كۈز-قىش پەسىللىرىدە مارجان ۋە بىلەيزۈك تاقاشقا قارىغاندا، بۇلاپكا تاقىۋالسىڭىز، تېخىمۇ يارقىن، تېخىمۇ مودا كۆرۈنىسىز.
خىلمۇخىل زىبۇ-زىننەتلەر ئارىسىدا بۇلاپكا ئانچە قارشى ئېلىشقا ئېلىنمىسىمۇ، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە بۇلاپكا ئېسىلزادىلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئۇلار بۇلاپكىنى خان ئوردىسى، سىياسىي ساھەدىكىلەرنىڭ نازاكىتىنى نامايان قىلىدىغان زىننەت بويۇمى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلاپكا سالاپەتلىك كىشىلەرگە ماس كېلىپلا قالماي، بۇنى يەنە مودا كىيىنىشتىكى كۆپ ئىقتىدارلىق بۇيۇم دېيىشكە بولىدۇ.