-
2009-04-20
يەتتە جۈملىلىك ھېكمەتلەر - [ھىكمەتلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/38200754.html
يەتتە جۈملىلىك ھېكمەتلەر
يەتتە جۈملىلىك ھېكمەتلەر
1.پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دىگەن : قىيامەت كۈنى ئاللاھ يەتتە تۈرلۈك ئادەمنى ئۆزىنىڭ ئەرش سايىسىسدا سايىدىتىدۇ . ئۇلار :
1) ئادىل پادىشاھ
2) ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدە ئۈسۈپ يىتىلگەن ياش .
3) خالى جايدا ئاللاھتىن قورقۇپ ياش تۆككۈچى .
4) دىلى دائىم مەسچىتكە باغلىنىپ تۇرىدىغان ئادەم .
5) مەخپى سەدىقە قىلغۇچى ، ھەتتا ئوڭ قولى بەرگەننى سول قپلى بىلمەيدىغان كىشى . "
6) ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن دوسىتلاشقان ياكى ئايرىلىدىغان كىشىلەر .
7) مەرتىۋىلىك ئېسىلزادە ئايال ئۆزىگە چاقىرسا ، ئاللاھتىن قورقىمەن دەپ رەت قىلغان ئادەم .
2.ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ :
بېخىل يەتتە خىل ئىشنىڭ بىرىدىن خالى بۇلالمايدۇ .
1) پىخسىق ئۆلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ مېلى ۋارىسىغا قالىدۇ ، لېكىن بۇ ماللار ئاللاھنىڭ يۇلىغا ئىشلىتىلمەيدۇ .
2) ياكى ئاللاھ ئۇنى بىر زالىم ھۆكۈمرانغا يۇلۇقتۇرىدۇ . ئۇ تېز پۈككەندىن كىيىن ئۇنىڭ ماللىرىنى ئېلىۋالىدۇ .
3) ياكى ئۇ دائىم ئارزۇ-ھەۋەسنىڭ كەينىدە سوكۇلداپ يۈرىدۇ .ئۇنىڭ مېلى بۇ يولداچېچىلىپ تۈگەيدۇ .
4) ياكىئۇبىر ھەشەمەتلىك ئىمارەت سېلىشقا ھەۋەس قىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىنانىڭ ئۇلى بوش چىقىپ قېلىپ ، ئۇنىڭ مال-مۈلكى مۇشۇنداق توڭلاپ قالىدۇ .
5) ياكى ئۇدۇنيا يۈزىدىلا زور بىر تالاپەتكە يۇلۇقىدۇ ، مەسىلەن : سۇ ئاپىتى ، ئوت ئاپىتى ، ئوغرىلىق دىگەندەك .
6)ياكى ئۇ ئېغىر كىسەلگە گىرىپتار بۇلىدۇ ، ئۇشۇنىڭ بىلەن داۋالىنىش ئۈچۈن بار مۈلكنى سەرپ قىلىدۇ .
7) ياكى پىخسىق مېلىنى مەلۇم بىر جايغا كۈمۈپ قۇيىدۇ ، ئاللاھ ئۇنىڭ كۆمگەن جايىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ .
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مۇنداق دەيدۇ :
كۆپ كۈلگەن كىشىنىڭ سۈر-ھەيۋىسى ئازلاپ كىتىدۇ . -
كىشىلەرنى ھاقارەتلىسە ئۇمۇ كىشىلەر تەرىپىدىن ھاقارەتلىنىدۇ .
ئىسراپخورلۇق قىلسا ، ئۇنىڭ قەدرى ئۈتۈلىدۇ .
كىمكى كۆپ سۆزلىسە ناچارسۆز كۆپ بۇلىدۇ .
ناچار سۆز كۆپ بولساھايا ئازىيىپ كىتىدۇ .
ھايا ئازايسا تەقۋالىقى كىمىيىپ كىتىدۇ .
تەقۋالىقى كەم بولسا قەلبى ئۆلۈپ كىتىدۇ .
3. ئوسمان ئىبنى ئەففان مۇنداق دەيدۇ : « تام ئاستىدا ئۇلارنىڭ بايلىقى بار ، ئۇلارنىڭ دادىسى ئەسلىدە سالىھلاردىن » دىگەن « قۇرئان » ئايىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى : _
ئايەتتىكى » بايلىق « بولسا بىر پارچە ئالتۇن ئۈستىگە يەتتە جۈملە خەت يېزىلغان :
1) ئۆلۈم كەلگەنلىكىنى بىلگەن ، ئەمما كۈلكە-چاقچاق قىلىپ يۈرگەن ئادەمگە مەن ھەيران قالىمەن .
2) دۇنيانىڭ رەزىللىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلغۇچىدىن ھەيرانمەن .
3) ھەممە نەرسىنىڭ تەقدىر بىلەن بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ، يۇقاتقىنىدىن ئىچى پۇشىدىغان ئادەمدىن ھەيرانمەن .
4) ھېساب ئېلىشنىڭ چۇقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا دۇنيالىق توپلىغۇچىدىن مەن ھەيرانمەن .
5) دوزاخنىڭ مۇقەررەر مەۋجۇتلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە گۇناھ قىلغان كىشىدىن ھەيرانمەن .
6) ئاللاھنىڭ ھەقىقى مەۋجۇتلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھتىن باشقانەرسىلەرنى ئۇنتۇلماي يۈرىدىغان كىشىدىن ھەيرانمەن .
7) جەننەتنىڭ ھەق راسىتلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ، دۇنيادىن بەخت ئىزلەۋاتقانلاردىن ھەيرانمەن . ( يەنە بىر رىۋايەتتە شەيتاننىڭ ئۆز دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە شەيتانغا باش ئەگكۈچىگە مەن ھەيران قالىمەن) .
4. بىر ئادەم ئەلىدىن سوراپتۇ :
ئاسماندىنمۇ چوڭ نەرسە نىمە ؟
زېمىندىنمۇ كەڭرى نەرسە نىمە ؟
دېڭىزدىنمۇ مول نەرسە نىمە ؟
تاشتىنمۇ قاتتىق نەرسە نىمە ؟
ئوتتىنمۇ قىزىق نەرسە نىمە ؟
قەھرىتان سوغۇقتىنمۇ قاتتىق سوغۇن نەرسە نىمە ؟
زەھەردىن ئاچچىق نەرسە نىمە ؟
ئەلى جاۋاپ بېرىپتۇ :
گۇناھسىز بوھتان چاپلىغۇچىنىڭ گۇناھى ئاسماندىنمۇ چوڭ .
زېمىندىنمۇ كەڭ نەرسەھەقىقەت .
قانائەتچان كىشىنىڭ قەلبى دېڭىزدىنمۇ مول .
مۇناپىقنىڭ يۈرىكى تاشتىنمۇ قاتتىق .
مۇستەبىت ھۆكۈمران ئوتتىنمۇ دەھشەت .
بېخلىغا ھاجىتى چۈشۈپ قېلىش قەھرىتان سوغۇقتىنمۇ بەك سوغۇق .
سەۋرىچانلىق زەھەردىنمۇ ئاچچىق .( يەنە بىر رىۋايەتتە : دەرت ۋە غەمنى يۇتماق زەھەردىنمۇ ئاچچىق دىيىلگەن )
5. پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دىگەن : جىبرىئىل ماڭا ئىزچىل تەكىتلەيدىغىنى قوشنىلارنى ھۈرمەتلەش بولغاچقا ، مەن تېخى ئۇنى قوشنىنى قوشنىغا مىراس قىلغان چېغى دەپ قاپتىمەن .
ماڭا توي قىلىشنى دەۋەرگەچكە ، مەن ھەتتا ئاجرىشىش دۇرۇس ئەمەسمىكىن دەپ قاپتىمەن .
ئۇ يەنە قۇللارغا ھېسداشلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلىۋەرسە ، مەن قۇللارنىڭ قۇيۇپ بېرىلىش ۋاقتى بېكىتىلىپ بولدى ، دەپ قاپتىمەن .
ئۇ ماڭا دائىم چىش چوتكىلاشنى تەۋسىيەقىلىۋەرسە ، مەن تېخى چىش چوتكىلاش پەرز قىلىنغان چېغى دەپ قاپتىمەن .
ئۇيەنەمەندىن نامازغا جامائەتكە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىۋەرسە ، مەن تېخى جامائەتكە قاتناشماي ئۇقۇغان ناماز ئالاھ نەزىرىدە مەقبۇل ئەمەس ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن .
ئۇ يەنە ماڭا كېچىدە ئىبادەتكەتۇرۇشنى دەۋەرگەچ ، مەن تېخى كېچىسى ئۇخلىغىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن .
ئۇ ماڭا زىكرى قىلىشنى جىكىلەپ تۇرغاچقا ، مەن تېخى ئاللاھنى زىكرىقىلىشتىن باشقا سۆھبەت ، سۆز پايدىسىزمىكىن دەپ قاپتىمەن .
پەيغەمبىرمىز مۇنداق دىگەن : يەتتە خىل كىشىگە ئاللاھ قىيامەت كۈنى رەھمەت نەزىرىبىلەن قارىمايدۇ ، ئۇلارنى پاكلىمايدۇ ، ئۇلارنى دوزاخقا تاشلايدۇ :
1) ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببىتى .
2) قولى بىلەن لەززەتلەنگۈچى .
3) ھايۋانغا يېقىنچىلىق قىلغۇچى .
4) ئايالىنىڭ ئارقىسىدىن كەلگۈچى .
5) قىزى بىلەن ئانىسىنى بىراقلا نىكاھقا ئالغۇچى .
6) قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغۇچى .
7) قوشنىسىغائازار ۋە لەنەت قىلغۇچى .
7.رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ :
ئاللاھ يولىدا جان بېرىپ شەھىد بولغاندىن باشقا يەنە يەتتە تۈرلۈك ئادەم شەھىد ھېسابلىنىدۇ :
قورساق ئاغرىقى بىلەن ئۆلگەن ئادەم .
سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن ئادەم .
كۆكرەك پەردە ياللۇغى بىلەن ئۆلگەن ئادەم .
يۇقۇملۇقكىسەل بىلەن ئۆلگەن ئادەم .
ئوتتا كۈيۈپ ئۆلگەن ئادەم .
تام ېسىۋېلىپ ئۆلگەن ئادەم .
تۇغۇتىدا ئۆلگەن ئايال .
8. ئىبنى ئابباس مۇنداق دەيدۇ :
ئەقىل ئىگىلىرى يەتتە نەرسىدىن كېچىپ يەتتە نەرسىنى قولغا كەلتۈرسۇن .
بايلىقتىن كېچىپ نامراتلىقنى قولغا كەلتۈرسۇن .
ھاكاۋۇرلۇقتىن كېچىپ ، كەمتەرلىكنى قولغا كەلتۈرسۇن .
ساختىپەزلىكتىن كىچىپ ، سەمىمىيلىكنى قولغا كەلتۈرسۇن . )
توقچىلىقتىن كىچىپ ، يوقسۇزلۇقنى قولغاكەلتۈرسۇن .
خۇشاللىقتىن كىچىپ غەم-قايغۇنى قولغا كەلتۈرسۇن .
يۇقىرى مەرتىۋىدىن كىچىپ تۈۋەن دەرىجىنى قولغاكەلتۈرسۇن .
ھاياتتىن كىچىپ ئۆلۈمنى قولغا كەلتۈرسۇن .
مەنبە- « ئەخلاقنامە » -ئىمام غەززالى ، ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانىي .历史上的今天:
سالام ۋە سالامنى ئىلىك ئېلىش 2009-04-20ئۇيغۇر ئۆرپ _ ئادەتلىرىدىكى 62 خىل تەربىيە 2009-04-20ئۇيغۇرلاردا يەر – جاي ناملىرى 2009-04-20
收藏到:Del.icio.us