شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت : دۇنيادىكى 93 دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىنىپ، ھەر قايسى جايلاردىكى خانىم-قىزلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولغان تۈركىيە داڭلىق گىرىم بۇيۇمى golden rose شىنجاڭ ئېرەن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن دىيارىمىز بازىرىغا كىرگەندىن بۇيان، دىيارىمىز نازىنىنلارنىڭ گۈزەللىك ئارزۇسىنى قاندۇرالىدى.
شىنجاڭ ئېرەن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى golden rose گىرىم بۇيۇملىرىنى قوللاپ كەلگەن كەڭ خېرىدارلىرى ۋە ۋاكالەتچىلىرىگە رەھمەت ئېيتىش، ماركىسىنى تېخىمۇ تونۇتۇش مەقسىتىدە، 15-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى تاشقى سودا مېھمانسارىيىدا گۈزەللىك مۇنبىرى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى دەۋر ئېقىمى بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرىلەۋاتقان، ياۋروپانىڭ ئەڭ ئىلغار تېخنىكىسى بىلەن يۇقىرى سەۋىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ خانىم-قىزلارنىڭ گۈزەللىكىدە ئوينايدىغان رولى، ئۇنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە قوللىغۇچىلار ھەم ئوخشاش ساھەدىكى كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلاشتى. شىنجاڭدىكى خانىم-قىزلارنىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىۋاتقان گىرىم ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن كارخانا ۋەكىللىرى golden rose مەھسۇلاتلىرىغا بولغان قايىللىقى ھەم گىرىم ساھەسىدە داڭلىق ماركىلاردىن ئۈلگە ئىلىپ، بۇ ساھەدە ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، ئۆز ئارا تولۇقلاپ، دىيارىمىز گۈزەللىرىنىڭ تېخىمۇ گۈزەللىكى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
golden rose گىرىم مەھسۇلاتلىرى مىڭ خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، شىنجاڭ بازىرىغا كىرگەن ئالتە يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 35 ۋاكالەتچىسى ئارقىلىق شىنجاڭ بازىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگىلىدى. ئالتە يىل ئىلگىرى تۈركىيە ھەم ياۋروپا دۆلەتلىرىگە چىققان شىنجاڭلىقلاردىن golden rose گىرىم مەھسۇلاتلىرىنى چۈشەنگەنلەر شىنجاڭدىكى خانىم - قىزلارنىڭ ياۋروپاچە گىرىم قىلىش ئارزۇسىنى ئىشەنچلىك مەھسۇلات بىلەن قاندۇرالايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئاز مىقداردا ئەكىرىپ قىممەت باھادا ساتقانىدى. شىنجاڭ ئېرەن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى شىنجاڭدىكى خانىم-قىزلارغا گىرىمچىلىك ساھەسىدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇۋاتقان ئىشەنچلىك، سۈپەتلىك مەھسۇلاتنى مۇۋاپىق باھادا يەتكۈزۈپ بېرىش مەقسىتىدە دىيارىمىز بازىرىغا ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىپ كىردى. ئۇلار مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ بازىرىغا تونۇتۇپ بولغاندىن كېيىن پەقەت مال سېتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، golden rose گۈزەللىك مۇنبىرى ئۆتكۈزۈپ، خانىم- قىزلارغا تاشقى گۈزەللىك بىلەن ئىچكى گۈزەللىككە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە يېتەكلەشنى، بازار ئىچىشتا پەقەت شىنجاڭ بازىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىمۇ تەرەققىي قىلىشنى نىشان قىلدى.
بۇ شىركەت 25-ئۆكتەبىردىن باشلاپ، ۋاكالەتچىلىرىنى دۇبەي، تۈركىيە ساياھىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆزى ۋاكالىتەن سېتىۋاتقان golden rose گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ئىشلىنىش جەريانى ھەم چەت ئەللەردىكى نوپۇزى ۋە ئابرۇيىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۆز سودىسىغا نىسبەتەن ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرماقچى بولدى.
ئىشىنىمىزكى، بۇ مەھسۇلات شىنجاڭ ئېرەن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىدىكى خادىملارنىڭ سەمىمىيىتىدە دىيارىمىز خانىم-قىزلىرىنىڭ توغرا، ساغلام گۈزەللىك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ، باشلامچى ئاياللارنىڭ جەمئىيىتىمىزدە كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشىدە مۇھىم رول ئوينىغۇسى.