2016-يىلى 27-سېنتەبىر ئۈرۈمچى شەھىرى خەلقئارا چوڭ بازار زالىدا ۋارىس شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان «مالايسىيا ماشىيۇ سىلىقلاش مايلىرى 2016-يىللىق ھەمكارلاشقۇچىلار چوڭ يىغىنى» غەلىبىلىك ھالدا ئېچىلدى.بۇ قېتىملىق يىغىنغا تالانتلىق ياش رىياسەتچى زۇمرەت ئابدۇقادىر رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىنغا مالايسىيا ماشيۇ سىلىقلاش مايلىرى باش شىركىتى ۋە ۋارىس شىركىتىدىكى ھەر قايسى رەھبەرلەر، جايلاردىكى ۋاكالەتچىلەر، كارخانىچىلار، شۇنداقلا تاراتقۇ ۋەكىللىرى بولۇپ 500 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
ئالدى بىلەن رىياسەتچى يىغىنغا قەدەم تەشرىپ قىلغان ئەزىز مېھمانلارنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن ۋارىس شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئوبۇلھاشىم ھاجىم خىزمەتلەردىن يىللىق خۇلاسە بېرىش بىلەن بىرگە، كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدا سۆز قىلدى.
ئارقىدىن ماشيۇ جۇڭگو رايونى دېرىكتورى جۇاڭ يەنخاۋ ئەپەندى ماشىيۇ ماركىسىنى تونۇشتۇردى.
بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات «ياۋروپاغا ساياھەت قىلىش» پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ھەمكارلاشقۇچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.
خوتەن ئىمپورت ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى راخمانجان ئەپەندى ۋارىس شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى توغرىسىدا سۆز قىلدى.
چۈشتىن بۇرۇنقى كۈنتەرتىپ ئاياغلاشقاندىن كېيىن ھەر قايسى مېھمانلار چۈشلۈك تاماققا ئېغىز تەگكەچ ھەر قايسى سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلاندى.
چۈشتىن كېيىن يەنە تۆت سائەتلىك تەربىيلەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
شىركەت ھەققىدە :
شىنجاڭ ۋارىس خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 2009-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مالايسىيا دۆلەتلىك نىفىت شىركىتى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالغان ماشىيۇ (马石油) سىلىقلاش مايلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى باش ۋاكالەتچىسى بولغان.
شىنجاڭ ۋارىس خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغان قىسقىغىنە نەچچە يىل مابەينىدە تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، بۈگۈنكى كۈندىكى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇقىم ۋاكالەتچىلىرىگە ئىگە، سېتىش ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت بىر گەۋدىلەشكەن، باشقۇرۇش سىستېمىسى مۇكەممەل شىركەتكە ئايلاندى.
شىنجاڭ «يېڭى مەن» تور مائارىپ پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئادىل ئەپەندى سۆز قىلدى. ئارقىدىنلا ماشيۇ جۇڭگو غەربىي رايون باش نازارەتچىسى پېي پېڭ ئەپەندى سۆز قىلدى.
جايلاردىكى ۋاكالەتچىلەرگە «ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچى» مۇكاپاتى تارقىتىلدى.
چۈشتىن كېيىنلىك كۈنتەرتىپكە ئاساسەن مۇكاپاتلىق سوئال-جاۋاب پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، مېھمانلار كەسپىي سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئارقىلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.