ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  ئەدەبىيات  »  ئىجادىي ئەسەرلەر

قانداق كىتابلانى ئوقۇش ئەڭ مۇھىم؟

ۋاقتى : 2015-02-01  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراقكۆرۈلىشى : قېتىم

41453899.jpg

قانداق كىتابلانى ئوقۇش ئەڭ مۇھىم؟
كامىلە ئىسرائىل فازىلى


كىتاب ئوقۇش ياخشى ئىش، ئەمما قانداق كىتابلارنى تاللاپ ئوقۇش تېخىمۇ مۇھىم. مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمدە تۇنجى نازىل بولغان ئايەت، «ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن! ...» (96: 1) دەپ، ھاياتلىقنى چۈشۈنىش ھەم ئۇنى توغرا يۇسۇندا داۋام ئەتكۈزۈشتە، ئەڭ ئاۋال بىلىم ئېلىشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىكى ئىنسانىيەتكە كۈچلۈك ھەم كەسكىن خىتاب قىلىنغان. ھالبۇكى، پەزىلەت ئۈلگىسى، ئىلىم ئەلچىسى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ئەڭ گۈزەل ھالەتتە ياشاش ئارقىلىق، ھاياتلىقنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى يېشىپ كۆرسىتىپ بەرگەن. ھاياتلىقنى ھەقىقى مۇكەممەللىككە ھەم گۈزەللىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «مەنپەئەتلىك ئىلىم تەلەپ قىلىڭلار!»، «ئىلىم ئېلىش يىراق جۇڭگودا بولسىمۇ، ئېلىڭلار!» (سەھىھۇل بۇخارى) دەپ جاكارلىغان. شۇنداقلا، بۈيۈك ئىلىم ۋە گۈزەل ئەخلاقىدىن نۇرلانغان جىسمىنى مەشئەل قىلىپ، پۈتۈن ھاياتىنى جاھالەت تومانلىرىنى يوقۇتۇپ يورۇقلۇق بېرىشكە سەرپ ئەتكەن ئىدى. شۇ سەۋەب ئۆز ۋاقتىدا كىشىلەر ئىلىم ئېلىشقا شۇ قەدەر ھېرىس ئېدىكى، بىرەر ھىكىمەتنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن يېمەك-ئىچمىكى كامچىل، قاتناش قوراللىرى بولمىغان تۈرلۈك قولايسىز شارائىتلاردا، پىيادە ياكى ئۇلاغلىق نەچچە ئاي يول يۈرۈشتىن، ئاچلىق-ئۇسسۇزلۇق ھەم ھېرىپ-چارچاشلاردىن قورقمايتتى. قىسقىغىنا ھاياتىنىڭ راھەتكە بېرىلىپ زايە بولۇپ كېتىشىدىن شۇ قەدەر ھەزەر ئەيلەيتىكى، ئاستىغا سالىدىغان كۆرپە چاغلىق نەرسىلەرنىمۇ يېقىن يولاتمايتتى. كېچىنى كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلاپ دېگۈدەك ئىلىم تەھسىل قىلاتتى ھەم ئۆز ئەمىلىيىتى بىلەن تارقىتاتتى. بۇنداق كۈچلۈك ئېتىقادتىن يۇغۇرۇلغان نۇرلۇق يولنى داۋاملاشتۇرغۇچىلاردىن بوۋىمىز مەخمۇت قەشقىرى: «ئەي ئوغۇل ئىلىم ئال، ئەلگە تارات ...»، يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «بىلىملىك كىشى قىممەتلىك دىناردۇر، بىلىمسىز كىشى قىممەتسىز يارماقتۇر»، ئابدۇقادىر دامۇللام: «بىلىڭلاركى، بۇ دەۋىر جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس، ئىلىم-مەرىپەت دەۋرىدۇر...» دېيىش ئارقىلىق ئىلىم ئېلىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە پۈتۈن ھاياتىنى ئىلىم-مەرىپەت ئۈچۈن شام قىلغان ئېدى. ۋاھالەنكى، بۈگۈنكى ھەممە نەرسە تەل زامانىۋى دەۋىرنىڭ ساھىبى بولغان بىز، ئەتراپىمىزدىلا ھەرخىل بىلىم-ھېكىمەتكە لىق تولغان كىتابخانىلار، ھەرخىل كەسىپتىكى مەكتەپ-مەركەزلەر، ھەرخىل ساھەدە يېتىشىپ چىقىۋاتقان ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلاردىن؛ قىسقىسى، ھەرقانداق زامان-ماكاننىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرماستىن، قولىمىزدىكى تېلفون تورىدىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ھەرخىل تېمىدىكى ئەسەرلەردىن، ھەرخىل ئىلىم توپلىرىدىن مەنپەئەتلىك بىلىملەرگە ئېرىشەلەيمىز. پەقەت بىزلا ئىزدىنىشنى خالىساقلا بىلىم ئېلىش يولى شۇ قەدەر قولايلىقلاشتىكى، «ئېچىل داستىخىنىم ئېچىل» دېسەكلا ئالدىمىزدا پەيدا بولىدىغان ھالەتكە يەتتى. يەنە كېلىپ 2015 -يىلنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلى بولىشى، تولىمۇ خوشاللىنارلىق بىر ئىش بولدى. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ كىتاب سېتىۋېلىش ھەم كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ھەتتا ئۆيلىرىنى كىتاب بىلەن زىننەتلەيدىغان، ئۆزئارا كىتاب سوۋغا قىلىشىدىغان، ھەرخىل كىتابخۇمارلار يىغىلىشلىرى ۋە ئىلىم سورۇنلىرى كۆپىيىشتەك ياخشى ئىش-پائالىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىشىغا سەۋەب بولدى. مانا مۇشۇنداق پەيتلەردە، قانداق كىتابلارنى تاللاپ سېتىۋېلىش ھەم ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە بىرقىسىم ئەستايىدىل، ئىزدىنىش روھى كۈچلۈك قېرىنداشلار مەندىن مەسلىھەت سوراپ تۇردى. مەن بۇنىڭدىن يەنە نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ مۇشۇنداق تاللاشلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم ھەم مىللىتىمىزنىڭ ئىلىم ئېلىشقا بولغان قىزغىنلىقى، ھېرىسمەنلىكىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. شۇنداقلا، يورۇقلۇققا تولغان گۈزەل ئەتىمىزنى كۆرگەندەك بولدىم.
ھېلىمۇ يادىمدا، مەن 2005-يىللىرى «ماياك» نامىدا تىل تەربىيەلەش مەركىزى ئاچقان مەزگىللىرىمدە ئوقۇغۇچىلىرىمغا ھەم تارقاتقان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىمىزغا، «قانداق قىلغاندا تېز ھەم ئۈنۈملۈك بىلىم ئىگەللەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق تۆت نوقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك: 1-ئوقۇتقۇچىنى توغرا تاللاش؛ 2-كىتابنى توغرا تاللاش؛ 3-ئۆگۈنىش ئۇسۇلى توغرا بولۇش؛ 4-ئۆگەنگىنىنى ئەمىلىيەتتە ئىشلىتىش» دېگەندەك، مۇھىم نوقتىلارنى تەكىتلەپ ھەم شەرھىلەپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىمنى راۋاجلاندۇرۇشقا تىرىشاتتىم. ۋاقتىمىز چەكلىك، ئۆگۈنىدىغان بىلىمىمىز كۆپ بولۇشتەك قېيىنچىلىقنى يېڭىش يولىدا ئىزدىنەتتىم... 1-«ئوقۇتقۇچىنى توغرا تاللاش»: بىز مەيلى قانداق بىلىم ئالايلى لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى ياكى يېتەكچى تاللاش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قانداقتۇر ئۇنىۋان، سالاھىيىتىنىلا قوغلاشماستىن، دەرس ئۆتۈش مىتوتى ھەم ئادىمىيلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش تېخىمۇ مۇھىم. چۈنكى، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم-ساپاسى ۋە ئەخلاق-پەزىلىتىگە بىۋاسە تەسىر قىلىدىغان ئامىللار. ھالبۇكى، لاياقەتلىك بىر ئوقۇتقۇچى __ ۋەتىنىنى، مىللىتىنى، كەسىپىنى قىزغىن سۆيىشنى ئۆز مەسئۇلىيەت-بۇرچى دەپ تونىيدىغان يۈكسەك روھ ھەم ئېتىقادقا ئىگە بولىشى؛ مۇكەممەل بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولغاندىن سىرت، ئوقۇغۇچىلارنى ئويغىتالايدىغان ئوچۇق، زىل تەپەككۇرغا ھەم تالانىتقا ئىگە بولىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئۆز رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ. 2-« كىتابنى توغرا تاللاش»: بىز ئالماقچى بولغان كىتابنىڭ ھاياتىمىزغا ئىلىپ كېلىدىغان مەنپەئىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئەڭ ئاۋال ئويلىشىشىمىز لازىم. يەنى، ئۆزىمىزنىڭ ۋاقىتلىق قىزىقىشى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا مىراس قالدۇرۇشقا ئەرزىيدىغانلىرىنى تاللاش. كىتابنىڭ مۇقاۋىسى، باش تېمىسى ياكى ئاپتورىغىلا قىزىقماستىن، بەلكى ئۇنىڭدا يورىتىلغان ئاساسىي مەركىزى ئىدىيەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە قاراش كېرەك. ھاياتىمىزنى نۇرلاندۇرۇشتا دۇرۇس ئېتىقاد، توغرا قىممەت قاراش، گۈزەل غايە-نىشان تىكلەشكە ماياك بولالامدۇ؟ ھەرخىل چۈشكىنلىك، ئۈمۈتسىزلىك، گاڭگىراشلارغا ئازىراق بولسىمۇ مەلھەم بولۇپ، مەلۇم دەرىجىدە چىقىش يولى تېپىشقا يېشىل چىراق ياقالامدۇ؟ مەيلى قايسى ساھە-كەسىپتىن ئىزدەنمەيلى، يولىقىۋاتقان ھەرخىل ئېھتىياج-قىيىنچىلىقلارغا شوتا بولالامدۇ؟ ھىچ بولمىسا، مەنىۋېي ئۇسسۇزلىقىمىزنى بىر چېلەك سۇ بولمىسىمۇ بىر ئىستاكان سۇچىلىك قاندۇرالىشى؛ قاراڭغۇ يوللىرىمىزغا لامپۇچكا بولالمىسىمۇ شامچىلىك يورۇقلۇق بېرەلىشى؛ مۇزلىغان قەلبلەرنى باھار كەبى ئېرىتەلمىسىمۇ، ياخشى ھېكىمەتلىرى بىلەن ئىللىتالىشى كېرەك. دېمەك، بۇ قىسقىغىنا ھاياتىمىزدا مەنپىئەتلىك كىتابلارنى تاللاپ سېتىۋېلىش، ئوقۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، مىراس قالدۇرۇش تولىمۇ مۇھىم شەرەپلىك ئىش. 3-«ئۆگۈنىش ئۇسۇلى توغرا بولۇش»: ئۆگۈنىش ئۇسۇلىنىڭ توغىرلىقى ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش زۆرۈر. ئەڭ ئاۋال ئۆگىنىشتىكى مەقسەت-نىشانى ئېنىق بولىشى كېرەك. ئاندىن كەمتەر، دادىل، ئەستايىدىل، ئىزچىللىقتەك روھ بولۇش كېرەك. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بىلەرمەنلىك، تارتىنچاقلىق، ئەستايىدىل بولماسلىق، ئىزچىل بولماسلىق ئىلىم ئېلىشنىڭ ئەڭ چوڭ تۆت دۈشمىنى ھىسابلىنىدۇ. يۇقارقى شەرتلەرنى ھازىرلىيالىغان ئادەم، تۆۋەندىكىدەك ئۆگۈنىش ئۇسۇللىرىنى سىناپ كۆرسە بولىدۇ. 1) مۇنتىزىم ئۆگۈنىدىغان ۋاقىت-ئورۇن ھازىرلاش؛ 2) ئىزچىل تىڭشاش-يېزىش؛ 3) ئىزچىل تەھلىل-تەپەككۇر-مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش؛ 4) ئىزچىل ئوقۇش، مۇھىم نوقتىلارنى تەكىرارلاش، ئەسكە ئېلىش. 4-«ئۆگەنگىنىنى ئەمىلىيەتتە ئىشلىتىش»: ۋەھالەنكى، ئۆگەنگىنىمىزنى ئۆزىمىزگە تەدبىقلىمىساق ياكى ئەمىلىي ئىش-ھەركىتىمىزدە كۆرسىتەلمىسەك، خۇددى ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك ھەممىسى نۆلگە تەڭ بولۇپ قالىدۇ. بۇ «موللامنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما» دېگەندەك، سەللىگە لايىق ئىش بولماي قالىدۇ؛ ھەرخىل ئۇنىۋان، ھوقوق-مەرتىۋېمىزگە، سالاھىتىمىزگە لايىق ئىش بولماي قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بىز مەيلى ئوقۇتقۇچىدىن، مەيلى كىتابتىن، مەيلى جەمئىيەتتىن بىلىم ئالايلى، ئالغان بىلىمىمىز __ تۇپىراققا سۇ سىڭگەندەك سىڭىپ، گۈللەردەك پورەكلەپ ئېچىلىپ ئۆز ئەتراپىغا خۇش-پۇراق چېچىشى ئەڭ مۇھىم. ئاخىردا، ھەممىمىزنىڭ مۇشۇ خۇش-پۇراق گۈللەردىن بولىشىمىزغا تىلەكداشمەن.
2015-يىل 25-قەھىرتان
ئاپتور: «ئۈرۈمچى فازىل قىز-ئانىلارنى تەربىيەلەش ۋە پىسخىك مەسلىھەت بېرىش مەركىزى» نىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچى.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240-13999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا