پىئانىنو پۈتۈن ئىنسانلار ئېتىراپ قىلىدىغان «مۇزىكا شاھى» بولۇپ، بۇنى پىئانىنونىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كۈچلۈك ئىپادىلەش ئىقتىدارى بەلگىلەنگەن. پىئانىنونىڭ گەۋدىسى ياغاچتىن ياسىلىپ ئىچىگە پولات ياختا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 200 نەچچە تال سىم تارتىلىدۇ. پىئانىنونىڭ تىلى بېسىلغاندا كىچىك بولقا (ئۈستى تىۋىت بىلەن ئورالغان) سىمغا تېگىپ ئاۋاز چىقىرىدۇ، ئاۋازنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى پىئانىنو تىلىنىڭ بېسىلىش دەرىجىسى ۋە ئاستىدىكى تەپكىسىنى تېپىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ.
پىئانىنو ئىجاد قىلىنىشتىن ئىلگىرى « خارفىسخورت» ناملىق بىر ساز ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، ئۇ پىئانىنونىڭ تەكتى ھېسابلىنىدۇ. 1709 - يىلى ئىتالىيىلىك خرىستوفرى تاشقى شەكلى «خارفىسخورت» قا ئوخشىشىپ كېتىدىغان، بىراق ئىچىدىكى ئاۋاز سىملىرى ئۇنىڭغا ئانچە ئوخشاشمايدىغان بىر خىل ساز ئىجاد قىلغان، مانا بۇ دۇنيا بويىچە تۇنجى پىئانىنو ھېسابلىنىدۇ.
«خارفىسخورت» تا پەي نەيچىلىرى ئارقىلىق سىم تارتىلىپ ئاۋاز چىقىرىلىدۇ، پىئانىنودا بولسا قاڭقىغان بولقا سىمغا تېگىپ ئاۋاز چىقىرىدۇ، بولقىنىڭ سىمغا تېگىش سالمىقىنى تىزگىنلىگىلى، ئاۋازنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ، شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا بۇ پىئانىنو «ئاۋازنى تەڭشىگىلى بولىدىغان خارفىسخوت» دەپ ئاتالغان. «ئاجىز» (piano) ۋە «كۈچلۈك» (forte) دىن ئىبارەت ئىككى ئىنگلىزچە تاق سۆزنى قوشقاندا «piano forte» بولىدۇ، كېيىچە بۇ سۆز ئاددىيلىشىپ «piano» (يەنى پىئانىنونىڭ ئىنگلىزچە نامى) بولۇپ قالغان. خرىستوفرى ئىجاد قىلغان پىئانىنودىن ئىككىسى ساقلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ بىرى 1720 - يىلى ياسالغان بولۇپ، ھازىر ساقلىنىۋاتقان ئەڭ بالدۇر ياسالغان پىئانىنو ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ياسالغىنىغا ھازىر 260 يىل بولدى. ھازىر بۇ پىئانىنو ئامېرىكا نيۇ يوركتىكى چوڭ شەھەر ساز مۇزېيىدا ساقلانماقتا. يەنە بىرى 1726 - يىلى ياسالغان بولۇپ، ئىلگىرى فلورېنستىكى كلاۋىس مۇزېيىدا ساقلانغان، ھازىر گېرمانىيىنىڭ كىيولىندىكى خەيئېر مۇزېيىدا ساقلانماقتا.