ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئاي شارىنىڭ «چىرايى» ھەر 81 مىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆزگىرىدۇ

ۋاقتى : 2016-10-14  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئابدۇللا  

ئاي شارىنى ئوربېتىلىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى تارتقان ئاي شارىنىڭ شىمالى قۇتۇپىنىڭ رەسىمى

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا ئايان بولۇشىچە، ئاي شارىنىڭ يۈزى ئۈزلۈكسىز سوقۇلغان بوشلۇق مېتېئورىت تاشلىرىنىڭ زەربىسىدە ھەر 81 مىڭ يىلدا بىر قېتىم پۈتۈنلەي «چىراي ئالماشتۇرىدۇ» ئىكەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئاي شارىنىڭ يۈزىنى 2 سانتىمېتىر قېلىنلىقتىكى توپا-چاڭ قاپلىغان بولۇپ، قوچۇلۇش نىسبىتى ئەسلىدىكى مۆلچەردىن 100 ھەسسىدىن كۆپ ئىكەن. تەخمىنەن  81 مىڭ يىلدا توپا-چاڭلار مېتېئورىت ئازگىلىدىن ئۇچۇپ چىقىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئاي شارىنىڭ چىرايىمۇ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كېتىدىكەن.

بۇ تەتقىقاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، كىچىك سەييارە ۋە قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ دائىم ئاي شارىغا سوقۇلۇشى بىلەن، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 180 دانە دىئامېتىرى ئاز دېگەندە 10 مېتىر بولغان مېتېئورىت ئازگىلى پەيدا بولىدىكەن.
«تەبىئەت» ژۇرنىلى ئېلان قىلغان بۇ تەتقىقاتتا، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ «ئاي شارىنى ئوربېتىلىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى» 2009-يىلىدىن بېرى تارتقان ئاي شارىنىڭ «سوقۇلۇشتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى» سېلىشتۇرما رەسىمى ئېلان قىلىنغان.
ئامېرىكا ئارىزونا شىتات ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى Emerson Speyerer باشلامچىلىق قىلغان ئالىملار قوشۇنى قەرەللىك ھالدا ئوخشاش بىر رايوندىكى ئۆزگىرىشنى سېلىشتۇرغان ھەمدە يېڭىدىن پەيدا بولغان ئازگاللارنىڭ سانىنى ھېسابلاپ چىققان.
ئۇلارنىڭ خۇلاسىسى بولسا، ئىلگىرىكى مودۇل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، «بىز يېڭىدىن پەيدا بولغان 222 دانە مېتېئورىت ئازگىلىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق، يەنە دىئامېتىرى ئاز دېگەندە 10 مېتىر بولغان ئورەكنى بايقىدۇق، بۇ بىزنىڭ ئىلگىرىكى قىياسىمىزدىن %33 كۆپ بولدى.»

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240-13999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا