ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-21

    ئۇيغۇرلاردا ئەبگالىقنىڭ داۋامى.......... - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39671294.html

    ۋەتەن ئۈچۈن ئىشلەپ خەلقى ـ ئالەم قايىل بولغىدەك نەتىجە يارىتىش ئىلىم ـ پەن ئىقتىدارىدىن كېلىدۇ. ئىلىم ـ پەن ئىقتىدارىنى بولسا، پەقەت مەكتەپ، خۇسۇسەن ئالىي پەن ـ تېخنىكا مەكتەپلىرىلا يېتىشتۈرەلەيدۇ. سەن بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىسەن، ئەگەر ئۆيۈڭدە بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىمۇ بولمىسا، بۇ چوڭ نومۇسلۇق ئىش. ھالبۇكى ئۆزەڭ ئاز يېسەڭمۇ، كەم كىيسەڭمۇ، جاپا تارتساڭمۇ، رىيازەت چەكسەڭمۇ پەرزەنتىڭنى مەكتەپكە بەر، بالاڭنى ئوقۇت.  «ماڭا باشقىلار ئادەم تەربىيلەپ بەرمىدى» دەپ ھېچكىمدىن ئاغرىنما.  «بالامنى ئوقۇتۇپ قويمىدى» دەپ ھېچكىمدىن زارلانما. بادام دوپپاڭغا تايانغىچە، شۇ بادام دوپپاڭنىڭ ئاستىدىكى ساغلام كاللاڭغا تايان. ئۆزەڭ ئامال قىل، ئامال قىلساڭ، ئىلىمنىڭ داغدام يولى ئالدىڭدا جەزمەن بولۇر ئايان. ئىلىم بولمىسا پەلەككە تاقاشقان ئىگىز بىنالارنى خوجايىنلىق ۋە مېمار ــ مۇھەندىسلىك سالاھىيەت بىلەن سالالمايسەن. بىلىم بولمىسا، مەدەنىي ئىنسان بولۇپ، مەدەنىي ھاياتتىن بەھرە ئالالمايسەن. ئەڭ مۇھىمى، ئىلىم بولمىسا، گەرچە ئۆزەڭنىڭ ۋەتىنىدە ياشاۋاتساڭمۇ، ۋەتەن لەززىتىنى ھەقىقىي تېتىيالمايسەن.
    ۋەتەننىڭ قەدىرىگە يېتىش ئەمگەك ئارقىلىق، كۈرەش ئارقىلىق ۋەتەنداشلىق سورۇنىدا ھەقلىق ئورۇننى تېپىشنى ئاداققىي مەقسەت قىلىدۇ. ۋەتەن بىر ئىنسان ئۈچۈن تەڭدىشى يوق، تۈگىمەس بايلىق. بىر ئىنسان ئۈچۈن ھەرقانداق نەرسە بولمىسا بولىدۇكى، ۋەتەن بولمىسا زادى بولمايدۇ. ۋەتەنسىز ئادەم بەجايىكى ئىگىسىز ئېشەككە ئوخشايدۇ. ئىگىسى يوق ئېشەكنى كىم كۆرسە، شۇ مىنىدۇ، خاھلىغىنىچە ئىشلىتىپ كۆتلىرىگە تېپىدۇ. ۋەتىنى يوق ئادەمنى باشقىلار ئېشەكتىنمۇ بەتتەر خارلايدۇ.  بىراق، ۋەتەن دېگەن ئۇنداق غايىبتىن مىراس قالغان، ھېلىقىدەك بانكىغا سېلىپ قويۇپ، پايدا ـ ئۆسىمىنى ئېلىپ خەجلەپ، ئاپتاپتا سۇنايلىنىپ يېتىپ كۈن ئۆتكۈزسىمۇ بولىدىغان ئۆلۈك بايلىق ئەمەس. بەلكى ئۇ پەقەت ئۆزلۈكسىز ھالدىكى ماددىي ئىشلەپچىقىرىش كۈرىشى ۋە ئىزچىل ھالدىكى مەنىۋى كۈرەشلەر بىلەن قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، كۈچلەندۈرۈپ تۇرۇشقا موھتاج جانلىق بايلىقتۇر. سەن بىر ۋەتىنى بار، دىيارى بار، خاس زېمىنى بار ئادەم ئىكەنسەن، ئۇ ھالدا ئۆزەڭنى ۋەتەن بىلەن بىر جان، بىر تەن قىلىپ، گەرچە سېنىڭ ھازىرلىق تۈرمۇشۇڭ ئۈچۈن ئانچە لازىملىق بولمىسىمۇ، بىراق ۋەتەنگە كېرەكلىك، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماددىي ئەمگەكلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشىڭ، ۋەتەننىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەنىۋى كۈرەشلەرگە تولۇق ئىشتىراك قىلىشىڭ لازىم. ۋەتەننىڭ تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئەمگەكلەرگە قاتناشمايدىغان ياكى ئاز قاتنىشىدىغان، يۇرت ـ دىيارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدىغان مەنىۋى كۈرەشلەردىن ئۆزىنى ھەمىشە قاچۇرىدىغان ئادەمنىڭ ۋەتەنداشلىق سورۇنىدىكى ئورنى ئاقىۋەت پەگاھقا چۈشۈپ قالىدۇ. چۈنكى ۋەتەن دېگەن ئەمەلىيەتتە، ۋەتەن ئۈچۈن جانپىدالىق بىلەن ئىشلەيدىغانلارنىڭ ۋەتىنى بولىدۇ. ۋەتەننىڭ قەدرىگە يېتىدىغان ئادەم ئاڭلىق ھالدا ۋەتەن ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدۇ. پەقەت ۋەتەن ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، جان پىدا قىلىپ ئىشلىگەن ئادەملا ۋەتەنداشلىق سورۇنىدا ھەقلىق ھالدىكى يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە بولالايدۇ.
    بىلگەن ئادەمگە بۈگۈنكى دۇنيانىڭ مەدەنىيەت سورۇنىدا مۇنداق بىر ئالاھىدىلىك ھۆكۈم سۈرمەكتە. ئۇ بولسىمۇ، تۈرلۈك مىللەتكە تەۋە ئىنسانلار ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتپەۋەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆز قەلبىگە مەھكەم پۈككەن ھالدا، ئىلمىي رىقابەت قىلىپ، ھەرقايسەيلەن ئۆزلىرىنىڭ كېيىنكى ئەسىردىكى مەۋجۇدلۇق ئورنىنى چەنلەشتىن ئىبارەت. ھالبۇكى سەن، مەن ۋە ئۇ ـــ بىز ئۇيغۇرلارمۇ پەقەت ئەمەلىي ئەمگىكىمىز ئارقىلىق، كۈرەش ئارقىلىق مۇبارەك دىيارىمىزنىڭ قەدرىگە يېتىدىغانلا بولساق، جاھاندىكى تۈرلۈك مىللەتلەر قاتارىدا بىزنىڭمۇ بېشىمىز ئىگىز، سۆزىمىز بىگىز بولىدۇ. كېيىنكى ئەسىرنىڭ مەدەنىي ھالاۋەت ۋە ماددىي دارامەت داستىخانىدا بولسا، ئىگىلىگەن ئورنىمىز ئۆزىمىزگە يەتكىدەك كەڭ، ئېرىشكەن نېسىۋىمىزمۇ ھېچبولمىغاندا باشقىلار بىلەن تەڭ بولىدۇ!
    ۋەتەننىڭ قەدرىگە يېتىش دېگەنلىك قەدىناس بۇلاقنىڭ سۈيىنى ئىچىپ، قەدىم جاينى بېسىپ بىر ئۆمۈر يېتىش دېگەنلىكمۇ ئەمەس. ئۇيغۇردا:  «مۇساپىر بولمىغىچە مۇسۇلمان بولماس» دېگەن ئۇدۇم ماقال بار. بۇ  «ئادەم ئۆز ۋەتىنىنىڭ قەدرىگە يېتىدىغان ھەقىقىي بىر ۋەتەنپەرۋەر ئىنسان بولۇش ئۈچۈن، يۇرت كېزىپ، جاھان كۆرۈپ سەپەر قىلىشى، مۇساپىر (سەپەر قىلغان ئادەم) بولۇشى شەرت» دېگەنلىك بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ۋەتەننى سۆيۈش تۇيغۇسى ۋە مىللەتكە كۆيۈش مۇددىئاسىنى چىقىش قىلىپ، ئىلغار ئەل ۋە ئالغا كەتكەن خەلقلەردىن ئۆگىنىش ئۈچۈن، باشقا يۇرت، چەتئەللەرگە سەپەر قىلىش، ھەتتا شۇ يەرلەرگە ماكانلىشىپ ئىككىنچى يۇرت ئېچىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى باشقا يۇرت، چەتئەللەردە تۇرۇپمۇ ئۆزىنىڭ ۋەتىنى ۋە ئۆزىنىڭ مىللىتى ئۈچۈن ناھايىتى ئوبدان خىزمەتلەرنى قىلغىلى، بەلكى ئالاھىدە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا ئامېرىكىغا كۆچۈپ بېرىپ ماكانلاشقان خەنزۇلار ئىچىدىكى بايلارنىڭ، ئالىملارنىڭ ۋە سىياسىئونلارنىڭ تارىختىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات ئىشلىرىغا تۈشمۇ تۈشتىن تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقى پاكىت بولالايدۇ. بىراق ئۆز دىيارىدىكى قىسمەن ناچار مۇھىت ۋە ئۆز يۇرتىدىكى مەلۇم قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن، ۋەتەننى تەرك قىلىپ، ياقا يۇرت، چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىش، كەتكەندىمۇ شۇ كەتكەنچە خۇددى دېڭىزغا تاشلىۋەتكەن تاشتەك ئىز ـ دېرەكسىز يوقىلىپ كېتىش، ئۆزىنى تۇغقان، ئەجدادىنى باققان ۋەتىنىنى ھېچقانداق بىر ئەمەلىي پائالىيىتى بىلەن ياد ئەتمەي، چەتئەلدە بىر ئۆمۈر كاندىدات گراژدان بولۇپ ئۆتۈش ـــ بۇ كەم دېگەندىمۇ ئۆز يۇرت، ئۆز ۋەتىنىگە يۈز كېلەلمىگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە. يەنە دېسەك، چەتئەللەردىكى ھەرقانداق مۇھاجىرنىڭ تۇرمۇشى، كۈنى شۇ ئادەمنىڭ مۇئەييەن كونكرېت ئىشتىكى شەخسى ئىقتىدارىنىڭ ئۈستۈن ياكى تۆۋەن بولۇشىغا باغلىق بولغاندىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى شۇ كىشىنىڭ ئەسلى ۋەتىنىنىڭ كۈچى، ئانا يۇرتىنىڭ يۈزى ۋە ئۆز دىيار خەلقىنىڭ خەلقئارادا تۇتقان ئورنىغا بېقىپ بولىدۇ. ئەگەر ۋەتىنىڭ كۈچلۈك، خەلقىڭ يۈزلۈك، دىيارىڭ خەلقئارادىمۇ ھۆرمەت ـ ئېتىبارلىق بولسا، ئۇ ھالدا مۇھاجىر بولساڭمۇ چەت ئەل، ياقا يۇرتلاردا قەددىڭنى رۇس قىلىپ،  «گۈس، گۈس» دەسسەڭ يۈرەلەيسەن. ئەكسىچە بولسا، ھېچگەپتىن ھېچگەپ يوق خارلىنىسەن، بىھۇدە بوزەك ئېتىلىپ ئارلىنىسەن. بۇنىڭغا شۇ كۈنلەردە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىز بىلەن ھەم دىنداش ھەم تىلداش ئاتىلىدىغان بەزىلەرنىڭ زېرىكىپ قالسا،  «ئاخۇن ئاكىلارنى ئۇرۇپ كېلەيلى» دەپ، سودىگەر ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ ـ مۇشتلاپ يۈرگەنلىرى شاھىد بولالايدۇ! يەكۈن شۇكى، ئۆز زېمىنىڭنى ئەزىزلە، ئۆز ۋەتىنىڭنى قەدىرلە. چۈنكى سېنىڭ ئىززىتىڭ ئۆز ۋەتىنىڭ بىلەن تومۇرداش ؛ سېنىڭ قەدىر ــ قىممىتىڭ ئۆز دىيارىڭ بىلەن ئۆمۈرداشتۇر!
    ئەبگا ئۇيغۇرنىڭ ۋۇجۇدىدا ۋەتەننى قەدىرلىمەسلىك ئىللىتى بىلەن قوشكېزەك مەۋجۇد بولۇپ كېلىۋاتقان نەرسە، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئۆزى بىلەلمەسلىك نۇقسانىدۇر.
    مەلۇمكى، ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇ ئۆزى ياشاۋاتقان زېمىنىدا ئالاھىدە ئىمتىيازى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭ نامى بىلەن مەزكۇر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان. بۇ ـــ قانۇنىي ئاساسى بار پاكىت. ئۇيغۇر بۇ زېمىنغا مىھمان ئاھالە ئەمەس، بەلكى يەرلىك ئاھالە؛ ئۇيغۇر بۇ زېمىندا ئاز سانلىق مىللەت ئەمەس، بەلكى كۆپ سانلىق مىللەت، تۈۋرۈك مىللەت، خوجايىن مىللەتتۇر. پەقەت شۇنىڭ ئۈچۈنلا بۇ زېمىندا رەئىس ئۇيغۇردىن چىقىدۇ، ۋالىي ئۇيغۇردىن بولىدۇ، ھاكىم ئۇيغۇردىن سايلىنىدۇ. بۇمۇ ھېچكىم كۆز يۇمالمايدىغان رېئاللىق.
    دۇنيادا ھېچبىر ئىنسان «ياق، ئۇنداق ئەمەس» دېيەلمەيدىغان ئەمەلىيەت شۇكى، ئۇيغۇر قىممەتلىك، ئۇيغۇرنىڭ زېمىنى قىممەتلىك. شۇڭا جاھاندا نى ـ نى ئالىملار ئەجدادنى ئەۋلادقا ئۇلاپ ئۇيغۇرنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ؛ ئۇيغۇر ئەقىللىق. مەھمۇد كاشىغەرى، يۇسۇپ خاس ھاجىپ، موللا مۇسا سايرامىلاردىن كېيىن، ئۇيغۇردا ئالىم تۈگەپ قالغىنى يوق، خالمۇرات غوپۇردەك نەۋقىران ئالىملار ئونلاپ چىقىپ، يۈزلەپ يېتىشىپ، ئىلىم ـ پەن مەيدانىدا بۈيۈك نەتىجىلەر قازىنىپ كېلىۋاتىدۇ؛ ئۇيغۇر مەدەنىيەتلىك. ئۇيغۇرنىڭ ئون ئىككى مۇقامى دۇنيادا تەڭدىشى يوق مەدەنىي مىراس بولۇپ، قىتئەلەر ئارا ياڭراۋاتىدۇ. دېمەككى، ئۇيغۇرنىڭ ھېچبىر مىللەتتىن قالغۇچىلىكى يوق!
    ئىنسان ئۈچۈن ئۆزىنى چاغلىماي لاپ ئۇرۇش قانچىلىك ئەيىب ۋە قانچىلىك نۇقسان ئىش بولسا، ئۆزىنى خالىس تونۇپ، ئۆزىنى تولۇق چۈشىنىش، لىللاھ باھا بىلەن ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشمۇ شۇنچىلىك ياخشى ۋە شۇنچىلىك ئوبدان ئىش. چۈنكى ھاياتلىقتىكى ھەرقانداق نەتىجە ۋە غەلىبە يېتىك ئىشەنچنى ئۆزىگە مۇستەھكەم ئۇل قىلىدۇ؛ ھەرقانداق زەپەر ۋە نۈسرەت كامىل ئىماننى ئۆزىگە مەزمۇت يول قىلىدۇ!
    شۇ تاپتا ئىدراك بىلەن زەڭ سالساڭ، رېئاللىقتىن نىدا شۇنداق: سەن ئۇيغۇر ئۆزەڭنىڭ قىممىتىنى ئۆزەڭ تولۇق بىلىشىڭ كېرەك. ئۆزەڭنىڭ يۈكسەك باھالىق قىممىتىڭگە ئۆزەپ جەزمەن ئىشىنىشىڭ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزەڭنى ھامان باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇشقىلا  لايىق چاغلايدىغان، ئۆزەڭنى ھەمىشە باشقىلار بۇرنۇڭدىن يېتىلەپ يۈرۈشكە مۇناسىپ ھېسابلايدىغان مەھكۇم مىجەزلىكىڭنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلىشىپ لازىم. بىلمەك كېرەككى، ئىنسان ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلگەندىلا، ئاندىن ئۇنىڭدا جاسارەت بولىدۇ؛ ئادەم جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ ياشىغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا ھەقىقىي مەززە ۋە چىن ھالاۋەت بولىدۇ!
    ئىگىز بۇرنۇڭنىڭ ئۇچىنىلا كۆرمەي، يىراققا نەزەر تاشلاپ تۇرۇپ ئويلان، ئەبگا!

    6 ـ مەرىپەتسىزلىك ۋە پەزىلەتسىزلىك


    سائادەت يولى بىلىم بىلەن ئېچىلىدۇ،
    بىلىم ئال، سائادەت يولىنى تاپ!
    ــ ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكى.

    بۈگۈنكى دۇنيادا، ھەر جەھەتتە ئالدىن مېڭىۋاتقان ئىلغار مىللەتلەر مەرىپەت بىلەن پەزىلەتنى ئۆز مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يۈكسەكلىك ئاسمىنىدا مەڭگۈ مۇۋەپپەقىيەتلىك پەرۋاز قىلدۇرىدىغان تەڭداشسىز ئىككى قانات دەپ بىلمەكتە. چۈنكى، مەرىپەت ھازىرقى زامان سائادەت خەزىنىسى دەرۋازىسىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى بولسا، پەزىلەت بۈگۈنكى دەۋر مەدەنىيەت يولىنىڭ يورۇتقۇچىسى ۋە نۇر چاچقۇچىسى بولماقتا.
    بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان مەرىپەت (ياكى مەرىپەتلىك بولۇش) ئاددىي ھالدىكى مائارىپ كۆرۈش ۋە مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇپ شاھادەتنامە ئېلىشنىلا كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى ئۇ تېگى ــ تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىنسانغا مائارىپ ئارقىلىق، مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش ئارقىلىق، شۇنداقلا رېئال ھايات پائالىيىتى ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۆزلەشكەن مەدەنىي يېتىكلىكنى كۆرسىتىدۇ. ئەمدى، پەزىلەتكە كەلسەك، ئۇ ئىنسانغا ئۆزلەشكەن مەرىپەتتىن تۆرىلىدىغان، مەرىپەت ئارقىلىق ۋايىغا يېتىدىغان يۈكسەك ئىنسانىي ئەخلاق ئۆلچىكى، شۇنداقلا مەرىپەت كۆزلىگەن غايىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرىدىغان، مەرىپەت ئىگىسىنى ئۇتۇق ــ نۈسرەتكە يېتەكلەيدىغان كاپالەت مىزانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
    مۇناسىۋەت نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەرىپەت پەزىلەتنىڭ ئاساسى. پەزىلەت بولسا، مەرىپەتنىڭ ساپا تارازىسى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈم قازاندۇرغۇچىسىدۇر. بىر مەدەنىي ئىنساندا مەرىپەت بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. بەلكى يەنە ئاشۇ مەرىپەتكە مۇناسىپ بولغان پەزىلەتمۇ بولۇشى شەرت. پەزىلەت پەقەت مەرىپەتلىك ئىنساندىلا بولىدۇ. مەرىپەتسىز ئادەمدە بولسا، پەزىلەت بولمايدۇ. بەلكى  ئۇنىڭدا پەقەت ئادەتلا بولىدۇ. ۋاھالەنكى ئادەت چاھارپاي ھايۋاندىمۇ بولىدىغان تۇغما خۇسۇسىيەتتۇر. پەزىلەت بولسا، مەرىپەتتىن تۇغۇلىدىغان مەدەنىي ئىنسانلىق شەرەپ بەلگىسىدۇر.
    ئىستېمال قىممىتى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەرىپەت كۆمۈكلۈك خەزىنىگە ئەمەس، بەلكى ئىجتىھات سۈيى بىلەن كۆكلەپ تۇرىدىغان دەرەخكە ئوخشايدۇ. ھالبۇكى مەرىپەتنى ئۆز مەۋسۇمىدا بىخلاندۇرۇپ ۋە ئۇنى بەرق ئۇرغۇزۇپ كۆكلىتىپ تۇرىدىغان نەرسە دەل پەزىلەتتۇر. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پەقەت پەزىلەتلىك ئىنسانلا ئۆز ئېڭىدىكى مەرىپەتنى ئەمەلىيەت مەيدانىدا راۋرۇس گەۋدىلەندۈرەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۆز مىللىتىگە، ئۆز خەلقىگە، ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە چەندىكىدەك بەھرە يەتكۈزەلەيدۇ. ئى ئەزىز قېرىندىشىم، ھازىرقى زامان ئىلغار مىللەتلىرىنىڭ بەس ـ بەستە مائارىپ ئىنقىلابى قوزغاپ، مۇناسىپ ھالدىكى پەزىلەتكە ئىگە مەرىپەتلىك ئالىملاردىن تەشكىل تاپقان كەڭ كۆلەملىك ۋە مۇنتىزىم زىيالىلار قوشۇنىنى شەكىللەندۈرۈشكە شۇنچە ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل مۇشۇ يەردە!
    لىللاھ مەيداندا تۇرۇپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىگە ئۆز پەيتىدە يۇزلىنىشكە جۈرئەت قىلالمىغان مىللەت ياكى مائارىپ ئىنقىلابى قوزغاپ ئۆز ئېلىدە مەرىپەت ئېكىنزارلىقىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ باقمىغان مىللەتمۇ ئەمەس. مۇشۇ 20 ـ ئەسىرنىڭ 30 ـ ۋە 40 ـ يىللىرىدىكى «مەدەنىي ئاقارتىش ھەرىكىتى» ئەمەلىيەتتىكى مائارىپ ئىنقىلابى بولۇپ، شۇ مەزگىلدە، ئابدۇقادىر داموللا، مۇھەممەد ئەلى تەۋفىق، مەسئۇد سەبرى، مەھمۇد مۇھىتىدەك ئۆزى مەكتەپ ئېچىپ، ئۆزى بالا يىغىپ، ئۆزى دەرس سۆزلەيدىغان مائارىپ گېنېراللىرى مەيدانغا چىققان. مۇھەممەد ئەلى تەۋفىق ئەپەندى باش بولۇپ ئوقۇغان مائارىپ مارشى ـــ  «ئىزچىلار ناخشىسى»نىڭ ساداسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پۈتكۈل يېزا ـ قىشلاقلىرىنى قاپلىغان. گەرچە شۇ چاغلاردا، ئابدۇخالىق ئابدۇرەھمان ئۇيغۇرى، لوتپۇللا مۇتەللىپ قاينام ئۆركىشى قاتارلىق مەرىپەت جەڭچىلىرى ئوتتۇرىغا چىققان، پۈتكۈل ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ تەشۋىق قىلغان، ھەممە ئامال چارىلەر بىلەن، ھەتتا ئەزىز جېنى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن پىداكارلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق پەزىلەت يوقىلىپ ئادەتلا قالغان زىيالىيلار ئاممىسى ئويغانمىغانلىقتىن، ئاخىرىدا ئەسەبىي جاھالەت كۈچلىرى تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىۋېتىلگەن.
    جۇڭگودا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، خۇسۇسەن شىنجاڭدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلاردا زامانىۋى پەننىي مەكتەپتە ئوقۇغانلار كۆپەيدى. ھازىرقى زامان ئىلىم ـ پېنى بويىچە بىلىم ئېلىپ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ سانى 30 ـ ۋە 40 ـ يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا، كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئاشتى. بۇ ــ ئەمەلىيەت. بىراق سان ـ سىپىرنىلا كۆرۈپ ھاياجانلىنىپ كەتمەي، سۈپەت ــ ساپا ئۆلچىكىنى تارازا قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى ئومۇمىيەت جەھەتتىنمۇ، خاسلىق تەرەپتىنمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن تارازىلاپ كۆرىدىغان بولساق، مائارىپ كۆرۈپ، شۇ مائارىپنى ئۆزلەشتۈرگەن، ئىلىم قۇرۇلمىسى مەھكەم، ئەخلاق تۈزۈلمىسى مۇستەھكەم بولغان زىيالىيلارنىڭ بىز بىلەن زامانداش ياشاۋاتقان ئىلغار مىللەتلەرنىڭ شۇ ئۆلچەكتىكى زىيالىيلىرىغا قارىغاندا، ئاسمان ـ زېمىن پەرقلىق دەرىجىدە تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىنى، ئەدناسى ئۇيغۇردا تېخى مۇناسىپ پەزىلەتكە ئىگە ھەقىقىي مەرىپەتلىك ئالىملاردىن تەشكىل تاپقان زىيالىيلار قوشۇنىنىڭ زامانغا لايىق كۆلەمدە شەكىللەنمىگەنلىكىنى ئەلەم بىلەن ھېس قىلىمىز.
    دەرۋەقە بىر قەۋمدە مۇئەييەن بىر خىل ئىلىم بويىچە بىلىملىك بولغان ئالىملارنىڭ جىق ياكى ئاز بولۇشى ھېچقانچە گەپ ئەمەس. بىراق بىر مىللەتتە، ئىلىم ئالدىدا ھەممە ئادەمنى باب ـ باراۋەر كۆرىدىغان، ئوتتۇراق ئىستەك، ئوتتۇراق غايە نوقتىسىدا تۇرۇپ بىر ـ بىرىنى ئېتىراپ قىلىشىدىغان مەرىپەتلىك ۋە پەزىلەتلىك ئالىملار قوشۇنىنىڭ بولۇش ـ بولماسلىقى بولسا، شۇ مىللەت زىيالىيلىرىنىڭ ساپاسىغا تالىق بولغان بىر مۇھىم ئىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شۇ مىللەتنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە زور ئىش، ئەلۋەتتە. ھېكايە، جۇڭگودا نۆۋەتتىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىلىم ـ پەن بويىچە مەزمۇت قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، دۇنيانى ھەيران ـ ھەسلەكتە قالدۇرىۋاتقان  «863 پىلانى» دەيدىغان بىر پىلان بار. بۇ پىلان ئەسلىدە، جۇڭگودىكى نەچچە ئون ئاتاقلىق ئالىمنىڭ بىرلىشىپ دېڭ شىياۋپىڭغا خەت يېزىشى ۋە دېڭ شىياۋپىڭنىڭ 1986 ـ يىلى 3 ـ ئايدا  «بۇ پىلان تەخىرسىز ئىجرا قىلىنسۇن» دەپ تەستىق سېلىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن. بۇ يەردىكى ئالتۇنغا تېگىشكىلى بولمايدىغان بىباھالىق شۇكى، نەچچە ئون ئالىم بىر مۇددىئا، بىر غەرەز ۋە بىر ئارمان ئاساسىدا، بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر يۇمىلاق شىرەنى چۆرىدەپ ئولتۇرالىغان؛ بىر بۈيۈك ئىستەك ئۈچۈن بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، كۆڭلىدىكى ئوخشاش ئارزۇ ھەققىدە كەڭ ـ كۇشادە سۆزلىشەلىگەن؛ بىر ئۇلۇق مەقسەت ئاساسىدا بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، ئوتتۇراق پىكىرلىرىنى بىر قەغەز ئۈستىگە بىرلىكتە يازالىغان. مانا بۇ  ــ مەرىپەتنىڭ گۆھەر مىسال سەمەرىسى! مانا بۇ  ــ پەزىلەتنىڭ ئالماس تىمسال نەتىجىسى!
    ئەبگا ئۇيغۇردىكى ئەھۋال گويا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. ئالدى بىلەن مەيلى خاس ئىلىم بويىچە بولسۇن ۋە مەيلى ئومۇمىي بىلىملەر بويىچە بولسۇن، زاغرا تىل بىلەن ئېيتقاندا، قورسىقىدا ھەقىقىي ئۇمىچى بار، تۈزۈكرەك بىر نېمە بىلىدىغان ئالىملار سان ـ سالماق جەھەتتىن بەكلا ئاز. ئالىم ئاز بولغىنىغا باقماي، بارلىرى بىر ــ بىرىدىن داغۋاز. ھەر قانداق بىر ئالىمنىڭ ئالدىغا بارساڭ، گېپىنى خۇلاسىلاپ كېلىپ،  «باشقىلارنىڭ ھەممىسى سامان قورساق، مەنلا يالغۇز بىلىمەن» دېگەن پىكىرنى ئىما بىلەن ساڭا بىلدۈرىدۇ. قانداقلىكى بىر ئۆلىمانىڭ ھۇزۇرىدا بولساڭ، گەپ ئايلاندۇرۇپ كېلىپ، «باشقىلارنىڭ ھەممىسى باتىلغا شىرىك، ئاللاھ تەلىماتىنى مەنلا پىششىق بىلىمەن» دېگەن يەكۈنگە سېنى ئىزاھات بىلەن كۆندۈرىدۇ. بويداش ئالىملار خۇددى يەككە دېھقانغا ئوخشاش ھەر قايسىسى ئۆز ئېتىزلىرىدا يېگانە ئىشلىگىنى ئىشلىگەن، ئىلىم يولىدا بىر ــ بىرىنى قوللاشمايدۇ. قوللاشمايدۇلا ئەمەس، ئاي ئۆتۈپ، يىل ئۆتۈپ بىر ئىلىم سورۇنىدا ئولتۇرۇپ ئوبدانراق گەپلەشمەيدۇ. ياش ئالىملار پىشقەدەم ئالىملاردىن سايىۋەن تاللايدۇ. پىشقەدەم ئالىملار بولسا، ياش ئالىملار ئىچىدىن يانتاياق خىللايدۇ. ئۇ يەردە ئىككى توك ــ توك، بۇ يەردە تۆت سوك ــ سوك مەزھەپ بولىشىۋالغان. بىرلىرىنىڭ ئىش ــ ئەمگىكىنى ئىككىنچى بىرلىرى قەستەن ۋە قەتئىي ياراتمايدۇ. تەتقىقات دېسە، كونا كىتابلارنى ئېزىپ ئىچىش دەپ بىلىدۇ. ھەممەيلەن  «كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى» نى سۆزلەشكە ئامراق. ئۆتمۇش، ئۆتۈپ كەتكەن رەھمەتلىكلەر ھەققىدە، ئەجدادلارنىڭ بۈيۈكلۈكى توغرىسىدا سۆز بولسا، گەپ تالىشىپ ھاياجاندىن يىغلىۋەتكىلى تاس قالىدۇ. رېئاللىق ھەققىدە، ئەۋلادلارنىڭ بۈگۈنى ۋە ئىستىقبالى، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا سۆز ئېچىلغاندا بولسا، ئېھتىياتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، تىكىۋەتكىلى تاس قالىدۇ. بەش ـ ئون ئالىم بىر يەردە ئولتۇرۇپ، قانلىق كۈرەشلەر بەدىلىگە كەلگەن مۇبارەك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ھەققىدە ئۆز ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇپ، كوللىكتىپ پىكىر لايىھەسى تۈزۈپ، ئۇنى يۇقىرىدىكى ئىش باشقۇرغۇچى ۋەلىيلەرگە يەتكۈزۈش دېگەنلەر بولسا، ئۇخلىسا چۈشىگىمۇ كىرمەيدۇ.
    ئاندىن زالىم ئالىملار كۆپ. خاتالىقنى، تەتۈرلۈكنى ئۇنىڭ خاتالىق ۋە تەتۈرلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلىدىغان ئۇقۇمۇشلۇق ئادەملەرنى «زالىم ئالىم» دەيمىز. مەھەللىۋازلىق، يۇرتۋازلىق ۋە تەپرىقىچىلىق بىزدەك ساندا ئاز، قېرىنداشلىق ئورۇندا ياشاۋاتقان مىللەت ئۈچۈن ئېيتقاندا بەجايىكى مەرەزنىڭ ئۆزى. بۇنى ئالدى بىلەن ئوقۇغانلار، مائارىپ كۆرگەنلەر، ئالىملار ئەڭ بىلىدۇ. بىراق ئالىملار ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، مەھەللىۋازلىقنى باشلاپ قىلىدۇ: ئوقۇش پۈتتۈرگەن بىر ستۇدېنت خىزمەت ئىزدەپ كەلسە، ئالدى بىلەن  «سىز قەيەرلىك؟» دەپ سورايدۇ. يۇرتداش بولسا، تىكىلىپ قارايدۇ؛ يۇرتداش بولمىسا، دەرھال بېشىنى بۇرايدۇ. مەنمەنلىك، يېگانىلىقنى قوغلىشىش مەرىپەت بىلەن ئۇيۇشقان مەدەنىي بىر گەۋدە ھاسىل قىلىشنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنى. بۇنى ئالىملار بەك بىلىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ھەمىشە «يېگانىلىق بىر ئاللاھقا خاستۇر» دەپ باشقىلارغا تەنبىھ بېرىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە قىلىۋاتقان ئىشى «مەنلا ئالىم بولسام باشقىلار ماڭا ئەبەدىي تالىپ بولسا» دېگەننى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. ھېكايە، بىر پىشقەدەم ئالىم بىمار بولۇپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتۇ. مەزكۇر ئالىمغا بۇرۇندىنلا چوقۇنىدىغان ۋە ئۇنى ئۇلۇغلايدىغان بىر ياش زىيالىي ئېھتىرام بىلەن ئالىمنى دوختۇرخانىغا يوقلاپ كەپتۇ. ئەۇسۇسكى، بۇ يوقلاپ كەلگۈچىنىڭ  «ئەسسالام!» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىغان كېسەل ئالىم دەرھال يۈزىنى تام تەرەپكە ئۆرۈپ يېتىۋاپتۇ. يوقلاپ كەلگۈچى قانچە ئىززەت ۋە قانچە ئىكرام كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئالىم بىر نەزەرمۇ ئىلتىپات قىلماپتۇ. ئاخىرىدا كېسەل ئالىمنى بېقىۋاتقان ھەمراھ كىشى ئۆزرە بىلەن، يوقلاپ كەلگۈچىنى كېسەلخانىدىن چىقىپ كېتىشكە تەۋسىيە قىپتۇ ۋە ئۇنى ئىشىكنىڭ سىرتىغا ئۇزىتىپ چىقىپ:  «سىز يازغان ھېلىقى پالانى ئادەممۇ ئۇيغۇردىن چىققان بۈيۈك ئالىم، دېگەن ماقالىڭىزنى ئالىم تۈنۈگۈن كۆردى» دەپتۇ. ئاللاھۇ ئەكبەر! مەسىلە ئايدىڭ بولدىكى، مەزكۇر مۆتىۋەر ئالىم يەنە بىر ئادەمنى ئۆزى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ ماختاشقا ئۆلسىمۇ رازى بولمايدىكەن. ۋاھالەنكى، بۇ جاھان ئىشلىرىنىڭ بىرلا ئەمەس، بەلكى بىر تۈركۈم داھىيلارنىڭ شەخسىيەتسىز ھەمكارلىقى بولغاندىلا ۋە بىرلا ئەمەس، بەلكى توپ ــ توپ ئالىملارنىڭ  «مەن» دېگەن ئۇقۇمنى ئۇنۇتقان ھالدا، بىر گەۋدىگە  «بىز» بولۇپ ئۇيۇشۇپ، ئوتتۇراق كۈرەش قىلىشى بولغاندىلا، ئاندىن ئۇتۇقلۇق يۈرۈشىدىغانلىقىنى بىزنىڭ ئالىملىرىمىز بىلمىسە ئىدى، كاشكى!
    يەنە دېسەك، پالەچ ئالىملار تولا. ئېغىزىدا شەھەر ئالىدىغان،  «ئۇنداق قىلىش كېرەك، مۇنداق قىلىش لازىم» دەپ ئېغىزىدا قۇرۇق داۋراڭلا سالىدىغان، ئەمەلىيەتتە ئۆزى پائالىيەت قىلمايدىغان، ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق مىسال كەلتۇرەلمەيدىغان ئالىمنى  «پالەچ ئالىم» دەيمىز. پالەچ ئالىملار ئەڭ ھەسەتخور ۋە چايان مىجەز كېلىدۇ. كىم ئەمەلىيەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ئىلىم ساھەسىدە يېڭىلا باش كۆرسەتسە، ئۇلار مەزكۇرنى تونۇمىسىمۇ، قالايمىقان سۆزلەپ، زىيىنىغا باھالاپ، دەرھال تۇنجۇقتۇرىۋېتىشكە ۋە ئۇنى يوققا چىقىرىۋېتىشكە ئورۇنىدۇ. ئۇلار بىر نەرسە بىلمەيدۇمۇ ئەمەس، ئانچە ــ مۇنچە بىلىدۇ. ئۇلار ئاز ــ تولا بىر نېمە بىلگەنلىكى ئۈچۈنلا، سورۇن تاپسىلا كاسىلداپ، تۆت ئادەمنى ئېغىزىغا قارىتالايدۇ. بىراق، يېرىم چىلەك سۇ بەكرەك شالاخشىغاندەك، ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىكى گېپى ھەممىدىن چوڭ، چەكلىك بىلىمى بىلەن چەكسىز لاپ ئاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئۆچ كۆرۈدىغىنى ئېغىزىدا دېگىنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتەلەيدىغان ئەمەلىيەتچى ئالىملار. ئۇلار پەزىلەتسىزلىكتە زالىم ئالىملار بىلەن دوست تارتىشىپ، پىتنە ــ پاسات ئارقىلىق، ئەمەلىيەتچى، پائالىيەتچى ئالىملارنىڭ ئالدىنى ئويۇپ، كەينىنى كولاپ تۇرغاچ، ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسىدە تا شۇ كۈنگىچە ئەجدادلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرغىدەك، ئەۋلادلارنىڭ قەلبىنى ئىنتىلدۈرگىدەك سەر خىل ئالىملار قوشۇنى شەكىللىنەلمەيۋاتىدۇ.
    ئىلىم ئەھلى ئىچىدىكى بۇ خىل ئەمەلىيەتتىكى مەرىپەتسىزلىك ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى پەزىلەتسىزلىك ئىللىتىنى تۈگەتمەي تۇرۇپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زامانغا ماس قەدەمدىكى مەدەنىيەت ساپاسى ھەققىدە ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ۋىجدانغا ئۈندەش يولى بىلەن ئالىملىرىمىز ئىچىدىكى جىددى نۇقسانلارنى ئىمكان بار تېز پۇرسەتتە تۈزىتىش لازىم.
    ئىجىل ــ ئىناق بولۇپ، ئۆمۈر بويى ئۆز ئارا ھەمدەم بولۇشۇپ، بىر دىل، بىر نىيەت بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىش ھەر قانداق بىر ئالىم ئۈچۈن باش پەزىلەت. ئىناقسىزلىق ئۇيغۇرنىڭ ئەسلى خاراكتېرى ئەمەس، ئۇ پەقەت ئەبگالىقنىڭ مەھسۇلى. ئەسلىدە ئۇيۇشقاق ئۇيغۇر ئەجدادتىن تۆرەلگەن تۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇرۇشقاق ئويغۇر (  oyqur) ئەۋلاد بولۇپ ياشاش نومۇس. بۇ زاكوننىڭ ھەقىقىتىگە چوڭقۇر چۆككەن ۋە ئۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن ئالىملار بىزدە يوق ئەمەس. ئالايلۇق، تېيىپجان ئېلىيوپ بىلەن ئابدۇكېرىم خوجايوپنى. ھېكايە، ئەقىدىلىك خەلق شائىرى، پەزىلەتلىك جامائەت ئەربابى مەرھۇم تېيىپجان ئېلىيوپ قەدىمىي ئۇيغۇر شەھىرى ئىلىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر ئىدى. ئەل سۆيەر شائىر، تالانتلىق تەرجىمىشۇناس ئالىم مەرھۇم ئابدۇكېرىم خوجايوپ بولسا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى بولغان قۇمۇللۇق ئۇيغۇر ئىدى. تېيىپجان ئېلىيوپ كىچىكىدىن تارتىپلا ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇپ ئوڭ بولغان، باشتىن ـ ئاياغ ئۇيغۇر مۇھىتىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان زات ئىدى. ئابدۇكېرىم خوجايوپ بولسا، لەنجۇ شەھىرىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان، كىچىكىدىن خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇپ، دەسلەپكى شېئىر ـ قوشاقلىرىنى خەنزۇچە توقۇپ چوڭ بولغان كىشى ئىدى. تىللاردا داستان بولۇپ كېلىۋاتىدۇكى، ئۇلار پەقەت مەرىپەتلىك ۋە پەزىلەتلىك زاتلار بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئوتتۇراق ئىستەك بىلەن ئۇيغۇر تىل ـ ئەدەبىياتى ۋە تەرجىمىشۇناسلىقى ساھەسىدە، ئۆمۈر بويى ئەقىدىداش سەپداش، ھەمنەپەس يولداش ۋە ئارزۇلۇق قولداش بولۇپ ئۆتكەن. ئۆز زامانىدا تېيىپجان ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقلىق ئابدۇكېرىم خوجايوپقا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتنىڭ سېھرى كۈچىنى تونۇتقان ۋە ئۇنى دوستانە يېتەكلەپ ئۆز ئانا تىلى بىلەن شېئىر يېزىشقا ئۆگەتكەن بولسا، ئابدۇكېرىم خوجايوپ تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ شېئىرلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇنى «خەلق گېزىتى» قاتارلىق جۇڭگونىڭ ئاتاقلىق گېزىتلىرىدە ئېلان قىلدۇرۇپ، تېيىپجاننى جۇڭگوغا، ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا تونۇتقان. شۇنداق قىلىپ، تېيىپجان تونۇلدى. ئابدۇكېرىم ئۇنتۇلدىمۇ؟ ياق! ئۇنىڭ مۇنداق ئەقىدىۋازلىقى ۋە مۇنداق ئالىيجاناپلىقى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىنى ئىشغال قىلدى. شۇندىن بۇيانەت ئۇيغۇر خەلقى تېيىپجان ئېلىيوپنى ئابدۇكېرىم خوجايوپ دېگەن مۇبارەك نام بىلەن بىللە زىكرى قىلىدىغان بولدىكى، مانا بۇ ـــ نەق پەزىلەتنىڭ نەتىجىسى.
      
    خەلق ئۆز ناخشىلىرىدا: «ئالىملار ئالەمنىڭ، ئىنساننىڭ جېنى، ئالىمنىڭ يەيدىغىنى خەلقنىڭ غېمى» دەپ تەرىپلەيدۇ. مېنىڭچە بۇ خەلقنىڭ ئالىملارنى ئېغىزىنىڭ ئۇچىدا شۇنداقلا بىر ماختاپ قويغىنى ئەمەس. بەلكى ئۇ چىن قەلبىدىن ئالىملارغا بەرگەن تەبىرى ۋە باھاسى. ئالىمى يوق مىللەت مىللەت ئەمەس. خەلقنىڭ غېمىنى يېمەيدىغان ئالىم ئالىم ئەمەس. بىراق خەلقنىڭ غېمى ئۇنداق بىرلا ئالىم يەپ تۈگىتەلەيدىغان غەممۇ ئەمەس. شۇڭا خەلقنىڭ ئۆز ئالىمىدىن ئېھتىرام بىلەن ئالىدىغان بىرىنچى ئىمتىھانى «ئىناقلىق پەزىلىتى بارمۇ ـ يوق؟» دېگەندىن ئىبارەت. خەلقنىڭ غېمىنى يېيىش، خەلقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن باش قاتۇرۇش يولىدا، ئۆز ئارا بىر ـ بىرىنى ئېتىراپ قىلىشىپ، بىر ـ بىرىنى قوللىشىپ، بىرسىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئىككىنچىسى تولۇقلاپ، ئىككىنچىسىنىڭ خاتاسىنى ئۈچىنچىسى توغرىلاپ ماڭىدىغان پەزىلەتلىك ئالىملارنى خەلق بەك تونۇيدۇ ۋە ئۇلارنى ئەۋلىيا كەبى ھۆرمەتلەيدۇ، ئەبەدىي سۆيىدۇ!
    ئېغىزىدا دېگەننى ئۆز قولى بىلەن قىلىپ كۆرسىتەلەيدىغان ئەمەلىيەتچان، ئىش ـ ھەرىكەتتە باشچى، پائالىيەتچان ۋەكۈرەشچان بولۇش بىر ئالىم ئۈچۈن بۇرچ پەزىلەت. ئالىمنىڭ قىممىتى ئاداققىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ قانداق دەبدەبىلىك گەپلەرنى قىلغانلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ دېگىنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانداق پايدىلىق پائالىيەتلەرنى قىلغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ھېكايە، بۈيۈك بوۋىمىز ئەلىشىر نەۋائى ئىبنى غىياسىدىن بەش ئەسىرنىڭ مابەينىدە ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەرنى سۆيۈندۈرۈپ كېلىۋاتقان ئۇلۇغ ئالىم. ئۇ ھېلىقىدەك ھايات ۋاقتىدا ئىشىكنى تاقاپ ئولتۇرۇپ كىتابلا يېزىپ، ۋاپاتىدىن كېيىن ئاندىن خەلق تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان زات ئەمەس. بەلكى ئاشۇ ئەقىل يېشىغا يېتىپ، ئىلمىي ئەمگەك ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە ئىشتىراك قىلغىنىدىن باشلاپلا خەلقنىڭ ئاپىرىنلىق قايىللىقى، سۆيۈنگەن كۆڭۈللەرنىڭ بىردەكلا مايىللىقىغا مۇيەسسەر بولغان ئەجداد ئىدى. ھىرات ئۇيغۇرلىرى، شۇنداقلا پۈتكۈل خۈراسان خەلقى ئالىم نەۋائىغا شۈ دەرىجىدە ئىخلاس قىلاتتى ۋە ئۇنىڭ ھەر بىر قەدەم، ھەر بىر ھەرىكىتىدىن ئۆرنەك ئېلىشنى شۈ دەرىجىدە شەرەپ بىلەتتىكى، بىر نۆۋەت نەۋائىنىڭ چىشى ئاغرىپ قېلىپ، بوغىزى بىلەن قوشۇپ ئىششىپ كەتكەنلىكتىن، كوچىغا چىققاندا، ئالىم بىر ياغلىق بىلەن بويۈن ـ بوغۈزىنى تېپىۋالسا، ئەتىسىدىن باشلاپ ھىرات ئاياللىرى شۇ تەرىقىدە بوينىغا ياغلىق چىگىۋېلىشنى مودا قىلىۋالغان. نېمە ئۈچۈن خەلق نەۋائىنى دوراشقا ۋە ئۇنى ئۆرنەك قىلىشقا شۇ دەرىجىدە ئامراق؟ بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇ زاتنىڭ ئەزەلدىن ئەبەتكە تىلى بىلەن دىلى ماس، گېپىدىن ھەرىكىتى ئايرىلماس بولۇپ، ئىلمىي ھاياتنىڭ تۈرلۈك مەزمۇنلىرى بويىچە ئوخشاشلا ئەمەلىيەتچان ۋە پائالىيەتچان بولغانلىقىدا. خەلق بىلىدۇ، نەۋائى ئۆز زامانىسىدا ئادەتتىكى ھەرقانداق بىر پۇقراغا ئوخشاشلا قولىغا قورال ئېلىپ، ھىراتنى قوغداش جېڭىگە قاتناشقان. ئۇ ئاستىراباتقا ھاكىم بولغاندىمۇ، ئوردىدا ئەمىر بولغاندىمۇ، ئوخشاشلا تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھاكىميەتنى ئادىل سورىغان. كۇتۇپخانا قاتارلىق مەرىپەت ئەسلىھەلىرىنى بىنا قىلغاندىمۇ، ئالىملارنى تەشكىللەپ، ئۇيۇشتۇرۇپ ئەنجۇمەن تۈزگەندىمۇ ئوخشاشلا ھەمىشە ئۆزى قول تىقىپ ئىشلىگەن، ھامان ئۆزى پائالىيەتنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرغان. شۇڭا ئۆز ۋاقتىدا ئەلىشىر نەۋائىنىڭ پۈتكۈل ئۆمۈر پائالىيىتى ھۆرمەت بىلەن  «ھايات بېغى» دەپ تەرىپلەنگەن. يەكۈن شۇكى، ئەمەلىيەتچانلىق مەرىپەت ئەھلىنى قىممەتلىك ۋە ئەزىز قىلىدۇ. پائالىيەتچانلىق ۋە كۈرەشچانلىق ئالىمنى خەلق قەلبىدە مۆھتەرەم ۋە ئۇنتۇلغۇسىز قىلىدۇ!
    ئەلۋەتتە بىز چوڭلار، دادا ۋە ئانا زىيالىلار ئۆزلىرىمىزدىكى پەزىلەتسىزلىكنى تۈگەتكەندە، ئاندىن گېلىمىزنى قىرىپ تۇرۇپ، بالا زىيالىلارغا، خۇسۇسەن مەكتەپتە ئوقىۋاتقان ئىز باسارلارغا تەربىيە قىلساق ئۈنۈمى بولىدۇ.
    پىشقەدەملەرنىڭ ھېكايە قىلىپ بېرىشىچە، 30 ـ ۋە 40 ـ يىللاردىكى ئاشۇ مەدەنىي ئاقارتىش ھەرىكىتى ۋاقتىدا، ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنى پەننى مەكتەپكە ئوقۇشقا ئەكىلەلمەي ۋە ئۇلارنى مەكتەپتە تۇرغۇزالماي، بالىلارنىڭ قاششاقلىقىدىن غەزەپ پەيمانىسى تولغان جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بەزەن بالىلارنى مەكتەپكە باغلاپ ئەكىلىپ، سىنىپقا سولاپ قويۇپمۇ باققانىكەن. زامان ئېلېكتېرون دەۋرىگە كىرگەن 90 ـ يللارنىڭ ئاخىرى بولمىش مۇشۇ چاغلاردا، توققۇز يىللىق مەجبۇرى مائارىپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جېڭىگە قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپ بويىچە ئاتلىنىپ چىقىپ، ھەر كۈنى يېرىم كۈننى سەرپ قىلىپ، ئۆيمۇ ئۆي يۈرۈپ بالا يىغىۋاتقانلىقىنى، مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىك ئۈچۈن بالىسىنى يوشۇرۇپ قويغانلارغا ئامال قىلالماي، ئۇلارنىڭ كالا ـ ئېشەكلىرىنى جەرىمانە ئۈچۈن مەكتەپكە يېتىلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە،  «بىز ئۇيغۇر مىللىتى تېخىچىلا جاھىلىيەت دەۋرىدە ياشاۋاتامدۇق نېمە ؟» دەپ ئۆزىمىزدىن سورىغىمىز كېلىدۇ. ئۇنىڭسىزمۇ مەرىپەت ئوچىغى بولغان ئالىي مەكتەپلەردىكى بەزى ئەھۋاللار ئادەمنى تېخىمۇ چۇچىتىدۇ:
       «
    قانداق قىلارمىز؟» دەپ يازىدۇ ئەلەم بىلەن بىر ئاقكۆڭۈل ستۇدېنت ـ  «ئادەمدە قىزىقىش بولىدۇ. مەنمۇ چەتئەل تىلىغا بەكمۇ قىزىقاتتىم. شۇڭا ئالىي مەكتەپكە كىرگەن يىلىلا ئىنگلىز تىلى كۇرسىغا قاتناشتىم. كۇرسانتلار مېنىڭ ئويلىغىنىمدىنمۇ كۆپ ئىدى. «نەقەدەر تىرىشچان ستۇدېنتلار بۇ ــ ھە!» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. ئوقۇتقۇچىمىز ناھايىتى تالانتلىق بولۇپ، دەرسنى ھەقىقەتەن ياخشى سۆزلەيتتى. ھەر قېتىم كۇرستىن تولىمۇ خوشال چىقاتتىم. ئەگەر مۇشۇنداق ماڭىدىغان بولساق، ئىككى يىلدىلا ئىنگلىز تىلىدا ئوبدانلا سەۋىيەگە يېتىپ قالاتتۇق. بىراق كۇرستىكى قىزغىنلىق كەيپىياتى ئۇزاققا بارمىدى. دەرس باشلىنىپ ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، سىنىپتا بەشلا كۇرسانت قالدى..... شۇنداق قىلىپ كۇرس تاقىلىپ قالدى. ئەمدىلا ئېچىلغان كىتاب يەنە يېپىلدى. توۋا دەيمەن، بۇ دۇنيادا يەنە بىزدەك دۆت ئادەم بارمىدۇ؟  كىتاب ئوقۇ دېسە، بېشىمىز ئاغرىيدۇ.  ئويۇن دېسە  دىلىمىز يايرايدۇ. تېخى بەزىلىرىمىز   «ياشلىقىڭدا گۈل قىس، قېرىغاندا غىرت قىس!» دەپتىكەن دەپ،  ياشلىقىمىزدا ئوينىۋالايلى، دەيمىز. ئاتا ـ ئانىمىز بىزنى ئۇنىۋېرسىتېتقا مەرىپەتتىن گۈل قىسىشقا ئەۋەتكەنمۇ ياكى ئويۇندىن گۈل قىسىشقىمۇ؟ مەن تەييار تارقاتقان كىتابنى سېتىپ كىيىم ئالغانلارنى كۆردۇم ــ يۇ، كىيىم سېتىپ كىتاب ئالغانلارنى تېخىچە ئۇچراتمىدىم...... ئۆتمىشنى ئاران تولدۇرۇپ ئالغان باكلاۋىرلىق ئۇنۋانى بىلەن مۇكەممەل ئىگىلەنمىگەن بىرلا كەسىپ بىزگە قانچىلىك ئەسقاتار؟» («مايبۇلاق» ژۇرنىلى 96 ـ يىللىق 3 ـ سان 83 ـ بەت.)
    ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا، ھەر يىلى يۈزمىڭدىن ئارتۇق پەرزەنت ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدۇ. بۇنىڭدىن ئالىي مەكتەپكە كىرەلەيدىغىنى ئون نەچچە مىڭ بولۇپ، ئۇيغۇرغا نېسىپ بولىدىغىنى پەقەت بىر نەچچە مىڭلا. ئەسلىدە شۇ بىرنەچچە مىڭ پەرزەنت بىر قانچە ئون مىڭغا تېتىغىدەك ئوقۇغاندا، ئاندىن ئۇلارنى ئۈمىدلىك ئەۋلاد دېسەك، سۆيۈنسەك بولاتتى. مىڭ ئەپسۇس، كۆپ تەرەپلىمىلىك گىرەلەشكەن مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئالىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان بۇ ئەۋلادنىڭ خېلى بىر قىسىمىدا مەۋجۇد مەرىپەتسىزلىك ئادەمنى ھەسرە


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.