ئىنتىل سەيناسى ، ئالپ سوفت شىركىتى، قىياس يۇمشاق دىتال چۈشۈرۈش تورى ، دىلسىرى تورى ، بىلگۈ تورى رەسىم- سۈرەت ئۇستىلىرىغا ماھارەت كۆرسىتىش پۇرسىتى يارىتىش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىجادچانلىقنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە 2011- يىللىق ماركا- تۇغ(logo) لايىھەلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى.
ھەرقايسى بېكەت باشلىقلىرىنىڭ تەشۋىقاتقا ھەمكارلىشىشىنى، رەسىم-سۈرەت لايىھە ھەۋەسكارلىرىنىڭ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز.
دائىرىسى: شىركەت، مەھسۇلات، توربەتنىڭ ماركا- تۇغ(logo) لايىھەسى ۋە تەسەۋۋۇر لايىھە بولسا بولىدۇ.
تەلەپ:
1- ئەسەرنى يوللاش بىلەن، قىسقىچە چۈشەندۈرۈش ۋە ئىشلىتىلگەن دىتال نامىنى يوللاش كېرەك.
2- يوللانغان ماركا- تۇغ(logo) نىڭ چوڭلۇقى 358X358 دىن ئاشماسلىقى، سىغىمى 35kb دىن كىچىك بولىشى لازىم ( چوڭ ھۆججەتنى سەيناغا يوللىماقچى بولسا باشقا بوشلۇققا ياكى قىياس تورى تەمىنلىگەن بوشلۇققا يوللاپ سىرتقى ئۇلىنىشىنى قالدۇرسا بولىدۇ).
3- ماركا- تۇغ(logo) نىڭ لايىھەسى يېڭى بولىشى ، باھالاشقا قاتناشتۇرۇلۇشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىشكە ئەسلى لايىھەسىنى تەمىنلىيەلىشى كېرەك. ( مەسىلەن : photoshop تا ئىشلىگەن بولسا ئەسلى PSD ھۆججىتى بولىشى لازىم).
4- مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەر مۇسابىقە رايۇنى دا ئايرىم تېما قىلىنىپ يوللانسا بولىدۇ.
مۇسابىقە ۋاقتى: 2011- يىلى 5- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 2011- يىلى 7- ئاينىڭ 8- كۈنىگىچە بولىدۇ.
2011- يىلى 7- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 13- كۈنىگىچە راي سىناش- باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2011- يىلى 7- ئاينىڭ 14-كۈنى نەتىجە ئېلان قىلىنىدۇ.
مۇكاپات بۇيۇمى:
1- دەرىجىلىك مۇكاپات: 1 نەپەر ، مۇكاپاتى ئىنتىل سەيناسىنىڭ 3- يىللىق خاتىرە مايكىسىدىن 1 دانە ۋە 70.00 يۈەن خەلق پۇلى . قىياس تور دىسكىسىنىڭ VIP ئەزالىقى، ئالپ سوفتنىڭ 3 دىتالىنىڭ بىرسى ، 16 لىك بولغان قوياشلىق 8خانىلىق QQ دىن بىر دانە ، (ئىمپورت قىلىنغان) ماشىنا ئەتىرىدىن بىر دانە ، 2011- يىللىق شوپورلۇق نەزىرىيە ئىمتھان سۇئالى
2- دەرىجىلىك مۇكاپات: 2 نەپەر ، مۇكاپاتى ئىنتىل سەيناسىنىڭ 3- يىللىق خاتىرە مايكىسىدىن 1 دانە ۋە 50.00 يۈەن خەلق پۇلى. قىياس تور دىسكىسىنىڭ VIP ئەزالىقى, ئالپ سوفتنىڭ 3 دىتالىنىڭ بىرسى ، 16 لىك بولغان قوياشلىق 8خانىلىق QQ دىن بىر دانە ، (ئىمپورت قىلىنغان) ماشىنا ئەتىرىدىن بىر دانە ، 2011- يىللىق شوپورلۇق نەزىرىيە ئىمتھان سۇئالى
3- دەرىجىلىك مۇكاپات: 5 نەپەر ، مۇكاپاتى ئىنتىل سەيناسىنىڭ 3- يىللىق خاتىرە مايكىسىدىن 1 دانە . قىياس تور دىسكىسىنىڭ VIP ئەزالىقى, ئالپ سوفتنىڭ 3 دىتالىنىڭ بىرسى، 8خانىلىق QQ دىن بىر دانە ، 2011- يىللىق شوپورلۇق نەزىرىيە ئىمتھان سۇئالى
4- رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى : 10 نەپەر ، مۇكاپاتى قىياس تور دىسكىسىنىڭ VIP ئەزالىقى,ئالپ سوفتنىڭ 3 دىتالىنىڭ بىرسى ،8خانىلىق QQ دىن بىر دانە ، 2011- يىللىق شوپورلۇق نەزىرىيە ئىمتھان سۇئالى
5- ھەمكارلىق خاتىرىسى: تەشۋىقاتتا نەتىجىسى كۆرىنەرلىك بولغان 2 توربەتنىڭ ئاتامانىغا ۋە ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ ھەر بىرىگە ئىنتىل سەيناسىنىڭ 3- يىللىق خاتىرە مايكىسىدىن بىر دانە.
( بۇ مۇسابىقىگە ھەمكارلاشقۇچىلار بولسا مۇكاپات كۆپەيتىلىدۇ)
كامالى ئېھتىرام بىلەن:
ئىنتىل سەيناسى قىياس دۇنياسى ئالپ سوفت شىركىتى دىلسىرى تورى بىلگۈ تورى
2011- يىلى 5- ئاينىڭ 19- كۈنى