ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  ئەدەبىيات  »  ئىجادىي ئەسەرلەر

نىكاھ تۇرمۇشىدا ئاسانلا پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدىغان بەش خىل ئەر

ۋاقتى : 2014-06-16  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراقكۆرۈلىشى : قېتىم

W020140616362218507629.jpg

1. ئاياللارنى ئالىقىنىدىكى گۆھەر،دەپ ئويلايدىغان ئەرلەر. كۆپىنچە ئەرلەر خۇتۇنلىرىغا بەكلا كۆيۈنىدۇ، ئولتۇرسا -قوپسا خوتۇنىنىلا ئويلاپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسىگە شۇڭغۇپ ياشايدۇ. ئەرلەرنىڭ كۆپ ۋاقىتتا خوتۇنىدىن بىردەك رازى بولۇشى تولىمۇ خەتەرلىك. خوتۇنىنىڭ ھەممە ئىشىنى يۈگۈرۈپ يۈرۈپ قىلغان ئەرلەر خوتۇنلىرىنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ، شۇڭا بۇنداق ئەرلەر خوتۇنىنىڭ ئازابلىشىغا ئۇچرايدۇ. ئەرلەر چوقۇم سالماق بولۇشى، خوتۇنىنى ھەددىدىن زىيادە ئەتىۋارلاپ كەتمەسلىكى، خوتۇنى ئۈچۈن ئۆزىنى يوقىتىپ قويماسلىقى كېرەك.

2. كارخانىچى، پىروگراممىر، يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئەرلەر. بۇنداق ئەرلەرنىڭ زىياپەتلىرى بەك كۆپ، ھەر كۈنى نۇرغۇن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، ھېسىيات جەھەتتە خوتۇنىغا كۆڭۈل بۆلۈپ بولالمايدۇ. ئۇلار دائىم خېرىدارلىرى بىلەن رەڭلىك سورۇنلارغا بارىدۇ، ھېرىپ-چارچاپ ئۆيىگە كېلىپ، ياستۇققا بېشى تەگمەستىن ئۇخلاپ قالىدۇ، بۇنداق بولۇۋەرسە، خوتۇنىنىڭ ئاسانلا ئىچى سىقىلىپ، خۇشاللىقنى باشقا ئەرلەردىن ئىزدەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

3. كېلىشكەن ئەرلەر. كېلىشكەن ئەرلەر ئاياللارغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلمەيدۇ، كۆپلىگەن كېلىشكەن ئەر سىرتلاردا ئاشنىسى بولمىسىمۇ، لېكىن باشقىلار ھەمشە ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ.

4. خوتۇنى ئۆزىدىن كىچىك ئەرلەر. ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللارنىڭ يېتىلىشى تېز بولىدۇ، ھەر خىل فىزىيولوگىيەلىك تەلەپلىرىمۇ ئەرلەرگە قارىغاندا كۈچلۈك ھەم ئۇزاق بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارى ئاجىزلاشقا باشلايدۇ.

5.دائىم سىرتلاردا خىزمەت قىلىدىغان ئەرلەر. ئەر-خوتۇنلار ئۇزاق مەزگىل ئايرىلىپ تۇرسا، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ۋاقىتنىڭ قىيىن سىناقلىرىغا دۇچ كېلىدۇ. ۋاقىت ھەممىنى سۇسلاشتۇرالايدۇ، ھەممىگە ساتقىنلىق قىلالايدۇ، دۇنيادىكى ھەر قانداق شەيئى ۋاقىت بىلەن دۈشمەنلىشىشنى ئويلىماسلىقى كېرەك. مانا مۇشۇنداق ئېرى بىلەن دائىم ئايرىلىپ تۇرىدىغان كۆپىنچە ئايال مەۋھۇم دۇنيادىن تەسەللى ئىزدەيدۇ.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا