ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  كومپيۇتېر ۋە يانفۇن

ئالما يانفۇنىدىن يەنە ئۈمۈتسىزلىنەمسىز!

ۋاقتى : 2012-11-18  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

نەچچە كۈن ئىلگىرى يەنى 9- ئاينىڭ 13- كۈنى ئالما يانفۇنى داغدۇغۇلۇق ئېلان قىلىندى. ئەمما مەن تورلاردىكى ئىنكاسلارنى كۆرۇپ ئۆتسەم نۇرغۇنلىغان تورداشلار بۇ يېڭى يانفۇندىن زادىلا رازى بولمىغاندەك قىلىدۇ. تۆۋەندە مەن ئالما يانفۇنىنىڭ ھەقىقىي بىر ياخشى يانفۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى ئەمەس لىكىن ئالمىنىڭ دۇنيا ئالاقە ساھەسىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچى.
2007- يىلى تۈنجى ئالما يانفۇنى ئېلان قىلىندى.
ھەممىلا ئادەمنى ھەيران قالدۇردى ھەتتا مەنمۇ شۇنچە ئامراق ئىشلىتىۋاتقان نوكىيا يانفۇنىمۇنى تاشلاپ مۇشۇ تېلېفۇننى سېتىۋالدىم. بەلكىم سىزمۇ شۇنداق قىلدىڭىزغۇ دەيمەن، يەنە بەزەنلەر بۇ يانفۇننىڭ قىممەتلىكى ۋە باشقا باھانە سەۋەپلەر بىلەن ئالالمىدۇق.ئەمما شۇ ۋاقىتتا بۇ بىردىنبىر بىز ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقىنى بىۋاستە قوللايدىغان يانفۇن ئىدى.

كىيىن 3g يانفۇنى ئېلان قىلىندى. دەرۋەقە مەنمۇ ئانچە بەك خوش بولۇپ كەتىمىدىم. چۈنكى چوڭ پەرىق يوق ئىدى.

كىيىن 3gsئېلان قىلىندى. پەرق خىلى چوڭ ئىدى. يەنە يانفۇن ئالماشتۇردۇم. خىلى رازى بولدۇم بۇ تېلېفۇن ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى.
كىيىن 4 ئەۋلات يانفۇن ھەممەيلەننىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋەتتى.
ھەممەيلەن 4 ئەۋلات يانفۇن ۋە 4s نى ياقتۇرۇپ ئىشلەتتۇق. ئەمدى 5 ئەۋلات يانفۇن ئېلان قىلىنىۋىدى. ھەممىنىڭ ئىغىزى بىسىقماي ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ ئولتۇرۇپتىمىز.
مەن بەزىدە شۇنداق ئويلاپ قالىمەن. ئەگەر جوبىس 2007- يىلى ئالما تېلېفۇننى ئىلان قىلمىغان بولسا بىز يەنە شۇ نوكىيا، سەنشىڭلار ياساپ بەرگەن يانفۇنلارنى ھازىرغىچە ئىشلەتكەن بولاتتۇق دىسەم ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. يىڭى ياسالغان ئاندىروئىد، ۋىندوۋس 8 يانفۇنلىرى پۈتۈنلەي ئالما تېلېفۇننىڭ تۈرتكىسىدە بارلىققا كەلگەن دىيىشكە مىنىڭ 100% ئىشەنچىم كامىل بۇنداق دىگەنلىكىم ھەرگىزمۇ باشقا تلېفۇنلار ناچار دىگەنلىكىم ئەمەس. لىكىن ئالما باشقىلارغا يانفۇننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدى.

ئالما يانفۇن ياسىماسنىڭ ئالدىدا شۇ سىمبىيان، ئاندىروئىد، ۋىندوس دىگەندەك تېلېفۇنلار بار ئىدى. ھەم شۇ ۋاقىتتا قانداق ئىدى دىگەننى ئويلايدىغان چاغمۇ بولۇپ قالدى. ئالما تېلېفۇن ياساشنىڭ ئالدىدا باشقا نۇرغۇن تېلېفۇنلار بار ئىدى. ئۇلار نىمىشقا شۇنداق ياسىمايدۇ. ئاساسلىق گەپ ئۈرۈك - ئۈرۈكنى كۆرسە ئالا بولىدۇ دىگەن گەپ بار دوسلار. باشقا شىركەتلەر ئادەمنىڭ يانچۇقىغا پاتمايدىغان، تام سۇۋايدىغان ئەندىۋىدەك يانفۇنلارنى ئىجاد قىلسا بولىدىكەنۇ، ئالما ئىكرانى سوزۇنچاقراق يانفۇن ئىشلىسە نىمە بوپتۇ. باشقا شىركەتلەر يىلدا يانفۇندىن 5 ھەتتە 6 تىنى ئېلان قىلىدۇ. سەۋەللىكلەر چىقىپ قالسىمۇ كارى يوق. (ئاددىسى نوكىيانىڭ n9 ۋە  lumia 800دىگەندەك يانفۇنلىرى) باشقا شىركەتلەرنىڭ يانفۇنلىرىنىڭ سەپلىمسى ئالامەت يۇقىرى دەيسىزيۇ نىمىشقا ئۇ تېلېفۇنلاردا ئالما تېلېفۇندا قىلغان ئىشلارنى قىلغىلى بولمايدۇ دىمەيسىز. مەن بۇيەردە ئالما تېلېفۇننىڭ پەقەت ياخشى تېلېفۇنلا بولۇپ قالماستىن بەلكى يانفۇنلارنىڭ سەركىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى. مەن ئىشلىتىپ كۆردۈم باشقا تېلېفۇنلارمۇ شۇنداق ياخشىكەن. ئەمما ھۆججەت باشقۇرۇش، مۇكەممەللىك، كۆرۈنمە يۈزى، يۇمشاق دىتالنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش دىگەندەكلەردە ھەرگىزمۇ ئالمىغا يىتەلمەيدۇ. باتارىيە جەھەتتىمۇ ھەم شۇنداق.

بەلكىم دوسلار پالانى تېلېفۇن يىڭى چىقىپتۇ. بىر تەرەپ قىلغۇچى ئانداق ياخشىكەن، مانداق ياخشىكەن دەپ ئويلايدىغاندۇ. لىكىن بىر ئالما تېلېفۇندىن باشقا تېلېفۇنلارنىڭ مۇكەممەل سىستىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئادرېسى ياكى بېكىتى يوق. بولسىمۇ مۇكەممەل ئەمەسكەن.
ئاددىسى بىر ئاندىروئىد تېلېفۇنغا سستىما يېزىش ۋە يۇقۇرلىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت كىتىدىكەن.( مەن بۇرۇن ئاندىروئىد تېلېفۇن ئىشلەتكەن ۋاقىتلىرىمدا مۇشۇنداق ئىشلارغا تولا ئۇچرايتىم. شۇڭا بەكلا بىزارلىق ھىس قىلىمەن. )

شۇڭا دوسلار ھەممىمىز ئۆزىمىز ياقتۇرغاننى ئىشلىتەيلى بەزى كۇلۇبلاردىكىدەك ئۇرۇش جىدەل، يامان سۆزلەردىن يىراق تۇرايلى.

(كۆپ سۆزلەپ دوسلارنى خاپا قىلىپ قويغان بولسام كەچۈرۈڭلار)
مەن ئالمىنىڭ يىڭى چىققان يانفۇنىنى ياقتۇردۇم. ھەم سېتىۋىلىپ ئىشلىتىشنى خالايمەن. ئالما ياشىسۇن!!!!! ئالمىنىڭ تېخنىكىسى ھەر قانداق يانفۇندا قارىغاندا 10 يىل ئالدىدا مىڭىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ھەم تاشقى لاھىيىسىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلىمەن. چۈنكى ئالما 4 ئەڭ مۇكەممەل تېلېفۇندە!!!

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا