مايتاغدىكى مايبۇلاق ـ مەردان ئابدۇرازىق
بەلكىم نۇرغۇن كىشلەر سۇ بۇلاقنى بىلىدۇ .ماي بۇلاقنى بىلـمەيدۇ .سۇ بۇلاق ئۇسسۇزلىقىتا چاڭقىغان ئىنسانلارنى ئۇسۇزلىقىقا قاندۇرسا .ماي بۇلاق ئېنىرگىيە مەنبەسىدۇر .ئۇنىڭغا ئوت يېقىلىسا .ئەتىراپقا ناھايتى كۇچلۇك ھارارەت تارقىتىدۇ .مەردان .ئابدۇرازىق شۇنداق قەلبىگە ساخاۋەت ئوتى يېقىلىغان ماي بۇلاقتۇر . مەردان .ئابدۇرازىق 1974 ـيىلى 11 ـئاينىڭ 20 ـكۇنى ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچار ناھىيسىنىڭ ئوشكىلىك نىفىت بازىسىدا بىر زىيالى ئائىلىدە تۇغۇلغان .ئۇ تۇغۇلۇپلا دادىسىنىڭ ئانىسى ھەجەرخان ئانىنىڭ يېنىدا 6 ياشقىچە تۇرغان .بۇ يەر كەلپىن ناھىيىسىنىڭ بىر يېزىسى بولۇپ .مۇھىتى بەك چىرايلىق .ساپ ھاۋالىق يەر ئىدى .ئۇ شۇ يەردە ئەركەك سۇنى ئىچىپ .ئۇماچ .زاغىرا يەپ .ئىسسىق توپىغا دەسسەپ ھەققى ئەلنىڭ ئوغلى بولۇپ چوڭ بولدى .شۇڭا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا يېزىغا ئالاھىدە ھورمەت ۋە مۇھەببەت بار .شۇڭا ئۇ بۇ ئانا تۇپىراققا .پۇتكۇل جاپاكەش .ئىشچان .ئەقىللىق ئۇيغۇر خەلىقىغە چۇڭقۇر مۇھاببەت باغلىغان .ئۇ 1982 ـيىلدىن 1994 ـيىلىغىچە مايتاغدا باشلانغۇچ .ئوتتۇرا ۋە ئىشچىلار تېخنىك مەكتەپلىرىنى ئەلا نەتجە بىلەن پۇتتۇرۇپ ،مايتاغ نىفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ كاتالىزلاش سېخىغا بولۇنگەن .1999 ـيىلى مايتاغ تىيەنلى يوقرى تېخنىكا پاي چەكىلىك شىركىتىنىڭ ئاسفالىت زاۋۇتىغا يوتكۇلۇپ ھازىرغىچە شۇ يەردە ئىشلىمەكتە .ئۇنىڭ ئوقۇشىمۇ ناھايتى ياخشى ئىدى .بىراق ئۇ ئوينىڭ چوڭى بولغاچقا بالدۇراق خىزمەتكە چىقىپ ئوينىڭ ئىخسادى بېسىمنى يەڭگۇلىتىش ئۇچۇن ئالى مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىپ تىخنىك ئىشچىلار مەكتىۋىدە ئوقۇدى .ئۇ مەكتەپتىمۇ تاكى باشلانغۇچتىن تېىخنىك مەكتەپنى پۇتتۇرگىچە ئىزچىل سىنىپ باشلىقى .ئۇگۇنۇش باشلىقى .ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسنىڭ رەئىسى.مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتىتىنىڭ سېكىرتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئوتىگەن .شۇڭا ئۇنى باشقىلار ھازىرغىچە مەردان بەنجاڭ دەپ چاقىرىدۇ .ئۇ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ ئىتتىپاقىلق .ئىناقلىقىنى تەشۋىق قىلىپ .ئەستايدىل ئىشلەپ كوپ قېتىم شىركەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى مۇنەۋۋەر شەخىس .ئاز سانلىق مىللەت تېخنىكا خادىمى .ئىلغار خىزمەتچى .ئىلىغار بەن ـگۇرپا باشلىقى .ئىلىغار سىياسى ـقانۇن يېتەكچىسى .ئىلىغار ياش پىدائى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشىپ شىركەت ۋە زاۋۇت رەھبەرلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۇرشىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن .نۇرغۇن قېتىم ئىچىكىرى ئولىكىلەر ۋە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى يەرلىرىگە ئۇگۇنۇش ۋە ساياھەتكە بارغان .ئۇ ھەممە ئىشقا ئەستايدىل .ھەققانىيەتچى .باغىرى يۇمشاق .كوڭلى ـكوكسى كەڭ .مەرىت ـمەردانە .سەۋىرچان سادىق .چىقىشقاق بولۇپ .چېھىرىدىن دايىم ئىللىق كۇلكە كەتمەيدۇ .2014 ـيىلنىڭ بېشىدا خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمى ئۇنى يىققتى .ئۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن يىقىلغاندا پۇتۇن مايتاغ خەلقى تەۋرەپ كەتتى .ئۇنىڭىغا دۇئالار قىلىدى .ئۇ ئاخىرى ساقىيىپ يەنە مايتاغ خەلقىنىڭ قوينىغا قايتىپ كەلدى .بىراق ئۇ بۇرۇنقىدەك جاپالىق ئىشلىيەلـمەيتتى .چۇنكى قاتتىق چارچاش ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئىدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ نەچچە يىللاردىن ئۇن ـتىنىسىز قىلىۋاتقان ياخشى ئىشلىرىنى تېخىمۇ كەڭ دائىردە قىلىش ئۇچۇن ھەم باشقىلارنىمۇ سەپەرۋەر قىلىش ئۇچۇن ئەل ـئابىدە خەيرى ـساخاۋەت ئەتىرىتىگە ئەزا بولۇپ مايتاغ تارماق ئەتىرەتنى قۇرۇپ چىقىتى .بۇ ئەتىرەت ئۇنىڭ تىرشچانلىقى نەتىجىسىدە يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ھەم زوررۇيۇپ ،نۇرغۇن ساخاۋەت ئىشلىرىنى قوللاپ ھەم قىلىپ خەلقىنىڭ ياخشى باھاسىغا ۋە ھوكۇمەتنىڭ ئىتىراپ قىلىشغا ئېرىشىتى .ئۇنىڭ نامى شىنىجاڭنىڭ بۇلۇڭ پۇشقىغىچە تارالدى .ئۇنىڭ دوسلىرى ۋە ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ مۇنداق دەيدۇ :مەردان ھەقىقەتەن تىرشچان .بەك ياخشى .ئۇنىڭ بۇنداق ساخاۋەت ئىشىنى قىلىشى ئۇنىڭىغا بەك ماس كەلگەن .ئۇ ئومىرىدە يامان ئىش قىلىپ باقىمىغان .ئۇنىڭدىن بەك پەخىرلىنىمىز .مەردان ئوزىمۇ بۇ ئىشنى بەك ياخشى كورىدۇ .ئۇ مۇنداق دەيدۇ :ساخاۋەت بەك جاپالىق .بىراق بىز ياردەم قىلىغان ھەربىر قېرىنداشلىرىمنىڭ چېھىردە خوشاللىق .مەمنۇنلۇق ئەكىس ئەتكەندە جاپسىنى تەلتۇكۇس ئۇنتۇپ كېتىمەن .ساخاۋەت نىيەتكە باغلىق .بۇ يەردە مەنپەت توقۇنۇشى بولـماسلىقى كېرەك .ھوقۇق كۇرىشى بولـماسلىقى كېرەك .ھەممە ساخاۋەتچىلەردە ئېنىترناتسويالىزمىلىق روھ بولۇشى كېرەك .ئىناق ـئىتىپاق .مىللەت .رايۇن .دىن .ئېرىق ئايرىمايدىغان .باشقىلارغا پۇتۇن ۋۇجۇدىدى بىلەن ياردەم بېرىش .ئوزنى قۇربان قىلالايدىغان روھ بولۇشى كېرەك .مانا بۇ ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنىكى قىلىدىغان ئىشلىرى .ئۇ ۋاقىتىنى بىكار ئوتكۇزۋاتقان ياش ئەۋلاتلارغا شۇنى دىمەكچى :تىرىشسلا قىلىغلى بولـمايدىغان ئىش يوق .ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ .سىز نى نۇرغۇن ئىشلار قىلىشىڭىزنى ساقلاپ تۇرىدۇ .ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ تېنىگە سالامەتلىك .ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن .دوسلىرىڭدىن