ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

جاپپار قېيۇم ماي بوياق كۆرگەزمىسى ئەتە كەچ ئاخىرلىشىدۇ

ۋاقتى : 2016-10-15  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

2016-يىلى 15-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى جۈپ قول كەسپىي سۈرەتخانىسىدا «جاپپار قېييۇم ماي بوياق كۆرگەزمىسى» ئېچىلىپ، ھەر قايسى ساھەدىكى ھەۋەسكارلار، قوللىغۇچىلار، شۇنداقلا داڭلىق رەسساملار بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىگە داخىل بولدى.

كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئەلگە تونۇلغان رىياسەتچىمىز مەۋلۇت ئىبراھىم رىياسەتچىلىك قىلدى.

بۇ قېتىملىق «جاپپار قېييۇم ماي بوياق كۆرگەزمىسى» بۈگۈن ۋە ئەتە ئىككى كۈن داۋاملىشىغان بولۇپ، قىززىقۇچىلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.
ئورنى جۈپ قول كەسپىي سۈرەتخانىسى، ئادرېسى سەنئەت يۇرتىنىڭ كەينىدىكى مىرەن ئولتۇراق رايونى يەر ئاستى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۆھرەت شەۋكەت ئەپەندىم .

ﺟﺎﭘﭙﺎﺭ ﻗﯧﻴﯘﻡ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، 1974-ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ. 1992-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ئىنىستىتوتىنىڭ ﮔﯜﺯﻩﻝ- ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻛﻪﺳﭙﯩﮕﻪ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. 1996-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻮﻣﯩﺪﺍ ﮔﯜﺯﻩﻝ- ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
20 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ، ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﮔﯧﺰﯨﺖ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﮪﻪﻡ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ.
ﺟﺎﭘﭙﺎﺭ ﻗﯧﻴﯘﻡ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓﺩﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓﺩﺍ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﮔﯜﺯﻩﻝ-ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ. ﺋﯘ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﯘﺭﺗﻨﻰ ﭼﯩﻦ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺳﯚﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﻟﺒﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﯘﺭﺗﻘﺎ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﯩﺪﯗ، ﺋﯘ ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﯚ ﻳﯘﺭﺗﯩﻨﯩﯔ ﮔﯜﻝ-ﮔﯩﻴﺎﮪ، ﺩﻩﻝ-ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﯩﺘﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ   ﻳﯘﺭﺗﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﻤﻪﺱ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺱ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺰﮪﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﯘﺳﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﭘﯜﺗﻤﻪﺱ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺱ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﭖ ﺑﻪﺭﮔﯜﺳﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﻗﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ. ﺑﯘ ﺩﻩﻝ ﺟﺎﭘﭙﺎﺭ ﻗﯧﻴﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ  ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ. ﺋﯘ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭ ﺩﻩﻝ ﺋﯘ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ. ﺋﯘ ﻳﺎﺭﺗﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻻﺭ ﺩﻩﻝ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﯧﺮﺳﻮﻧﺎﮊﻻﺭ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻳﺴﯩﻼ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺑﯩﺰ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﭖﺗﻮﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﯩﭙﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﯘ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﺎﺭﺗﯩﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻪﺵ ﻗﻮﻟﺪﻩﻙ ﺋﺎﻳﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺳﯚﻳﮕﯜ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﮪﻪﻡ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﮪﻪﻡ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.
ﺟﺎﭘﭙﺎﺭ ﻗﯧﻴﯘﻣﻨﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺭﻭﻧﺎﻕ ﺗﺎﭘﺴﯘﻥ!ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﻪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﯧﺨﻰ ﻣﯘ ﺯﻭﺭ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺴﯘﻥ!

بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان بارلىق ئەسەرلەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلانما ئادرېسنى بېسىڭ.

/rasim/xahislar/2016-10-15/21954.html

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا