بۇلتۇر يىلنىڭ ئاخىرىدىكى تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بولماردىمانچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىش ۋەقەسى، بۇ يىل تۈركىيەدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن تۈركىيەدىن ئىبارەت بۇ ئىككى «رەقىب» يەنە قايتىدىن بىللە ماڭدى. شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغاننىڭ شاھىت بولۇشى ئاستىدا، ئىككى دۆلەت تەبىئىي گاز تۇرۇبا تۈرى قۇرۇلۇش ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىمى ئىمزالاندى، بۇ كېلىشىم بويىچە ئىككى نېفىت-گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى لىنىيەسى قۇرۇلىدىغان بولۇپ، رۇسىيە-تۈركىيە مۇناسىۋىتىدىكى «مۇزلار» ئېرىپ مۇناسىۋەتلەر يەنە نورماللىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشكە باشلانغانلىقنىڭ بىر ئىپادىسى بولۇپ قالدى.
«تۈركىيە ئېقىمى» (Turkish Stream) نۇرغۇن كىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر ناتونۇش ئىسىم، ھەتتا بىر خىل ھاۋارايى ئاتالغۇسى دەپ خاتا چۈشىنىدىغانلارمۇ بار. ئەمەلىيەتتە بۇ رۇسىيە بىلەن تۈركىيە 2014 ـ يىلىدىن باشلاپلا سۆھبەتلەشكەن تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇش تۈرى، «تۈركىيە ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ئارقىلىق، رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گازلىرى قارا دېڭىز ئارقىلىق تۈركىيەگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدۇ، ئەسلى پىلان بويىچە بولغاندا بۇ لىنىيەدە 2016-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلۇش تاماملاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ گاز بىلەن تەمىنلىمەكچى ئىدى.
رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائەت پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى مىللېر 11-چېسلا موسكۋادا مۇنداق دېدى: «رۇسىيە ۋە تۈركىيە بىرلىكتە يولغا قويغان <تۈركىيە ئېقىمى> تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى تۈر قۇرۇلۇشى 2018-يىلى باشلىنىدۇ، 2019-يىل 12-ئايدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، يىللىق گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 30 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشىدۇ».
رۇسىيە قارا دېڭىز ئارقىلىق تۈركىيەگە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى يەتكۈزۈش تۈرى
«تۈركىيە ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى تۈر قۇرۇلۇشىغا تەييارلىق كۆرۈش ياۋروپا ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ تۈر قۇرۇلۇشى رۇسىيەنىڭ ياۋروپاغا تەبىئىي گاز يەتكۈزۈشتە، ئۇكرائىنانىڭ چېگراسىدىن ماڭماي ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ مۇقەررەر يولى، شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئۇزاققا سوزۇلىدىغان سىياسىي تەدبىرى.
نۆۋەتتە، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر قاتمۇ-قات، ئىككى تەرەپ تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش باھاسى، مىقدارى، قالدۇق نېسى پۇل ۋە گاز تۇرۇبىسىنىڭ چېگرادىن ئۆتۈش ھەققى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە 2006-يىلى، 2009-يىلى ۋە 2014-يىلى ئۈچ قېتىم «قورساق ئۇرۇشى» قىلدى، ياۋروپادىكى كۆپ دۆلەتلەرمۇ بۇ ئىشلارنىڭ تەسىرگە ئۇچرىدى.
بۇ يىلقى سانكىت-پېتىربورگ خەلقئارا مۇنبىرىدە، رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائەت پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى مىللېر 2020-يىلدىن بۇرۇن ئۇكرائىنا چېگراسىدىن ئۆتۈپ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىدىغان گاز مىقدارىنى ھەر يىلى 10مىلياردتىن 15 مىليارد كۇب مېتىرغىچە ئازلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائەت پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن تۈركىيە دۆلەت تەبىئىي گاز شىركىتى كېلىشىم ئىمزالاپ، قارا دېڭىز ئارقىلىق تۈركىيەگە تۇتىشىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى يەنى «تۈركىيە ئېقىمى» نى ياساپ، « جەنۇبى گاز يولى» نىڭ ئورنىغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزدى. لايىھەدە بۇ لىنىيەنىڭ يىللىق گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 63 مىليارد كۇب مېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم گاز لىنىيەسىنى شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەرگە تۇتاشتۇرۇشنى پىلانلىدى.
10-ئاينىڭ 10-كۈنى پۇتىن بىلەن ئەردوغان ئىستانبۇلدا سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە
«تۈركىيە ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى تۈر قۇرۇلۇشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، رۇسىيە بالتىق دېڭىزىدىن ھالقىغان گاز تۇرۇبىسىنى گېرمانىيەگە يەتكۈزۈپ، يىللىق گاز يەتكۈزۈش مىقدارى 55 مىليارد كۇب مېتىر بولغان شىمالىي يۆنىلىشتىكى 2-تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى لىنىيەسىنى بەرپا قىلىشنى پىلانلىغان. بۇنىڭدىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ دائىرىسىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىش ئىرادىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
لېكىن 2015-يىلى 11-ئايدا تۈركىيەنىڭ رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، رۇسىيە-تۈركىيە مۇناسىۋىتى كۈنسېرى يامانلىشىپ كەتتى، رۇسىيە تۈركىيەگە قارىتا بىر قاتار جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللاندى، « تۈركىيە ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى تۈر قۇرۇلۇشى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇلدى. 2016-يىل 7-ئايدا تۈركىيەدە سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەردوغان ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋىتىنى يىراقلاشتۇرۇپ، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈستىدە ئىزدەندى. ئەردوغان يەنە پۇتىنغا خەت ئەۋەتىپ رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىش ۋەقەسى توغرىسىدا كەچۈرۈم سورىدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى «مۇزلار» ئېرىپ مۇناسىۋەتلەر ياخشىلىنىشقا باشلىدى، رۇسىيە تۈركىيەنى جازالاشنى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولدى.
بۈگۈنكى رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 10-ئۆكتەبىر ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئېنېرگىيە يىغىنى مەزگىلىدە، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، ھەمدە ئىككى دۆلەت تەبىئىي گاز تۇرۇبا تۈرىنىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشى تۈرى كېلىشىمى ئىمزالاندى.
10-ئۆكتەبىر رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئىستانبۇلدا ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « ئىككى تەرەپ داۋاملىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك نورماللىشىشى ئۈچۈن خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ، رۇسىيە بۇ خىزمەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
پۇتىن بىلەن ئەردوغان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىيىتىمىز بار. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، رۇسىيە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شىركەتلىرىگە قاراتقان ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەدبىر ۋە چەكلەشنى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، «تۈركىيە ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى تۈر قۇرۇلۇشى ۋە «ئاككۇيۇ» يادرو ئېلېكتىر تۈرىنى قايتىدىن قوزغىتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ھۆددىگە ئېلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى، ھەمدە ۋىزا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى قارار قىلدى.
گەرچە تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت بولسىمۇ، ئەردوغان يەنىلا مۇنداق دېدى: «ئەنقەرە بىلەن موسكۋا دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ». پۇتىن يەنە مۇنداق دېدى: «موسكۋا بىلەن ئەنقەرە چوڭ تىپتىكى ئېنېرگىيە تۈگۈنى يۆنىلىشى بويىچە ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ».
10-ئاينىڭ 10-كۈنى، پۇتىن بىلەن ئەردوغان ئىستانبۇلدا سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە
رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائەت پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى مىللېر شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە-تۈركىيە رەھبەرلىرى ئىمزالىغان «تۈركىيە ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ھۆكۈمەتلەر ئارا تۈر كېلىشىمى، بۇ تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كېلىشىمگە ئاساسەن، گاز تۇرۇبا يولى رۇسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قارا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ئاناپادىن باشلىنىدىكەن، تۈركىيەنىڭ گاز تۇرۇبا يولى دېڭىز ئاستى ئارقىلىق مېڭىپ غەربىي شىمالىدىكى جىيىكىنىڭ دېڭىز ئاستىغا كەلگەندە، بۇ غول لىنىيە ئىككى تارماق لىنىيەگە ئايرىلىپ 1-تارماق لىنىيە بىۋاسىتە تۈركىيە تەبىئىي گاز بازىرىنى گاز بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، 2-تارماق لىنىيە قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمالىنى كېسىپ ئۆتۈپ گىرېتسىيەنىڭ چېگرا بەلبېغىغا تۇتاشتۇرۇلۇپ، كېيىنچە شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنى گاز بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ھەر بىر تارماق لىنىيەنىڭ يىللىق گاز يەتكۈزۈش مىقدارى تەخمىنەن 15. 75 مىليارد كۇب مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.
ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمدە بۇ ئىككى لىنىيەنىڭ پۈتۈش مۇددىتى2019-يىلى دەپ بەلگىلەندى.
رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائەت پاي چەكلىك شىركىتى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېدى: يۇقىرىقى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى غول لىنىيە ۋە ئىككى تارماق لىنىيەسىنىڭ دېڭىز يولىدىكى قۇرۇلۇش چىقىمىغا پۈتۈنلەي مەزكۇر شىركەت پۇل ئاجرىتىدۇ، 1-تارماق گاز تۇرۇبا يولىدىكى تۈركىيە قۇرۇقلۇقىدىكى گاز ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا تۈركىيە بوتا نېفىت-گاز تۇرۇبا شىركىتى مەسئۇل بولىدۇ. تۈركىيە بۇ تارماق لىنىيە ئارقىلىق ئىمپورت قىلىنغان تەبىئىي گازدا مۇئەييەن باھا ئېتىبارىغا ئېرىشىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، رۇسىيە-تۈركىيە شېرىكلەشكەن كارخانا قۇرۇپ «تۈركىيە ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى 2-تارمىقىنىڭ تۈركىيە چېگرا ئىچىدىكى قۇرۇقلۇق يولى گاز ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولىدۇ.
رۇسىيە «سودىگەرلەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇقىرىقى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى تۈرى تاماملانغاندىن كېيىن، ئەسلىدە ئۇكرائىنانىڭ چېگراسى ئارقىلىق توشۇلىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارىدىن، ھەر يىلى 14 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز «تۈركىيە ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ئارقىلىق توشۇلىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەشۋىشىگە قارىتا، تۈركىيە زۇڭلىسى يىلدىرىم 10-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «تۈركىيە ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى تۈر قۇرۇلۇشىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى تەشۋىشلەنمەسلىكى كېرەك، بۇ تۈر ياۋروپاغا پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.
يىلدىرىم رۇسىيە «سۈنئىي ھەمراھ» ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « تۈركىيە ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ مۇھىملىقى شۇ يەردىكى، بۇ تۈر رايونلارنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، ھەمدە بىز بىلەن چېگرالىنىدىغان دۆلەتلەرنى زۆرۈر ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھازىر ياۋروپالىقلارنى تەشۋىشكە سالىدىغان ھېچقانداق ئىش يوق.