ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  رەسىملەر  »  پىدائىيلار

يېڭى قوشۇلغانلىرى

  • ئابدۇكېرەم ئابل
  • مۆمىن مۆيىدىن قى
  • شۆھرەت زاكىر
  • ‏قۇربانجان ئابد
  • رىنات خەمىت
  • مەردان ئابدۇراز

بىكەت تەۋسىيسى

  • ئېسىل تارتىلغان
  • ماھىنۇر ھاجى ياق
  • ئابلىكىم ئابدۇر
  • ئەخمەد نىجاد
  • جاڭ چۈنشيەن
  • نۇر بەكرى
 

پىدائىيلار

رىنات خەمىت

ۋاقتى : 2015-02-09  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراقكۆرۈلىشى : قېتىم

يېتىلىۋاتقان ياش تالانتلىق ناخشىچى ، ئاكتىيور ، رىياسەتچى رىنات خەمىت ،  1995 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى  غولجا قورغاس ناھىيسىدە مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى ئائىلىسىدە  تۇغۇلغان . ئىككى ياشقا توشقان يىلى  ئاتاـ ئانىسى رىناتنى ئېلىپ ئۈرۈچىگە كېلىدۇ ۋە ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ .  رىشتە مەنىۋىي سەنئەت پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى .
 
« تۇنجىرەت » « يامغۇرۇم » « تۇتاش قەلب » « ئاشىق نالىسى » « سەھراغا ھەۋەس » قاتارلىق ناخشىلارنىڭ ئىجادچىسى ، ئورۇنلىغۇچىسى .

ئۇنىڭ ئوقۇش ھاياتى تۆۋەندىكىچە :
2002 ـ يىلدىن 2008 ـ يىلغىچە باشلانغۇچ مەكتەپنى  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 40 ـ باشلانغۇچتا ئوقۇيدۇ ۋە ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ شەھەرلىك 16 ـ ئوتتۇرا مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنىدۇ .
2008 ـ يىلدىن 2011 ـ يىلغىچە شەھەرلىك 16 ـ ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇيدۇ ۋە ئەلا نەتىجە بىلەن  شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنىدۇ .
2011 ـ يىلدىن 2014 ـ يىلغىچە شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ ۋە ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى دىكتور ـ رىياسەتچىلىك كەسپىگە قۇبۇل قىلىنىدۇ ، ھازىر شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىدا ئوقۇۋاتىدۇ .


2013 ـ يىلى شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يېڭى ناۋا پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ سەھنە ھاياتىنى باشلىغان ، يېڭى ناۋا 15 ـ سان چولپىنى .  2013 ـ يىلى تەڭرىتاغ تورى ئۆتكۈزگەن دىكتور رىياسەتچىلىك  مۇسابىقىسىدا 3 ـ بولغان ، 2013 ـ يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق ئىتوت مۇسابىقىسىدە ، « ئۆزى يېزىپ ، ئۆزى ئويناپ ، ئۆزى رىجىسورلۇق قىلىپ »  ئوينىغان ئېتوتى ، ئاپتونۇم رايون بويىچە بىرىنجى بولغان ، ۋە « ئەڭ ياخشى ئاكتىيور » مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .  2013 ـ يىلى شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەلەي يۇلتۇزى پىروگراممىسىغا قاتناشقان .  2014 ـ يىلى ئارقا ـ ئارقىدىن  « شەھەر يۇلتۇزى ئاۋازى » « جوڭگو ياخشى ناخشا »  « تەڭرىتاغ بۇلۇتى ئىجادىيەتچىلەر ناخشا مۇسابىقىسى » « يىپەك يولى ساداسى »   قاتارلىق چوڭ ـ كىچىك ناخشا مۇسابىقىللىرىدە ئۆز ناخشا ئېيتىش ، ئىجادىيەت قىلىش تالانتلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى .   2015 ـ يىلى شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىسى خەنزۇچە قانىلىنىڭ « مەن ئەڭ قالتىس » پىروگراممىسىغا ،  شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ « شېرىن چۈش » پىروگراممىسىغا قاتناشتى .    
  2013 ـ يىلى  دۇنياۋىي داڭلىق ناخشا گامنام سىتايىلنى  ، « مەن دېگەن رىناتقان »  دەپ ئۆزگەرتىپ ،  mtv سىنى ئىشلەپ تورغا چىقىرىپ ، تۇنجى ئېكران ھاياتىنى باشلىدى ، كەينىدىنلا ئۆز ئىجادىيەت ناخشىسى تۇنجىرەتنىڭ mtv سىنى ئشلەپ توردا ئېلان قىلدى ،   يەنە تىرىشىپ ئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ مۇھەببەت بار ناخشامدا ناملىق ناخشىسىنى ئۆزگەرتىپ ئېيتىپ ، mtv سىنى ئىشلەپ توردا ئېلان قىلىدۇ ۋە ياخشى باھالارغا ئېرىشىدۇ .    رىنات ئىشلىگەن ھەممە mtv لەردە كومىدىيەلىك ، قىزىقارلىق   ئوبرازلارنى يارىتىپ ، خەلىقىمىز قەلبىدە ئوماق ، قىزىقچى ، ئوچۇق ئوبرازنى تىكلەيدۇ .

رىنات سەنئەت جەھەتتىلا يېتىلگەن بولماستىن ، يازغۇچىلىق ، شېئىر يېزىش جەھەتتىمۇ ئالاھىدە تالانتى بار .  رىنات يازغان « چوڭ دادامدەك ياشاپ باققۇم بار » ناملىق  ھېكايىسى تارىم غۇنچىللىرى ژورنىلىدا ئېلان قىلىنىدۇ ، ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك  « سابىرى بالىلار ئەدەبىياتى » مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ .    ئۇنىڭ « ئاپتوبۇستا » ناملىق ھېكايىسى ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ ۋە ئىنتايىن ياخشى باھالارغا ئېرىشىدۇ .  ئۇنىڭ يازغان  20 پارچە دىن ئارتۇق ھېكايىسى چوڭ كىچىك تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنىپ ياخشى باھالارغا ئېرىشىدۇ .  100 دىن ئارتۇق شېئىرى تورلاردا ئېلان قىلىنىپ ، كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ .

 

رىنات كىچىكىدىن ئىلغار سىنىپ كادىرى ، مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى ، ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى قاتارلىق كۆپلىگەن مۇكاپات تەغدىرنامىلەرگە ئېرىشكەن ، ئاپتونۇم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن .
 ئارتۇقچىلىقى : چىقىشقاق ، كەڭ قورساق ،  ئوچۇق ، شوخ يىگىت .
كەمچىلىكى : ئالدىراڭغۇ

رىنات كىشىلەرگە ياردەم بېرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدىغان شوخ يىگىت ، قەيەردە كىم ياردەمگە مۇھتاج بولسا ، ئۇ شۇ يەردە پەيدا بولاتتى . 2014 ـ يىلى  خوتەندىكى يەر تەۋرەشتە ، رىنات پۈتۈن ئىششىنى تاشلاپ ، خوتەنگە بېرىپ ، قۇتقۇزۇشقا ياردەم بەرگەن ئىدى ، شۇنداقلا شۇ ۋاقىتتا ئەڭ ياخشى پىدائىي دەپ باھالانغان .  ۋە كۆپلىگەن ساخاۋەت كېچىلىكلىرىگە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ، مېھرىبانلىق يەتكۈزگەن .
2014 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى رىشتە مەنىۋىي سەنئەت پىدائىيلار ئەترىتىنى قۇرغان ،  ۋە مېھىر ـ مۇھەببەتكە مۇھتاج كىشىلەرگە  ئىقتىسادتىلا ياردەم بېرىش سۆزىگە خاتىمە بېرىپ ،   سەنئەت بىزنىڭ بايلىقىمىز دېگەن شۇئارنى ياڭرىتىپ ،   مېھىر ـ مۇھەببەتكە مۇھتاج كىشىلەرگە سەنئەت ئارقىلىق مەنىۋىي ئوزۇق بېرىش پىدائىيلىق ھەركىتىنى باشلىغان .   قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە  مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش پائالىيەت دائىرىسىنى ، ئۈرۈمچىدىن ، تۇغۇلغان يۇرتى غولجا ، قورغاس ناھىيسىگىچە كېڭەيتكەن .
 
ئاخىرىدا رىنات خەمىت ئەپەندىنىڭ كىيىنكى ئىشلىرىغا ھۇتۇق ، تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك تىلەيمىز .

 

 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا