ئەركەك قانداق بولىدۇ؟
كامىلە ئىسرائىل فازىلى
ئىنسانغا ئەقىل-ئىدراكتىن ئىبارەت مول نىئمەت ئاتا قىلىنىپ، بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بويسۇندۇرلۇشتەك يۈكسەك ئىززەت-ئېكىرامغا ئىگە قىلىنىشى بىر رەھمەت. ئەڭ دەسلەپتە ئادەم ئاتا يارىلىپ، ئاندىن كېيىن ھاۋا ئانىنىڭ ئۇنىڭ جىسمىدىن تۆرىلىشى بىر مۆجىزە. ھاۋا ئانىنىڭ يوقۇرمۇ ئەمەس تۆۋەنمۇ ئەمەس، دەل ئادەمنىڭ قوينىدىكى بىر تال قوۋرىغىسىدىن يارىلىشى بىر ھېكمەت. ئادەمنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە «ئاتا» دەپ ئاتىلىشى، ئۇنىڭ جۈپتىنىڭ «ئايال» دەپ ئاتىلىشى بىر سىگنال. ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ ئىبلىسنىڭ دامىغا چۈشۈپ، جەننەتتىن زېمىنغا چۈشۈرلىشى بىر ئىبرەت.
دېمەك، ئادەم ئاتىنىڭ «ئىنسان» دېگەن سۈپىتىگە خاس ھۆرمەتلىنىپ ساغلام روھ، مۇكەممەل تەن، گۈزەل ئوبراز بىلەن ئەڭ ئاۋۋال ۋۇجۇدقا كېلىپ ئىنسانىيەتنىڭ ئاتىسى، ئەركىكى، يول باشچىسى بولۇشتەك يۈكسەك شەرەپكە ئىگە بولۇشى؛ شۇنىڭغا ماس ھالدا بوي-بەستى ھەم كۈچ-قۇۋۋەت جەھەتلەردىمۇ ئايال زاتىدىن قاۋۇل يارىلىش بىلەن، جىسمىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ھاۋا ئانىغا قوغدىغۇچى ھامىي بولۇشى؛ «ئاتا» دېگەن خىتاپلىق نامغا لايىق، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ يورۇقلۇقى ئۈچۈن ئەقىل-زېھنىنى، كۈچ-قۇۋۋىتىنى ئاتا قىلشىنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيەت ھەم مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكى؛ مەيدىسىدە تۈكى بار ھەرقانداق ئەركەكنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ئىلاھىي بۇرۇچ ھەم مۇقەددەس ۋەزىپىدۇر.
ھالبۇكى، ئۆزلۈك ھەم كىملىكىمىزگە نەپسىمىز ھۆكۈمران بولغان بۈگۈنكى رىياللىقىمىز شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى، بىر قىسىم ئەرلىرىمىز ئۆز مەجبۇرىيەت-بۇرچىنى ئوخشاش بولمىغان نىسبەتتە ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر قىسىم ئەرلىرىمىزدە زەئىپلىشىش كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاپ، ئەركەكلىك سالاپەت ئەمەس ئەرلىك سالاھىيىتىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقانلار ئاز ئەمەس. شۇ سەۋەب، بىر قىسىم قەلبى سۇنغان ئاياللىرىمىز: بىزگە ئىگە بولىدىغان ئەر بارمۇ؟ ئائىلىمىزنى، قەۋمىمىزنى قوغدىيالايدىغان ئەرلەر قەنى؟ ئى رەسۇلىللاھ سىزنى ھەجەپمۇ سېغىندۇق! ئەجەبا، ھەقىقىي ئەركەكلىرىمىز شۇ زامانلاردا ئۆلۈپ تۈگىگەن بولغىيمىتى؟... دەپ ياش تۆكۈپ، ئاچچىق پەرياد چەكمەكتە. بىر قىسىم مەنىۋىتى قاغجىرغان تىرىك يېتىم بالىلىلىرىمىز: دادا سەن نەدە؟ بىزگە سەن كېرەك! بىز سەنسىز پۈتۈن بولالمايمىز! ... دەپ يىغلىماقتا. بۇ خىل روھى ھالەتتە چوڭ بولۇۋاتقان بالىلار ئۆزلىرىگە تەسەللى، خۇشاللىق ئىزدەپ ھەرخىل يوللارغا بىلىپ-بىلمەي ماڭماقتا. بۇ خىل ئاھۇ-زارلاردىن لەرزىگە كەلگەن دۇنيا: ئى ئەركەكلەر قەنى سىلەر؟! سىلەر ئۆز بۇرچۇڭلارنى، مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟! ئەجەبا، سىلەر ئۆز سالاھىتىڭلارغا، ۋىجدان-غۇرۇرۇڭلارغا يۈز كېلەلەمسىلەر؟!! ... دەپ ھەسرەتلىك نىدا قىلماقتا. دېمەك، بۇ ھەقتە نۇرغۇن ھىكايىلەر، ماقالىلەر يېزىلماقتا، ناخشا-قوشاقلار ئېيتىلماقتا، ھەتتا كىنو-ئېتۇتلار ئىشلەنمەكتە. ئەمما ئويلىنىپ باقىدىغانلار، ئېتىراپ قىلىدىغانلار ۋەيا ئەمەل قىلىدىغانلار يەنىلا ئاز بولدى...
ئونۋىرسال بىر جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ئىنسانلار مەلۇم دەرىجىدە تاشقى ھەم ئىچكى كۈچلەرنىڭ ئىجابىي ياكى سەلبىي تەسىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئىجابىي ياكى سەلبىي تەسىرىنىڭ قايسىسىنى قوبۇل قىلىشى شۇ ئادەمنىڭ ئىرسىيىتى، ئائىلە تەربىيەسى ۋە ئۆسۈپ-يېتىلىش مۇھىتىنىڭ قانداق بولۇشىغا باغلىق مەسىلە. بىر ئادەمنىڭ مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ قانداق بولۇشى، ئۇنىڭ ئادىمىيلىكى، بىلىم-تەجرىبە ۋە مەدەنىيەت-ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشىغا باغلىق. شۇ سەۋەب، مەن ئىلگىرى يازغان ماقالىلىرىمدىن «ئەرلەر» گە مۇناسىۋەتلىك قىسمىدىن مىسال ئېلىپ، ئەرلىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاۋۋال بىر قىسىم ئاياللىرىمىزنىڭ قەلب ساداسىنى تىڭشاپ بېقىشىنى زۆرۈر تاپتىم. بۇ مەلۇم نىسبەتتە قەلبىمىزنى ئويغىتىپ، ئوي-تەپەككۇرىمىزنى غىدىقلىسا ئەجەب ئەمەس، دەپ قارايمەن.
2006-يېزىلغان «ئاياللار كۆيۈنۈشكە موھتاج» دېگەن ماقالەمدىن پارچە (بۇ ماقالە 2009-يىلى جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلىدا ھەم ھىدايەت گۈلزارى دېگەن كىتابتا ئېلان قىلىنغان): «... كىشىلىك تۇرمۇشتا بىر ئادەمنىڭ بىر ئادەمگە ئېھتىياجى چۈشۈپ قالىدۇ، بۇ نورمال بىر ئىش. شۇنداقتىمۇ ئالدىراپ بىر ئادەمدىن ياردەم تەلەپ قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىمىز، بولۇپمۇ ئەرلەردىن. چۈنكى، شۇنداق بىر قىسىم پەس ئەرلەر باركى، قىز-ئاياللارغا قىلغان ئازراق ياردىمى ئۈچۈن، ئوخشاش بولمىغان نەپسى تەماسىدا بولىشىدۇ. ئۆز خاھىشى بويىچە، خالىغانچە چېكىپ-تاسقاپ باققۇسى كېلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار توي قىلماقچى بولسا قىزنىڭ خىزمەت ئورنى، مائاشى ھەتتا، ئۆيىنىڭ بار-يوقلىقىنىمۇ سۈرۈشتە قىلىدىغان بولۇپ كەتتى. توۋا، مۇشۇ كۈننىڭ ئەرلىرى نېمە بولۇپ كەتكەندۇ؟ ئۇلار خوتۇن ئالامدۇ ياكى خوتۇنغا تېگەمدۇ؟ قېنى ئۇلاردىكى ئەرلىك سالاپەت؟! قېنى ئۇلاردىكى ئەركەكلىك غۇرۇر؟! ھەممە ئىشتا ئاياللار بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرىدىغان ھەتتا، ئۇلاردىنمۇ ئاجىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغىنىنى دېسە؟ پەقەت، ياغلىق چىگىپ چىقمىغان يېرىلا قالدى. ئۇلارغا ئىنساب بەرسۇن! ... پەيغەمبىرىمىز: «مەن ئەرلەرگە ئاياللاردىن قاتتىقراق بىر سىناقنى قويۇپ كەتمىدىم» (بۇخارى، مۇسلىم) دېگەن ئىدى. قېنى ئېيتىڭلارچۇ؟ سىلەر بۇ سىناقتىن ئۆتەلىدىڭلارمۇ؟؟! »
ئى ئىنسانىيەتنىڭ ئاتىسى! ئەجدادلىرىمىزنىڭ پەخرى بولمىش ئەرلەر! سىلەرگە ئاتا قىلىنغان ئاشۇ مۇقەددەس ئورنۇڭلارنى، قەدىرلەڭلاركى، ھېچكىمنىڭ نەزىرى چۈشمەيدىغان ئېتىبارسىز نەرسىگە ياكى ھەممە ئادەم قاچىدىغان، بىزار بولىدىغان زىيانداش مەخلۇققا ئايلىنىپ قالماڭلار! ئەركەكلىك ۋىجدانىڭلار، سالاپىتىڭلار، ئەدەپ-ئەخلاقىڭلار، مەرد-سېخىيلىقىڭلار، ئېسىل-ئالىي جانابلىقىڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىڭلاركى، ھەممە كىشى ھۆرمەت قىلسۇن، ئاياللار ھېيىقسۇن، بالىلار تەپ-تارتسۇن! ئۇلار سىلەرگە يۇپۇشسۇن! ئەتراپىڭلارغا مەھكەم ئۇيۇشسۇن! سىلەرگە بەرگەن ئاشۇ ئۇلۇغ ھوقوقىڭلارنى توغرا يولغا ئىشلىتىپ، بارلىق ياخشى ئىشلارنىڭ باشلامچى-بايراقدارى بولۇپ، ئۆزۈڭلارنىڭ يۈكسەك بۇرچۇڭلارنى ئادا قىلىڭلاركى، ھەممە سىلەرگە قايىل بولسۇن! سىلەردىن مەمنۇن بولسۇن! رازى بولسۇن! ياخشىلىق دۇئالىرى مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن!
ئى ئائىلىنىڭ ھامىيلىرى! ۋەتەننىڭ قوغدىغۇچىلىرى! سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ــ ئۆزۈڭلارنىڭ نەپسى ئۈستىدىن جىھاد قىلغانلار، ھەققانىيەت يولىدا ئادىل بولغانلار! ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ھەققىنى، خوتۇن-بالىلىرىڭلارنىڭ ھەققىنى، (توغرا يولدا سەپداش) قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغانلار! شۇنداقلا، ئۆزۈڭلارنىڭ سالاھىيىتى، ئورنى، مەسئۇلىيىتى، مەجبۇرىيىتىنى تولۇق تونۇپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلغانلار! ئاخىرىدا، مەن يەنىلا پەيغەمبىرىمىزنىڭ: «ئەگەر مەن بىر كىشىنى يەنە بىر كىشىگە (ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن) سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلغان بولسام، شەكسىز ئايال كىشىنى ئېرىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇيتۇم» (تىرمىزى، ئىبنى ماجە، نەسەئىي) دېگەن ھەدىسكە لايىق ئەرلەردىن بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!»
مانا بۇ بىر قىسىم قەلبى ئويغاق غۇرۇرلۇق، ۋىجدانلىق ئاياللىرىمىزنىڭ يۈرەك ساداسى! يۈرىكى بىغەرەز، نادان ئەرلەر تەرىپىدىن مۇجۇلغان، روھىيىتى ئاچچىق قىسمەتلەردىن سەگىگەن ئاياللىرىمىزنىڭ ئىلتىجاسى! گەرچە جىسمى قاتمۇ-قات بېسىملاردىن ۋاقىتسىز سۇلىۋاتقان بولسىمۇ، قەددىنى قارىغايلاردەك تىك تۇتۇپ جۇدۇنلارغا باش ئەگمىگەن، قەيسەر دىيانەتلىك ئاياللىرىمىزنىڭ كەسكىن خىتابى!
2013-يىلى يېزىلغان «تەنھالىق بەختسىزلىك ئەمەس، بەلكى تەنھا ھىس قىلىش بەختسىزلىك» (بۇ ماقالە 2014-يىلى شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان) دېگەن ماقالەمدىن پارچە: «... زامانىمىزدىكى ئاساسىي ئېقىم شۇكى، ماددىي ياكى مەنىۋى كەمبەغەللىكنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن بىر قىسىم ئەر-ئاياللىرىمىزنىڭ ھەممە جەھەتتىن باراۋەر ئورۇنغا چىقىۋېلىپ، ئوخشاش ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشى ــ بىر-بىرىگە بېقىنمايمۇ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولالايدىغان سالاھىيەتكە ئىگە قىلدى ۋە ئوخشىمىغان قىممەت قاراش ھەم ئېقىملارنىڭ ساھىبىغا ئايلاندۇردى. ھەتتا، ئەڭ ئالىي بۇرچىمىز بولغان پەرزەنت تەربىيەسىنى باشقىلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بېرىشتەك تېخىمۇ زور يوقىتىشلارغا سەۋەب بولدى. نەتىجىدە، ئائىلىدىكى ئۆملۈك ۋە ئىللىقلىقنىڭ يىلتىزى بولغان مېھرى-ۋاپا، سۆيگۈ-كۆيۈم، سەمىمىي-ساداقەت، شۈكۈر-قانائەت، ھۆرمەت-ئىتائەت، شەرمىي-ھايا ... قاتارلىق ئەسلى تەبىئىتىمىزگە خاس ئادىمىي دىيانىتىمىز سۇسلاپ كەتتى. ئەجدادلىرىمىزدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىز ۋە بۈيۈك ئەقىدىلىرىمىز بىزدىن خېلىلا يىراقلاپ كەتتى. گەرچە، تۇرمۇش قۇرۇش ــ بىربىرىگە بېقىنىش ئەمەس، بەلكى بىربىرىگە كۆيۈنۈش؛ بىربىرىدىن نەپ ئېلىش ئەمەس بەلكى، بىربىرىنى تولۇقلاش؛ بىربىرىدىن ئۈستۈنلۈك تالىشىش ئەمەس بەلكى، يول قويۇش بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىملىرىمىز يولىقىۋاتقان رىياللىق شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى، ئەر-ئاياللىق جىنس، خاسلىق، رول، قىممەت قاراش، مۇھەببەت، دىيانەت، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلەر ئېنىق ئايرىلماستىن، بىربىرىدىن پايدىلىنىش ئاساسلىق مەقسەت بولۇپ قالدى. بۇ ھەم جەمئىيىتىمىزدىكى ھەرقانداق بىر ئادەم ياكى توپ بىلەن بولغان ئىجتىمائىي ئالاقىمىزغىچە كېڭەيدى. شۇ ۋەجىدىن، بۇنداق مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ھەرقانداق بىر مۇناسىۋەت، ئۆز مەنپەئەتى دەخلى-تەرۈزگە ئۇچۇرغان ھامان يىمىرىلمەكتە. ...»
مانا بۇلار ئەر-ئاياللىرىمىز مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر. گەرچە، بىر ئائىلىنىڭ قانداق بولۇشتىكى سەۋەبىنى ئەردىنلا كۆرگىلى بولمىسىمۇ، چوڭ جەھەتتىن يەنىلا ئەرنىڭ مەسئۇلىيىتى يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىگەن بولىدۇ. چۈنكى، ئەر - بىر ئائىلىنى قۇرغۇچى، قوغدىغۇچى، يېتەكلەپ ماڭغۇچى باش قوماندان. ئۇنىڭ پوزىتسىيەسى ھەم تاللىشى ھەممىنى بەلگىلەيدۇ.
ھالبۇكى، ئەرلىرىمىز ئەركەكلىك سالاپەت-سالاھىيىتىنى ساقلاش ۋە زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەت، بۇرۇچلىرىنى توغرا ئادا قىلىپ، ئۆز قەدىر-قىممىتىنى قوغداشتا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك:
1-توغرا ئېتىقاد تىكلەش كېرەك.
ئېتىقاد __ ھاياتلىق سەپىرىدە نىشان كۆرسىتىپ بېرىدىغان ماياك بولۇپ، ئۆزى، ئائىلىسى، قەۋمى ھەم پۈتۈن ھاياتىنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. توغرا ئېتىقاد __ ئادىمىيلىكنىڭ يۈكسىلىشى؛ ئائىلىنىڭ تىچ-ئىتتىپاق، بەختلىك بولۇشى؛ قوۋمى ۋە ئەۋلادىنىڭ گۈللىنىشىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى. چۈنكى، توغرا ئېتىقاد __ ئەرنىڭ ئەركەكلىك مەرتىۋېسىنى ئۆستۈرۈپ، ئايالى ھەم پەرزەنتلىرىنىڭ ئىتائىتىنى كۈچەيتىدۇ. ئەھلى-جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق بارلىق ئىشلارنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرالايدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، «مەن، سەن، ئۇ» ئەمەس، بەلكى «بىز» دېگەن ئەقىدىگە ئىگە بولغانلىقىدا. مانا بۇ ئەركەكلىك مەۋقەسىنى تونۇش ھەم رولىنى توغرا جارى قىلدۇرۇشنىڭ تۈپ يىلتىزى.
2-مۇستەقىل مەيدانى بولۇش كېرەك.
بىر ئەرنىڭ مۇستەقىل مەيدانى، مۇستەھكەم ئىرادىسى ھەم دۇرۇس ئىدىيە-قارىشى بولغاندا، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئەركەكلىك سالاھىيىتىنى نامايەن قىلالايدۇ. ئەركەكلىك كۈچ-قۇدۇرتىنى جايىدا ئىشلىتەلەيدۇ. ھەرقانداق قىيىنچىلىقلارغا يولۇقسىمۇ، لەۋزىگە ئەمەل قىلالايدۇ ياكى باشلىغان ئىشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرالايدۇ. ئاق-قارا، توغرا-خاتا، ھالال-ھارام، ھەق-ناھەقتە چىڭ تۇرالايدۇ. ھاياتىدا يولۇققان ھەرقانداق ئىشلارنى توغرا، كەسكىن، ئادىل بىر تەرەپ قىلالايدۇ. «يولۋاس ئىزىدىن، يىگىت سۆزىدىن يانمايدۇ»، «يىگىت قەسەم ئىچمەيدۇ، يىگىتنىڭ سۆزى قەسەم» دېگەن تەمسىلگە لايىق ئەركەك بولالايدۇ.
3- بىلىم-ماھارەت ۋە مەدەنىيەت-ساپاغا ئىگە بولۇش كېرەك.
بىلىم-ماھارەت، مەدەنىيەت-ساپا __ بىر ئەرنىڭ ئۆزلىك-كىملىكى، سالاھىيەت-سالاپىتى ھەم ئىززەت-ئابىرويىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان پەلەمپەي. ئائىلە، خىزمەت ۋە جەمئىيەتتىكى رولىنى توغرا جارى قىلدۇرۇشتىكى يېتەكچى كۈچ. بۇ ئارقىلىق ياخشى نەتىجە، ئۇتۇق ۋە شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولالايدۇ. ۋەتەن-خەلقىنىڭ پەخرى ھەم بايلىقىغا ئايلىنالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر ئەركەك ئۆز كىملىكى ۋە سالاھىيىتىنى ساقلاش ھەم داۋاملاشتۇرۇشتا بىلىم-ساپاسىنى ھەر ۋاقىت ئۆستۈرۈپ، كوپ تەرەپلىمە ئىزچىل ئىزدىنىپ تۇرۇشى كېرەك.
4- مەلۇم ھۈنەر-كەسىپكە ئىگە بولۇش كېرەك.
ھۈنەر-كەسىپ __ ئەرنىڭ جېنى. ئەركەكلىك مەسئۇلىيەت ھەم مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشتىكى دىۋىگاتېل. ئۆزىنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىش، ئەقىل-تەپەككۇرىنى ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئائىلە تۇرمۇشىنى ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىكى مۇھىم قورال. جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە ۋەتىنىنىڭ گۈللىنىشىدىكى مۇھىم تايانچ. ماقال-تەمسىللىرىمىزدە، «ئەر ئۈچۈن 72 خىل ھۈنەر ئازلىق قىلىدۇ» دېيىلگەندەك، ھاياتلىقنىڭ ھەرخىل قىسمەت ھەم بوران چاپقۇنلىرىغا تاقابىل تۇرالىغىدەك، ھەرقانداق مۇھىتقا ماسلىشىپ ياشالىغۇدەك ھۈنەر-كەسىپلەرگە ئىگە بولۇش، خۇددى ئادەم ئۈچۈن، مەلۇم ئەزاسى كەم بولسا بولمىغاندەك زۆرۈر قۇرال.
5-ئەقىل-پاراسەتلىك بولۇش كېرەك.
ئەقىل-پاراسەت __ ئەركەكنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتقۇچى مۇھىم ئېنېرگىيە. بىلىم-تەجرىبىسىنى ئۆز جايىغا ئىشلىتىپ، ئىقتىدارىنى توغرا جارى قىلدۇرۇش؛ يوشۇرۇن تالانتىنى قېزىپ، كۈچ-قۇدۇرتىنى چاقناتقۇچى تاكتىكا. تەپەككۇرىنى غىدىقلاپ، قاتقان قەلبلەرنى ئويغىتالايدىغان بۈيۈك نېمەت. شۇڭا بىر ئەركەك ئۆز ئەقىل-پاراسىتى ئارقىلىق ئائىلىسى ھەم قەۋىم-قېرىنداشلىرى، مىللەت ھەم ۋەتىنى ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتلىرنى ئۆز يولىدا تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ ماڭالايدۇ.
6-ئېغىربىسىق، تەمكىن بولۇش كېرەك.
ئېغىربىسىق، تەمكىن ئادەم __ ئىشلارنى ئەتراپلىق ئويلىشىپ، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرالايدۇ ياكى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. پوزىتسىيەسى ئوچۇق بولىدۇ. سۆزنى ئاز قىلىپ، ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتنى كۆپ قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئەيمىنىشى ھەم ھۆرمىتىنى قوزغىيالايدۇ. تەنتەك، تۇتۇرۇقسىز، خامىلىيوندەك ئۆزگىرىشچان بولۇشتەك ناچارلىقتىن خالى تۇرالايدۇ. ئىناق-ئىتتىپاق ياخشى مۇھىت بەرپا قىلالايدۇ. ئەتراپىدىكىلەرنى ياخشى ئۇيۇشتۇرۇپ ئەركەكلىك سالاپىتىنى نامايەن قالالايدۇ.
7-تەشەببۇسكار، ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولۇش كېرەك.
ئاكتىپ پوزىتسىيە __ قەلبتىكى ئوتنىڭ لاۋۇلداپ تۇرۇشى، ۋىجداننىڭ ئۇرغۇپ چىقىشى، غۇرۇرنىڭ قايناپ تېشىشى. ھەرگىزمۇ، تۇتاشمىغان ئۇتتەك پۇرقىراپ ئىس چىقىرىپ، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ نەپىسىنى قىسىپ بۇرۇن-دىماقلىرىنى ئېچىشتۇرۇپ، كۆزلىرىدىن ياش چىقىرىش ئەمەس. خامۇش ھالەتتە ئۇخلاپ-مۈگدەپ خورەك تارتىپ، ئەتراپىدىكىلەرنى بىزار قىلىش، زېرىكتۈرۈش ئەمەس. بەلكى، ئويغاق-سەگەك، جۇشقۇن ياشاش. ئەتراپىدىكىلەرگە ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىپ، قەلبلەرنى گۈزەل ئارزۇ-ئىستەك ھەم ئۈمىدلەرگە تولدۇرۇش. ياخشى ئىشلاردا بايراقدار بولۇپ، قاراڭغۇلىقلاردا مەشئەل بولۇش. شۇنىڭدەك ئائىلىدىمۇ تەشەببۇسكار، ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولۇپ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئەركەكلىك مۇھىم بۇرۇچتۇر.
8-مېھىر-مۇھەببەتلىك، خۇش پېئىل بولۇش.
مېھىر-مۇھەببەت __ قاتقان قەلبلەرنى ئېرىتىپ، ۋۇجۇدنى ئىللىتىدۇ. ئائىلىنى بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۈرۈپ، خۇددى كۆكلەردە پەرۋاز قىلغاندەك راھەتلىك تۇيغۇسى بېرەلەيدۇ. خۇش پېئىل ھەم خۇش چاقچاق يۇمۇرىستىك بولۇش، ھەرقانداق قوپال، باغرى تاش ئايالنىمۇ سىمابتەك ئېرىتىپ كۈلدىرەلەيدۇ. قەلب تۈگۈنلىرىگە مەلھەم بولۇپ، ئائىلىگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مېھىر-مۇھەببەت __ ئاددىيلىق ئىچىدىمۇ مەنىۋىيەتنى بېيىتىپ، روھنى ئۇرغۇتىدىغان ھاياتلىقنىڭ ئاكتىپ ئېنىرگىيىسىدۇر. ئەركەكلەردە مانا شۇنداق ساپ ھەم چىن مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇرۇشى كېرەك.
9-سەمىمىي-سادىق، ۋاپادار بولۇش.
سەمىمىي-سادىقلىق ھەم ۋاپادارلىق __ ئادەمگە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرىدۇ. بۇنداق خاتىرجەملىككە ئېرىشكەن ئايال، شۇ ئەر ھەم ئائىلىسى ئۈچۈن بارلىقىنى رازىمەنلىك بىلەن ئاتا قىلىدۇ. بۇنىڭ بەراكاتىدىن شۇ ئەرنىڭ ھاياتى كۆكلەپ بارلىق ئىشلىرى روناق تاپىدۇ. ئىززەت ھەم ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ. چۈنكى، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى سەمىمىي-سادىق، ئائىلىسىنى سۆيگەن، قەدىرلىگەن ھەم قوغدىغان ئادەملەردۇر. مانا بۇ ئىناق ئائىلە ھەم جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم كاپالىتى.
10-باتۇر، مەرد-مەردانە، سېخىي، گەڭگۇڭ بولۇش.
باتۇر، مەرد ھەم سېخىيلىق __ ئەركەكلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم سۈپەتلىرىدىن. چۈنكى، باتۇرلۇق ئەركەكلىك ۋىجدان-غۇرۇرنىڭ نامايەندىسى. مەرد-سېخىيلىق ئەركەكلىك سالاھىيەت ھەم سالاپىتىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. ۋەھالەنكى، ئەردىكى باتۇرلۇقنىڭ يوقىلىشى ئائىلىسى ھەم قوۋمىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىنىڭ بەلگىسى. ئەركەكلىكتىن مەھرۇم قېلىشنىڭ سىگنالى. كەمتەر، سېخىي، مەرد-مەردانىلىقنىڭ ئورنىنى لېڭتاسما، ئىچى تار، ئۇششاق سۆز، قوپال-ھاكاۋۇر، ئەخمەق-تەلۋە، توموچى، ساختاپەزلىكلەرنىڭ ئىگىلىشى ئەركەكلىك سالاھىيەتتىن سۆز ئىچىش ئەمەس، بەلكى ئەرلىك ئوبىرازىنىڭمۇ خۇنىكلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن «مەردنى مەيداندا سىنا» دېيىلگەندەك، ئەركەكمۇ ئۆز مۆرىتىدە باتۇر، مەرد، گاڭگۇڭلۇق رولىنى جارى قىلدۇرالىشى كېرەك.
مانا بۇ ئەرنى ئەركەكلىك ماقامغا ئىگە قىلىدىغان ئالىيجاناب، ئادىمىيلىك خىسلەتكە ئىگە مۇھىم ئەنگۈشتەرلەردىندۇر. ھەقىقىي ئەركەك مانا مۇشۇنداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك. قەنتى ئۆزىڭىزنى دەڭسەپ بېقىڭ، سىزدە قايسى خىسلەتلەر باكىن؟!
ئاپتور: دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخولوگ، ئوقۇتقۇچى ھەم تەتقىقاتچى.
2014-يىل 15-دېكابىر بىشكەك