ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-13

    ئادەم بەدىنىدىكى دورا ئامبىرى - [تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39311723.html

     

    ئادەم بەدىنى دورا ئىستىمال قىلىپلا قالماي يەنە ئەڭ چوڭ دورا ئامبىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . ھازىر بايقىلىشچە ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆزىدىكى دورا ماتىرياللىرى ئون نەچچە خىلغا يېتىدىكەن . داۋالاش ۋە دورىگەرلىك تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ ئادەم بەدىنىدىكى دورا ماتىرياللىرىنىڭ تۈرلىرى كۈنسايىن ئاشماقتا . ئىشلىتىشمۇ كۈندىن - كۈنگە كېڭەيمەكتە .

    چاچ

    چاچ بىرخىل قان توختۇتۇش دورىسى ھېساپلىنىدۇ . چاچنىڭ تەركىبىدە كاراتىن ، كالتىسي ، تۈمۈر ، كالىي قاتارلىق مىكرو ئېلىمىنىتلار بولىدۇ . چاچنى يۇيۇپ قۇرتۇپ سېرىق رەڭگە كەلگىچە كۆيدۈرۈپ ، ئاندىن ئۇۋلاپ بۇرۇن ئىچىگە پۈۋلەپ قۇيسا بۇرۇن قاناشنى تۇختۇتىدۇ . ئەگەر ئۇنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ئاشقازان ، ئۈچەي قاناش ، يۆتۈلۈپ قان تۈكۈرۈش ، چوڭ تەرەت قان ئارلاش كېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالىغىلى بولىدۇ .

    كۆز يېشى

    كۆز يېشى كۆزنى ئاسراپلا قالماي يەنە كۆزدىكى يات نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ ، كېسەللىك باكتىريەلىرىنىڭ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، جاراھەتنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . بولۇپمۇ روھى جەھەتتىكى ئازاپنى داۋالاشتا كۆز يېشى كەم بولسا بولمايدىغان ياخشى دورا ھېساپلىنىدۇ . شۇڭا بەزى كىشىلەر كۆز يېشىنى جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىكى كېسەلنى داۋالايدىغان < زەھەر قايتۇرغۇچ دورا > دەپ ئاتايدۇ .

    شۆلگەي

    شۆلگەي ئىشىقنى ۋە زەھەرنى قايتۇرىدۇ . شۆلگەيدىكى باكتىريە ئېرىتكۈچى فېرمېنت باكتىريىنى ئېرىتىپ ئۆلتۈرىدۇ . چىش چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . شۆلگەيدىكى موتسېن ئاشقازان كىسلاتاسى زىيادە كۆپ بولۇش ، ئاشقازان يارىسى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . شۆلگەيدىكى بىرخىل گورمۇن ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشى ، پارچىلىنىشىنى تېزلىتىپ بوۋاقلارنىڭ كۆز ، چىش ۋە مۇسكۇللىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار شۆلگەيدە راكنى تېزگىنلەيدىغان ماددا بولىشى مۈمكىن دەپ قاراپ كەلمەكتە .

    سۈيدۈك

    گەرچە ئۇ بەدەندىن چىقىرىندى ماددا بولسىمۇ ئۇنىڭ دورىلىق قىممىتى خېلى بار . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپونىيەدە ، كورىيە ، شاڭگاڭ ۋە تەيۋەن قاتارلىق رايونلاردا بىر تۈركۈم < سۈيدۈك ئىچىدىغان تەبىقە > پەيدا بولغان . ئۇلار سۈيدۈكنىڭ ساقلىقىنى ساقلاپ ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىشتەك رولىغا قەتئىي ئىشىنىپ ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ سۈيدۈكىنى ئىچىپ بەرگەن ھەمدە يەنە سۈيدۈكتە يۇيۇنۇپ ، تېرىسىنى ئاسراپ كەلگەن . ياپونىيەدىكى بىر مۇخپىر < ئەتىگەندە بىر ئىستاكان سۈيدۈك ئىچىش > دىگەن كىتاپنى يېزىپ نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنى جەلىپ قىلغان . مۇخبىر ئۇزۇن مەزگىل بېشى ۋە بېلى ئاغرىغانلىقتىن ناھايىتى ئازاپلانغان بولۇپ ئۇ نۇرغۇن دوختۇرخانلاردا داۋالانغان بولسىمۇ داۋالاش ئۈنۈم بەرمىگەن كىيىن ئۇ بىر ھىندىستانلىقنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئۆزىنىڭ سۈيدۈكىنى ئىچكەن نەتىجىدە ئاغرىق يوقاپ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن .
    مەنبە : ساغلاملىق دەستۇرى

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.