ئابدۇكېرىم ئابلىز 1970-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەردە تاماملاپ، 1987-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى دىرامما فاكۇلتىتى ئاكتىيورلۇق كەسپىنىڭ بىرىنچى قارار تولۇق كۇرس سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان. 1991-يىلى 7-ئايدا مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسىگە تەقسىم قىلىنغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن 2007-يىلغىچە ئاۋاز ئارتىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 2007-يىلىدىن باشلاپ كىنو-فىلىم پىلانلاش بۆلۈمىنىڭ ئىجادىيەت ئىشخانىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ.
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1970 - يىلى 3- ئاينىڭ 27 - كۈنى
ھازىرقى خىزمەت ئورنى : تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى
بوي ئېگىزلىكى : 1.87 مېتىر
ئېغىرلىقى : 78 كىلوگرام
قىزىقىشى : رول ئېلىش
مىجەزى : خۇشچاقچاق
ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئادىمى : ئاتا - ئانا ، ئۇستازلىرى
كەسپتىن سىرتقى ھەۋىسى : ئۇچار قۇشلارنى بېقىش
ياخشى كۆرىدىغان رەڭگى : زەڭگەر
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان گۈلى : قىزىل گۈل
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سۆزى : ( كىم ئاخرىغىچەكۈلسە، شۇ ھەقىقىي كۈلگەن بولىدۇ)
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تامىقى : لەغمەن
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پەسىل : باھار پەسلى
ئۆزىگە ئەڭ ياقىدىغان مۇزىكا : ئون ئىككى مۇقام
ئۆزىگە تەسر قىلغان ئەدەبىي ئەسەر : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ( ئىز )رومانى تاماشىبنلىرىمنىڭ كۈلكىسى - مېنىڭ زور بەختىم!
ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىسى : ئايالى بىلەن تۆمۈرخان روزى
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو فىلىمى : بويتاقلار ئائىلىسى
ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان رېژىسسور : تۇيغۇن ئەھمىدى
ئەڭ ياقتۇرمايدىغان ئىللەت : يالغانچىلىق ، چېقىمچىلىق
تۇنجى رول ئالغان فىلىمى : ( قوغۇنچىنىڭ ھېكايىسى )
تۇنجى رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىمى : سەھرادىن كەلگەن دادا
ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئوبراز : ( دوزاخقا سەپەر ) فىلىمىدىكى دىلشات ئوبرازى
ئۆزىدىن ئەڭ رازى بولغان ئىشى : ( ساجىت ) ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقانلىقى
ئەڭ ئەپسۇسلىنىدىغان ئىشى : قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مەرھۇم كومىدىيە ئارتىسى ئابدۇقادىر ھاجىم بىلەن ھەم سۆھبەتتە بولالمىغانلىقى.