-
2009-04-22
ھاياتلىقنىڭ مەنىسى - [ھايات ھەققىدە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/38323180.html
كەسىپ دەيدۇ: ھاياتلىق _ كاتتا بىنالارنى بەرپا قىلغان خىش- كېسەك.
كۈرەش دەيدۇ: ھاياتلىق _ شىددەتلىك شاۋقۇن بىلەن ئېلىشىۋاتقان قولۋاقنىڭ پالىقى.
ئۈمۈد دەيدۇ: ھاياتلىق _ چىمەنلەر ئىچىدىكى جەزبىدار گۈل-غۇنچە.
مۇھاببەت دەيدۇ: ھاياتلىق _ شېرىن سۆيگۈگە ئېرىشىش يولدىكى ئىزدىنىش.
دوستلۇق دەيدۇ: ھاياتلىق _ باشقىلارنىڭ ئۆرلىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان شوتا.
ئىشچانلىق دەيدۇ: ھاياتلىق _ تەبئىەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تىنىم تاپمايدىن ئۆكۈز.
ئەركىنلىك دەيدۇ: ھاياتلىق _ سەھەردە قەپەستىن ئۇچۇپ چىققان قۇش.
بەخىت دەيدۇ: ھاياتلىق _ كىشىلەرگە ھۇزۇر ھالاۋەت بېرىدىغان بىر داستىخان زىياپەت.
ئاچ -كۆزلۈك دەيدۇ: ھاياتلىق _ ھېچقانداق ۋاستە تاللىماي نەپ ئېلىش.
بىكارچىلىق دەيدۇ: ھاياتلىق _ بىر قاچا تەمسىز سۇ.
ئۈمۈدسىزلىك دەيدۇ: ھاياتلىق _ يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك.
قىيىنچىلىق دەيدۇ: ھاياتلىق _ ئەگىرى-توقاي تاغ يولى.
مەغلۇبىيەت دەيدۇ: ھاياتلىق _ يۇشۇرۇن تاشلار ئارىسىدا كىتىۋاتقان كېمە.
پۇرسەتپەرەس دەيدۇ: ھاياتلىق _ ھەممە تۈشۈككە كىرىدىغان شامال.
مەرتىۋە دەيدۇ: ھاياتلىق _ شاھ ئوردىسىدا جۇلالىنىپ تۇرغان ئالتۇن تەخىت.
شۆھرەتپەرەس دەيدۇ: ھاياتلىق _ ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن ئورالغان تاشقى قىياپەت.
تەركىدۇنيا دەيدۇ: ھاياتلىق _ خارابىگە ئايلانغان كونا قەبرە تېشى.
مەنبە: جۇڭگو مىللەتلىرى 2008 يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى
收藏到:Del.icio.us