ۋاقتى : 2010-08-24 مەنبەسى : ئابلا ئەھمىدى يازمىلىرىدىن يوللىغۇچى : ياپراق02كۆرۈلىشى : قېتىم
باشلانمائوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان خەن سۇلالىسىدىن تاكى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرىغىچە ھەممىسى قاش قوۋۇق (يۈمېنگۈەن) نىڭ سىرتىدىكى يۇرتلارنى ئىزچىل بىۋاستە باشقۇرۇش كويىدا بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ھېچبىرى مەقسىتىگە يېتەلمىگەن ئىدى. بۇ مەقسەت ئاخىر لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىدا ياشىغۇچى كۆچمەن چارۋىچى مىللەت __ جورجىن (مانجۇ) لار قۇرغان چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئالتىنچى ئەۋلاد خانى چيەنلۇڭ (خۇڭلى) تەرىپىدىن رىئاللىققا ئايلاندى. ئەسلىدە، تۆتىنچى ئەۋلاد خان كاڭشى (شۈەنيى) بۇ ئىشقا بەل باغلىغان بولسىمۇ، بۇ زىمىننى تىزگىنلەپ تۇرۇۋاتقان ئىككى زور سىياسىي كۈچ __ «جۇڭغار خانلىقى» بىلەن «خوجىلار ھۆكۈمرانلىقى» نى بىراقلا يوقىتىشقا كۆزى يەتمەي، ئەپلىك پۇرسەت كۈتۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. دەل مۇشۇنداق پەيتتە، جۇڭغار موڭغۇللىرى قۇمۇلغا ھۇجۇم قىلدى. قۇمۇل ھاكىمبېگى مۇھەممەت شاھبەگ بۇ جەڭگە ئۆزى بىۋاستە قوماندانلىق قىلىپ غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، بىر قولىدىن ئايرىلىپ قالدى ۋە «مۇھەممەت شاھ غازى تارخانبەگ» دىگەن پەخرى نامغا ئېرىشتى (ئۇنىڭ نەسەبى تۇغلۇق تۆمۈرخانغا تۇتىشاتتى). ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئوغلى ئەبەيدىللا تارخانبەگ دادىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش كويىغا چۈشتى ۋە 1696- يىلى (كاڭشى 35- يلى) چىڭ سۇلالىسى تەرەپكە ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىدى. مەنچىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ھامىي بولۇش بىلەن بىرچاغدا، يۈمېندىن گۇچېڭغىچە قوشۇن تۇرغۇزۇپ، موڭغۇل دالاسى ھەم تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغا يۈرۈش قىلىدىغان دەرۋازىغا ئىگە بولدى. 1697- يىلى (كاڭشى 36- يىلى)، ئەبەيدىللا تارخانبەگ ئوغلى گوپا (ۋاپا) بەگنى بارىكۆلگە ئېۋەتىپ، غالدان سېرىننىڭ ئوغلى سېپتىڭ بالچۇر ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى تىرىك تۇتقۇزۇپ، مەنچىڭ ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇنىڭ بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن مەنچىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا 1- دەرىجىلىك جاساق مەرتىبىسى، جاسق تامغىسى، قىزىل تۇغ ئىنئام قىلدى. گوپابەگكە «2- دەرىجىلىك بەگ» لىك ئوتىغاتبەردى ۋە 1698- يىلى (كاڭشى 37- يىلى) ئۆز قوشۇنى تەركىبىدە «قىزىل تۇغلۇق ئۇيغۇر قوشۇنى» تەشكىللىدى. گوپا بەگنى 200دەك كىشى بىلەن جيۇچۈەندە تۇرغۇزدى. قۇمۇل سودىگەرلىرىنىڭ قاشقوۋۇق ئىچىدىكى جايلارغا كىرىش- چىقىشىدىكى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىدى. 1706- يىلى (كاڭشى 45- يىلى)، كاڭشى خان ئەبەيدىللا تارخانبەگ نۇرغۇن سوۋغا- سالام راسلاپ، قول ئاستىدىكى مۆتىبەرلەردىن سەككىز كىشىنى باشلاپ بېيجىڭگە بېرىپ، كاڭشى خاننى تاۋاپ قىلدى (ئۇنىڭ سوۋغا- سالاملىرى ئىچىدە قوغۇنمۇ بار ئىدى، شۇندىن ئېتىبارەن، يۇرتىمىزنىڭ قوغۇنلىرى مانجۇ- خەنزۇلار ئارىسىدا «قۇمۇل قوغۇنى» دەپ ئاتىلىدىغان بولدى). كاڭشى خان ئۇلارنى ئىززەت- ئىكرام بىلەن كۈتۈپ ۋە نۇرغۇن سوۋغا- سالاملار بىلەن يولغا سېلىپ قويدى. 1709- يىلى (كاشى 48- يىلى) ئەبەيدىللا تارخانبەگ ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئۇنىڭ تەختىگە گوپابەگ ۋارىسلىق قىلدى. 1711- يىلى (كاڭشى 50- يىلى) گوپابەگ ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئوغلى ئىمىن ۋاڭ ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. 1727- يىلى (يۇڭ جېڭ 5- يىلى)، مەنچىڭ ھۆكۈمىتى ئىمىن ۋاڭغا «جىڭ گوگۇڭ» لۇق مەرتىبىسى بەرگەن ئىدى. كېيىن دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ «گۇڭسەن بېيزى (بەيسى)» لىككە كۆتۈردى. ئوغلى يۈسۈپ بىلەن نەۋرىسى ئىسھاققا «جۈنۋاڭ» لىق ئوتىغات بەردى. كېيىنكى چاغلاردا، يۈسۈپ ۋاڭ بىلەن ئىسھاق ۋاڭ مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭغار موڭغۇللىرى بىلەن «خوجىلار ھاكىمىيىتى» نى تارمار قىلىپ، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب- شىمالىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىدە ئاجايىپ زور رول ئوينىدى.1718- يىلى (كاشى 57- يىلى)، شاھزادە يۈنتى بۇيرۇققا بىنائەن قوشۇن باشلاپ شىزاڭ ئىگىزلىكىگە يۈرۈش قىلىپ ئىككى يىل قانلىق ئېلىشىش ئارقىلىق، بۇ زىمىننى بېسىۋالغان جڭغار موڭغۇللىرىنى تارمار قىلدى. غەلىبىدىن كېيىن، يەنمى 1720- يىلى (كاڭشى 59- يىلى) مەنچىڭ ھۆكۈمىتى قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق قوشۇنىنى تۇرپان ئويمانلىقىغا ماڭدۇردى. لۈكچۈن ھاكىمبېگى ئىمىن خوجا ئۇلارغا ئەل بولدى. ئەكسىچە، تۇرپان ھاكىمبېگى ئەزىز خوجا بىر تۈركۈم ئاھالىنى باشلاپ قاراشەھەرگە قېچىپ بېرىپ، جۇڭغار موڭغۇللىرىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى. 1723- يىلىكاشى ۋاپات بولۇپ، يۇڭجېن (يىنجېن) تەختكە چىقتى ۋە قاتناش، ھەربىي لاۋازىمەتجەھەتلەردىكى قىيىنچىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، تۇرپان بىلەن بارىكۆلدىكى قوشۇنىنى چېكىندۈرۈپ،جيايۈگۈەن بىلەن قۇمۇل ئارلىقىدىكى ھەربىي سېپىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. ئىمىن خوجىمۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، لۈكچۈندىكى ئۇيغۇرلاردىن 8103 كىشىنى ئەگەشتۈرۈپ گەنسۇغا كۆچۈپ بېرىپ، گۇاڭجۇغا ئورۇنلاشتى ۋە چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى تەركىبىدە ئۇيغۇر تەشكىللىدى. ئۇنىڭ بۇ قوشۇنى مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 1755- يىلى (چيەنلۇڭ 19- يىلى)دىكى جۇڭغار موڭغۇللىرىغا قارتاتقان جازا يۈرۈشىدە چوڭ خىزمەت كۆرسەتتى ۋە تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنى بويسۇندۇرۇپ ئىلىغا ئېلىپ باردى. 1756- يىلى (چيەنلۇڭ 20- يىلى)،گۇاڭجۇدا تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇرلارنى لۈكچۈنگە قايتۇرۇپ كەلدى. شۇ يىلى، مەنچىڭ ھۆكۈمىتى ئىمىن خوجا «جىڭگوگۇڭ» لۇق، ئىككى ئوغلى __ سۇلايمان بىلەن مۇساغا «مۇئاۋىن گۇڭ» لۇق ئوتىغات بەردى. بۇنىڭ بىلەن تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ بولدى.1755- يىلى، ئۈچتۇرپان ھاكىمبېگى (ئەزىز خوجىنىڭ ئوغلى) خوجەسى بەگ («تارىخىي ھەمىدى» دىن باشقا كىتابلاردا «خوجىس» ياكى «خوجاسى» جۇڭغار خانى دا با جىنى تىرىك تۇتۇپ بېرىش بىلەن بىرچاغدا، ئاقسۇ ھاكىمبېگى ئابدۇلۋاھاب بىلەن بىرلىكتە پادىشاھ چيەنلۇڭغا مەخپى خەت يېزىپ «ئىلىدا بارمتاي (گۆرۈ) بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئاكا- ئۇكا ئاق تۇغلۇق خوجىلار __ بۇرھانىددىن خوجا بىلەن خان خوجىنى قويۇۋېتىش ئارقىلىق، ئاقسۇدىن خوتەنگىچە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان قارا تۇغلۇق خوجىلارنى بوي سۇندۇرۇش» تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى. چيەنلۇڭ خان بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، چوڭ خوجا __ بۇرھانىددىننى تۆتيۈز كىشىلىك مانجۇ قوشۇن، مىڭ كىشىلىك موڭغۇل قوشۇن بىلەن تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغا ماڭدۇردى ۋە ئۇنىڭغا «مۇسۇلمان (ئۇيغۇر) لار تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئالۋاڭ- ياساقلارنى ئېنىقلاپ، يىغىپ تاپشۇرۇش» نى ئالدىنقى شەرت قىلىپ يۈكلىدى. كىچىك خوجا __ خان خوجىنى ئىلىدا تۇتۇپ قالدى. بۇھانىددىن خوجا ئۈچتۇرپانغا يېتىپ كېلىشىگە، ياركەنتنى «پايتەخت» قىلىپ ئاقسۇدىن خوتەنگىچە بولغان يۇرتلارنى سوراۋاتقان قارا تۇغلۇق خوجىلارنىڭ كاتتىبېشى، «ئەرشى» تەخەللۇسلۇق شائىر خوجا جاھان (خوجا ياقۇپ) ئۇنىڭغا قارشى لەشكەر تارتتى. بىراق، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ساتقىنلىق قىلىشى، بۇرھانىددىن خوجىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ كۆپىيىشى نەتىجىسىدە، خوجا جاھان ياركەنت دەرياسى بويىدا ئەسىرگە چۈشۈپ، بالا چاقىلىرى ۋە بىر قىسىم لەشكەر باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە كاللىسى ئېلىندى. ئىنىسى ئابدۇللا ئىككى ئوغلى بىلەن قېچىپ قۇتۇلدى. نەتىجىدە، بۇرھنىددىن «ئالتەشەھەرنىڭ خوجىسى» بولۇپ قالدى. 1757- يىلى (چيەنلۇڭ 21- يىلى)، ئەينى چاغدا مەنچىڭ ھۆكۈمىتىگە تايىنىپ جۇڭغار خانلىقىنى يوقىتىپ،موڭغۇللارغا «خان» بولغان ئامۇرسانا ئىسيان كۆتىرىپ، ناھايىتى تېزلا بەربات بولدى. بۇ ئىسياننى قوللىغان خان خوجا پۇرسەت تېپىپ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغا قاچتى- دە، «ئاناتۇپراق تورىلارغا قارشى تۇرۇش» شۇئارى ئاستىدا، ناھايىتى تېزلا ئاكىسىنىڭ ئورنىنى ئېگىلىدى ۋە ئۆزىنى «باھادىرخان (باتۇر خان» دەپ جاكارلاپ، ئافاق خوجا جەمەتىنىڭ خاندانلىقىنى قايتا تىكلىدى.شۇ يىلى ئاقسۇ، كۇچا ھاكىمبېگى مىرزا ھېدىي، باي ھاكىمبېگى گاداي مۇھەممەت، ئاقسۇ ھاكىمبېگە سېتىۋالدىلار بۇ خوجىلاردىن يۈز ئۆرۈپ، مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تىزگىنلىشىدىكى ئىلىغا بېرىۋالدى. ئاكا- ئۇكا خوجىلار مىرزا ھېدىينىڭ بالا- چاقىسىنى ئۆلتۈرۈپ ئۆچ ئالدى. پادىشاھ چيەنلۇڭ يەنىلا مەسىلىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش مەقسىتىدە، مىرزا ھېدىي بىلەن ئامېنداۋ ئىسىملىك لەشكەربېشىنى خوجىلارنىڭ ئالدىغا ئەلچىلىككە ئېۋەتتى. بىراق، ئەلچىلەر كۇچاغا يېتىپ كەلگەندە، خۇدىنى يوقاتقان خوجىلار ئامېنداۋ بىلەن ئۇنىڭ يۈزدىن ئارتۇق ھەمراھىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. مىرزا ھېدىي قېچىپ قۇتۇلۇپ ئىلىغا بېرىۋالدى. مانا مۇشۇنداق سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈش ۋە ئىچكى قىسىمدىكى بۆلۈنۈش ۋە مالىمانچىلىقنىڭ ئاقىبىتىنى توغرا مۆلچەرلىگەن چيەنلۇڭ 1758- يىلى (چيەنلۇڭ 22- يىلى) 3- ئايدا، يارخاشەننى «ئاسىيلارنى تىنجىتىش جياڭجۈنى» لىككە، ئىمىن خوجا بىلەن فانىئانى «مەسلىھەتچى ئامبان» لىققا، يۈسۈپ ۋاڭ بىلەن مىرزا ھېدىينى «يولباشلىغۇچى قوشۇننىڭ قوماندانى» لىققا تەيىنلەپ، ئونمىڭدىن ئارتۇق چېرىك بىلەن تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغا ئاتلاندۇردى. 6- ئايدا، بۇ قوشۇن كۇچادا خوجۆىلار بىلەن تۇتۇشتى. بىراق، يارخاشەن مىرزا ھېدىينىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سالماي، ئاكا- ئۇكا خوجىلارنى قاچۇرۇپ قويغىنى ئۈچۈن كاللىسى ئېلىندى. مۇئاۋىنلىرى شۈن دېنا بىلەن مادېشىڭلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈلدى ۋە جۇڭغارلارنى باستۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن جاۋخۇي يارخاشەننىڭ ئورنىنى بېسىپ «ئاسىيلارنى تىنجىتىش جياڭجۈنى» لىككە تەيىنلەندى. بۇ قوشۇن ئاقسۇغا يېتىپ كەلگەندە، ئۈچتۇرپان ھاكىمبېگى خوجەسى بەگ ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. بۇنىڭ بىلەن ئاكا- ئۇكا خوجىلار يېرىم زىمىنىدىن ئايرىلىپ قالدى. جاۋخي باش لاگىرنى ئاقسۇغا يۆكەپ، خوجەسى بەگنىڭ قوشۇنىنى تەرتىپكە سېلىش بىلەن بىر چاغدا، مىرزا ھېدىينى خوتەننى ئەل قىلىشقا ئېۋەتتى. خوتەن تېزلا ئەل بولدى. بۇ غەلىبىدىن ئېسەنگىرەپ كەتكەن جاۋخۇي خوجەسى بەگنىڭ ئەسكەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆتمىڭ كىشىلىك كوشۇننى باشلاپ 10- ئاينىڭ 6- كۈنى ياركەنتكە يېتىپ كەلدى- يۇ، ياركەنت شەھىرىنى ئىشغال قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، «قاراسۇ (كونا تارتار)» دېگەن جايدا ئۈچ ئايلاپ قۇرشاۋدا ياتتى. ئۇلارنى مۇھاسىرىدىن قۇتقۇزۇشقا كەلگەن نامجار جياڭجۈن بىلەن چېرىكچى ئامبان سانگې ئۆلۈپ، قوشۇنى تىرە- پىرەن بولدى. دەل مۇشۇ پەيتتە، خوجا جاھان (خوجا ياقۇپ)نىڭ جىيەنى (ئابدۇللانىڭ ئوغلى؟) تۇردى خوجا (قىرغىز) لار بىلەن بىرلىشىپ 11- ئاينىڭ 6- كۈنى كاشغەر شەھىرىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، بۇ يەرنى بېسىپ ياتقان بۇرھانىددىن خوجىنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى. 1759- يىلى 1- ئاينىڭ 18- كۈنى، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ياركەنتكە يېتىپ كەلگەن ئارگۇن- ئۇلننا قوشۇنى فۇدې قوشۇنى بىلەن ئۇچراشتى ۋە خان خوجا قوشۇنىغا قاتتىق ھۇجۇم قىلىپ، جاۋخۇي __ خوجەسى بەگ قوشۇنىنى مۇھاسىرىدىن قۇتقۇزۇپ چىقتى- دە، ئاقسغا چېكىنىپ، 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئوتتۇزمىڭ كىشىلىك قوشۇن توپلىدى. فۇدې ئونبەش مىڭ چېرىك بىلەن خوتەن ئارقىلىق يولغا چىقىپ، 8- ئاينىڭ 23- كۈنى ياركەنت شەھىرىنى ئىشغال قىلدى. جاۋخۇي ئونبەش مىڭ چېركنى باشلاپ ئۈچتۇرپان __ قاقشال يولى بىلەن مېڭىپ، 9- ئاينىڭ 20- كۈنى كاشغەرشەھىرىنى ئۇرۇشسىز ئىشغال قىلدى. مىرزا ھېدىي بىلەن خوجەسى بەگنىڭ ئالدىن يۈرەر قوشۇنى ئاكا- ئۇكا خوجىلارنى بەدەخشان چېگرىسىدىكى يېشىل كۆل بويىغىچە قوغلاپ بارغاندا، ئۇلارغا: «مۇسۇلمان تۇغىنى تىكلەپ، ئۇكا خوجىلارنى __ ئاپتور) تەسلىم بولۇشقا ئۈندەش» ھەققىدە بۇيرۇق چۈشتى، ئۇلارنىڭ تۇغلىرى تىكلىنىشى بىلەنلا، نەچچەمىڭ ئادەم بەس- بەستە ئەل بولدى. خان خوجا بىلەن بۇرھانىددىن خوجا بەدخشان تەۋەسىگە ئۆتۈۋالغان بولسىمۇ، مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا، بەدەخشان شاھى سۇلتان شاھ ئاكا- ئۇكا خوجىلارنى ئىلگىرى- كېيىن قولغا چۈشۈرۈپ، 10- ئايدا كاللىسىنى ئالدى. بىراق بۇرھانىددىن خوجىنىڭ كاللىسى كىملەر تەرىپىدىندۇ ئوغرىلاپ كېتىلگەچ، خان خوجىنىڭ كاللىسىنى مىرزا ھېدىي بىلەن خوجەسى بەگكە تاپشۇرۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن «خوجىلار ھكاىمىيىتى» تەلتۆكۈس گۇمران بولدى. ئاندىن ئۇنىڭ كاللىسى بېيجىڭگە ئاپىرىلىپ، چيەنلۇڭ خانغا تەقدىم قىلىندى. بىراق، بۇرھمىددىن خوجىنىڭ ئوغلى سامساق خوجىنى ئېنىگئانىسى قوقەنتكە ئېلىپ قاچتى.ئۇرۇشتا يېڭىش- يېڭىلىش نورمال ھادىسە. بىر قېتىملىق جەڭدە يېڭىپ چىققانلىق مەڭگۈلۈك غەلىبىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئاچقۇچ ئەشۇ غەلىبىنى قوداپ قېلىش- قالالماسلىقتا. چيەنلۇڭ خان تولىمۇ دەنا ۋە تەدبىرلىك ئادەم بولۇپ، ئالدى بىلەن بۇ زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان تۆت نەپەر ئۇيغۇر مۆتىبەر __ ئىمىن خوجا، يۈسۈپ ۋاڭ، مىرزا ھېدىي، خوجەسى بەگلەرنى بېيجىڭگە تەكلىپ قىلىپ، ناھايىتى يۇقىرى مەرتىبە __ ئوتىغاتلارنى بېرىش بىلەن بىر چاغدا، ئۇلارنىڭ سۈرىتىنى سىزدۇرۇپ زىگۇاڭگې سارىيى (بىنەپشە قەسىر) غا ئاستۇرۇپ، بۇ سۈرەتلەرگە ئۆز قەلىمى بىلەن بېغىشلىما يازدى ۋە ئۇلارغا تايىنىپ قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىنى يەنە شۇلارغا تايىنىپ مۇستەھكەملەش مەقسىتىدە، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى ئىنتايىن مۇھىم خىزمەتلەرگە قويسا، بەزىسىنى «ئۆستۈرۈش» باھانىسى بىلەن ئۆز يۇرتى، ئۆز قەۋم- قېرىنداشلىرىدىن چەتلەشتۈردى. خوجەسى بەگ بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر: خوجەسى بەگ سابىق تۇرپان ھاكىمبېگى ئەزىز خوجىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئىدى. ئەزىز خوجا 1720- يىلى مەنچىڭ ھۆكۈمىتىگە ئەل بولۇشنى رەت قىلىپ، بالا- چاقىلىرى بىلەن بىر تۈركۈم ئاھالىنى ئەگەشتۈرۈپ قاراشەھەرگەكېلىپ، جۇڭغار موڭغۇللىرى تەرىپىدىن پۈتۈن قەۋمى بىلەن قەدىمىي «ئۈچ» شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، شۇ يۇرتنىڭ ھاكىم بەگلىكىگە تەيىنلەنگەن. بارا- بارا، بۇ يۇرتنىڭ نامى «ئۈچتۇرپان» بولۇپ قالغان. ئەزىز خوجا ئۆلگەندىن كېيىن، خوجەسى بەگ ئۇنىڭ مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلغان. خوجەسى بەگ تولىمۇ ھېلىگەر، پۇرسەتپەرس ئادەم ئىدى. مەسىلەن: ئۇ دەسلەپ جۇڭغار موڭغۇللىرىغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن، ئافاق خوجا ئەۋلادىدىن يۈسۈپ خوجا يوشۇرۇنغان جاينى دا باچىغا ئاشكارىلاپ، ئۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغان ھەم دا باچىنىڭ كاشغەر، ياركەنتلەردىكى قارا تۇغلۇق خوجىلار ھكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش سۈيقەستىگە مەدەت بەرگەن بولسا، كېيىن، يەنى، 1755-يىلى، دا باچى مەنچىڭ __ ئامۇرسانا قوشۇنىدىن يېڭىلىپ، پاناھلىنىش ئۈچۈن ئۈچتۇرپانغا كەلگەندە، خوجەسى بەگ ئۇنى ئاكداپ تۇتقۇن قىلىپ مەنچىڭ ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ، «جۇڭغار خانلىقى» نىڭ گۇمران بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. 1758- يىلى7- ئايدا، خان خوجا بىلەن بۇرھانىددىن خوجا كۇچادىكى قەڭدە مەنچىڭ قوشۇنىدىن يېڭىلىپ چېكىنگەندە، خوجەسى بەگ شەھەر دەرۋازىسىنى تاقىۋېلىپ، ئۇلارنى كىرگۈزمىگەن. ئەكسىچە، يۈسۈپ ۋاڭ بىلەن مىرزا ھېدىي باشلاپ كەلگەن مەنچىڭ قوشۇنىنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە، تاكى ئاكا- ئۇكا خوجىلار تەلتۆكۈس تامار قىلىنغىچە باتۇرلۇق بىلەن قەڭ قىلغان. غەلىبىدىن كېيىن، چيەنلۇڭ ئۇنىڭغا ناھايىتى يۇقىرى مەرتىبە __ ئوتىغات بەردى ۋە ئۇنىڭ سۈرىتىگە مۇنداق بېغىشلىما يازدى.«دا باجىنى تۇتۇپ بېرىپ، بىجا قىلغانتى پەرماننى،تىڭىرقاپقېپ، كېيىن بىزنىڭ قوشۇننى قارشى ئالغانتى.قوشۇنىمىز بىلەن بىللە قاراسۇدا قامالغان ھەم، ئۇنىڭ ئابرويى بار يۈكسەك، بۇدەم پايتەختتە جاي ئالدى».ناھايىتى روشەن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى: چيەنلۇڭنىڭ ئۇنىغا يۇقىرى مەرتىبە بېرىشى، سۈرىتىنى سىزدۇرۇپ زىگۇاڭگې سارىيىغا ئاستۇرۇشى ۋە ئۆز قەلىمى بىلەن مەدھىيەنامە يېزىشى ئۇنىڭ يۇقىرىدىكى خىزمەتلىرىگە بېرىلگەن مۇكاپات بولسا، «پايتەختتە جاي ئالدۇرۇشى» بۇ ئىككى يۈزلىمىچى ئادەمنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىگىمۇ ئاسىيلىق قىلىشىدىن ئەنسرىگەنلىكىدىن ئىدى. خوجەسى بەگ 1787- يىلىبېيجىڭدە ئالەمدىن ئۆتتى.موللا مۇسا سايرامى «تارىخىي ھەمىدى» دە خوجەسى بەگ ئەۋلادلىرىنىڭ سەلتەنىتى ۋە كېيىنكى تەقدىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ: «خوجەسى بەگنىڭ ئوغلى قادىر بېگىم ۋاڭلىق مەنسىپىگەيەتتى. چىن خاقانى ئالدىدا جۇڭتاڭ ۋەزىرلىرى بارابىرىدە ئىززەت ۋە ھۆرمەت بىلەن ئۆمۈر ئۆتكۈزدى ۋە خاس ۋەزىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئاندىن كېيىن، ئوغلى ئابدۇلمۆمىن بەگ، يەنى مەشھۇر ئىسىملىرى كۈچى بەگ ۋاڭلىق مەنسىپىگە يەتتى. بۇ (ئۇ __ ئاپتور) خاننىڭ ئوغلى بىلەن ئەفيۈنگە مۇپتىلا بولۇپ نالايىق ئىشلارنى پەيدا قىلغالىقى ئۈچۈن، ئۇلۇغ خان خاپا بولۇپ ۋاڭلىقنى بىكار قىلىپ، ھەققىنى غەزىنىگە سالدى ... خوجەسى ۋاڭنىڭ ۋاڭلىقىنى تۆت ھەسسە قىلىپ، ئۈچ ھەسسە ۋاڭلىق ھەققىنىمۇ غەزىنىدە قويۇپ، بىر ھەسسىنى ئۆمەكزادىلىرى ئابدۇلرەھمان بېگىمگە يارلىق قىلغان ئىكەن. ئابدۇلرەھمان بېگىم ۋاڭلىق مەنسىپىگە ئۇلانغاندىن كېيىن ياركەنتنى سوراپ ئۆتۈپتۇ... ئابدۇلرەھمان ۋاڭ بېگىمدىن كېيىن مۇھەممەت ئەزىز بېگىم ۋاڭلىق مەنسىپىگە يېتىپ خوتەننى سوراپ ئۆتۈپتۇ... بۇ بېگىمدىن ئىككى ئوغۇل يادكار قالدى. بۇلار مۇھەممەت ئىمىن بېگىم ۋە ئابدۇلۋاھاپ بېگىملەر ئىدى. مۇھەممەت ئىمىن بېگىم ۋاڭلىق مەنسىپىدە ئۆتتى. (ئۇنىڭ __ ئاپتور) ئوغلى يوق بولغانلىقتىن، ئابدۇلقادىر بېگىمگە ۋاڭلىق مەنسىپى يەتتى. بۇنىڭ مەشھۇر ئىسىملىرى (ۋاڭ خوجام) دۇر...» يۇقىرىدىكى باياندىن ناھيىتى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپيىكى: چيەنلۇڭ خوجەسى بەگنى يېنىدا تۇتۇش بىلەن بىر چاغدا، ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىنى ئۆزىگە سادىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيىلەپ، ئۆز غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئۇلاردەن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.ئىمىن خوجا، يۈسۈپ ۋاڭ، مىرزا ھېدىيلارغا كەلسەك، پادىشاھ چيەنلۇڭ ئەينى چاغدا «مۇسۇلمان يۇرتلىرىنىڭ يۈرىكى» سانالغان كاشغەر، ياركەنتلەرنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىشلىرىنى سەرەمجانلاشتۇرۇشقا شۇلارنى بۇيرۇپ، ناھيىتى تېزلا كۆزلىگەن نىشانغا يەتتى. يەنى بۇ يۇرتلاردا ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق رايىنى ئۆزىگە مايىل قىلدى. بۇ مۆتىبەرلەرگە بېرىلگەن ئەمەل- مەرتىبىلەرنى نەسەبلىك قىلىپ بېكىتىپ، بۇ يۇرتلارنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد شۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق سورىدى. يەنى «يۇرتىدىن چەتلەشتۈرۈش (ئۇ يۇرتنىڭ ئادىمىنى بۇ يۇرتقا مەنسەپكە تەيىنلەش) سىياسىتى» نى يۈرگۈزۈشتە ئىزچىل چىڭ تۇردى. شۇڭا چىڭ سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغانغا قەدەر، كاشغەرگە يەرلىك مۆتىبەرلەردىن بىرمۇ كىشى باش ھاكىم بەگلىككە تەيىنلەنمىدى. تۆۋەندە بىز يۇقىرىدىكى ئۈچ مۆتىبەر ۋە ئۇلارنىڭ كاشغەردە ھوقۇق تۇتقان ئەۋلادلىرى، جۈملىدىن مانجۇ (خەنزۇ) ئامبان – دارىنلار بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقايلى:
داۋامى بار، داۋاملىق يوللاپ تۇرىمەن.