بىرىنچى نۆۋەتلىك دۆلەت رەئىسى ماۋ زېدۇڭ، 1893-يىلى خۇنەننىڭ شياڭتەندە تۇغۇلۇپ، 1976-يىلى ۋاپات بولغان. 1949-يىلى 9-ئايدىن 1954-يىلى 9-ئايغىچە، 1954-يىلى 9-ئايدىن 1959-يىلى 4-ئايغىچە ئۇدا ئىككى نۆۋەت دۆلەت رەئىسى بولغان.
ماۋ زېدۇڭ ئۇلۇغ ماركىسزمچى، پىرولتارىيات ئىنقىلابچىسى، ئىستراتېگىيەچى ۋە نەزەرىيەچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىسى ۋە رەھبىرى. 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا، ئۇ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1954-يىلى، 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا، ئۇ رىياسەتچىلىك قىلىپ تەييارلىغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ماقۇللانغان، ئۇ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ 1-نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلانغان، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 1959-يىلىغىچە بولغان.
ليۇ شاۋچى 1959-يىلى 4-ئايدىن 1965-يىلى 1-ئايغىچە، 1965-يىلى 1-ئايدىن 1966-يىلىغىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، جۇڭگونىڭ داڭلىق ئىنقىلابچىسى، سىياسىيونى ۋە نەزەرىيەچىسى. ئۇ 1898-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى خۇنەندە تۇغۇلغان. 1954-يىلى 4-ئايدا، 2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.
سۇڭ چىڭلىڭ 1981-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە، سۇڭ چىڭلىڭغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلگەن. ئۇ 1893-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى شاڭخەيدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى سۈن جۇڭشەننىڭ دوستى بولۇپ، سۇڭ چىڭلىڭنىڭ تۇنجى ئۇستازى ئىدى. 1981-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى سۇڭ چىڭلىڭنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەسمىي ئەزالىقىغا قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى سۇڭ چىڭلىڭغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن. ئۇ 1981-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدا كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.
لى شيەننيەن 1983-يىلى 6-ئايدىن 1988-يىلى 4-ئايغىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1909-يىلى خۇبېينىڭ خۇاڭئەن (بۈگۈنكى خۇڭئەن) دە تۇغۇلغان. 1927-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 1983-يىلى 6-ئايدا، 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1992-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى 83 يېشىدا بېيجىڭدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
ياڭ شاڭكۈن 1988-يىلى 4-ئايدىن 1993-يىلى 3-ئايغىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇ 1907-يىلى سچۈەننىڭ تۇڭنەندە تۇغۇلغان. 1925-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن ھەمدە شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1988-يىلى 4-ئايدا 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1998-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدا 92 يېشىدا ۋاپات بولغان.
جياڭ زېمىن 1993-يىلى 3-ئايدىن 1998-يىلى 3-ئايغىچە، 1998-يىلى 3-ئايدىن 2003-يىلى 3-ئايغىچە ئۇدا ئىككى نۆۋەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان.
جياڭ زېمىن 1926-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى جياڭسۇنىڭ ياڭجۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1943-يىلىدىن باشلاپ يەر ئاستى پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان، 1946-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1947-يىلى شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن. 1993-يىلى 3-ئايدا، 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1998-يىلى 3-ئايدا، 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.
خۇ جىنتاۋ 2003-يىىل 3-ئايدىن 2008-يىلى 3-ئايغىچە، 2008-يىلى 3-ئايدىن 2013-يىلى 3-ئايغىچە ئۇدا ئىككى نۆۋەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان.
ئۇ 1942-يىلى 12-ئايدا ئەنخۇيدا تۇغۇلغان. 1964-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1965-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن، ئىنژېنېر. 2003-يىلى 3-ئايدا 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان، 2008-يىلى 3-ئايدا 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسىلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.
شى جىنپىڭ 2013-يىلى 3-ئايدا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.
ئۇ 1953-يىلى 6-ئايدا شەنشىنىڭ فۇپىڭدا تۇغۇلغان، 1969-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان، 1974-يىلى 1-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئادىمىيەت ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنىستىتۇتى ماركىسزم نەزەرىيەسى ۋە ئىدىيە-سىياسىي كەسپىنى پۈتكۈزگەن، قانۇنشۇناسلىق دوكتۇرى.