جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تور بېتىنىڭ رەسىمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 17:24 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسى (شىمالىي كەڭلىك 36.70 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 80.05 گىرادۇس)دە 3.0 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلىقى 44 كىلومېتىر.