ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-21

    نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامىي شېئىرلىرى - [ئەدەبى ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39673060.html

    قىسقىچە تارىخى:
    نىمشېھىت ئارمىيە 1904-يىلى باي ناھىيىسىنىڭ سايرام يېزىسى تېزەكقايغۇ كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئارمىيە ،دادىسىنىڭ ئىسمى ئېلى ، بوۋىسىنىڭ ئىسمى سامساق موللا ئىدى . ئادەتتە تولۇق ئاتالسا نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامىي دەپ ئاتىلىدۇ .
    نىمشېھىت ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە ئۆز يېزىسىدىكى دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان .1922-يىلدىن 1928-يىلغىچە باي ۋە كۇچادىكى مەدرىسلەردە ئوقۇغان . بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ قوشاق شەكلىدە يازغان "بازار ۋە مازار"ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمى قول يازما ھالەتتە ئەل ئىچىگە تارقالغان . 1929-يىلى ئۇ قەشقەرگە بېرىپ ئوتتۇرا ئاسىياغا داڭلىق "خانلىق مەدرىس"دە ئوقۇغان . بۇ مەزگىلدە ئۇ "مادارا ئەئىزەم"(چوڭ ياراشتۇرۇش) ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى يېزىپ روياپقا چىقارغان .
    1933-
    يىلى قەشقەردە زۇلۇمغا قارشى خەلق قوزغىلىڭى پارتلىغاندا ، ئۇ قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتنىشپ سەپنىڭ ئالدىداجەڭ قىلغان . جەڭدە بوينىغا ئوق تېگىپ كېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلغىلى تاس قالغان ھەم قەشقەردىكى شىۋېد دوختۇرخانىسىدا داۋالانغان . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا "نىمشېھىت"(يېرىم شېھىت)دېگەن نام سىڭىپ قالغان .
    نىمشېھىت 1934-يىلى ساقىيىپ يۇرتى بايغا قايتىپ كەلگەن ھەمدە يېڭى مائارىپ ۋەئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللانغان . 1936-يىلى 2-ئايدا "بىلىم ئىشقىدا " ناملىق مەشھۇر غەزىلىنى يازغان .
    نىمشېھىت 1936-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1945-يىلى 1-ئايغىچە "ئاقسۇ گېزىتى"دە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن.بۇ مەزگىلدە ئۇ "مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن" داستانىنى يېزىپ چىققان . 1945-يىلى 10-ئايدا ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئاقسۇغا چۈشكەن قىسمى بىلەن غۇلجىغا چىقىپ كەتكەن ھەم مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابى تەشكىل قىلغان "تارىخ يېزىش " ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن . 1948-يىلى "ئىتتىپاق "ژورنىلىدا مۇھەررىر بولغان . مۇشۇ يىللاردا ئۇ "ئاسارەتتە تۇرۇپ قالغانلارغا خىتاب "،"ھەپسىدە كەتكەن دوستۇم ل.مۇتەللىپكە "،"ئالدىدا"،"ۋەتەن قۇربانلىرى خاتىرىسىگە "،"ئويغان "قاتارلىق مۇھىم شېئىرلىرىنى يازغان . 1950-يىلى يۇرتى باي ناھىيىسىگە قايتىپ كېلىپ ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ياشىغان . 1956-يىلى جۇڭگو ھەج ۋەكىللەر ئۆمىگى تەركىبىدە 10غا  يېقىن دۆلەتتە زىيارەتتە بولغان . شۇ قېتىمقى سەپەر جەريانىدا "سېغىندىم" ناملىق مەشھۇر شېئىرىنى يازغان . 1960-يىللاردا ياشىنىپ قالغان بۇ شائىر كۆپلىگەن  شئېىر ۋە رۇبائىيلارنى يازغان بولسىمۇ ئەمما 1966-يىلى باشلانغان "مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى" دا بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچراپ ھەممىسىدىن ئايرىلىپ قالغان .  ئۆزىمۇ ئېغىر قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇپ كۆرمىگەن كۈنى قالمىغان . 1970-يىلى ئۇ بالا -چاقىلىرى بىلەن قوشۇپ باي ناھىيە ئامباش گوڭشېسىنىڭ ئەڭ يىراق 13-دادۈيىگە سۈرگۈن قىلىنغان . ياشانغاندىكى سورۇقچىلىقلاردىن ئىچى ھەسرەتكە تولغان شائىر مەشھۇر شېئىرى- "پېقىرنىڭ ئىقرارى" نى يازغان . 1971-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېچىنىشلىق ھالدا بۇ ئالەمدىن خوشلاشقان .
    بىلىم ئىشقىدا
    جاھان رەنالىرى ئىچرە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق،
    بىلىمدىن ئۆزگە تۇتقان يار بولۇر ئۇ گاھىدا بار - يوق.
    قارا قاشلىق تولۇن ئايلار ساڭا بىر نەچچە كۈن يولداش،
    ئەگەر سەن پۇلدىن ئايرىلساڭ،  سېنى تاشلايدۇ. ھېچ ئار يوق.
    كىرىڭ  كەينىگە نەپسىڭنىڭ  بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ،
    بېشىڭغا چۈشسە بىر كۈنلەر، ئۇ چاغدا سەن كەبى خار يوق.
    قۇلاق سالساڭ مۇھەببەت ئەھلىنىڭ پەريادى - ئاھىغا،
    يۇتۇپ زەرداپ،  پىراقتىن داد دېمەكتىن باشقىچە زار يوق.
    تەپەككۇر ئەيلىسەڭ ئىشقىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ھەردەم،
    قاراڭغۇ دەر يورۇق دۇنيانى ھەم ئالەم كەبى تار يوق.
    يۈرۈپ مەنمۇ گۈزەل ئىزلەپ جاھالەتكە ئەسىر بولغان،
    خالايىق ئالدىدا يۈرسەم، مېنىڭدەك بەلكى ئەغيار يوق.
    پاراغەت ئىزلىسەڭ ئەسلا بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتما.
    سېنىڭ قەدرىڭنى ساقلاشتا بىلىمدەك ياخشى ھەمكار يوق.
    ھاياتلىقتا بىلىم قانداق كىشىنىڭ يولدىشى بولسا،
    قەيەرگە بارسا باش قاتماس، بىلىمدەك ئاڭا غەمكار يوق.
    بىلىمسىز ساق تېنىڭ مەجرۇھ، ھەمىشە نالە - پەريادتا،
    جاھان ئىچرە بىلىمسىزنىڭ دىلىدەك ئەسكى بىمار يوق.
    بىلىمگە ئاشىنا بولساڭ ئوقۇش ئىشقىدا  بول بۇلبۇل ،
    ئۆگەنمەككە مائارىپ باغچىسىدەك ياخشى گۈلزار يوق.
    بۇ دۇنيانىڭ قانداق   پۇچمىقىغا باش تىقىپ ياتساڭ،
    بىلىم تارتىپ چىقار مەيدانغا، ھېچ بىر كىمگە ئەخبار يوق.
    بىلىم روھىي ئوزۇق ئىنسان ھاياتىغا ئەگەر بىلسەڭ،
    بىلىمنىڭ قەدرىنى بىلگۈچى ئۆلمەس، بۇڭا ئىنكار يوق..
    چاپان ھۆرمەتلىرى ھېچ چاغ چاپاندىن ئايرىلىپ قالماس،
    كېتەر پۇلدىن يىغىلغان ھۆرمىتىڭ پۇل بىرلە،  ئەسرار يوق.
    چاپان بىرلەن ئۆزۈڭنى پارقىراتساڭ بىر بوياقچىسەن،
    بىلىم ئەسىرى بۈگۈن. سىرلىق چاپانلارغا خېرىدار يوق.
    بۇلاردىن قولغا كەلگەن ئابرۇي جىنلار  چۈشى ئوخشاش،
    خىيالىي بۇ تىلەككە سەن كەبى باخشىغا جىندار يوق.
    گۇمان قىلما پەلەكنى ھەرقاچان  بەختىڭگە چۆرگۈلمەس،
    بۈگۈن باي، ئەتە سەندەك ھېچ گاداي يوق، بەلكى قەرزدار يوق.
    بىلىمدىن چەتتە كۆرگەن دۆلىتىڭ جاننىڭ جاپاسىدۇر،
    جاپا قىلماق جېنىغا بىلىمسىزدەك سىتەمكار يوق.
    بىلىمدىن ھەممە ئىش مەيدانغا  چىققان   ئەسىردۇر بۇ،
    بىلىش لازىمكى بىلىمسىزلەرگە بۇ ئەسىردە خېرىدار يوق .
    بىلىمدىن باتىنىڭ نۇرلانمىسا، كۆڭلۈڭ قاراڭغۇ تۈن،
    قۇياش نۇرىغا مۇنكىر شەپەرەڭلەرگە مەدەتكار يوق،
    زېمىننى توپ قىلىپ ئويناشنى سەن چاقچاق، گۇمان قىلما.
    ھەقىقەتتۇر بۈگۈن ھەر ئىش، كەمەكتەك جادۇ - ھەييار يوق.
    ئەجەبلەنمە  بۇلار كۆڭلى بىلىم  نۇرىدا نۇرلانغان ،
    شۇنىڭچۈن كۆكتە ،سۇدا ،تاغ ،دېڭىزدا يۈرسە دىشۋار يوق .
    بىلىمدىن  باغ قىلىشتا تاغنى  ھېچقانداق  جاپا كۆرمەس،
    نادامەتتىن  يۇتاردا قان نادانلاردەك جاپاكار يوق .
    نادانلار كۆڭلى تۈن ئوخشاش، ئۇنى پەرق ئەتكىلى بولماس،
    قارا تۈندە شەپەرەڭدىن بۆلەك ئەسلا تەلەپكار يوق .
    ئۆزۈڭ ھەم نىمشېھىت، بۇ پىكىرنىڭ تەستىقى بول قۇربان،
    بىلىمدىن يۈز ئۆرۈگەنلەر كەبى قاتتىق گۇناھكار يوق .

    (1936
    يىل)

    ئالدىدا
    ۋەسلىدىن ئۆزگە كېرەكمەس ماڭا جانان ئالدىدا ،
    ئارزويۇم سەن ئېرۇرسەن تەن بىلەن جان ئالدىدا .
    بىر گۈلى رەنا ئېرۇرسەن باغۇ بوستان ئالدىدا،
    تا زىيارەت قىلمىسام مەن سېنى ئىمكان ئالدىدا،
    يۈزلىرىم شەرمەندە بولسۇن  تاڭلا سۇبھان ئالدىدا .
    دۇنياغا تەڭ ئەيلىمەيمەن تاغلىرىڭنىڭ تېشىنى ،
    سېنى دەپ تاشقا قوشارمەن دۈشمىنىڭنىڭ بېشىنى ،
    سەن ئۈچۈن دەريا ئېقىتسام شۇم  رەقىبلەر يېشىنى
    مۇمكىن بولغايمۇ كۆرۈشكە ئايغا ئوخشاش قېشىنى ؟!
    قارا بەختىم ئاق بولاردى شۇندا رەھمان ئالدىدا .
    سەن ئىدىڭ دۇنيادا بىر ھۆسنى گۈزەل نازۇك بەدەن ،
    ئىككىمىزدە باغلىنىش گوياكى ئەردى جانۇ- تەن ،
    ئاھ!...گۈزەل يار ئوينىغان قەشقەر، كۇچا، يەكەن، خوتەن ،
    نېمىلەر بولدى ئىكىن ئىپلاس ئاياغدا پاك ۋەتەن ؟!
    سەن ئۈچۈن كۆزگە كۆرۈنمەس قانچە قۇربان ئالدىدا.
    سۇلىرىڭى ئابىھاياتتۇر ،ئەي گۈزەل يارىم،سېنىڭ ،
    تۇتىيادۇر تۇپرىقىڭ كۆزۈمگە ،دىلدارىم ،سېنىڭ ،
    جانغا جاندۇ ئۇندا ئۆسكەن پارچە غەمخارنىم سېنىڭ ،
    ئايرىلىش تىلدى يۈرەكنى ،كۆزى خۇمارىم ،سېنىڭ ،
    ئۆرتەنۇر كويىڭغا قەلبىم جەرخى كەيۋان ئالدىدا.
    ئاۋۋالىدا سەن ئىدىڭ جەننەتتە ئوخشاش بىر ماكان ،
    ئەركە ئويناپ ئۆسكەن ئەردىم قىسمىغان بۇ كەڭ جاھان ،
    خۇش پۇراقلىق گۈل - چىچەك تاللاپ ئۈزەردى باغبان ،
    ئابرويۇڭنى ساقلار ئەردىم مەن بولۇبان پاسىبان ،
    دۈشمىنىڭ كۆز تىكمەس ئەردى شىرى غىرران ئالدىدا.
    باغا گۈل ،شېخىدا بۇلبۇل ،نېمىتىڭ شۈكرىن ئوقۇر ،
    تاڭ سەھەر تورغايلىرىڭ تەسۋى سېرىپ قانات قاقۇر ،
    بەلكى قۇشلار بارچىسى مەدھىيىڭ بىلەن يەرنى چوقۇر ،
    چۈنكى خەۋپسىز يەر ، ھاۋا،تاغ، چۆل ۋە سۇ ،دۆڭ ھەم چوڭقۇر ،
    ئەركىلەپ ئۆسكەن ئىدىم شاھزادىدەك خان ئالدىدا .
    مەن ئۇ چاغدا سەندىن ئايرىلماقنى ئەسلا كۈتمىگەن ،
    "
    ئىېھتىيات قىلغىن رەقىپتىن " دېسە ، ھەرگىز پۈتمىگەن ،
    چۈنكى ئۇ كۈندە بېشىمدىن ئىسسىق-سوغۇق ئۆتمىگەن ،
    ئارغىمىقىمنى ئەپەندى قەبرىدە ئۈركۈتمىگەن ،
    باشقا قامچا تەگمىگەنتى يولدا كارۋان ئالدىدا .
    بال -شېكەردىن بەلكى شېرىندۇر كۈمۈش رەڭ سۇلىرىڭ ،
    تاغلىرىڭدا يايرىشىپ ئەركىن ئۆسەر ئاھۇلىرىڭ ،
    چېنىقىپ ئەردى رەقىبكە قارشى قول-بازۇلىرىڭ ،
    ساڭا تەسىر يەتكۈزەلمەس ئەردى ھېچ جادۇلىرىڭ ،
    سەلتەنەتلىك شەۋكىتىڭ  بولغاچقا ئىنسان ئالدىدا .
    ماختىناردىم سەن كەبى بىر نازىنىننىڭ يارى دەپ ،
    يارنىڭ كۆكرىگىگە تەككەن بىر سازىنىڭ تارى دەپ ،
    ساڭا باغلانغان مۇھەببەت ھەممىدىن يۇقارى دەپ ،
    خاھ گۈلۈم ..خاھ بۇلبۇلۇمغا قىش ۋە ياز باھارى دەپ ،
    كوكۇلۇڭ بويىن ئۆپەردىم لالە- رەيھان ئالدىدا .

    دىلبىرىم ،ئاھۇ كۆزۈم ،خۇرشىد يۈزۈم ،شېرىن سۆزۈم ،
    ھۆسنى ئەپلاكىڭدا تۇغقان ئەردى تەلەي يۇلتۇزۇم ،
    لەۋلىرىڭدىن قىزغانۇردى باغدا پىشقان تال ئۈزۈم ،
    قاشلىرىڭ مىھراب قىلىپ سەجدە قىلاي تەنھا ئۆزۈم ،
    چوڭ گۇناھكار بولسىمۇ دىن بىرلە ئىمان ئالدىدا.

    ۋادەرىخا ،قايسى كۈندۈز ، شۇم رەقىب باستى ئاياق ،
    سەن كەبى ھۆر نازىنىنلەر ئۈستىگە سالدى تاياق ،
    مەن قۇچاقىڭدا تۇرۇپ تارتتىم ئەجەب دەردى پىراق ،
    نېمىتىڭ لەززەتلىرىدىن ئايرىلىپ قالدىم يىراق ،
    بىر تىلەمچىدەك قىسىلدىم كۈزدە خامان ئالدىدا .
    يىغلىدىن شۇندىن بۇيان تۈن -كېچىلەر بىدار بولۇپ ،
    رەھىمسىز ئۆگەيگە قالغان قىز يېتىمدەك خار بولۇپ ،
    ھەۋزىكەۋسەرنى كېچىبان تامچە سۇغا زار بولۇپ ،
    تارلىشىپ كەتكەن جاھانغا سىغمايىن بىمار بولۇپ ،
    بوينى باغلانغان مۈشۈكتەك داڭدا ساچقان ئالدىدا .
    شۇنداق ئۆمرۈم ئۆتكەنىدى  ئۆرتىنىپ ھەم كۈل بولۇپ ،
    ئات ،ئېشەكلەر ئورنىدا دۈشمەنلىرىڭگە قۇل بولۇپ ،
    "
    ئاللا ئەمرى شۇمىكىن؟" دەپ ، ساتسا بەلكى پۇل بولۇپ ،
    ئۆتكەن ئۆمرۈم ئەسلىسەم يېشىم تۆكۈلەر كۆل بولۇپ ،
    موللىنىڭ ئىمانى بولدۇم خۇددى شەيتان ئالدىدا .
    ئاقىۋەت قوغلاندى بولدۇم ، بىر يولى تارتتىم پىراق ،
    شۇم رەقىبنىڭ تەلىيى ئوڭ كەلدى ، مەن بولدۇن يىراق ،
    جانغا تويغان خۇددى بىر پەرۋانىدەك ، سەن بىر چىراغ،
    كۈنمۇ كۈن ئارتتى ساڭا كۆڭۈلدە بولغان ئىشتىياق ،
    تامچە سۇغا زار بولدۇم  بەھرى ئۇممان ئالدىدا .
    مەيلى مەن بارغۇنچە يىرتقۇچلۇق بىلەن خەلقىمنى ئارت ،
    مەيلى مەھبۇم بېشىدا قانلىق قىلىچىق پارقىراق ،
    مايلى ۋەھشىيلىك بىلەن ئادەمچىلىك ئاڭنى يوقات ،
    ئىنتىقام ئالغۇم سېنىڭدىن تا جېنىم تەندە ھايات ،
    ھېچقاچان ئادەم يېڭىلمەس ۋەھشىي ھايۋان ئالدىدا .
    ئۆلگىنىم ياخشى نىگارىمدىن تىرىك ئايرىلغۇچە ،
    ئۇچىمەن ساڭا بېقىپ تاكى قانات قايرىلغۇچە،
    كۈرىشىم قايتماس رەقىب جېنى تېنىدىن ئايرىلغۇچە ،
    بولدى ئەمدى سەۋرى يوق ياتتىم  مانا بىر يىلغىچە ،
    ئورما ئورماق ئانچە تەس بولمايدۇ دېھقان ئالدىدا .
    تارت قولۇڭنى ۋەھشى دۈشمەن ،تېخى جېنىم تەندە بار ،
    ئىنشائاللا ،پات يېقىندا سېنى قىلغۇم تارماي ،
    ئەي پەلىد، چاپسان يوقال! گۈزەل يېرىمنى قىلما خار ،
    سەن قارا زۇلمەتنى يوقاتسام ،سائادەت تاڭ ئاتار،
    كۈن نۇرىن كۆرسەتمىگەن سەن پەردە ئاسمان ئالدىدا.

    كۈرىشىم ھېچ توختىماس تا قەترە قانىم قالغىچە ،
    تەسىرىڭنى يوق قىلۇرمەن قەلبىم ئارام ئالغىچە ،
    ئەزرائىل «پۈتتى ئىشىڭ»دەپ تاكى جانىم ئالغىچە ،
    تەن سوۋۇپ يۈرەك ، تومۇر ،قان ، ھەرىكەت توختالغىچە ،
    شۇندا ئەۋلادىم تۇرار دەۋاغا سۇلتان ئالدىدا .
    مەن بارۇرمەن ئەي نىگارىم سەن ئۈمۈدنى ئۈزمىگىن ،
    دۈشمىنىڭنى ئۇر !پەقەت ئەركىنغىنا يۈرمىگىن ،
    ئالدىنىپ دۈشمەن بىلەن سەن ئەيشى-ئىشرەت تۈزمىگىن ،
    شۈم رەقىبكە باغلىرىمدىن مىۋىسىنى ئۈزمىگىن ،
    پات يېقىندا تېپىشارمىز گۈل-گۈلىستان ئالدىدا .
    ئەر ئەمەسمەن تاكى دۈشمەننىڭ قېنىن  ئاققۇزمىسام ،
    دۇنيادا خائىنلىق ئەيبىن كۆكسىگە تاققۇزمىسام ،
    ئوت زەھەرلىك نەشتەرىلە ئۆزىنى چاققۇزمىسام ،
    «
    ئەللەي ئېتىپ» يەر بۆشۈكتە ھەممىسىن ياتقۇزمىسام ،
    شۇندا" مەرد " نامىنى ئالغۇم شاھىمەردان ئالدىدا .
    ئەي سەنەم ، ئەتراپقا باق ، خەلقىممۇ ھەم تېنچ ياتمىسۇن ،
    "
    تاشلىۋەتتى ، سۆيگىدىن كەچتىمۇ ؟" دەپ باش قاتمىسۇن ،
    جىم يېتىپ ،ھەسرەت چېكىپ ،قانلار يۇتۇپ ،دەرد تارتمىسۇن ،
    ھىلىگەر مەككار رەقىبكە ئابرويىنى ساتمىسۇن ،
    ئەيلىسۇن خار بولغۇنۇمنى ئۇندا زىنداق ئالدىدا .
    دەردلى دىل ھېچ توختىماس، سىرلىق قەلەم قايناپ يازار ،
    مۇڭلۇق دادىمنى ئىشىتسە خىزرى تەسىبىھدىن ئازار ،
    چۈنكى ئول بەتبەخت رەقىبلەر نىمشېھىتكە گۆر قازار ،
    مەيلى ئۆلسەم سۆيگۈ يولىدا ،تېنىم بولغاي مازار ،
    كۆز يېشىم ئارتار تېخىمۇ &n


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.