ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  ئەدەبىيات  »  ئىجادىي ئەسەرلەر

ئەرلەرنىڭ مۇھەببىتىنى ئىپادىلەشتىكى ئۇسۇلى

ۋاقتى : 2014-06-06  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراقكۆرۈلىشى : قېتىم

W020140527527369777217.jpg

ئەرلەر ئادەتتە سىزگە بولغان مۇھەببىتىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىزھار قىلىدۇ . سىز بۇنىڭغا دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ ؟

1.  ئائىلىڭىڭزدىكىلەر ۋە دوسىتلىرىڭىزغا سەمىمىي مۇئامىلىدە بولىدۇ .

ئەگەر سىزنى مەڭگۈلۈك ھەمراھ قىلىپ تاللاش خىيالى بولسا ، ئۇنداقتا سىزنىڭ يېقىن دوستىڭىزنى ھەرگىز ئىزدىمەيدۇ .ناۋادا سىز بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتماقچى بولسا ،ئالدى بىلەن تۇغقانلىرىڭىز ۋە دوسىتلىرىڭىزنىڭ نەزىرىدىن ئۆتۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىلىدۇ . دىققەت قىلىپ بېقىڭ ، ئۇ ئاپىڭىزنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشەمدۇ ؟ كەپسىز ئىنىڭىز بىلەن توپ ئويناشنى خالامدۇ ؟ بۇ «ئەرزىمەس ئىشلار» ئۇنىڭدا سىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش خىيالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ .

 2. ئۇ سىزنى دەپ ئۆزى ياخشى كۆرگەن توپ مۇسابىقىسىدىن ۋاز كىچەلەمدۇ ؟

ئەگەر ئۇ سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسە ، ئۆز قىزىقىشىدىن ۋاز كېچىپ ، سىزنىڭ قىزىقىشىڭىزغا يول قويىدۇ . سىزگە ھەمراھ بولۇپ «تىتانىك» ناملىق كىنونى بىللە كۆرىدۇكى ، ھەرگىزمۇ «كەلگۈسىدىكى ھۆكۈمران » دېگەن كىنونى كۆرۈشكە مەجبۇرلىمايدۇ . بۇ ئۇنىڭ سىزنىڭ تۇرمۇش ۋە قىزىقىشىڭىزغا  ھۆرمەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .ئۇنىڭ تاماكا چېكىدىغان ۋە رەتلىك كېيىنىپ يۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشىمۇ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .

3. ئىككىڭلار تەگىشىپ قالغاندا سىزگە يول قويىدۇ .

ئەرلەر ئەزەلدىن غەلىبە قىلىشنىلا خالاپ ، خاتالىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدۇ . ئەگەر ئىككىڭلارنىڭ پىكرى بىر يەردىن چىقماي قالغاندا ، ئۇنىڭ سىزگە يول قويۇشى مۇھەببەتنىڭ ئىپادىسىدۇر . ئەرلەرنىڭ تەبىئىيىتىنىمۇ بېسىپ چۈشەلىگەن كۈچ مۇھەببەت بولماي نىمە ؟

 4. ۋاقتى كەلگەندە سىزگە تاماق ئېتىپ بېرىشتىنمۇ يانمايدۇ .

  ئەرلەر مۇھەببەت كويىغا چۈشكەندە بەزىدە ئەرلەر قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشلارنىمۇ قىلىپ قويىدۇ . مەسىلەن : تاماق ئېتىش ، ئەگەر ئەنئەنىنى بۇزۇپ ، خىزمىتىڭىزنى ئۈستىگە ئالسا ناھايىتى ئېنىقكى ، ھېسسىياتىڭلار تەرەققىي قىلىپ ، ئەڭ يېقىن ۋە ئۆزئارا يار - يۆلەكتە بولىدىغان باسقۇچقا يەتكەن بولىدۇ .

 5. سىز ياقتۇرىدىغان سوۋغاتلارنى بېرىدۇ .

ئەتىر  ، شاكىلات قاتارلىقلار ئەرلەرنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللارغا بېرىدىغان سوۋغىلىرى ھېسابلىنىدۇ . بۇ خىل سوۋغاتلار ئۇچرىشىشنىڭ دەسلىپىدىلا بېرىشكە ماس كېلىدۇ .ئەگەر ئۇنىڭ ھېسسىياتىڭلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئويى بولسا ، سىزگە تېخىمۇ ئېسىل سوۋغاتلارنى بېرىپ ، پەقەت سىزنىلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ .

 6. سىزگە تېلىفۇن قىلىشتىكى مەقسىتى پەقەت سىزنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلگۈسى كەلگەنلىكىدىنلا بولىدۇ .

 ئۇنىڭ تېلىفۇن قىلىشى پەقەت ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش ، ئۆز ئەھۋالىدىن دوكلات قىلىش ئۈچۈنلا  بولسا بۇ مۇھەببەت ئەمەس . ئەگەر ئۇنىڭ تېلىفۇن قىلىشى پەقەت سىز بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈنلا بولۇپ ، باشقا ئالاھىدە ئىشى بولمىسا ، بۇ ئۇنىڭ سىزنى سېغىنغانلىقى بولىدۇ . ئەكسىچە باشقا ۋاقىتتا يوقاپ كېتىپ ، ھەپتىنىڭ تۆتىنچى كۈنى تېلىفۇن قىلسا ، بۇ ھەپتىنىڭ ئالتىنچى كۈنى سىز بىلەن ئۇچرىشىشى ئۈچۈندۇر .

7. سىزگە ھەقىقىي مۇھەببەت ئىزھار قىلدۇرۇشقا باشلايدۇ .

 جىنسىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ، ئەرلەرنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى سىز بىلەن بىللە بولۇش . بەزى ئۇششاق ئشلاردىنمۇ سىز ئۇنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى كۆرىۋالالايسىز . سۆيۈشۈشتەك يېقىملىق ھەرىكەتلەر ئۇنىڭ سىزگە بولغان ھەقىقىي قەلبىنى ۋە كۆيۈنىشىنى ئىپادىلەيدۇ .

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا