تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى بىزگە زادى نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى ؟
يالقۇن روزى
‹‹ تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى ›› بىر تۈرلۈك مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىمىز ، تەتقىق قىلىشىمىز ۋە مۇلاھىزە يۈرگۈزىشىمىزنى كۈتمەكتە ، ئۇنداقتا ئاپتونوم رايونىمىزدا ، جۈملىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە شەكىللەنگەن ‹‹ تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى ›› بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى ؟ شۈبھىسىزكى ئوخشاش ئەسەر ئوخشاشمىغان كىشىلەرگە ئوخشاشمىغان تەسىر بەرگەندەك تۈركىيە فىلىملىرى ئىجتىمائىي ئەھۋالىمىزغا ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكىمىزگە ماس ھالدا بىزگە ئۆزگىچە تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى . زوقلىنىش پىسخولوگىيەسى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا زوقلىنىش خاسلىققا ئىگە بولۇش بىلەن بىللە يەنە مىللىيلىككە ئىگە بولىدۇ . مەن ‹‹ تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى ›› بىزگە ئېلىپ كەلگەن تەسىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئالتە جەھەتتىن ئىزاھلاپ چۈشەندۈرىمەن :
1. يېڭىچە زوق ئېلىپ كەلدى .
تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بىزگە ئېلىپ كەلگەن يېڭىچە زوقنى ‹‹ ئىللىقلىق ۋە ‹‹ ھەيرانلىق ›› دېگەن ئىككى سۆز بىلەن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ . ئۇنداقتا ئۇيغۇر تاماشىبىنلىرىدا ئىللىقلىق پەيدا قىلغان سەۋەب نېمە ؟ ئايانكى بۇ سەۋەبلەر تۇرمۇش شەكلى ئەخلاق ئادەتلىرى كىشى ئىسىملىرى ئېتىقاد سېستىمىسى ، ئۆرپ ئادەت جەھەتتىكى ئوخشاشلىق قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ‹‹ ھەيرانلىق ›› دېگەن سۆزگە كەلسەك تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزيە تىياتىرلىرىنىڭ سيۇژىتى تولىمۇ ئەگرى – توقاي بولغاچقا كۆرۈرمەنلەرنى ھېلىدىن ھېلىغا ھاياجانغا تولدۇرىدۇ . 5-10 يىلدىن بۇيان قويۇلۇپ كېلىۋاتقان كورىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ سيۇژىتىدىكى ئەزمىلىك بىلەن سېلىشتۇرغاندا تۈركىيە فىلىملىرىنىڭ سيۇژىت قۇرۇلىمىسىدىكى ئۆزگىرىشچانلىق تولىمۇ روشەن ۋە رەڭدار .
ئىككىنچى : يېڭىچە قاراش ئېلىپ كەلدى .
‹‹ تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى ›› بىزگە ئېلىپ كەلگەن ئەڭ ئاكتىپ تەسىر يېڭىچە قاراشلارنى ئاتا قىلغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ . ‹‹ كۇرتلار ۋادىسى ›› فىلىمىدىكى ‹‹ بالىلارسىز ۋەتەن بولماس ›› ، ‹‹ ئاقىۋەتنى ئويلىغان ئادەم قەھرىمان بولالماس ›› ، ‹‹ جاسارەت ياخشى ئادەملەر تەرىپىدىن جارى قىلدۇرۇلمىسا ، رەزىل ئادەملەرنىڭ قورالى بولۇپ قالىدۇ . ›› ‹‹ ۋەتەن ئۈچۈن نامسىز قەھرىمان بولۇش تېخىمۇ شەرەپلىك ›› ، كۈچىمىز تۈگىگۈچە ئېلىشىمىز ، كۈچىمىز تۈگىگەندە ئۆلىمىز ›› ، ‹‹ تۈركىيەنى تۈركىيە قىلغان ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى ›› دېگەندەك ئىدىيە ۋە قاراشلار فىلىمدە كونكېرت ۋەقە ھادىسىلەر جەريانىدا ئىسپاتلىنىپ كىشىگە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات بېرىدۇ . ‹‹ چەكلەنگەن سۆيگۈ ›› فىلىمىدە ئىپادىلەنگەن ‹‹ ئەخلاققا ئۇيغۇن بولمىغان سۆيگۈ ھېچكىمگە بەخت ئاتا قىلالمايدۇ ›› دېگەن ئىدىيە تاماشىبىنلارغا ناپاك مۇھەببەتنىڭ ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش بىلەن بىرگە كىشىگە سۆيگۈ مۇھەببەتنىڭ پاكلىقى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىشقا كەيپىياتىنى ئاقىلانىلىك بىلەن كونتىرول قىلىپ ياشاشنىڭ زۆزۆرلىكىنى تونۇشقا ئۈندەيدۇ . ‹‹ غازاڭ پەسلى ›› ، ‹‹ قاچقۇن ئاشىقلار ›› فىلىمىدىكى كىچىك بالىلار ئالدىدا ۋارقىراپ جفرقىراپ جېدەل قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەيدىغان بالىلارغا بەكمۇ كۆيۈنىدىغان ئادەتلەر بىزنىڭ بەزى ئادەتلەنگەن قاراشلىرىمىزدىن پەرقلىنىدىغانلىقى بىلەن بىزنى ئويغا سالىدۇ .
ئۈچىنچى : يېڭىچە بىلىم ئېلىپ كەلدى .
بۈگۈنكى دۇنيادا بىلىم پەقەت مەكتەپ ئاكادېمىيىلەردىلا ئەمەس ، كىتاب ياكى ئۇستازلاردىلا ئەمەس بەلكى ھەممە يەردە يەنى جمئىيەتتە تەبىئەتتە ، كىنو تېلېۋىزىيەلەردە ، ھەتتا دورا- ئوكۇللارنىڭ چۈشەندۈرۈش قەغەزلىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ . مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا تۈركىيە فىلىملىرىمۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئاز بولمىغان بىلىملەرنى ئاتا قىلدى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ .مەسىلەن : ‹‹ قاچقۇن ئاشىقلار ›، ‹‹ ئاشىقلىقنىڭ جازاسى ›› قاتارلىق فىلىملەردىن تۈركىيە جەمئىيىتىدە جەمەت ۋە گۇرۇھلار زىددىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئۆتكۈرلۈكىنى ، قىساسخورلۇق ئادىتىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ ....
تۆتىنچى : يېڭىچە روھ ئېلىپ كەلدى .
تۈركىيە فىلىملىرىدە نومۇس ۋە شەرەپ قارىشى ئىنتايىن كۆپ تەكىتلىنىدۇ . بىر ئادەمنىڭ كىشىلىك قىممىتىنى ئىنكار قىلماقچى بولسا ‹‹ شەرەپسىز ›› دېگەن ئىبارىنى ئىشلىتىپ ئىنكار قىلىدۇ .شەرەپسىز ياشاشنى ئەڭ زور نومۇس ئەڭ ئېغىر ھاقارەت دەپ بىلىدۇ . ئۇلار شەرەپسىز ياشىغاندىن ئۆلگەن ئەلا دەپ قارايدۇ . جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەردە دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان شەرەپ ۋە نومۇس مەسىلىسىگە سەل قاراشتەك بىخۇدلۇققا سېلىشتۇرغاندا ئۇلاردىكى شەرەپسىز ياشاشنى كۆڭلى كۆتۈرمەيدىغان پىرىنسىپال روھ زور ئەخلاقىي تەربىيە ھېسابلىنىدۇ .
تۈركىيە فىلىملىرىدە يەنە قەتئىي خاراكتېرگە ئىگە پېرسوناژلار كۆپ بولۇپ ، ھەق ناھەق مەسىلىسىدە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشنى ھايات مامات مەسىلىسىدىن ئۈستۈن كۆرىدۇ .ھەق ناھەق مەسىلىسىدە ھەممىنى بىراقلا دوغا تىكىدىغان بۇنداق خاراكتېر قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ .بۇنداق روھ پولات ئەلەمدارنىڭ ۋۇجۇدىدا ، سۇلتان سۇلايماننىڭ ۋۇجۇدىدا ، مۇھەممەتنىڭ ۋۇجۇدىدا ، خېلىلنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەلى رىزا تېكىننىڭ ۋۇجۇدىدا دائىم دېگۈدەك كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ .
بەشىنچى : يېڭىچە ئىنتىلىش ئېلىپ كەلدى .
مەلۇمكى كىنو تېلېۋىزيە فىلىملىرى مەدەنىيەت كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن بىر دۆلەت ياكى بىر مىللەتنىڭ يۇمشاق كۈچىنىڭ بىر قىسىمى . چۈنكى مەدەنىيەت ھادىسىسى بولغان كىنو تېلېۋىزيە فىلىملىرى ئۆزىنىڭ زەرەتلەش خاراكتېرى بىلەن كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىغا يېتەكلەش قىزىقتۇرۇش خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن گۈللەنگەن ئىقتىساد ، رەڭدار جەمئىيەت ، ئاۋات شەھەر ، گۈزەل مەنزىرە ، سالاپەتلىك قىياپەت ، مەدەنىي شەكىلدىكى ئىنسانىي مۇئامىلە ، يارىشىملىق كىيىم كېچەك ، رەڭگارەڭ تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى كىشىلەرنىڭ شۇ دۆلەت ياكى رايونغا ، شۇ دۆلەتتىكى كىشىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش شەكلىگە قىزىقىش ھېسسىياتىنى قوزغىماي قالمايدۇ .دۇنيا مىقياسىدا قوزغالغان ‹‹ تۈركىيە قىزغىنلىقى ›› نىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى دەل تۈركىيەنى ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقىنىڭ ئەۋجىگە چىققانلىقى بولماقتا . تەتقىقاتچىلار بۇنداق ئەھۋالنىڭ شەكىللىنىشىدە تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزيە تىياتىرلىرىنىڭ ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى .
ئالتىنچى : يېڭىچە ئۈلگە ئېلىپ كەلدى .
تۈركىيە فىلىملىرى بىزگە تۆت جەھەتتىن ئۈلگە ئېلىپ كەلدى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ .
1.يېڭىچە سۆز ئىبارىلەرنى قوبۇل قىلىش جەھەتتە ئۈلگە كۆرسەتتى ، مەسىلەن : ‹‹ شەرەپسىز ›› ، ‹‹ كەچمىش بولسۇن ›› ، ‹‹ مەرھابا ›› ، ‹‹ قولاي بولسۇن ›› ، ‹‹ ئاللاھ راھەتلىك بەرسۇن ›› ، دېگەندەك سۆز ئىبارىلەر ئاناتىل ئىستېمالىمىزدا قوللىنىشقا تېگىشلىك سۆز ئىبارىلەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق .
2. ئەسلى ئەسەرنى سىنارىيەگە ئايلاندۇرۇش جەھەتتە ئۈلگە ئېلىپ كەلدى .
3. ‹‹ تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى ›› يەنە بىزگە ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئاكتيورلارنى ئېلىپ كەلدى .
4.تۈركىيە فىلىملىرى يەنە بىزگە بالىلارغا ئىسىم قويۇش جەھەتتە ئۈلگە ئېلىپ كەلدى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ .بىز ئاناتىلىمىزنىڭ لۇغەت تەركىبىدە بار ئەمما ئادەمگە ئىسىم قىلىپ قوللىنىش جەھەتتە سەل قارىغان بەزى ئىسىملارنى بالىلارغا ئىسىم قىلىپ قويۇش جەھەتتە ئۈلگىگە ئېرىشتۇق . مەسىلەن ، يامغۇر ، شەبنەم ، دېڭىز ، قىلىچ ، سەنجەر ، ئەدنان ، بېھتەر ، بەشكىر ، نېھال ، بەشىر ، پەيكەر ، خەيرىيە ، ئەلەمدار ، كەنئان ، قاراخان قاتارلىق ئىسىملار بىزنىڭ ئاناتىل لۇغىتىمىزدە بار بولسىمۇ ، بىز بۇ ئىسىملارنى ئىسىم فامىلە قىلىپ قوللىنىشقا دىققەت قىلماي كەلگەنىدۇق .تۈركىيە فىلىملىرى بىزنى بۇ جەھەتتىمۇ ئۈلگە بىلەن تەمىنلىدى .
ئومۇمەن ، ‹‹ تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى ›› بىزگە بىز ھېس قىلغان ياكى تېخى ھېس قىلىپ بولالمىغان كۆپلىگەن ئىجابى ئامىللارنى ئاتا قىلدىن دەپ ئىشىنىشكە بولىدۇ .
<< تەڭرىتاغ ئېكرانى >> ژۇرنىلىنىڭ 2011 - يىللىق 3 - سانىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.