ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  رەسىملەر  »  داڭلىق شەخىسلەر

يېڭى قوشۇلغانلىرى

  • ئابدۇكېرەم ئابل
  • مۆمىن مۆيىدىن قى
  • شۆھرەت زاكىر
  • ‏قۇربانجان ئابد
  • رىنات خەمىت
  • مەردان ئابدۇراز

بىكەت تەۋسىيسى

  • ئېسىل تارتىلغان
  • ماھىنۇر ھاجى ياق
  • ئابلىكىم ئابدۇر
  • ئەخمەد نىجاد
  • جاڭ چۈنشيەن
  • نۇر بەكرى
 

داڭلىق شەخىسلەر

ئەخمەد نىجاد

ۋاقتى : 2012-12-30  مەنبەسى : خەلق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراقكۆرۈلىشى : قېتىم

ئىران زۇڭتۇڭى ئەخمەد نىجاد

مەھمۇد ئەخمەد نىجاد 1956-يىلى ئىراننىڭ شىمالىدىكى سېمنان ئۆلكىسىدىكى بىر ئاددىي پۇقرا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، دادىسى تۆمۈرچى ئىدى. ئالى مەكتەپتىكى ۋاقتىدا، ئۇ تېھران سانائەت پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ توپا تاش قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ھەمدە 1997-يىلى قاتناش تىرانسىپورت قۇرۇلۇشى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئىران ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەخمەد نىجاد ئىران ئىنقىلابى مۇھاپىزەت قىسمىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. ئەخمەد نىجاد ياش ۋاقىتلىرىدىلا سىياسىي سەھنىگە قەدەم قويغان بولۇپ، ئىلگىرى غەربىي جەنۇبتىكى كۇرد شەھىرى باشلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى ئۇ غەربىي شىمالدىكى ئاردېبېل ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەتلىك نەمۇنىچى ئۆلكە باشلىقى بولۇپ باھالانغان. 2003-يىلى ئاپرېلدا تېھران شەھىرىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان. ئۇ يەنە ئىران ئىسلام ئىنژېنېرلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. 2005-يىلى 6-ئايدا ئىران پىرېزىدېنتى بولغان، شۇ يىلى ئاۋغۇستتا ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان. 2009-يىلى ئىيۇندا داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىگەن. شۇ يىلى ئاۋغۇستتا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان.

  ئەخمەد نىجادنىڭ ئىستىلى دۇرۇس، ئاق كۆڭۈل، تىرىشچان ۋە ئىقتىسادچان بولۇپ، ئامما بولۇپمۇ ئاجىز ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە، تېھران شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان مەزگىلىدە، ئۇ تەدبىر قوللىنىپ تېھراننىڭ قاتناش ئەھۋالىنى ياخشىلىغان ھەمدە بۇ رايوننىڭ مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرغان.
ئەخمەد نىجاد ئىران ئىسلام ئىنقىلابىدىن كېيىنكى 2-ئەۋلاد. سىياسىي جەھەتتە ئۇ ئىسلام قىممەت قارىشىنى قوغداش مەيدانىدا چىڭ تۇرىدۇ. سايلام رىقابىتى مەزگىلىدە ئەخمەد نىجاد پىرېزىدېنتلىققا سايلانسام قىلىدىغان ئىشىم دۆلەتنىڭ قانۇنى، دىنى ئۆرپ-ئادىتى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى ھەقىقىي قوغداش دېگەن. سايلامدا غەلبە قىلغاندىن كېيىن ئەخمەد نىجاد بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن زامانىۋى ۋە تەرەققىي قىلغان ئىران قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن، ئىراننى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ چىقىمەن. ئىقتىساد جەھەتتە، ئەخمەد نىجاد دۆلەتنىڭ بايلىقى ھۆكۈمەتنىڭ قولىغا ھەددىدىن زىيادە مەركەزلىشىپ قالماسلىقى كېرەك، ئۇنى خەلققە تاپشۇرۇپ بېرىپ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىغان: نۆۋەتتە ئىراننىڭ خۇسۇسىيلاشتۇرۇشقا بولغان چۈشىنىشى ئومۇميۈزلۈك ئەمەس، خۇسۇسىيلاشتۇرۇش دۆلەتنىڭ بايلىقىنى سېتىش دېگەنلىك ئەمەس. ئەخمەد نىجاد يەنە جەمئىيەت ئادىللىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، جەمئىيەت ئادىل بولۇش مەسىلىسى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنىڭ يادروسى بولۇشى كېرەك دەپ ھېسابلىغان.

  يادرو مەسىلىسىدە ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلەيدۇ: ئىران خەلققە ئىشلىتىلىدىغان يادرو تېخنىكىسى ھوقۇقىغا ئىگە ھەمدە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ. ئۇ ئىراننىڭ ئۆز مەنپەئەتى ۋە مەيدانىنى قەتئىي قوغدايمىز، سىرتتىن كەلگەن بېسىمغا ھەرگىز باش ئەگمەيمىز، ھەر قانداق شەرت ئاستىدىمۇ يادرو قۇراللىرىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش ھوقۇقىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز دېگەن. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش غەرىزى يوق ھەمدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن سەمىمىي سۆزلىشىپ زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشنى خالايدۇ،دېگەن.

  2008-يىلى 9-ئايدا ئەخمەد نىجاد بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. 2010-يىلى 6-ئايدا جۇڭگوغا كېلىپ دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ ئىران سارىيى كۈنىگە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشقان.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا