فىرانسىيە فوتوگرافى Benoit Cezard «جۇڭگونىڭ 2050-يىلى» تېمىسىدىكى بىر يۈرۈش سۈرەتلەرنى تارتتى. ۋە بۇ سۈرەتلەرگە قارىتا مۇنداق چۈشەنچە بەردى: «جۇڭگونىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، غەربتىكى كىشىلەر كەلگۈسىدىكى جۇڭگو بىلەن ۋۇخەن شەھىرىدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئالدى بىلەن بۇنىڭغا كۆنۈشى كېرەك». فوتوگرافنىڭ سۈرەتكە تارتىش ئىجادچانلىقى قاتلىمىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ناھايىتى قىزىقارلىق بولغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ سۈرەتلەردىن يەنە بىر دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ئىقسادىي تەرەقىقىياتىغا بولغان مۆلچەرىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.
2050-يىلى راستىلا بۇ ئىشلار يۈز بېرەمدىغاندۇ؟ بۇنىڭغا ھېچكىم بىر نەرسە دەپ كېتەلمەيدۇ.
ۋۇخەن شەھىرىدە ياشاۋاتقىلى 6 يىلدىن ئاشقان فىرانسىيە داڭلىق فوتوگرافى Benoit Cezard فوتو ئاپپاراتى ئارقىلىق بۇ بىر يۈرۈش تەسەۋۋۇرغا باي قىزىقارلىق سۈرەتلەرنى تارتىپ چىقتى.
Cezard يەنە 2050-يىلىغا بارغاندا، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى 1-ئىقسادىي گەۋدىگە ئايلىنىدىغانلىقى، چەتئەللىكلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ «كۆك ياقىلىقلار» بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
«ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە ئامېرىكىنىڭ <زاۋاللىققا> يۈزلىنىشى ۋە جۇڭگو ئىقسادىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كۆچمەنلەر دولقۇنى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. بۇ قېتىملىق كۆچمەنلەر دولقۇنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى جۇڭگو بولىدۇ» دېدى بۇ بىر يۈرۈش سۈرەتلەرنىڭ باش تەھرىرى Cezard چۈشەندۈرۈپ.
ئۇنداقتا «جۇڭگودا ياشايدىغان چەتئەللىكلەرنىڭ تۇرمۇشى» دېگەن سۆزگە قارىتا، سىز نېمىلەرنى ئويلىدىڭىز، ئەگەر ئۇلار راستىنلا مۇشۇ يەرگە كېلىپ قالسا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى زادى قانداق بولار؟ «زومىگەر»، «ھاكاۋۇر»، «پۇلدار»، «ھېچكىمنى نەزرىگە ئىلمايدىغان» كىشىلەر بولارمۇ ياكى ناھايىتى ئەدەبلىك كىشىلەردىن بولارمۇ؟
فىلىپپىنلىك ئايال خىزمەتكارىنىڭ قىلغان تامىقى ئوخشارمۇ؟