ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  ئەدەبىيات  »  ئىجادىي ئەسەرلەر

كەچۈر، ئەخلەت چېلىكىم-ئالىيە ئابلىز

ۋاقتى : 2014-06-07  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : ئالىيە ئابلىزكۆرۈلىشى : قېتىم

كەچۈر، ئەخلەت چېلىكىم


ئاپتۇرى : ئالىيە ئابلىز 
(شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى  ئاخپارات تارقىتىش ئىنىستىتوتى 2012-يىللىق ئاسپىرانتى )

ھۆرمەتلىك ئەخلەت چېلىكىم ، مەن ساڭا يۈز كېلەلمەيمەن ، سېنىڭ  مېنى ئەپۇ قىلىۋىتىشىڭنى سورايمەن ، ‹نىمىشقا ئەخلەت چېلەكتىن كەچۈرۈم سورايسىز؟ › دەپ سوراۋاتامسىلەر ، ئۇنداقتا سىلەرگە تەپسىلاتىنى سۆزلەپ بېرەي ،،،
مەن بولسام  تولىمۇ چەت يېزىدا ياشاپ كېلىۋاتقان بىر ئاددىي دېھقان،بۈگۈن  شەھەردىكى تۇققىنىمنىڭ  تەكلىپ قىلىشى بىلەن  ئوغلىنىڭ تويىغا قاتناشقىلى  كەلدىم  ،  بۇ مېنىڭ مۇشۇ ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم  شەھەردە ئۆتكۈزىلىدىغان تويغا قەدەم  تەشرىپ قىلىشىم ئىدى .مەن رېستۇرانغا كىرىپ ئازراق ۋاقىتتىن كىيىن ،  مۇلازىملار  تاماقلارنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئەكىلىشكە باشلىدى  ،بىرىنجى تۈركۈم تاماقلار  ئۈستەل ئۈستىگە چىرايلىق تىزىلدى ،ئىككىنجى تۈركۈم تاماقلار بولسا   بىرىنجى تۈركۈمدە ئۈستەلگە مۇبارەك قەدىمى يەتكەن تاماقلارنىڭ ئۈستىگىلا تىزىلدى ،شۇ تەرىقىدە تاماقلار پەلەمپەي شەكلىدە تىزىلىپ بولغاندىن كىيىن قارىسام ، مەن ئەڭ ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان مانتا ، ئۈستىگە تىزىلغان تەخسىلەرنىڭ دەستىدىن  ئۇستەلگە تېخىمۇ بەك چاپلىشىپ  كەتكەن ئىدى،‹ توۋا!› ،_دېدىم ئىچىمدە ‹ نىمىدىگەن  جىق تاماقلار بۇ ھە ! قارىغاندا  بۇ تويغا كەلگەن مېھمانلار نەچچە كۈن تاماق يېمىگەن يوقسۇللار ئوخشىمامدۇ  ؟!...  ئالىيجاناپ  تۇققىنىم توينىڭ بانىسىدا مۇشۇ  يوقسۇللارغا بىر دەستىرخان سالاي دەپتۇ  دە ....›، ئىچىمدە مۇشۇلارنى ئويلاپ تۇققىنىمنىڭ  ئاقكۆڭۈللىكىدىن  تولىمۇ تەسىرلەندىم ،ھەمدە ئۆزەمنىڭمۇ  مۇشۇ يوقسۇللار ئۈچۈن بىرەر ئىش قېىلىپ بېرىشىم كېرەكلىكىنى  ئويلاپ  ، ئۈستەلگە چاپلىشىپ كەتكەن ياپىلاق مانتىدىن پەقەت بىرنىلا  تارتىپ چىقىرىپ تەخسەمگە سېلىۋىلىپ ، قالغان تاماقلارنى مۇشۇ يوقسۇللارنىڭ يېيىشى ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويدۇم  ،بىراق مېنى ھەيران قالدۇرىدىغان .ئىش يۈز بەردى ،  چۈنكى بىر ئىككىسى  چوكىسىنى سەينىڭ سۈيىگە  تەگگۈزۈپ يالاپ  قويغاندىن باشقا ،قالغانلىرى  تاماقلارنى كۆزىتىپ مۇھاپىزەت قىلىپ  ئولتۇردى ،بۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن تاماق يېمەيدىغانلىقىنى توي  تۈگىگىچە  ئىچىمدە   تەھلىل قىلىپ  سىرىنى يېشەلمىدىم ،بىراق توي تۈگەپ مۇلازىملار تاماقلارنىڭ ھەممىسىنى ئەخلەت چېلىكىگە  يېگۈزۈپ قويغاندا  بولسا ،نازۇك كۆڭلۈمدىكى سوئاللىرىمغا جاۋاپ تاپقاندەك بولدۇم .ئەسلى بۈگۈنكى تويدىكى تاماقلار  مۇشۇ  چېلەكلەرنىڭ  رىسقىكەن ئەمەسمۇ ،،  شەھەرلىكلەر ئەخلەت چېلەكنىڭ ساغلام  ئۆسۈپ يىتىلىپ كەلگۈسىدە ياراملىق چېلەك بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى  ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەخلەت يېگۈزمەي رېستۇرانغا تەكلىپ قىلىپ  قۇۋۋەتلىك پولۇ مانتىلارنى يېگۈزۈپ قويىدىكەن  ، مەن نادان دېھقان بولسام ئىزچىل ئاش تائامنى بىزگە ئوخشاش ئاشقازان ،ئۈچىيى بار ئنىسانلار يەيدۇ دەپ ئويلاپ ، ئاش تائاملارنى ئۆز ئاشقازىنىمغا   توپلاپ ، بىچارە ئەخلەت چېلىكىمگە بولسا گۈرۈچنىڭ بىر دانىسىنىمۇ بېرىپ قويماپتىمەن ئەمەسمۇ ؟...شۇڭا مېنىڭ  چېلىكىمدىن  كەچۈرۈم  سورىشىم بەكمۇ زۆرۈر .
    مېنى كەچۈرگىن چېلىكىم .مەن سېنى ئەخلەت چېلىكى بولۇپ يارالغىنىڭغا پۇشايمان قىلغۇزۋېتىپتىمەن ئەمەسمۇ   ،مەن ھەقىقەتەنمۇ نادان  ئىكەنمەن ،ئۆز قولۇم بىلەن بىر يىل پەپىلەپ تېرىغان ئاشلىقنىڭ  ساڭا  ئوخشاش ئەخلەت چېلەكلەرنىڭمۇ  قورسىقىدىن ئورۇن ئالالايدىغان كارامىتىنى ھازىرغىچە بىلمەي ،سېنىڭ قورسىقىڭنى دەپسەندە قىلىپ يۈرۈپتىمەن  ئەمەسمۇ   ؟..مېنىڭ ۋىژدانسىزلىقىمنى كەچۈرگىن  چېلىكىم ..كېلەر قېتىم شەھەرگە تويغا كېلىپ قالسام   سېنىمۇ چوقۇم  تويغا  بىللە ئېلىپ  كېلىمەن  ،مەن ئىشىنىمەنكى  شەھەردىكى قولى كەڭ ئالىي جاناپ ئىنسانلار  ئۆزى يېمەي بولسىمۇ ، ساڭا  يېگۈزۈپ قويىدۇ  ، مانا بۈگۈنكى تويدىكى  نەغمە  ناۋالار   ئىنسانلار ئۈچۈن  تەييارلانغىنى  بىلەن ،  ئېسىل  تائاملىرى مەخسۇس ساڭا ئوخشاش ئەخلەت چېلەكلەر  ئۈچۈن تەييارلىنىپتۇ  ئەمەسمۇ ؟.........
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا