ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-21

    ئۇيغۇرلاردا ئەبگالىقنىڭ داۋامى.......... - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39671396.html

    مەرىپەتسىزلىك ئادەمنى ھەسرەتتە تىتىرىگەن لەۋنى تەئەججۇب چىشى بىلەن چىشلەشكە مەجبۇر قىلىدۇ. يۇقىرىدىكى ستۇدېنتنىڭ يازغىنى راست. ئۇلار ئاشۇنداق  «ياشلىقىڭدا گۈل قىس، قېرىغاندا غىرت قىس» دەمدۇ، «تۇرمۇش دېگەن ئەل ئاجايىپ بىر ژۇرنال، بۇ ژۇرنالدا باش ماقالا پۇل ۋە مال» دەمدۇ، ئەيتاۋۇر بۇ چاغقىچە نەشىر قىلىنغان لۇغەتلىرىمىزدىن تاپقىلى بولمايدىغان غەلىتە ماقال ـ تەمسىللەر بىلەن ئۆزلىرىنى ئوينىۋېلىشقا، خەجلىۋېلىشكە رىغبەتلەندۈرىشىدۇ. ئىلىم ئۆگىنىشتە ئەمەس، كۆپىنچە كىيىم كىيىشتە، مودا قوغلىشىشتا بەسلىشىدۇ. چەت ئەل تىلى كۇرسلىرىغىمۇ مودا قوغلىشىپ بىر نەچچە ھەپتىلىك كىرىپ قويۇشىدۇ، خالاس. كىچىك ئۇنئالغۇنى يانچۇققا سېلىپ، ئاڭلىغۇچنى قۇلاققا تىقىپ قويۇپ، ئېغىزىدا ماغزاپ قەنت چايناپ تۇرۇپ، ئايانچلىق قەدەم بىلەن يۇرۇشلىرى ئەمەلىيەتتە ستۈدېنتلىق ئوبراز مودىسى. شۇ قىياپەتتە كۆپلىرىنىڭ ئاڭلاۋاتقىنى چەتئەل تىلى ئەمەس، بەلكى بەل تولغىما ئۇسۇل مۇزىكىسى. ئۇلارنىڭ خېلى كۆپچىلىكى ئۆزىنىڭ تىلىنى، ئۆزىنىڭ تارىخىنى، ئۆزىنىڭ ئەدەبىياتىنى ۋە ئۆزىنىڭ شۇ تۇرۇقتا ئۆگىنىۋاتقان كەسپىنى بىرىنچىدىن بىلمەيدۇ، ئىككىنچىدىن مۇتلەق سۆيمەيدۇ. ئەدەبىيات دېسە، مۇپاسساندىن گەپ باشلايدۇ؛ تارىخ دېسە، ئەرەبلەرگە نەزەر تاشلايدۇ؛ ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق دەۋر قايسى دېسە، بېشىنى قاشلايدۇ. ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرنى چۈشىنىشى ۋە چۈشەندۈرۈشىدىكى غەلىتىلىككە نورمال ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق ئىككى مىسال كاللامدىن زادى كەتمەيدۇ. ھېكايە، 1995 ـ يىلى ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتە، بىر نەچچە قېتىم بالىلار بىلەن مۇشتلىشىپ قەستەن جېدەل چىقارغان، قايتا ـ قايتا ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمىگەن بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە بىر نەچچە ئاي قالغاندا، مەكتەپتىن قوغلاندى قىلىۋېتىدۇ. غەلىتىلىك شۇكى، ئاشۇ ئوقۇغۇچى ئوقۇغان پۈتۈن بىر سىنىپ جەمئىي ئوتتۇز نەچچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۇدا ئۈچ كېچە تاڭ ئاتار ئولتۇرۇشى قىلىپ، مەزكۇر قوغلاندى بالىنى خۇددى غالىپ گېنېرالنى پېنسىيىگە ئۇزاتقاندەك داغدۇغا بىلەن ئۇزىتىپ قويغان. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن باشقا مىللەت مەكتەپداشلار: «بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟» دەپ سورىسا، ئۇلار خاتىرجەم ھالدا: «ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىق دېگەن ئەل ئۆمرىدە بىر قېتىم كېلىدۇ. شۇڭا بىز ئۇنى مۇشۇنداق قەدىرلەيمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇ يىلى بېيجىڭ چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەرەب تىلى پاگۇلتېتىدا ئوقىۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قەتئي توسۇپ، قايتا ـ قايتا تەربىيە بەرگىنىگە پىسەنت قىلماي، «ئەرەب تىلى ئوقۇغاننىڭ ھېچنەرسىگە پايدىسى يوقكەن. بىز قايتىپ كېتىپ، ئۇيغۇرنىڭ سەككىز مىڭ يىللىق تارىخىنى ئون بەش توملۇق كىتاب قىلىپ يېزىپ چىقىمىز» دەپ،  مەكتەپتىن چېكىنىپ يۇرتىغا كەتكەن. ئۇلار يۇرتىغا قايتىش ئالدىدا، پايتەختتە ئوقۇۋاتقان يۇرتداشلىرىنىڭ بىر مۇنچە دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن ئىلھاملاندۇرىشىغا ۋە كاتتا رېستۇراندا ئولتۇرۇش ياساپ، قىزغىن ئۇزىتىپ قويۇشىغا مۇيەسسەر بولغان.» خۇدا، بەندەڭنى ئوڭ قىل! ئۇنداق ئىلىم شارابىنى تۈزۈك ئىچمەي، پىيۋە ئىچىپ زابوي بولۇپ قالغان ئادەملەر ئون بەش توملۇق تارىخ ئەمەس، ئون بەش بەتلىك چۆچەكمۇ يازالمايدۇ. بۇ گەپنى قىلغان ئادەم مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. ئۇ كىشىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ھېلىقى چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇشنى تاشلاپ كەتكەن ئىككى بالا ئۇنىڭ يۇرتدىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرسى ھازىر كالا ئېلىپ بورداپ سېتىپ، بورداقچىلىق قىلىپ يۈرۈپتۇ. يەنە بىرسى بولسا، باشلانغۇچ مەكتەپتە بىر سىنىپتا ئوقۇغان زاسۈيپەز ئاغىنىسىگە ياللىنىپ،  «كېلىڭلار، مېھمانلار كېلىڭلار، يېڭى كاللىنىڭ شورپىسى چىقتى، كېلىڭلار!» دەپ ۋارقىراپ پورداقچىلىق قىلىپ يۈرۈپتۇ.
    بىلىشىمزچە، زاڭ مىللىتىنىڭ پەرزەنتلىرى ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ئوتتۇز نەچچە يېرىدە ئېچىلغان مەخسۇس مەكتەپ ۋە سىنىپلاردا، ئالىي، ئوتتۇرا ۋە ئوتتۇرا تېخنىكۇم بىلىملىرى بويىچە تەربىيلىنىۋاتىدۇ. زاڭ مىللىتى پەرزەنتلىرى ئىلىمغا زوقمەن، مەرىپەتكە ھېرىسمەن، تۇرمۇشتا رەتلىك، مۇناسىۋەتكە ئەپلىك بولغاچ، ئۇلارنى تەربىيلەشكە ئامراق مەكتەپلەر يىلسېرى كۆپىيىۋېتىپتۇ. بىراق بىزنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىز بولسا، بارغانلا يېرىدە «پولو ئېتىپ بېرىسەن. گىردە يېپىپ بېرىسەن» دەپ، مەكتەپ ئاش ـ تاماق بۆلۈمىنى تەڭقىسلىقتا قويغاچ؛ 9 ـ ئاي كەلسىلا، «ئوقۇشقا كىرىش تەلىم ـ تەربىيىسى قىلدۇق» دەپ، كونا بالىلار يېڭى بالىلارنى شاپىلاق بىلەن ئۇرۇپ، ئۆزىگە ئالدۇرغان ھاراقنى ئىچمەيمەن دېسە ئۇنىماي كارنىيىغا زورلاپ قويغاچ؛ ھېيت ـ بايرام بولسىلا، ئاشۇ يات دىيار، ياقا يۇرتلاردىمۇ، سەن شىماللىق، مەن جەنۇبلۇق، ئۇ غەربلىك، بۇ شەرقلىق دەپ بۆلۈنۈپ ئۆز ئارا مۇشتلىشىپ، بىر ـ بىرىنىڭ باشلىرىنى يېرىشىڭ، مەكتەپ قوغداش بۆلۈمىنىڭ بايراملىق ئارامىنى بۇزغاچ، خېلى ساندىكى ئاتاقلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار «ئۇيغۇردىن دات، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىنىپى ئاچقاندىن پەندىيات!» دەۋېتىپتۇ. دەرىخا! ئاڭلىسام، مۇشۇنداق تۆقى ـ لەنەتلىك ئەھۋالىمىزنى كۆرگەنلەر بىر ـ بىرىدىن: «ھوي، بۇلار راستىنلا ئاشۇ تارىختىكى مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ ياكى شۇ نامنى سۇيئىستېمال قىلىۋالغان يارىماسلارنىڭ يارىماسلىرىمۇ؟!» دەپ سوراۋېتىپتۇ!
    ئۇيغۇردا:  «بولىدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم» دەيدىغان ماقال بار. بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 21 ـ ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سەردارلىرى، سەركەردىلىرى ۋە ئىگىلىرى. ئۇلارنىڭ يۈرىكى ھېچنەرسىنى تۇيمايۋاتامدىغاندۇ، ئەجەبا!
    بىز ئۇيغۇر مىللىتى مۇسۇلمان مىللەت بولغانىكەنمىز، بۇ شاراپەت بىلەن، ئىسلامىيەت ئىلمى بويىچە سەۋىيىسى يېتىك ۋە ئەمەلىيەتچان ئالىملىرىمىز بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى بىزنىڭ بۇ ساھەمىز تېخى بىرىنچىدىن ئاق، ئىككىنچىدىن قاغجىراق. ھېكايە، مەن پۇرسەت بولۇپ، 96 ـ يىل 10 ـ ئايدىن 97 ـ يىل 6 ـ ئايغىچە، مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئەزھەر ئۇنىۋئرسىتېتىدە زىيارەتچى ئالىم سۈپىتى بىلەن  «كلاسسك ئىسلام دىنى نەزەرىيىسى» (ئۇسۇلۇددىن)  قاتارلىق دەرسلەر بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلىشقا مۇشەررەپ بولدۇم،  ئەلھەمدۇ لىللاھ. تەكشۈرۈپ بىلگىنىم ۋە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگىنىم شۇ بولدىكى، شۇ تاپتا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىسلام دىنى ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات مەركىزى بولغان بۇ ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىجازىتى بىلەن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئاتمىش نەپەر مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى بارىكەن. مەسخىرىلىك يېرى شۇكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۇڭگان مىللىتىدىن بولۇپ، سەككىز مىليونلۇق جۇڭگو ئۇيغۇرلىرىدىن بىرسىگىمۇ ھۆكۈمەت خىراجىتى ۋە ئىجازىتى بىلەن كېلىپ ئوقۇش نېسىپ بولماپتۇ!؟
    دىن دېمەك ئىلىم دېمەكتۇر. شۇڭا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئىلىم مەركەزلىرى مەخسۇس دىن تەتقىقات ئورنى تەسىس قىلىپ، خاس ئالىملارنى ئاجرىتىپ، تۈرلۈك دىنلار ئۈستىدە ئەستايىدىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئىسلام دىنى مۇكەممەل ئىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە دىندۇر. ھالبۇكى تەتقىقات نۇقتىسىدىن بولسىمۇ مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ، ئىسلام دىنى نەزەرىيىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىسلام دىنىنىڭ بۈگۈنكى دۇنيا ئاڭ ـ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە تۇتىۋاتقان ئورنىنى تولۇق چۈشىنىش ۋە ئوبدان بىلىش كېرەك. بۇ ئەمەلىيەتتە جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ دىنىي ئىلىم بىلەن زامانىۋى پەن ئىلىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىلمىي ھالدا چۈشىنىپ، سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىغا ئاڭلىق قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى مەرىپەت بىلەن تەمىن ئېتىدىغان زۆرۈر ئىش!
      
    ۋاھالەنكى ئۇيغۇردا ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى نەزەرىيىسىنى پىششىق بىلىدىغان مەرىپەتلىك ھەم پەزىلەتلىك ئۆلىما كۆپ بولمىغاچ، شۇ تۇرۇقتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، ئىسلام دىنىنى زامانىۋى ئىلىم ـ پەنگە قارشى قويىدىغان، پەرزەنتلەرنى پەننى مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىپ دىنىي چالا موللىلارغا تالىپ قىلىپ بېرىشنى ئاشكارا تەرغىب قىلىدىغان قاششاقلىق ئاۋام خەلقنى گاڭگىراتماقتا. ئاتالمىش دىنىي زاتلار باش بولغان ھالدىكى، پەرزەنتلەرنىڭ ئوقۇشسىز قېلىۋاتقىنى، ئەۋلادلارنىڭ ئىلىمسىز قېلىۋاتقىنى بىلەن كارى بولماي، تاپقان پۇلنىڭ ھەممىنى سەرپ قىلىپ ئىككى ھەرەمنى تاۋاپ قىلىش مۇسابىقىسى خەلق ئىقتىسادىنى ھالسىراتماقتا. قېنى قايسى ئۆلىما چۈشەندۈرۈپ باقىدۇ: قايسى ئىسلام تەلىماتىدا، نەدىكى كلاسسك ئىسلام كىتابلىرىدا، ئۆزى ئىلىمسىز كۆزى ئوچۇق قارىغۇ ياشاپ ئۆتكەننى ئاز دەپ، ئۆز پەرزەنتلىرىنىمۇ مەكتەپتە ئوقۇتماي، شۇ پۇلنى خەجلەپ مەككىنى ئۈچ قېتىم ھەتتا تۆت قېتىم ھەجلىسۇن دەپتۇ؟! ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى كەم دېگەندىمۇ ئون مىليون يۇەن پۇلنى بايلىقىدىن ئالتۇننى سىغدۇرىدىغان يەر تاپالماي قېلىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ خەزىنىسىگە بىھۇدە تاپشۇرۇپ كېلىۋاتىدۇكى، ئۇنىڭ بەدىلىگە يىلىغا نەچچە ئون مىڭلىغان ئوقۇش يېشىغا يەتكەن ئۇيغۇر پەرزەنت پۇل بولمىغانلىقتىن مەكتەپتىن قېلىۋاتىدۇ؛ مەكتەپتىكى نەچچە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنت بولسا، پۇلسىزلىقتىن يىرتىق ئىشتان كىيگەن كۆتىنى خام كېسەككە قويۇپ ئولتۇرۇپ، دوسكىغا چالما بىلەن خەت يىزىۋاتىدۇ. مانا بۇ ـــ بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يۇز بېرىۋاتقان ئەنئەنىۋى تراگېدىيە!
      
    مەرىپەتسىزلىك ۋە پەزىلەتسىزلىك ئۇيغۇرنى يېڭى قالاقلىق گىرداۋىغا سژرەۋاتىدۇ، ئى ئالىملار!
      
    قاششاقلىق ۋە مەدەنىيەتسىزلىك ئۇيغۇرنى ئەمەلىي گادايلىق تېمىغا يۆلەۋاتىدۇ، ئى ھاجىملار!
    ھەممە بىلىدۇ، ئۇيغۇردا پۇل بار، مال بار، بايلىق زاپاس ـ زاپىسى بىلەن بار. سەمىمىيەت بىلەن ئېيتقاندا، راستچىللىق بىلەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان مىللەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ باي مىللەت قاتارىغا كىرىدۇ.
    ئۇيغۇردا ئەقىل بار، پەم ـ پاراسەت بار، زېھنى ـ زۇكاۋەت بار. تەڭرى تېغى گۇۋاھ بولۇپ، تارىخ داۋاملىق ئىسپاتلايدۇكى، «كاللىسى ئاددى، كالۋا» دېگەن تۆھمەت ئۇيغۇرغا ھەرگىز، ھەرگىزمۇ ئەمەس يار.
    بىراق بىلمەك كېرەككى، مەرىپەتسىزلىك ھەرقانداق باي مىللەتنىمۇ ئاخىرىقى ھېسابتا قول ـ ئىلكىدە يوق قىلىپ قويىدۇ. پەزىلەتسىزلىك ھەر قانداق ئەقىللىق مىللەتنىمۇ ھامان بىر كۈنى دەلتە، كاللىسى قۇرۇق قىلىپ قويىدۇ!
    سەن بىلمىگۈچى ئەمەس. قەدىمىي تارىم مەدەنىيىتى ئۇيغۇر بىلەن بىللە گۇللەنگەن. شۇڭا، تارىم دەرياسىنىڭ ئول زاماندىكى نامى «ئۇغۇرداش» يەنى  «ئۇيغۇر ئېقىنى، ئۇيغۇر دەرياسى» ئىدى. (ئالىم ئىمىن تۈرسۈن ئەپەندىم يازغان  «تارىمدىن تامچە» گە قاراپ) سەن كۆرەلمىگۈچىمۇ ئەمەس. بۈگۈن يېڭى تارىم مەدەنىيىتى چېچەك ئېچىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. شۇڭا پۈتكۈل تارىم ۋادىسى ساڭىمۇ ئۈمىدلىك ۋە تەلەپچان كۆزلىرىنى بېقىپ يېتىپتۇ. ھالبۇكى سەنمۇ ئويغىنىپ، ئەجدادىڭدىن ئۇدۇم جاسارىتىڭنى قايتا ئۇرغۇتۇپ، سۆيۈملۈك ئانا يەر تارىمنىڭ چېكىسىگە مەرىپەتتىن گۈل تاقامسەن ياكى ئەزىم دەريا تارىمنىڭ سۈيىگە غەرق بولۇپ مۇڭلۇق ئاقامسەن، ئويلان، ئەبگا!

    7 ـ تۈنۈگۈن بىلەن كارى بولماسلىق ۋە ئەتىگە ئوبدان نەزەر سالماسلىق



    تەدبىرىڭ قانداق بولسا،
    تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ.
      -
    ئۇيغۇر خەلق ماقالى

    بۈگۈننىلا بىلىش، كۆز ئالدىدىكىنىلا كۆرۈش يا ئۆتكەندىن ساۋاق ئالماسلىق، يا كەلگۈسى ئۈچۈن پىلان تۈزمەسلىك، تەدبىرسىزلىك قاتارلىق ئالامەتلەرنى ئۆزىگە بەلگە قىلغان تۈنۈگۈن بىلەن مۇتلەق كارى بولماسلىق، ئەتىگە بولسا، ياخشىلاپ نەزەر سالماسلىق، ئەپلەپ ـ سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈشنىلا ئويلاش  يەنى جاھاندارچىلىق كېسىلى ئەبگا ئۇيغۇرنىڭ ۋۇجۇدېدىكى يەنە بىر ئەجەللىك ئىللەت.
    بۈگۈن رېئال، بۈگۈن نەق، بۈگۈننىڭ قىممىتى مۇتلەق. شۇڭا بۈگۈننى تولىمۇ قەدىرلەش، بۈگۈننىڭ مىنۇت ـ سېكونتىنىمۇ چىڭ تۇتۇپ ياشاش، بۈگۈنكى ھاياتنى جەزمەن ئەڭ مەنىلىك ئۆتكۈزۈش كېرەك. بىراق بۈگۈنكى ھاياتنىڭ مەنىلىك ئۆتكەنلىكىنى ياكى مەنىسىز ئۆتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان، كۆز ئالدىمىزدىكى مۇشۇ تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيەتلىك بولىۋاتقان ياكى بولمايۋاتقانلىقىغا شاھىد بولىدىغان ئەڭ ئىناۋەتلىك نەرسە نېمە؟ شەكسىزكى ئۇ ــ تۈنۈگۈندۇر. تۈنۈگۈن مەيلى ئۇ ئۆتكەن تارىخنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، بۈگۈن بولسا، يېڭى بىر ئىرانىڭ باشلانما كۈنى بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، بۈگۈننىڭ ئەمەلىي قىممىتىنى ئۆلچەيدىغان، بۈگۈنكى كۈننىڭ رېئال ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرەلەيدىغان ۋە بۈگۈنكى كۈننىڭ مەنىلىك دەرىجىسىنى خالىس باھالىيالايدىغان نەرسە پەقەت ۋە پەقەتلا تۈنۈگۈندۇر. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈنۈگۈننىڭ قىممىتى بۈگۈننىڭ قىممىتىدىن قىلچىمۇ تۆۋەن ئەمەس. تۈنۈگۈننىڭ ئەھمىيىتى بۈگۈننىڭ ئەھمىيىتىدىن ئازراقمۇ كەم ئەمەس. شۇڭا ئىنسان ئاڭلىق ۋە ئىدراكلىق مەخلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۈگۈننى ئوبدان قەدىرلەش بىلەن بىر چاغدا، ئۆزىنىڭ تۈنۈگۈنىنىمۇ ئۆز ئەھمىيىتى بويىچە ياخشى قەدىرلىشى ۋە ئەزىزلىشى لازىم.
    تۈنۈگۈن دېمەك ئۆتمۇش دېمەكتۇر. تۈنۈگۈن دېمەك تارىخ دېمەكتۇر. دەرۋەقە ئۆتمۈش دېگەن ئۇزاق ئۆتمۈشنى، يېقىنقى ئۆتمۈشنى، شۇنداقلا ئادەمنىڭ تېخى تۈنۈگۈنكى ئىشتەكلا ئېسىدە بار ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى  ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تارىخ دېگەن قەدىمكى تارىخنى، يېقىنقى تارىخنى، ھازىرقى تارىخنى ۋە بۈگۈنكى تارىخنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنسان نېمە ئۈچۈن ئۆتمۈشنى ئەسلەيدۇ؟ ئەسلەپ ئويناش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۈگۈننى ئاشۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتمۈشتەك ياخشى قىلىش ياكى بۈگۈننى ھېلىقى مەنىسىز ئۆتمۈشتىن ياخشى ۋە ئەۋزەل قىلىش ئۈچۈن ئەسلەيدۇ. بىر مىللەت نېمە ئۈچۈن ئۆز تارىخىنى ئۆگىنىدۇ ۋە تەتقىق قىلىدۇ؟ قىلغىلى ئىش تاپالمىغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى تارىختىن ساۋاق ئېلىپ بۈگۈننى تېخىمۇ گۈزەل قىلىش، بۈگۈنكى ھاياتنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۆگىنىدۇ ۋە تەتقىق قىلىدۇ. مۇشۇنداق زاكۇنلار ئاساسىدا ئېيتالايمىزكى، تۈنۈگۈن بەزەنلەر ئېيتقاندەك ئۇنداق ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن چەك ياكى بېلەتكە ھەرگىز ئوخشىمايدۇ. جىددى بىر تەرەپ قىلىۋەتمىسە بولمايدىغان بۇراق مالغا تېخىمۇ ئوخشىمايدۇ. لىللاھ مەيداندا تۇرۇپ ئېيتقاندا، تۈنۈگۈن بىر خاسىيەتلىك ئەينەككە ئوخشايدۇكى، بۇ ئەينەك ئاشۇ ئۆتمۈشكە تەئەللۇق بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى خالىس ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرىدۇ. تۈنۈگۈن بىر مۇكەممەل خاتىرىگە ئوخشايدۇكى، بۇ خاتىرىدە بۈگۈننىڭ تەۋەللۈت بولۇش جەريانى ئۇجۇر ـ بۇجۇرىگىچە خاتىرىلەنگەن بولىدۇ. ھالبۇكى تۈنۈگۈندىن ئىبارەت بۇ خاتىرىنى ھەمىشە ۋاراقلاپ ئوقۇپ تۇرۇش بۈگۈنكى تۇرمۇشنىڭ يۈزىنى تېخىمۇ نۇرلۇق قىلىشتا ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئەتىگە، كەلگۈسىگە تەئەللۇق ھايات قەدىمىنى مەزمۇت، ئاق يوللۇق ۋە نۇسرەتلىك ئېلىشتىمۇ ئوخشاشلا ئەھمىيەتلىك ۋە زۆرۈردۇر.
    تۈنۈگۈننى ئۇنتۇماسلىق، ئۆتمۇشنى ئەسلەپ، تارىخنى ياد ئېتىپ تۇرۇش ئەمەلىي تۇرمۇشتا، ئاشۇ ئەھمىيەتلىك تۈنۈگۈنگە، ئاشۇ ئۇنتۇلماس ئۆتمۈشكە ۋە ئاشۇ شانلىق تارىخقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەجدادلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈلگىلىك پائالىيەتلىرىنى ئەسلەش، ئۆرنەك ئىش ـ ئىزلىرىنى ياد ئېتىپ خاتىرىلەش ئارقىلىق كونكرېت ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئەمدى ئەجدادلارنى ئەسلەش ۋە خاتىرىلەش بولسا، ئەجدادلار ھەققىدە خاس كىتابلارنى پۈتۈش، ئۇلارنىڭ ئىش ـ ئىزلىرى ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئوقۇشلۇق كىتابلارغا كىرگۈزۈپ ئەۋلادلارغا دەرس قىلىپ ئۆتۈش، ئەجدادلار ئۈچۈن خاس خاتىرە سارايلىرى بەرپا قىلىش، خاتىرە مۇنارلىرى تىكلەش، ھەيكەللىرىنى تۇرغۇزۇش، ئۇلارنىڭ ئوبرازى چۈشۈرۈلگەن پوچتا ماركىلىرى ئىشلەپ تارقىتىش ۋە ئۇلارنىڭ رۇخسارى بىلەن پۇل يۈزلىرىنى بېزەش قاتارلىق ئەمەلىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەجدادلارنى ئەسلەش، ياد ئېتىش ۋە خاتىرىلەش ياكى ئەسلىمەسلىك، خاتىرىلىمەسلىك ھەتتا ئۇنتۇپ كېتىش كونكرېت بىر ئىنسان ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئادەمىي ۋىجدانىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. بىر مىللەت ئۈچۈن ئېيتقاندا بولسا، شۇ مىللەتنىڭ ئەدەب ـ ئەخلاق مىزانىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. مۇندىن چىقتىكى، ئۆزىنىڭ ياراملىق ئەجدادىنى ئەسلىمەيدىغان، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن خاتىرىلىمەيدىغان ئادەم ۋىجدانسىز ئادەم قاتارىغا كىرىدۇ. ئۆزىنىڭ خەلقچىل ئەجدادىنى مۇناسىپ پائالىيەتلەر ئارقىلىق ياد ئەتمەيدىغان، مۇۋاپىق ئىش ـ ھەرىكەتلەر بىلەن خاتىرىلىمەيدىغان مىللەت بولسا، ئەخلاقسىز مىللەت، نائەھلى مىللەت قاتارىغا تىزىلىدۇ.
    ئۇيغۇر مىللىتى ئەسكە ئېلىشقا ئەرزىيدىغان تۈنۈگۈنگە، ئۇنتۇلماس ئۆتمۇشكە ۋە ھەقىقىي شانلىق تارىخقا ئىگە مۇنەۋۋەر مىللەت. ئۇيغۇر مىللىتى مەيلى ھاكىمىيەت تىكلەپ جاھان سوراشتا بولسۇن، مەيلى پارلاق مەدەنىيەت يارىتىپ ئىنسانىيەتكە تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشتا بولسۇن، دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر قەدىمىي ۋە مەدەنىي قەۋم بىلەن بويلىشالايدىغان مىللەت. بۇنىڭغا 8 ـ 9 ـ ئەسىرلەردىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى، 10 ـ 13 ـ ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرى ۋە قارا خانىيلار دەۋرى، شۇنىڭدەك 16 ـ 17 ـ ئەسىرلەردىكى ياركەند سەئىدىيە خانلىقى دەۋرى قاتارلىقلار ھەر جەھەتتىن بېرەلەيدۇ شاھادەت!
    بۈگۈن ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر پاكىت شۇكى، ئۇيغۇر مىللىتى بۈگۈنكى زامان جۇڭگو تارىخىغىمۇ قۇرۇق قول كىرىپ كەلگەن ئەمەس. جۇڭگو خەلقىنىڭ داھىسى ماۋزېدوڭ تەرىپىدىن  «جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى» دەپ ئەبەدىيلىك مۇقىملاشتۇرۇلغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى كۆز چاقنىتىپ تۇرىدىغان ئىپتىخارلىق بىر باب بولۇپ، بۇنى بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەۋلادلار بىلمەيدۇ ئەمەس. جاھان ئەھلىنىڭ گويا تېخى تۈنۈگۈنكى ئىشتەكلا ئېسىدە تۇرۇپتۇكى، ئەل سۆيەر ئەجدادلىرىمىز ئۆز زامانىسىدا، ئوتتۇز مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەرلىك سەرخىل ھەربى قوشۇن تەشكىللەپ، ئورگانلىرى مۇكەممەل بولغان ھاكىميەت ئورنىتىپ، شىمالىي شىنجياڭدا مۇنتىزىم ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن ۋە ئاخىرىدا، جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ ـ تەڭ قوپۇپ، پۈتكۈل شىنجياڭنى تەڭ ئازات قىلىپ، شىنجياڭدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ھەل قىلغۇچ تۆھپە قوشقان. مانا بۇلار مۇبارەك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق بىر غايىبانە ئامەت ئەمەس، ياكى بىراۋ قىلغان سەدىقە، بەخشەندە مۇكاپاتمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۇيغۇر دېمۇكراتىك ئىنقىلابىنىڭ تەبىئىي سەمەرىسى ۋە ئۇيغۇر مەنپەئەتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدىغان شانلىق تارىخ!
    شۇنداق ئىكەن، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشۇنچىۋالا شانلىق تارىخىمىز بار ئىكەن، ئاشۇنچىۋالا ئىپتىخارلىق تۈنۈگۈنىمىز بار ئىكەن، بىز ئۇنى ھەرگىزمۇ ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويماسلىقىمىز، بىز ئۇنى ھەمىشە ئەسلەپ تۇرۇشىمىز لازىم. بىزنىڭ ئاشۇنداق شانلىق تارىخىمىز ۋە ئاشۇنداق ئىپتىخارلىق تۈنۈگۈنىمىزنى يارىتىشتا سەردار بولغان تاغ يۈرەك، خەلقپەرۋەر ئەجدادلىرىمىزنى ئۇنداق يادىمىزغا كەلگەندە، ناگان ـ ناگاندا، بۇلۇڭ ـ پۇچقاقتا ۋە ھاراق سورۇنىدا ئەمەس، بەلكى ھەمىشە، ۋاقتى ـ ۋاقتىدا، رەسمىي سورۇندا ۋە تەنتەنىلىك قىلىپ خاتىرىلىشىمىز لازىم. ئەپسۇسكى ئەزىز قېرىندىشىم، بىز ئۇنداق قىلمىدۇق، بىز ئۇنداق قىلالمىدۇق، بەلكى بارغانسېرى ئۇنداق قىلالماس بولۇپ كېتىۋاتىمىز. نېمىشقا؟ ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدە ئەبگالىق كېسىلى بارغانسېرى يامراپ كېتىۋاتقانلىقتىن، خۇسۇسەن بۈگۈننىلا بىلىش، كۆز ئالدىنىلا كۆرۈش، ئەپلەپ ـ سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈشنىلا ئويلاش، تۈنۈگۈننى بولسا، ئېسىگە ئېلىپمۇ قويماسلىقتىن ئىبارەت جاھاندارچىلىق، جانباقتىلىق ئىللىتىنىڭ كۈندىن ـ كۈنگە ئەدەب كېتىۋاتقانلىقىدىن.
    ھەممە ئادەم بىلىدۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھېچقانداق بىر قانۇنى ئۇيغۇرنىڭ مەھمۇد كاشغەرى، يۇسۇپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر نەۋائى، موللا مۇسا سايرامى، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان، سۇلتان ئابدۇرەشدخان قاتارلىق ئالىم ۋە باھادىرلارنى خاتىرىلىشىنى مۇتلەق چەكلىمەيدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھېچقانداق بىر نىزامىدا، ئەھمەد جان قاسىمى، رەھىمجان سابىر ھاجى، لوتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى قاتارلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ۋە دەۋر سەركەردىلىرىنى ئەسلەشنى، يادلاشنى ۋە خاس پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەشنى ھەرگىز مەنى قىلمايدۇ. بۇ ھەقتە ھېچقانداق بىر چەكلىمە ھۆججەت يوق. بىراق ئەلەملىك يېرى شۇكى، بۇنى پەقەت جاھاندارچى ئەبگا ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى خاتىرىلىمەيدۇ. ھەتتا  «خاتىرىلەيلى» دېگەن گەپنى ئېغىزىدىنمۇ چىقىرالمايدۇ. نېمىشقا؟ بۇ گەپنى چىقىرىپ قالسام، يولداشلار  «ھە، بۇنىڭ ئۇيغۇر غۇرۇرى بارىكەن» دەپ ماڭا چكىت قويۇپ قويىدۇ، مەنسەپ بەرمەيدۇ، ئەمىلىمنى ئۆستۈرمەيدۇ، دەپ ئويلايدۇ. باشقىلار «خاتىرىلەيلى» دېسە ۋە مىڭبىر مۇشەققەتتە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرسا، ئۇ بۈيۈك ئەجدادلارنى خاتىرىلىگۈچىگە ھەر جەھەتتىن بىر ئۆمۈر يەتكىدەك قىلىپ زەربە بېرىدۇ. ئۆزى بولسا، بۇنىڭ بەدىلىگە  «ئۇيغۇر غۇرۇرى يوق» دېگەن شەرمەندە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، بەخىرامان ياشاپ كېتىۋېرىدۇ.
    دەردىما! نېمە دېسەك بولار. ئەمەلىيەتتە خەنزۇ يولداشلارنىڭ لىن زېشۇي، لۇشۇننى خاتىرىلىگىسى ۋە ئۇلارنىڭ ھەيكىلىنى تۈرغۇزغۇسى كەلگىنىگە ئوخشاشلا، بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭمۇ سادىر پالۋاننى، لوتپۇللا مۇتەللىپنى خاتىرىلىگىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ھەيكىلىنى قاتۇرۇپ تۇرغۇزغۇمىز كېلىدۇ. چۈنكى بىزمۇ خۇددى  خەنزۈلارغا ئوخشاشلا غۇرۇرلۇق ئىنسان. ئەگەر بىزنىمۇ ئۆز ئەجدادلىرىمىزنى پۇخادىن چىققۇدەك خاتىرىلىگىلى قويسا، ئۆز زېمىنىمىزدە باشقىلار بىلەن باراۋەر ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش تۇيغۇمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، سوتسىيالىزم بىلەن شۇغۇللىنىش ئىرادىمىز تېخىمۇ زورىيىدۇ. ئەكسىچە ئەجدادلىرىمىزنى مۇۋاپىق پائالىيەتلەر بىلەن ياد ئەتكىلى، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنى مۇناسىپ ئىش ـ ھەرىكەتلەر بىلەن خاتىرىلىگىلى قويمىسا، تەبىئىيكى يۈرىكىمىز ئېغىر زەخمىلىنىدۇ، كۆڭلىمىز قاتتىق ئازار يەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن نارازىلىق، ئاداۋەت ۋە ئۆچلۈك تۇيغۇمىز ئۇلغىيىدۇ. ۋاھالەنكى ئەبگا ئۇيغۇرنىڭ بۇنىڭ بىلەن كارىمۇ يوق. ئۇ كادىر تاللاش ۋە مەنسەپ ئۆستۈرۈشتە، ھېلىقىدەك ئۇيغۇر يۈرىكى سۇغۇرىۋېتىلىپ، ئورنىغا باشقىلارنىڭ يۈرىكى سەپلەپ قويۇلغان، ئۆزى ئۇيغۇر تۇرۇپ،  «ئەمدى  ئۇيغۇر  دېگەن گەپنى قويۇپ، مىللىي  دېگەن سۆزنى ئومۇملاشتۇرۇشىمىز لازىم» دەيدىغان مۇناپىقلارنى ئەۋرىشكە قىلىدىغان لەنەتلىك ئادەتكە كۆنۈپ كەتكەچ، كالىندارنىڭ ۋارىقىنى يىرتىۋېتىپلا  «تۈنۈگۈن ئەمدى ئەھمىيەتسىز، چۈنكى ئۇ كەلمەسكە كەتتى» دەپ يۈرىۋېرىدۇ.
    بىراق ئى ئەزىز قېرىندىشىم! سەن، مەن ۋە ئۇ ــــ بىز ھەممىمىز بۈگۈنلا ئاسماندىن «توككىدە» چۈشۈپ قالغان ئەمەس، ياكى زېمىندىن بۈگۈنلا  «مىرتتىدە» ئۈنۈپ چىققانمۇ ئەمەس. بىز ھەممىمىز تۈنۈگۈندىن، ئۆتمۈشتىن، تارىختىن بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن مېڭىپ كەلگەن. تۈنۈگۈن بەجايىكى بىزنى تۈغقان ئانا. تۈنۈگۈن ئەمەلىيەتتە بىزنى چوڭ قىلغان ئاتا. ھالبۇكى تۈنۈگۈننى ئۇنتۇش خۈددى ئاتا ـ ئانىغا ۋاپاسىزلىق قىلغانغا ئوخشاشلا گۇناھلىق ئىش؛ ئۆتمۈشنى ئۇنتۇش گويا ئەبا ـ ئەجدادنى خارلىغاندەكلا نومۇسلۇق ئىش. ئەگەر بۇ زاكۇننىڭ مەنىسىگە چوڭقۇر چۆكسەڭ ۋە بۇ چۈشەنچىنىڭ چىنلىقىغا تەسلىم بولساڭ، بۇرۇلۇپ ئارقاڭغا قاراپ باق، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت بۈيۈك ئىشلارنى بىر ـ بىرلەپ ساناپ باق. ئالدى بىلەن ئەقىل كۆزۈڭگە كۆرىنىدىغىنى 1955 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى بۇ ــ پۈتكۈل يەر شارىدا، تاھازىرغىچە بىردىنبىر بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دۇنياغا كەلگەن كۈن. بۇ ئەمەلىيەتتە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن يېڭى بىر ئىرا باشلانغان كۈن. دەرۋەقە مەزكۇر 55 ـ يىل 1 ـ ئۆكتەبىر بۈگۈن ئۆتمۈشكە، تارىخقا ئايلىنىپ كەتتى. بىراق سەن ئاشۇ كۈننى ئېسىڭدە ھەمىشە مەھكەم ساقلىساڭ، ئاشۇ كۈننىڭ ئۆز زامانىسىدا سەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىڭ ئارقىلىق تولۇق ئاقلىساڭ، ئاندىن سەن ئۆزەڭ ياشاۋاتقان بۈگۈننىڭ نېقەدەر قەدىرلىك كۈن ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىسەن؛ ئاندىن بۈگۈنكى كۈننىڭ قىممەت مەنبەسىنى ھەقىقىي پەم ئېتىسەن ۋە ئويلايسەن: ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان شۇ چاغدىن تارتىپ ھازىرقى كۈنگىچە، سەن ئېرىشىشكە تېگىشلىك نېسىۋە ئاشۇ باشتا دېيىشكەندەك بارغانسېرى ئېشىۋاتامدۇ ياكى كېمىيىۋاتامدۇ؟ ئىدارىلاردىكى كادىرلار نىسبىتى، زاۋۇتلاردىكى ئىشچى ۋە تېخنىكلار قوشۇنى تۈزۈلمىسى، شەھەرلەردىكى نوپۇس سانى ۋە مەھەللە ـ كوي قۇرۇلمىسى..... قاتارلىقلاردا ساڭا تەئەللۇق ئۇلۇش يىلسېرى كۆپىيىۋاتامدۇ ياكى ئازىيىۋاتامدۇ؟ بىلگىنكى، بۇلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى بۈگۈنكى كۈنۈڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىشتا، بۈگۈنكى تۇرمۇشۇڭنى تېخىمۇ ئەۋزەل قىلىشتا ھەقىقەتەنمۇ ئەسقاتىدۇ؛ بۇنىڭ ڭايدىسى سېنى جاھاندارچىلىق ۋە جانباقتىلىق ھاياتىنىڭ مەنىسىز قاينىمىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىپ، ئاناڭ بەرگەن سۈتنىڭ ئەجرىنى ۋە ئانا يەر بەرگەن تۇزنىڭ ھەققىنى ئاقلايدىغان ۋاپادار ئەۋلادلار قاتارىغا قاتىدۇ!
    پەقەت تارىخنى ئۇنتۇمىغان ۋە تۈنۈگۈنكى كۈرەشلەرنى ئەستە چىڭ ساقلىغاندىلا، ئاندىن ھېلىقىدەك بۈگۈننىڭ قەدرىگە يەتمەي، ياخشى ـ ياماننى پەرق  ئەتمەي، بولۇر ـ كېتۇر كۈن ئۆتكۈزىدىغان، بىخۇدلۇق قىلىپ بۈگۈنگىمۇ، كەلگۈسىگىمۇ ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلىپ قويىدىغان ئىللەتنىڭ يىلتىزىغا پالتا چاپقىلى بولىدۇ. ئالايلۇق، «شىنجياڭ»، «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ۋە «ئاپتونوم رايون» دېگەن ئاتالغۇلارنى بىر ـ بىرىگە بەدەل قىلىپ ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، جۇڭگو تارىخىدىكى مەنچىڭ زوزۇڭتاڭ زامانىسىدا، ئەزەلدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ ياشاپ كەلگەن بۇ ئۇيغۇر زېمىنى «شىنجياڭ» (يېڭى چېگرا) دېگەن سىياسىي نام بىلەن ئاتىلىدىغان بولغان. پۈتكۈل گومىنداڭ دەۋرىدىمۇ مۇشۇ نام قوللىنىلغان. ئەمدى جۇڭگودا دېمۇكراتىك ئىنقىلاب غەلىبە قىلىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، «شىنجياڭ» ئاتلىق بۇ زېمىنغا كومپارتىيە مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى چۈشۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان، يەنى شۇندىن ئېتىبارەن بۇ زېمىنغا  «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ يېڭى ئات قويۇلغان. ئازراقلا سىياسىي ئېڭى بار ئادەم ئۈچۈن خۇددى ئاسماندا پارلاپ تۇرغان كۈندەكلا روشەن ئىش شۇكى، «شىنجياڭ» بىلەن «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ئوخشاش بولمىغان زامان ۋە ئوخشاش بولمىغان پارتىيىلەر باسقان ئېنىق دەۋر تامغىسى بار سىياسىي ئاتالغۇلار بولۇپ، ئۇلارنى ئۆز ئارا ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە ۋە ئۇلارنى بىر ـ بىرىگە بەدەل قىلىپ ئىشلىتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. چۈنكى «شىنجياڭ» دېگەن ئىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەرنى بوزەك قىلىدىغان ۋە ئانىي تاپىدىغان ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت قويغان نام. «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» بولسا، مىللەتلەر باراۋەرلىكىنى تەرغىپ قىلىپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ئادالەتپەرۋەر جۇڭگو كومپارتىيىسى قويغان نام. بۇلارنى قانداقمۇ ئارىلاشتۇرىۋەتكىلى بولسۇن ۋە بىرسىنى يەنە بىرسىنىڭ ئورنىغا بەدەل قىلىپ ئىشلەتكىلى بولسۇن؟  ھالبۇكى 1935 ـ يىلى تەسىس قىلىنىپ  «شىنجياڭ گېزىتى» ئاتالغان بۇ ئەكسىيەتچى شىنجياڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورگان گېزىتى، ئەگەر 1955 ـ يىل 10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى قۇرۇلغان «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نى ئېتىراپ قىلغان بولسا، شۈ كۈندىن ئېتىبارەن مەزكۇر گېزىتنىڭ باش بەت باش سىتون يۈزىنى  «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە پارتكومنىڭ ئورگان گېزىتى» دېگەن بەرھەق سۆز بىلەن بېزىگەندىن باشقا، گېزىت نامىنى جەزمەن  «ش ئۇ ئا ر گېزىتى» گە ئۆزگەرتىشى كېرەك ئىدى! ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان «شىنجياڭ ياشلىرى»، «شىنجياڭ سەنئىتى»، «شىنجياڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى» ۋە «شىنجياڭ ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» دېگەندەك گېزىت ـ ژۇرنال ناملىرى، شۇنداقلا «شىنجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»، «شىنجياڭ خەلق نەشرىياتى»، شىنجياڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» قاتارلىق ئىدارە ـ ئورگان ناملىرىنىڭ ھەممىسى خاتا. ئۇلار پەقەت  «ش ئۇ ئا ر ياشلىرى»، «ش ئۇ ئا ر خەلق قۇرۇلتىيى»،  «ش ئۇ ئا ر ئاياللىرى»،&nb


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.