ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  تەنتەربىيە

شىنجاڭ داۋانچىڭ كوماندىسى بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسىنى يەڭدى

ۋاقتى : 2015-07-26  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

7-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 16:30، جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ 19-ئايلانما مۇسابىقىسى، شىنجاڭ داۋانچىڭ ناخۇن كوماندىسى ساھىبخان مەيدانى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ يېڭى چەت ئەللىك ماھىرى رافائىل توپ ئۇرۇپ مەيداندىكى قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىدى، دانالاخ ئىككى توپ كىرگۈزدى، ئەڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ داۋانچىڭ ناخۇن كوماندىسى ساھىبخان مەيدانىدا 3-1 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ قىممەتلىك ئۈچ نومۇرغا ئېرىشتى.

شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى: 17-جۇزىسېن، 3-سەيشى، 20 رۇڭ شې، 6-ۋىسېنتې، 11-شۈچىڭ، 13-چى يۈنفېي، 5-جۇۋخېڭ، 21-تۇڭ شياۋشىڭ، 29-يەھيا، 10-دانالاخ، 33-رافائىل

كرىستىئان-دانالاخ (Cristian Dănălache)، رۇمىنىيەنىڭ كەسپىي پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى، 2011-يىلى ۋە 2012-يىلى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى جاڭسۇ شۇنتيەن كوماندىسىدا توپ تەپكەن. 2012 مۇسابىقە پەسىلىدە 23 توپ ئۇرۇپ جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنى شەرىپىگە ئېرىشكەن، يەنە تېخى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر بولۇپ باھالانغان.

ئىسمىنىڭ جۇڭگو يېزىقى بويىچە يېزىلىشى: 克里斯蒂安·达纳拉赫

ئىسمىنىڭ چەت ئەل يېزىقى بويىچە يېزىلىشى: Christian Danalache

دۆلىتى: رومىنىيە

مىللىتى: رۇمىنىيە مىللىتى

تۇغۇلغان جايى: بۇخارېست

تۇغۇلغان ۋاقتى: 1982-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى

بەدەن ئېغىرلىقى: 86 كىلوگىرام

تەنھەرىكەت تۈرى: پۇتبول

قاراشلىق تەنھەرىكەت كوماندىسى: شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى

ئاساسلىق ئېرىشكەن مۇكاپات تۈرلىرى: 2012 مۇسابىقە پەسىللىك جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنى، 2012 مۇسابىقە پەسىللىك جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىسى، 2013 مۇسابىقە پەسىللىك دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى

ئورنى: ھۇجۇمچى

توپ كىيىمى نومۇرى: 10-نۇمۇر

ئادەت پۇتى: ئوڭ پۇت

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا