ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  رەسىملەر  »  پىدائىيلار

يېڭى قوشۇلغانلىرى

  • ئابدۇكېرەم ئابل
  • مۆمىن مۆيىدىن قى
  • شۆھرەت زاكىر
  • ‏قۇربانجان ئابد
  • رىنات خەمىت
  • مەردان ئابدۇراز

بىكەت تەۋسىيسى

  • ئېسىل تارتىلغان
  • ماھىنۇر ھاجى ياق
  • ئابلىكىم ئابدۇر
  • ئەخمەد نىجاد
  • جاڭ چۈنشيەن
  • نۇر بەكرى
 

پىدائىيلار

‏قۇربانجان ئابدۇۋەلى

ۋاقتى : 2015-02-14  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراقكۆرۈلىشى : قېتىم

‏قۇربانجان ئابدۇۋەلى قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش يىزىسدا سودىگەر ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن .باشلانغۇچ  تولۇقسىز ئوتتورىنى شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى پەرزەتلەر مەكتىپىدە تولۇق ئوتتۇرامەكتەپنى  يۇرتى ئاتۇشدىكى ئاتۇش شەھەرلىك 2-ئوتتۇرىدا تاماملاپ  ھازىر شىنجاڭ       ‏ئۇنۋىرسىتىتى قانۇنشۇناسلىق كەسپىدەھازىر شىنجاڭ ئەلرازى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتنىڭ لىدىرلىق ۋەزىپىسى ئۈتەپ كەلمەكتە  .پىدائىيلىق  تارىخى  ‏   2013-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىدىن تەشكىللەنگەن (ياشلار خەيرى ساخاۋەت ئەترىتى)  گە ئەزا بولغان .      2013-يىلى 6-ئايدا دىيارىمىزدىكى باشلامچى ساخاۋەت ئەترەتلىرىنىڭ بىرى بولغان بىلىپ ئۈمىد ئىللىق يەتكۈزۈش ئەتىرتى خالىس ياش پىدائىيلار ئەتىرتىگە رەسمىي ھالدا ئەزا بولۇپ تەشكىللەش قاتناشقان .خىزمىتىگە ‏بۇ جەرياندا خەيرىيەت بالىلار ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى، گۈزەل ئالەم ياشانغانلار ساناتورىيەسى قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆپ قېتىم پىدائىيلىق خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىغان ۋە قاتناشقان. 2013-يىلى 12-ئايدا ئۈرۈمچىدە جەمئىيەتتىن بىرقەدەر يېڭى بولغان كىيىم – كېچەكلەرنى يىغىپ، نامرات رايونلارغا يەتكۈزۈپ بېرەشتەك پىدائىيلىق خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان. يەنە جۇڭگو تۈركىيە دوستلۇق جەمئىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان ئىسمايىل يېكا يۇرتسۆيەر كېچىلىكى، «بىلىپ ئۈمىد ئىللىقىلىق يەتكۈزۈش كوللېكتىپى» قۇرۇلغىنىنىڭ بىر يىللىق تويى، جۇڭپا مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش فوندى قۇرۇلغانلىقىنىڭ كېچىلىكى قاتارلىقلاردا ئاكتىپ كۈچ چىقىرىپ پىدائىيلىق خىزمىتى تەشكىللىگەن. 2014-يىلى 2-ئايدىكى كېرىيەدىكى يەرتەۋرەش ئاپىتىگە جۇڭپا مېھىر – شەپقەت فوندىنىڭ پىدائىيسى سۈپىتىدە ئۈرۈمچى تاشقى سودا بىناسىدا كىيىم – كېچەك يىغىپ، ئاپەت رايونىغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئاپالىيىتىگە قاتناشقان. شۇنداقلا يەنە جەنۇب شىمالدىكى يۇقسز قىرىنداشلارغا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئالدىدا كىيىم كېچەك يىغىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋە  تەشكىللىگەن  .‏2014-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇربانجان ئابدۇۋەلى باشچىلىقىدا ئوت يۈرەك ياشلار (ئەلرازى خالىس ياش پىدائىيلار ئەترىتى)نى قۇرغان. ئەترەت قۇرۇلۇپ قىسقىغنە ۋاقىت شىنجاڭ ئىچى سىرتىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شۇنداقلا ھەرساھە كىشللىرىنىڭ قوللىشغا ئېرىشىپ  ئەزا سانى 3000دىن ئاشقان  چوڭ بىر كوللىكتىپقا ئايلانغان .    ‏2014-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى رەسمىي ھالدا تۇنجى قىتملىق پائالىيىتدىن    تاكى ھازىرغىچە  ئىفتارلىق بېرىش  ياشانغانلار ساناتورىيسدە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش بالىلاركەنتىدە  كۈپلىگەن مەنىۋى پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بارغان‏2014-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى گۇۋاڭجۇ خىڭدا پۇتبول ئەزمەتلىرىگە ئەلرازى خالىس ياش پىدائىيلار ئەترىتى نامىدا 2000يۈەن قىممىتىدىكى مىللىيچە كىيىم كېچەك بىلەن تەمىنلىگەن.‏2014-يىلى   10 - ئاينىڭ 12 – كۈنى بېيجىڭ ھەقسىز چۈشلۈك تاماق فوندى جەمئىيىتىنىڭ يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئاساسىدا شىنجاڭ باي ناھىيە تۇزبېشى كەنتى تۇزبېشى باشلانغۇچ مەكتىپىگە ھەقسىز چۈشلۈك تاماق بېرىش پائالىيىتگە ئاكتىپ قاتنىشىپ ، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى باشچىلىقىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى 13 ساخاۋەت كوللېكتىپىنىڭ يېتەكچىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سالاھىتى بىلەن  1800 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ، پىدائىيلىق‏خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان‏   2014 – يىلى 10 – ئاينىڭ 19 – كۈنى شىنجاڭ ئىنتىل كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلەش ساخاۋەت كېچىلىكىدە «ئەلرازى خالىس ياش پىدائىيلار » نامىدا «رايونىمىز خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقۇچى ئورۇن» بولۇپ، لاۋھەئېرىشكەن.‏2014-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە ياۋرۇئاسىيا ئالتۇن كۈۋرۈك يەرمەنكىسنڭ پىدائىيلىق خىزمىتىنى  (ئەلرازى خالىس ياش پىدائىيلار ئەترىتى )ئۈستىگە ئىلىپ پۈتكۈل يەرمەنكە خىزمىتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بىرىلىشغا كاپالەتلىك قىلغان .بۇ جەرياندا   ئەلرازى خالىس ياش پىدائىيلار ئەتىرتىنىڭ يېتەكچىسى -قۇربانجان ئابدۇۋەلى يەرمەنكە پىدائىيلار مەسئۇلى شۇنداقلا ياۋرۇئاسىيا ئالتۇن كۈۋرۈك يەرمەنكىسى مەيدان نازارەتچىلىك خىزمىتى ئۈتىگەن .‏2014-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى بىريۈئەن فوندىنىڭ ئىللىقلىق سومكىسى پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان.‏2014-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى كىيىم كېچەك پائالىيىتى ئىلىپ بېرىپ 5000قۇردىن ئارتۇق كىيىمنى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ئائىلە قىيىنچىلىق ئېغىر ئاممىغا يەتكۈزگەن.2014-يىلى  12-ئايدىن تاكى ھازىرغىچە داۋاملىق ئەلرازى پىدائىيلار ئەتىرتىنىڭ ھەرىكىتىنى توختاتماي پىدائىيلىق خىزمىتىنى ئۈتەپ كەلمەكتە.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا