نۇر بەكرى ئەر، ئۇيغۇر، 1961 - يىلى 8 - ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ بورتالا شەھىرىدىن، 1982 - يىلى 12 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1983 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپرانتلار سىنىپىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپرانت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
1978 - يىلى 11 - ئايدىن 1983 - يىلى 8 - ئايغىچە ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت فاكولتېتى سىياسىي نەزەرىيە كەسپىدە ئوقۇغان؛
1983 - يىلى 8 - ئايدىن 1984 - يىلى11 - ئايغىچە ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت فاكولتېتىدا يېتەكچى ئوقۇتقۇچى، ئىتتىپاق باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛
1984 - يىلى 11 - ئايدىن 1989 - يىلى 1 - ئايغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛
1989 - يىلى 1 - ئايدىن 1992 - يىلى 1 - ئايغىچە ، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان، (1986 - يىلى 9 - ئايدىن1989 - يىلى 7 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپرانتلىق سىنىپىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە كەسپىدە ئوقۇغان)؛
1992 - يىلى 1 - ئايدىن 6 - ئايغىچە ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛
1992 - يىلى 6 - ئايدىن 1993 - يىلى 9 - ئايغىچە ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛
1993 - يىلى 9 - ئايدىن 1995 - يىلى 4 - ئايغىچە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىي ياردەمچىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1994 - يىلى 5 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ فېيچىڭ شەھىرىدە ۋەزىپە بىلەن مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان)؛
1995 - يىلى 4 - ئايدىن 1996- يىلى 3 - ئايغىچە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان؛
1996 - يىلى 3 - ئايدىن 1998- يىلى 2 - ئايغىچە ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولغان؛
1998 - يىلى 2 - ئايدىن 3 - ئايغىچە ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان؛
1998 - يىلى 3 - ئايدىن 2000 - يىلى 12 - ئايغىچە ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان؛
2000 - يىلى 12 - ئايدىن 2001 - يىلى 1 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛
2001 - يىلى 1 - ئايدىن 2003 - يىلى 4 -ئايغىچە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسى - قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛
2003 - يىلى 4 - ئايدىن 2005 - يىلى 1 - ئايغىچە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسى - قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛
2005 - يىلى 1 - ئايدا ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛
2007 - يىلى 12 - ئايدا ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن؛
2008 - يىلى 1 - ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 11 - نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 1 - قېتىملىق يىغىنىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.
ئۇ ج ك پ 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى.