى (1848 - 1927) قاغىلىق ناھىيىسىدە ئاتاقلىق تەۋىپ ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. دەھلى، ئىران، كابۇل قاتارلىق بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇغان، ئەقىل - پاراسەتلىك، زەھىن زاكاۋەتلىك بۇ ئالىمغا ئەينى زاماندىكى ئەدىب، ئولىمالار "تەجەللى - مۇجەللى" (چاقناپ تۇرىدىغان نۇر ۋە يازغان بىر قەسىدىسىدە ئاتۇش ئىكساقتا قەد كوتۇرگەن "ھەبىب ئەجەم گۇمبىزى" ھەم ئۇنىڭ يەنىدىكى يېڭى مائارىپ مەشئىلى "ھۇسەينىيە مەكتىپى" ۋە ئۇنىڭ ئاساسچىلىرىنى لاتاپەتلىك ۋە ئوبرازلىق بەدىئىي تىل بىلەن مەدىھىيلىگەنىدى. (6) ئاۋۇستاي - تاتار تىلىدا مۇئەللىمە خانىم ياكى موللاچام دېگەن ھۆرمەت نامىنى بىلدۇرىدۇ. (7) مەھمۇت شىنجاڭ ھەتتا يىراق قاراشەھەر، لوپنۇر ناھىيىلىرىگىمۇ يېڭى مەكتەپ ئەچىش توغرىسىدا ئالاقە ئەۋەتكەن ۋە ئوقۇتۇش ماتەرىياللىرى يەتكۇزۇپ بەرگەن. بەكرى قارى قاتارلىق كىشىلەر بۇ جايلاردا يېڭى مەكتەپنىڭ ئاساسىنى قۇرغۇچىلار ئىدى. بولۇپمۇ بەكرى قارى يېڭى مەكتەپنىڭ مۇھىم تەشكىلاتچىسى بولغاچقا بۇ مەكتەپلەر "مەكتىپى بەكرىيە" دەپ ئاتالدى.

        10 - باب مىللىي بىرلىك سەپ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مائارىپى

    1933 - يىل 4 - ئايدىن باشلاپكەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يېڭى بىر دەۋرى باشلاندى. بۇ يېڭى مائارىپ دەۋرىنىڭ ئالاھىدىلىكى توۋەندىكىچە: 1. پۈتۈن مائارىپ بىر تۇتاش رەھبەرلىك ئاستىغا مەركەزلەشتۇرۇلدى. ئۇرۇمچىدە مائارىپ نازارىتى، ۋىلايەتلەردە مائارىپ ئىدارىسى، ناھىيىلەردە مائارىپ بولۇمى تەسىس قىلىندى. 2. مەكتەپلەر ئىككى سىستەما بويىچە باشقۇرۇلدى. ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر "شەنلى مەكتەپ"، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن (خەلق تەرىپىدىن) باشقۇرۇلىدىغان مەكتەپلەر بولسا "ھۇيلى مەكتەپ" دەپ ئاتالدى. ئالدىنقىسىنىڭ مالىيە ھىراجىتى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن، كېيىنكىسىنىڭ بولسا ئوشرە - زاكات كىرىمىدىن چىقىرلاتتى. 1935 - يىلدىن باشلاپ قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئۇيۇشمىلىرى (ئۇرۇمچىدە مەركىزىي ئۇيغۇر ئۇيۇشما، ۋىلايەتلەردە ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشما، ناھىيىلەردە شوبە ئۇيغۇر ئۇيۇشما) ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن خېلى چوڭ ھەسسە قوشتى. مەسىلەن: شۇ دەۋرلەردە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ سانى 580 بولسا، ئۇيۇشما قارىمىقىدىكى مەكتەپلەرنىڭ سانى 1883 كە يەتكەن. ئالدىنقىسىدا ئوقۇغۇچىلار سانى 9333 بولسا، كېيىنكىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 180 مىڭ 35 كە يەتكەن (2). يالغۇز باي ناھىيىسىنىڭ ئۆزىدىلا "ئەينى زاماندا 30 جايدا باشلانغۇچ مەكتەپ، بىر دارىلمۇئەللىمىن بولۇپ، تەمىناتى شۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن بولاتتى" (3). 3. پەننىي دەرس بىلەن دىننىي دەرس ئايرىۋەتىلدى. 4. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كوتۇرۇلدى. 5. ئاممىۋى ساۋات چىقىرىش، ئاممىۋى تەنھەرىكەت داغدۇغىلىق قانات يايدۇرۇلدى. ھوتۇن - قىزلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتى زور كولەمدە ئوستى. 6. دەسلەپكى يېڭى مائارىپتا ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ مۇھىم مەركىزى قەشقەر، غۇلجا ۋە تۇرپان ئاستانە بولسا، "مىللىي بىرلىك سەپ دەۋرى" دە ئۇرۇمچىگە يوتكەلدى. 1934 - يىلىدىن باشلاپ ئۇرۇمچىدە ئولكىلىك دارىلمۇئەللىمىن، شىنجاڭ دارىلفۇنۇنى، گىمنازىيە، قىزلار گىمنازىيىسى، ھەربىي مەكتەپ، ساقچى كادىرلار مەكتىپى، شوپۇرلۇق مەكتىپى، رۇس تىلى گىمنازىيىسى، ئاۋىئاتسىيە مەكتىپى، دوختۇرلۇق مەكتىپى، دارىلئەتام، مال دوختۇرلۇق مەكتىپى، دەھقانچىلىق تەھنىكۇمى قاتارلىق ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى بىلىم يۇرتلىرى ھەمدە ھەرقايسى مۇھىم كوچا - مەھەللىلەردە ئوغۇل - قىزلار باشلانغۇچ مەكتەپلىرى قۇرۇلدى. 1934 - يىلىدىن باشلاپ چىقىشقا باشلىغان "شىنجاڭ گېزىتى" (ئۇنىڭدىن بۇرۇن "تيەنشانباۋ" دەپ ئاتىلاتتى) ۋە ھەرقايسى ۋىلايەتلىك گېزىتلەر ھەمدە ئولكىلىك سانايى نەپىسە تىياتىرى ۋە ۋىلايەتلىك دراما ئومەكلىرى "مىللىي بىرلىك سەپ دەۋرى" دىكى مىللىي مائارىپنىڭ كۈچلۈك تەشۋىقات قورالى ئىدى. ئولكىلىك دارىلمۇئەللىمىننىڭ دەرس سەتكىسىغا كىرگۇزۇلگەن دەرسلەرنىڭ تۇرى 20 خىلغا يېقىنلاشقانىدى. مەسىلەن: ئانا تىلى (گرامماتىكا)، ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، خەنزۇچە، ھېساب، ئالگەبرا، فىزىكا، خىمىيە، بوتانىكا، سىياسىي - ئىقتىساد، زوئولوگىيە، ئاناتومىيە، تارىخ، جۇغراپىيە، پەداگوگىكا، پسىھولوگىيە، شېئىر - مۇزىكا، رەسىم، تەنتەربىيە، ھەربىي مەشىق... قاتارلىقلار. ئوقۇتقۇچى يەتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر بىر ۋىلايەتتىمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا دەرىجىلىك دارىلمۇئەللىمىنلەر تەسىس قىلىنىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى يېتىشتۈرۇلدى، قىسقا مۇددەتلىك بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسلىرى ئېچىلدى. 1934 - يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىلگىرى - كېيىن ئۈچ قارار جەمئىي 300 گە يېقىن ئوقۇغۇچى چىقىرىلىپ، ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەندى. ئۇلار ئېلىمىزگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مىللىي مائارىپىمىز تايانچىلىرى بولۇپ كۆپ ھەسسە قوشتى. ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ مۇشۇ گۇللەنگەن دەۋرىدە ليۇتچىكلار، ئاگرانوم، ئىنزجەنەرلار، ئاتاقلىق ۋراچ - دوختۇرلار، پەداگوگلار، دراماتۇرگلار، شائىرلار، مۇزىكانتلار، ئارتىست - ئارتىسكىلار ۋە تەرجىمانلار يېتىشىپ چىقتى. بولۇپمۇ مۇشۇ دەۋر مائارىپىنىڭ مەۋىلىرى بولغان ئەر - ئايال مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار تاكى كېيىنكى چاغلارغىچىلىك ئۇيغۇر مائارىپىدا يادرولۇق روللارنى ئويناپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن يېرىم ئەسىر جان كويدۇرۇپ ۋە قان - تەر سىڭدۇرۇپ ئىشلىگەن نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلىرىمىز، تەربىيىچىلىرىمىز ھەتتا پۈتۈن ھاياتىنى، مال - مۇلكىنى خەلق مائارىپى ئۈچۈن بەغىشلىغان مەرىپەتپەرۋەر ئاتا - ئانا ۋە ئەجدادلىرىمىز بار. ئۇلارنىڭ ئىش - ئىزلىرى بىزگە خېلىمۇ چوڭقۇر ئىلھام بېغىشلايدۇ.

    1. ئايخان ئانا ۋە ئايخان مەكتىپى ئايخان ئانا 1888 - يىلى غۇلجا شەھەر ئىچىدە تۇغۇلغان. كېيىن دىنىي ۋە پەننىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ ساۋاتىنى چىقارغان. ئۇ 1933 -، 1934 - يىللىرى دادىسى ۋە يولدىشىدىن قالغان مىراس تەئەللۇقاتنى سەرپ قىلىپ غۇلجىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە مەخسۇس يەتىم بالىلار ئۈچۈن مەكتەپ سالدۇردى. بۇ مەكتەپ "غۇلجا ھەيرىيەت مەكتىپى" دەپ ئاتالدى. لېكىن كەڭ جامائەت بۇ مەكتەپكە كېيىن "ئايخان مەكتىپى" دەپ نام بەردى. "ئايخان مەكتىپى" بارا - بارا گۇللىنىپ، ئوقۇغۇچىلار سانى 300 گە يەتكەنىدى. بالىلارنىڭ پۈتۈن تەمىناتى ئايخاندىن بولاتتى. ئوقۇغۇچى بالىلارغا بىر خىل ئاق كوڭلەك، چورىسىگە ئاق زىغزىق تۇتۇلغان كوك شىم كىيگۇزۇلەتتى. ئوقۇغۇچىلار كوچىغا چىققاندا كىشىلەر بىر قاراپلا "ئەنە ئايخاننىڭ بالىلىرى" دەپ سويۇنۇپ سۆزلىشىپ كەتىشەتتى. شۇ چاغدا "ئىلى دەرياسى گېزىتى" سەھىپىلىرىدە ئايخان ۋە ئايخان مەكتىپى توغرىسىدا نۇرغۇن شېئىر، ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. شائىر ئىمىرخان غوجىنىڭ بىر شېئىرىدا مۇنداق مىسرالار يېزىلغان: كۇللىھۇ نەپسانىيەتنى ئۆزىدىن جۇدا قىلغان ھەنىم، مەكتىپى ھەيرىيەت ئۈچۈن قان پىدا قىلغان ھەنىم. يەنە شائىر پەرھەتى "ئۇيغۇر قىزى" سەرلەۋھىلىك شېئىرىدا مۇنداق يازغان: ئوقۇ جانىڭ بارىچە شامۇ - سەھەر ئۇيغۇر قىزى، ئوقۇماي نادان قەلىشتىن قىل ھەزەر ئۇيغۇر قىزى. ئورنەك ئال ئايخان ئاناڭدىن كاتتا ئەجرى يولىدا، مەرىپەتكە ھەممىنى تەقدىم ئەتەر ئۇيغۇر قىزى. مەرىپەتپەرۋەر ئايخان ئانا تەسىس قىلغان "ھەيرىيەت مەكتىپى" ھازىرغىچە 50 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. بۇ مەكتەپ نەچچە مىڭلىغان ئوغۇل - قىز ئەۋلادلارنى يېتىشتۈردى. مەرھۇم ئايخان ئانا ئىستىبدات ھاكىمىيەت تۇرمىسىگە چۇشۇپ ئەغىر ئازاب ئىچىدە كەسەل بولۇپ ئولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تۇمەنلىگەن ئەۋلادلار قەلبىدە مەڭگۇ ياشايدۇ. 2. زەينەپ خانىم زەينەپ خانىم 1921 - يىلدىن تاكى 1976 - يىلى دەم ئېلىشقا چىققانغا قەدەر ئىلى مائارىپى سەپىدە يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق (55 يىل) قان - تەر ئاققۇزدى. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ غۇلجا شەھىرىدىكى "نەمۇنە"، "سايرامىيە"، "ھەيرىيە"، "تائالىيە"، "مۇراد مەكتىپى" قاتارلىق مەكتەپلەردە ئىشلەپ، ئونمىڭلىغان ئوسمۇرلەرنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈردى. ئۇنىڭ بۇ ئۆچمەس توھپىسى ئۈچۈن خەلق ئۇنى "زەينەپ ئانا" دەپ ئاتىدى. ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى ۋە ئازادلىقتىن كېيىن خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا "قەھرىمان" ئوردەنى ۋە نۇرغۇن تەقدرىنامىلەرنى بېرىپ، بۇ ئالىيجاناپ مۇئەللىمنى ھەقلىق رەۋىشتە مەدھىيىلىدى ۋە مۇكاپاتلىدى. "ئىلى گېزىتى" دە 1935 - يىلى بىر يىل ئىچىدە ئۇنىڭ نەمۇنىلىك ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرغان رەپىق ئاۋۇت قاتارلىق ئاپتورلارنىڭ بىرقانچە ماقالىلىرى بېسىلىپ چىققانىدى، كېيىن "ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى" تەرىپىدىن ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىنغان "ساداقەت" ناملىق ئوردەن ئۇنىڭ باغۋەنلىك ئەجرىنى ئەمەلىي ھۇلاسىلىگەنىدى. ئازادلىقتىن كېيىن ئۇ تەھىمۇ جۇشقۇن روھىنى جارى قىلىپ، تەلىم - تەربىيە ساھەسىدە كۆپ ئەجىر سىڭدۇردى. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ 1956 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ۋە مەملىكەتلىك ئىلغارلار قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ مەداللار بىلەن مۇكاپاتلاندى. 3. رەشىدە خانىم رەشىدە خانىم 1912 - يىل 7 - ئايدا غۇلجىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ بوۋىسى سادىق غوجا مەرىپەتپەرۋەر ھەم تارىخ پەنلىرىدىن كۆپ خەۋەردار كىشى ئىدى. رەشىدە خانىم ئەنە شۇ بوۋىسىنىڭ تەربىيىسىدە ئۆسكەن. غۇلجىدىكى تاتار مەرىپەتپەرۋەر دەموكرات زىيالىيلار تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان (1910 - يىلى) مەشھۇر تاتار مەكتىپى رەشىدە خانىمنىڭ ئوقۇپ يەتىلگەن مەكتىپى بولدى. ئۇ بۇ مەكتەپتە 1919 - يىلىدىن 1928 - يىلغىچە ئوقۇپ، ئوتتۇرا مەلۇماتقا ئەرىشتى. رەشىدە خانىم بۇ مەكتەپنى ئەلا پۇتتۇرگىنى ئۈچۈن 1928 - يىلدىن باشلاپ شۇ مەكتەپنىڭ ئۆزىدە مۇئەللىم بولۇشقا باشلىدى. ئۇچ يىلدىن كېيىن (1931 - يىلى) سوۋەت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا بېرىپ، تاشكەنت پەداگوگىكا ئۇنىۋەرسىتەتىنىڭ فىزىكا - ماتېماتىكا فاكۇلتەتىغا كىرىپ ئوقۇدى. 1933 - يىلنىڭ ئاخىرىدا غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ، يەنە شۇ ئانا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. 1935 - يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۇرۇمچىگە كېلىپ، 1939 - يىل كۇز پەسلىگىچە ياڭھاڭ قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى ۋە قوشۇمچە قىزلار 1 - گىمنازىيىسى (خەنزۇ مەكتىپى) گە ئۇيغۇرچە دەرس ئوتتى. 1939 - يىلى ئىلىغا قايتىپ بېرىپ تاكى 1943 - يىلدىن 1946 - يىلغىچە نىلقا قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولدى. بىتىم بولغان مەزگىلدە (1946 - يىلى) ئۇرۇمچىگە كېلىپ، مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش پائالىيىتىگە قىزغىن قاتنىشىپ، مىللىي قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپى (دارىلمۇئەللىمىن سىنىپلىرىمۇ بار) نى قۇرۇپ چىقتى. رەشىدە خانىم بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولغاننىڭ سىرتىدا يۇقىر سىنىپلىرىغا ئالگەبرا ۋە فىزىكىدىن دەرس ئوتتى. 1951 - يىلى يوتكىلىپ شىنجاڭ ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ 1 - ئورۇنباسار مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەندىن كېيىنمۇ، بۇ بىرلەشمىنىڭ ھوتۇن - قىزلار ۋە بالىلار مائارىپىنى باشقۇرىدىغان پاراۋانلىق بولۇمىگە مەسئۇل بولدى. 1955 - يىلى ئۇ خىزمەت ئەھتىياجى بىلەن مەركەزگە يوتكىلىپ، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ بالىلار مائارىپىغا غەمھورلۇق قىلىش بولۇمىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىدى. ئۇ، 1947 - يىلى ئۇرۇمچى غالىبىيەت يولىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تۇنجى بالىلار باغچىسىنىڭ تەسىس قىلغۇچىسى ۋە شۇ باغچىنىڭ تۇنجى مەسئۇللىرىدىن بىرى ئىدى. رەشىدە خانىم بالىلار مائارىپىغا چىن قەلبىدىن كوڭۇل بولۇپ، 1982 - يىلى ئۇرۇمچىدە بالىلار سارىيى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى ۋە ئوز مائاشىدىن توپلىغان پۇلدىن بالىلار مائارىپى ئۈچۈن 5000 يۇئەن ياردەم قىلدى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.