ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-04-20

    ئۇيغۇرلاردا يەر – جاي ناملىرى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/38203156.html

    ئۇيغۇرلاردا يەر – جاي ناملىرى


    يەر ناملىرىنى تەتقىق قىلىش مەخسۇس يەرناملىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم – توپونومىيىنىڭ ۋەزىپىسى. توپونومىيە يەر ناملىرىنىڭ قانداق مەنبەدىن كەلگەنلىكىنى، يەر ناملىرىنىڭ مەنىسىنى، تارىخىي ئۆزگىرىشىنى، يەر ناملىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى، يەر ناملىرىدىكى تۈرلۈك گرامماتىكىلىق (فونېتىكىلىق) ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلىرىنى تەتقىق قىلىپ، يورۇتۇپ بېرىدۇ. يەر ناملىرىنىڭ قانداق مەنبەدىن كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئېتمولوگىيىسىنى ئېنىقلاش، يەر ناملىرى تەتقىقاتىدا مۇھىم ئىشلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
    يەر ناملىرى تەتقىقاتى ناھايىتى كەڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئېتنوگرافىيە، تارىخ، جۇغراپىيە، تىلشۇناسلىق قاتارلىق ناھايىتى كەڭ ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۇيغۇرلاردىن باشقا كۆپ مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايون. شۇڭا بۇ رايوندىكى يەر ناملىرى ئىچىدە ئۇيغۇرچە سۆز بىلەن ياسالغان ناملاردىن باشقا، يەنە قازاقچە، موڭغۇلچە، خەنزۇچە ۋە باشقا تىللاردىكى سۆزلەر بىلەن ياسالغان يەر ناملىرى خېلى ئۇچرايدۇ. بىز تۆۋەندە پەقەت فولكلور نۇقتىسىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ يەر – جاي ناملىرى ئادىتىدىكى ئوخشاشمىغان ئالاھىدىلىكلەرنى قىسقىچە ئىزاھلاپ ئۆتىمىز.

    بىرىنچى، بەزى يەر جاي ناملىرى شۇ جاينىڭ تەبىئىي شارائىتى ياكى تارىخىي ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەردىن ياسالغان بولۇپ، كېيىنچە بۇ ئىسىملارنىڭ تەركىبىدىكى بەزى تاۋۇشلاردا ئورۇن ئالمىشىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن. بۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىدە ئۇچرايدىغان نورمال ھادىسىدۇر. مەسىلەن، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى (بۇيرۇق) دېگەن سۆز، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا (بۇريۇق) شەكلىدە ئىدى. بۇ سۆزدە (ر) تاۋۇشى بىلەن (ي) تاۋۇشى ئورۇن ئالماشتۇرغان. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى (يالپۇز) سۆزى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا (يارپۇز) شەكلىدە ئىدى. بۇ سۆزدىكى (ر) تاۋۇشى (ل) تاۋۇشىغا ئۆزگىرىپ كەتكەن. بۇ خىل فونېتىكلىق ھادىسە بەزى يەر ناملىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:
    (1) ئايغىر بۇلاق – توقسۇن ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭغا ماڭىدىغان كونا تاغ يولىدا بىر بۇلاق بار. بۇ يەرنى بەزىلەر (ئايغىر بۇلاق) دەپ ئاتىسا، بەزىلەر (ئارغى بۇلاق) دەپ ئاتايدۇ. بۇ بۇلاق ئەسلىدە ئىككى تاغ ئارىسىدا بولغىنى ئۈچۈن (ئارغۇ بولاق) دەپ ئاتالسا مۇۋاپىق بولغان بولاتتى (ئارغۇ) سۆزىگە قاراڭ» مەيلى (مەيلى (ئايغىر بۇلاق) بولسۇن، ياكى (ئارغى بۇلاق) بوسۇن، ھەر ئىككىلىسى دەل (ئارغۇ بۇلاق) سۆزىنىڭ بۇزۇلغان شەكلىدۇر.
    (2) بۇيلۇق – تۇرپان شەھىرىگە قاراشلىق ئۈزۈمچىلىك رايونى. «تۈركىي تىللار دىۋانى». «قۇتادغۇبىلىك» ۋە «تۇرپان تېكىستلىرى» قاتارلىق قەدىمكى يازما يادىكارلىقلاردا (بور)، (بورچى)، (بورلۇق) دېگەندەك سۆزلەر ئۇچرايدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا (بور) سۆزى (شاراب – ئۈزۈم) مەنىسىنى، (بورچى) سۆزى (باغۋەن) مەنىسىنى، (بورلۇق) سۆزى (ئۈزۈملۈك، مېۋىلىك باغ) مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، (بۇيلۇق) دېگەن سۆز (بورلۇق) سۆزىنىڭ بۇزۇلغان شەكلى بولۇپ، (ر) تاۋۇشى (ي) تاۋۇشىغا ئۆزگىرىپ كەتكەن.
    (3) تاشلىمىلىق – قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىدىكى بىريېزا. بۇ سۆز ئەسلدە (تاش) سۆزىبىلەن (بالىق) سۆزى بىرىكىپ ياسالغان(تاشبالىق) شەكلىدىكى سۆز بولۇپ، (تاش قەلئە، تاش قورغان، تاش شەھەر) مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان سۆز ئىدى. بۇ يەر ئېھتىمال، قارا خانىلار خانلىقى دەۋرىدە ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە بىر قەلئە بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەسلىدىكى (تاشبالىق) سۆزىدىكى (ب) تاۋۇشى (م) تاۋۇشىغا ئۆزگىرىپ (تاشمىلى) شەكلىگە كەلگەن. ئۇيغۇر تىلىدا (ب) تاۋۇشىنىڭ (م) تاۋۇشىغا ئالمىشىش ھادىسىسى نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.
    (4) قاراقاش – خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق چوڭ بىر ناھىيە. مەھمۇت قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» (Ⅲ – توم، 208 – بەت)دا (قاش) سۆزى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «قاش: بىر خىل سۈزۈك تاش بولۇپ، ئاق ۋە قارا رەڭلەردە كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئېقىنى گۈلدۈرمامىدىن، ئۇسسۇزلۇقتىن ۋە چاقماق چۈشۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۈزۈككە كۆز قىلىنىدۇ»، «قاش ئۆگۈز. خوتەن شەھىرىنىڭ ئىككى يېنىدىن ئاقىدىغان ئىككى دەريا، بىرى «ئۈرۈڭقاش ئۆگۈز» (يۇرۇڭقاش دەرياسى) دېيىلىدۇ. بۇ يەردىن سۈزۈك ئاق تاش چىققاچقا، دەريا مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. يەنە بىرى، «قاراقاش ئۆگۈز» (قاراقاش دەرياسى) دېيلىدۇ. بۇ يەردىن سۈزۈك قارا تاش چىقىدۇ، بۇ تاشلار دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن چىقمايدۇ. پەقەت مۇشۇ يەردىنلا چىقىدۇ). دېمەك، يۇقىرىقى بايانلاردىن (قاراقاش) ۋە (يۇرۇڭقاش) دېگەن ناملارنىڭ قانداق مەنبەدىن كەلگەنلىكىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ. (يۇرۇڭقاش) سۆزى قەدىمكى (ئۈرۈڭقاش) سۆزىنىڭ بۇزۇلغان شەكلى. بۇنىڭدىن باشقا، سۈيى ئىلى دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان (قاش دەرياسى) دىكى (قاش) سۆزى يۇقىرىدىكى قاش سۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، (سۈيى سۈزۈك دەريا) دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
    (5) كورلا – ئۇيغۇر تىلىدا – «تۈگمەننىڭ كويلىسىدىن پۈتۈن چىقىدىغان» دەيدىغان تۇراقلىق ئىبارە بار. (كويلا) سۇ تۈگمەنلىرىدە نو ئارقىلىق يۇقىرىدىن ئېقىپ چۈشكەن سۇ قۇيۇلىدىغان كۆلچەك. مەھمۇت قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»، (Ⅲ توم، 599 – بەت)دا، (كەۋلى) دېگەن سۆزنى «كويلا، دەريا ئېغىزى» دەپ چۈشەندۈرگەن. باغراش كۆلىدىن ئېقىپ چىققان سۈ، خۇددى سۈ تۈگمەنلىرىدە سۇنىڭ نو (قوش) ئارقىلىق ئېگىزدىن كۆلچەككە ئېقىپ چۈشكىنىگە ئوخشاش، باش ئەگىم ئارقىلىق كورلىغا كىرىدۇ. دېمەك، (كورلا) سۆزى ئوخشىتىش يولى بىلەن كەلگەن نام بولۇپ (كويلا) سۆزىدىكى (ي) تاۋۇشى (ر) تاۋۇشىغا ئۆزگىرىپ، (كورلا) شەكلىگە كەلگەن.

    ئىككىنچى، تارىخىي ۋەقە – ھادىسىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرى. بۇلار تارىختايۈز بەرگەن بەزىبىر ۋەقە، ھادىسلەرنىڭ قاچان، قەيەردە ۋە قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىشكە ياردەم بېرىدۇ.
    (1) ئەسكى ھىسار – قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى قىزىل دەرياسى بويىدا قاراخانىلارنىڭ (ھىسار) دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەلئە شەھىرى بولغان. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ يەردە خان ئەۋلادلىرى ۋە قوغدىغۇچى قوشۇنلار تۇرغانىكەن. Ⅺ ئەسىردە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋە سۇ ئاپىتىدە بۇ يەر خاراب بولغان. قەشقەر خەلقى ھازىرغىچە (ئەسكى ھىسار)نىڭ قەدىمكى ئورنىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يەرلەرنى قوشۇپ (ئەسكىسا) دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.
    (2) يېڭى ھىسار – رىۋايەتلەرگە قارىغاندا «ئەسكى ھىسار» (قەدىمكى قەلئە) خاراب بولغاندىن كېيىن، خوتەن يولىدا مۇنتىزىم «يېڭى ھىسار» (يېڭى قەلئە) قۇرۇلۇپ، بۇ يەرگە «ئەسكى ھىسار» خەلقى كۆچۈرۈلگەنىكەن. قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق ھازىرقى يېڭىسار خەلقى، ئېتنىك ئالامەتلەردىن قارىغاندا ئۇلار قاراخانىلارنىڭ تايانىچ قوشۇنى خان ئەۋلادى ئىكەنلىكى ئېنىقلانماقتا.
    (3) ئۇچ – مەھمۇت قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى » (Ⅰ توم، 49 –بەت) دا: ئۇچ – مەشھۇر بىر شەھەرنىڭ نامى» دەپ يازىدۇ «ئۇچ» ھازىرقى ئۇچتۇرپاننىڭ قەدىمكى نامى. «ئۇچتۇرپان» دېگەن بۇ نام (ئۇچ) سۆزى بىلەن (تۇرپان) سۆزىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسالغان خاس ئىسىم. (ئۇچتۇرپان) دېگەنلىك «ئۇچتىكى تۇرپانلىقلار» دېگەنلىك بولۇپ، بۇ نامنىڭ كېلىش مەنبەسى مۇنداق: ئۇچتا يۈز بەرگەن «جىگدە يېغىلىقى» دىن كېيىن، ئۇچ خەلقى قىرغىن قىلىنغان ۋە تاغنىڭ شىمالىدىكى ئىلى قاتارلىق جايلارغا سۈرگۈن قىلىنىپ، تارقاقلاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئورنىغا تۇرپاندىن ئاھالە كۆچۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەر (ئۇچتۇرپان) دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. ھازىرقى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىكى (پىاچان كەنتى، تۇيۇق كەنتى، خاندۇ كەنتى، قاراخوجا كەنتى، ياڭخېي كەنتى) دېگەن يەر ناملىرى تۇرپان، پىچانلاردىكى يەر ناملىرىغا ئوخشاش بولۇشى بۇنى ئىسپاتلايدۇ.
    (4) ھازىرقى غۇلجا ناھىيىسىگە قاراشلىق (تاھىريۈزى، تۇردىيۈزى، جېلىليۈزى، خۇدىياريۈزى، روزىمەتيۈزى، ساقىيۈزى، سامىيۈزى، كېپەكيۈزى، ھاسانيۈزى، ئىسلاميۈزى) دېگەندەك يۈز سۆزى بىلەن ياسالغان بىر مۇنچە يۈرت – مەھەللە ناملىرى بار. بۇ يۇرتلارنىڭ نامى مۇنداق بارلىققا كەلگەن: مەنچىڭ دەۋرىدە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، دېھقانچىلىق قىلىپ، ئىلى رايونىدىكى مانجۇ ئەسكەرلىرىنى بېقىش ئۈچۈن، ئالتە شەھەر ۋە تۇرپاندىن (يۈز ئۆيلۈك)تىن قىلىپ، ئىلىغا بىر قانچە قېتىم دېھقان كۆچۈرۈلگەندى. بۇلار كېيىن «تارانچى» (تېرىقچى) دەپ ئاتالغان. يۇقىرىدىكى بىر – قانچە (يۈز)بىلەن كەلگەن يۇرت ناملىرى، كۆچەۈرۈپ كېلىنگەن يۈز ئۆيلۈك دېھقانغا باش بولغان (تاھىر، تۇردى، جېلىل، خۇدىيار، روزىمەت، ساقى، سامى، كېپەك، ھاسان، ئىسلام) دېگەن ئادەملەرنىڭ نامىغا قويۇلغان.
    (5) مەشەت – ئاتۇش شەھىرىگە قاراشلىق بىر كەنتنىڭ نامى. ھازىر (مەشەت، مەشەت) دەپ يېزىلىۋاتقان ۋە تەلەپپۇز قىلنىۋاتقان بۇ سۆز ئەسلىدە (مەشھەت) بولۇپ، مەنىسى (بىر ئادەمنىڭ شېھىت بولغان يېرى ياكى ېھىتلەر كۆمۈلگەن يەر) دېگەندىن ئىبارەت. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن، مۇسۇلمان ئۇيغۇر بىلەن بۇددىست ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق جەڭلەر بولغانىدى. مۇسۇلمان ئۇيغۇرلاردىن جەڭدە شېھىت بولغانلار مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان. شۇڭا بۇ يەر (مەشھەت) دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. ئابدۇلكېرىم سۇتۇق بۇغراخانمۇ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان. ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ قەبرىسىمۇ مۇشۇ يەردە. شۇڭا بۇ جاي مۇھىم زىيارەتگاھ بولۇپ قالغان.

    ئۈچىنچى، قەبىلە ۋە مىللەت نامىغا قويۇلغان يەر – جاي ناملىرى:
    (1) قارلۇق – تۈركىي قەبىلىلەر ئىچىدىكى مەشھۇر بىر ئۇرۇقنىڭ نامى. بۇ نام بىلەن ئاتالغان جايلار شىنجاڭ رايونىدا خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، «قارلۇق ئۆستەڭ» (كېرىيىدە)، قارلۇق غول، قارلۇق كارىز، قارلۇقلار مەھەللىسى، قارلۇق تۈگمەن (بۇ جايلار قۇمۇلدا) قاتارلىقلار.
    (2) ئارغۇ – تۈركىي قەبىلىلەردىن بىرى. مەھمۇت قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» (Ⅰ توم، 172 – بەت)دا: «ئارغۇ، ئىككى تاغ ئارىسى، بۇنىڭدىن ئېلىنىپ تىراز (تالاس) بىلەن بالاساغۇن ئارىسىدىكى شەھەرلەرمۇ ‹ئارغۇ› دېيىلىدۇ، چۈنكى ئۇ يەرلەر ئىككى تاغ ئارىسىدا» دەپ ئىزاھلايدۇ. ھازىرقى ئاتۇش شەھىرىگە قارايدىغان «ئاغۇ» (بۇ سۆزدە (ر) تاۋۇشى چۈشۈپ قالغان) يېزىسىمۇ ئىككى تاغ ئارىسىدا. دېمەك، بۇ نامنىڭ مەنبەسىنى ئاسانلا بايقىيالايمىز.
    (3) قاڭقا – تۇرپان، تۇقسۇنلاردا «قاڭقا» دەپ ئاتىلىدىغان يۇرتلار بار. بۇ نام تارىختا تۇرپان ئويمانلىقىدا خانلىق قۇرغان «قاڭقا ياكى قاڭقىل» قەبىلىسىنىڭ نامىدىن كەلگەن. «قاڭقا»نىڭ قانداق بارلىققاكەلگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، تارىخىي داستان «ئوغۇزنامە» گە مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. داستاندا مۇنداق بىر ۋەقە بايان قىلىنىدۇ: ئوغۇزىان بىر قېتىملىق جەڭدە، دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، نۇرغۇن غەنىيمەت ئالىدۇ. بۇ غەنىيمەتلەرنى توشۇپ كېتىشكە ئامالسىز قالغاندا، ئوغۇزخاننىڭ قوشۇنىدىكى بارماق يوسۇن بىلىگ دېگەن ئەقىللىق بىر ئادەم بىر ھارۋا ياسايدۇ. باشقىلار بۇنى كۆرۈپ ھەيران بولۇشۇپ، ئۇلارمۇ ھارۋا ياسايدۇ. شۇنىڭ بىلەن غەنىيمەتلەرنى ھارۋىغا بېسىپ توشۇپ كېتىدۇ. ھارۋا ماڭغاندا (قاڭق، قاڭق) دەپ ئاۋاز چىقارغانلىقى ئۈچۈن ھارۋىغا «قانقا» دەپ نام بېرىشىدۇ. ھارۋىنى ياسىغان ئادەمنى «قاڭقىلى» دەپ ئاتايدۇ. پۈتۈن قاڭقىللىقلار دەل شۇ كىشىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەن. «قاڭقا» سۆزى ماتېرىياللاردا «قاڭقا»، «قانقا»، «قاڭلى» ۋە «قاڭقىلى» دېگەندەك شەكىللەردە ئۇچرايدۇ.
    (4) تاۋغاچ – توقسۇن ناھىيىسىدە «تاۋغاچلار مەھەللىسى» دەيدىغان بىر مەھەللە بار. «تاۋغاچ» سۆزى «تۈركىي تىللار دىۋانى» (Ⅰ توم، 38 – بەت)دا: «تاۋغاچ، بۇ – ماچىن دېمەكتۇر. بۇ قەبىلىلەر جەنۇب بىلەن شىمال ئوتتۇرىسىدا ياشايدۇ» دەپ ئىزاھلايدۇ. «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ تۈركچە «ئىندىكىس» (429  بەت)تە:«تاۋغاچ – تۈركلەرنىڭ بىر بۆلىكى» دەپ ئىزاھلايدۇ. تۈرك تارىخچىسى باھائىددىن ئۆگەلنىڭ «تۈرك مەدەنىيەت تارىخىغا كىرىش» دېگەن ئەسىرىدە «تاۋغاچ» سۆزىنى «جۇڭگولۇق» دېگەن مەنىدە قوللانغان. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تاۋغاچلارنىڭ تۇرپان ئويمانلىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىق.
    (5) يوپۇرغا – ھازىرقى ناھيىسىنىڭ قەدىمكى ئورنى «ياباقۇ» چېگرىسى بولغىنى ئۈچۈن، خوتەن بۇددىستلىرى بىلەن بولغان جەڭدە شېھىت بولغان ئارسلان تېكىننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، كىشىلەر بۇ يەرنى «يوپۇرغا» دەپ ئاتاشقا بولۇشى مۇمكىن. دەپ قارىغۇچىلار بار. خەنزۇ تىلىدا بۇ يەر ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە «兵普湖» دېيىلىدۇ. ياباقۇ – تۈركىي قەبىلىلەردىن بىرى.
    (6) توققۇزاق (قەشقەر كونا شەھەرنىڭ نامى)، ئىكىساق (ئاتۇشقا قاراشلىق بىر يېزىنىڭ نامى). بۇ ناملار ئەسلىدە (توققۇزساق)، (ئىككى ساق) بولۇپ، قەدىمكى ساك قەبىلىلىرى ئولتۇراقلاشقان يۇرت ناملىرىنى كۆرسىتىدۇ.
    (7) يەر – جاي ناملىرى ئىچىدە مىللەت نامى بىلەن ئاتالغان يەر – جاي ناملىرىمۇ بار. مەسىلەن، ئۇيغۇر شەھىرى، ئۇيغۇر غول، ئۇيغۇر چوققا (قۇمۇل تاغلىرىدا)، تاتار مەھەللىسى (يەكەندە)، تۇڭگانمازار(مارالبېشىدا)، تۇڭگان مەھەللە (نىلقىدا)، قازاق مەھەللە (ئاقسۇ شەھىرىدە)، سالار كەنتى (غۇلجىدا)، مۇڭغۇل كەنتى (چاپچالدا) قاتارلىقلار. بۇ ناملارنىڭ بەزىلىرى بىر قانچە يۇرتتا ئۇچرايدۇ. بۇ ناملار بۇنداق بارلىققا كەلگەن: بىرەر مىللەت ئادەملىرى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن بىرەر يۇرتقا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلىقتىن شۇنداق نام بىلەن ئاتالغان. لېكىن ھازىر شۇ يۇرتتا شۇ مىللەت ئادەملىرىنىڭ بولۇشى ناتايىن.

    تۆتىنچى، يۇرت نامى بىلە ئاتالغان يەر ناملىرى. مەسىلەن، ئالمۇتا كەنتى (غۇلجا شەھىرىدە)، ئاۋات كەنتى (قاراقاشتا)، ئەنجان كارىزى (تۇرپاندا)، ئەنجان ئېرىقى (پەيزىۋاتتا)، بارچۇق كەنتى (قاراقاشتا)، پەيزىۋات كەنتى (كۇچادا)، پوسكام كەنتى (مەكىتتە)، تاشكەنت كەنتى (غۇلجىدا)، توقسۇن كەنتى (بايدا)، تۇرپانيۈزى (غۇلجىدا)، تۇرپان كەنتى (چارقىلىقتا)، چارقىلىق كەنتى (قەشقەر يېڭىشەھەردە)، خوتەن مەھەللىسى (قاغىلىقتا)، دولان مەھەللىسى (گۇمىدا)، قاراقاش كەنتى (پەيزاۋاتتا)، قاغىلىق كەنتى (كېرىيىدە)، قەشقەر مەھەللىسى (مارالبېشىدا)، قوقان كەنتى (قاراقاشتا)، قۇمۇل كەنتى (گۇمىدا)، كەلپىن كەنتى (يېڭىساردا)، لوپ كەنتى (چارقىلىقتا)، مەكىت كەنتى (ئۇچتۇرپاندا)، ئۇچ كەنتى (ئاقچىدا)، يەكەن مەھەللىسى (خوتەندە)، يېڭىسار كەنتى (ئۇچتۇرپاندا)... قاتارلىقلار.

    بەشىنچى، كىشى ئىسىملىرى ۋە لەقەملىرىگە قويۇلغان يەر ناملىرى. مەسىلەن، ئابلاخۇن كارىزى، ئاقئايلاساي، ئارسلانخان كەنتى، بارات مەھەللىسى، جالالباغ، مامۇتلەڭگەر، مىرسالى مەھەللىسى، سەلەيچوڭ ئېرىق، نۇراخۇنبۇلاق، ھېلىمھاجى مەھەللىسى، تورغايلار مەھەللىسى، جۈجەكلەر مەھەللىسى، خورازلار مەھەللىسى، قوچقارلار مەھەللىسى، چەكمەنكارىزى، قودايلار مەھەللىسى... قاتارلىقلار. شىنجاڭدا كىشى ئىسمى ۋە لەقىمى بىلەن ياسالغان يەر جاي ناملىرى خېلى نۇرغۇن. كىشى ئىسمى بىلەن كەلگەن يەر – جاي ناملىرى يۇرت ئىچىدە يۈز – ئابرويى بار ئادەملەر نامىغا قويۇلغان.

    ئالتىنچى، كەسىپ ناملىرى بىلەن ئاتالغان يەر – جاي ناملىرى: بۇ خىل يەر – جاي ناملىرى شۇ يۇرت ئادەملىرىنىڭ نېمە كەسىپ بىلەن تىرىكچىلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى بىلىشكە ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن ئەلگەكچى، بوياقچى مەھەللىسى، تاۋاقچى مەھەللىسى، تاغارچى كەنتى، تەڭلىچى مەھەللىسى، تۈگمەنچى مەھەللىسى، تونۇرچى مەھەللىسى، تۆگىچى مەھەللە، چويۇنچى كەنت، خۇمدان كەنتى، سېۋەتچى مەھەللە، شامچى كوچا، چايچى مەھەللە، قايماقچى كەنت، كۆنچى مەھەللە، ئوۋچى مەھەللە، ياغاچچى كەنت، قەغەزچىلەر مەھەللىسى، يىكچى كەنت، قاسساپ مەھەللىسى... قاتارلىقلار.

    يەتتىنچى، ھايۋانات ۋە ئۇچار قۇشلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان يەر – جاي ناملىرى. مەسىلەن، ئاقساقمارال، بۆرىكۆل، بۆرەبۇلاق، پاختەكلە، پاقابۇلاق، توڭگۇزلۇق، قۇشقاچباغ، كەكلىكچۆل، ھوقۇشدۆڭ، جەرەنبۇلاق، ئىلانلىق... قاتارلىقلار.

    سەككىزىنچى، دەل – دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەر نامى بىلەن ئاتالغان يەر – جاي ناملىرى، مەسىلەن ئازغانبۇلاق، ئالمىلىق، ئەمەنلىك، توغراقلىق، قالغايلىق، تىكەنلىك، ئۈزۈمچىلىك، شوتابۇلاق، جىگدىلىك، چىغلىق، چىغىرتماقلىق، چىلانلىق قۇشتېرەك، زاغۇنلۇق، سۆكسۆكلۈك، ئۆرۈكلۈك، يۇلغۇنلۇق، يانتاقلىق، قۇمۇشچۆل... قاتارلىقلار.

    توققۇزىنچى، جۇغراپىيىلىك جايلىشىشىغا قاراپ قويۇلغان يەر – جاي ناملىرى، مەسىلەن ئويمانتۇر، دۆشتۇر، دۆڭمەھەللە، دۆڭكۆۋرۈك، دۆڭمازار، قاتار چوققا، يالاڭكارىز، ئويبازار، ئاقساي، سەككىز كۆتەل، ئويئېرىق، سايباغ، سايتۈگمەن، سايئۆستەڭ، سايئېرىق، قۇمباغ، قۇمئېرىق، يۇلغۇندۆڭ، شور بۇلاق، بەلساي، يېكەنكۆل، قومۇشكۆل...قاتارلىقلار.

    ئونىنچى، دىنىي ئاتالغۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەر – جاي ناملىرى، مەسىلەن ئاخۇنمەھەللە، ئاخۇنئېرىق، ئازنا مەسچىت، ئەۋلىيا كەنتى، باخشى كەنتى، بېھىشباغ، خانىقا مەھەللىسى، خاتىپكارىزى، داخانلار كەنتى، رەمبال مەھەللىسى، سوپىلار مەھەللىسى، كۆھمارىم، شېھىتلىرىم كەنتى، قاىخانا كەنتى، مازار غوجام، شىڭشىڭشيا غوجام، مەدرىس كەنتى، ئوقۇر مازار، ۋەخپە كەنتى، ئىماملىرىم، ئىسلامئاۋات كەنتى دېگەندەك يەر – جاي ناملىرى شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇ خىل ناملارغا بەزى ئەپسانىلەر سىڭىپ كەتكەن ۋە بىر خىل سىرلىق تۈسنى ئىپادىلەيدىغان ناملارغا ئايلىنىپ كەتكەن.

    ئون بىرىنچى، قەدىمكى ھەربىي ئاتالغۇلار بىلەن باغلانغان يەر – جاي ناملىرى، بۇ خىل يەر ناملىرى بىۋاستە ھالدا پوتەي، تۇر (تۇرا)، تىم، قاراۋۇل، قورغان، قەلئە، ساھار، (ھېسار) دېگەندەك سۆزلەر بىلەن باغلىنىپ كېلىدۇ. مەسىلەن، بەشقورغان (تاشقورغاندا)، پالۋانتۇر، چۆلتۇر، قۇمتۇر، چوڭتۇ، دۆشتۇر، چوقايتۇر، چاشقانتۇر (بۇ يەرلەر قۇمۇلدا)، پوتەي كەنتى (توقسۇندا)، تۇرا كەنتى(كەلپىندە)، تۇر كارىز (پىچاندا)، تۇركەنت (بايدا)، تىم كەنتى (شاياردا)، چولاقتۇر (توقسۇدا)، قاراۋۇل ( ئاقتۇدا)، قاغىتۇر كەنتى (ئۇچتۇرپاندا)،قورغان كەنت (يەكەندە)، قىزىلتۇر كەنتى، قۇشتۇر كەنتى (تۇرپاندا)، كونا تۇر كەنتى (بايدا)، ھاسار كەنتى (گۇمىدا)، ئويتۇر كەنتى (ئۇچتۇرپاندا) قاتارلىقلار.

    ئون ئىككىنچى، قەدىمكى ھاكىمىيەت ناملىرى بىلەن ئاتالغان يەر – جاي ناملىرى. مەسىلەن، بەشبەگ (قاغىلىقتا)، خالىق ۋەخپىسى كەنتى (خوتەندە)، خانئېرىق كەنتى (قەشقەر يېڭىشەھەردە)، خانكۆۋرۈك كەنتى (يوپۇرغىدا)، خانكۆل كەنتى (مەكىتتە)، خانلەڭگەر (پوسكامدا)، ئوردا كارىز، ئوردا قوۋۇق (قۇمۇلدا)، ئېردا ئېرىق (ئاقتۇدا)...قاتارلىقلار.

    ئون ئۈچىنچى، ھەپتە ئىچىدىكى ھەرقايسى كۈنلەرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان يەر – جاي ناملىرى، مەسىلەن، دۈشەنبە بازار، سەيشەنبە بازار، چارشەنبە بازار، پەيشەنبە بازار، ئازنا بازار، شەنبە بازار، يەكشەنبە بازار دېگەن ناملار ئاستىدا ھەرقايسى يۇرتلاردا نۆۋەت بىلەن بازار بولۇپ تۇرغان. بۇ بازار ناملىرى دەسلەپ، سودا – سېتىق ئورنىنى بىلدۈرگەن بولسا، كېيىنچە بىرەر يۇرت ياكى مەھەللىنىڭ نامى بولۇپ قالغان.

    ئون تۆتىنچى، مېتال – مەدەن نامى بىلەن ئاتالغان يەر – جاي ناملىرى، مەسىلەن كۈمۈشبېكىتى، ئالتۇنبۇلاق، ئالتۇنتاغ، تۆمۈرتى، زەگەر كەنتى، مىسبۇلاق، مىسكەنت، قەلەيچى مەھەللىسى قاتارلىقلار.

    ئون بەشىنچى، رەڭ بىلەن سۈپەتلەنگەن يەر – جاي ناملىرى. مەسىلەن ئاقساي، ئاقتاغ، ئاقدۆڭ، ئاقئۆستەڭ، ئاقسۇ، ئالاقاغا، بوزدۆڭ، سېرىقبۇيا، قاراتاغ، قارادۆڭ، قاراسۇ، قارا يۇلغۇن، قاراقاش، قىزىلبۇلاق، قىزىلتاغ قىزىلقۇم، قىزىلسۇ، قىزىليار، قىزىليۇلغۇن، كۆكگۈمبەز، كۆكتۇمشۇق، كۆكبۇقچا قاتارلىقلار.

    ئون ئالتىنچى، سان بىلەن ياسالغان يەر – جاي ناملىرى. بۇ خىلدىكى يار ناملىرىمۇ خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، ئەللىككەتمەن كەنتى، بەشبۇلاق كەنتى، بەشتام كەنتى، بەشتوغراق كەنتى، بەشتۈگمەن، بەشتېرەك، بەشدۆڭ، بەشكارىز، بەشكېرەم، بەشگۈمبەز، بەشئېرىق، توققۇز بۇلاق، توققۇز توما كەنتى، سەككىز كۆتەل، ئۈچدەرۋازا، ئۈچكۆۋرۈك، ئۈچئۆستەڭ، يەتتە قۇدۇق، يەتتە قىزلىرىم، توققۇزئەگىم... قاتارلىقلار.

    ئون يەتتىنچى، مۇھىت ئالاھىدىلىكى بىلەن باغلانغان يەر – جاي ناملىرى. مەسىلەن، بوستان كەنتى، چېچەكلىك كەنتى، چىمەن كەنتى، گۈلچى كەنتى، بورانلىق، چىمەنزار، گۈلچىمەن كەنتى، گۈللۈكھويلا، گۈلمەھەللە... قاتارلىقلار. ئۇيغۇر خەلقى گۈزەللىكنى سۆيىدۇ. يۇقىرىقىدەك يۇرت ناملىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ گۈزەللىكنى سۆيىدۇ. يۇقىرىقىدەك يۇرت ناملىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ گۈزەللىك قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

    بىز يۇقىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يەر – جاي ناملىرى ئادىتىدىكى بەزى ئالاھىدىلىكلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۇق، تولۇقسىز ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، شىنجاڭدا تەخمىنەن يىگىرمە مىڭدىن ئارتۇق يەر – جاي ناملىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم. بۇ يەر ناملىرىنىڭ ئېتمولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىش ناھايىتى چوڭ تېما. ئىشىنىمىزكى، يېقىن كەلگۈسىدە بۇ تېما كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغۇسى.

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.