-
2009-04-20
سالام ۋە سالامنى ئىلىك ئېلىش - [ئۆرۈپ -ئادەتلىرىمىز]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/38209453.html
قەدىمقى زاماندا ئوتكەن بىر پادىشاھ كۇنلەرنىڭ بىرىدە پۇخراچە كىيىنىپ، نەۋرىسىنى ئەگەشتۇرۇپ ئېكىنزارلارنى ئارلاپ كېتىۋاتقىنىدا، بىر دېققان ئۇنىڭ كىملىگىنى بىلمىسىمۇ ، خۇش تەبەسسۇم بىلەن سالام بەجا كەلتۇرۇپتۇ . شاھ ئۇنىڭ سالىمىنى دەرھال ئىلىك ئېلىپ، يۇگۇرۇپ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ يېرىلغان ، قاداق باسقان ئالقانلىرىنى چىڭ سىقىپ قىزغىن ئەھۋاللىشىپتۇ . قايتاشىدا نەۋرىسى بوۋىسىدىن :
- بۇۋا ، سىز بىر ئەلنىڭ شاھى تۇرۇپ ، ئاشۇ ئەسكى چاپان كەيگەن كىشىگە نىمە ئۇچۇن شۇنچە ھورمەت قىلىسىز ؟- دەپ سۇراپتۇ . بۇنى ئاڭلىغان شاھ نەۋرىسىدىكى ئىنسانى تەربىيىنىڭ كەملىكىنى ھىس قىلىپ مۇنداق دەپتۇ:
- ئەي ، ئەزىز پۇشتۇم ، باشقىلارنى ھورمەتلىيەلىگەن ئادەم ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالايدۇ . ئېسىڭدە تۇت . بىر ئېغىز سەمىمى سالام جاللاتنىمۇ تەسىرلەندۇرەلەيدۇ........
بىزدە << سالام بېرىش قەرىز ، ئىلىك ئېلىش پەرىز >> دەيدىغان ھىكمەت بار . ئەجدادلىرىمىز ئەلمىساقتىن بۇيان تونۇشسۇن- تونۇشمىسۇن ، ئۇچراشقاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالاملىشىپ ، بىر-بىرىنىڭ كويۇنۇشى، ھورمىتى ۋە ھىسداشلىقىغا سازاۋەر بولۇپ كەلگەن . شۇڭا قانچىلىك ئالدىراش بولۇشىمىزدىن قەتئىنەزەر ، ئوزئارا ئەنئەنە بويىچە تەمەنناسىز ، سەمىمى سالاملىشىشتەك گۇزەل ئەخلاقىمىزدىن مەھرۇم قالمىساق! بۇ تولىمۇ ئاددى، ئەمما مەزمۇندار ئوتۇنۇش ھەر ۋاقىت ھەممەيلەننىڭ يادىدا بولغاي!مەنبە: ئۇرۇمچى كەچلىك گېزىتى (غەنى ئەرشىدىن يازمىسى)
历史上的今天:
ئۇيغۇر ئۆرپ _ ئادەتلىرىدىكى 62 خىل تەربىيە 2009-04-20ئۇيغۇرلاردا يەر – جاي ناملىرى 2009-04-20يەتتە جۈملىلىك ھېكمەتلەر 2009-04-20
收藏到:Del.icio.us